ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىش-ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ھەققىدە ئويلىنىش

ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىش-ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ھەققىدە ئويلىنىش

ۋاقتى: 2016-11-08 ئاۋاتلىقى: 3169 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

بۈگۈن سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ھەر كۈنلۈك ئادىتىم بويىچە بۈگۈنكى باش خەۋەر تورىدىن كۈندىلىك خەۋەرلەرگە كۆز يۈگۈرتۈۋېتىپ، تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىنىڭ باشلامچىسى، سەركىسى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈشىنىڭ باش خوجايىنى ۋاڭ ۋېينىڭ «ئەگەر كەچۈرۈم سوراش مەسىلىنى ھەل قىلالىسا، ئۇنداقتا قانۇن نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن سۆزى تېما قىلىنغان خەۋەرگە كۆزۈم چۈشتى. ھەممىمىز بىلىمىز ۋاڭ ۋېي ئەڭ سىرلىق، ئەڭ تەمكىن، ئەڭ داۋراڭسىز، ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلارنىڭ بىرى، ھەتتا تورلاردىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ۋاڭ ۋېي ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن قايىل بولىدىغان كارخانىچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا ئادەتتە ۋاڭ ۋېي ھەققىدە تورلاردا ئانچە كۆپ ئۇچۇر تاپقىلى بولمايدۇ. ۋاڭ ۋېينىڭ داۋراڭسىز ئىش قىلىش، ئىجتىھات بىلەن ئۆز كەسپىگە بېرىلىپ ئىشلەش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ. ۋاڭ ۋېي ئادەتتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى ناھايىتى ئاز قوبۇل قىلىدۇ ياكى ئاساسەن قوبۇل قىلمايدۇ دېيەرلىك. يۇقىرىقىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى بولغاچقىلا، مېنىڭ ۋاڭ ۋېينىڭ «ئەگەر كەچۈرۈم سوراش مەسىلىنى ھەل قىلالىسا، ئۇنداقتا قانۇن نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن بۇ يازمىسى ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. ۋاڭ ۋېينىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان زادى نېمە ۋەقەدۇر دەپ خەۋەر مەزمۇنىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىمكى، ئەسلىدە 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 50 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشى 20 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈشىنىڭ مال يەتكۈزگۈچى خادىمىنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتى ئېھتىياتسىزلىقتىن ماشىنىغا يېنىك دەرىجىدە سۈرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن، تېز يەتكۈزۈش خادىمىنى بىر نەچچە شاپىلاق ئۇرغانلىقى ھەققىدىكى سىن ھۆججىتى ئىنتېرنېتتا تارقاپ، جەمئىيەتتە قىزىق نۇقتا بولغان ئىكەن. مەن شۇ سىن ھۆججەتنىمۇ تېپىپ كۆرۈپ چىقتىم، ھېلىقى تېز يەتكۈزۈش خادىمى قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورىغان، قىلچە قول ياندۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا ماشىنا ئىگىسى ئۇنى ماشىنامغا توكسىكىلىتىڭنى سوقۇۋەتتىڭ دەپ قايتا-قايتا شاپىلاقلاپ ئۇرغان. سىن ھۆججىتىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئاۋۇ ئاتا سۈپەت ئادەمگە نەپرىتى تېشىپ، ئاۋۇ ياۋاشلىق بىلەن باش ئىگىپ كەچۈرۈم سوراپ تۇرغان تېز يەتكۈزۈش خادىمىغا ھېسداشلىق قىلماي تۇرالمايدۇ. ئەگەر بۇ ھەقتىكى ئەسلى خەۋەر مەنبەسىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ كۆرۈڭ:


بۇ قېتىملىق تېز يەتكۈزۈش خادىمىنى ئۇرۇش ۋەقەسىگە قارىتا، ۋاڭ ۋېي ئۆزىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئېنىق قىلىپ: «ئەگەر بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسام، مەن شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈشنىڭ باش خوجايىنى بولۇشقا ماس كەلمەيمەن!» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئۇنداقتا، ۋاڭ ۋېي نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشتا شۇنچە كەسكىنلىك بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، قارىشى تەرەپنىڭ مۇرەسسەچىلىكىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشلارنى ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، قانۇنىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنى مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىسا، ئۆزىنى شۈنفېڭنىڭ باش خوجايىن بولۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ؟ ۋاڭ ۋېي كىم؟ تۆۋەندە ۋاڭ ۋېينىڭ قىسقىچە ئارخىپى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
ۋاڭ ۋېينىڭ قىسقىچە ئارخىپى:
ۋاڭ ۋېي شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈشنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ يېتەكلەپ ماڭغان بۇ شىركەت ئوخشاشلا رىۋايەتسىمان تۈسكە ئىگە. 2011-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋاڭ ۋېي 18 يىلدىن بىرىن تۇنجى قېتىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ۋاڭ ۋېي جۇڭگو كارخانىچىلىرىدىن ما يۈن ئەڭ قايىل بولىدىغان ئادەم. ما يۈن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ قايىل بولىدىغان ئادىمىنىڭ 70 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇپ مېڭىۋاتقان شۈنفېڭنىڭ خوجايىنى ۋاڭ ۋېي ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تېز يەتكۈزۈش ھەرگىزمۇ مال سېلىش، مال يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. تېز يەتكۈزۈش ئۇچۇر تورىنىڭ قۇرغۇچىسى شۈ يوڭ مۇنداق دەيدۇ: «سىزگە ئۈچ يىل ۋاقىت، ئۈچ مىليارد يۈەن بېرىلسىمۇ سىز يەنە بىر شۈنفېڭنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمەيسىز.»
ۋاڭ ۋېي 1971-يىلى شاڭخەيدە تۇغۇلغان. دادىسى ھاۋا ئارمىيە رۇس تىلى تەرجىمانى بولۇپ، ئانىسى جياڭشىدا بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. 7 ياش ۋاقتىدا، ۋاڭ ۋېي ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەگىشىپ شياڭگاڭغا كۆچۈپ كەتكەن. كېيىن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇماستىن، 10 نەچچە ياش ۋاقتىدىن باشلاپ شياڭگاڭلىق تاغىلارنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن.
ئېرىشكەن شەرەپلىرى:
«بايلىق» 2012-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىرچانلىققا ئىگە 50 سودا سەركىسى تىزىملىكىدە 46-ئورۇندا تۇرغان.
2012-يىلى فوربىس جۇڭگو مىليادىرلار تىزىملىكىدە 80-ئورۇندا تۇرغان.
2012-يىلى «2012CCTV ئىقتىساد يىلى» يىللىق شەخس بولۇپ باھالانغان.
2013-يىلى فوربىس جۇڭگو مىليادىرلار تىزىملىكىدە 22-ئورۇندا تۇرۇپ، بايلىقى 23 مىليارد 790 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
ھازىر يازمىمىزنىڭ ھەجىمى سەۋەبلىك بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمايمىز. ۋاڭ ۋېينىڭ ئىگىلىك تىكلەش سەزگۈرۈشتىلىرى ھەققىدە كېيىنچە ئايرىم تەپسىلىي توختىلىمىز.
قىسقىچە ئارخىپتا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ۋاڭ ۋېي شۈنفېڭنى قۇرۇپ چىقىپ، ئودا 18 يىلغىچە ھېچقانداق ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىغان. ئادەتتە ئاساسەن ئۆزىنى ئاشكارىلىمايدىغان بۇ سىرلىق گىگانىتنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى ۋەقەنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردىن تەھلىل قىلىپ كۆردۈم.
بىرىنچىدىن، ۋاڭ ۋېي ئۆز شىركىتىنىڭ ئوبرازىغا، خىزمەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخس. ۋاڭ ۋېي ئەڭ ئاساسىي قاتلام ھېسابلانغان مال يەتكۈزگۈچى خادىمدىن باشلاپ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى تېز يەتكۈزۈش گىگانىتى ھېسابلانغان شۈنفېڭنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ۋاڭ ۋېي ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى ئاشۇ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى چۈشىنىدۇ. ئۆزىمۇ شۇ يەتكۈزۈش خىزمىتىدىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەن بولغاچقا، ئۇ خىزمەتچىلىرىنىڭ قاراپ تۇرۇپ باشقىلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا شاپىلاقلاپ ئۇرۇشلىرىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىغان. ۋاڭ ۋېيلا ئەمەس، سىز كۆرسىڭىزمۇ چىداپ تۇرالمايسىز. ئەمما بۇ ئىشقا ئەسلىدە شۈنفېڭنىڭ باش خوجايىنى بولغان ۋاڭ ۋېي ئىپادە بىلدۈرمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل باشقۇرغۇچىلىرى ئىپادە بىلدۈرسىمۇ بولاتتى. ئەمما ۋاڭ ۋېينىڭ مۇشۇ ئىشقا ئۆزى بىۋاسىتە ئىپادە بىلدۈرۈشى، ھەتتا سۆزلىرىنىڭ شۇنچە كەسكىن بولۇشى، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان، كىچىك پېئىل، خىزمەتچىلىرىنى ئۆزىنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىدەك كۆرىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ۋاڭ ۋېيدەك شۇنچە ئۇتۇق قازانغان، قول ئاستىدا نەچچە ئون مىڭلىغان خىزمەتچى ئىشلەيدىغان چوڭ كارخانىچى تۇرۇپ، بىر ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى تېز يەتكۈزۈش خادىمىنىڭ ئۇۋالچىلىقىغا شۇنچە كەسكىن قىلىپ «ئەگەر مەن بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسام، شۈنفېڭنىڭ باش خوجايىنى بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيمەن!» دېيىشى ھەر بىرىمىزنىڭ قەلب تارىنى تىترىتىدۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ بۇنچە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشىمۇ بىھاجەت ئىدى. بۇ ئىشلارنى قول ئاستىدىكى بىرەر يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىسىغا تاپشۇرسىلا ئىش پۈتتى، ئەمما ۋاڭ ۋېي ئۇنداق قىلمىدى. بۇ دەل بىزنىڭ ئۇنى شۇنچە ھۆرمەتلىشىمىزگە، ئۇنىڭغا قايىل بولۇشىمىزغا يېتىپ ئاشقۇدەك سەۋەب بولالايدۇ.
ئىككىنچىدىن، ۋاڭ ۋېي سىرلىق ھەم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتشۇناسلىققا ئىنتايىن ماھىر شەخس. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا توردا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئاشۇ سىن ھۆججىتى ئىككى كۈنگە قالمايلا جەمئىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ پۈتۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى مەركەزلەشكەن جەمئىيەت ھادىسىسىگە ئايلاندى. ۋاڭ ۋېينىڭ بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىپادە بىلدۈرۈشى ۋە شۇنچە كەسكىن پوزىتسىيەسى تېخىمۇ كۆپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بۇ ھادىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە ئېلىپ چىقىپ، ۋاڭ ۋېينىڭ بۇ قېتىمقى ئاددىي ئىككى ئېغىز سۆزى شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈشىگە نەچچە يۈز مىليون ھەتتا نەچچە مىليارد يۈەنلىك ئېلان-تەشۋىقات ئۈنۈمى يارىتىپ بەردى. ئادەتتە ۋاڭ ۋېينىڭ ناھايىتى داۋراڭسىز، جىمجىت يۈرۈشى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئەمما بۇ قېتىملىق ھادىسىدە بىر ۋاسىتە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، خىزمەتچىسى ئۈچۈن ئىپادە بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە ئاشۇ تاياق يېگەن خىزمەتچىمۇ بىر كېچىدىلا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارەت ئوبيېكتى بولۇپ قالدى.
ئۈچىنچىدىن، ۋاڭ ۋېي ناھايىتى كەسكىن ئەمما تولىمۇ تەمكىن ئادەم. بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن، ۋاڭ ۋېي قىلچە قىزىققانلىق قىلمىدى. ئۇ ھەممە ئىشنى قانۇنى يول بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋاڭ ۋېينىڭ بۇنچە تەمكىنلىكىنى خەلقىمىز كۆپرەك ئۆگەنسە بولىدۇ. خەلقىمىزدە قان قىزىقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى. مەلۇم بىر ئىشقا يولۇقسا، قاننى قىزىتىپ ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان، شۇنىڭ بىلەن ھەمىشە ئۆزىگە ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىكلەرنى تېپىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ. ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇققاندا ئىمكانبار سوغۇققان بولۇش، قېنى قىزىقلىق قىلماسلىق، ئىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەتلىنىش كېرەك.
ھازىر مەيلى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياكى دۆلەت زۇڭلىسى لى كېچىياڭ بولسۇن، قايتا-قايتا تەكىتلەپ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جەمئىيەتتە ئادىل قانۇن مۇھىتى يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت. بەلكىم بەزىلەر قىسمەنلىكنى ئومۇمىيلىققا دەسسىتىپ، قانۇننىڭ ئادىللىقىغا قايىل بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، دۆلىتىمىز نوپۇس جەھەتتە ھەقىقەتەن بەك زورايغان غايەت چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا ھەممىدىن قىيىن ئىش ئادەم باشقۇرۇش. ھەر بىر ئادەم بىر خىل پىسخىكىلىق خاراكتېرگە ئىگە. جاھاندا خاراكتېرى ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى ئادەمنى تېپىش مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. ھەتتا بىر قورساقتىن تەڭ چىققان قوشكېزەكلەردىمۇ خاراكتېر پەرقى بار. شۇنداق ئىكەن، ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىلغان قانۇن-تۈزۈممۇ ھەر ۋاقىت ھەممە ئادەمنى تولۇق رازى قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن، ئەمما كۆپ سانلىقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، بىز ئۇنى يەنىلا ئادىل قانۇن دېيىشكە ھەقلىقمىز. شۇڭا قىسمەن كىشىلەرنىڭ قانۇننىڭ ئادىللىقىدىن ئاغرىنىشى، رەنجىشى ئومۇمىي كىشىلەرنىڭ قانۇننىڭ ئادىللىقىدىن رازى بولۇشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
جەمئىيەت ئادەمدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئادەم جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرە بىرلىكى، دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلغان چەتئەل دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تەرەققىيات سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز بولۇۋاتقان دۆلەت. شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىستېمىسى ئىزچىل ھالدا ۋۇجۇدقا كېلىش، تولۇقلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىستېمىسى تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىدى. قانۇن سىستېمىسىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە مۇكەممەللىشىپ بولالماسلىقى سەۋەبلىك جەمئىيەتتە ھەر خىل ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرىگە يوچۇق بولۇۋاتىدۇ. ھەر بىر شەيئىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش، ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىش، ماسلىشىش، مۇكەممەللىشىش جەريانى بولىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭا، بەزى بىر قىسمەنلىكنى ئومۇمىيلىققا دەسسىتىپ تەپەككۇر قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ھەر ۋاقىت، مەسىلىنىڭ يامانغا تەرەققىي قىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىپ، ئۆز-ئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئىشلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلساق، جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ گۈزەل ۋە مېھىرلىك بولۇپ كېتىشى ئېنىق. ئەگەر سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىز، گەپ-سۆزىمىز بۇ قېتىمقى تېز يەتكۈزۈش خادىمى بىلەن ماشىنا ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئوخشاش كىچىك ئىشتىن تەرەققىي قىلىپ ئومۇمىي جەمئىيەت ھادىسىسىگە ئايلانسا، ئۇ ھالدا دەسلەپتىلا قانۇن بويىچە ئىش بېجىرمىگىنىڭىزدىن پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ ئاللىبۇرۇن تولىمۇ كېچىككەن بولىسىز. شۇڭا خەلقىمىز كىشىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار قاراپ، يولۇققان مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئەگەر كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا قانۇن يولى بىلەن ھەل قىلىشقا ئادەتلىنىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ قېتىمقى تېز يەتكۈزۈش خادىمى بىلەن ماشىنا ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن بىز نېمىلەرنى ھېس قىلىپ يېتىشىمىز كېرەك؟ ھەر بىرىمىز، ھەر بىر كارخانىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟
ھازىرقى دەۋر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، كۆچمە ئىنتېرنېت ۋە ئەقلىي يانفونلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر بىرىمىز ئۆتمۈشتە بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە نازارەت ئاستىغا چۈشۈپ قالدۇق. شۇڭا بۇ خىل ھەممە جاي ئۆتكۈر كۆز، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرالار بىلەن توشۇپ كەتكەن دەۋردە، بىزنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىمىز، ھەر بىر سۆزىمىزدە قىلدىن قېيىق كېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىش-ھەرىكەتتە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، قايسى بىر بۇلۇڭدا بىرى قولىدىكى ئەقلىي يانفون ئارقىلىق خۇددى ئاشۇ بىتەلەي ماشىنا ئىگىسىنىڭ تېز يەتكۈزۈش خادىمىنى شاپىلاقلاپ ئۇرغىنىنى سىنغا ئېلىۋالغاندەك سىزنىڭمۇ ئىش-ھەرىكىتىڭىزنى سىنغا ئېلىۋېلىپ تورغا يوللىۋەتسە، ئۆزىڭىزگە نۇرغۇن باش ئاغرىقى تېپىپ، كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى ھامىلە قىلىپ قويۇشىڭىز كېرەك.
ئەگەر سىز ئاممىۋىي سورۇنلاردا، ئادەم كۆپ جايلاردا قىلغان گەپ-سۆزىڭىزگە دىققەت قىلمىسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتىمۇ باشقىلار يوشۇرۇنچە ئاۋازغا ئېلىۋېلىپ تورغا يوللىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
بىرىنچى، ھەر ۋاقىت ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشكە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئۆتمۈشتە ئىنتېرنېت بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، بەلكىم سىزنىڭ قىسمەن ساپاسىزلىقىڭىز جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بولۇشى، ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، راستلا شۇنداق ئەھۋال بولغان بولسا، سىزنى تەلەيلىك ھېسابلاپ تۇرايلى، ئەمما ھازىرقى دەۋر ئوخشىمايدۇ. ھەر ۋاقىت ناھايىتى ھوشيار تۇرۇپ، ساپايىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك جەمئىيەتنىڭ لەنىتىگە قالىدىغان ئىشلارغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۈگۈنكىدەك ئىنتېرنېت ۋە ئەقلىي يانفونلار تەرەققىي قىلمىغان بولسا، ئاشۇ بېيجىڭدا يۈز بەرگەن بىر ماشىنا ئىگىسىنىڭ تېز يەتكۈزۈش خادىمى بىلەن بولغان زىددىيىتى تەرەققىي قىلىپ ھازىرقىدەك ئومۇمىي خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئاۋامنىڭ ھەققانىيلىق نېرۋىلىرىنى چەكمىگەن بولاتتى. ئەمما دەل ئىنتېرنېت ۋە ئەقلىي يانفونلارنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ئاشۇ ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدىكى كىچىك ئىش ھېسابلانغان مەسىلىلەر ئومۇمىي خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتقان جەمئىيەت ھادىسىسىگە ئايلاندى. بۇ خىل ئەھۋال ھەر ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ھەر بىرىمىز ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ھەر قانداق گەپ-سۆزىمىز، ئىش-ھەرىكىتىمىزگە قاتتىق مەسئۇل بولۇپ، يەككىلىكنىڭ ئومۇمىيلىقنىڭ ئوبرازىغا، ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىسىگە يامان تەسىر ئېلىپ كېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچىدىن، كۆپرەك توغرا چۈشىنىش، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر ۋاقىت قارىشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش، باشقىلارنىڭ مەنپەئەت مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، بىر بىرىمىز بىلەن ئۆزئارا كۆپرەك كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولۇشىمىز، ئىشلارنى ئىمكانبار ياخشى تەرەپتىن چىقىش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىمىز، كىچىك ئىشلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ بىھۇدە ئاۋارىچىلىكلەرنى پەيدا قىلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك. پەقەت ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرسەكلا، بىز مۇرەككەپ ھېسابلىغان نۇرغۇن ئىشلار تەبىئىيلا ھەل بولۇپ كېتىشى، نۇرغۇن قورساق كۆپۈكى ۋە كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
كۆڭۈل تولىمۇ نازۇك نەرسە، ئۇنى ئۇتۇش ئۈچۈن ھېسابسىز بايلىق بىھاجەت، ئاددىي ئىش-ھەرىكەت بىلەنمۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىمىزگە مايىللاشتۇرالايمىز. مەسىلەن، ئاممىۋىي ئابتۇبۇسقا چىققاندا مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن، مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن، خۇددى ئۆزىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولۇپ، قېرى-ئاجىزلارنى، ئېغىر ئاياق ئاياللارنى، كىچىكلەرنى كۆرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا ئورۇن بوشىتىپ بەرسەك، شۇ ئادەمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش بىلەن بىرگە ئەتراپىمىزدا بىزگە تىكىلىپ تۇرغان ئاشۇ ئۆتكۈر كۆزلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ، ئۇلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرالايمىز. يەككىلىكنىڭ كىچىككىنە ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلىيالايمىز. بۇنداق مىساللار نۇرغۇن.
شۇڭا ھازىرقىدەك ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلغان، ئەقلىي يانفونلار ئومۇملاشقان جەمئىيەتتە ئۆتمۈشتىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز، گەپ-سۆزلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت تۈزىتىشىمىز، گەپ-سۆزىمىزدە ۋە ئىش-ھەرىكىتىمىزدە سىلىق-سىپايىلىكنى ئۆزىمىزگە مىزان قىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.
ئۈچىنچىدىن، باشقىلارنى، مەلۇم بىر ساھەنى كەمسىتىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. مەيلى سىزنىڭ قانچىلىك پۇلىڭىز بولسۇن، مەيلى سىز قانچىلىك ماددىي نامرات بولۇڭ، باشقىلارنى، جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر ساھە كىشىلىرىنى كەمسىتىشىڭىزگە، ئۇلارنى بوزەك قىلىشىڭىزغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا بىر قىسىم مۇلازىمەت ساھەسىدىكىلەرنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۇلارنى كەمسىتىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. مەسىلەن، بىر قىسىم كىشىلەر گۈزەللىك ئەلچىلىرى بولغان ئاشۇ تازىلىق ئىشچىلىرىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۇلارنى مازاق قىلىش، ئۇلار كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى بىلىپ-بىلمەي سادىر قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئاشۇ قار-يامغۇردا، بوران-چاپقۇندا، قەھرىتان سوغۇقلاردا، پىژغىرىم ئىسسىقلاردا ۋايسىماي، سىز ۋە ماڭا ئوخشاش كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنى تۆۋەن كۆرىدىغان، ئۇلارنى كەمسىتىدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىدۇ. مەزكۇر ماقالىمىزغا قەلەم تەۋرىتىشكە سەۋەبچى بولغان ماشىنا ئىگىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش خادىمى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتمۇ دەل بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەم ياكى جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر ساھەسىدىكىلەرنى تۆۋەن كۆرۈشى، كەمسىتىشى، بوزەك قىلىش قىلمىشىدىن تەرەققىي قىلغان.
تۆتىنچىدىن، ئىنتېرنېت يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئەقلىي يانفونلار كەڭ ئومۇملاشقان دەۋردە، كارخانىچىلار ھەر ۋاقىت شىركەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتشۇناسلىقىغا كۆپرەك زېھىن بېرىشى، ھەر ۋاقىت شىركىتىنىڭ ئوبرازىنى ساقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتشۇناسلىقى ۋە كارخانا ئوبرازى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۈنفېڭنىڭ باش خوجايىنى ۋاڭ ۋېينىڭ ئاشۇ كەسكىن بىر ئېغىز سۆزى شۈنفېڭ ئۈچۈن غايەت زور ئېلان-تەشۋىقات ئۈنۈمى ياراتتى. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە مەيلى قانداق بولمىسۇن، ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى شۈنفېڭ شىركىتى بولۇپ قالىدۇ. ئاشۇ تېز يەتكۈزۈش خادىمىنىڭ قويدەك ياۋاشلىق بىلەن تەكرار شاپىلاق يېگەن شارائىتتىمۇ قىلچە قول ياندۇرماسلىقى ۋە تەكرار كەچۈرۈم سورىشى، ئاخىرى شۈنفېڭنىڭ باش خوجايىنى ۋاڭ ۋېينىڭ كەسكىنلىك بىلەن مۇرەسسەچىلىكنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئۆزى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىپادە بىلدۈرۈشى، ئەسلىدىن ئۆز خىزمەتچىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتەك ئېسىل پەزىلىتى ئاخىرى يەنە بىر نۇقتىدىن ئىنتايىن ياخشى پىلانلانغان بىر قېتىملىق كارخانا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت پائالىيىتى بولۇپ قالدى. مەيلى ۋاڭ ۋېي ئالدىن پىلانلىغان بولسۇن ياكى ئالدىن پىلانلىمىغان پەقەت ئۆز خىزمەتچىسىنىڭ ئۇۋالچىلىقىغا قارىتا پىكىر بايان قىلغان بولسۇن، بۇ قېتىملىق ۋەقەدە شۈنفېڭ ئەڭ چوڭ نەپكە ئېرىشكىنى ئېنىق. شۇڭا، دىيارىمىزدىكى كارخانىچىلارمۇ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتشۇناسلىق جەھەتتە ئۆگىنىشكە، ئىنتېرنېتنىڭ كۈچىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، شىركىتىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتشۇناسلىقتىن ياخشى پايدىلىنىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.
دېمەك، بىز ھەر ۋاقىت مەسىلىنى يامان تەرەپتىن ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. ھەر بىر ئىشنىڭ بىر ھېكمىتى بار دېيىلگەندەك، قارىماققا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بىر ئىش يەنە بىر نۇقتىدىن بىزگە ئۆزىمىزمۇ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ خۇددى ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، بىر قېتىملىق جەمئىيەت ھادىسىسىگە ئايلانغان ماتاڭ ۋەقەسىگە ئوخشاشلا ئىش. شۇ قېتىملىق ماتاڭ ۋەقەسىدىن كېيىن ھېچ بولمىغاندا ئارىمىزدىن ماتاڭ شاھى ئادىلجاندەك ئوغلانلار مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە جەمئىيەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى، شۇنىڭدەك ئەسلىدىنلا تاۋارلاشمىغان، كوچا-بازارلاردا ھارۋىدا سېتىلىۋاتقان ماتاڭنىڭ بىر كېچىدىلا پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە تونۇلۇپ، ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋىي ھالەتتە سېتىلىشتىن رەسمىي تاۋارلىشىپ، ئۆلچەملىك ئوراپ قاچىلىنىپ تاللا بازارلىرىنىڭ مال جازىلىرىدىن ئورۇن ئېلىشى خەلقىمىزنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان ماتاڭنىڭ بازىرىنى راۋان قىلدى.
ئىنتېرنېتنىڭ كۈچىگە ۋە تەسىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەيلى ماتاڭ ۋەقەسى بولسۇن ياكى بۇ قېتىملىق شاپىلاقلاش ۋەقەسى بولسۇن، ھەممىسى ئىنتېرنېت كۈچى ۋە تەسىرىدىن جەمئىيەتتە ساقلانغان قىسمەن ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرىنى سۇ يۈزىگە لەيلىتىپ چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئويلىنىشىغا، تەپەككۇر قىلىشىغا، ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئەمدى دىققەت نۇقتىمىزنى ئەسلىدىكى ماشىنا ئىگىسىنىڭ تېز يەتكۈزۈش خادىمىنى بوزەك قىلىش ۋەقەسىگە قايتۇرۇپ كەلسەك، ئېنىقلا ماشىنا ئىگىسىنىڭ قىلمىشى ھەممىمىزنىڭ ھەققانىيلىق سەۋر-تاقىتىمىزنىڭ ئۇلىنى چېقىۋەتتى. ئاشۇ سىن ھۆججىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تېز يەتكۈزۈش خادىمى ئىزچىل ھالدا قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورىغان ھەم باشتىن-ئاخىرى قەتئىي قول ياندۇرمىغان، ھەتتا توردىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن كۆرە، ئۇ تېز يەتكۈزۈش خادىمى نەق مەيداندا 400 يۈەن جەرىمانە تۆلىگەن شارائىتتىمۇ، ماشىنا ئىگىسى چەكتىن ئاشۇرۇپ ئۇنى قايتا-قايتا شاپىلاقلاپ ئۇرغان.
ھەر قانداق بىر مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولىدۇ. يۇقىرىقى ۋەقەدە بەلكىم تېز يەتكۈزۈش خادىمىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ماشىنىغا سۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، ماشىنا ئىگىسىدىن قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورىغان، يەنە 400 يۈەن جەرىمانە تۆلىگەن. شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە ماشىنا ئىگىسىنىڭ تەكرار شاپىلاق ئۇرۇشىدىن قۇتۇلالمىغان. شۇڭا مەيلى قايسى نۇقتىدىن پىكىر قىلمايلى، ماشىنا ئىگىسىنىڭ قىلمىشى ئېغىر دەرىجىدە ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىسىگە ياتىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن ئادەم ئۇرۇش توغرا ئەمەس.
خەلق تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئېيتقاندا، ماشىنىغا سۈرۈلۈپ ماشىنىنى زىيانغا ئۇچراتسا، بۇنىڭدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. بۇنى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باھالاپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشى، ئەڭ ئاخىرىدا قانۇننىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك. كىمنىڭ باي بولۇشى، كىمنىڭ ھەيۋىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خالىغانچە ئادەم ئۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانچە سەۋەبى بولسىمۇ، قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىققا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، قوپال ۋاسىتە بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قوپاللىق بىلەن باشقىلارغا قول شىلتىپ، ئادەم ئۇرۇش تۈزۈمگە ھۆرمەت قىلماسلىق، قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇڭا، ھەر ۋاقىت قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىققا، قانۇن ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ھەر ۋاقىت ھەر قانداق ئىشنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەممىمىزگە پايدىلىق، شۇنىڭدەك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىمۇ بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى