ئاۋاتار ۋە ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى
-
ئاۋاتار ۋە ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى
ۋاقتى: 2016-09-16 ئاۋاتلىقى: 3416 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مېھرىبانگۈل ئابدۇراخمان
يېقىندا ئاۋاتار فىلىمىنىڭ داۋامى ئىشلىنىۋاتقانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، بىلىپ بىلمەي ئاۋاتار فىلىمىگە باشقىچە قىزىقىپ قالدىم. گەرچە بۇ فىلىمنى ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىم كۆرگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا راستىنى دېگەندە بۇ كىنو تازا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن ئىدىم. شۇڭا بۇ قېتىم پۇرسەت چىقىرىپ «ئاۋاتار 1»نى قايتا كۆرۈپ چىقتىم.
ئاۋاتار فىلىمى كىنوچىلىق ساھەسىنى ئىسلاھ قىلغان فىلىم ھېسابلىنىدۇ. سىفىرلىق كىنوچىلىق تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، مەزكۇر فىلىمگە ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېر ئالاھىدە گىرافىك ئۈنۈمى جەھەتتە مەزكۇر فىلىم پەن-تېخنىكىنىڭ، بولۇپمۇ سىفىرلىق كىنوچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان بولغاچقا، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى بارلىق كىنوخانىلارنىڭ قويۇش ئۈسكۈنلىرىنى يېڭىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
مەزكۇر فىلىم غايەت زور كومپۇۇتېردا ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىشلەنگەن كىنو بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەر چوقۇم ئىنتايىن يۇقىرى چەكتە ھەقىقىي تۇيغۇسى بېرىشى تەلەپ قىلىناتتى. فىلىم ئىشلىگۈچى كامېرون بۇ ھەقتە «ئاۋاتار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مۇرەككەپ بىر قېتىملىق كىنو ئىشلەش بولۇپ، ئىككى يېرىم سائەتلىك كىنو 1600 دىن ئارتۇق كۆرۈنۈش (كامېرا لىنتسى)دىن ھاسىللانغان، ئۇنىڭ ئىشلىنىشى بىر ئەمەس، بەلكى نەچچە يۈزلىگەن رەسىمسىمان ھەقىقىي تۇيغۇدىكى CG روللاردىن تەشكىل تاپقان.» دېگەن ئىدى.
ئاۋاتار فىلىمى ھەرىكەت تۇتۇش (يەنى رول تۇتۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېخنىكىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ يەردە ھەرىكەت تۇتۇش تېخنىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
ئاۋاتار فىلىمنىڭ %60 تىن كۆپ قىسمى ھەرىكەت تۇتۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق تاماملانغان. بىراق ھەرىكەت تۇتۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق پەقەت ئاساسىي ھەرىكەت ۋە تەخمىنىي چىراي ئىپادىسىنىلا تۇتالايدىغان بولۇپ، ئاكتىيورلارنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە بولغان چىراي ئىپادىلىرى ئاساسەن يوقاپ كېتىدۇ، شۇڭا كىنونى كومپيۇتېردا ئىشلەش جەريانىدا بۇ كەمچىلىكلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق تولۇقلىنىدىغان بولۇپ، كېيىنكى مۇنتاژلىق خىزمىتىدە ئاكتىيورلارنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە، ھەقىقىيلىققا ئەڭ يېقىنلاشقان چىراي ئىپادىلىرى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدە پۈتۈپ چىقىدۇ.
ئىنگلىزچە ئىسمى: Avatar
خەنزۇچە ئىسمى: 阿凡达
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2009-يىلى
ئىشلەشكە سەرپ قىلىنغان ۋاقىت: 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە
دۆلىتىمىزدە تۇنجى قويۇلغان ۋاقتى: 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
مەزكۇر فىلىمگە سېلىنغان مەبلەغ: 237 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
فىلىمدىن يارىتىلغان ئىقتىسادىي قىممەت: 2 مىليارد 787 مىليون 965 مىڭ 87 ئامېرىكا دوللىرى
كىنو ۋەقەلىكى 2154-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، ھېكايە يەر شارىدىن باشلانغان. فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى Jake Sully ئىككى پۇتى پالەچ بولۇپ قالغان سابىق دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇق جەڭ قىسمىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزىنىڭ كۈرەش قىلىشىغا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارايدىغان بولغاچقا، ئۇ ئاسمان جىسىملىرى كان قېزىش شىركىتىنىڭ پەندوراغا ئەۋەتىش خىزمىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. پەندورادا باشقا جايدىن تېپىلمايدىغان بىر خىل Unobtanium دەپ ئاتىلىدىغان كان ئېلېمېنتى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىنتايىن يىراقتىن بۇ يەرگە كېلىپ ئىنسانلارنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ. ئەمما، بايلىق مول بولغان پەندورا ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشىگە ماس كەلمەيدۇ، بۇ يەردىكى كىلىمات ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ كەلتۈرۈپ، ياشاش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. شۇ يەرلىك جانلىقلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى قەبىھ گۆشخور بولۇپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى.
بۇ يەرنىڭ مۇھىتى يەنە ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئىرقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ ئىرقنىڭ ئېگىزلىكى 10 ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 3 مېتىر) بولۇپ كۆك رەڭلىك ئادەمسىمان جانلىق بولۇپ ناۋى (Na`vi) قەبىلىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ناۋى قەبىلىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆز پىلانتىغا كېلىپ بايلىق قېزىشىغا نارازى بولىدۇ، ھەم ئىنسانلارنىڭ ماشىنىلىرىنىڭ بۇ تۇپراقتا قالايمىقان كان قېزىشىنى ياقتۇرمايدۇ.
گەرچە پەندورانىڭ مۇھىتى ئىنتايىن رەھىمسىز، مۇدھىش بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلار پەقەت ئالاھىدە ماسكا تاقىۋالسىلا ھاياتىغا زەخىم يەتمەيدۇ، ھەتتا كىيىمسىز ھالەتتە پەندورادا ئىش قىلسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئەمما ئىنسانلار گەرچە ناۋى تىلىنى ئۆگىنەلىسىمۇ، بىراق ناۋىلىقلار بىلەن بىۋاسىتە پىكىرلىشىشكە ئامالسىز قالىدۇ.
شۇڭا ئالىملار مەخسۇس كىلون تېخنىكىسىغا يۈرۈش قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ DNAسى بىلەن ناۋىلىقلارنىڭ DNA سىنى بىرىكتۈرۈپ، كىلون ناۋى ئادىمىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ كىلون ناۋى ئادىمىگە ئىنسانلارنىڭ تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ پەندورادىكى ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان جىسمىغا ئايلاندۇرىدۇ. بىراق، ھەرقانداق ئادەم بۇ كىلون ناۋى ئادىمىنى كونترول قىلالمايدۇ. پەقەت DNA سى شۇ كىلون ناۋى ئادىمىنىڭ DNAسىگە ماسلاشقاندىلا ئاندىن ئۇنى كونترول قىلالايدۇ. Jake Sully نىڭ قوشكېزەك ئاكىسى بۇ كىلون ناۋى ئادىمىگە DNA تەقدىم قىلغۇچى بولۇپ، ئۇ بۇ كىلون ناۋى ئادىمىنى كونترول قىلالايدۇ. ئەمما ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كان قېزىش شىركىتى سېلىنغان مەبلىغىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كېتىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن (چۈنكى كىلون ناۋى ئادىمىنى يېتىشتۈرۈش تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى)، چوقۇم Jake Sully نىڭ ئاكىسىنىڭ ئورنىدا كىلون ناۋى ئادىمىنى كونترول قىلىدىغان ئادەم ئىزدەيدۇ. يەنى بۇ ئادەمنىڭ DNA سى چوقۇم كىلون ناۋى ئادىمىنىڭ DNA سىگە ماس كېلىشى شەرت. شۇڭا ئۇلار تەبىئىيلا Jake Sully نى ئىزدەپ تاپىدۇ. Jake Sully بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولىدۇ، چۈنكى بۇ Jake Sully نىڭ قايتا مېڭىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىدىن دېرەك بېرەتتى.
بىر قانچە يىلدىن كېيىن،Jake Sully پەندورا پىلانتىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ پەندورانىڭ مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىدىن تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئېگىزلىكى 900 ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 274 مېتىر) كېلىدىغان غايەت زور دەرەخ، دوتېدلارنىڭ ھاۋادا توپلىشىپ لەيلەپ تۇرۇشى، ھەر خىل رەڭدار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ باراقسان ئۆسۈپ يېتىلىشى، كەچلىكى ھەر خىل جانلىقلارنىڭ نۇر چىقىرىشى قاتارلىقلار ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەمما ئۇ ناھايىتى تېزلا بۇ يەرنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. بىر غەلىتە مەخلۇق (پەندورادىكى بىر خىل يەرلىك ھايۋان) بىلەن تار يولدا دوقۇرۇشۇپ قېلىپ، قېچىش جەريانىدا Jake Sully سەپداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ھەم ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. كەچتە بىر توپ يەرلىك غەلىتە بۆرىلەر Jake Sully گە ھۇجۇم قىلىپ، Jake Sully ئۇلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. بۇ ئېلىشىش جەريانىدا Jake Sully سانى كۆپ بولغان بۇ يەرلىك بۆرىلەرگە قەتئىي تەڭ كېلەلمەيدۇ. ھاياتى خەۋپتە قالغان شۇ دەقىقىدە بىر ئوقيا زەھەرلىك بۆرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ-دە، Jake Sully ھايات قالىدۇ.
Jake Sully نى قۇتقۇزغىنى ناۋى قەبىلىسىنىڭ مەلىكىسى بولۇپ،Jake Sully مەلىكىنىڭ ئېغىزىدىن پەندوراغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشىدۇ. ناۋى قەبىلىسى ئىزچىل ھالدا پەندورادىكى باشقا جانلىقلار بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتۈپ، ئاددىي-ساددا تەبىئىي تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. Jake Sully بۇ ناۋى مەلىكىسى بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ئاستا-ئاستا ئىنسانلارنىڭ بۇ يەردە كان قېزىش قارىشىغا بولغان پوزىتسىيەسى ئۆزگىرىدۇ. Jake Sully شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كۈرەش قىلىشقا ئەرزىيدىغان نەرسىنى تاپقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.
بىراق Jake Sully ناۋى قەبىلىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ كان قېزىش تاجاۋۇزىغا قارىشى جەڭ سېپىگە قوشۇلماقچى بولسا، زور بەدەل تۆلىشى كېرەك. يەنى ئۇ داۋاملىق ئاشۇ ئاۋاتار جىسمىدا بولماسلىقى كېرەك. پەقەت كىلون ناۋى ئادىمى ئۇخلىغاندىلا ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ رېئاللىقىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. پەقەت ئالاھىدە مەخسۇس ئۇلاش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئاشۇ ئاۋاتار جىسمىغا كىرەلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى (ئىنسانلار) بىلەن قارشىلاشسىلا، ئۇ ئاشۇ ئاۋاتار جىسمى بىلەن بىرىكىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، پەقەت پالەچ بەدەن بىلەن قالىدۇ ھەمدە ئاشۇ ئۆزى بارغانچە ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقان ناۋى مەلىكىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئىنسانلار مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە، زور ئۇرۇش تانكىلىرىنى ئەۋەتىپ، ناۋى قەبىلىسىنىڭ ياشاش ماكانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولىدۇ. گەرچە Jake Sully قايتا-قايتا ئۇنداق قىلماسلىقنى ئۆتۈنسىمۇ، ئەمما كان قېزىش شىركىتى ئۆزىنىڭ پىكىرىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. ئاخىرى Jake Sully ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزى ناۋىلىقلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنى ئاشۇ غايەت چوڭ دەرەختىن ئايرىلىشقا قايىل قىلىشقا ئۇرۇنماقچى بولىدۇ. بىراق Jake Sully ناۋىلىقلارغا ھەممىنى ئېيتقاندا بولسا، ناۋىلىقلار ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ. بولۇپمۇ Jake Sully ياخشى كۆرگەن ناۋى مەلىكىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. شۇڭا ناۋىلىقلار Jake Sully بىلەن بىر ئايال پىروفېسسورنى دارغا باغلاپ قويىدۇ. كان قېزىش شىركىتى ئەۋەتكەن ئۇرۇش تانكىلىرى Jake Sully نىڭ ناۋىلىقلارنى قايىل قىلىشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ناۋىلىقلارغا ئوت ئېچىپ، ناۋىلىقلارنىڭ ئاشۇ غايەت زور دەرىخىنى ۋەيران قىلىدۇ، ناۋى قەبىلىسىنىڭ رەھبىرىمۇ ئوتتا ئۆلىدۇ.
ياشاش ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان ناۋى قەبىلىسى ئامالسىزلىقتىن ۋاقىتلىق ئىلاھ دەرىخىنىڭ ئاستىدا پاناھلىنىدۇ. Jake Sully لارنىڭ ھەققانىيەت ھەرىكىتى كان قېزىش شىركىتىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىت بولۇپ قالغاچقا، كان قېزىش شىركىتى تەرىپىدىن سولاپ قويۇلىدۇ. كېيىن ئۇلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ چىققاندىن كېيىن،Jake Sully ناۋىلىقلار Toruk Makto دەپ ئاتايدىغان ئىلاھىي قۇشقا مىنىپ، ناۋىلىقلار ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئىلاھ دەرىخىنىڭ ئاستىغا بارىدۇ-دە، ناۋىلىقلارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۈندەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىرى قايتا ناۋىلىقلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ چاقىرىقى ئاستىدا، ئۇلار پەندورادىكى باشقا ئىرقتىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، 1000 كىشىلىك قارشىلىق قوشۇن تەشكىللەپ، قورۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئىبارەت ئىككى مۇداپىئە سېپىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
كان قېزىش شىركىتىنىڭ ھەربىي قىسمىمۇ ناۋىلىقلارنىڭ قارشىلىق ئىنكاسىنى بايقاپ، تېزلىكتە زور مىقداردىكى كۈچلۈك پارتلاش كۈچىگە ئىگە ئوق-دورىلارنى قاچىلاپ، ناۋىلىقلارنى ئالدىن ئۇجۇقتۇرىۋېتىشكە ئاتلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ناۋىلىقلارنىڭ قارشىلىق بىرلەشمىسى بىلەن كان قېزىش شىركىتىنىڭ ھەربىي قوشۇنى قانلىق جەڭ قىلىدۇ. نەتىجىدە، ناۋىلىقلار قارشىلىق بىرلەشمىسى ئەڭ ئاخىرى ئىنسانلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئارمىيە قوماندانى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ناۋىلىقلار Jake Sully نىڭ ياردىمىدە، ناۋىلىقلار كان قېزىش شىركىتىنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى پەندورادىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.
ناۋىلىقلارنىڭ روھى رەھبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ناۋىلىقلار ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇچىسى (چېچى) بىلەن ئىلاھ دەرىخى بىلەن روھ تۇتاشتۇرۇپ، ئىلاھ دەرىخىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، Jake Sully نىڭ روھىنى ئۇنىڭ ئاۋاتار جىسمىغا يۆتكەپ، ئەڭ ئاخىرى Jake Sully بۇ ناۋىلىقلارنىڭ رەھبىرى بولىدۇ.
ۋەقەلىك مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
«قوشكېزەكلەر» ناملىق رومانىدىن تەسىرات ۋە ئۇنىڭد
2015-11-06 01:27:1111418لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ \"ئېنتېرنېت +\" ھەرىكەت پىلانى
2016-01-11 20:48:1411225سىزدە \"ھاۋالە ئىدىيەسى\" بارمۇ؟
2015-05-19 01:06:008358چوڭ مېڭىمىزنى قانداق چېنىقتۇرىمىز؟
2016-06-16 00:11:193060ئۇ ئامېرىكا مائارىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بىل گاي
2015-09-14 01:09:099195ھايات چاقچىقى(2)
2015-06-23 12:20:487994ئەخمەت ئېلى: ئەي ئاپا (بالىلىقىمنى ئەسلەپ)
2015-11-23 01:31:4512320ھايات چاقچىقى(3)
2015-06-23 12:29:437566
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-