ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قايتۇرۇلغان كۆڭۈل قەرزى (تەرجىمە ھېكايە)

قايتۇرۇلغان كۆڭۈل قەرزى (تەرجىمە ھېكايە)

ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 1363 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش



قايتۇرۇلغان كۆڭۈل قەرزى
(ھېكايە)
ئاپتورى: ستېفان زىۋىگ (ئاۋستىرىيە)
راخمان مامۇت تەرجىمىسى

سۆيۈملۈك ئاللان:
شۇنچە يىللاردىن كېيىن يازغان خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالىدىغىنىڭنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. ساڭا يازغان ئاخىرقى خېتىمگىمۇ بەش يىلدىن ئاشتى، ئالتە يىلمۇ بوپقالغاندۇ بەلكىم، ئۇ خەتنى مەن كەنجى قىزىڭنىڭ تويىنى تەبرىكلەپ يازغانىدىم. بۇ قېتىم قولۇمغا قەلەم ئېلىشىم ئۇنداق دەبدەبىلىك سەۋەبلەردىن ئەمەس، بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇزاق يىل كۆرمىگەن بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، شۇ ئىشنى سەن بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن، پەقەت سەنلا بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلەيسەن.
بۇ گەپنى يېزىۋېتىپ، ئىختىيارسىز كۈلكە قىستاپ يېزىشتىن توختاپ قالدىم. ئەينى يىللاردا ئىككىمىز 15- 16ياشلاردىكى مەسۈمە قىزلاردىن ئىدۇق. شۇ چاغلاردا سىنىپتا ئولتۇرۇپ ياكى مەكتەپتىن قايتىپ كېتىۋېتىپ، بالىلارچە مەخپىيەتلىكلىرىمىزنى بىر- بىرىمىزگە سۆزلەپ بەرگەندە: »پەقەت سەنلا بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلەيسەن« دېيىشىپ كېتەتتۇققۇ؟ ئاشۇ ياشلىق دەۋرىمىزدە، بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسەك، بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئېلىپ قالماي بىر- بىرىمىزگە دەيمىز، دەپ قەسەم بېرىشىپ كېتەتتۇققۇ؟ ھازىر ئۇ چارەك ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى، ئەمما شۇ چاغدا قىلىشقان قەسەملىرىمىز ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. شۇڭا كېچىكىپ خەۋەر قىلىۋاتقان بولساممۇ، ئاشۇ قەسەملىرىمىزگە سادىق بولۇشنى ئويلىدىم.
بۇ ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق: بۇ يىل مەن ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق بىر يىل بولدى. ئېرىم مەسئۇل دوختۇر ئىدى، ئۇنى R شەھىرىدىكى چوڭ بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېتىپ، ئۇ يەرگە كۆچۈپ بېرىشنىڭ ھەممە ئىشى ماڭا قالدى. شۇ كۈنلەردە كۈيۈئوغلۇم بىرازىلىيەگە خىزمەت بىلەن ئۈچ بالىسىنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ بارماقچى بولۇپ، قىزىمنى ئېلىپ كېتىپ قالغانىدى. ئۇلار كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي بالىلارغا كەينى - كەينىدىن قىزىل چىقىپ، ئۇلارغا قاراپتىمەن... بالىلار تېخى تولۇق ساقىيىپ بولمىغانىدى، قېيىنئانام ئۆلۈپ كېتىپ ئۇ ئىشلار بىلەن بوپتىمەن. شۇنچىلىك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ھەرقانچە ئېغىر ئىشلار بولسىمۇكۆتۈرۈپ كېتەلەيمەن دەپ ئويلايتتىم، لېكىن ئۇنداق بولمىدى، ئۇ ئىشلار تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ بەكرەك جىسمانىي قۇۋۋىتىمنى خورىتىۋەتتى. بىركۈنى ئېرىم ماڭا جىمجىت قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىپ بىر ھازادىن كېيىن:
- مارگارېت، ھېلىمۇ ياخشى بالىلار ساقىيىپ كەتتى. ئەمدى ئۆزۈڭگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگىن، چارچاپ ھالىڭدىن كېتەي دېدىڭ. يېزىدىكى بىرەر ساناتورىيەگە بېرىپ ئىككى - ئۈچ ھەپتە ئارام ئېلىپ كەلگىن، ئەسلىڭگە كېلىپ قالىسەن، −− دېدى.
ئېرىمنىڭ گېپى ئورۇنلۇق ئىدى، ئەينەن ئەھۋالىم ئۇ دېگەندىنمۇ بەتتەر بولۇپ، بىرەر مېھمان كېلىپ قالسا (ئېرىمنىڭ خىزمىتى بۇ يەرگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، بىزنىڭكىگە كېلىدىغان مېھمانلار كۆپىيىپ كەتكەنىدى)، مېھمان كەتكىچە قىلىشقان پاراڭلىرىنىڭ بىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. ئادەتتە ئۆيدە قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتىم، بۇنداق ئۇنتۇپ قېلىشلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن ناھايىتى تەستە تۇراتتىم. ئېرىم دوختۇرلارغا خاس ئىنچىكە ۋە كەسپىگە پىششىق نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ كېتىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكىمنى دېدى. مەندە كەم نەرسە يوق، كەم نەرسە پەقەت 10- 15كۈن جىمجىت يېتىپ ئارام ئېلىشلا ئىدى. ئىككى ھەپتىگىچە قازاننىڭ تۈۋىگە بارمىسام، كىرلىك، ئىچ كىيىم دېگەنلەرنى، ئۆينىڭ تۈگىمەس ئىشلىرىنى ئويلىمىسام، بىرلىرىنىڭكىگە مېھمانغا بارمىسام، ئۆزۈم يالغۇز تۇرسام، ئانىمۇ، مومىمۇ بولمىسام، مەسئۇل دوختۇرنىڭ خوتۇنىمۇ بولمىسام قانداق ياخشى ئىدى. ئېرى ئۆلۈپ تۈل قالغان ھەدەم بەزىدە بىزنىڭكىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەنمۇ كارىم بولمايتتى، كەلسە ئۇزىتىدىغان ئادەم بار ئىدى. شۇنىڭدا ھېچنېمىنى ئويلىماي، ئېرىمنىڭ دېگىنى بويىچە غەمسىز ياشاپ يۈرگەن بولاتتىم. بۇ 25يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزۈم يالغۇز ئۆيدىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشىم بولۇپ قالاتتى. بۇ قېتىمقى ئەركىن - ئازادە يۈرۈپ ئارام ئېلىشنىڭ ماڭا يېڭى بىر تۈگىمەس كۈچ ئېلىپ كېلىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم. ئېرىم مەلۇم بىر ساناتورىيەگە بېرىپ شۇ يەردە ئارام ئېلىشىمنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلدىم. نېمىشقا دېسەڭ، ئۇ ساناتورىيەنىڭ باشلىقى ئېرىمنىڭ ياش ۋاقتىدىكى دوستى ئىكەن، بۇ جەھەتتە ئېرىم خېلى ئەتراپلىق ئويلىغان. ئەمما ئۇ يەردە دەم ئالىدىغان ئادەملەر كۆپ ئىكەن، تونۇش - بىلىشلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئۇ يەردە تۇرسام يەنە ئۆيدىكىدەك ئولتۇرۇپ قوپۇشقا دىققەت قىلىدىغان، كىملەردىندۇر قورۇنۇپ ياشايدىغان ئىش ئىكەن. مېنىڭ ئارتۇق تەلىپىممۇ يوق، پەقەت ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم ياشىسام، ۋاقتىم ئۆزۈمدە بولسا، كىتاب ئوقۇغۇم كەلسە كىتاب ئوقۇسام، سەيلە قىلغۇم كەلسە سەيلە قىلسام، ئۇخلىغۇم كەلسە ھېچقانداق دەخلىگە ئۇچرىماي خاتىرجەم ئۇخلىسام، ئىككى ھەپتىگىچە تېلېفونمۇ ئالمىسام، تېلېفونمۇ بەرمىسەم، رادىيومۇ ئاڭلىمىسام، بىر كىملەر بىلەن پاراڭمۇ سېلىشمىسام، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم تىنچ، خاتىرجەم ( مۇشۇنداق ياشاش مۇمكىن بولسا) ياشىسام دەپ ئويلايتتىم. مەن مانا مۇشۇنداق ئۈزۈل - كېسىل ۋە تولۇق جىمجىتلىق ئىچىدە تۇرۇپ بىر مەزگىل ئارام ئېلىشنى ئۇزاقتىن بېرى ئاڭسىز ھالدا ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتاتتىم.
مۇشۇ ئىش بىلەن يېڭى توي قىلغان چاغلىرىمدا ئېرىم بىلەن بىر نەچچە يىل تۇرغان پولىندىكى ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ چاغدا ئېرىم ياردەمچى دوختۇر ئىدى. بىر قېتىم ئۆزۈم يالغۇز ئۈچ سائەت پىيادە سەيلە قىلىپ مېڭىپ تاغ ئۈستىدىكى خىلۋەت بىر كەنتكە بېرىپ قالدىم. بۇ تولىمۇ كىچىك بىر كەنت ئىدى. كەنت مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىدە چېركاۋ بىلەن بىر مېھمانخانا بار ئىكەن. بۇنداق مېھمانخانىلار دېلور تەۋەسىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايتتى، يوغان تۆت چاسا تاشلاردىن قوپۇرۇلغان ئۆيلىرى تولىمۇ ئازادە ئىدى. ئىككىنچى قەۋىتىدە ياغاچتىن ياسالغان تېخىمۇ كەڭرى ئۆيلەر بار ئىدى. بىر ئۆينىڭ بالكونى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ بولۇپ، ئۈزۈم تاللىرىغا تولۇق ئورىنىپ تۇراتتى. ئۇ كەچ كۈز مەزگىلى بولغاچقا، قۇياشنىڭ تەپتىدە قىزىرىپ كەتكەن ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى بىلەن بالكون گويا يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان بىر پارچە ئوتنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. مېھمانخانىنىڭ ئىككى تەرىپىگە پاكار ئۆيلەر ۋە ئاشلىق ئامبىرى جايلاشقان، ئۇ ئۆيلەر بەئەينى ئىگىسىگە سادىق ئىتلاردەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھمانخانا كۆكتە ئۈزۈپ يۈرگەن يۇمشاق، ئىللىق ئاق بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا گويا مەيدىسىنى كېرىپ تۇرغان پالۋاندەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، يىراقتىكى بىر- بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن تاغلار پۈتۈن كۆرۈنۈشى بىلەن شۇنچىلىك يارقىن كۆرۈنەتتى.
مەن شۇ چاغدا بۇ مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا خۇددى سېھىرلىنىپ قالغاندەك، بۇ چىرايلىق مەنزىرىلەردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ كەتتىم. سەنمۇ بىلىسەن، پويىزدا ياكى پىيادە كېتىۋاتقاندا چىرايلىق سېلىنغان بىرەر ئۆينى كۆرۈپ قالساق، بىردىنلا بىز نېمىشقا ئاشۇنداق ئۆيلەردە ياشىمايمىز؟ ئادەم ئاشۇنداق ئۆيلەردە ياشىسا بەختكە چۆممەي قالمايدۇ، دەپ ئويلاپ قالاتتۇق. ئىشىنىمەن، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كاللىسىدىن شۇنداق خىياللار كەچكەن. قانداقلا جايدا بولسۇن، چىرايلىق بىر ئۆيگە ئۇزاق ۋاقىت كۆزۈڭ چۈشۈپ يۈرگەن بولسا، ئىچىڭدە ئاشۇ يەردە تۇرغان بولسام ئاجايىپ كۆڭۈللۈك ياشىغان بولاتتىم، دەيدىغان بىر سىرلىق ئارزۇ تۇغۇلۇپ، شۇ ئارزۇدىن پەيدا بولغان تەسەۋۋۇرلىرىڭ ۋۇجۇدۇڭدىكى بارلىق نېرۋىلىرىڭدىن ئۆتۈپ خاتىرەڭگە مەھكەم ئورناپ كېتىدۇ. ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپمۇ ئۇ يەرنىڭ دېرىزىلىرىنىڭ تەكچىلىرىگە قويۇپ قويىدىغان قىزىل، سېرىق رەڭلىك گۈل تەشتەكلىرىنى، ئىككىنچى قەۋەتنىڭ تاختايلىق كارىدورىنى، كارىدورنىڭ بالكونىغا قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئېسىۋېتىلگەن، خۇددى رەڭلىك بايراققا ئوخشاش شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان تۈرلۈك رەڭلەردىكى كىرلىكلەرنى، ئىچ كىيىملەرنى ھازىرمۇ ئەسلىيەلەيمەن. مېھمانخانىنىڭ تورۇسىدىكى ئۇزۇنىسىغا سېلىنغان لىم ياغاچ ۋە ئۇنىڭدىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە، كەيپىم ياخشى بولمىغان بەزى كۈنلىرى بىردىنلا شۇ مېھمانخانىنى ئەسلەپ قالىمەن، شۇ يەرگە بېرىپ بىر كۈن قونۇپ كەلگۈم كېپكىتىدۇ. خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھەم ئوڭۇمدىكىدەك بىر خىل گۇڭگالىق ئىچىدە قىلغان بۇ خىياللىرىم بەزى ئادەملەرنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىياللارنى تولا قىلىدىغان ئادەتلىرىگە ئوخشاپ قالاتتى. بىردىنلا ھۇي، ھازىر دەل ئۇزاقتىن بېرى ئەمەلگە ئاشۇرالماي ئۇنتۇپ كېتەي دەپ قېلىۋاتقان ئاشۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئەمەسمۇ؟ تاغ ئۈستىدىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن، بۇ دۇنيادىكى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان تۈرلۈك يېڭىچە ئۈسكۈنىلەر، تېلېفونلار، سىمسىز رادىيولار، كېلىدىغان مېھمانلار، رەسىم - قائىدىلەر بولمىغان مۇشۇنداق جاي چارچىغان نېرۋىلارنى داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا ئەمەسمۇ؟ ئۇ مېھمانخانىنى خاتىرىلىرىم ئىچىدىن ئىزدەۋاتقىنىمدا ، ئۇ يەرنىڭ تاغ شامىلى ئۇچۇرۇپ كېلىدىغان خۇشبۇي پۇراقلارنى پۇراۋاتقاندەك، يېزىنىڭ يىراق بىر يەرلىرىدىن ئاڭلىنىۋاتقان كالىلارنىڭ بويۇنلىرىدىكى كولدۇرمىلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك بولدۇم، شۇ ئەسلىمىلىرىم تەسىرىدە تۇنجى قېتىم يېڭى بىر جاسارەت تاپقاندەك بولۇپ، بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتىم. بىردىنلا پەيدا بولغان بۇ خىيال ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مېڭەمدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق خىيال كاللامدا يوقمۇ ئەمەس، ئۇزاقتىن بېرى ساقلىنىپ كېلىۋاتاتتى، ئەمدىلىكتە يۈرىكىم ئىچىگە كىرىپ كېلىپ، بىردىنلا چاقناشقا باشلاۋاتاتتى. ئېرىم مېنىڭ بىرلا قېتىم كۆرگەن ئۇ ئۆيلەرنى نۇرغۇن قېتىم چۈشلىرىمدە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمنى بىلمەيتتى. مەن دېگەندىن كېيىن، كۈلۈپ كېتىپ بوش ئۆيلەر بارمۇ يوق، سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى. سۈرۈشتۈرسەم ئۈچ ئۆي بوش ئىكەن، خالىغىنىمدا تۇرسام بولغۇدەك. ئەجەبمۇ ئوبدان بولدى، قوشناممۇ، پاراڭلىشىدىغان ئادەملەرمۇ يوق، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
شۇنىڭ بىلەن كېچىلىك ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ يەرگە يېتىپ باردىم. يېتىپ بېرىپلا بىر ئات ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ، يۈك - تاقلىرىمنى ھارۋىغا بېسىپ، تاغ يولى بىلەن تاغ ئۈستىدىكى ئاشۇ كەنتكە قاراپ كەتتىم.
ئۇ يەرگە بېرىپ، ھەممە نەرسىنىڭ ئارزۇ قىلغىنىمدەك ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۆيدىكى ھەممە جاھازىلار ياغاچتىن ياسالغان، ئاددىي، پارقىراپ تۇراتتى. باشقا مېھمانلار يوق، بالكون ماڭا ئوڭچە قالغانىدى. بالكوندا تۇرۇپ چەكسىز كەتكەن قىر - دالىلارنى كۆرگىلى بولاتتى. سۈرتۈپ پارقىرىتىۋېتىلگەن، پۈتۈن سايمانلىرى يالتىراپ تۇرغان ئاشخانىغا كىرىپ كۆرۈپ، ئائىلە ئايالىلىق تەجرىبەم بويىچە بۇ يەردە ئەڭ ياخشى تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدىغانلىقىمنى پەرەز قىلدىم. مېھمانخانىنىڭ غوجايىنى ئورۇق، مۇئامىلىسى تولىمۇ ياخشى، چاچلىرى ئاق ئارىلىغان دېلورلىق بىر ئايال ئىكەن. ئۇ بۇ يەردە ماڭا كاشىلا قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى، مېھمانلارنىڭمۇ كەلمەيدىغانلىقىنى دەپ ئارقا - ئارقىدىن ۋەدىلەرنى بېرىپ كەتتى. ئەلۋەتتە، ھەر كۈنى كەچ سائەت يەتتىدىن كېيىن كەنت مەھكىمىسىنىڭ كاتىپى، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە باشقا بىر قانچە قوشنىلار بۇ يەرگە كېلىپ ھاراق ئىچىپ، قارتا ئويناپ، پاراڭ سېلىپ ئولتۇرۇشىدىكەن، ئاۋازلىرى بوش، شاۋقۇن - سۈرەنلىرى يوق، سائەت ئون بىردە قايتىپ كېتىشىدىكەن. يەكشەنبە كۈنى چېركاۋغا ئىبادەتكە كەلگەن ئەتراپتىكى دېھقانلار ئىبادەتلىرىنى قىلىشىپ بولۇپ، چۈشتىن كېيىنلەردە بۇ يەرگە كېلىپ ئويناپ كېتىشلىرى مۇمكىن، ئەمما مەن ياتىقىمدىن چىقمىساملا ئۇلارنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرىنى ئاڭلىمايدىكەنمەن.
بۈگۈن كۈندۈزى ھاۋا شۇنچىلىك ياخشى بولدى. مەن ئۆيدە سولىنىپ ئولتۇرۇشنى خالىماي، ئۇلارغا سەھرانىڭ ئوتتا قاقلاپ قىزارتىلغان بولكىسى بىلەن بىر نەچچە كېسىم سوغۇق گۆش ئەپكېرىپ بېرىشىنى بۇيرۇدۇم، ئاندىن چامادانىمدىن يېپىنچامنى ئېلىپ سىرتقا سەيلىگە ماڭدىم. ئوتلاقلاردىن ئۆتتۈم، تاغقا ياماشتىم. ياماشقانسېرى يۇقىرىغا ئۆرلەپ كېتىۋاتىمەن. تەبىئەتنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكلىرى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى. چوڭقۇر جىرادا يېنىك دولقۇنلىنىپ ئېقىۋاتقان دەريا كۈمۈش رەڭدە جۇلالىنىپ، باشلىرىغا ئاپپاق قاردىن گۈلچەمبىرەكلەر تاقاپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغ چوققىلىرى شۇنچىلىك بىمالال، ئەركىن تۇرۇپتۇ. قۇياش ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرىنى تومۇر - تومۇرلىرىمغا سىڭدۈرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك شۇنچىلىك راھەت ئىچىدە مېڭىۋاتىمەن، مېڭىۋاتىمەن، تىنماي مېڭىۋاتىمەن. بىر سائەت، ئىككى سائەت، ئۈچ سائەت بولدى. ئاخىر ئالىپ تاغلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە كېلىپ توختىدىم. يۇمران، يۇمشاق مۇخلارنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنى تاشلاپ، قوللىرىمنى كېرىپ يېتىپ كەتتىم. مېنى ئوراپ تۇرۇۋاتقىنى ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ غوڭۇلداشلىرى، تاغ شامىلىنىڭ رىتىملىق بوش ھۇشقىتىشلىرى ۋە غايەت جىمجىتلىق ئىدى. بۇ مەن ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان جىمجىتلىق ئىدى. كۆزلىرىمنىڭ ئىختىيارسىز يۇمۇلۇشى بىلەن خىيالىي بىر دۇنيانىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، قاچان، قانداق ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى سەزمەپتىمەن. ۋۇجۇدۇم سوغۇق ھاۋادىن جۇغۇلدىغان چاغدىلا كۆزۈمنى ئاچتىم. گۇگۇم ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ، ھېسابلاپ كۆرسەم، توپتوغرا بەش سائەت ئۇخلاپتىمەن. شۇندىلا قانچىلىك چارچاپ كەتكەنلىكىمنى بىلدىم، ئەمما نېرۋىلىرىم بىلەن تومۇرلىرىمدىكى قانلىرىم جۇشقۇن ئىدى، كۈچلۈك، تەمكىن ۋە يەڭگىل قەدەملىرىم بىلەن ئىككى سائەتچە مېڭىپ مېھمانخانىغا قايتىپ كەلدىم.
غوجايىن ئايال ئىشىك تۈۋىدە مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن، ئۇ مېنى يولدىن ئېزىپ قالدىمىكىن دەپ بەكمۇ ئەنسىرەپتۇ. قورسىقىم ئېچىپ يىقىلىپ قالايلا دېگەنىدىم، ئۇ دەررۇلا كەچلىك تاماقنى بۇيرۇۋەتتى. بىر قانچە يىل بولدى، قورسىقىمنىڭ قاچان مۇشۇنداق ئېچىپ باققانلىقىنى بىلمەيتتىم. تولىمۇ رازىمەنلىك بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. ئاشخانا پاكار، سەل قاراڭغۇراق بىر ئېغىز ئۆي ئىكەن، ئۆينىڭ تاملىرى ياغاچتىن قىلىنغان، ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىگە قىزىل، كۆك چاقماق رەخت سېلىنغان، تامغا بۇغىنىڭ مۈڭگۈزى بىلەن ئىككى مىلتىق ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، كىشىگە بىر خىل راھەت ۋە يېقىملىق تۇيغۇ بېرىپ تۇراتتى. كەچ كۈزنىڭ ئىللىق كۈنلىرى بولغاچقا، يوغان كۆك خىشلاردىن سېلىنغان تام مەشكە ئوت يېقىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆينىڭ ئەسلىدىكى ھاۋاسى كىشىگە بىر خىل ئىللىقلىق بېرىپ تۇراتتى. بۇ يەردە ئولتۇرغان مېھمانلارمۇ ئىسسىق چىراي، يېقىشلىق ئادەملەردەك قىلاتتى. ئاشخانىنىڭ ئىچىدە تۆتلا ئۈستەل تۇراتتى، كەنت مەھكىمىسىنىڭ كاتىپى بىلەن باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىر ئۈستەلدە قارتا ئويناپ ئولتۇرۇشاتتى، ھەممىسىنىڭ يېنىدا بىر ئىستاكاندىن پىۋا بار ئىدى. يەنە بىر ئۈستەلدە ئاپتاپتا يۈرۈپ قارىداپ كەتكەن بەقۇۋۋەت، كۆرۈنۈشىدىن قوپاللىقى چىقىپ تۇرغان بىر نەچچە دېھقان جەينەكلىرىنى ئۈستەلگە تىرەپ ئولتۇراتتى. بارلىق دېلورلۇقلارغا ئوخشاش ئۇلارمۇ كەم سۆز ئىدى، ئۆزلىرى ياسىۋالغان تاماكىلىرىنى چېكىشىپ ئولتۇراتتى، تۇرقىدىن بىر كۈن كەچكىچە ئېتىزدا ئىشلەپ چارچاپ كەتكەنلىكلىرى چىقىپ تۇراتتى. بەك چارچاپ كەتكەچكىمۇ، گەپمۇخۇشياقماي، خىيالمۇ سۈرمەي، جىمجىت دەم ئېلىپ ئولتۇرۇشاتتى. بۇ دېھقانلار شۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل، ئىتائەتمەن ئادەملەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ياغاچ ئويما ھەيكەلنىڭكىگە ئوخشايدىغان، چىڭڭىدە كەلگەن يۈزلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۆزىدە بىر خىل راھەت تۇيغۇ سېزەتتى. ئۈچىنچى ئۈستەلدە بىر نەچچە ھارۋىكەش كۈچلۈك بۇغداي ھارىقىدىن ئاز - ئازدىن ئوتلاپ قويۇپ ئولتۇرۇشاتتى، ئۇلارمۇ چارچاپ كەتكەچكە بىر - بىرىگە گەپ قىلىشمايتتى. تۆتىنچى ئۈستەل ماڭا راسلانغانىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي يوغان بىر تاۋاقتا كاۋاپ كەلتۈرۈلدى. ئەگەر سىرتتا ساپ ھاۋادا يۈرۈپ قورسىقىم ئۆلگۈدەك ئېچىپ كەتمىگەن بولسا، بۇ كاۋاپنىڭ يېرىمىنىمۇ يەپ بولالمىغان بولاتتىم.
مەن ياتىقىمدىن كىتاب ئېلىپ چىقىپ مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئوقۇماقچى بولدۇم، مۇشۇنداق يېقىملىق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇش تولىمۇ راھەت ئىش ئىدى، ساڭا ھېچقانداق دەخلىسى يوق ھەم ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلدۇرمايتتى. بىر چاغدا بىر بالا كىرىپ، دادىسىغا بىر بوتۇلكا ھاراق ئېلىپ چىقىپ كەتتى، بىر دېھقان كىرىپ، مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈپ پوكەيگە بېرىپ بىر رومكا ھاراق ئالدۇرۇپ ئىچتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن بىر ئايال كىرىپ غوجايىن ئايال بىلەن پەس ئاۋازدا بىر نېمىلەرنى دېيىشتى. غوجايىن ئايال پوكەينىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ بالىلىرىنىڭمۇ ياكى نەۋرىلىرىنىڭمىكىن، ئەيتاۋۇر بىر پايپاقنى ياماپ ئولتۇراتتى. ئادەملەر كىرىپ - چىقىپ تۇرۇۋاتسىمۇ، ھېچقانداق تىۋىش يوق، بىر خىل رىتىمغا ئىگە بۇ كۆرۈنۈش تولىمۇ يېقىملىق ئىدى، ئادەمگە شۇنچىلىك راھەت تۇيغۇ بېرەتتى، ئادەم ئۆزىدە قىلچە بىئاراملىق سەزمەيتتى. بۇ يېقىملىق كەيپىياتتىن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئازادە سېزىپ ئولتۇردۇم.
مەن ئەنە شۇنداق ئولتۇرىمەن، خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك كاللامدا ھېچقانداق خىيال يوق. سائەت 9 ئەتراپىدا دېھقانغا ئوخشىمايدىغان بىر ئادەم ئىشىكنى تۇيۇقسىز ئۇلۇغ ئېچىۋېتىپ، ئاستا ۋە خاتىرجەم مېڭىپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ئادەم ئىشىكنى دەررۇ ياپماي، خۇددى ئۆي ئىچىگە كىرىش - كىرمەسلىكنى تېخى قارار قىلمىغاندەك، بوسۇغىدا بىردەم قېتىپ تۇردى، ئاندىن ئىشىكنى باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە قاتتىق يېپىپ، ئۆي ئىچىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن: «تەڭرى ھەممىڭلارنى ئامان قىلسۇن، ئەپەندىلەر!» دەپ، ئولتۇرغانلاردىن ئەھۋال سوراپ قويدى. ئۇنىڭ ئاۋازى تەبىئىي ئەمەس، دېھقانلارنىڭ ئەھۋال سوراشلىرىغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. بۇ ئەھۋال شۇئان دىققىتىمنى تارتتى. دېلورنىڭ مېھمانخانىلىرىدا كىشىلەر ئەھۋال سوراشسا شەھەرلىكلەردەك بىر - بىرىنى «ئەپەندىلەر» دەپ ئاتىمايتتى، ئۇ ئادەمنىڭ بۇ چىرايلىق گېپىنىڭ ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ھاياجانغا سالالمىغانلىقىمۇ ئۇلارنىڭ بۇنداق ئاتاشقا كۆنمىگەنلىكىدىن ئىدى. ھېچكىم بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ قويمىدى، غوجايىن ئايالمۇ قولىدىكى پايپاقنى ياماپ ئولتۇرۇۋەردى، پەقەت ھارۋىكەشلەر ئولتۇرغان ئۈستەلدىكى بىر ئادەملا ئۇنىڭغا جاۋابەن قىزغىنمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس بىر ئاھاڭدا ئاڭلىنار - ئاڭلانماس قىلىپ: «تەڭرى سېنىمۇ ئامان قىلسۇن!» دەپ قويدى. بۇ گەپ دېلورلۇقلارنىڭ تىل ئادىتىدە «ئىشىڭنى قىل!» دېگەن گەپكىمۇ ماڭاتتى. بۇ ئادەمنىڭ غەلىتە قىلىقلىرىغا بىرمۇ ئادەم ھەيران قالماي ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئولتۇرۇشاتتى، لېكىن ئۇ ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بۇنداق سوغۇق قارشى ئالغىنىدىن قىلچە تەمتىرەپ قالماي، ھەيۋەتلىك مېڭىپ بېشىغا سەل چوڭ كېلىپ قالغان، دېھقانلارنىڭ مالىخىيىغا ئوخشىمايدىغان شىلەپىسىنى تامدىكى بۇغىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئالدىرىماي كېلىپ ئىلىپ قويدى. شىلەپىسىنىڭ ئالدى تەرىپى تولا ئېلىپ، تولا كىيگەچكىمۇ تىتىلىپ كەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قايسى ئۈستەلگە بېرىپ ئولتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي، ئۈستەللەرگە بىر - بىرلەپ قاراپ چىقتى. ئۇنى يانلىرىغا چاقىرىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى، قارتا ئويناۋاتقان ئۈچەيلەن قارتىغا بېرىلىپ كەتكەنىدى. يەنە بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان دېھقانلارمۇ ئۇنىڭغا ئورۇن بەرگۈسى يوقتەك قىمىرلاپمۇ قويمىدى. بۇ نامەلۇم ئادەمنىڭ غەلىتە ھەرىكەتلىرىدىن بىئارام بولۇپ ئولتۇرغان مەنمۇ يېنىمدا ئولتۇرسا توختىماي سۆزلەپ ئارامىمنى بۇزىدىغاندەك ئىتتىك كىتابقا قارىۋالدىم.
نامەلۇم ئادەم ئامالسىز، ئېغىر ۋە قولاشمايراق ماڭىدىغان پۇتلىرىنى يۆتكەپ پوكەينىڭ ئالدىغا باردى.
-ماڭا بىر ئىستاكان پىۋا بېرىڭ، چىرايلىق غوجايىن خانىم، كۆپۈكلىنىپ تۇرىدىغان ھەم ئىچىشلىكىدىن بولسۇن.
ئۇ بۇ گەپنى بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ دېدى. ئۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بۆلەكچە ئاۋازى بىلەن مېنىڭ دىققىتىمنى يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە تارتتى، دېلوردىكى بۇنداق سەھرا ئاشخانىلىرى تەكەللۇپ بىلەن گەپ قىلىدىغان جاي ئەمەس ئىدى، دېگەندەك نەۋرە كۆرگەن بۇ ياۋاش غوجايىن ئايالدا ئۇنىڭ ئۆزىگە بىلدۈرگەن ھۆرمەت ۋە تەكەللۇپىغا زورغا بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرۇش بولمىدى ھەم ئۇنىڭدا ئالاھىدە بىر تەسىرمۇ قوزغىمىدى، ئۇ جاۋابەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ قويماي بىر ئىستاكاننى ئېلىپ ئىچىنى يۇدى، ئاندىن بىر پارچە لاتا بىلەن سۈرتۈۋېتىپ پىۋا تۇڭىدىن پىۋا قۇيۇپ )ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ھۆرمەتسىزلىككە كىرمەيتتى، ئەمما پۈتۈنلەي ئىپادىسىز ئىدى( پوكەينىڭ ئۈستىگە قويۇپلا مېھماننىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى.
گاز لامپا پوكەينىڭ ئۈستىدە ئېسىلىپ تۇرغاچقا، يورۇقى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشۈپ تۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن ماڭا بۇ پەۋقۇلئاددە مېھماننىڭ چىرايىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا پۇرسەت چىقتى. ئۇ 65ياش ئەتراپىدىكى سېمىزرەك ئادەم ئىدى. ئۇ ئاشخانىغا كىرگەن چاغدىلا بىر پۇتىنى سۆرەپرەك ماڭىدىغانلىقىنى، قەدەم ئېلىشلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى سەزگەنىدىم. دوختۇرنىڭ خوتۇنى بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر بۇ جەھەتتە ئاز - تولا تەجرىبەم بار ئىدى. بۇ ھالىتىگە قاراپ شۇئانلا ئۇنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ يېرىم پارالىچ بولغان ئىكەندە، دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئاغزىمۇ ئازراق مايماق، سول قاپىقى خېلىلا ساڭگىلاپ قالغانىدى، بۇ ھالەتلەر ئۇنىڭ يۈزىنىڭ شەكلىنىمۇ ئۆزگەرتىپ، بىر خىل ئازابلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملىرى بۇ يەردىكىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. ئاستىغا كىيىۋالغىنى بۇ يەردىكى دېھقانلار كىيىدىغان تېرە ئىشتان ئەمەس، ئىلگىرى ئاق بولسا كېرەك، تولا كىيىپ سارغىيىپ كەتكەن كەڭ ئىشتان، ئۈستىدىكىسى بەدىنىگە كىچىك كېلىپ قالغان، جەينەكلىرى سۈزۈلۈپ يىرتىلىپ كېتەيلا دەپ تۇرغان كونا پەلتو ئىدى. بوينىدىكى گالىستۇكى خۇددى قاپقارا ئارغامچىدەك يوغىناپ كەتكەن بوينىدا قىڭغىر - مايماق ئېسىلىپ تۇراتتى. بۇ كىيىملىرى بىلەن ئۇ بەكمۇ ئەبگا كۆرۈنەتتى. بەلكىم ئۆز ۋاقتىدا ئۇ سۆلەتلىك ئادەملەردىن بولغيتتى، ئۇنىڭ بەدىنى تولۇق، گەۋدىسى تىك ئىدى، چۇۋۇلۇپ تۇرىدىغان ئاپپاق چاچلىرى بىلەن ئازراق بولسىمۇ يەنىلا سۆلەتلىك كۆرۈنەتتى. ئەمما قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى چىرايىدىن قېرىپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. قىزىرىپ تۇرغان قاپاقلىرى نۇرسىز كۆزلىرىنى يېپىۋالغان، يۈزىنىڭ تېرىسى بوشاپ قورۇلۇپ كەتكەن، بوينىنىڭ تېرىلىرىمۇ بوشاپ قات - قات بولۇپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ ئومۇمىي تۇرقى ماڭا ئىتالىيەدە كۆرگەن گۇمران بولغان رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھىنىڭ نىقابىنى ئەسلەتتى.
دەسلەپتە ئۇ ئادەمنىڭ نېمىسى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇنى بۇنچىلىك ئىنچىكە كۆزىتىپ كېتىۋاتقىنىمنى بىلمىدىم. كېيىن بىردىنلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق قاراۋېرىپ ئۆزىگە قىزىقىپ قالغانلىقىمنى بىلىندۈرۈپ قويماي، ئەمدى ئېھتىيات قىلمىسام بولمايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى ئۇ ھازىر بىرەر ئادەمنى تېپىپ پاراڭلىشىشقا شۇنچىلىك تەقەززا بولۇۋاتقاندەك، شۇنداق ئادەمنى تاپسىلا ئىچىدىكىنى تۆكۈپ تاشلايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىستاكاننى سەل - پەل تىترەپ تۇرغان قولىغا ئېلىپ پىۋىدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ، شۇئان يۇقىرى ئاۋازدا:
-ئاھ... ئاجايىپ ئىشلار، ئاجايىپ ئىشلار! دېدى، ئارقىدىنلا تۆت ئەتراپىغا قاراپ قويدى. ئۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلمىدى، قارتا ئويناۋاتقانلار قارتىسى بىلەن، پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلار پارىڭى بىلەن ئىدى. بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تونۇيتتى، لېكىن نېمىشقىدۇر مەن بىلمەيدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمىكىن، ئۇنىڭغا پەقەتلا رايى يوق ئىدى.
ئۇ ئاخىر چىداپ تۇرالماي، پىۋىسىنى ئېلىپ دېھقانلار ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ يېنىغا كەلدى - دە:
-ئەپەندىلەر، مەن قېرىغا ئولتۇرغۇدەك ئورۇن بەرگەن بولساڭلار، -دېدى.
دېھقانلار ئازراق قىستىلىشىپ ئولتۇرغىدەك ئورۇن چىقىرىپ بەردى، ئەمما ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويۇشمىدى. ئۇ ئادەم بىردەم گەپ قىلماي ئولتۇردى، پەقەت قولىدىكى يېرىم پىۋا بار ئىستاكاننى بىر ئوڭغا، بىر سولغا سۈرۈپ قوياتتى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىغا يەنە بىر قېتىم دىققەت قىلىپ قالدىم. ئۇ ئاخىر جىمجىت ئولتۇرۇشقا چىدىيالماي، كەينىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئاۋازى بەكمۇ قاتتىق ئىدى، كىمگە سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. يېنىدىكىلەرگە سۆزلەۋاتامدىكىن دېسە، ئۇلار ئۇنىڭدىن بىزار بولغاندەك ئۇنىڭغا قارىماي، سۆزلەشكۈسى يوقتەك ئولتۇرۇشاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاشخانىدا ئولتۇرغان ھەممە ئادەمگە گەپ قىلىۋاتقاندەك ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ گەپ قىلىش ئۈچۈن گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىردىنلا ھېس قىلىپ قالدىم.
−− بۈگۈن ئاجايىپ بىر ئىش بولدى، −− دېدى ئۇ، −− بۇمۇ گىراف ئەپەندىنىڭ ياخشى نىيىتى، ياخشى نىيىتى، شۇنداقلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. ئۇ ماشىنىدا كېتىۋاتقانىكەن، مېنى كۆرۈپلا ماشىنىسىنى توختاتتى. مېنى دەپ توختاتتى دەڭلار، ئۇ بالىلىرىنى كىنو كۆرسىتىپ كېلىش ئۈچۈن تاغدىن چۈشكەنلىكىنى دېدى، ئارقىدىن مەندىن ئۆزلىرى بىلەن بىللە كىنو كۆرۈپ كېلىشكە مەيلىمنىڭ بار - يوقلۇقىنى سورىدى. ئالامەت پەزىلەتلىك بەگ - دە، تەربىيە كۆرگەن، مەدەنىيەتلىك، بىر ئادەمنىڭ قازانغان نەتىجىسىنى قانداق ماختاشنى بىلىدۇ، بۇنداق ئادەمنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ - دە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ كىشىلەرگە قانداق ماسلىشىشنى بىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئارقا رەتتە، گىراف ئەپەندىنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، بۇنداق ئەپەندىلەر بىلەن بىر ماشىنىدا بىللە ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى شەرەپلىك ئىش - تە. مەن ئۇلارنى شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىسىغا جايلاشقان كىنوخانىغا باشلىدىم، تولىمۇ ھەشەمەتلىك، نۇرغۇن ئېلانلار چاپلىنىپ كەتكەن، چىراغلىرى كۆپ، دائىم يېڭى ئېچىلغان چېركاۋنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدەك قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تۇرىدىغان كىنوخانا ئىدى. مۇشۇنداق بىر جايدا ئەنگلىيەلىك ئەپەندىلەر ياكى ئۇلۇغ ئوكياننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامېرىكىلىق ئەپەندىلەر بىزنى دەپ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئىشلىگەن كىنولارنىمۇ كۆرۈپ باقايلى - دە. ئۇ ئادەملەر كىنو دېگەن بۇ بىر نېمىنىمۇ بىر خىل سەنئەت دېيىشىۋاتىدۇ. تۈفى! سەنئىتى قۇرۇسۇن! −− ئۇ سۆزلەۋېتىپ بىردىنلا غەزەپ بىلەن يەرگە بىرنى تۈكۈرۈپ قويدى، −− توغرا، مەن سەنئىتى قۇرۇسۇن دېدىم. ئۇلار ئېكرانغا قانداق ئەخلەتلەرنى ئېلىپ چىققان - ھە. ئۇ نەرسىلەر سەنئەت ئۈچۈن نومۇس، شېكېسپېر بىلەن گىيۇتىلىرى بار دۇنيا ئۈچۈنمۇ نومۇس، دەسلەپتە ئېكراندا ھايۋان سۈپەت بىر نېمىلەر سۈرەتكە ئالغان ھەر خىل قالايمىقان بىر نەرسىلەر چىققىلى تۇردى، شۇنچىلىك چاكىنا. بولدىلا، ئۇ توغرۇلۇق گەپ قىلمايلا قوياي، ئۇ نېمىلەرنى بەلكىم بالىلار ياخشى كۆرگەندۇ، ھېچكىمگە زىيىنى يەتمەيدىغان نەرسىلەر، لېكىن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا »رومېئو - ژۇلېتتا«نى قويدى. بۇ فىلىمنى سەنئەتنىڭ نامى بىلەن قويدۇرماسلىق، چەكلەش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىكى شېئىرلار تۇرخۇندىن چىققاندەك شۇنداق سەت ئاۋازدا ئوقۇلغان. ھەي، بۇ دېگەن شېكېسپېرنىڭ شېئىرلىرى جۇمۇ! فىلىم باشتىن - ئاياغ شۇنچىلىك چاكىنا، شۇنچىلىك لاۋزا. يېنىمدا گىراف ئەپەندى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مېنى باشلاپ كەلگەن، بولمىسا ئورنۇمدىن تۇرۇپلا كىنوخانىدىن چىقىپ كېتەتتىم.
ئەڭ ساپ، ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇندىن بىر دۆۋە نىجاسەت ياساپ چىقىپتۇ ئۇ خەق، بىزلەر مانا مۇشۇنداق دەۋر ئىچىدە ياشاپ كېتىۋاتىمىز.
شۇ ئارىدا غوجايىن ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ تاماق ئېتىدىغان ئۆيگە قاراپ ماڭدى، شۇ پۇرسەتتە مەنمۇ كەينىدىن كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۇ ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدىم.
- ھەي، -دېدى ئۇ بىر خىل ۋەزمىن ئاھاڭدا، -ئۇ بىچارە ئادەم مۇشۇ يەردىكى نامراتلار ساناتورىيەسىدە تۇرىدۇ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان پىۋىنى بىكارغا بېرىمەن، سېتىۋېلىپ ئىچىدىغانغا پۇلى يوق. شۇنداق تۇرۇپ يەنە گەپدان، ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدۇ. ئىلگىرى قايسىبىر يەردە ئارتىس بوپتىكەن، بۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ بۇرۇن نامى بار ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ ھەم ئۇنى ھۆرمەتمۇ قىلىشمايدۇ، بۇنىڭدىن ئۇ خاپا. بەزىدە كۆپچىلىك ئەخمەق قىلىپ، ئەمىسە بىزگە بىرەر نەرسىدىن دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرمەمسەن دەپ قويسا، ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر سائەتكىچە سۆزلەپ توختىمايدۇ، يا قىلغان گەپلىرىنى خەق چۈشەنمەيدۇ. ئادەملەر ئارىلاپ ئۇنىڭغا بىرەر قاپ تاماكا، بىرەر ئىستاكان پىۋا بېرىپ قويۇشىدۇ، بەزىدە زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشسە خاپا بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىمىز، ئەمما ئۇ ھېچكىمگە يامانلىق قىلمايدۇ. ئىككى - ئۈچ ئىستاكان پىۋا ئىچىۋالسا خۇشاللىقىدا قىن - قىنىغا پاتماي قالىدۇ، ھەي، بىچارە! بۇ قېرى پېتېر بىچارە بىر ئادەم دەڭە.
-نېمە؟ ئۇنىڭ ئىسمىنى نېمە دېدىڭىز؟ -مەن ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك تەقەززالىق بىلەن سورىدىم، نېمىگە بۇنچە ھاياجانلانغىنىنى بىلمەيتتىم.
-پېتېر شتۇلسېنتال، دادىسى بىزنىڭ مۇشۇ كەنتتە ياغاچ كەسكۈچى بولۇپ ئىشلەپتىكەن، شۇڭا كۆپچىلىك ئۇنى مەشەدىكى نامراتلار ساناتورىيەسىگە قوبۇل قىلغان.
قەدىرلىكىم، مېنىڭ نېمىشقا بۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كېتىدىغىنىمنى سەن تەسەۋۋۇر قىلالايسەن، پېتېر شتۇلسېنتال دېگەن بۇ ئادەم، ۋەيران بولۇپ نامراتلار ساناتورىيەسىگە كىرىپ قالغان بۇ مەست مەھرۇج بوۋاي باشقا بىرى ئەمەس، دەل بىزنىڭ ياش ۋاقتىمىزدىكى مەبۇدىمىز، چۈشلىرىمىزنىڭ غوجايىنى، بىزنىڭ شەھەردىكى تىياتىرخانىنىڭ ئارتىسى ھەم بىزنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىمىزدىكى يىگىتىمىز پېتېر شتۇلسېنتال ئىكەن. ئىككىمىز بالىلىق مىجەزلىرىمىز تېخى كەتمىگەن قىز چاغلىرىمىزدا ئۇنىڭغا ساراڭلارچە چوقۇناتتۇق ھەم ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرەتتۇق، شۇ كۈنى ئۇ گەپنى ئەمدىلا باشلىشىغا نېمە ئۈچۈن يۈرىكىمنىڭ ئاغقاندەك بىر خىل بولۇپ كەتكىنىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم. باشتا ئۇنى تونۇيالماپتىمەن، چىراي - تۇرقى ئۆزگىرىپ باشقا بىر ئادەم قىياپىتىگە كىرىپ قالغان، زەئىپلىشىپ ئارانلا ماڭىدىغان تۇرسا، ئۇنى تونۇيالىشىم مۇمكىنمۇ؟ ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئىلگىرىكى خاتىرىلەرنىڭ ۋاراقلىرىنى ئېچىپ، ئۇزاقتىن كۆمۈلۈپ ياتقان ئەسلىمىلەر ئىچىگە باشلاپ ماڭغۇدەك بىر خىل جەلپكارلىق ساقلىنىپ قالغاندەك ئىدى، ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چېغىمىزدىكى ئىشلار ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇ قايسىبىر ئۆلكىدىن بىزنىڭ ئىنسبروكتىكى شەھەرلىك تىياتىرخانىغا تەكلىپ قىلىنىپ ئويۇن قويغان چاغدا، ئاتا - ئانىلىرىمىز ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈشىمىزگە رۇخسەت قىلدى. ئۇ چاغدا ئوينالغىنى فىرانز گرىللپارزېرنىڭ قەدىمىي تىياتىرى<<ساپپو>> بولۇپ، ئۇ ساپپونى ئەس - ھوشىدىن ئايرىۋەتكەن كېلىشكەن يىگىت فاۋېننىڭ رولىنى ئېلىپ چىققانىدى. ئۇ سەھنىگە چىققاندا، ئۇنى كۆرۈپ بىزمۇ ئەس - ھوشىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇ يۇنانلىقلارچە كىيىنگەن، قويۇق چاچلىرى ئۈستىگە دۈگلەك گۈلچەمبىرەك كىيىۋالغانىدى، ئاپوللودەك سۈرلۈك ۋە ھەيۋەت كۆرۈنەتتى، ئۇ تېخى سەھنە سۆزىنى باشلىماي تۇرۇپلا ئىككىمىز ھاياجاندىن ئۆزىمىزنى باسالماي تىترەپ كېتىشكەن، قوللىرىمىزنى تۇتۇشۇۋالغان، قوللىرىمىزمۇ ھاياجاندىن بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەنىدى. ئۇششاق بۇرژۇئازلار بىلەن دېھقانلار ياشايدىغان بۇ شەھىرىمىزدە شۇ كۈنگىچە ئۇنداق كېلىشكەن ئەرنى كۆرۈپ باقمىغانىدۇق. بىز كۇلۇبنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغاچقىمۇ ئۇنىڭ گىرىملىرىنى، كىيگەن كىيىملىرىنى ئېنىق كۆرەلمەيتتۇق، شۇنداقتىمۇ سىرتتىن كەلگەن بۇ ئارتىس ئىككىمىزنىڭ نەزىرىدە گويا تەڭرى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەن ئالىيجانابلىق ۋە لاتاپەتنىڭ سىمۋولى ئىدى. بىزنىڭ نادان ۋە سەبىي يۈرىكىمىز ياش كۆكسىمىز ئىچىدە دۈپۈلدەپ سوقماقتا ئىدى. ئىككىمىز ئۇ يىگىتكە خۇددى جىن چاپلاشقاندەك مەھلىيا بولدۇق، ئويۇن تۈگەپ ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا ئەسلىدىكى ئۆزىمىزگە پەقەتلا ئوخشىماي قالدۇق، ئىككىمىز سىرداش دوست ئىدۇق، دوستلۇقىمىزغا نۇقسان يېتىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر - بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ ئۇ ئادەمنى ئىككىمىز ئورتاق ياخشى كۆرىدىغان، ئورتاق چوقۇنىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. بىزنىڭ ئەخمىقانە ئىشىمىز شۇ مىنۇتتىن باشلاندى. ئىككىمىز ئۈچۈن دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئادەم يوق ئىدى، مەكتەپتە، ئۆيلىرىمىزدە، شەھەردە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىرلىق ھالدا ئۇنىڭغا باغلىۋالاتتۇق، باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى يوق ئادەتتىكى ئىشلار ئىدى. بۇرۇنقىدەك ئۇنداق بېرىلىپ كىتاب ئوقۇمايدىغان، پەقەت ئۇنىڭ سۆزلىرىنىلا ئويلايدىغان، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مۇزىكىغا ئوخشاش لىرىك ھېسسىيات ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدۇق. ھازىر ئويلاپ باقسام، بىر نەچچە ئايغىچە بىز باشقا ئىشلار توغرۇلۇق پاراڭ قىلىشماي، ئاشۇ ئادەم ئۈستىدىلا پاراڭلىشىپتىكەنمىز، ئاشۇ ئادەمنىلا مۇلاھىزە قىپتىكەنمىز، ھەر بىر كۈنىمىز ئاشۇ ئادەمدىن باشلىنىپتىكەن، ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ، ئاتا - ئانىمىزدىن ئىلگىرى گېزىتنى قولىمىزغا ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ قايسى دىرامىدا قايسى رولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىرايتتۇق، ئۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىلەرنى ئوقۇيتتۇق. ئۇنىڭغا باھا بېرىپ يېزىلغان بارلىق ماقالىلەر ئەتراپلىق يېزىلمىغاندەك، ئۇ ماقالىلەردە ئوتتەك قىزغىنلىق كەمچىلدەك ئويلايتتۇق، دوستانە بولمىغان بىرەر جۈملە سۆزنى ئوقۇپ قالساق روھىمىز چۈشۈپ بوشىشىپلا كېتەتتۇق. ئەگەر باشقا بىر ئارتىس ماختالغان بولسا، شۇئانلا ئۇ ئارتىسقا ئىچ - ئىچىمىزدىن ئۆچ بولۇپ كېتەتتۇق. ھەي، بىزنىڭ شۇ چاغدا قىلغان ساراڭدەك ئىشلىرىمىز بەكمۇ جىق ئىكەن، بۇ خېتىمدە يازغانلىرىم ئۇنداق ئىشلىرىمىزنىڭ مىڭدىن بىرى. بىز يەنە ئۇنىڭ قاچان سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇراتتۇق. بىر كىملەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان ياكى كوچىدا سەيلە قىلىپ يۈرگەن بولسا، ئۇ ئادەملەرگە شۇنچىلىك تارلىقىمىز كېلەتتى. بىز ئۇنىڭ تاقايدىغان گالىستۇكلىرى ۋە قولىغا ئېلىۋالىدىغان ھاسىسىغىچە بىلەتتۇق. ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئۆيىمىزدىلا ساقلاپ قالماي، كىتابلىرىمىزنى تاشلىغان تاشلىقلارنىڭ ئارىلىقلىرىغىمۇ سېلىۋالاتتۇق. بۇنىڭدا دەرس ۋاقتىدىمۇ ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي ئۇنىڭغا قارىۋالاتتۇق. دەرس ۋاقتىدىمۇ ئۇنى ئويلاۋاتقىنىمىزنى بىر - بىرىمىزگە بىلدۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىمىز ئىجاد قىلىۋالغان قول ھەرىكەتلىرى بىلەن يىراقتا تۇرۇپ بىر - بىرىمىزگە شەرەت قىلىشاتتۇق. قولىمىزنى پېشانىمىزگىچە كۆتۈرگىنىمىز: »مەن ئۇنى ئويلاپ ئولتۇرۇۋاتىمەن« دېگەننى بىلدۈرەتتى. شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقچى بولساق، ئىختىيارىمىزدىن سىرت ئۇنىڭ ئاۋازىنى دوراپ دېكلاماتسىيە قىلاتتۇق. بۈگۈن ئۇنىڭ ئىلگىرى ئوينىغان ئويۇنلىرى ھەققىدە قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلاپمۇ مەزمۇنىغا ئەمەس، بەلكى ئاۋازىغا دىققەت قىلدىم، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىگە دىققەت قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىز ھەر قېتىم ئويۇن كۆرگىلى بارغاندا، سەھنىگە چىقىدىغان ئىشىكتە تۇرۇپ ئۇنى ساقلايتتۇق، ئۇ ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەندە كەينىدىن سەزدۈرمەي ماڭاتتۇق. ئۇ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىدىغان ئۇدۇلدىكى بىر ئىشىكنىڭ تېشىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ قانداق گېزىت ئوقۇيدىغانلىقىغا سانسىز قېتىم قاراپمۇ تۇرغانىدۇق، بىز ئۇنىڭغا ئىككى يىلچە ئاشۇنداق كۆيۇپ - پىشىپ يۈردۇق، ئەمما يېقىنلىشىپ گەپ قىلىشقا ياكى تونۇشۇشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق. ئۇنىڭغا مەھلىيا بولۇپ يۈرگەن بەزى قىزلار بىزدەك ئەمەس، يۈرەكلىك ئىدى، يېنىغا بېرىپ ئىمزا قويدۇرۇۋالاتتى، ھەتتا كوچىلاردا ئۇچراپ قالسا قورقماي ئەھۋال سورىيالايتتى، ئەمما بىزدە بۇنداق قىلىدىغانغا جۈرئەت يوق ئىدى. بىر قېتىم ئۇ تاماكىسىنى چېكىپ بولۇپ قالدۇقىنى تاشلىۋەتكەنىدى، ئىككىمىز ئۇنى تۇتىيا بىلىپ دەررۇ بېرىپ يەردىن ئالدۇق - دە، ئىككىگە بۆلۈپ يېرىمدىن بۆلۈشۈۋالدۇق، ئۇنىڭغا بولغان چوقۇنۇشىمىز خۇددى دولقۇندەك كېڭىيىپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگىمۇ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ قېرى بىر ئايال خىزمەتكارى بار ئىدى، ھەممە ئىشلىرىنى شۇ موماي قىلاتتى، بىزنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ھەۋىسىمىز كېلەتتى، ئاخىرىدا ئۇمۇ بىز چوقۇنۇشقا ئەرزىيدىغان ئادەملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىر قېتىم ئۇ نەرسە - كېرەك سېتىۋالغىلى بازارغا چىقىپتىكەن، ئىككىمىز يېنىغا بېرىپ، سېۋىتىڭىزنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەيلىمۇ دېدۇق. ئۇ بىزنى ماختاپ قويۇۋېدى، خۇشاللىقىمىزدا بېشىمىز ئاسمانغا تاقاشتى. ئىككىمىز پېتېر شتۇلسېنتال دېگەن بۇ ئادەم ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلمىدۇق - ھە. لېكىن ئۇ بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنىڭ بىرىنىمۇ بىلمەيتتى، ھېسمۇ قىلمايتتى.
ھازىر بىز چوڭ بولدۇق، ئەقىلگىمۇ توشتۇق، شۇ چاغدىكى ئەخمىقانە ئىشلىرىمىزنى بويىغا يەتمىگەن نادان قىزلارنىڭ دائىم سادىر قىلىپ تۇرىدىغان نادانلىقلىرىنىڭ بىر خىلى دەپ ئويلاپ، مەسخىرە قىلغاندەك كۈلۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن. لېكىن مەن يوشۇرمايمەن، شۇ نادانلىقلىرىمىز ئەينى چاغدا ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان. ئۇنىڭغا بولغان تەلپۈنۈشىمىزنىڭ شۇ دەرىجىدە كۈچلۈك ۋە بىمەنە شەكىللەرنى ئېلىپ قېلىشى ئىككى ئەخمەق قىزنىڭ ئۇنى ئەڭ ياخشى كۆرىمىز، دەپ بىر - بىرىگە بەرگەن قەسىمىدىن بولغان، مەن شۇنداقلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇ ئىش بىلەن بىزنىڭ ئەخمىقانە قىلىقلىرىمىز بىرىدىن بىرى ئېشىپ بارغان. ئىككىمىز ھەر كۈنى يېڭىدىن يېڭى ئىسپاتلارنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلغايتىپ، شېرىن خىياللىرىمىز ئىچىدىكى بۇ نۇرلۇق چىرىغىمىزنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىمىزنى بىر - بىرىمىزگە ئىسپاتلاشقا تىرىشاتتۇق. ئىككىمىز باشقا قىزلارغا ئوخشىمايتتۇق، ئۇلار بىرسىگە كۆڭۈل بەرگەن تۇرۇقلۇق، كېلىشكەنرەك باشقا ئوغۇل بالىلارنى كۆرسە ئۇلارغىمۇ ئاشىق بولۇپ قېلىپ، ھەر خىل قىلىقلارنى قىلىپ كېتىشەتتى، لېكىن بىز ئۇنداق قىلمايتتۇق، بارلىق ھېسسىياتىمىزنى، بارلىق قىزغىنلىقىمىزنى ئاشۇ بىر ئادەمگىلا بېغىشلىغانىدۇق. بەزىدە ئويلاپ ھەيران قالىمەن: ئاشۇ يىللىرى بېشىمىزدىن ئاشۇنداق تەلۋىلىكلەر ئۆتكەن تۇرۇقلۇق، كېيىنكى چاغلاردا ھېسسىياتلىرىمىزدىن كەلگەن پۈتكۈل كۈچ - قۇۋۋەتنى تولىمۇ ئېشىپ كەتكەن ئۇ مەنىسىز تۇيغۇلىرىمىز ئۈچۈن سەرپ قىلىپ تۈگەتمەي، مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، تەۋرەنمەس، ساغلام مۇھەببىتىمىز بىلەن ئەرلىرىمىزنى، بالىلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپتۇق، ئەزىزلەپتۇق. لېكىن قانداقلا بولسۇن، بىز شۇ بىر دەۋرىمىز ئۈچۈن ھەرگىز نومۇس قىلمايمىز. چۈنكى ئاشۇ ئادەم تۈپەيلى بىزمۇ سەنئەت ئېلىپ كەلگەن كۈچلۈك ھېسسىيات قاينىمىدا ياشىدۇق، شۇ ئەخمەقلىقلىرىمىز ئىچىدە يۈرۈپ تېخىمۇ ئالىيجاناب، تېخىمۇ پاك، تېخىمۇ گۈزەل بىر سىرلىق مەنزىلگە ئىنتىلدۇق، بۇ مەنزىل دەل ئاشۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىپادىلەنگەنىدى.
ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق يىراق ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ بولغان، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى ھېسسىياتلار تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ كەتكەنىدى. بۈگۈن غوجايىن ئايال ماڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگەندە، ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالدىم. ئۇ مېنىڭ چىرايىمدىكى چۆچۈش ئالامەتلىرىنى بايقىمىدى، بۇ مەن ئۈچۈن بىر مۆجىزە ئىدى. بىز ئۇ يىللاردا ئۇنى پەقەت تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرىنىڭ نۇرلۇق چەمبىرىكى ئىچىدىلا كۆرگەن، ياشلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىپ مەجنۇنلارچە قىزغىن سۆيگەنىدۇق. بۈگۈن مەن ئۇنى باشقىلارنىڭ سەدىقىسى بىلەن ياشايدىغان، قوپال دېھقانلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان دىۋانە ۋە قېرىپ ھالىدىن كەتكەن، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق يامان كۈنگە قالغىنىدىن قىلچە نومۇس قىلمايدىغان ھالەتتە كۆرۈپ تۇرۇۋاتاتتىم، بۇ مەن ئۈچۈن تولىمۇ تاسادىپىي ئىش ئىدى. مەن دەررۇ مېھمانخانىغا قايتىپ كېتەلمىدىم. ماڭا ئۇ بۇ ئەلەملەرگە چىدىماي يىغلاپ تاشلايدىغاندەك ياكى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاشكارىلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتىم. ئۆزۈمنى سەل بېسىۋېلىش ھەم ئۆتكەن ئىشلارنى، بۇ ئادەمنىڭ ياشلىق دەۋرىمدە ئوينىغان رولىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بەرگەنلىكىنى ئازراق بولسىمۇ ئەسلىۋېلىش ئۈچۈن ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم. ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاجايىپ بولىدىكەن. بۇ ئادەم مېنىڭ پۈتكۈل ئوي - پىكرىمنى چىرمىۋالغان، پۈتكۈل روھىي دۇنيايىمغا تولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ بۇ ئادەمنى بىر قېتىممۇ ئەسلەپ باقماپتىكەنمەن. ئۆلۈپ كېتىۋاتقىنىمدىمۇ سوراپ باقمايدىغان ئوخشايمەن. ئۇمۇ ئۆلۈپ كەتكىچە ئۇ ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ بىلمەسلىكى ئېنىق. ياتاقتا چىراغمۇ ياقماي قاراڭغۇدا ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرىمەن، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇ، بۇ ئىشلارنى ئەسلەشكە تىرىشىپ باقتىم، باشتىكى، ئاخىرىدىكى ئىشلارنى ئەسلەپمۇ باقتىم. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بىردىنلا ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ يىللار قوينىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتتىم. بەدىنىم، قانچە يىللار ئىلگىرى بالىلىرىمنى تۇغقان بەدىنىم خۇددى قىز ۋاقتىمدىكى ئاجىز، ئورۇق، ئېغىرلىق ئۆلچىمىگە توشمايدىغان بەدىنىمگە ئايلىنىپ قالغاندەك بولۇپ قالغانىدىم. مەن يەنە ئاشۇ چاغدىكى ئاشۇ قىز ئىدىم، يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقماقتا، ئۇنى خىيال قىلىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كارىۋاتنىڭ لېۋىدە ئولتۇرىمەن، ئالىقانلىرىم قىزىپ توختىمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈممۇ ھەيران قالغان بىر ئىش يۈز بەردى، ئۇ ئىشنى ساڭا تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم، تۇيۇقسىز پۈتۈن بەدىنىم مۇزلاشقا باشلىدى، قانداقتۇر بىر نەرسە يۈرىكىمنى زىلزىلىگە سېلىۋاتاتتى. بىر ئوي، ئالاھىدە مەزمۇنغا ئىگە بىر ئوي، يەنە شۇنداق ئالاھىدە بىر ئەسلىمە مۈرەمدىن قاتتىق بېسىپ، ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئەسلەشنى خالىماي كېلىۋاتقان بىر ئىشنى ئەسلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتاتتى. غوجايىن ئايال ماڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگەن شۇ بىر دەقىقىدە بىر ئىش. مەن ئەسلەشنى خالىمايدىغان مەلۇم بىر ئىش يۈرىكىمنى مۇجۇشقا، لەرزىگە سېلىشقا باشلىدى. خۇددى ۋىيېنالىق پىروفېسسور فىرويد ئېيتقاندەك: »كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولغان« ئىشلارنى كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە كىرگۈزۈۋەتكەن ئوخشايمەن، شۇنچە يىللاردىن بېرى تۈگەل ئۇنتۇپ كېتىپتىكەنمەن. ئۇ جاھىل ئادەملەر ھەتتا ئۆزىدىنمۇ يوشۇرىدىغان سىرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئاشۇ يىللاردا بۇ سىرىمنى سەندىنمۇ، ھەتتا ئۆزۈمدىنمۇ يوشۇرغانلىقىم ئېسىمدە. شۇ چاغدا ساڭا ئۇ توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ سەندىن يوشۇرمايمەن، دەپ قەسەم بەرگەن تۇرۇقلۇقمۇ يەنە نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىمنى چۈشەنسەڭ كېرەك. مانا بۈگۈن يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئۇ سىرىم ئويغىنىپ كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى، ھازىر ئاشۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىش نۆۋىتى قىزلىرىمىزغا كەلدى، ئەتە - ئۆگۈن نەۋرىلىرىمىزگە كېلىدۇ. شۇڭا شۇ چاغدا ئۇ ئادەم بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىش قارارىغا كەلدىم.
يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ساقلىنىپ تۇرغان ئۇ سىرىمنى ئاخىر ساڭا سۆزلەپ بېرىدىغان بولدۇم. ئۇ نامەلۇم ئادەم، ياشقا چوڭىيىپ ۋىجىكلەپ كەتكەن ئۇ ئارتىس ھازىر قېرىپ ھالىدىن كېتىپتۇ، ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ، بىر ئىستاكان پىۋىغا زار ياشاۋېتىپتۇ. دېھقانلارغا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرسە، ئۇلار ئۇنى چۆكۈرۈپ شۇنچىلىك مازاق قىلىدىكەن. ئەنە شۇ ئەر، ئاللان، ئەنە شۇ ئەر ئەڭ خەتەرلىك چاغلىرىمدا پۈتۈن ھاياتىمنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، تەقدىرىم ئۇنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئۇ مېنى نېمە قىلىمەن دېسە قىلالايتتى. ئۇ چاغدا مېنىڭ بالىلىرىم تۇغۇلماسلىقى مۇمكىن ئىدى، ئۆزۈمنىڭمۇ نەدە يۈرىدىغانلىقىم، قانداق ئادەم بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى بىلگىلى بولمايتتى. ساڭا خەت يېزىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ، سېنىڭ دوستۇڭنىڭ ئەڭ بەختىسىز بىر ئايالغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ بار ئىدى، بەلكىم ئۇنىڭدەك تۇرمۇش تەرىپىدىن ۋەيران بولۇپ، ئاياغ ئاستى بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بۇ گەپلىرىمگە قاراپ بەكمۇ ئاشۇرۇۋەتتىڭمۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالما. ئۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىمنى چۈشەنمەيتتىم. مانا بۈگۈنلا شۇ چاغدا چۈشەنمىگەن ئىشلارنى ئېنىق چۈشىنىپ، ئۈزۈل - كېسىل بىلىپ ھەم ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئۇ نامەلۇم ئادەمگە بوغۇلغان كۆڭۈل قەرزىمنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن.
مەن ئۇ ئىشنى ساڭا تۈگەل سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىدىم. ئېسىڭدىمۇ، سەن شۇ چاغدا 16ياشقا كىرگەنىدىڭ، داداڭ تۇيۇقسىز ئىنسىبروكقا يۆتكەلدى. شۇ چاغدا بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ قانچىلىك يىغلاپ كەتكەنلىكىڭ ھازىرغىچە يادىمدا. سەن مەندىن، ھەم ئۇنىڭدىن ئامالسىز ئايرىلىۋاتاتتىڭ. بۇ ئىككى ئىشتىن قايسىسىنىڭ سېنى بەكرەك ئازابقا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. ماڭا سەن ئۇنى بىزنىڭ ياش ۋاقتىمىزدىكى نۇرلۇق ماياكىمىزنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغاندەك بىلىنىپ كەتكەنىدىڭ. ئۇنىڭسىز سېنىڭ تۇرمۇشۇڭ ئۆزىنىڭ مەنىسىنى يوقىتاتتى. شۇ چاغدا مەن ساڭا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى بىرىنى قويماي يەتكۈزۈپ تۇرىمەن، ھەپتىدە بىر قېتىم، ياق كۈندە بىر قېتىم ئۇنىڭ توغرۇلۇق خەت يېزىپ تۇرىمەن، كۈندىلىك خاتىرەمنى توشقۇزۇۋېتىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم. بىر مەزگىل ۋەدەمگە سادىقلىق بىلەن ئەمەل قىلدىم. سېنىڭدىن ئايرىلىش ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى، چۈنكى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى دەيدىغان ئادىمىم ئەمدى يوق ئىدى، ئەمدى مەن ئۇ بىمەنە ئىشلىرىمنى، ھېسسىياتلىرىمىز ئۇرغۇپ تۇرغان مىنۇتلاردا قىلغان، ئادەمنىڭ يۈرەك - باغرىنى ئېزىدىغان ئۇ ئەخمىقانە ئىشلارنى كىمگە سۆزلەپ بېرىمەن؟
لېكىن قانداقلا بولسۇن ماڭا ئۇ بار ئىدى، ئۇنى كۆرۈپ تۇرالايتتىم، ئۇ ئەمدى ماڭا ئوڭچە قالغانىدى، بۇ مېنىڭ ئازابلىرىم ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر خۇشاللىق ئىدى. بىراق كۆپ ئۆتمەي ھېلىقى ئىش (ئۇ ئىش سېنىڭمۇ ئېسىڭدە بولسا كېرەك) يۈز بەردى. ئۇ ئىش توغرۇلۇق ئىككىلىمىز ناھايىتى ئاز بىلەتتۇق. ئاڭلىساق شتۇلسېنتال تىياتىرخانا دىرېكتورىنىڭ خانىمىغا (بۇ ئىشنى بىزگە بىرلىرى كېيىن سۆزلەپ بەرگەن) چاقچاق قىلىپ قويۇپ چاتاقنىڭ چوڭى تېرىلىپتۇدەك. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشتى. ئۇنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئاخىرقى مەيدان ئويۇننى ئويناپ تۈگىتىشكە يول قويۇشقان ئوخشايدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى سەھنىگە چىقمىدى، شۇ قېتىمقىسى مېنىڭمۇ ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىشىم بولۇپ قالدى.
ھازىر ئويلاپ باقسام، ھاياتىمدا پېتېر شتۇلسېنتالنىڭ ئاخىرقى قېتىم سەھنىگە چىقىشى جاكارلانغان كۈندىكىدەك قاتتىق ئازابلىنىپ باقماپتىمەن. شۇ كۈنلەردە ئېغىر كېسەل تارتقان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم، ھالىمغا يېتىدىغان، دەرد - پىغانلىرىمنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئادىمىم يوق ئىدى. مەكتەپتە مۇئەللىملەر چىرايىمنىڭ تامدەك تاتىرىپ، روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئەلەڭلەپ قالغانلىقىنىمنى سېزىپتۇ. ئۆيدە مىجەزىم ئۆزگىرىپ ئىنتايىن چېچلغاق بولۇپ كەتكەنىدىم، دادام ئۇ ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ بىلمەيتتى، ماڭا قاتتىق ئاچچىقى كېلەتتى. ئاخىر مېنى جازالاپ تىياتىرخانىغا بارغۇزمايدىغان بولدى. ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم، يالۋۇرغانلىرىمدا قاتتىق ھاياجانلىنىپ ئۆزۈمنى باسالماي قالدىممۇ قانداق، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ يامان بولۇپ، ئاپاممۇ ماڭا قارشى چىقتى، ھەتتا ئۇنىڭ ئويۇن كۆرگىلى بېرىشى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ھەر بىر بارغىنىدا قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېلىدۇ، ئاخىر نېرۋىلىرىنى كاردىن چىقىرىدىغان بولدى. ئەمدى ئويۇن كۆرگىلى بارمىسۇن، ئۆيدە ئولتۇرسۇن، دېدى. شۇ مىنۇتلاردا دادام بىلەن ئاپامغا شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدى. شۇ كۈنى كاللام ئىنتايىن قالايمىقان ئىدى، نېرۋىلىرىم قوزغىلىپ ساراڭدەك بولۇپ قالغانىدىم، ئۇلارنى كۆرەرگە كۆزۈم يوق ئىدى. ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىۋالدىم، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالغۇملا كېلەتتى، تۇيۇقسىز ھەممە تەرەپتىن تەڭ چىرماپ كېلىۋاتقان بىر خىل غېرىبسىنىش ھالىمنى قويمايۋاتاتتى. بۇنداق غېرىبسىنىش بەزىدە ياشلارنى خەتەرلىك ئىشلارغا ئېلىپ باراتتى. كىچىك سافادا ئالدىمغا چەكچىيىپ قاراپ ئولتۇراتتىم، كۆزلىرىمدە ياش يوق، ئادەتتىن تاشقىرى ئۈمىدسىزلىككە چۆكۈپ كەتكىنىم ئۈچۈنمۇ، كۆزلىرىمگە ياش كەلمەيتتى. يۈرىكىمدە مۇزغا ئوخشاش بىر نەرسە بار ئىدى، تۇرۇپلا قىزىتما بولۇپ قالغاندەك ئىچىمدە بىر نەرسە ياناتتى. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۈگۈرۈپ يۈرەتتىم، دېرىزىنى ئېچىپ پەستىكى ھويلىغا سەپسالدىم. تۆت قەۋەتلىك بۇ بىنا خېلىلا ئېگىز ئىدى، كۆز مۆلچەرىم بويىچە ئۆلچەپ كۆرۈپ، دېرىزىدىن پەسكە سەكرىسەم بولارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە توختىماي سائەتكە قارايتتىم، ئويۇن سائەت يەتتىدە باشلىناتتى، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى مەيدان ئويۇنى ئىدى، مەن بولسام ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتىم. باشقىلار ئۇنى ئورىۋېلىپ تەنتەنە قىلىشىۋاتسا مەن ئۇنى كۆرەلمەيتتىم. شۇ خىياللار بىلەن ئۆزۈمنى تېخىمۇ باسالماي قالدىم. دادام بىلەن ئاپام مېنى ئۆيدىن چىقارمايۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ نەزەربەند قىلىشلىرىدىن پەرۋايىم پەلەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھېچنېمىگە قارىماي تالاغا ئۆزۈمنى ئاتتىم، ئۆيدىكىلەرنىڭ بىرىگىمۇ گەپ قىلمىدىم. بىنادىن چۈشۈپ چوڭ يولغا چىققاندىن كېيىن قاياققا مېڭىشىمنى بىلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدىم. كاللامدا ھەر خىل خىياللار ھۆكۈم سۈرەتتى، تۇرۇپ ئۆزۈمنى دەرياغا ئېتىپ ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايتتىم، تۇرۇپ باشقا بىر بىمەنە خىياللارنى، بىمەنە ئىشلارنى ئويلايتتىم. ئۇنىڭسىز ياشىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئەمما ھاياتىمنى قايسى يول بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلمەيتتىم. كوچىدا قالايمىقان يۈگۈرۈپ يۈرىمەن. ئەگەر دوستلىرىم كۆرۈپ چاقىرىپ قالسا، ئۇلارغا قاراپمۇ قويمىغان بولاتتىم، بارلىق ئىشلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى، بۇ دۇنيادا مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. قانداق مېڭىپ كېلىپ قالدىمكىن، بىر چاغدا تۇيۇقسىز بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرىمەن. ئىككىمىز دائىم ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ قارشىسىدىكى ئۆينىڭ لەمپىسى ئاستىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىشىنى ساقلايتتۇق ياكى بېشىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ دېرىزىسىگە بويۇنداپ قاراپ تۇرۇپ كېتەتتۇق. بەلكىم باش - ئۇچى يوق ئارزۇ - ئۈمىدلەر مېنى مەقسەتسىزلا بۇ يەرگە ھەيدەپ كەلگەندۇ. مەشەدە تۇرسام بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپمۇ قالارمەن دەپ ئويلىدىم. لېكىن ئۇ كەلمەيۋاتاتتى. پوچتىكەش، ياغاچچى، بازاردىكى ھېلىقى سېمىز سودىگەر خوتۇن دېگەندەك ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر مۇنچە ئادەملەر بىناغا كىرىپ - چىقىپ تۇرۇشۇۋاتاتتى، كوچىدىمۇ بىرەر يۈز ئادەم ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرۈشەتتى، پەقەت شۇلا، بىر شۇلا كۆرۈنمەيتتى.
كېيىنكى ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم، يولدىن كېسىپ يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن، بىر چاغدا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغان پەلەمپەيدە كۆردۈم، قانداق بىر كۈچنىڭ مېنى بۇ يەرگە ئىتتىرىپ ئېلپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. شۇ يۈگۈرگەنچە پەلەمپەيدىن چىقىپ كېتىۋاتىمەن. ئۇنىڭ 3 - قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا چىققاندا يۈگۈرۈشتىن توختىدىم. بىرلا نەرسىنى، ئۇنىڭغا يېقىن بېرىشنى، تېخىمۇ يېقىن بېرىشنىلا ئويلايتتىم. ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولاتتىم. لېكىن نېمە دېيىشنى بىلمەيتتىم. بۇ ئىشلار خۇددى جىن چاپلاشقاندەك بىر خىل روھىي ھالەت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتاتتى، نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتىم. پەلەمپەيدىن تېز يۈگۈرۈپ چىقىشىممۇ كاللامدىكى بارلىق ئىككىلىنىشلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇش ئۈچۈن ئىدى. مەن قوڭغۇراق كۇنۇپكىسىنى دېمىمنى ئېلىۋالماي تۇرۇپلا بېسىۋەتتىم. قۇلىقىمغا قوڭغۇراقنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى، ئاندىن ئۇزاققا سوزۇلغان جىمجىتلىق باشلاندى، جىمجىتلىق ئىچىدە تۇرۇپ تۇيۇقسىز ئېسىگە كەلگەن يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتاتتىم. ئاخىر ئۆي ئىچىدىن بىر خىلدا چامداپ كېلىۋاتقان مەزمۇت ۋە چەبدەس، مەن تىياتىرخانىدا ئاڭلاپ ئۆگىنىپ قالغان قەدەم تاۋۇشى ئاڭلاندى. ئەنە شۇ دەقىقىدە بىردىنلا ئېسىمگە كېلىپ، كەينىمگە قاراپ بەدەر قېچىشنى ئويلىدىم، قورقۇپ كەتكىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم قېتىپ قالغاندەك، پۇتلىرىم پالەچ بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ پۇتلىرىدەك مىدىر - سىدىر قىلمىدى، كىچىككىنە يۈرىكىم قورقۇنچتىن توختىماي سوقۇپ كېتىۋاتاتتى.
ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ، ھەيران بولۇپ ماڭا قاراپ قالدى. مەن ئۇنىڭ مېنى تونۇيدىغانلىقىنى ياكى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلمىدىم، كوچىلاردا ئۇنى ئەۋلىيا بىلىدىغان بالاغەتكە يەتمىگەن قىز - ئوغۇللار شۇنچىلىك كۆپ، توپ - توپى بىلەن ئۇنى ئورىۋېلىشىدۇ، ئىككىمىز بولساق ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلار، لېكىن ھەددىدىن زىيادە نومۇسچان بولغىنىمىز ئۈچۈنمۇ، ئۇنى كۆرسەكلا بەدەر قاچاتتۇق. بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا بېشىمنى كۆتۈرۈشكە جۈرئىتىم يوق تۇراتتىم. ئۇ ماڭا دەيدىغان نېمە گېپى باركىن، دەپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئېغىز ئېچىشىمنى ساقلاپ تۇراتتى. ئۇ مېنى بىرەر ماگىزىننىڭ خىزمەتچىسى بولسا، مەلۇم بىر نەرسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىپ كەلگەنمىكىن دەپ ئويلاپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى.
-نېمە بولدى، قىزىم؟ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ -دەپ سورىدى ئۇ ئاخىر جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن مېنى گەپكە ئۈندەپ.
مەن كېكەچلەپ تۇرۇپ ئارانلا:
-مەن، مەن... گېپىمنى بۇ يەردە تۇرۇپ دېيەلمەيمەن... دەپ، گېپىمدىن توختىۋالدىم.
- ئەمىسە ئۆيگە كىرىڭ، -دېدى ئۇ ناھايىتى سەمىمىي ۋە مۇلايىم ئاھاڭدا، - قىزىم، نېمە ئىش بولدى؟
مەن ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئۆيگە كىردىم. ئۆي ئازادە، جاھازىلىرى ئاددىي، ئەمما سەل قالايمىقان. رەسىملەر تامدىن ئېلىنىپ يەرگە قويۇپ قويۇلغان، چامادانلارنىڭ بىرى ئۇ يەردە، بىرى بۇ يەردە، كىيىملەر يېرىم قاچىلانغان ھالەتتە ئىدى.
-خوش، ئەمدى گەپ قىلىڭە... نەدىن كەلدىڭىز؟ - يەنە سورىدى ئۇ.
ئۇشتۇمتۇت كۆزلىرىمدىن بۇلدۇقلاپ ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى، ئاغزىمدىن ئارانلا:
- سىز... سىز مەشەدە قېپقالسىڭىز... سىز كەتمىسىڭىز... مەشەدە تۇرۇپ قالسىڭىز، - دېگەن گەپلەر چىقتى.
ئۇ ئىختىيارسىز كەينىگە بىر قەدەم شوخشىدى، قاشلىرى كۆتۈرۈلۈپ لەۋلىرىنىڭ چۆرىسىدە قورۇقلار پەيدا بولدى. ئۇنىڭ مېنىمۇ، ئۆزىنى ئارامىدا قويماي تىنماي خىجالەت قىلىپ تۇرىدىغان قىز چوقۇنغۇچىلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قالغانلىقىدا گەپ يوق ئىدى. ئۇنىڭ قوپاللىق قىلىپ مېنى ئەيىبلەپ كېتىشىدىن قورقۇپ تۇراتتىم، لېكىن ئۇ تۇرقۇمدىن ماڭا ئىچ ئاغرىتقۇدەك بىرەر نەرسە بايقاپ قالدىمۇ بىلمىدىم، ئۈمىدسىزلىككە پاتقان بىچارىلەرچە روھىي ھالىتىمنى كۆرۈپ ئەيىبلەيدىغان گەپلەرنى قىلمىدى، ئالدىمغا كېلىپ، بىلەكلىرىمدىن بوشقىنا تۇتتى.
- ئاپپاق قىزىم، - ئۇنىڭ بۇ تۇرقى بەئەينى ئوقۇغۇچىسىغا گەپ قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايتتى، - بۇ يەردىن كېتىشىم مېنىڭ ئىختىيارىمدىكى ئىش ئەمەس، ئۇنى ئەمدى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. سىزنىڭ كېلىپ ماڭا بۇ گەپلەرنى قىلىشىڭىز ياخشى نىيىتىڭىزدىن. بىز كىم ئۈچۈن ئويۇن قويىمىز؟ سىلەردەك ياشلار ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ياشلاردەك دىلدارلىرىمنىڭ بولۇشى مېنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم. بىراق بۇ ئىش قارار قىلىنىپ بولدى، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە مېنىڭ قۇدرىتىم يەتمەيدۇ. بايا دېگىنىمدەك، −− ئۇ كەينىگە بىر قەدەم داجىدى، −− يېنىمغا ئالاھىدە كېلىپ بۇ گەپلەرنى قىلغىنىڭزغا رەھمەت. ماڭا نىسبەتەن داۋاملىق ئاشۇنداق ياخشى تەسىراتتا بولۇشىڭىزنى، ھەممىڭلارنىڭ مېنى مەڭگۈ ئەڭ سەمىمىي ۋە دوستانە تىلەك ۋە سېغىنىشىڭلار بىلەن ئەسلەپ تۇرۇشۇڭلارنى سورايمەن.
مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ئارقىلىق مەن بىلەن خوشلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدىم ھەم دەل شۇ سەۋەبلىك قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە چۆكتۈم.
- ياق، كەتمەڭ، -مەن يىغلاپ تۇرۇپ قارغىشلىق قىلدىم، -خۇدا ھەققىدە بىزنىڭ بۇ يەردىن كەتمەڭ، قېپقېلىڭ... مەن... سىزسىز ياشىيالمايمەن.
−− قاراڭ سىزنى، - ئۇ ماڭا تەسەللى بەرمەكچى بولاتتى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىۋالغان قوللىرىم بىلەن بېلىدىن مەھكەم قۇچاقلىۋالغانىدىم، ھازىرغىچە ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان، شۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلىپمۇ كۆرمىگەنىدىم، −− ياق، كەتمەيسىز، −− مەن ئىچ - ئىچىمدىن بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىۋاتاتتىم، −− مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭ، كەتسىڭىز مېنى بىللە ئېلىپ كېتىڭ، نەگە بارسىڭىز مەنمۇ سىز بىلەن شۇ يەرگە بارىمەن... جاھاننىڭ ئۇ چېتىگە كەتسىڭىزمۇ مەيلى... مېنى نېمە قىلىمەن دېسىڭىز ئىختىيارىڭىز... پەقەت مەندىن ئايرىلمىسىڭىزلا بولدى.
مەن شۇ چاغدا قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تۇرۇپ يەنە قانداق بىمەنە، ئەخمىقانە گەپلەرنى قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭغا چاپلىشىپ دېگۈدەك تۇراتتىم، خۇددى مۇشۇنداق تۇرسام ئۇنى ئۆزۈمگە قارىتالايدىغاندەك، ئۇنىڭغا ئوتتەك قىزغىنلىقىم بىلەن ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلسام قانچىلىك خەتەرلىك ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىمنى قىلچە ئويلاپ باقمايتتىم. چۈنكى سەنمۇ بىلىسەن، ئۇ چاغلاردا بىز شۇنچىلىك ساددا، شۇنچىلىك نادان قىزلار ئىدۇق، بىز ئۈچۈن جىنسىي مۇھەببەت شۇنچىلىك يات، شۇنچىلىك ناتونۇش نەرسە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ياش ھەم كىشىلەرنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك چىرايلىق قىز ئىدىم، كوچىلاردا كېتىۋاتقانلىرىمدا ئ−ەرلەر ئىخت−ىيارسىز قايرىلىپ ماڭا قارىشىپ قوياتتى، ئۇ بولسا 73، 83 ياشلاردا بار چوڭ بىر ئەر ئىدى، شۇ چاغدا مېنى نېمە قىلىمەن دېسە قىلىۋېتەلەيتتى، مەنمۇ ئۇنىڭغا بويسۇناتتىم، نېمىلا قىلىمەن دېسە قارشىلىق قىلمايتتىم، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئۆز ئايىغىم بىلەن كىرگەندىن كېيىن، ئەقىلسىزلىقىمدىن قانداق پايدىلىنىمەن دېسە شۇنداق پايدىلىنالايتتى، شۇ بىر سائەت ئىچىدىكى تەقدىرىم ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. ئەگەر مېنىڭ بالىلىقتىكى نادانلىقىمدىن، ئالدىراڭغۇلۇقۇمدىن نومۇسسىزلىق بىلەن پايدىلىنىشنى ئويلايدىغانلا بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ شۇ نومۇسسىز خىيالىغا ئەسىر بولۇپ، شەھۋانىي نەپسىنى باسالماي، مەندەك ياش بىر قىزنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن ئۆزىنى تارتالماي قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ناۋادا شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا، قانداق بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىمنى بىلگىلى بولمايتتى. بۈگۈن بىلدىمكى، شۇ چاغدا ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان ئىكەنمەن. ھازىر ئويلاپ باقسام، ئۇ شۇ بىر دەقىقە ئىچىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايمۇ قاپتىكەن، نېمىشقا دېسەڭ، ئۇ مېنى ئۆزىگە يېقىن تارتتى، تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىمگە لەۋلىرىنى ئەپكەلدى، لېكىن يەنە ئۆزىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ تۇتۇۋېلىپ مېنى ئاستا - ئاستا كەينىمگە ئىتتەردى.
−− توختاڭ! دېدى ئۇ بار كۈچى بىلەن بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغاندەك قىلىپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ يەنە بىر ئۆينىڭ ئىشىكىگە قاراپ توۋلىدى، −− كىرىش خانىم!
قورقۇپ جېنىم چىقتى، شۇئان كەينىمگە قايرىلىپ قېچىپ چىقىپ كېتىشنى ئويلىدىم. ئۇ مېنى ئۇ موماينىڭ، ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئاشۇ موماينىڭ ئالدىدا مەسخىرە قىلماقچىمۇ؟ ئۇنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قويماقچىمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئاڭغىچە ئۇ موماي كىرىپ كەلگەنىدى، ئۇ مومايغا شۇنداق دېدى:
-بۇ قىز پۈتۈن مەكتەپ نامىدىن ماڭا سەمىمىي رەھمەتلىرىنى ئېيتىپ خوشلاشقىلى كەپتۇ. بۇ ئادەمنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالىدىغان ئىش ئەمەسمۇ؟ −− ئۇ شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ يەنە ماڭا يۈزلەندى، −− سىز قايتىپ بېرىپ مەكتەپتىكى بارلىق ساۋاقداشلىرىڭىزغا مېنىڭ سەمىمىي رەھمىتىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ. مەن ئۈچۈن دۇنيادا ياشلارنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشتىن ئارتۇق گۈزەل تىلەك يوق. مەن بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل يېرى مانا مۇشۇنىڭدا دەپ بىلىمەن. پەقەت ياشلارنىڭ گۈزەل قەلبلىرىدىلا ياخشى ئىش، ياخشى ئادەملەرگە مانا مۇشۇنداق ئىنسانىي تەشەككۈر قايناپ تۇرىدۇ. سىز بۈگۈن ماڭا ئاجايىپ زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدىڭىز، سۆيۈملۈك خانقىز، بۇ ياخشى نىيىتىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن، −− ئۇ ئىككى قولۇمنى مەھكەم تۇتۇۋالدى، −− مەڭگۈ ئەسلەيمەن.
كۆزلىرىمدىن ئېقىۋاتقان ياش بىردىنلا توختاپ قالدى. ئۇ مېنى نومۇستىن ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالمىغىدەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويمىغان، ھاقارەتكە ئۇچراتمىغانىدى، داۋاملىق مېنى ئاياپ گەپ قىلىۋاتاتتى، بۇ ئۇنىڭ خىزمەتچى مومايغا دېگەن مۇنۇ گېپىدىن مەلۇم ئىدى:
−− ئەگەر يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بولمىغان بولسا، −− دېدى ئۇ مومايغا، −− بۇ ئوماق خانقىز بىلەن يەنە بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنى شۇنچىلىك خالايتتىم. مۇنداق بولسۇن، بۇ قىزنى سىز بىنانىڭ ئىشىكىگىچە ئۇزىتىپ قويۇڭ، ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن، خەير!
كېيىن ئۇنىڭ مېنى دەپ بۇ ئىشتا ئەتراپلىق ئويلانغانلىقىنى چۈشەندىم، ئۇنىڭ مومايغا دەپ مېنى بىنانىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قويغانلىقى مېنى ئاسرىغانلىقى، قوغدىغانلىقى ئىكەن. بۇ كىچىك شەھەردە مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە لايىق يۈز - ئابرۇيۇم بار ئىدى، ئەگەر يامان ئادەملەرنىڭ بىرەرى مېنىڭ بۇ ئاتاقلىق ئارتىسنىڭ ئۆيىدىن چىقىۋاتقىنىمنى كۆرسە، چوقۇم ماڭا يالا چاپلىماي قالمايتتى. ئۇ نامەلۇم ئادەم قانداق ئىشنىڭ مەن ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىش ئۇقمايدىغان مەندەك بىر نادان قىزغا قارىغاندا چوڭقۇر چۈشەنگەن ھەم كىشىلەرنى، جەمئىيەتنى چۈشەنمەيدىغان مەندەك بىر ياشنى بىلىپ - بىلمەي يامان ئاتاققا قالمىسۇن دەپ قوغداپ قالغانىكەن، ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ تۇرۇۋاتاتتىم.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىپتىكەنمەن، قەدىرلىك دوستۇم، بۇ غەلىتە ھەم نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەسمۇ؟ شۇ چاغدا بۇ ئىشىمدىن بەكمۇ نومۇس قىلىپ كەتكەچكىمۇ، ئۇنى چاپسانراق ئۇنتۇپ كېتىشنىلا ئويلاپتىكەنمەن، ئۇ ئادەمگە يۈرىكىمدىن چىقىرىپ بىر ئېغىز رەھمىتىمنى ئېيتماپتىكەنمەن ھەم ئاشۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پۈتكۈل ھاياتىمنى، تەقدىرىمنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ئۇ ئادەمنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن. مانا بۈگۈن ئۇ ئادەم ئالدىمدا ئولتۇرىدۇ، ئالدىدا بىر ئىستاكان پىۋا. ئۈزۈل - كېسىل ۋەيران بولۇپ كېرەكسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان، تىلەمچىلىك قىلىپ جان بېقىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى، بۇرۇن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، پەقەت مەنلا بىلىمەن، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى دۇنيادا بىلىدىغان ئادەممۇ مەن بولسام كېرەك. مەن ئۇنىڭغا بەكمۇ كۆپ، بەكمۇ كۆپ قەرزدار. بەلكىم ھازىر شۇ قەرزلەرنى قايتۇرىدىغان چاغدۇ. بىردىنلا يۈرىكىم تىنچلىنىپ بايىقىدەك ئۇنداق شىددەتلىك سوقۇپ كەتمىدى. پەقەت ئۇنىڭغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغىنىمدىن، شۇنچە ۋاقىت ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىنىمدىن ئازراق ئۇيىلاتتىم، ئۇ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتىدە ماڭا ئاجايىپ ئالىيجانابلىق كۆرسەتكەن مىسلىسىز بىر ياخشى ئادەم ئىدى.
ياتاقتىن چىقىپ رېستورانغا يەنە كىردىم، ئارىدىن ئون مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندۇ، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، قارتا ئويناۋاتقانلار داۋاملىق ئويناپ، غوجايىن ئايال بىر نەرسە ياماپ، دېھقانلار ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ غاڭزىلىرىدا تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. ئۇ ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ھالىتىنى بۇزماي ئالدىدا يېرىم ئىستاكان پىۋا، خىيال بىلەن ئولتۇرۇپتۇ. مەن شۇندىلا بۇ ئادەمنىڭ تېڭىرقاپ تۇرغان چىرايىدىن قانچىلىك دەرد - ئەلەملەرگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم، ساڭگىلاپ تۇرغان قاپاقلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرىدە نۇر دېگەن نەرسە يوق، شامالدارىپ مايماق كەتكەن ئاغزىدىن چەكسىز ئازاب، ئېغىر قايغۇ - ئەلەم چىقىپ تۇرۇپتۇ. بەئەينى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزى. ئىككى جەينىكىنى ئۈستەلگە قويۇۋالغان، بېشى ئالىقانلىرى ئارىسىدا، كۆزلىرىدىن ئېغىر ھارغىنلىق چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ چارچاشتىن كەلگەن ھارغىنلىق ئەمەس، كىشىلىك ھاياتتىن ھېس قىلىپ تۇرغان ھارغىنلىق، ئۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمايدۇ، قاراپ قويىدىغانمۇ ئادەم يوق، خۇددى پەيلىرى چۈشۈپ يالىڭاچلىنىپ قالغان، قاناتلىرىنى قېقىپ ئاسمان بوشلۇقىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىنى ئەسلەپ قەپەسنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۈگۈلۈپ ياتقان تاز قوتانغا ئوخشاش مىدىر قىلماي ئولتۇرىدۇ.
ئىشىك يەنە ئېچىلىپ ئۈچ دېھقان ئېغىر قەدەملىرى بىلەن گۈرسۈلدەپ مېڭىپ كىرىپ كەلدى ۋە كىرىپلا ئۈچ ئىستاكان پىۋا ئېلىپ، ئولتۇرغۇدەك جاي ئىزدەپ ئەتراپىغا قارىدى. «ماڭ نېرى!» دېدى ئۇلارنىڭ بىرى شتۇلسېنتالغا قوپاللىق بىلەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ. بىچارە شتۇلسېنتال بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا يالۋۇرغاندەك قاراپ قويدى. مەن ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ بۇنداق قوپال كەمسىتىشلىرىدىن بەكمۇ قاتتىق ھاقارەت سېزىدىغانلىقىنى، لېكىن ھەددىدىن زىيادە ھارغىنلىق ۋە نۇرغۇن قېتىملار كۆرگەن ھاقارەتلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۇ خىل ھاقارەت ۋە كەمسىتىشلەردىن قوغدىمايدىغان ھەم ئۇلار بىلەن شۇ تۈپەيلى تاكاللاشمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سەزدىم. نەتىجىدە ئۇ گەپ قىلماي بىر تەرەپكە ئازراق سۈرۈلدى، پىۋىسى تۈگىگەن ئىستاكاننىمۇ بىر تەرەپكە ئىتتىرىپ قويدى. غوجايىن ئايال باشقا مېھمانلارغا تولدۇرۇپ پىۋا ئەپكىلىپ تۇردى. مەن شتۇلسېنتالنىڭ باشقىلارنىڭ ئىستاكانلىرىدىكى پىۋىلارغا خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن ئادەمدەك قاراپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم. لېكىن ئوتتۇرىدا پەرۋاسىز مېڭىپ يۈرگەن غوجايىن ئۇنىڭ ئۈنسىز ئىلتىماسىنى زادىلا سەزمىگەندەك، ئۇنى جاۋابسىز قالدۇرۇۋاتاتتى. باشقىلارنىڭ سەدىقىسىگە بىر قېتىم ئېرىشتى، بولدى، يەنە چىقىپ كەتمەي ئولتۇرۇۋالسا ئۆزىنىڭ شورى. ئۇنىڭدا ئەمدى قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك كۈچنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم، ئۇ شۇنچە ياشقا كىرگەندە يەنە قانچىلىك ھاقارەت ۋە كەمسىتىشلەرگە ئۇچرايدۇ، بىلگىلى بولمايتتى.
دەل شۇ چاغدا كاللامغا بىردىنلا بىر خىيال كىرىپ، ئۇ خىيالىمدىن ئاجايىپ سۆيۈنۈپ كەتتىم. مەن ئۇنىڭغا بەكمۇ چوڭ ياردەم قىلالمايتتىم، بۇ ئۆزۈمگىمۇ مەلۇم ئىدى. قېرىپ ھالىدىن كەتكەن، ئىرادىسى سۇنۇپ ھېچ ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان بىر ئادەمنى ياشلىقىغا قايتۇرۇش قولۇمدىن كەلمەيتتى، ئەمما ئۇنى ئازراق بولسىمۇ قوغداپ قېلىپ، باشقىلارنىڭ كەمسىتىشلىرىدىن كېلىۋاتقان ئازابىنى يەڭگىللىتىشكە، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى بىر نەچچە ئېيىدا، بۇ چەت - ياقا كەنتتە ئازراق بولسىمۇ ئىززەت - ئابرۇيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچۈم يېتەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىچە ئۇ ئولتۇرغان ئۈستەلگە قاراپ ماڭدىم، ئۇ ئاشۇ دېھقانلارنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇ دېھقانلار مېنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغاكېلىۋاتقىنىمغا ھەيران قېلىپ، باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىشىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- مېنىڭ ئوردا ئارتىسى شتۇلسېنتال ئەپەندى بىلەن پاراڭلاشقۇم بار، −− دېدىم.
ئۇ مېنىڭ بۇ گېپىمگە ھەيران قېلىپ، خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك سىلكىنىپ كەتتى، ھەتتا كۆزلىرىنى يېپىۋالغان ئېغىر قاپاقلىرىمۇ كۆتۈرۈلۈپ، كۆزلىرىدە بىر خىل نۇر چاقناپ كەتكەندەك بولدى. ئۇ ماڭا قادىلىپ قالغانىدى، ئۇنى بىرسى بۇرۇنقى فامىلىسى بىلەن ئاتاۋاتاتتى، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئۇ فامىلىسىنى بىلىدىغان ئۆزىدىن باشقا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى، ئادەملەر ئۇنىڭ ئۇ فامىلىسىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كېتىشكەنىدى، مەن ئۇنى ئوردا ئارتىسى دەپ ئاتىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئوردا ئارتىسى بولۇپ باقمىغانىدى. شۇڭا بۇ تاسادىپىيلىقلار قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئورنىدىن دەررۇ تۇرۇشقا ئۆزىدە ئازراقمۇ كۈچ تاپالمىدى، خۇددى بۇمۇ بۇ خەقنىڭ بۇرۇنلا كېلىشىۋالغان مەسخىرىسىمىدۇ؟ دېگەن خىيال بىلەن ئەتراپىغا ئالاڭلاپ ئەنسىز قاراپ قويۇۋاتاتتى.
−− توغرا... بۇ... بۇ مېنىڭ ئىلگىرىكى فامىلەم ئىدى، −− دېدى ئۇ، ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزاتتىم.
−− شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا بەكمۇ خۇشالمەن... ھەم ئۆزۈمنى شۇنچىلىك شەرەپلىك ھېس قىلىۋاتىمەن، −− مەن ئەتەي ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ سۆزلىدىم، چۈنكى ھازىر قورقمايلا يالغان گەپ قىلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى قوزغاش كېرەك ئىدى، −− گەرچە مەن سىزنىڭ سەھنىدە ئوينىغان ئويۇنلىرىڭىزنى كۆرۈش بەختىگە ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن ئېرىمدىن سىز توغرۇلۇق نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىغانمەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا دائىم تىياتىرخانىغا بېرىپ سىزنىڭ ئويۇنىڭىزنى كۆرۈپ تۇراتتىكەن، مەن ئويلايمەن، ئۇ دەل سىزنىڭ ئىنسبروكتىكى ۋاقتىڭىز بولسا كېرەك...
−− شۇنداق، ئىنسبروكتىكى ۋاقتىم، مەن ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرغان، −− ئۇنىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ ئاجايىپ جانلىنىپ كەتتى، ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش ئويۇمنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ بولغانىدى.
−− قەدىرلىك ئوردا ئارتىسى ئەپەندى، ئۇنىڭ سىز توغرۇلۇق ماڭا قانچىلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىدىن سىزنى قانچىلىك دەرىجىدە تەپسىلىي چۈشەنگەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايسىز. ئاھ، ئەتە مەن ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، سىزنى مەشەدە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشكىنىمنى دەيمەن، ئۇ چوقۇم ماڭا ھەۋەس قىلىپ كېتىدۇ. بىلەمسىز، ئۇ ھازىرغىچە سىزگە چوقۇنىدۇ. ئۇ ماڭا دائىم گىراف پوشتانى ئۇنىڭدەك ئويناپ چىقىدىغان ئارتىس تېخى دۇنياغا كەلمىدى، كائېنىستمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ دەيتتى. سىز ئوينىغان ماكس پېكلومىن بىلەن لېئوندېرنىڭرولىنىمۇ ھازىرغىچە سىزدەك ئوينىغانلىرى چىقماپتۇ. ئېرىم كېيىن لېيېزىگقا مەخسۇس سىزنىڭ ئويۇنىڭىزنى كۆرگىلى بېرىپتۇ، لېكىن سىز بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ. ئۇ سىزنىڭ شۇ چاغدىكى سۈرەتلىرىڭىزنى ھازىرغىچە ساقلاۋاتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىڭىز يېتىپ بىزنىڭ غېرىبخانىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغان بولسىڭىز، سۈرەتلىرىڭىزنى قانچىلىك قەدىرلەپ ساقلاۋاتقانلىقىمىزنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرەتتىڭىز. ئېرىم سىز توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلايدىغان بولسا خۇشاللىقىدا قىن - قىنىغا پاتماي كېتىدۇ. ئەگەر ماڭا ياردەم قىلىشنى خالىسىڭىز، ئېرىمگە ئىككى ئېغىز سالىمىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز، قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ يەردە سىزنى ئۇچراتقىنىمنى ھەم سىزنىڭ سالىمىڭىزنى ئۇنىڭغا يەتكۈزسەم... سىزگە مالاللىق يەتكۈزۈپ قويدۇممۇ قانداق؟ بىلەلمەي تۇرۇپتىمەن، مېنىڭ ئۈستىلىمگە بېرىپ ئولتۇرۇشنى خالامسىز - يا.
ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر نەچچە دېھقان ماڭا قاراپلا قالدى ۋە ئىختىيارسىز ھۆرمەت بىلەن نېرى سۈرۈلۈپ ماڭا ئورۇنمۇ چىقىرىپ بەردى. ئۇلار نېمىشقىدۇر خاتىرجەمسىزلىنىشكە باشلاۋاتاتتى، بەزىلىرى ھەتتا قىلغانلىرىغا نومۇس قىلىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار بۇ ئادەمنى ھازىرغىچە قەلەندەر كۆرۈپ كەلگەن، ئارىلاپ بىرەر ئىستاكان پىۋا سەدىقە قىلىشىپ مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكەنىدى. مېنىڭدەك بىر يات ئايالنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچىۋالا ھۆرمەت كۆرسىتىپ كەتكەنلىكى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى بۇ بوۋايغا قارىتا تۇنجى قېتىم ھۇي، بۇ چوڭ ئادەم ئوخشايدۇ جۇمۇ، بۇ يەردىن باشقا يەرلەردىكىلەر ئۇنى تونۇيدىكەن، ھەتتا چوقۇنىدىكەن دېگەن ئويغا سېلىپ قويغانلىقى ئېنىق ئىدى، ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىزلىنىشلىرىمۇ شۇنىڭدىن ئىدى. مېنىڭ ئۇنىڭغا ئەتەي ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن گەپ قىلىشلىرىم، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى شەرەپلىك ھېس قىلغانلىرىم بارغانسېرى كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
−− ھۇي، تەكلىپ قىلغاندىكىن بېرىڭ، −− دېدى يېنىدا ئولتۇرغان بىر دېھقان ئۇنى ئالدىرىتىپ.
ئۇ ئورنىدىن تۇردى ۋە خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تېپىرلاپ تۇرالماي قالدى.
−− خۇشاللىق بىلەن... خۇشاللىق بىلەن، −− دېدى ئۇ كېكەچلەپ كېتىپ.
ئۇنىڭ قىن - قىنىغا پاتماي قېلىۋاتقان خۇشاللىقىنى ئاران بېسىپ تۇرۇۋاتقانلىقى تۇرقىدىن مەلۇم ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە تاسادىپىي تۇيۇلغانلىقىنى باشقىلار ئالدىدا چاندۇرماسلىق، بۇنداق گەپلەرنىڭ تولا ئاڭلاپ كەتكەن ئادەتتىكى گەپلەر ئىكەنلىكىنى، بۇنداق تەكلىپلەر، بۇنداق چوڭ بىلىشلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەسلىكىنى ئەتراپىدىكىلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئۆزى قاتتىق ئېلىشىۋاتاتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق خىيالدا تىياتىرخانىدىكى مەغرۇر قىياپىتى بىلەن ئاستا مېڭىپ مېنىڭ ئۈستىلىمگە كەلدى. مەن ئۈنلۈك سۆزلەپ:
−− ئوردا ئارتىسى ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىم ئۈچۈن بىر بوتۇلكا ئالىي دەرىجىلىك ۋىنو كەلتۈرۈلسۇن! −− دەپ بۇيرۇدۇم.
يەنە بىر ئۈستەلدە قارتا ئويناپ ئولتۇرغانلارمۇ باشلىرىنى كۆتۈرۈپ بىز تەرەپكە قاراپ بىر - بىرى بىلەن پىچىرلىشىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ، بىزنىڭ بۇ شتۇلسېنتالىمىز راستتىنلا ئەلگە مەشھۇر ئوردا ئارتىسىمىدۇ؟ شەھەردىن كەلگەن بۇ ناتونۇش ئايالنىڭ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كېتىۋاتقىنىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئادەم ئىكەنلىكى راست ئوخشىمامدۇ؟ غوجايىن ئايال دەررۇ بىر بوتۇلكا ۋىنو ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى، ئۇ تولىمۇ ھۆرمەتچان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئەلپازى يوق ئىدى.
كېيىنكى بىر سائەت ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، مەن ئۈچۈنمۇ تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بولدى. ئۇ توغرۇلۇق بىلىدىغانلىرىمنى ئېرىم ماڭا دەپ بەرگەن دەپ تۇرۇپ بىرىنى قويماي سۆزلەپ بەردىم. مەن ئۇ ئوينىغان ھەر بىر رولنى ئوبدان بىلەتتىم، ئۇنىڭغا باھا بېرىپ ئوبزورلارنى يازغان ئوبزورچىلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ، ئۇلار يازغان ئوبزورلارنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ ماڭا يادا ئىدى. ئۇ ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا خۇدىنى يوقىتىپ قوياي دېدى. بىر قېتىم داڭلىق ئارتىس موۋاس كېلىپ ئويۇن قويغان، ئويۇن تۈگەپ تاماشىبىنلارغا رەھمەت ئېيتقىلى چىققاندا سەھنىگە ئۆزى يالغۇز چىقىشنى رەت قىلىپ، بۇ ئادەمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئاچىققان ھەم ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، بىر - بىرىمىزنى »سەن«لىشەيلى دەپ تەكلىپمۇ بەرگەنىدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇ خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھەيران قېلىپ، بۇ ئىشلارنى سىز نەدىن بىلدىڭىز؟ دەپ سورىدى. ئۇ ئۆزىنى ئاللىبۇرۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن قالدىم، ئۇنتۇلۇپ كەتتىم، كىشىلەر مېنى گۆرگە تىقىۋەتتى، دەپ يۈرگەندە بىر قول كېلىپ ئۇنى شۇ گۆرنىڭ ئىچىدىن تارتىۋېلىپ بۇرۇن قازىنىپ باقمىغان ئاجايىپ زور شان - شەرەپلەر بىلەن كۆككە كۆتۈرۈۋاتاتتى. ئۆزىنى ئۆزى ئالداش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش، ئۇ مۇشۇنداق بىر روھىي ھالەت ئىچىدە تۇرۇۋېتىپ، بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭمۇ خېلى كۆپ شان - شەرەپلەرنى قۇچقانلىقىغا ئىشىنىپ تۇراتتى، بۇ ئىشەنچىسى خېلىلا كۈچلۈك ئىدى.
−− ھەي، ئۇ ئىشلارنى سىزمۇ بىلىدىكەنسىز، مەن ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىم، −− دېدى ئۇ ھەدېسىلا چوڭقۇر تىنىپ تۇرۇپ. مەن ئۇنىڭ ھاياجىنىنى بار ئاماللار بىلەن بېسىپ سىرتقا چىقارمايۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئولتۇراتتىم، ئۇ بىر نەچچە قېتىم يانچۇقىدىن كىرلىشىپ كەتكەن قول ياغلىقىنى چىقىرىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ بۇرنىنى سۈرتكەندەك قىلدى، ئۇ ئەمەلىيەتتە قورۇق باسقان تاتىراڭغۇ مەڭزىلىرىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشۈۋاتقان يېشىنى سۈرتۈۋاتاتتى، مەن كېسەل چىرمىۋالغان بۇ بوۋاينى ئۆلۈم ئالدىدا بەختلىك قىلالىغىنىم، خۇشاللىققا چۆمدۈرەلىگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك راھەت ھېس قىلىشقا باشلىدىم، ھاياجاندىن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ تۇراتتى.
ئىككىمىز ئۆزىمىزنى ئۇنتۇغان ئالەمچە بىر خۇشاللىق ئىچىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ سائەتنىڭ ئون بىردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قاپتۇق. بىر چاغدا ساقچى باشلىقى تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن يېنىمىزغا كېلىپ، ئەدەپ ۋە تەكەللۇپ بىلەن ھەربىي ھالەت باشلىنىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. بوۋاي خۇددى ئەرشتىكى مۆجىزىلەر يەر يۈزىگە چۈشۈۋاتقاندەك، تېخىچە شۇ ھەيرانلىقى ئىچىدە ئولتۇراتتى. يەنە بىر نەچچە سائەت كىشىلەرنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ خىيالىي دۇنيا ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرۈشنى ئويلايتتى، لېكىن ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە ساقچى باشلىقىنىڭ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى سېزىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم - دە، كۆپچىلىككە قاراپ:
−− ئەپەندىلەر، مالال كۆرمىسەڭلار، بىزنىڭ بۇ ئوردا ئارتىسىمىزنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان بولساڭلار، −− دېدىم.
−− باش ئۈستىگە! دېيىشتى ھەممەيلەن بىردەك. ئاندىن بىرەيلەن ئۇنىڭ كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن شىلەپىسىنى ئېلىپ بەردى، يەنە بىرەيلەن يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويدى. مەن مۇشۇ مىنۇتتىن باشلاپ ھېچكىمنىڭ ئۇنى ئىككىنچى مەسخىرە قىلمايدىغانلىقىنى، كەمسىتمەيدىغانلىقىنى، رەنجىتمەيدىغانلىقىنى ئويلىدىم، بىچارە بوۋاي! ئۇ بىزنىڭ ياشلىق دەۋرىمىزدىكى بەختىمىز ھەم ئازابلىرىمىز ئەمەسمىدى!
ئۇ ئاخىردا خوشلىشىدىغان چاغدا باياتىندىن بېرى بار ئامالى بىلەن ساقلاپ كېلىۋاتقان غۇرۇرىنى يەنە داۋاملىق ساقلاپ قالالمىدى، قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەچكىمۇ، ئۆزىنى باسالماي كۆزلىرىدىن تۇيۇقسىز قورۇق باسقان ھارغىن يۈزىنى بويلاپ تاراملاپ ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى، خوشلىشىش ئۈچۈن قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇۋالغان قوللىرى توختىماي تىترەيتتى.
−− ئاھ، ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان خانىم، −− دەيتتى ئۇ، −− ئېرىڭىزگە سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ. ئۇنىڭغا دەڭ، مەن قېرى شتۇلنېستال تېخى ھايات، بىر كۈنلەردە قايتا سەھنىگە چىقىپ ئۆزۈمنى يەنە كۆرسىتىپ قويۇشۇم مۇمكىن. سالامەتلىكىمنى يەنە ئەسلىگە كەلمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
ئىككى ئەر كىشى ئۇنى ئىككى تەرىپىدىن يۆلەپ ماڭدى. لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ يۆلىگىنىگە قارىماي گەۋدىسىنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر مېڭىۋاتاتتى. يېڭى پەيدا بولغان بىر خىل شىجائەت ھالىدىن كەتكەن بۇ بوۋاينى قايتا جانلاندۇرۇۋەتكەندەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بىر خىل كۆتۈرەڭگۈلۈكنى سېزىپ تۇرۇۋاتاتتىم. ئۇ ھاياتقا يېڭى قەدەم تاشلىغان كۈنلىرىمدە ماڭا ياردەم قولىنى سوزغانىدى، بۈگۈن ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، مەنمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قولۇمنى سوزدۇم، مەن كونا قەرزىمنى ئۈزۈپ بولغانىدىم.
ئەتىسى ئەتىگەندە غوجايىن ئايالغا ئۆزرەمنى قويۇپ، تاغ شامىلىنىڭ تازا ياقمىغانلىقىنى، قايتىپ كەتمىسەم بولمايدىغانلىقىنى دېدىم. ئاخىردا ئۇنىڭغا ئازراق پۇل قالدۇرۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ ئۇ بوۋاي قانچە ئىستاكان پىۋا ئىچىشنى خالىسا شۇنچە ئىستاكان پىۋا بېرىشنى ئېيتىۋېدىم، سەھرالىقلارغا خاس بىر خىل مەردانە جاۋابقا ئېرىشتىم، غوجايىن ئايال ماڭا پۇلىڭىزنىڭ كېرىكى يوق، سىز دېگەندەك قىلىش مېنىڭمۇ قولۇمدىن كېلىدۇ. كەنتتىكىلەردىن ھېچقايسىمىز بۇ ئەپەندىنىڭ بۇنچىلىك ئۇلۇغ شەخس ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمىز، ھەممىمىز ئۆزىمىزنى شۇنچىلىك شەرەپلىك ھېس قىلىۋاتىمىز، كەنت باشلىقى بۈگۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئايدا يەنە ئازراق پۇل قوشۇپ بېرىدىغان بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىمىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ ئادەمگە قىزغىن ھېسسىياتىم بىلەن بىر پارچە تەشەككۈر خېتى يېزىپ قالدۇردۇم، خېتىمدە ئۇنىڭ ماڭا پۈتۈن بىر كېچىلىك ۋاقتىنى بەرگەنلىكىگە، ھېسابسىز ئاق كۆڭۈللۈكىگە تەشەككۈر ئېيتقانىدىم، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇ خېتىمنى كۈرمىڭ قېتىم ئوقۇيدىغانلىقىنى، باشقىلارغىمۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمدى ئۇ بۈگۈندىن باشلاپ تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە ئۆزىنىڭ شان - شەرەپلىرىنىڭ خىيالىي دۇنياسى ئىچىدە ياشايدۇ.
دەم ئېلىشتىن شۇنچە تېز قايتىپ كەلگىنىمدىن ئېرىم بەكمۇ ھەيران قالدى. ئۆيدىن ئايرىلىپ ئىككى كۈن ئىچىدە چىرايىمنىڭ نۇرلىنىپ، كەيپىياتىمنىڭ جانلىنىپ بۆلەكچىلا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران بولدى ۋە مۆجىزە خاراكتېرلىك دەم ئېلىش بوپتۇ دەپ خۇشالمۇ بولدى. لېكىن مەن بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىن ھېچقانداق غەيرىيلىك تاپالمىدىم، ھېچقانداق نەرسە ئادەمنى بەختكە ئوخشاش ساغلاملىققا ئېرىشتۈرەلمەيدىكەن ھەم باشقىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىنمۇ بەختلىك ئىش بولمايدىكەن.
شۇنداق قىلىپ مەن ساڭا قىز ۋاقتىمدا بوغۇلغان كۆڭۈل قەرزىمنىمۇ تۆلەپ بولدۇم، ھازىر سەن پېتېر شتۇلسېنتالنىڭ بارلىق ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتىڭ، دوستۇڭنىڭ شۇ چاغدىكى ئەڭ ئاخىرقى سىرىنىمۇ بىلىپ بولدۇڭ.

-دوستۇڭ مارگارتتىن.

خەنزۇچە «ستېفان زىۋىگ ھېكايە-پوۋېستلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى