ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ياشاشنىڭ قاتلىمى

ياشاشنىڭ قاتلىمى

ۋاقتى: 2016-10-13 ئاۋاتلىقى: 3355 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گو پېييۈن
تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

يېتەكلىمە
ئادەم ياشىغان ئىكەن ئىككى خىل ئەھۋال بولىدۇ، بىرى ئالدىراشچىلىق بىلەن ياشاش ياكى ئالدىراشچىلىق بىلەن ئۆلۈپ كېتىش. ئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ ياشىشىنىڭ ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ بىر خىللا ئەمەس، ئۈچ قاتلام بولۇشى مۇمكىن: ياشاش --- ئىززەت-ئابرۇي بىلەن ياشاش --- چۈشىنىپ ياشاش
1. ياشاش
بۇ ئادەتتىكى قاتلامدىكى ياشاش ياكى مەۋجۇتلۇق بولۇپ، بۇ خىل ياشاشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار.
بىرىنچى خىل ئەھۋال، پۈتۈن ھاياتى يېيىش، كىيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن ئالدىراشلا ئۆتۈپ كېتىش. يەنى ياشانغانلارنى بېقىش، بالىلارنى تەربىيەلەش، ئائىلىنى قامداش، ھەر كۈنى كىيىش، يېيىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرەپلا ئۆتۈش. پەقەتلا ياشاش ئۈچۈنلا تىركىشىش. ئالدىراشچىلىقنىڭ نەتىجىسى ئاران دېگەندە قورساقنى تويغۇزۇش، ھەتتا تويۇنۇش بىر خىل ئىستەك ۋە ئارزۇغا ئايلىنىپ، ھاللىق تۇرمۇش ئۇلار ئۈچۈن يەتكىلى بولمايدىغان غايىدىنلا دېرەك بېرىدۇ.
دۆلىتىمىز ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئېيتساق، بۇ خىل قاتلامدا تۇرغۇچىلار دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى توپىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇلار ئىسلاھات مەنپەئەتدارلىرى ئەمەس، بەلكى قۇربانلىرىدۇر. كارخانىلارنىڭ تۈزۈم ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ئۇلار ئىش ئورنىدىن قالدى، ئۇلار بىساتىدىن ئايرىلدى، ئۇلار ئىشسىز قالدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداشقا مەجبۇرى بولدى.
ئۇلار يوقسۇللۇققا مەھكۇم بولدى، پەقەت ئىتائەتچانلىق ئۇلارنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىدۇر، ئۇلار ھېچكىمدىن ئاغرىنمايدۇ ھەم ئاغرىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۇلار ھەتتا قارشىلىق قىلمايدۇ، ھەتتا قارشىلىقنىمۇ چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۈچلۈك ھاياتلىق كۈچىگە ئىگە.
«ياشاش» بۇ توپ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى، ئۇلار پىرامىدانىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمىدا بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىنتايىن چوڭ.
ئۇلار خۇددى ئىشچى ھەرىگە، چۈمۈلىگە ياكى ئۇرۇق (شاھمات ياكى دامكىنىڭ)غا ئوخشايدۇ، ئالدىراشچىلىقى چەكسىز، جاپالىق تىرىشىدۇ، ئەمما نامسىز كىشىلەردۇر.
ئۇلار «ئىختىساسلىقلار» ئەمەس، بەلكى «ئادەم كۈچى»، ئۇلار «ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار» ئەمەس، بەلكى «ئەمگەك قىلغۇچىلار»دۇر.
جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ياكى بولماسلىقى بەرىبىر، ھېچكىم ئۇلارغا دىققەت قىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۇلار ھېچكىمگە دىققەت قىلمايدۇ. ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئەمما، ئۇلار جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسىي تەركىبى قىسمى، ئۇلار بولمىسا، پۈتۈن جەمئىيەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ھەتتا يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئىككىنچى خىل ئەھۋال، تۇرمۇش ئۈچۈن ئالدىراش ئەمەس، ھەتتا ئۇلار ماددىي جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى كاپالەتكە ئىگە. ئەمما ئۇلار پەقەت فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىلا ياشايدۇ، ياكى بىر خىل مەۋجۇتلۇق خالاس.
ئۇلارنىڭ قىلچە قايغۇسى يوق، ھېچنېمىگە تارتىشمايدۇ، ھېچقانداق قىزىقىشى يوق، ھېچنېمىگە قىزىقمايدۇ، كۈنبويى ھېچ ئىش قىلمايدۇ، ھېچنېمىنى قىلىشنى ئويلىمايدۇ.
بۇ خىلدىكى كىشىلەر «ئۆلۈمدىن ھۇرۇنلۇق ئەلا» دېگەنگە ئەقىدە قىلغان بولۇپ، بىر كۈنى ئۆتسە شۇنىڭغا خوش، بۈگۈن ئەتىنىڭ قانداقلىقىنى ئويلاشمايدۇ؛ ئۇلار خۇددى سەكراتتا جان تالىشىۋاتقاندەك، ھېچنېمىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھېچنېمىدىن زوق ئالالمايدۇ.
بۇ خىل ئادەملەر ھەمىشە ئۆزىچە بۇ «يېڭى ئېقىم»، «ئالدىنقى سەپ»، «دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش» دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا جېدەل-ماجىرانىڭ يىلتىزى بولۇپ، ئائىلىسىنى ھاردۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

2. ئىززەت-ئابرۇي بىلەن ياشاش
ئىززەت-ئابرۇي دېگەن نېمە؟ ئىززەت-ئابرۇي دېگەن شەرەپ؛ ئىززەت-ئابرۇي ئۆزىنى چوڭمۇ تۇتماسلىق، پەسمۇ تۇتماسلىق، مەرد-سېخىيلىق، ئالىيجاناپلىقتۇر.
ئىززەت-ئابرۇي شاللاقلىق ئەمەس، سەتچىلىككە قېلىش ئەمەس، چۈپەيلىك ئەمەس، شەرمەندىچىلىك ئەمەس، ئوڭايسىز ئەھۋالغا قېلىش ئەمەس، رەزىللىك ئەمەس.
ئىززەت-ئابرۇي ھەرگىزمۇ كىيىم-كېچىكى ھەشەمەت بولۇش ئەمەس، سۆلەتۋازلىق ئەمەس، شۆھرەتپەرەسلىك ئەمەس، ماددىي قاتلامدىكى نەرسە ئەمەس.
ئىززەت-ئابرۇي بىر خىل تۇيغۇ، بىر خىل ھۆرمىتىنى ساقلاشقا ئۈندەيدىغان ھېس-تۇيغۇ.
ئىززەت-ئابرۇي «قالتىس بولۇۋېلىش» ئەمەس، جار سېلىش ئەمەس، ئۆزىنى كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئۆزىگە ئىشىنىش، بىر خىل سالماقلىق، بىر خىل ئالىيجاناپلىق، غۇرۇرلۇق بولۇشنىڭ بىر خىل تاشقى ئىپادىلىنىشى ۋە تەبىئىي كۆرۈنۈشى.
ئىززەت-ئابرۇي بىلەن ياشاش--سالاپەتلىك ياشاش، ھۆرمىتىنى ساقلاپ ياشاش، قىممىتىنى ساقلاپ ياشاش، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ ياشاش، قائىدە-يوسۇنغا ئەمەل قىلىپ ياشاشتۇر.
ئەڭ ئەقەللىيسى، غۇرۇرى بولۇش، يۈزى سۆرۈن بولماسلىق، تىلى تۇتۇق بولماسلىق، يۈك بولۇپ قالماسلىق، مۇستەقىل ياشاشتۇر. باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ئىچ ئاغرىتىشىغا موھتاج بولماسلىق، باشقىلارنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج بولماسلىق، باشقىلارنىڭ سەدىقىسى ۋە قۇتقۇزۇشىغا تېخىمۇ موھتاج بولماسلىق.
ئەمەلدار بولۇش ئىززەت-ئابرۇيغا، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدىغان، باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ياخشى ئىش. ئەمما ئىززەت-ئابرۇيلۇقمۇ ئەمەسمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئەمەلدار بولغان-بولمىغانلىقىغا باغلىق ئەمەس.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەمەلدار بولۇش ئىززەت-ئابرۇيدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەمەلدار بولماسلىقمۇ ئوخشاشلا ئىززەت-ئابرۇيى يوقلۇقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
ھەمىشە بەزىبىر ئەمەلدارلارنىڭ سەھنىلەردە ئاجايىپ ياخشى سۆزلىگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بولسا سۆزى بىلەن قىلمىشى بىردەك ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ تۇرىمىز؛ ئەمەلدارلىق ئورنىدىكى ۋاقتىدا سۈر-ھەيۋىسى تەڭداشسىز، نەپسى يامانلىقتىن يىراق ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىنكى ھالىتىنى ئويلىساق، بۇنى ئىززەت-ئابرۇي دەمدۇق؟
بەزىلەر ئەمەلدار بولغاندىن كېيىن، كۈنبويى كۆرەڭلەپ كېتىدۇ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئورىۋېلىنىدۇ، خۇددى ئىنتايىن «ئىززەت-ئابرۇيلۇق»تەكلا. ئەمما ئۇلار يۇقىرىدىكىلەرنى كۆرسە ئۇلارغا يالاقچىلىق قىلىپ، قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ قىلغىلى ئىش تاپالماي قالىدۇ. خۇددى ئەرمەك ھايۋاننىڭ ئۆزىلا. بۇ خىل ئەھۋالنى ھەرگىزمۇ ئىززەت-ئابرۇيلۇق دېگىلى بولماس؟
بەزىلەر ئەمەلدار بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىشىنى جايىدا قىلىپ، ھەتتا باشقىلاردىن تېخىمۇ ياخشى قىلىدۇ؛ ياكى بىرەر ساھەدە ئالاھىدە نەتىجە قازانغانلىقى سەۋەبلىك باشقىلار تەرىپىدىن ئالقىشلىنىپ، باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ، باشقىلارنىڭ ھىمايىسىگە ئۇچرايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەقىلنى لال قىلىدىغان نەتىجىلىك ئىشلىرى بىراقلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بەلكىم دائىم مۇنازىرە قىزىق نۇقتىسى ياكى كۆرەلمەسلىك فوكۇسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنى تولىمۇ ئىززەت-ئابرۇيلۇق دېيىشكە بولىدۇ.
ئەگەر باشقىلارغا، جەمئىيەتكە ئازراق بولسىمۇ تۆھپىسى بولسا، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتى بولسا، ئورنىنى باسىدىغانلار بولمىسا، بۇنى تېخىمۇ ئىززەت-ئابرۇيلۇق دېيىشكە بولىدۇ.
ئىززەت-ئابرۇي پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما ئىززەت-ئابرۇيلۇقمۇ ئەمەسمۇ، ھەرگىزمۇ پۇلى كۆپمۇ-ئازمۇ دېگەنگە باغلىق ئەمەس.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، نۇرغۇن پۇلى بولۇش ھەرگىزمۇ ئىززەت-ئابرۇيغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، نۇرغۇن پۇلى بولماسلىقمۇ ھەرگىز ئىززەت-ئابرۇيى يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
ھەمىشە خەۋەرلەردە، دۆلىتىمىزنىڭ «ئاۋۋال بېيىش»تىن مەنپەئەت ئالغان ئاشۇ بىر قىسىم كىشىلەرنى خەۋەر قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ پۇلنى سورۇپ خەجلەۋاتقانلىقىنى، مەغرۇرانە ئىشلىرىنى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان قىلمىشلىرى خەۋەر قىلىنىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
بىر ئوقۇغۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى بىراقلا ئىش ئورنىدىن قېلىپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ياۋا كۆكتات يىغىپ، ئەسكى-تۈسكىلەرنى يىغىپ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى، مانا بۇنى ئىززەت-ئابرۇي دەيمىز.
بىر رىكشىچى دوستىمىزمۇ دەل مېنىڭ ئوقۇغۇچۇمنىڭ دادىسى بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، كەچ قايتىپ ئىشلەپ، بوران-يامغۇردىمۇ ئىشنى ئاقساتماي، بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى، بۇ جەرياندا ھېچكىمگە يېلىنماي كەلدى، مانا بۇنىمۇ ئىززەت-ئابرۇي دەيمىز.
توردا بىر قېرى ئايالنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تىلەمچىلىك بىلەن ئۆتكەن تۇرۇقلۇق، ئۇ يەنە بىر يۈەن پۇلنى يول ياقىسىدىكى ئەما تىلەمچىنىڭ قۇتىسىغا سېلىپ قويغىنىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئاشۇ پۇلنى قويغاندىكى ھەرىكىتى مېنى تەسىرلەندۈردى، بارلىق تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى. ئاشۇ دەقىقە مەڭگۈ قەلبىمدە ئورناپ قالدى. مەن ئۇنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىدە، روھىدا ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ قانداقلىقىدا ئەمەسلىكىنى، ھەتتا پۇت-قولىنىڭ ساق-ساق ئەمەسلىكىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىساق، ئىززەت-ئابرۇيلۇقمۇ ئەمەسمۇ بۇ ھەرگىزمۇ سالاھىيىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پۇلىنىڭ كۆپ-ئازلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، تەقى-تۇرقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. باي بولسىمۇ مەغرۇرلانمىسا ئىززەتلىك بولىدۇ؛ ئەمەلدار بولسىمۇ گىدىيىۋالمىسا ئىززەتلىك بولىدۇ؛ نامرات بولسىمۇ، چاكىنىلاشمىسا ئىززەتلىك بولىدۇ؛ مېيىپ بولسىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىسا ئىززەتلىك بولىدۇ.
ئىززەت-ئابرۇي ئالىيجاناپلىقتۇر. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت نورمال ئادەم بولسىلا، ھېچكىممۇ ئىززەت-ئابرۇيدىن بىزار بولمايدۇ، ئىززەت-ئابرۇينى رەت قىلمايدۇ، ھەممىسى ئىززەت-ئابرۇيلۇق ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ھاياتىڭىز ئىززەت-ئابرۇيلۇقمۇ ئەمەسمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز دېگەنگە ھېساب بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى باشقىلار تەرىپىدىن باھالىنىدۇ. مېنىڭچە، ھەممىمىز ئۆزىمىزنى سورىساق، ئۆزىمىزنى ئىززەت-ئابرۇيلۇق قىلىپ چىقالايمىز.
3. چۈشىنىپ ياشاش
چۈشىنىپ ياشاش روھى قاتلامدىكى ياشاش بولۇپ، ئېتىقاد بىلەن، ئىنتىلىش بىلەن، ئېنىق چۈشىنىپ ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىنىڭ كىم؟ نېمە ئۈچۈن تۇغۇلغان؟ شارائىتى قانداق؟ ياشاش مەقسىتى نېمە؟ بۈگۈنگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىش ۋە بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش، ئەڭ ئاخىرى قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىش، ھاياتىنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمەي ياشاشنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەمدە ھېچ بولمىغاندا ئېتىقاد بولۇشى، ئىنتىلىش بولۇشى كېرەك.
ئېتىقاد ئادەمنىڭ روھى تۈۋرۈكى، ئېتىقادى يوق كىشىنىڭ قەلبى پۈچەك، قۇرۇق بولىدۇ. بۇ خۇددى پولات سىم كەم قالغان سېمونت قاتۇرمىسىغا ئوخشايدۇ.
ئېتىقاد بولغاندا ئاندىن ئالىيجاناب بولغىلى بولىدۇ. ئېتىقاد بولۇش، ئىنتىلىش بولۇش، غايە بولۇش، كەسىپ بولۇشى كېرەك. ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كەسپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇشى كېرەك. ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىھات بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ روھى تۇرمۇشى مەنىلىك، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايدۇ، زېھنىنى ئىسراپ قىلمايدۇ، ھەر كۈنى ئۆزى قىلىشنى ئويلىغان ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان كەسىپنى قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىق دىنى زاتلاردىن باشقا، يەنە قەدىمدىن تارتىپ نۇرغۇن ئاقىللارمۇ ئۆزى چۈشىنىپ ياشاۋاتماقتا.
مەسىلەن ھەر خىل ئالىيجاناب «مەسلەك»نىڭ ئېتىقادچىلىرى--ئىنقىلاب قەھرىمانى لى داجېن، چېن دۇشىيۇ، چۈ چىيۇبەي، سۈن جۇڭشەن، دېڭ يەندا، لىياۋ جۇڭكەي، خې شىياڭيى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چۈشىنىپ ياشىغانلاردۇر.
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا، تاۋ يۈەنمىڭمۇ غۇرۇر، ۋىجدان بىلەن ياشىغان. سۇ ۋۇمۇ چۈشىنىپ ياشىغان؛ ئۇ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، شىمالى دېڭىزدا 10 يىل قوي بېقىشنى خالىمىغان ھەم ھونلارغا تەسلىم بولمىغان؛ لى بەي چۈشىنىپ ياشىغان، ئۇ ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى بولغانكى، ھەرگىزمۇ ئاشۇ ھوقۇقدارلارغا لەببەي دەپ ياشاشنى خالىمىغان؛ دۇ فۇ چۈشىنىپ ياشىغان، ئۇ چوڭ ئايۋان-سارايلاردا ھەشەمەت بىلەن ياشاشتىن، ئاشۇ نامرات-يوقسۇل كىتابخۇمار خەلقنى ھىمايە قىلىشنى ئەۋزەل كۆرگەن، نېمىدېگەن ئالىيجاناب خىسلەتلەر ھە! تىيەن ۋېنشىياڭ چۈشىنىپ ياشىغان، ئۇ ھاياتىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى خاتىرىلەشكە سەرپ قىلغان؛ لۇ شۈن چۈشىنىپ ياشىغان، ئۇ دۈشمەنگە قەتئىي شەپقەت قىلماستىن، خەلققە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلغانلىقى مەڭگۈ ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنىپ ياشىغان...
بۇ كىشىلەرنىڭ غۇرۇرى، ئىرادىسى، ئادىمىيلىكى، كۈچلۈك ئىنتىلىش روھى، يەنە نەچچە مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ، ياق، پەقەت ئىنسانلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن، مەڭگۈ داۋاملىشىپ، كىشىلەرنىڭ روھىغا سىڭىدۇ.
چۈشىنىپ ياشىماق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن «چۈشىنىش»نىڭ نېمىلىكىنى بىلىش كېرەك. «چۈشىنىش» دېگەن نېمە؟ يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھاياتلىقتا ئىككى ماھىيەتلىك مەسىلە بار---«قانداق ياشاش كېرەك؟» ۋە «قانداق ئۆلۈش كېرەك؟» مەسىلىسىنى چوقۇم ھېس قىلىش كېرەك. بۇ ئىككى مەسىلىنى ھېس قىلىپ يەتكەندىلا، ئاندىن ھاياتنىڭ مەنىسى بولىدۇ. ئاندىن ياشامنىڭ قاتلىمى بويىچە ياشىغىلى بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى چۈشىنىپ ياشىغانلاردىن، مەيلى چوڭ زاتلار بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن، ھەممىسىدە بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆز بولۇپ، ھەممىسى بۇ ئىككى مەسىلىنى ناھايىتى ئېنىق، ماھىيىتىدىن چۈشىنىپ يەتكەن.
ھاياتلىق مۇقەددەستۇر. ھاياتقا بىھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا بولمايدۇ، ھاياتنى ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ. چۈشىنىپ ياشىغاندا نامى مەڭگۈ ساقلىنىدىغان بولۇپ، چۈشەنمەي ياشىغاندا، سېسىق نامى تارايدۇ. ئەپلەپ-سەپلەپ ياشىغاندا بولسا ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمايلا قالماستىن، نامسىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ھايات بىزگە بىرلا قېتىم كەلگەن ئىكەن، ئۇنى قەدىرلىشىمىز، چۈشىنىپ ياشىشىمىز كېرەك.

ئەسلى ئەسەر ئادرېسى:

http://blog.sina.com.cn/s/blog_6e54827501018eoy.html

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى