ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى تەھرىرلىك ۋە تەھرىرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەققىدە

ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى تەھرىرلىك ۋە تەھرىرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-10-31 ئاۋاتلىقى: 2042 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان مەترزوى ئىلقۇت
ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئىنتېرنېتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن قولايلىقلار كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ ھەم تارىختا بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە ئالاھىدە يۇقىرى پەللىگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ توردا كىتاب ئوقۇش، ئىنتېرنېتتىن مەنىۋى ئوزۇق ئىزدەش ئېھتىياجىمىزمۇ كۈنسېرى ئېشىپ، ئەنئەنىۋىي كىتاب ئوقۇشتىن تەدرىجىي ھالدا توردا كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم توردا كىتاب ئوقۇش سۇپىلىرى زاماننىڭ تەرەققىيات ھاسىلاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى تەمىنلىدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بىر تۈركۈم ئىنتېرنېت تەھرىرلىرىگە بولغان ئېھتىياج كۈچىيىپ كەتتى. ھەممىمىز بىلىمىز، تەھرىرلىك، بولۇپمۇ كىتاب-ژۇرنال تەھرىرلىكى مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بولغان، تەھرىردىن ناھايىتى يۇقىرى ساپا، سىياسىي سەزگۈرلۈك، ئەستايىدىل-ئىنچىكىلىك، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت.
ئامېرىكىلىق داڭلىق تەھرىر ۋىلىئامىسنىڭ قارىشىچە، نەشرىيات كىتاب تەھرىرلىرى بىرلا ۋاقىتتا مۇنداق ئۈچ سالاھىيەتنى ھازىرلىشى زۆرۈر ئىكەن: ئوۋچى (كۆزىنى چوڭ ئېچىپ، ياخشى ئەسەرلەرنى ئىزدەش)، سېھىرگەر (ئاددىينى ئاجايىباتلاشتۇرۇش) ۋە قوش يۈزلۈك (يازغۇچىغا نىسبەتەن نەشرىياتقا ۋەكىللىك قىلىش، نەشرىياتقا نىسبەتەن يازغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىش)تىن ئىبارەت. ۋىلىئامىسنىڭ بۇ قارىشىنى ئوخشاشلا ئىنتېرنېت تەھرىرلىكىگىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل يىغىنچاقلاش تەھرىرلىكنىڭ ماھىيەت قاتلىمىدا توغرا بولغان. بىراق ئىقتىدارلاشتۇرۇش جەھەتتە، ساھەدىكىلەر (تەھرىرلىك ساھەسىدىكىلەر) ئومۇمەن: كىتاب تەھرىرىنىڭ ئۆزى تۈر دىرېكتورى دەپ قارايدۇ. كىتابنىڭ ئۆزى مەھسۇلات، شۇڭا چوقۇم بازارغا يۈزلىنىشى كېرەك. دۇنيالىشىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ۋەتىنىمىز ۋە دىيارىمىزدىكى تەھرىرلەر چوقۇم ھەم خەلقئاراۋىي رىلىسقا تۇتىشىشى ھەم دۆلەت تۇيغۇسىدىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مېنىڭچە تەھرىرلىك ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەت تارقىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق نۇقتىسى بولۇپ، تەھرىرنىڭ بىر كىتابقا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىۋاسىتە شۇ كىتابنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا تەھرىرلەر چوقۇم تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاڭنى ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىشى تولىمۇ زۆرۈر.
تۆۋەندە ئالدى بىلەن تۆت خىل ئاڭ ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:
بىرىنچى خىل ئاڭ: ئىجتىمائىي ئاڭ. يەنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ساھەدىكى (تەھرىرلىك ساھەسى) ئىجتىمائىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت. قايسى بىر باش مۇھەررىر تەھرىرلىك ھەققىدە توختالغاندا «ياخشى قىلىش، يەنە توغرا قىلىش كېرەك!» دەپ ئۆتكەن. شۇڭا كىتاب تەھرىرلىرى چوقۇم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. بۇ خىل ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ھەم ئەخلاق قاتلىمىنى ھەم قانۇن قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇچۇرلىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر خىل يېڭى شەيئىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە مۇقىملىقى تارىختا بولۇپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر سىناق ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. مەسىلەن: تۇرمۇشىمىزدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ شەيئىنىڭ قولايلىقى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقان نۇرغۇن جەمئىيەت ئامانلىقىغا، مۇقىملىقىغا، دۆلىتىمىز مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرلىرى پۈتۈن خەلقنى ھەر ۋاقىت كۈچلۈك ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ ئاساسسىز، پاكىت-دەلىلى ئېنىق بولمىغان پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىق قىلماقتا. چۈنكى ئۈندىدارنىڭ ھاسىلى مەھسۇلاتى بولغان ئۈندىدار سۇپىسىدىن ئىبارەت يېڭىچە ئۆزتاراتقۇ مېدىيا ۋاستىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بىر قىسىم كىشىلەردىكى سىياسىي جەھەتتىكى سەزگۈرلۈكىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، پىسخىكا-ساپاسى، بىلىم-قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۈندىدار سۇپىسى ئاسانلا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىدىغان ۋاسىتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ھەر بىر ئۆزتاراتقۇلۇق رولىنى ئويناۋاتقان ئۈندىدار سالون باشقۇرغۇچىلىرىدىمۇ كۈچلۈك بولغان تەھرىرلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئېڭى، يەنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇشى مۇھىمنىڭ مۇھىمىدۇر.
گەرچە ئۈندىدار سالونى كىتاب-ژۇرنالدەك رەسمىي نەشرى ئەپكار بولمىسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندىكى كۆچمە ئالاقە ئىشلىرىدىكى قولايلىق ۋە ئەقلىي يانفوننىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى بىلەن ئۈندىدار سالوندىن ئىبارەت ئۆزتاراتقۇ ۋاسىتىسىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش ۋە جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى ھەر قانداق كىتاب ياكى ژۇرنالدىن چوڭ بولسا چوڭكى ھەرگىز كىچىك ئەمەس. نورمال ئەھۋالدا 100 مىڭ ئادەم ئەگەشكەن بىر سالوندا ئېلان قىلىنغان يازما ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30 لىك ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتسا، ئۇ ھالدا شۇ يازمىنى 30 مىڭ ئادەم كۆرىدۇ دېگەن گەپ. بۇ سان دىيارىمىزدىكى ھەر قانداق بىر كىتاب-ژۇرنالنىڭ تىراژىدىن يۇقىرى بولۇشى ئېنىق. شۇڭا بۇ خىل ئادەم سانى نىسبەتەن كۆپ سالوننىڭ تەھرىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ بىر ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپتىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر شۇ سالوننىڭ تەھرىرىدە يېتەرلىك تەھرىرلىك مەسئۇلىيەت ئېڭى بولماي، تارقاتقان ئۇچۇرلاردا پىتنە-ئىغۋا، ئاساسىسىز، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولمىغان يازما يوللىنىپ كېتىپ قالسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل سالوننىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان ئىجتىمائىي تەسىرىنى مۆلچەرلىگۈسىز ھالەت كېلىپ چىقىدۇ.
ئىككىنچى خىل ئاڭ: بازار ئېڭى. مۇنەۋۋەر كىتاب تەھرىرى خۇددى تارقاتقۇچىغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلىشى، پىلانلىشى، قارار چىقىرىشى كېرەك. تەھرىرلەر ئەدەبىيات جەھەتتىكى تالانتىدىن سىرت يەنە چوقۇم ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارنىمۇ ھازىرلىشى كېرەك. كىتاب تەھرىرلىرىدە چوقۇم بازار ئېڭى بولۇشى كېرەك، بىراق ئېنىقكى بازارنى كونترول قىلماق تولىمۇ قېيىن، لېكىن بۇنىڭ ھېچقانداق قانۇنىيىتى يوقمۇ ئەمەس. داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى نىسبەتەن كاپالەتكە ئىگە، چۈنكى ئۇلار ئۇزۇن يىللىق يېزىقچىلىق قىلىش، جەمئىيەتكە تونۇلۇش داۋامىدا زور بىر تۈركۈم ئوقۇرمەنلەر توپىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. مەسىلەن، دىيارىمىزدا جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، جالالىدىن بەھرام ئاكىمىز نەشرگە سۇنغان ئەسەرلەر ئاساسەن ئىزچىل ھالدا بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن چۈشمەي كېلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنى مۇتلەق دېيىشكە بولمايدۇ، زامان، دەۋر ھەر ۋاقىت ھەر بىر يازغۇچىدىن ناھايىتى يۇقىرى يازغۇچىلىق ماھارىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەنلەردىمۇ ئوخشاشلا شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا زامان، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتەلەيدىغان، بازار پۇرسىتىنى بايقىيالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلىنىشى، شۇنىڭدەك شۇ داڭلىق يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدىكى تەھرىرلىك قىيىنچىلىقلىرىنى ياخشى ھەل قىلالايدىغان، يېڭى يېزىش ئۇسلۇبى ۋە ئەسەر خاراكتېرىگە ماسلىشىپ ماڭالايدىغان ئىجتىھات ھازىرلىنىشى كېرەك.
ئۈچىنچى خىل ئاڭ: يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى. كىتاب تەھرىرلىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يالغۇز تېخنىكا ۋە سىرتقى ۋەزىيەتتىن كەلمەستىن، ئەڭ مۇھىمى تەپەككۇر قارىشىدىكى يېڭىلىق يارىتىشتىن كېلىدۇ. بۈگۈنكى تەھرىرلەر ۋە ئالدىنقى بىر ئەۋلاد پېشقەدەم تەھرىرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى ئارگىنال تەھرىرلەش بىلەنلا شۇغۇللانماستىن، بەلكى يەنە پىلانلاش، ئارگىنال ئورۇنلاشتۇرۇش، نەشر قىلىش، كېيىنكى تەشۋىقات قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ. ئاساسەن ھەر بىر قاتلامغا تەھرىرنىڭ قارىشى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەھرىرلەر چوقۇم زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ۋاقتىدا توغرا ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. يېقىندا نەشردىن چىققان «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابنى مىسالغا ئالساق، مەزكۇر كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى خەنزۇچە يېزىلغان بولغاچقا، كىتابتا نۇرغۇنلىغان ئىنتېرنېت سۆزلىرى ۋە خەنزۇ تىلىنىڭ تۇرمۇش سۆزلىرى (بىرەسمىي بولغان يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن سۆزلەر) ئىشلىتىلگەن. شۇڭا بۇ كىتابنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگىمۇ مۇناسىپ ھالدا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. مەيلى تەرجىمان ياكى تەھرىر بولمىسۇن، چوقۇم كىتابتا قوللىنىلغان نۇرغۇن ئىنتېرنېت سۆزلۈكلىرى ۋە خەنزۇچە تۇرمۇش سۆزلۈكلىرىنى ياخشى چۈشىنىشى، ئۇنى توغرا ھەزىم قىلىشى شۇنىڭدەك كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چۈشىنىشلىك، ئېنىق قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كىتابلارنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىنتېرنېت بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان، پېشقەدەم تەھرىرلەرگە تاپشۇرغاندا، پېشقەدەم تەھرىرلەر يولۇقىدىغان تەھرىرلىك قىيىنچىلىقى ياش، ئىنتېرنېتتىن نىسبەتەن خەۋىرى بار تەھرىرلەرگە قارىغاندا ئېشىپ كېتىشى تەبىئىي .
ئۇنىڭدىن باشقا، تەھرىرلەر يەنە ئۇيغۇرسوفت ئەلكوررىكتورىغا ئوخشاش تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا، تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچىشى، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، زامان ۋە دەۋرنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىغا ۋاقتىدا، دەل، توغرا ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.
تۆتىنچى خىل ئاڭ: سەرخىللىق ئېڭى. سەرخىللىق ئېڭى كىتاب تەھرىرلىكى بەلگىلىك قاتلامنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى غايىدۇر. تەھرىر ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىر ياكى بىر قانچە تىپتىكى كىتابلارنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ كوزىرى قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، لۇ شۇن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، خالىغان ئادەم لۇ شۇن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكىنى قىلالىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا تەھرىرنىڭ سەرخىللىق ئېڭى گەۋدىلىنىشى كېرەك. تەھرىر لۇ شۇن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى، ئۇنىڭ پىكىر يولى، تەپەككۇر ئۇسۇللىرىغا پىششىق بولۇشى، ئەسەر قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىچىلىككە بولغان چۈشەنچىسى ئېنىق بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر. ئەگەر تەھرىر لۇ شۇن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەش جەھەتتە ئۆزگىچە تالانتقا ئىگە بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ دەرھال لۇ شۇن ئەسەرلىرىنى ئۆزىنىڭ تەھرىرلىك كوزىرى قىلسا بولىدۇ. تەھرىرنىڭ سەرخىللىق ئېڭى ئۆزىنى توغرا، تولۇق تونۇپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ ئېچىپ، قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن ساقلىنىپ، توغرا يۆنىلىش تېپىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەمدى تۆت خىل ئىقتىدار ھەققىدە توختىلىمىز:
بىرىنچى خىل ئىقتىدار: پىلانلاش ئىقتىدارى
پىلانلاش بىر تۈرلۈك قىممەت يارىتىش خاراكتېرىدىكى ئەمگەك. تەھرىر تېما پىلانلىغاندا چوقۇم ئۆتكۈر بولغان بايقاش ئىقتىدارى ۋە نەزەر دائىرىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. تېما تاللاشتا يېڭىلىق بولۇشنى تىلغا ئېلىش ھاجەتسىز، چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەك. مۇھىمى بازارنى مۆلچەرلەش ۋە يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنىڭ ھەممىسى پىلانلاشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش-بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. پىلان يېزىشتىن ئىلگىرى، ئەڭ بولمىغاندا مۇنداق ئۈچ سوئالنى ئۆزىگە قويۇشى كېرەك: 1. پىلاننىڭ مەشغۇلاتچانلىقى (ئەمەلىيەتچانلىقى) بارمۇ يوق؟ 2. كىم يېزىش ۋەزىپىسىنى ئەڭ ياخشى تاماملىيالايدۇ؟ 3. بازار ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلغاندىن كېيىن، تەھرىر ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
ئىككىنچى خىل ئىقتىدار: ئارگىنال ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى
پىلان بولغاندىن كېيىن، ئارگىنال ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقىدەك نەشرىياتچىلىق كۈچلۈك رىقابەت بەيگىسىگە چۈشكەن دەۋردە، ئەگەر تەھرىردە كۈچلۈك بولغان ئارگىنال ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسا، پىلان-لايىھە ئەخلەتتىن دېرەك بېرىدۇ خالاس. ئارگىنال ئورۇنلاشتۇرۇش تەھرىرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئەڭ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. تېمىنى تۇتۇشى توغرىمۇ، يازغۇچى بىلەن ياخشى بولغان ئالاقە مۇناسىۋىتى ئورناتتىمۇ يوق دېگەنلەر ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەندە رازىمەنلىك تۇيغۇسى تۇرغۇزۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ دەل نېمە ئۈچۈن بەزى تەھرىرلەرنىڭ ياخشى ئارگىنال ئورۇنلاشتۇرالايدىغانلىقى يەنە بەزى تەھرىرلەرنىڭ ئەسەر ئورۇنلاشتۇرالمايدىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.
ئۈچىنچى خىل ئىقتىدار: تەھرىرلەش ئىقتىدارى
تەھرىرلەش تەھرىرنىڭ ئاساسىي خىزمىتى. پائىنې ئارگىنال تەھرىرلەش تەنقىدكە جۈرئەت قىلالايدىغان تۇنجى ئوقۇرمەن دېگەن. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ بىرىنچى ھالقىسى ئارگىنالنىڭ مەسىلىسىنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان ۋە قىلچە ئىككىلەنمەستىن تەنقىد قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەھرىرنىڭ ئىقتىدارى يالغۇز يېزىق ئىقتىدارىنىلا تەكىتلىمەستىن، بەلكى يازغۇچى بىلەن پىكىرلىشىش ئىقتىدارىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
تۆتىنچى خىل ئىقتىدار: بايقاش ئىقتىدارى
نۇرغۇن كىتاب ئارگىنالى ئارىسىدىن قىممىتى بار، بازار ئىستىقبالى ياخشى كىتاب ئارگىنالىنى بايقاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى قەلەمكەشلەردىن شۇ قەلەمكەشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بار-يوقلۇقىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ تەھرىرنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە ھۆكۈم ئىقتىدارىنى سىنايدىغان مۇھىم ئىقتىداردۇر. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بىرەر يېڭى قەلەمكەش ياكى نامى چىقمىغان يازغۇچىنىڭ ئارگىنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەھرىرلەر بىر ئىككى بەتنى ۋاراقلاپ بېقىپلا ئەسەرنى قايتۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋال نىسبەتەن ئومۇملىشىپ قالدى. بىراق ئەگەر تەھرىردە ئازراق سەۋرچانلىق بولسىلا، ئانچە كۈچەنمەيلا ئىستىقبالى بار يازغۇچىلارنى بايقاپ چىقالايدۇ. ئاشۇ داڭلىق يازغۇچىلارمۇ مۇشۇنداق نامسىز يازغۇچىلىقتىن تەرەققىي قىلىپ چىققان ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ھەمىشە نوپۇزلۇق، داڭلىق يازغۇچىلارغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بىلدۈرۈپ، ياش قەلەمكەشلەر، نامى چىقمىغان نوتا يازغۇچىلارغا پۇرسەت بېرىلمىسە، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە يېتىشىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان بىر تۈركۈم يازغۇچىلار بىخ ھالەتتە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلسە، ئاشۇ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى ۋە يازغۇچىلىق ساھەسىدىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ يازغۇچىلىق ئۈزۈكچىلىكى كېلىپ چىقسا بۇنىڭغا كىم مەسئۇل بولۇشى كېرەك؟ شۇڭا، تەھرىرلىك كۈچلۈك مەسئۇلىيەت، سەۋرچانلىق تەلەپ قىلغاندىن سىرت، يېڭى نوتىلارنى بايقاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تەھرىرلەر ئۆزىگە بۇرچ قىلىشى، ئۆزىنىڭ تەھرىرلىك سالاھىيىتىگە يۈز كېلەلىشى، ئۈزلۈكسىز يېڭى، ئىستىقباللىق يازغۇچىلارنى بايقاپ، يازغۇچىلىق ئۈزۈكچىلىكىدەك ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
گىروسې مۇنداق دېگەن: ئەڭ ياخشى تەھرىرنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ تەھرىرلەش ياكى ئەڭ ئاز تەھرىرلەش ئەمەس، بەلكى تەھرىرلەپ قايسى دەرىجىگە بارغاندا، ئاندىن يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى جۇلالاندۇرالىشىدا.
يۇقىرىدىكى تۆت خىل ئىقتىدار تەھرىرلەرنىڭ ئۆتكۈر قورالى بولۇپ، ئۇنى ياخشى ئىگىلىگەندە، سەر خىل كىتابلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تەھرىرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش ئاسانغا توختايدۇ.
ھازىرقىدەك ئىنتېرنېت تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىۋاتقان، ھەر خىل يېڭى شەكىلدىكى ئۆزتاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتقان دەۋردە، تەھرىرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە ئۇلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ئېڭى، كەسىپ ئەخلاقى ئېڭى، بىلىم-ساپا قاتارلىقلار ئۆتمۈشتىكى ھەرقانداق دەۋردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى ۋە داۋاملىق ھالقىماقتا، شۇڭا ھەر بىر ئۆزىگە تەھرىرلىك بۇرچىنى يۈكلىگەن تەھرىرلەر چوقۇم ھەر ۋاقىت ئىزدىنىش، ئۆگىنىشتىن باش تارتماي، دەۋر، زاماننىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە تولۇق ماسلىشىپ ۋە توغرا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە كەسىپ ئەخلاقى جەھەتتە زامان بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىيەلىشى، ئۆزىنىڭ بۇرچىنى، مەسئۇلىيىتىنى ھەر ۋاقىت قەتئىي ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى