ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يانكىتابنىڭ قۇرغۇچىسى-ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

يانكىتابنىڭ قۇرغۇچىسى-ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

ۋاقتى: 2016-11-02 ئاۋاتلىقى: 2787 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قەلەم تەۋرەتكۈچى: دىلئارام ۋەلى

ئىسمى-ئاتىسى: ياسىنجان مەتروزى. ئاتىسىنىڭ ئىسمىغا قاراپلا، ھە بۇ يىگىت خوتەندىن ئىكەن دەپ بىلىپ بولدۇڭلار ھە قاچان.
تەخەللۇسى: ئەسلى نىرانىي دەپ قوللانماقچى ئىكەن، بىراق ئۆز يۈرىكىگە يېقىن ئىلقۇت دېگەن ئات بەكرەك كۆڭلىگە يېقىپ شۇنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان. ئىل: ئەل، دۆلەت، مەملىكەت؛ خەلق. قەدىمكى تۈركچە مەتىنلەردە «ئىل» دېگەن كۆپ ئۇچرايدۇ. قۇت: بەخت. ئەلگە بەخت ئاتا قىلىشنى ئويلىغان ياسىنجان مەتروزى «قۇتادغۇبىلىگ» (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم)نىڭ ئىزىدىن ماڭغان دەيمەن ئوقۇرمەنلەر. «ئىلقۇت» دېگەن ئىسىمنى ئەڭ دەسلەپ ئۇنىڭ ئىنىسى ئويلاپ چىققان. بۇ ئاكا-ئۇكىلار 2009-يىللاردا ئىلقۇت نامىدا بىر تور بېكەت ۋە مۇنبەر قۇرغان. كېيىن بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىش جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا بۇ ئىسىمغا مېھرى سىڭىپ ئاخىرى بۇ ئىسىمنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان.
ئېنىقلىمىسى: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت-تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئۆسكەن جاسارەتلىك، چىدامچان، يۈكسەك غايىلىك، ئىلغارلىققا ئىنتىلىدىغان يىگىت.
نېمىشقا جاسارەتلىك؟ چۈنكى ئۇ ئۆيىدىكى توققۇز بالا ئىچىدىكى بىردىنبىر مۇنتىزىم تەربىيە ئالغان. مۇنتىزىم تەربىيە ئالغانلار دۇنيادا نۇرغۇن، ئۇنىڭغا قانچىلىك جاسارەت كەتمەكچى ئىدى؟ ئاتىسى يوق، چۆچۈرىدەك توققۇز بالىغا بىر ئانا ھەم ئاتا بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى بىر كەنتتىكى ئاددىي ئائىلە ۋە قىيىنچىلىق. ھەركۈنى، ھەر مەۋسۇم، ھە يىل ئوقۇش باشلانغان چاغدا ئوقۇشتىن توختاش خەۋپى يۈرەكنى قاماللاغلىق. بۇ ئەھۋالدا مۇنتىزىم تەربىيەنى داۋاملاشتۇرۇشقا، ئۆز ئائىلىسىدىن، كەنتىدىن، يېزىسىدىن چىقىشقا ئىنتايىن جاسارەت كېتىدۇ.
چىدامچان؟ شاھىدانە خوتەندىكى مۇتلەق كۆپ كىشىلەردە ئاجايىپ بىر خىل چىدامچانلىق بار. بۇ چىدامچانلىق قۇملۇقنىڭ ئۇلارغا ئۈزۈكسىز ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى كۆرەشتىن كەلگەن. ئىلقۇتتمۇ شۇنداق. ئەمما ئۇنىڭ چىدامچانلىقى ئوقۇشتىن قېلىشقا قارشى كۆرەشتىن شەكىللەنگەن. ئۇ ھەر قېتىم باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپكە ئۆرلىگەننىڭ ھەممىسى ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشتەك خەۋپكە دۇچ كەلگەن. ئەمما چىدامچانلىقى بىلەن ئۇلارنى يەڭگەن.
يۈكسەك غايىلىك؟ شۇنداق، باشقا تىللارنى ئۆگىنىشنىڭ ئۆز تىلىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، چۆچىگەن ۋە ئۇنىڭغا تەدبىر قوللانغان. ئانا تىلىغا ئىشتىياقى قاناتلانغان ۋە ھارغان-چارچىغاننى بىلمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغان. كىشىلەرنىڭ پارچە-پۇرات ۋاقىتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىغا ماسلاشتۇرۇپ، يانكىتابنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، كىشىلىرىمىزنىڭ بىلىم-قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا، ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە كۈچىگەن.
ئىلغارلىققا ئىنتىلىدىغان؟ ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئارۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق ۋاستىلەرنى بايقىغان، پەيدا قىلغان ۋە گۈللەندۈرگەن (ئېلكىتاب-خاس تور بەتلىرى-يانبىلوگ-يانكىتاب). نۇرغۇن كىشىلەردە بۇ ئالاھىدىكىلەر بار، بۇ ئىلقۇتنىڭ خاس ئېنىقلىمىسى بولماپتۇ دەمسىز؟ بەرھەق، كىشىلەردە بۇ خىسلەتلەر بىردىن، ئىككىدىن باردۇر ياكى ھەممىسى باردۇر. ئەمما بىزنىڭ ئىلقۇت ئۇلارنى ئۆز كەچمىشلىرىگە باغلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ياراتقان مەھسۇلاتى ۋە قىممىتى بىلەن پەرقلىنىدۇ. يانكىتاب دەل ئۆزى شۇ!
قىزىقىشى: كارخانىچىلىق. جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىنى شۇ مەكتەپنىڭ لاياقەتلىك بولۇش سىزىقىغا ئاران ئىلىنىشىپ، لاياقەتسىز دېگەن نامدىن ئاران-ئاران ساقلىنىپ پۈتتۈرگەن ئىلقۇتنىڭ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كاللىسى ئېچىلىپ، ئەركىن نەپەس ئالغان دەيلىمۇ ئەمدى؟ ئۇ دەل شۇنداق بولغان، مەكتىپىدە زەن سالغان بۇ كەسىپكە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قايتىدىن ئىشتىياق باغلىغان. ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى بۇ قىزىقىشىنىڭ مېۋىسى ئىدى.
تەرجىمىچىلىك: ئىچكىرىدە ئوقۇغان قانچىلىك ئوقۇغۇچى ساپ تىلدا سۆزلىمەسلىك سەۋەبلىك ئانىسىغا ئۆز گېپىنى چۈشەندۈرەلمەيدىغاندۇ ۋە بۇنى بايقاپ ئىچى ئۆرتىنىدىغاندۇ؟ يانكىتاب قۇرغۇچىسى ئىلقۇت دەل شۇنداق بولغان ۋە گېپىنى ئانىسىغا چۈشەندۈرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن تەرجىمىچىلىككە قەدەم باسقان، تەرجىمە ئارقىلىق ئۆز گېپىنىڭ شالغۇتلىشىپ كېتىشىدىن ساقلانغان. نەتىجىدە تەرجىمە ئۇنىڭ مۇھىم قىزىقىشىغا، يەنى ئانىسىغا يېقىنلىشىشتىكى مۇھىم يول بولۇپ قالغان. بۇ قىزىقىشىنى يالغۇز تاشلاپ قويماي، ئۆتمۈشتە ئەلسۆي نامىدىكى بىر تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئاز بولمىغان ئىجتىمائىي ئەمگەكلەرنى قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسادىي، ئەقلىي، جىسمانىي كۈچ چىقىرىپ، ئەتراپىدىكى ئىجتىھاتلىق ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى، پەرىشتە ئانا-بالىلار تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك نادىر ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ زور ئىجتىمائىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
بۇلتۇر (2015-يىلى) يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسى بولغان يانكىتاب تۈرىگە تۇتۇش قىلىپ، ئۆزى بىر قوللۇق مەبلەغ سېلىپ ھەم ئەتراپىغا بىر توپ غايىلىك، يىراقنى كۆرەر تالانت ئىگىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر 50 پارچىدىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىق كاتتا ئەسەرلەرنىڭ تۇنجى تەرجىمىسىنى پۈتتۈزگەن. نۇر ئەلى ئابلىزنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئۆزىمۇ ئونغا يېقىن كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى پۈتتۈرگەن.
ئاتالغۇ ياساش: مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسۇرى مەترېھىم سايىت يازغان «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا باشلاش» دېگەن كىتاب ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىققا ئائىت تۇنجى، ئەتراپلىق كىتابتۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىۋاتقان ھەر بىر كىشىنى يېڭى مەھسۇلاتلار ۋە ئۇقۇملار چىققاندا، ئۇنىڭغا دەل ۋاقىتدا مۇۋاپىق ئاتالغۇ ياساشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت دەل ئاتالغۇ ياساشقا ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ «ئىشگاھ» (职场)، «يانبازار»، «يانبىلوگ»، «يانكىتاب»، «ئىلقۇت»، «يانبىلگە» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئۆز ئۇقۇمى ۋە مەھسۇلاتى بىلەن تەڭلا ئوتتۇرىغا چىقارغان.
ئەڭ مۇھىمىنى كەينىگە ئېلىپ قويدۇم دەيمەن. ئەڭ كۈچلۈك قىزىقىشى يانكىتاب-تە! يانكىتاب، يانكىتاب، يانكىتاب!
يانكىتاب: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت بىرمۇنچە «يان+»لارنى ياسىۋەتتى. يانبىلوگ، يانكىتاب، يانبازار، يانبىلگە (بۇ ئاتالغۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇتلار تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى، ھازىر جىددىي پىلانلاپ ئاساسىي خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئوغرىلىۋالماي تۇرۇڭلار، ھا، ھا،ھا!). يانبىلوگ، يانكىتاب دېسىلا كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت كېلىدۇ خۇددى ئۇيغۇرسوفت دېسە، كاللىمىزغا ئالىم ئەھەت كەلگەندەك. يانكىتاب دەل ئۇيغۇر تىلىدىكى يانفون دېگەن سۆزدىن ئۆرنەك ئېلىپ ياكى ئوخشىتىپ (بۇنى تىلشۇناسلىقتا ئانالوگى دەيمىز. ئۆزۈمنىڭ تىلچى ئىكەنلىكىمنى چىقىرۋالدىم-دە) ياسالغان ۋە يېڭىچە ئۇقۇم بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان تېلېفوندا كىتاب ئوقۇيدىغان بىر خىل شەكىل. يانفون دېگەن ئاتالغۇ شۇ سايمان ياسالغاندىن كېيىن ياسالغان بولسا، يانكىتاب دېگەن ئاتالغۇ يانكىتاب سالونى بىلەن تەڭلا ئوتتۇرىغا چىقىپ، يېڭى ئۇقۇم بولغان جۇمۇ. يانكىتابنىڭ نېمىلىكىگە قىزىققان بولساڭلار، يانكىتابقا ئەگىشىڭلار.

ھېكايىسى: كىچىكلىكىدە ئاتىسىزلىقنىڭ، قىينچىلىقنىڭ دەردىنى تولا تارتقاندا «ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى»نى ئويلايدىغان ياسىنجاننىڭ ئاشۇ چاغلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار. ئۇ بەلكىم ئاشۇ كىچىككىنچە مۇشتىنى چىڭ تۈگكىنىچە بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بۈگۈنگە كەلگەندۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھېكايىسى جىق بولىدۇ. مەنمۇ ئاڭلاپ ھەيران قالغان، جىمىپ كەتكەن، كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان. بولۇپمۇ جىنەندىن بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئالدىغا قورقماي كېلىپ، مىنىستىرلىكنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى سۆلەتلىك، قاملاشقان قوغدىغۇچى ساقچىلارنى كۆرۈپ پۇت-قولىدا جان قالمىغان يېرى بەك قىزىق. ھەي، ھازىرقى يۈرىكى بولسا، بەلكىم ئۇ سۇمباتلىق ساقچىلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈۋالار بولغىيدى. (قىزىقساڭلار بەلكىم ئۇنى ئايرىم ھېكايە قىلىپ يېزىشىمىزمۇ مۇمكىن)
بىر ئادەمنى چۈشەنسە، ئۇ ئاجايىپ بىر كىتاب. ئىلقۇتمۇ كاتتا بىر كىتاب. ئۇ بۇ كاتتا كىتابنى ئۆزىنىڭ ئاچچىق-چۈچۈككە تولغان، جاپالىق، ئىجتىھاتلىق ھايات ھېكايىلىرى بىلەن تولدۇرغان.
تۇرۇشلۇق جايى: ئۈرۈمچى. ئۇ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتكەن چېغىدا سەپەر ئارىلىقىدا ئۈرۈمچىدە توختىغان. يەنئەن باغچىسى بارغۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىسىغا بارىدىغان يولدا. بۇرۇتى خەت تارتمىغان ئىلقۇت ئاشۇ چاغدا يەنئەن باغچىسىنى بويلاپ ماڭغان. بۇ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە تۇنجى كېلىشى ئىدى ئەلۋەتتە. ئاشۇ چاغدا ئادەم مۇشۇنداق شەھەردە ياشاپ قالسا قانداق بولار دەپ ئويلاپ قالغان. نەتىجىدە ئىچكىرىدە سەككىز يىل ئوقۇپ كېلىپ، ئىچىدىكى ئاشۇ خىيالنى ئويغاتقان جاي ئۈرۈمچىدە ياشاپ قالغان. (مەن بېيجىڭغا قەدەم قويغان تۇنجى كۈنۈم بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئاسما كۆۋرۈكتە تۇرۇپ، شەھەرگە نەزەر سالغان. شۇ چاغدا پەيدا بولغاندىكى ئاجايىپ تۇيغۇ ئىككىنچى قېتىم كۆرۈلۈپ باقمىدى. شۇ چاغدا بۇنداق شەھەردە بىلىم ئىزلىسە قانداق بولار دېگەن. شۇ خىيال تۈپەيلى بېيجىڭدا توققۇز يىل ئوقۇۋېتىپتىمەن، شۇڭا مۇشۇنداق بىرلا قېتىم بولىدىغان ئەمما كۆڭۈلنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىغىچە ئورناپ كېتىدىغان خىياللىرىڭىلارغا ھېزى بولۇڭلار جۇمۇ!)
ئائىلىسى: ئىشلەش بىلەن بولۇپ كەتسە، تاماق يەڭ، ئارام ئېلىڭ دەپ ئەسكەرتىدىغان، كۆيۈنىدىغان مېھىرىبان ئايىم ئىككىسىنىڭ بەختىگە كۆز تەگمىگەي، تۇرمۇشى مېھرىبان بانۇ ئەتكەن ئاشۇ تەمى پېچەت چىرايلىق تورتلاردەك تاتلىق ۋە شېرىن ئۆتكەي!
ئىجادىيەتلىرى: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى، پەرىشتە ئانا-بالىلار تورى، ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى، يانكىتاب ۋە ئۇلاردىكى ئۆزىنىڭ ئىجادىي يازمىلىرى ۋە مۇلاھىزىلىرى. ئۇ شۇ تۇرقتا يەنە «ھەر كىم بىلگىنىنى سۆزلەيدۇ» دەپ كىتاب يېزىۋاتىدۇ.
ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى: ئۇيغۇرلارغا تۇنجى بولۇپ يانكىتاب ئۇقۇمى بىلدۈردى. يانكىتاب ئارقىلىق ئۆز تالانتىنى ئىپادىلەشكە بوشلۇق تاپالمايۋاتقان تالانتلىق، ئىجتھاتلىق يازغۇچىلار ۋە تەرجىمانلارنى بايقاپ، ئۇلارغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. قانچە قېتىم يېقىلسا، شۇنچە قېتىم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشتى. كىشىلەرنى ئىلقۇتنىڭ ھاياتى مەنىگە تولغان ھايات ئىكەن تۇيغۇغا كەلتۈرەلىدى گەپنىڭ قىسقىسى.
تۆۋەندە ئۇنىڭ يازمىلىرىنىڭ كاتالوگى بېرىلدى (تورلاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تىزىملىكى)
ماركا ئېڭى ۋە ئۇيغۇرلار
«مىنكاۋخەن» دىن «مىنكاۋمىن» غىچە
ئانا تىل يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئانا تىلچىلار
بىمەنىلىك: شەكلى ئۆزگەرگەن ئىئانە قىلمىشى
بىز نېمە ئۈچۈن بىلوگ يازىمىز؟
ئارماننىڭ خادىم ئىشلىتىش ئەندىزىسى ھەققىدە يۈزەكى ئويلىنىش
ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرماڭ
كىتاب ۋە مەن (تاقا-تۇقۇ پاراڭ)
مىللىتىمىز ئىچ ئاغرىتىش دەرىجىسىگە باردىمۇ؟
توردىكى ئىسىم ۋە ھەقىقىي ئىسىم
بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز راستىنلا ئىشەنچ يوقالغان جەمئىيەتمۇ؟
ئىلقۇتنىڭ تەرجىمىچىلىك ھاياتى
نېمە ئۈچۈن خىزمەت تاپالمايسىز؟ سىزدە يېتەرلىك ئىقتىدار بارمۇ؟
تەرجىمە گۈزەللىكى ۋە ئانا تىلنىڭ ئىپادىلەش سېھرى كۈچى ھەققىدە يۈزەكى ئويلىنىش
ئىشەنچ (ئىناۋەت) دەۋرى ھەققىدە تاقا-تۇقۇ
ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشر قىلىش چۈشى
ئۈندىداردىكى ئوماق بالىلارنى باھالاش ۋە باھالىتىش قىلمىشىغا تەنقىد
ياشلاردىكى پۈچەك نەتىجىخۇمارلىق ۋە زىيادە ۋاپادارلىق كىرزىسى ھەققىدە ئويلىنىش
مەنتەڭ نەزەرىيەسى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
غەمخورلۇق، ئىرادە، ئۆزلۈك تېڭىرقېشى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
بىلوگ يېزىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟
«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار»غىچە
ھەدەمنىڭ ئىدىيەسىدىكى 180 گىرادۇسلۇق ئۆزگىرىش...
لىفىت ۋەقەسى ۋە بىخەتەرلىك ھەققىدە
سىز، مەن چوقۇم ئۇلارنى چۈشىنىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ قانداق لوگىكا پىرىنسىپى؟
كىملەر يېزىشى كېرەك؟
«بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە
ئۆزتىللىقلار ئۆزگە تىلدا كىتاب يازسا گۇناھمۇ؟
ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت ھامان بەلگىلىك جەريان ۋە بەدەلنى سەرمايە قىلىدۇ
بىزنىڭ يەھۇدىيلاردىن نېمىمىز كەم؟
ئ‍ۇيغۇرلاردا كىتاب نەدە، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى نەدە؟
ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىش-ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ھەققىدە ئويلىنىش
بىلوگ ئۆلەمدۇ؟
ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى تەھرىرلىك ۋە تەھرىرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەققىدە

ئىلقۇت نېمانداق يېزىۋېرىدۇ، ئىشلەۋېرىدۇ. توختا، مەنمۇ تازا يازاي، ئىشلەي جۇمۇ! مېھرىبان ئايىم ماڭىمۇ تورت ياساپ ھالىڭىز نېچۈك دەپ سوراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!
مېھىرىبان بانۇ دەيدىلەركى، بۇ بالىدا ئاجايىپ بىر خىسلەت بار، يانچۇقىغا ئەنبەر سالمىسىمۇ، مېزىلىك پۇرايدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق قىسقىچە قىزىقارلىق تەرجىمىھال يېزىشىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى