ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

سالوننى يېزىقچىلىقىڭىزنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭ

سالوننى يېزىقچىلىقىڭىزنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭ

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 2088 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت


مەن ئىزچىل يېزىش، بولۇپمۇ بىلوگ (يانبىلوگ) يېزىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمەن، ھەم ئەتراپىمدىكىلەرنى ئىمكانبار يانبىلوگ يېزىشقا دەۋەت قىلىۋاتىمەن. چۈنكى مەن ئىلگىرىكى «بىلوگ يېزىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ»، «كىملەر يېزىشى كېرەك؟»، «بىلوگ ئۆلەمدۇ»، «بىلوگ مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى»، «بىز نېمە ئۈچۈن بىلوگ يازىمىز» ۋە «بىلوگ مەدەنىيىتى دېگەن نېمە» قاتارلىق يازمىلىرىمدا يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى، رولى، پايدىسى، قىممىتى قاتارلىق تېمىلاردا ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم.

يېزىش يېزىش ئادىتى بار ئادەمگە ھوزۇر ئاتا قىلسا، يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ، ئۇلارنى ئويلىنىش، مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆزگىچە تەپەككۇر مېۋىلىرىنى بەرپا قىلىشقا ئۈندەپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق يېزىشىغا ھەيدەكچىلىك، تۈرتكىلىك رور ئوينايدۇ. دائىم يېزىپ تۇرۇش ئادەمنىڭ بىلگەنلىرىنى پۇختىلاش بىلەن بىرگە، بىلمىگەنلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش پۇرسىتى يارىتىپ، ھاياتنى تېخىمۇ مەناغا، ئەھمىيەتكە تويۇندۇرىدۇ.

ئىنتېرنېتنىڭ كۈنسېرى ئومۇملىشىشى بىلەن ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ساغلام كۆز قاراشلىرىنى، تەپەككۇر ھاسىلاتلىرىنى جاھان ئەھلىگە ئاڭلىتالايدىغان، تارىختا بولۇپ باقمىغان ياخشى پۇرسەتلەرگە ئىگە بولدى. پەقەت سىزدە ئۆزىڭىزنىڭ بىلگەنلىرىنى نورمال لوگىكىلىق ئىپادىلەپ يېزىش ئىقتىدارى ھازىرلانغانلا بولسا، سىز كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ئۆزگىچە تەپەككۇرىڭىزنىڭ ھاسىلاتلىرىنى، ساغلام پىكىر، خاسلىققا ئىگە كۆز قاراشلىرىڭىزنى قولاي ھالدا باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلىك قىممىتىڭىزنى ئاشۇرالايسىز ھەم تور ئارقىلىق تەپەككۇر سورۇنى ھازىرلىيالايسىز.

بەلكىم مەزكۇر قۇرلارغا دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرىۋاتقان سىز ئاشۇ ئاددىي ھەرپلەرنى چوڭقۇر مەناغا ئىگە قىلىشقا تىرىشىۋاتقان مېنى تونۇماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز مۇشۇ قۇرلارنى كۆرىۋاتقىنىڭىزدا سىز بىلەن زامانداش ياشاۋاتقان مەندەك بىر ئىنساننىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىپ يېتەلەيسىز، بىراق مېنىڭ سىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭىزدىن خەۋەردار بولۇش پۇرسىتىم يوق دېتەرلىك، ئەگەر سىزدىمۇ ماڭا ئوخشاش ھەرپلەردىن مەنا قوراشتۇرۇپ، جاھان ئەھلىگە تەپەككۇر ھاسىلاتلىرىڭىزنى بىلدۈرۈش ئادىتى، يەنى يېزىش ئادىتى بولسا مەن ئاللىبۇرۇن سىزدەك بىر تەپەككۇر ئىگىسى بىلەن ئۆزۈمنىڭ زامانداش بولۇپ ياشىغانلىقىمدىن پەخىرلەنگەن بولۇشۇم، ياكى بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق بولۇش پۇرسىتىم بولۇشى مۇمكىن.

ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلغان دەۋردە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى مەۋجۇتلۇق سالاھىيىتىگە سەل قارىغاندا، ئىنتېرنېتنىڭ مەۋجۇت بولۇش قىممىتى بولمايدۇ، يەنى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئەۋزەللىك قىممىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. ياشاشنىڭ قىممىتى ھەرگىزمۇ يەپ-ئىچىش، پۇزۇر كىيىنىش ۋە قىممەتلىك ۋاقتى ھەم ھاياتىنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئىسراپ قىلىش بىلەن ئاخىرلاشماسلىقى كېرەك. ئىنساندا ئۆزىنى ئىپادىلەش ئېڭى، ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك، ھەم بۇ ھاياتلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ئۆزىنى ئىپادىلەش» دەل يېزىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

تارىخقا قارايدىغان بولساق، تارىخىمىزدا تالانتلىق ئالىملىرىمىز ئاز ئۆتكەنمۇ؟ ناتايىن، ئەمما ئارىدىن نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىزگە يېتىپ كەلگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. ئەجىبا تارىخىمىزدا بۇ ئىككى ئالىمدىن باشقا تېخىمۇ ئىستىداتلىق، ئىقتىدارلىق ئالىملىرىمىز بولۇپ باقمىغانمۇ؟ بولغان بولۇشى مۇمكىن ھەم چوقۇم بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ نامىنىڭ بىزگە يېتىپ كېلەلمەسلىكى ئۇلار ھەققىدە ئىز، خاتىرە يوق. مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بىر ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ يېزىشقا تۇتقان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى، پوزىتسىيەسىنىڭ ھاسىلاتى بولغان ئۆلمەس ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك»نى يېزىپ قالدۇرغانلىقىدۇر. مانا بۇ يېزىشنىڭ پايدىسى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ ئەڭ جانلىق تارىخى ئىسپاتىدۇ. ئەگەر ئۇلارمۇ ئەينى ۋاقىتتا يېزىشقا سەل قارىغان بولسا، بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۆتمۈش تارىخىمىزدا مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى بىلمىگەن ياكى بىلىشكە ئامالسىز قالغان بولار ئىدۇق. شۇڭا يەنە بىر تەكىتلەپ ئۆتمەكچى بولغىنىم، مۇمكىن بولسا ھەر بىر ئادەم بىلگىنىنى يېزىشى، ياخشى بولغان يېزىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى، يېزىشقا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، تەخىرسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

بىراق تور يېزىقچىلىقىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۆرۈر:

بىرىنچى، مەزمۇن ھاياتلىقى

ھازىر كۆپ كىشىلەردە يېزىش ئاساسلىقى ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. بىراق ئۈندىدار سالونى بىر يېرىم يېپىق ھالەتتىكى سىستېما بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇن تارقىتىش مىخانىزىمى ناھايىتى تار دائىرىلىك بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە. ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنمۇ ئىزدەش موتورلىرىغا كىرمەيدىغان بولغاچقا (گەرچە سوگو ئىزدەش موتورى خاتىرىلىسىمۇ، بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوق دېيەرلىك بولماقتا.) ئەگەر كۆپرەك زېھىن قويۇپ ماڭدۇرمىغاندا، كۆپ ھاللاردا يازمىلارنى پەقەت ئۆزىلا كۆرۈشتىن باشقا قىممىتى بولمايدۇ، يەنى ئۆزى يېزىپ ئۆزى ھوزۇرلىنىش تىپىدىكى يېزىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋىي دەپتەر-خاتىرىگە يېزىپ قويۇش بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن بەك پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈندىدار سالوندىكى مەزمۇنلار ئاساسەن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلمايدۇ. مەزمۇن يوللىنىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يازما ئاساسەن ئۆلۈپ بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئىزدەش موتورى خاتىرىلەشكە ئامالسىز قالغان بولغاچقا، ئادەتتە ئىزدەش موتورى ئارقىلىق قايتا تارتىپ چىقىرىلىش پۇرسىتى بولمايدۇ، ھەم كۆپ ساندىكى كىشىلەردە سالوندىكى يازمىلارنى كونا يازمىلار بويىچە كۆرۈش ئادىتى يوق، شۇنداقلا سالوننىڭمۇ بۇ جەھەتتە كەمچىلىكى بولۇپ، يازمىلارنى كاتېگورىيەگە ياكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئىزدەپ (يەككە سالوندا ئىزدەش ئىقتىدارى يوق) پايدىىلىنىش پۇرسىتى يوق. بۇنداق بولغاندا ئەگەر كىشىلەر پايدىلانماقچى بولسا نىسبەتەن بالدۇر يوللانغان يازمىلار (نەچچە ئاي، نەچچە يىل بۇرۇن يوللانغان يازمىلار)، يەنى ئەڭ ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن يازمىلارنى بىرمۇ بىر ئىزدەپ تېپىشى ئاۋارىچىلىق ھەم قولايسىز بولغاچقا، كىشىلەر ئالاھىدە مەقسەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سالوننىڭ كونا يازمىلىرىنى ئىزدەپ كۆرمەيدۇ. شۇڭا بۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يازمىنىڭ ھاياتلىقى ناھايىتى قىسقا بولۇپ قالىدۇ.

ئىككىنچى، يازمىلارنى قايتا پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش

يازمىلارنى قايتا پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش تور يېزىقچىلىقنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكىدۇر. ئەگەر بىز ئوخشاش يازمىنى بىرلا ۋاقىتتا سالونغا ھەم يانبىلوگقا يوللىساق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سالوندىكى يازمىنىڭ كۆرۈلۈشى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سالوندىكى يازما يەنىلا يانبىلوگدىكى يازمىدەك قىممەتكە ئىگە بولماي قالىدۇ. چۈنكى يانبىلوگ ئوچۇق سىستېما بولغاچقا ئۇنىڭدىكى يازمىلارنى ئىزدەش موتورلىرى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ ماڭالايدۇ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا يانبىلوگنىڭ كاتېگورىيە، ئاچقۇچلۇق سۆز، ئىزدەش ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق يوللانغىنىغا نەچچە يىل بولغان مەزمۇنلارنىمۇ ئاسانلا ئىزدەپ پايدىلانغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئەۋزەللىك سالوندا يوق. يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان يازمىلار ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ھەر قېتىم ئىزدەش موتورىدىن زىيارەتچى كىرگەندە، شۇ يازمىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بىر بالداق ئېشىپ ماڭىدۇ، ئەگەر ئۇ يازما باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ، يازما ئادرېسى قىستۇرۇلۇپ ماڭسا ياكى باشقىلارنىڭ يازمىسىغا ئۇلىنىش قىلىنسا، يازمىنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ نادىر يازمىلىرىنى قولايلىق بولۇشنى كۆزلەپ سالوندىلا ئېلان قىلىپ مېڭېۋاتىدۇ، بۇ قىسقا ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا توغرا تاللاش، ئەمما ئۇزاق ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپچىلىققا يول قويغانلىق بولىدۇ. سالوندا ئېلان قىلىنغان يازمىلار ئادەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 7 كۈن ئەتراپىدا ئۆز قىممىتى ساقلايدۇ، 7 كۈندىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاساسەن ئۇ يازمىنىڭ قايتا چېكىلىشى 0 گە چۈشىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز ھەم ئۆزىڭىز بىر سالون ماڭدۇرىۋاتقان بولسىڭىز، قايتا قاراپ بېقىڭ، سالوندىكى يازمىلىرىڭىزنىڭ يېقىنقى چېكىلىش ئەھۋالى قانداقراق ئىكەن. ئەگەر سىز بىلوگ ياكى يانبىلوگ يېزىپ باققان بولسىڭىز، ھەم بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى يانبىلوگقا يېزىپ قالدۇرغان يازمىلىرىڭىزنىڭ چېكىلىش ئەھۋالىغىمۇ قاراپ بېقىڭ، ئۆزىڭىز سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن زادى قايسى خىل يازمىنىڭ قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەبئىيلا بايقايسىز.

ئۈچىنچى، نادىر يازمىلارنىڭ ئىسراپ قىلىنىشى

ئۈندىدار سالونىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم يېڭىدىن يېزىقچىلىق (تور يېزىقچىلىقى) ساھەسىگە قەدەم باسقانلارنىڭ تور يېزىقچىلىقىغا يېڭىدىن قان ۋە رەڭ بېرىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئۇلار ئىلگىرى بىلوگ، يانبىلوگ يېزىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇلاردا «يانبىلوگ ۋە بىلوگ دېگەن بۇ نەرسىلەرنى مەن باشقۇرالمايمەن» ياكى «مەن بىلوگ ياكى يانبىلوگ قۇرالمايمەن» دەيدىغان خاتا قاراش كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلاردا گەرچە ناھايىتى ياخشى بولغان يېزىش ئىقتىدارى ھازىرلانغان بولسىمۇ، ئەمما يازما ئېلان قىلىدىغان سورۇن بولمىغاچقا يېزىشقا سەل قاراپ ياكى ئۆزىنىڭ يېزىش ئىقتىدارىنى ياخشى جارىي قىلدۇرالماي كەلگەن. ئەمما ئۈندىدار سالونىدىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە شەيئىدىكى باشقۇرۇشقا قولايلىق دەپ قارالغانلىقى ۋە ئەسلىدە باشقۇرۇش، مەشغۇلات قىلىش خېلى قىيىن بولغان ئىشلار تەشۋىقاتنىڭ كۈچلۈك رولى بىلەن كىشىلەردە ئاساندەك تۇيغۇ پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت يېزىشقا ئازراق ئىشتىياق باغلىغانلا ئادەم بولسا سالون قۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئەتراپقا ئاڭلىتىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى ئەھۋال، مۇمكىن بولسا ھەر بىر ئادەم يېزىپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك يېزىشنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىراق بىر قىسىم يېزىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى، ئۆزگىچە تەپەككۇرغا ئىگە، خاس ئۇسلۇبتا يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە تەپەككۇر ئىگىلىرىنىڭ بەزى يازمىلار پەقەت سالوندىلا ئېلان قىلىنغاندا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ يازمىلار يا ئىزدەش موتورىنىڭ خاتىرىلىشىگە نىسىپ بولالماي يا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قايتا ئىزدەپ تېپىشىغا قولايسىز بولۇشى سەۋەبلىك، ئەسلىدىنلا ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە يازمىلار ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

مەسىلەن: بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرى تۇرسۇنبەگ ياسىن «ئىستىقبال سەھنىسىدە ئىستىقبال بارمۇ» دەپ بىر يازما يېزىپ خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. مەزكۇر يازما 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى مەلۇم بىر سالوندا ئېلان قىلىنغان، ئەمما ھازىر شۇ سالوننى تېپىپ قارىساق، مەزكۇر يازمىنىڭ چېكىلىشى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان. مەزكۇر يازما قايتا رەتلىنىپ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگىدا قايتا ئېلان قىلىنغان. گەرچە مەزكۇر يازمىنىڭ يانبىلوگقا يوللانغان ۋاقتى خېلى كېيىن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ چېكىلىشى ھەر ۋاقىت ئېشىپ، تا ھازىرغىچە يازمىنىڭ چېكىلىشىدە يۇقىرىلاش ھالىتى ساقلىنىپ كەلگەن. مانا بۇ بىر جانلىق پاكىت بولالايدۇكى، نادىر يازمىلار چوقۇم ئۆز قىممىتىنى تېپىشى، ئىسراپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن يازمىلارنى ئىمكانبار يانبىلوگقا ئوخشاش ئوچۇق سىستېمىلارغا يوللاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قىممىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئىنتېرنېت ساھەسىدە، ئۇچۇر چوقۇم تەكرار پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ ماڭىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ نادىر يازمىڭىزنى پەقەت قولايلىق بولۇشنىلا كۆزلەپ (ئەمەلىيەتتە يانبىلوگقا يازما يوللاش، يانبىلوگ يېزىپ مېڭىش سالونغا يازما يوللاش ۋە سالون باشقۇرۇشتىن نەچچە ھەسسە ئاسان ھەم قولايلىق. ئەمما بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىزنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە تولۇق ئومۇملاشتۇرۇپ بولالماسلىقىمىزدەك سەۋەنلىكىمىز سەۋەبلىك ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلىرىمىز يانبىلوگنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۈندىدار سالونىدا يازما يوللاش قولاي دەپ ئويلايدۇ. بىزنىڭ بۇ سەۋەنلىكىمىز ئۈچۈن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.) يازمىلىرىنى سالوندا ئېلان قىلىپ ماڭغاندا، يازمىنىڭ ھاياتلىقىنىڭ قىسقا بولۇشى ۋە ئىزدەش موتورلىرى تەرىپىدىن يىغىلمىغان ھەم قايتا ئىزدەپ پايدىلىنىش پۇرسىتى بولمىغاچقا يازمىنىڭ قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ، يازما ئىسراپچىلىقى يۈز بېرىدۇ.

ئاخىرقى سۆز

بۇ يەردە ھەرگىزمۇ يېزىۋاتقانلارغا ئۇنداق قىل، بۇنداق قىل دەيدىغان ئويىمىز يوق، ھەم بۇنداق دەيدىغانغا بىزدە ھېچقانداق ھوقۇقمۇ يوق. دېمەكچى بولغىنىمىز سىزنىڭ ئاشۇ تەپەككۇر دۇردانىلىرىڭىزنىڭ ھاسىلاتى بولغان يازمىلىرىڭىزنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە پايدىلىنىشچانلىقىنى چەكسىزلەشتۈرۈشىڭىزگە پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە ئازتولا پىكىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۇق.

ئەگەر سىزدە مەن قانداق قىلسام مەزكۇر يازمىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئۆز يازمىلىرىمنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە پايدىلىنىشچانلىقىنى چەكسىزلەشتۈرۈشكە ئامال تاپالايمەن دەپ سوئال قويسىڭىز، بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى، سىز يازمىلىرىڭىزنى يانبىلوگقا ئوخشاش ئوچۇق سىستېمىلىق سۇپىلاردا ئېلان قىلسىڭىز يۇقىرىدىكى نىشانغا يېتىش ئىمكانىيىىڭىز يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر سىز ئىلگىرى ئۈندىدار سالونىدا يازما ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسىڭىز ھەم بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز بۇنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئەمما ئۈندىدار سالونىنىڭ يۇقىرىدىدەك يېتەرسىزلىكى بولغاچقا، سىز ئەڭ ياخشىسى يازمىلىرىڭىزنى ئۈندىدار سالونىغا يوللاش بىلەن بىرگە يەنە يانبىلوگقىمۇ تەڭ يوللاپ ماڭسىڭىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈندىدار سالونىدىكى چېكىلىشى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشى ھەم يازمىڭىز دەرھال ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يامىڭىزنىڭ قىممىتى تەدرىجىي ھالدا يانبىلوگدا گەۋدىلىنىپ، بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى باشقىلار يەنىلا توردىن ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭدىن قايتا پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. (ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى يازمىلىرىڭىز نەچچە ئون يىلغىچە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان بولۇشى، ھەرگىزمۇ خەۋەر تىپىدىكى ياكى ۋاقىتچانلىققا ئىگە يازما بولماسلىقى كېرەك.) شۇ ئارقىلىق سىز يازمىلىرىڭىزنىڭ توردىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە پايدىلىنىشچانلىقىنى چەكسىزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيسىز. بۇ جەھەتتە ئەڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچى بەلكىم نىدائىي يانبىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بولسا كېرەك.

---

ئىزاھات:

يازمىمىزدا تىلغا ئېلىنغان يانبىلوگ سىستېمىسى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن بىر قوللۇق پىلانلىنىپ ھەم مۇستەقىل ئېچىپ چىقىلغان، ھازىرقى كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان يانفونغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇلغان، ئىقتىدارى ھازىرقى ئەڭ ئىلغار سەۋىيەدىكى كۆپ كىشىلىك شەخسلەر يېزىش سۇپىسىدۇر.

يانبىلوگ ئارقىلىق يېزىش ئىقتىدارى بار ھەر قانداق ئادەم يانبىلوگ ھېساباتى ئېچىپ يانبىلوگنىڭ شوئارى «تور دۇنياسىدىكى مەۋجۇدلۇقىڭىز يانبىلوگدا نامايەن بولغۇسى!» دېگەندەك ئىنتېرنېتتا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىپ، جاھانغا ئۆزىنىڭ ساغلام تەپەككۇرى، پىكىر-كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىتالايدۇ.

يانبىلوگ پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان يېزىش سۇپىسى بولۇپ، ئەگەر بىر قىسىم ئالاھىدەVIPمۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولماقچى بولسىڭىز ئازراق ھەق تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، بولمىسا نورمال ئەھۋالدا ئاساسىي ئىقتىدارلىرىدىن بەھرىمان بولۇشتا يانبىلوگتا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ.

ئەگەر يانبىلوگ يېزىش ئىستىكىڭىز بولساtorhat@139.comغا ئېلخەت يېزىپ ھېسابات ئېچىۋالسىڭىز بولىدۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى