ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

[كۆچۈرۈلمە] كىملىكىڭنى بىلدى بۇ دۇنيا

[كۆچۈرۈلمە] كىملىكىڭنى بىلدى بۇ دۇنيا

ۋاقتى: 2016-10-02 ئاۋاتلىقى: 1591 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلاۋە: مەن مەزكۈر ماقالىنى تەخمىنەن 6 يىل ئىلگىرى يېزىپ «بىلىۋال» تورىدا ئېلان قىلغان، ئەمما «باغداش»تىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنمىغان ئىدىم. ئىككى-ئۈچ كۈندىن بۇيان دىققەت قىلسام، بۇنى قايتا ئېلان قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندەك قىلدى، شۇڭا بۈگۈن يوللاپ قويدۇم.
15-مايدىن بۇيان دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تېرە ھۈجەيرىسىدىن ھامىلە غول ھۈجەيرىسى پەيدا قىلغانلىق تېخنىكىسىنى بەس-بەس بىلەن خەۋەر قىلىپ، ئۇنى بۇ ساھەدە بىر بۆسۈش ياراتتى دەپ تەرىپلەۋاتىدۇ. ياخشىنى كىم يېنىغا تارتمايدۇ؟ قارىسام، ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېتىدە بىر رۇس خانىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنى تەبرىكلەپتۇ. ئەمما، ئۇنىڭ كىملىگىنى خاتا بىلىپ، رەھمەتنى باشقىلارغا بېرىۋېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن توردا ئۇ خانىمغا مۇنداق يازدىم: «باگادىنوۋا خانىم، سىزنىڭ تەبرىكىڭىزگە تەشەككۈر. ئەمما، مەن سىزنىڭ سۆزىڭىزگە قارىتا بىر مۇھىم تۈزىتىش بېرىشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئۇيغۇردۇر. قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ سىڭلىسى مايا_يەنى ئۇيغۇرچىدا مايسەم دەيمىز، ئىنتايىن تالانتلىق ئالىم بولۇپ ئۇ ماسساچۇست تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى «ۋايتخەد» تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا غول ھۈجەيرە تەجرىبىخانىسىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. مەن ئاكا-سىڭىل ئىككەيلەننى ياخشى تونۇيمەن ھەم ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىمەن! ئۆز نۆۋىتىدە مەن بۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي تەتقىقات ئورنىدا ئۆز تەتقىقاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئۇلارنىڭ يېڭى دۆلىتى-ئامېرىكىغا مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن. بۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ياخشى بولۇشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن!». بۇ سۆزۈمنى ياخشى كۆردۈق دەپ بەلگە ئۇرغانلار باركەن. دېمەك، نەدە بولايلى ئۆزىمىزگە تەئەللۇق نەرسىنى ياخشى قوغدىمىساق بولمايدۇ، كۆپچىلىك!
تۈنۈگۈن قارىسام، بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆز خەۋىرىدە ئۇنى قازاقىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر دەپ يېزىپتۇ. مېنىڭچە شۆھرەت ئەپەندىم بۇ يىل بىلەن 5 يىلنىڭ ئارىلىقىدا مېدىتسىنا ئىلمى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، بۇنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ!
2007-يىلى 14- نويابىر كۈنى «كنن»، «ببك»، «بىرلەشمە خەۋەرلەر»، «نيۇيورك ۋاقتى»، «بوستون يەر شارى» قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنداق خەۋەرنى بەس-بەس بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلىشتى: «ئالىملار كلونلانغان مايمۇن تۇخۇمىدىن تۆرەلمە ھالەتتىكى غول ھۈجەيرىگە ئېرىشتى». خۇددى ياغقا ئوت كەتكەندەك بۇ خەۋەرگە «ئوت كەتتى». دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى چوڭ-كىچىك تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە تېز سۈرئەتتە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر بېرىشتى. قىزىق يېرى شۇكى، مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى بۇ يىل 6-ئايدا ئاۋىسترالىيىدە ئېچىلغان «سىدنىي يىغىنى»دا ئېلان قىلىنغاندا ھازىرقىدەك دىققەتكە سازاۋەر بولمىغانىدى. 13-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيەدە چىقىدىغان دۇنياۋى نوپۇزلۇق گېزىت- «مۇستەقىللىق» بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ خەۋەر بېرىپ، دۇنيا مىقياسىدا پارتلاش خاراكتېرلىك قىزىقىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە پىلتىگە ئوت يېقىش رولىنى ئوينىدى. 14-نويابىر كۈنى، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھەم يېڭى ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا بۇ ماقالە رەسمىي ئېلان قىلىندى.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوخشاش بولغان بىر خىل پەن تەتقىقات نەتىجىسىگە نىسبەتەن تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيەسىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ساختا ئاخبارات ۋە يالغان تەشۋىقاتنىڭ ئۆزلىرىگە قانچىلىك سەتچىلىك ئېلىپ كېلىدىغىنىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار «غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى» نەتىجىلىرىگە تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدۇ. سەۋەبى، 2004-يىلى دۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە سېلىپ، پۈتۈن كورىيە خەلقى ۋە دۆلىتىنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ ھەمدە دۇنيانىڭ دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى ئۆزىگە تارتىپ بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن «كلون تەتقىقاتى»دا ئىشلەتكەن رەڭۋازلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئۆز قەۋمىنى خىجالەتچىلىك پاتقىقىغا تىقىپ، دۇنيا خەلقىنى ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويۇپ خۇددى ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك ئىناۋىتى يەرگە ئۇرۇلۇپ، شەرمەندىلەرچە «تۇتۇلۇپ قالغان» جەنۇبىي كورىيەلىك «ساختا ئالىم» _ ھۋاڭ ۋوئو-سۇك ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ئېسىدە. شۇڭا، ئۇلار ئاۋىسترالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى داۋىد كرام قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملار مەزكۇر تەتقىقاتتا قوللانغان ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قايتىدىن تەجرىبە قىلىپ، ئۇنىڭ راستلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىنلا، بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشتە بەيگىگە چۈشۈشكەن.
شۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتە يۈز بەرگەن باھا ۋە مۇنازىرىلەر ھەر خىل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ نەتىجىگە تۇتقان ئىنكاسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلىمۇ ۋە چۈشىنىپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ. پەن-تېخنىكا نەشر ئەپكارلىرىدىن تارتىپ ئاممىۋىي ئىنتېرنېت بلوگلىرىگىچە، ھەر خىل ئوخشىمىغان دىنىي ئېقىمىدىكى كىشىلەردىن تارتىپ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىگىچە، كىشىلەر «ھەيران قېلىش، قايىل بولۇش، قوللاش، گۇمانلىنىش، ۋەھىمە ۋە قارشى تۇرۇش»تىن ئىبارەت ھەر خىل پىسخىك ھالەتلەردە تۇرۇپ سايراپ كېتىشتى.
نېمىشقا؟ كلونلانغان مايمۇن تۇخۇمىدىن تۆرەلمە ھالەتتىكى غول ھۈجەيرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشىش - جانلىقلارنى، جۈملىدىن ئىنسانلارنىمۇ كلونلاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جانلىقلارنى تەبىئى يول بىلەن ئەمەس، بەلكى سۈنئىي يەنى تېخنىكىلىق ئۇسۇل بىلەن كۆپەيتىشكە - دۇنيا مىقياسىدا دىنچىلار ۋە ئەخلاقشۇناسلار قارشى. لېكىن كلون تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىنىلىشنى قوللايدىغانلارمۇ خېلى بار. ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشى ئاساسەن مۇنداق ئىككى سەۋەبتىن بولىدۇ: بىرى، كېسەل بولۇپ ئۆلۈش؛ يەنە بىرى، ھەر خىل ھادىسە ۋە سەۋەبلەر (قاتناش ھادىسىسى، ئۇرۇش ۋە تەبىئىي ئاپەت دېگەندەك) تۈپەيلىدىن ئۆلۈش. كىشىلەرگە ئايانكى، ساغلام ھالەتتە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە نىسبەتەن ئىنسانلاردىكى ئارزۇ چەكسىزدۇر. بۇ خىل ئارزۇنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئادەملەردە بايقالغان ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە، بولۇپمۇ «ساقايتقىلى بولمايدۇ» دەپ قارالغان داۋاسىز كېسەللىكلەرگە قارىتا «داۋا» تېپىش كېرەك. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «غول ھۈجەيرە» تەتقىقاتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى مانا مۇشۇ ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇمۇ بىر يۈگرەش مۇسابىقىسىگە ئوخشايدۇ. سەۋەب-نەتىجىلىك بۇ دۇنيادا، بۇ ئىشنىڭمۇ ئاخىرقى پەللىسى بار. بىراق، كىم ئاشۇ پەللىگە تېز سۈرئەتتە يېتىپ بارالايدۇ؟
چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان «كلونلاش تەتقىقاتى»دىكى نەتىجە - پەن تەتقىقاتى ساھەسىدە يارىتىلغان دۇنيا خاراكتېرلىك رېكورت بولۇپ، بۇ بۆسۈشنىڭ مېدىتسىنادا چەكسىز قوللىنىش ئىستىقبالى بار. شۇ سەۋەبلىك، بۇ پەللىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بارغۇچىنى قايىللىق بىلەن تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ.
«غول ھۈجەيرە» -ئادەم بەدىنىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر ئەزا ۋە توقۇلمىنىڭ مەنبەسى. ئالىملارنىڭ «غول ھۈجەيرە»نى تەتقىق قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب-ئادەملەرنىڭ كېسەل بولۇشىدىكى بىيولوگىيىلىك سەۋەبلەرنى چۈشىنىش ھەمدە ئەجەللىك كېسەللىكلەرگە داۋا تېپىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، جىگىرى كاردىن چىققان مەلۇم بىمارنى داۋالىمىسا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىن-بىر ئامالى ئۇنىڭغا ساق جىگەر كۆچۈرۈش. ئەلۋەتتە، باشقىلارنىڭ جىگىرىنى بۇلاپ ياكى سېتىپ ئالغىلى بولمايدۇ. مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە قەتلى قىلىنىۋاتقان سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ جىگىرىنى ئېلىۋېلىپ ئۇنى بىمارغا كۆچۈرگەن تەقدىردىمۇ، بىمارنىڭ بەدىنى ئۇ جىگەرنى يەكلىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشى تەسەۋۋۇر-جىگەرنى شۇ بىمارنىڭ ئۆزىدىن تىرىلدۈرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنىڭ تېرىسىدىن كىچىككىنە بىر پارچە كېسىپ ئېلىپ، ئۇنىڭدىن جىگەر ئۆستۈرۈپ ئاندىن بۇ جىگەرنى مەزكۇر بىمارنىڭ زەئىپ جىگىرىنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈشتۇر. بۇ قېتىمقى يېڭىلىق-بىمارنىڭ كېسەل تۈرىگە ئاساسەن ئۇنىڭ گېنىگە ماس كېلىدىغان شۇ سەۋەبتىن بەدىنى رەت قىلمايدىغان «غول ھۈجەيرە»گە كلونلاش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى. بىراق، بۇ ئاخىرقى ھېسابتا بىر ئادەمدىن ئۆزىگە ئوخشاش ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھەتتا سانسىزلىغان ئادەملەرنى پەيدا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ناۋادا شۇنداق بولسا، «سادىر پالۋانغا ئوخشاش مەرت، پالۋان ئەزىمەتلەر» كۆپەيسىغۇ ياخشى، دەيدۇ ئۇيغۇرلار، ئەمما «ستالىن»غا ئوخشاش قانخور ئادەم سۈرەتلىك ئالۋاستىلار كۆپەيسە، ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا بالانىڭ كەلگىنى شۇ-دە»، دەپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق. لېكىن، «سادىر پالۋانلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇشى، ئۇنىڭغا مېھر -مۇھەببەت ئاتا قىلىشى كېرەكقۇ؟ »- دېيىشىدۇ ئەخلاقشۇناسلار. «قانخور بولسىمۇ ستالىننى ئىلاھ يارىتىشى كېرەك!» دەپ چۇقان سالىدۇ دىنچىلار. «بۇنداق تەتقىقاتنى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بىلەن قوللىمايمەن» دەيدۇ دىنچىلار ئىچىدە ئاساسى كۈچلۈك پرىزەدېنت ئۆزىنىڭ نوپۇزىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ. «خۇددى پايانسىز ئۇپۇققا ئوخشاش چەكسىز پۇرسەتلەر يېتىپ كەلمەكتە» دەپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىدۇ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئويىدا بىيو-تېخنىكىغا مەبلەغ سالغۇچىلار.
ئۇلار ئۆز مۇنازىرىسىنى قىلىشىۋەرسۇن. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز! ئۇلار بىر ئېغىزدىن دەيدۇ: بىزنىڭ شۆھرەت كاتتا ئىش قىپتۇ، ياپىر! ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى سەزمەكتە كۈچلۈك پەخىر! خوش، «تۇتسا سېپى بار، ئاتىسا ئېتى بار» مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگۈچى، نۆۋەتتە پۈتۈن ئالەمنىڭ كۆزى تىكىلگەن ئالىم، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ - ئۇيغۇر ئاتلىق خەلقنىڭ ساپ پۇشتىدىندۇر. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۇ ئۆزىنى تونۇتتى ۋە ئۆزى كېلىپ چىققان خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ يادىغا سالدى. بىز ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دۇنياۋى نەتىجىسىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭدىن پەخىر ھېس قىلىۋاتقىنىمىزدا، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت تەسىرىنى كۆرسىتىپ ياشاپ كەلگەن قازاقىستان ئالمۇتا ۋە ئۇنىڭدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى «ئاۋات»تا ياشاۋاتقان مۇزەپپەر ئاكا ۋە جەننەتخان ھەدىگە ئالىي ھۆرمەت ۋە سەمىمىي تەبرىكىمىزنى بىلدۈرۈشكە تېگىشلىكمىز!ئۇلارنىڭ يەنە بىر پەرزەنتى-شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى مايسەم خانىممۇ (ھازىر ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا غول ھۈجەيرە تەتقىقات خىزمىتى ئىشلەيدۇ) غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل يازدا بۇلار بىلەن بىر نەچچە رەت كۆرۈشتۈم، سۆھبەتتە بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئاتىسى مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئاكا ئۇقۇمۇشلۇق، پاراڭخۇمار، چىقىشقاق ئادەم، ئانىسى جەننەتخان ھەدە خۇشخۇي، مۇلايىم كەلگەن ئايال ئىكەن. ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە سوۋېت پارچىلانغان مەزگىلدە ئاكا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن موسكۋادا تارتقان جاپالىرىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە - مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە ياشىمىسۇن، دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ ئاتا -ئانىلىرىدەك گۈزەل ۋە مېھرىبان قەلبگە ئىگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاز تېپىلىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئۆز پەرزەنتلىرىگە مىسلىسىز مېھر-مۇھەببەت ۋە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان خەلقنىڭ كەلگۈسىنىڭ ھامان پارلاق بولىدىغانلىقىغا يەنە بىر رەت ئىشەندىم


بىر ئادەم ئۈچۈن ۋە خەلق ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىر تۈرلۈك ئىش بار، سەن ئۆز ۋۇجۇدۇڭ، ساپ، سەمىمىي نىيىتىڭ، ئەمگىكىڭ ۋە ئىرادەڭ ئارقىلىق تەسر قىلىپ، ئۇ ئىشىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلەيسەن، يەنى نەتىجىسىنى كونترول قىلالايسەن. يەنە بىر تۈرلۈك ئىشلار، سەن ئىشلارنى ھەر قانچە قىلساڭمۇ ئۆزگەرتەلمەيسەن، سېنىڭ ئىرادەڭگە باقمايدۇ-دە، سەن ئۇنى ئىلاھنىڭ ھۆكۈمىگە قويىسەن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر بىرىمىز قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى قولىمىزنىڭ ئۇچىدا قىلماي، تېيىزلىقتىن قۇتۇلۇپ چوڭقۇر ئويلاپ، كۆپرەك تەر ئاققۇزۇشىمىز لازىم. ئەگەر كىمدە-كىم ئىشلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمىنى تۇتالمايدىكەن، ئاجىزلىقنىڭ ئۇنىڭغا رودۇپايدەك چاپلاشقىنى چاپلاشقان. ئاجىزلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىلىم-مەرىپەتكە ۋە ئىلغار پەن-تېخنىكىغا تايىنىشتۇر. بۇ بىر مىللەت ئۈچۈن شۇنداق، بىر شەخس ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق!
ئۇيغۇر پەرزەنتى شۆھرەت مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ ياراتقان نەتىجىسى ئارقىلىق «ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغىلا ماھىر، ئەمما ئاجىز مىللەت» دەپ قارايدىغانلارنىڭ يادىغا بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلار قىلالمىغان، قىلالمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايدىغان مول تەپەككۇر ۋە ئىجادىي قابىلىيەتكە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى سېلىپ قويدى، ئەلۋەتتە. قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، روسىيەدە ئالىي بىلىم ئېلىپ، ئامېرىكىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئالەمشۇمۇل زەپەر قۇچقان ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن شانلىق بىر ئۈلگە ۋە ئىجابىي دەرسلىك. (تامام)
———
تۆۋەندە ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى ياش دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەجاننىڭ 16–سېنتەبىر ھەرقايسى چوڭ مۇنبەر تورلىرىغا يوللىغان ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى قوشۇپ يوللاندى. سۈرەتلەر بىلگەجاننىڭ ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى «پورتلاند شەھىرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش» يازمىسىدىن ئېلىنىپ كىرىشتۈرۈلدى.
ئەسلى تېما: دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى | يازما ئاپتورى: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە | يازما مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى | سۈرەتلەر ئىزدىنىش مۇنبىردىكى تۇرسۇنجان بىلگە نامىدىكى «پورتلاند شەھىرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش» يازمىسىدىن ئېلىندى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى
شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكا بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى "تۆرەلمە ھۈجەيرە ۋە گېنىتىكىلىق داۋالاش تەتقىقات مەركىزى"نىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ خوندىرىئوسوملۇق ئېرسىي كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى بايقىغانلىقى ۋە ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋاپىققىيەتلىك كلونلاپ چىققانلىقىدەك زور ئىلمىي بايقاشلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان.
شۆھرەت مۇتەللىپ 1961-يىلى قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە بالىلىق دەۋرىنى ئالمۇتادا ئۆتكۈزگەن. 1979-يىلى سوۋېت ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئۇدا ئىككى يىل ئارمىيەدە رادىئو تېخنىكى بولۇپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئارمىيەدىن قايتقاندىن كېيىن، ئۇ موسكىۋادىكى تىمىريازېۋ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىدا گېنىتىكا كەسپىدە ئوقۇغان ۋە بۇ مەزگىلدە بىر بىلۇز مۇزىكا ئەترىتىدە گىتتار چېلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. ئۇ 1989-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، موسكىۋادىكى مېدىتسىنا گېنىتىكىسى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن. دوكتورلۇقنى تامامىلىغان مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ ئالدى بىلەن گېرمانيەگە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ بارغان، ئۇزۇن ئۆتمەي 1995-يىلى ئامېرىكا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىغا كىلىپ پوستدوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ بۇ يەردە 3 يىلغا يېقىن ئىشلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى كالا غول ھۈجەيرىسى ۋە كلونلاش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1998-يىلى ئورىگون ساغلاملىق ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق ئورىگون دۆلەتلىك پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزىگە كىلىپ مايمۇن غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل مەزكۇر ئۇنىۋېرستېتتا ئىشلەپ كەلگەن ۋە 2007-يىلىدىن باشلاپ پىروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان.
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرى ۋە شەرەپلىرى:
1. 2007-يىلى تۇنجى بولۇپ مايمۇن غول ھۈجەيرىسىنى كلونلاپ چىققان ۋە بۇ تەتقىقاتى ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى تەرىپىدىن شۇ يىللىق "مېدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش" نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
2. 2009-يىلى تۇنجى بولۇپ ئانا تۇخۇم ھۈجەيرىسىدە خوندىرىئوسوم ئالماشتۇرۇشنى مايمۇندا مۇۋاپىققىيەتلىك سىناق قىلىپ، تۇنجى 3 ئەجدادتىن تۇغۇلغان ۋە خوندىرىئوسوملۇق ئېرسىي كېسەللەردىن خالىي مايمۇننى يېتىشتۈرگەن. بۇ تېخنىكا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ساغلام پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىدىكى ئاتا-ئانىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلغان.
3. ئورىگون شىتاتلىق مېدىتسىنا تەتقىقات فوندىنىڭ 2010-يىللىق "بايقاش مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن.
4. 2013-يىلى تۇنجى بولۇپ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى مۇۋاپىققىيەتلىك كلونلاپ چىققان. بۇ دەۋىر بۆلگۈچ بايقاش ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى، بايقاش ژۇرنىلى، دۆلەت جۇغراپىيىسى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن "2013-يىللىق 10 چوڭ بۆسۈش" نىڭ بىر بولۇپ باھالانغان.
5. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 2013-يىلى دۇنياغا مەشھۇر تەبئىي پەن ئىلمىي ژۇرنىلى - "تەبىئەت" تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلغان شۇ يىلىدىكى دۇنيادىكى "تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم" تىزىملىكىدە 4-ئورۇنغا تىزىلغان.
6. دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللار ھېسابلىنىدىغان "تەبىئەت"، "ھۈجەيرە"، "ئىلىم-پەن"، "ھۈجەيرە غول ھۈجەيرە" قاتارلىق داڭلىق ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ باشقا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانى 2500 قېتىمدىن ئېشىپ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ زور پايدىلىنىش قىممىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
7. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ھازىرغىچە داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن CNN، CBS، ABC قاتارلىقلاردا، دۇنياغا داڭلىق مەتبۇئاتلاردىن دەۋر ژۇرنىلى، بايقاش ژۇرنىلى، بۈگۈنكى ئامېرىكا، بۈگۈنكى ئىلىم-پەن، ئىقتىسادشۇناس، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋاشىڭگىتون پوچتا گېزىتى، لوس ئانژىلىس ۋاقىت گېزىتى، ئەنگىلىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر گېزىتى... قاتارلىقلاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان.

يۇقرىقىلاردىن باشقا، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئامېرىكدىكى ئەڭ زور تەتقىقات مەبلىغى تەمىنلەش ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقات فوندى قارارىنى چىقىرىدىغان كۆپلىگەن كومېتىتلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە "تەبىئەت"، "تەبىئەت بىئو-تېخنىكىسى"، "غول ھۈجەيرە" قاتارلىق خەلىقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىرلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ زامانىمىزدا دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ داڭلىق تەبئىي پەن ئالىمدۇر. – تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە (بىلگەجان) / 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (ئامېرىكا) / (يازما مەنبەلىرى تەپسىلاتىنى مىسرانىم، ئىزدىنىش مۇنبەرلىرىدىن كۆرۈۋېلىڭ ).

----

ئەسلى تېما: كىملىكىڭنى بىلدى بۇ دۇنيا | يازما ئاپتورى: قەيسەر مىجىت | تور مەنبە: باغداش مۇنبىرى (bbs.bagdax.cn) | سۈرەتلەر ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەنىڭ «پورتلاند شەھىرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش» يازمىسىدىن ئېلىندى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلىنىپ تارقىتىلدى | مەنزىل: www.uchur.com، ئۈندىدار-كيۇكيۇ: 710609464

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى