ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پەخىرلىك قىز پەخرىيە ھەققىدە: خارۋارد چۈشى ۋە بىز

پەخىرلىك قىز پەخرىيە ھەققىدە: خارۋارد چۈشى ۋە بىز

ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 2501 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ھۆرمىتى ئۆز مىللىتىگە قانچىلىك دەرىجىدە شان-شەرەپ كەلتۈرۈشى ۋە ئىپتىخارلىق ئاتا قىلىشىغا باغلىق بولىدۇ. بەزىدە بىر شەخسنىڭ ئۆز نىشانى ئۈچۈن تىرىشىشى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى شەخستىن ھالقىپ پۈتۈن بىر مىللەتكە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. بىر دۆلەتتە ياكى دۇنيادا بىر شەخسنىڭ ئۆز قوۋمىگە ۋەكىل بولۇشى، ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ ئاخىرى ئۆز خەلقىگە تەۋە بولۇپ كېتىشى ئاسان قولغا كېلىدىغان ھادىسە ئەمەس.
خەلقىمىزدىن ئىچىدىن چىقىپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ نەتىجىسى شەخستىن ھالقىپ ئومۇمىي خەلققە تەۋە بولغان شەخسلەر كۆپ ئەمەس. ھازىرغىچە بىزگە يېتىپ كەلگەن، تەسىرى يۇقىرى بولغانلاردىن شۆھرەت مۇتەللىپ، تاشپولات روزى، رەيھانگۈل بەكتۇر، تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە، پەخرىيە ئەشرەپ قاتارلىقلار بولسا كېرەك. بۇنداق ئومۇمىي مىللەتكە، قوۋمگە غۇرۇر ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىپ، كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرى مىللىتىمىزنىڭ مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى، مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرگەنلەر بەلكىم يەنە باردۇر ياكى يوقتۇر.
شۆھرەت مۇتەللىپ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا ئېرىشكەن ئالەم-شۇمۇل نەتىجىلىرىدىن كېيىنكى دۇنيا ئېتىراپ قىلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن بىلدۇق.
تاشپولات روزىنى «ئانا تىل كۆۋرۈكىدىن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىقىغىچە» ناملىق يازما ۋە ئۇنىڭ كېيىن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە يېزىپ قالدۇرغان قىممەتلىك يازمىلىرىدىن تونۇدۇق.
رەيھانگۈل بەكتۇرنى ئەينى ۋاقىتتىكى جېك بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن يازمىلاردىن بىلدۇق.

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگىنى بولسا ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ۋە مۇنازىرىچانلىققا ئىگە يازمىلىرى بىلەن تور يۈزىدە تونۇپ يەتتۇق.


بۇنىڭدىن بەش يىللار ئىلگىرى دىيارىمىزدىن شۇنداق بىر «ئەليۇل ئەلا» قېرىندىشىمىز چىققان، ھەم شۇ ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىن تولۇق نومۇر، يەنى 150 نومۇر ئېلىشتەك پەۋقۇلئاددە نەتىجە بىلەن دىيارىمىزدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ۋە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، شۇ ۋاقىتتا خەلقىمىزگە زور شان-شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ئاتا قىلسا، نۇرغۇن ياشلارغا ئۈمىد بېغىشلاپ ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالغان.
شۇنىڭدىن كېيىن 4 يىللارچە «پەخرىيە ئەشرەپ» تەسىرى تەدرىجىي ھالدا سۇسلاپ، بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغان نېرۋىلىرىمىز ئەمدى ئۇيقۇغا كىرىپ، تىنچلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، يەنى 4 يىلدىن كېيىن «پەخرىيە ئەشرەپ» ھادىسىسى قايتا قوزغىلىپ، بىراقلا پۈتۈن خەلقىمىز ئارىسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. پەخرىيە ئىسمى-جىسمىغا مۇناسىپ ھالدا پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك پەخرىمىز ئىدى.
چۈنكى بۇلتۇر پەخرىيە بىراقلا دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە ئ‍ۇنىۋېرسىتېتى باركىلىي شۆبىسى، يالى ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانجىلىس شۆبىسى قاتارلىق 5 مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.
قارايدىغان بولساق دۇنيا خاراكتېرلىك تەسىرچانلىققا ئىگە بۇ شەخسلەرنىڭ ئىچىدە پەخرىيە ياش جەھەتتە ئەڭ كىچىك، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى ئىقتىدار تەلەپ قىلمايلا (ئۆگىنىشكە ئالاھىدە يۇقىرى ئىقتىدار تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۇ سىزنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ۋە قانداق شەكىلدە ئۆگىنىشىڭىز ۋە قانداق نەتىجە قازىنىشىڭىزغا باغلىق) قولغا كەلتۈرەلەيدىغان، ھەر قانداق شەخس ئاسانلا ئۆزىگە تەدبىقلىيالايدىغان، توغرا ئۇسۇل ۋە ئىجتىھات، جاپاغا چىداش روھى بولسىلا قولغا كەلتۈرەلەيدىغان شەرەپ ئىدى ھەم ھەر بىرىمىزگە ئەڭ يېقىن تۇراتتى. بۇ ھەرگىزمۇ يۇقىرىدىكى شۆھرەت مۇتەللىپ، تاشپولات روزى، رەيھانگۈل بەكتۇر قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ ۋە تەتبىقلىغىلى بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ نەتىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان ۋە بەلگىلىك جەرياننى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغان شەرەپلەر ئىدى. بەلكىم پەخرىيە ئەشرەپ ھازىرقىدەك ھالىتىنى ساقلاپ، داۋاملىق ئاكتىپ ئۆگىنىپ ۋە ئالغا بېسىپ ماڭسا، ئۇلارنىڭ يېشىغا بارغاندا قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشى ۋە پەخرىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كەسىپ، ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
گەرچە بىز شۆھرەت مۇتەللىپتەك غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى قىلالمىساقمۇ؛ گەرچە رەيھانگۈل بەكتۇردەك ئالاھىدە مۇرەككەپ بولغان فىزىكا تەتقىقاتى ئېلىپ بارالمىساقمۇ؛ گەرچە تاشپولات روزىدەك ئامېرىكىدا مەلۇم بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولالمىساقمۇ؛ گەرچە تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەدەك يۇقىرى دەرىجىلىك بىيولوگىيە ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى قىلالمىساقمۇ؛ ئەمما بىز بىر ئىشنى قىلالايمىز، ئۇ بولسىمۇ پەخرىيەدەك تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ، ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە، ۋەتەنگە، دۆلەتكە، مىللەتكە ئاجايىپ شان-شەرەپلەرنى كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن.
ئۆگىنىشكە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىقتىدار ۋە يۇقىرى ماھارەت كەتمەيدۇ. ئۇ پەقەت سىزنىڭ ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىزنى، قەلبىڭىزدىن كۈچلۈك ئۇرغۇپ تۇرغان ئىجتىھاتىڭىزنى، بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىڭىزنى، توغرا بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزنى، جاپاغا چىداش روھىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇلارنى ئۆز جىسمىڭىزدا، خاراكتېرىڭىزدە ھازىرلىيالىسىڭىز، ئىشىنىمىزكى بىز ئۈچۈن خارۋارد ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس.
بەلكىم بۇ يەردە ئۆزىمىزگە ئەڭ يېقىن تۇرغان پەخرىيەگە قىزىقىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئىلگىرى پەخرىيە ھەققىدە ئازتولا ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. بەلكىم پەخرىيە زادى قانداق ئۆگەنگەن بولغىيدى؟ بولۇپمۇ ئۇنىڭ بالىلىقى، ئائىلە تەربىيەسى، دىيارىمىزدىكى مەكتەپلەردىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئۆگىنىشتە قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇققانلىقى ۋە ئۇنى قانداق يەڭگەنلىكىدەك نۇرغۇن ئەھۋاللارغا قىزىقىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
مەسىلەن تۆۋەندىكى سوئاللار ۋە ئۇنىڭ جاۋابى ھەققىدە، بولۇپمۇ پەخرىيە ئەشرەپ ئۆزى ئېتىراپ قىلغان، ئۆزى بۇ ھەقتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن جاۋابلارغا ئالاھىدە قىزىقىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن:
1. شىنجاڭ بويىچە «ئەليۇل ئەلا» بولغان پەخرىيە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغاندىن كېيىن قانداق ئىشلارغا، قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان؟ ئۆزى يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى قانداق يەڭگەن؟
2. پەخرىيە ئەشرەپ ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر، يەنى 150 نومۇر ئالغان، ئۇنداقتا ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغاندىن كېيىنمۇ ماتېماتىكىدا ئالاھىدە ئالدىدا ماڭالىغانمۇ؟ ئىمتىھان نەتىجىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك چىققانمۇ؟
3. پەخرىيە ئالىي مەكتەپتىكى تۇنجى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا ئىنگلىز تىلىدا قانچە نومۇر ئالغان؟ پەخرىيە ئالىي مەكتەپ دۆلەتلىك 4-دەرىجىلىك ئىمتىھانىدا قانچە نومۇر ئالغان؟ 6-دەرىجىلىك ئىمتىھاندا قانچە نومۇر ئالغان؟ سىزنىڭ بۇلارنى بىلگىڭىز بارمۇ؟
4. ئىنگلىزچە فىلىملەرنى كۆپلەپ كۆرسىلا ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغىلى بولامدۇ؟ قانداق قىلغاندا يۇقىرى نومۇر ئالغىلى بولىدۇ؟
5. پەخرىيەنىڭ گېرمانيەلىك دوستى توفىل ئىمتىھانىدا 114 نومۇر ئالغاندا پەخرىيە قانچە نومۇر ئالغان؟ بۇلارنىڭ جاۋابىغا قىزىقامسىز؟ ئۇنىڭ GRE ئىمتىھانىدا قانچە نومۇر ئالغانلىقىغا قىزىقامسىز؟
6. ئالىي مەكتەپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مۇھىتىغا قانداق ماسلىشىش كېرەك؟ ئالىي مەكتەپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ۋەھاكازلار....
ئۆز مىللىتىگە، قوۋمىگە توختاۋسىز شان-شەرەپ، غۇرۇر، ئىپتىخارلىق ئاتا قىلىۋاتقان بىر شەخسنىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىشى ھەققىدە ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ئۇچۇرغا ئېرىشىش، ئۇنىڭ شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بەلكىم غەپلەتتە قالغان يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى غىدىقلاپ، يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى قېزىپ چىقىپ ئۆزىڭىزمۇ ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن ۋەياكى ئۆزىڭىزگە ئۈمىد ئۇرۇقى تېپىشىڭىز، ئۈمىد ئۇرۇقىڭىزنى بىخلاندۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراقنى قانداق بەرپا قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. قىسقىسى ھاياتىڭىزغا مەنە ئاتا قىلالىشىڭىز مۇمكىن.
ئۆز نەتىجىلىرى شەخستىن ھالقىپ ئومۇمىي خەلققە تەۋە بولۇپ كەتكەن بىر شەخسنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىزمۇ بەلكىم چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلىشىڭىز، ئەگەر ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسىڭىز ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىڭىز كۈچىيىشى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى ۋە مەسىلە ھەل قىلىشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇللىرىدىن، تەپەككۇرلىرىدىن ئۆرنەك ئالسىڭىز تولۇپ-تاشقان ئىرادىگە كېلىشىڭىز مۇمكىن ۋە ياكى پەرزەنتىڭىزنى تەربىيەلەشتە، پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى قانداق يارىتىش جەھەتتە ماياكقا ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن.
يۇقىرىقىلارغا جاۋاب تاپماقچى بولسىڭىز، بەلكىم ئەڭ ئۆلچەملىك جاۋابلارنى «پەخرلىك قىز پەخرىيە» ناملىق پىلاستىنكىدىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن.
قانداق قىلغاندا خۇددى پەخرىيەدەك ئىپتىخارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئېنىقكى تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر.
ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپى بار، ئۇ بولسىمۇ ياخشى بولغان بىر ئۈلگىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى، مەسىلە ھەل قىلىش تەپەككۇرى، ئۆزگىچە ئىدىيەسى، ئۈنۈمدار ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئېلىش ھەمدە ياخشى بولغان ماتېرىيال، قورالدىن ئىبارەت.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆزىڭىز ياكى پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى ئۈچۈن پەخرىيە ئەشرەپ ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولالايدۇ. خوش، ئۇنداقتا ئۈلگە تەييار بولدى، قالغىنى ياخشى بولغان بىر ئۆگىنىش ماتېرىيالىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا بۇ ماتېرىيال ئۈچۈن قايسىنى تاللىساق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مەنچە بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا «قالتىس دەرسخانا» ناملىق پىلاستىنكا ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
ئالاھىدە خوش خەۋەر:
شىنجاڭ ئىلقۇت ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى «پەخىرلىك قىز پەخرىيە» ۋە «قالتىس دەرسخانا» ناملىق خارۋارد چۈشىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزنىڭ كاپالىتى بولغان ئىككى پىلاستىنكىنى ئالاھىدە باھادا كەڭ خەلقىمىزگە سۇندى.
«پەخىرلىك قىز پەخرىيە (جەمئىي 6 پىلاستىنكا)» يەككە باھاسى: 98 يۈەن

«قالتىس دەرسخانا (تولۇقسىز 3-يىللىقلار ئۈچۈن)» ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى 1-، 2-قىسىم (جەمئىي 3 پىلاستىنكا) يەككە باھاسى: 46 يۈەن


«پەخىرلىك قىز پەخرىيە (جەمئىي 6 پىلاستىنكا)» + «قالتىس دەرسخانا (تولۇقسىز 3-يىللىقلار ئۈچۈن)» ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى 1-، 2-قىسىم (جەمئىي 3 پىلاستىنكا) ئالاھىدە ئېتىۋار باھا: 110 يۈەن

مەزكۇر پىلاستىنكىنى سېتىۋالماقچى بولىسىڭىز، تاۋباۋ تورىغا yanbazar ياكى yankitab دەپ كىرگۈزۈپ سېتىۋالىسىڭىزمۇ ياكى yankitap ۋە yankitab سالونىدىن بىۋاسىتە سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بىۋاسىتە بۇ يەرنى بېسىپ سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ!

(ئەگەر تاۋباۋ تورىدىن خەنزۇچە مەشغۇلات قىلالماي قالسىڭىز يانكىتاب سالونىدىن يانبازارغا كىرىپ يانبازاردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. يانكىتاب سالونىنىڭ ئىزدەش ئىسمى: yankitab)


بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى