ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ما يۈننىڭ ستەنفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

ما يۈننىڭ ستەنفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

ۋاقتى: 2016-11-08 ئاۋاتلىقى: 1306 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر! بۈگۈن ھەر قايسىڭلار بىلەن بۇ يەردە يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. توققۇز ئايلار بۇرۇن ستەنفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مېنى بۇ يەرگە كېلىپ نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندا، مەن بۇنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ياخۇ، ئەلى بابا ۋە باشقا ئىشلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ سەۋەبىدىن دېيىشكەچكە، بۇ ۋاقىتتا كېلىپ نۇتۇق سۆزلەش تازا مۇۋاپىق بولماي قالغان ئىدى. لېكىن ۋەدە بەرگەن ئىكەنمەن، بۈگۈن يەنىلا بۇ يەرگە كەلدىم. بۈگۈن ھەرقانداق سوئالىڭلار بولسا سورىساڭلار بولىدۇ، مەن بىرمۇ بىر جاۋاب بېرىمەن.
بۈگۈن ئامېرىكىغا كەلگىنىمگە 15 كۈن بوپتۇ، مەنمۇ بۇ يەردە بىر يىل تۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن. بۇ پىلانىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ھەتتا شىركەتتىكىلەرمۇ بىلمەيدۇ. كۆپچىلىك مەندىن نېمىشقا بۇ يەرگە كەلگىنىمنى سورىشىۋاتىدۇ، ياخۇنى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتامسىز؟ ياق، كۆپچىلىك بەكلا سەزگۈر بولۇپ كېتىپسىلەر. بۇ يەرگە كېلىشىمدىكى سەۋەب، مەن بەك ھېرىپ كەتتىم، ئۆتۈپ كەتكەن 16 يىلدا بەكلا ھاردىم. مەن 1994-يىلى ئىگىلىك تىكلەشنى باشلاپ، ئىنتېرنېتنى بايقىدىم ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىمنى تاشلىۋەتتىم. ئۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى خۇددى كۆزۈمنى ئىتىۋېلىپ قارىغۇ يولۋاسقا مىنىۋالغاندەك ھېس قىلاتتىم، يول بويى توختىماي يېقىلاتتىم، لېكىن يەنىلا كۈرەش قىلىپ ھايات قالاتتىم. ھۆكۈمەت ئورگىنىدا 16 ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن 1999-يىلى ئەلى بابانى قۇرۇپ چىقتىم.
تەلىيىمىزگە بىزدە يەنە تاۋباۋ تورى، ئەلى چىقىمدانى (ئالىپاي)، ئەلى بۇلۇتى ۋە گۇرۇھقا قاراشلىق باشقا شىركەتلەر بار. شۇڭا، ئەلى بابانى قۇرغان 12 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەن بىر مەزگىل ئارام ئېلىشنى قارار قىلدىم. بولۇپمۇ بۇ يىلقى رىقابەت بەكمۇ جاپالىق بولۇۋاتىدۇ، بۇمۇ مەن ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش. جۇڭگولۇقلار ھەر 12 يىلنى بىر مۈچەل يىلى دەپ ئاتايدۇ. بۇ يىل ئەلى بابانىڭمۇ جۇڭگودىكى دەل 12-يىلى، نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، مەسىلەن، يىل بېشىدىكى تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ ئالدامچىلىق ئىشى بىلەن باش ئىجرائىيە مەسئۇلىنىڭ ئىستېپا بېرىشى، يەنە VIE مەسىلىسى، گەرچە مەن ھازىرغىچە VIE نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ، يەنە تاۋباۋنى تۆت شىركەتكە بۆلۈۋېتىش ھەققىدىكى قارار. شۇڭا، بۇ ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ بولغاندىن كېيىن بەكلا ھېرىپ كەتتىم. مەن ئۆزۈمدىن، نېمە دەپ بىرەر يىل ئارام ئالمايمەن، دەپ سورىدىم. بولۇپمۇ كېيىنكى يىل ئۆزۈمنىڭ مۈچەل يىلىم، چوقۇم بۇ يىلدىن جاپالىق بولىدۇ. شۇڭا مەن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ كېلەر يىلقى تېخىمۇ جاپالىق، تېخىمۇ قىيىن بولغان رىقابەتنى كۈتۈۋېلىشقا ياخشىراق تەييارلىق قىلىشىم كېرەك. مەن ياخشى ئارام ئالغىنىمدىلا بۇنىڭدىن كېيىنكى 3، 4 يىلدىكى رىقابەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلالايمەن. ئەگەر بۇ ئۈچ يىلدا چاتاق چىقسا، كۆپچىلىك تاۋباۋنى، ئەلى بابانى ياكى ئەلى بۇلۇتىنىڭ باش ئىجرائىيە مەسئۇلىنى ئەيىبلىسە بولىدۇ. لېكىن ئۈچ يىلدىن كېيىن چاتاق چىقسا، ئۇ ۋاقىتتا خاتالىق مېنىڭ بولىدۇ. شۇڭا مەن ئامېرىكىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ ياخشىراق ئويلىنىپ، ئۆزۈمنى ئانچە–مۇنچە بوشاشتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن. ئالدىنقى ئىككى كۈن يەنە گولف توپ مەشىقىنى باشلاپ، خېلى يېنىكلەپ قالدىم. شۇڭا ئامېرىكىغا كېلىشتىكى مەقسىتىم كۆپچىلىك ئويلىغاندەك ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس. بىز تولىمۇ تەلەيلىك بىر شىركەت. مېنىڭ ھېچقانداق ئارقا كۆرۈنۈشۈم يوق، باي داداممۇ، ھوقۇقدار تاغىلىرىممۇ يوق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى ئويلاپ يۈرمىسەممۇ بولىدۇ. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1999-يىلى كىرىمنىي جىلغىسىغا بېرىپ مەبلەغ ئىزدىگەندە، نۇرغۇن كاپىتالىستلار بىلەن سۆزلەشتىم، MenloPark تەرەپلەرگە يىغىنغىمۇ باردىم. لېكىن ئەلى باباغا مەبلەغ سېلىشقا ھېچكىم قىزىقمىدى، ھەممىسى مېنى رەت قىلىۋەتتى. جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھېچقانداق مەبلەغگە ئېرىشەلمىدىم. لېكىن، قەلبىم ئىشەنچ بىلەن تولغان ئىدى. مەن ئامېرىكا ئارزۇسىنى كۆردۈم. مەن كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە زورىيىۋاتقىنىنى، نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ ھەر كۈنى مەيلى كېچە بولسۇن ياكى كۈندۈز بولسۇن ماشىنىلار بىلەن تولۇپ كەتكىنىنى كۆردۈم. مەن ئاشۇنداق تېز سۈرئەتتە زورىيىشنىڭ جۇڭگودىمۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ئارقىدىنلا ئەلى بابانى قۇردۇم. 12 يىل ئۆتۈپ كېتىپ، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. لېكىن ئۇنىڭدىن بۇرۇن، B2B نىڭ جۇڭگودا تەرەققىي قىلىدىغىنىغا ھېچكىممۇ ئىشەنمەيتتى، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا B2B داڭلىق بولغان شىركەتلەر Ariba.com، Broadvisio، Commerce One قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرىنىڭ ھەممىسى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ سېتىۋالغۇچىلىرى ئىدى. ھەممە ئادەم يېقىنقى بىر قانچە يىلدا جۇڭگودا چوڭ شىركەت پەيدا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ شىركەتلەرنىڭمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىغا ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ، چۈنكى چوڭ شىركەتلەر ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولۇپ، ئۇلار پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بويسۇنسىلا بولىدۇ دەپ ئويلايتتى. لېكىن مېنىڭ ئەقىدەم بولسا، بىز چوقۇم كىچىك تىپتىكى شىركەتلەرگە بەكرەك كۆڭۈل بولۇشىمىز كېرەك، چۈنكى كەلگۈسى جاھان خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ بولىدۇ، شۇڭا بىز مۇھىم نۇقتىنى كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا قويۇشىمىز كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا چوڭ شىركەتلىرىدە B2B سېتىۋالغۇچىلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى سېتىۋالغۇچىلار تەننەرخ چىقىمى ۋە ۋاقىتنى تېجەشتە نۇرغۇن تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ. لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، جۇڭگودىكى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلار بۇ جەھەتتە ياردەمگە موھتاج ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بىزدىنمۇ قالتىس، بىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ. بىز ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشىغا، مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىشىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. ئەينى چاغدا بىزمۇ نۇرغۇن رىقابەتلەرگە دۇچ كەلگەن، لېكىن 12 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى 580 مىڭ كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئەلى بابادىن پايدىلىنىپ سودا قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ سودا كۆلۈمىمىزنى تېڭشۈن ۋە بەيدۇلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنچىۋالا جەلپ قىلارلىق بولماسلىقى مۇمكىن. بىز تور ئويۇنىغا تايىنىپ پۇل تاپمايمىز، لېكىن بىز كېچىلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالايمىز، چۈنكى بىز تاپقان پۇلىمىزنىڭ تور ئويۇنىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىزنىڭ كىرىمىمىز كىچىك كارخانىلارنىڭ زورىيىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق كەلگەن، بۇنىڭدىن مەن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. ھازىرغا قەدەر مەن ئەلى بابانىڭ قانچىلىك پۇل تاپقىنىدىن پەخىرلىنىپ باققىنىم يوق، مەن بىزنىڭ باشقىلارغا، بولۇپمۇ كىچىك كارخانا خوجايىنلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ياردەم بېرەلىگەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىمەن!
ئىنتېرنېت تورىدىن بۇرۇن، ھېچكىممۇ 50 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كاخانىلارغا ياردەم بېرىپ باقمىغان. لېكىن بۈگۈن، بىز شۇنداق قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. كىشىلەر ماڭا مۇنداق دەيدۇ:
-ما يۈن، ئەگەر سىز ئەلى بابانى ياخشى يېتەكلەپ كېتەلىسىڭىز، بۇ خۇددى نەچچە توننا قوينى ھىمالايا چوققىسىغا يۆتكەپ چىققانغا باراۋەر بولىدۇ.
مەن مۇنداق دېدىم:
-شۇنداق ، بىز يەنە ئۇلارنى يۆتكەپ چۈشىمىز. يەنە كېلىپ بىز شۇنداق قىلالىدۇق.
ئىككىنچى شىركەت بولسا تاۋباۋ. ھەممەيلەن ماڭا مۇنداق دەيدۇ، ۋاي خۇدايىم، سىز eBay بىلەن رىقابەتلىشىۋېتىپسىزغۇ؟ مەن دېدىم «نېمىشقا بولمىغۇدەك؟» جۇڭگو بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا تورىغا موھتاج ئىدى، لېكىن جۇڭگودا تور سودا بازىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭا ئەينى چاغدا كىشىلەر ماڭا جۇڭگودا بۇنى قىلسام ئۈمىد يوقلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەن »ئەگەر سىز دائىم سىناپ باقمىسىڭىز، ئۈمىد يوقلىقىنى قانداق بىلىسىز؟« شۇڭا بىز سىناپ باقتۇق. مەن «ئەگەر eBay چوڭ دېڭىزدىكى لەھەڭ بولسا، ئۇنداقتا بىز چاڭجياڭ دەرياسىدىكى ﭼﺎﯕﺠﻴﺎڭ ﺗﯩﻤﺴﺎﮬﻰ» دېدىم. بىز دېڭىزدا ئۇرۇش قىلمايمىز، بىز پەقەت چاڭجياڭ دەرياسىدا مەشىق قىلىمىز. باشتا تولىمۇ قىيىن بولدى، لېكىن يەنىلا كۆڭۈللۈك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ھايات قالدۇق. باشتا eBay جۇڭگودىكى C2C بازىرىنىڭ %90نى ئىگىلىۋالدى، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بىزدە جۇڭگو C2C بازىرىنىڭ %90 ئۈلۈشى بار. بىز تولىمۇ تەلەيلىك، راستتىنلا پەقەت تەلەيلىك. نۇرغۇن ئىشلارنى كېيىنچە يەنە مۇلاھىزە قىلساق بولىدۇ.
ھازىر ھەممە ئادەم ئەلى بابانىڭ مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى يېزىۋاتىدۇ. لېكىن مەن ئۆزۈمنى راستتىنلا ئۇنچە ئەقىللىك دەپ قارىمايمەن. بىز نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن. ئەينى ۋاقىتتا بىز تولىمۇ نادان ئىدۇق. شۇڭا مەن ئويلايمەن، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئەلى بابا ھەققىدە كىتاب يېزىپ قالسام، چوقۇم »ئەلى بابانىڭ 1001 خاتالىقى« دەپ يازىمەن. بۇ كۆپچىلىك ئېسىدە تۇتۇۋېلىشقا تېگىشلىك، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىش. ئەگەر باشقىلارنىڭ قانداق ئۇتۇق قازانغىنىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بۇ ئىنتايىن قىيىن. ئۇتۇق قازىنىشتا نۇرغۇن تەلەي ئامىللىرى بولىدۇ. لېكىن ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ قانداق مەغلۇپ بولغىنىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ناھايىتى زور پايدىغا ئېرىشىسىز. مەن دائىم ئادەملەرنىڭ قانداق مەغلۇپ بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان كىتابلارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى سىز ئەستايىدىل تەھلىل قىلغان ۋاقتىڭىزدا ھەرقانداق مەغلۇپ بولغان شىركەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، مانا بۇ ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا تاۋباۋ غەلىبە قىلدى، ئارقىدىن ئەلى چىقىمدانىنى قۇردۇق. ھەممەيلەن ماڭا جۇڭگودا قەرز-ئامانەت سىستېمىسى يوق، بانكىلار ئىنتايىن ناچار، ئىستېمال قىممىتىنىڭ يۆتكىلىشى ناچار، يەنە نېمە دەپ ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىسىز دەيدۇ. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە مېنىڭ سودا جەريانىمنى سۆزلەپ بەرگىلى كەلمىدىم، مەن تامتەسۋىر (PPT)مۇ تەييارلىمىدىم، كۆپچىلىككە سېتىپ بەرگۈدەك پاي چېكىممۇ يوق. لېكىن مېنىڭچە جۇڭگونىڭ قەرز-ئامانەت، ئىستېمال قىممىتىنىڭ يۆتكىلىش سىستېمىسى ۋە بانكىلىرى قالاق بولغاچقىلا، بىزدە ئىگىلىك تىكلەش روھى بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاچقىلا بىز ئۆز پىلانىمىزنى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇڭا مەن ئىشىنىمەن، بۇ ئىشنى ئاۋۋال قىلغىنىڭىزدا ئاندىن ئاستا-ئاستا جۇڭگونىڭ ئۆلچىمىگە ئايلىنالايسىز. مەن 6 يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىغا كەلگەن ۋاقتىمدا، مەن 5 يىلدىن كېيىن جۇڭگونىڭ تور ئەھلى سانى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدىغىنىغا ئىشىنىمەن دېگەن ئىدىم، كىشىلەر ئۇنداق بولمايدۇ دېگەن.
ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم:
-سىلەرنىڭ نوپۇسۇڭلار ئاران 300 مىليون، جۇڭگونىڭ بولسا بىر مىليارد 300 مىليون، شۇنداقمۇ؟ ئەگەر سىلەرنىڭ نوپۇسۇڭلارنى 400 مىليونغا يەتكۈزىمىز دېسەڭلار، نوپۇسنىڭ ئۆلۈشى بولمىسا، كىشىلەر توختىماي بالىلىق بولسا، سىلەر 50 يىلدا ئاندىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىلەر، بىز پەقەت بەش يىلدىلا ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، شۇڭا بۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز قاراپ تۇرايلى!
بۈگۈن جۇڭگودىكى تور ئابونتلىرىنىڭ سانى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، ئاندىن كىشىلەر سىلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچۈڭلار نېمانچە تۆۋەن دەپ سورىدى، بىز بەش يىلدىن كېيىن بىر نەرسە دەيلى. ھازىر كىشىلەر ھەر ئايدا ئاران 200 يۈەن ئەتراپىدا پۇل سەرپ قىلىدۇ، بەش يىلدىن كېيىن بۇ كىشىلەر 2000 يۈەن سەرپ قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئىنتايىن سەۋرچان، بىز تېخى ياش. گەرچە مەن ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاران 26 ياش. ئۇلار تېخى ياش، شۇڭا بىر كەلگۈسىگە تەلپۈنىمىز.
ئەينى ۋاقىتتا ئەلى چىقىمدانىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا، كۆپچىلىك بۇنى بىر خىل ئىنتايىن ئەخمىقانە كېپىللىك مۇلازىمىتى دېگەن ئىدى. پالانى پۇستانىدىن بىر نەرسە سېتىۋالغان، لېكىن پالانى پۇستانىغا پۇل ئۇرۇپ بەرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن پۇستانى ئۇنىڭغا مالنى ئەۋەتىپ بەرمىگەن. شۇڭا بىز بىر ھېسابات تۈرى ئاچتۇق، مەن پالانىغا »پۇلنى ئاۋۋال ماڭا ئۇرۇپ بېرىڭ، ئەگەر مالدىن رازى بولسىڭىز، مەن پۇلنى تۆلەپ بېرەي، ئەگەر رازى بولمىسىڭىز، مالنى قايتۇرۇڭ، مەن پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي.« دېدىم. كىشىلەر سىزنىڭ بۇ ئەندىزىڭىز نېمانچە ئەخمىقانە دېيىشتى، لېكىن بىز بۇ ئەندىزىنىڭ ئەخمىقانە ياكى ئەمەسلىكى بىلەن كارىمىز يوق، بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز خېرىدارلار بۇ خىل مۇلازىمەتكە مۇھتاجمۇ–يوق؟ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىدۇقمۇ–يوق؟ ئەگەر بۇ نەرسە ئەخمىقانە بولىدىغان بولسا، بۈگۈن جۇڭگودا 600 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بۇ ئەخمىقانە نەرسىنى تىزىملىتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭا سىز بۇ ھاماقەت نەرسىنى ھەركۈنى ئاز-ئازدىن ئۆزگەرتسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ ئىنتايىن ئەقلىيلىشىدۇ. شۇڭا ھازىر ئەلى چىقىمدانى ئىنتايىن ياخشى، بىز يەنىمۇ تەرەققىي قىلىۋاتىمىز. ئەلى چىقىمدانى Paypal غا ئوخشايدۇ، لېكىن سودا مىقدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز Paypal دىنمۇ زور.
ئەڭ ئاخىرقىسى، يەنى ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، ئەلى بۇلۇت ھېسابلىشى بولۇپ، بۇ شىركەت باشقا بۇلۇت ھېسابلاشنى مۇلاھىزە قىلىدىغان شىركەتلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇ شىركەتلەرنىڭ بىزنىڭ يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللىرىمىزنى سىلەرگە سېتىپ بەرگۈسى بار، لېكىن بىزدە ساتىدىغان ھېچنېمە يوق. بىز بۇلۇت تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆز سانلىق مەلۇماتىمىزنى ھېسابلايمىز. ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ، تاۋباۋ ئىستېمالچىلىرىنىڭ، يەنە ئەلى چىقىمدانىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھېسابلايمىز. بىز كەلگۈسىگە ئىشىنىمىز. كەلگۈسى دۇنيا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىدىغان دۇنيا بولىدۇ. بىز سانلىق مەلۇماتنى باشقىلار بىلەن ئىنتايىن ياخشى ئورتاقلىشالايمىز. بۇ كەلگۈسى سودىنىڭ يادروسى بولىدۇ. بۇ شىركەت ھازىر تازا ياخشى ئەمەس، لېكىن پايدا يارىتىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.
بۇ شىركەت ئىنتايىن ساغلام. باشتا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ شىركەت ئۇتۇق قازىنالمايدۇ دېگەن، لېكىن بىز ھايات قالدۇق. بىزنىڭ سەۋر-تاقىتىمىز بار. بىز دائىم ئۆزىمىزدىن مۇنۇ سوئالنى سورايمىز: »بىز نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا جاپا تارتىپ ئىشلەيمىز؟«، بىر كۈنى مەن بىر خىزمەتدىشىمدىن سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېدى:
-Jack (ما يۈننىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى) بىرىنچىدىن، مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنچىۋالا كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغىنىمنى پەقەت بىلمەيتتىم؛ ئىككىنچىدىن، مەن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ جەمئىيەتكە بۇنچە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلمەيتتىم؛ ئۈچىنچىدىن، مەن تۇرمۇشنىڭ بۇنچە جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن بىلمەيتتىم.
بىز كېچە-كۈندۈز دېمەي ئىشلەيمىز، ھەتتا ھازىرمۇ شۇنداق. مەن تېخىمۇ ئورۇقلاپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرقۇممۇ تېخىمۇ غەلىتە بولۇپ قالدى. مەن ياشاشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. بىز كۆپ پۇل تاپقىنىمىزدىن ئەمەس، بەلكى جۇڭگونى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.
ئون يىلنىڭ ئالدىدا كوچىدا كېتىۋاتقىنىمدا بىرى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئەلى بابانىڭ پايدىسىدا دۆلەت سىرتىدىكى زاكاز تالونى ۋە دۆلەت سىرتىدىكى سودىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كەتكەن ئىدى. بۈگۈن كوچىدا كېتىۋاتقىنىمدا بىرسى كېلىپ ئۆزىنىڭ ئايالى بىلەن تاۋباۋدا بىر دۇكان ئېچىپ جان بېقىۋاتقانلىقىنى، كىرىمىنىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ رەھمەت ئېيتىپ كەتتى. بۇنىڭ ماڭا نىسبەتەن ئەھمىيىتى تولىمۇ زور. بىز سەمىمىيەتنى قىممەتكە ئايلاندۇردۇق (سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىز ئىقتىسادىي قىممەتكە ئايلىنالايدۇ). نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئەگەر سىزنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىناۋەت خاتىرىڭىز، سودا خاتىرىڭىز بولسا، سىز ئۇنچە باياشات بولماسلىقىڭىزمۇ مۇمكىن ئىدى. ھازىر، ئەگەر سىزنىڭ تاۋباۋدا ئىنتايىن ياخشى ئىناۋەت خاتىرىڭىز ۋە سودا خاتىرىڭىز بولسا، ئىنتايىن باي بولۇپ كېتىسىز. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىناۋەتلىك دۇكاندار بىلەن سودا قىلغۇسى كېلىدۇ. بىز ئىستېمالچىلارنى ھوشيار بولۇشقا يېتەكلەيمىز. بەزىلەر ماڭا مۇنداق دەيدۇ:
-ما يۈن، مەن تاۋباۋدىن بىر نەرسە سېتىۋالغان، باھاسى ئىنتايىن ئەرزان، سىزنىڭچە بۇ ساختا مالمۇ؟
شۇنداق، تاۋباۋدا ساختا مال بار، رېئال تۇرمۇشىمىزدا ھەممە يەردە ساختا مالغا ئۇچرايمىز. لېكىن بىز ئىنتايىن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نۇرغۇن ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ بۇ مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇۋاتىمىز. تاۋباۋدا %50 خىزمەتچىنىڭ ھەر كۈندىكى خىزمىتى ھوقۇققا دەخلى–تەرۇز قىلغان ، ساختا مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈپ شاللاشتىن ئىبارەت. لېكىن ئەگەر بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراقنىڭ بازاردىكى باھاسى 150 دوللار، تاۋباۋدىكى باھاسى ئارانلا 9 دوللار بولسا بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى يول، ئېلان ھەققىنىڭ سەۋەبىدىن. ئىستېمالچىلار نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ باشقا چىقىملار ئۈچۈن پۇل تۆلىگۈدەك؟ بىز ئىستېمالچىلارنىڭ پۇلنى تېجەپ قېلىشىغا ياردەم قىلدۇق، شۇڭا بىز ئىستېمالچىلارغا «ئەگەر سىز تاۋباۋدىن 15 يۈەنگە سېتىۋالغان كۆينەك بازاردا 150 يۈەنگە سېتىلسا، ئۇ تاۋباۋدا بەك ئەرزان بولغانلىقتىن ئەمەس، بازاردا بەك قىممەت بولغانلىقتىن» دېدۇق. بىز ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىك بولۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى نۇقتا، يەنى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا، بىز جۇڭگودىكى، بولۇپمۇ گۇاڭدۇڭدىكى نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىلا ئەمەس بەلكى شىركەت ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇلار پەقەتلا ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقارغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى تاۋباۋدا ساتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ سېتىش يولىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئاخىرىدا كىملەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. بۇ خىل ۋاكالىتەن ئىشلەپ چىقارغۇچى زاۋۇتلار مەسىلىگە يولۇققاندا (مەسىلەن، ئىقتىسادىي كىرىزىس) دەرھاللا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا شۇنى ئېيتىپ قويۇشىمىز كېرەك: «سىز چوقۇم بىۋاسىتە خېرىدارلىرىڭىز بىلەن ئالاقە قىلىشىڭىز، مەھسۇلاتنى ئۆزىڭىز سېتىپ، ئۆزىڭىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىڭىز كېرەك، مانا بۇ سودىنىڭ ئەھمىيىتى. بولمىسا، سىز پەقەتلا بىر زاۋۇت!» بىز بۇ خىل زاۋۇتلارنى ئۆزگەرتىپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشاۋاتىمىز، بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. بۇنىڭ بايلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، چۈنكى ئەگەر سىزنىڭ بىر مىليون پۇلىڭىز بولسا سىز باي ئادەم ھېسابلىنىسىز، لېكىن ئەگەر ئون مىليون پۇلىڭىز بولسا بۇ چاغدا ئىشىڭىز چاتاق. سىز پۇل پاخاللىقىدىن ئەنسىرەپ مەبلەغ سېلىشقا باشلايسىز، ئارقىدىنلا ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىزنىڭ بىر مىليارد پۇلىڭىز بولسا، ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ شەخسىي بايلىقىڭىز ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭ پايچېكلىرىڭىز، مەبلەغ سالغۇچىلىرىڭىز سىزنى بۇ پۇللارنى ھۆكۈمەتتىنمۇ ئۈنۈملۈكرەك ئىشلىتىشىڭىز كېرەك دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىزگە ئىشىنىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىپ بۇ پۇللارنى ياخشى ئايلاندۇرالايسىز؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداق يۈز كېلەلەيسىز؟ مېنىڭچە بۇ بىز دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس. ئەلى بابانىڭ مەھسۇلاتى ئەمەلىيەتتە مۇلازىمەت ئەمەس، بەلكى ئادەم، بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز.
خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 26 ياش. بىز نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، بۇلارنى مەن بۇرۇن ھېس قىلىپ باقمىغان. بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن بىرى كېلىپ شىركەتنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق دېگەن:
-ما يۈن، ئەگەر تاۋباۋنىڭ 300 مىڭ ئابونتى بولسا ئۇنداقتا ئۇ بىز باشقۇرۇۋاتقان دۆلەتتىنمۇ چوڭ بولىدۇ.
مەن جاۋابەن:
-شۇنداق، بۇ باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ھەقىقەتەن بەك چوڭ ئىكەن، مەيلى بىز قانداق سىياسەت چىقىرايلى، يەنىلا ھەرخىل بېسىملارغا ئۇچراپ تۇرىمىز.
دەپ جاۋاب بەرگەن. لېكىن ئابونتلار ئاغرىنغان ۋاقىتتا، بۇ سىياسەتنى چىقارغان ھۆكۈمەتتىن رازى بولمىغاندەكلا. دەل مۇشۇ ئوتتۇرىچە يېشى 26 ياش بولغان خىزمەتچىلەر تاۋباۋنىڭ «ئويۇن قائىدىسى»نى، بىزدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان جەريانلارنى تۈزۈۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساق، مەسىلەن، موتورنى ئىزدىسەك، ئەنئەنىۋىي موتور ئىزدەشتە، سېتىلىشى ئەڭ ياخشى، باھاسى ئاڭ ئەرزان بولغانلىرى ئالدىغا تىزىلاتتى، لېكىن مەن ئويلايمەن، بىز ھەممىدىن ئىناۋەتلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغانلىرىنى ئالدىغا تىزىشىمىز كېرەك. كېيىن، نۇرغۇن كىشى دەللىلەپ باقىدۇ. 200 دەك كىشى شىركىتىمىزگە كېلىپ ماڭا ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. مەن ئۇلارغا، ئەگەر بۇ ئۆزگەرتىش توغرا بولسا، بىز بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز دېدىم. كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ دۇنيانى بىز ئۆزگەرتىپ چىققان. بىز باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلالمايدىغان تۈرگە موھتاج ئەمەس. بىز جەمئىيەتشۇناس، ئىقتىسادشۇناسلارغا، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ سىياسەت–نىزاملىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىگە موھتاج. شۇڭا بىز يەنە تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. لېكىن بىز يەنىلا پەخىرلىك ھېس قىلىمىز، چۈنكى مەن 21-ئەسىردە ئەگەر سىزنىڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەت قۇرغۇڭىز بولسا، سىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بولغىنى قانداق قىلىپ بىر نەچچە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئەمەس بەلكى جەمئىيەتتە ساقلىنىۋاتقان مەلۇم بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش تولىمۇ ئاسان، پو ئېتىۋاتقىنىم يوق، مېنىڭچە بۈگۈنكى كۈندە، ئەلى بابا قۇرۇلۇپ 12 يىلدىن كېيىن، مېنىڭچە پۇل تېپىش ئىنتايىن ئوڭايلاشتى.
لېكىن مۇقىم پۇل تېپىش، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن قىيىن. بۇمۇ بىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر تەرەپ. مەن جۇڭگودا ئالاقە تورى بولغاچقا بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىلدا چوڭ تەرەققىياتلارنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ يىل، نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگودىكى پاي چېكىنىڭ VIE سەۋەبىدىن كۆپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئىشىنىمەن، ئەگەر سىز باشقا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىغا قاراپ باقسىڭىز، مەسىلەن، ئامېرىكا چوڭ سىناققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مەسىلەن ياۋروپادىكىلەر قانداق قىلىشىنى بىلمەي قېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا جۇڭگو قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئەھۋاللار ئۈچ تۆت يىلدىن كېيىن جۇڭگودا يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئۈچ تۆت يىلدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي چوڭ خىرىسلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بۇنىڭدىن يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ھېس قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ۋاقتى كەلگەندە ئاغرىنىپ زارلانغاندىن كۆرە، ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق كۆرۈڭ. ئالاقە تورى شىركىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.
مەن سىياسىيون ئەمەس، مەن پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا سۆزلەيمەن، مەن خېرىدارلىرىم، يەنى 50 مىليون ئوتتۇرا كىچىك كارخانا ۋە تاۋباۋدىكى 8 مىليون ساتقۇچى ئۈچۈن سۆزلەيمەن. ئۇلار ئۈچ يىلدىن كېيىن قانداق كۈن كەچۈرىدۇ؟ بۇمۇ مەن بۇ قېتىم ئامېرىكىدا ئۆگەنمەكچى بولغان بىر نۇقتا. مەن ئوبامادىن ئۆگىنىمەن، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قانداق ئاشۇرۇۋاتقىنىنى، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ خاتالىقلاردىن تەجرىبىلەرنى رەتلەپ چىقىدىغىنىنى ئۆگىنىمەن، ئاندىن ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆز ئۇسۇلىمىز بويىچە ئۆزىمىزگە ياردەم قىلىمەن. مانا بۇ مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىش مەقسىتىم. مېنىڭچە سىلەرنىڭ نۇرغۇن سوئالىڭلار بارغۇ دەيمەن، مەن ھەممە سوئالىڭلارغا جاۋاب بېرىشكە تەييار بولۇپ بولدۇم.
تەرجىمە قىلغۇچى: گۆھەرنىسا توختىقۇربان

مەنبە: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى (ئىلقۇت يانبىلوگى)

ئەگەر «ما يۈن ۋە ئىگىلىك تىكلەش» ناملىق ئەڭ يېڭى پىلاستىنكىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز تاۋباۋ تورىدىن yanbazar دەپ ئىزدەپ سېتىۋېلىڭ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى