ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ۋاقىت تەننەرخى ۋە تور سودىسى

ۋاقىت تەننەرخى ۋە تور سودىسى

ۋاقتى: 2016-10-25 ئاۋاتلىقى: 1169 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

بۈگۈنكى كۈندە تور سودىسى تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغىچە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، ئىش ئۈنۈمىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ۋاقىت تېجەش جەھەتلەردە تور سودىسىدىن ئايرىلالماس بولۇپ كەتتۇق. ئەمما تور سودىسىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نەچچە يىلدىلا شۇنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىنىڭ تۈپكى ماھىيىتى زادى نېمە؟ كىشىلەر «تور سودىسى ئۇيغۇر جۇغراپىيەسىدە كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەيدۇ.» دەپ ئۈمىدسىز پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان بىر دەۋردە تور سودىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېز ئومۇملىشىشى ۋە «يېڭىلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ» دەپ قارالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ تور سودىسىنى بىلىپ-بىلمەي قوبۇل قىلىشىنىڭ تۈپكى ماھىيەتلىك سەۋەبى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىش تولىمۇ زۆرۈر دەپ ئويلايمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم، بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرى تېخى كىشىلەرنىڭ توردىن مەھسۇلات سېتىۋېلىش ئېڭى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى، پەقەت بىر قىسىم زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغان ئوقۇغۇچىلارلا توردىن مال سېتىۋالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، كىشىلەر ئاساسەن يەنىلا ئەمەلىي دۇكاندىن مال سېتىۋېلىشنى ئالدىن ئويلىشاتتى. نۇرغۇن كىشىلەر تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن توردا نەرسە كېرەك سېتىۋالسا ئاسانلا ئالدامچىلىققا ئۇچراپ قالىدىغانلىقىدەك ئەپ-قاچتى گەپلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، توردىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ ھەم مەۋجۇت ئىدى.

بىز توردا مال سېتىۋېلىشتا ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك مەۋجۇت ئەمەس دېمەيمىز، ھەم بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىمۇ ئەمەس، قىسقىسى بۇ شۇ مەشغۇلاتنى قىلىۋاتقان، يەنى توردىن مال سېتىۋېلىۋاتقان بىرىنىڭ ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ تاللا بازىرىدىن ساختا مال بىلەن ھەقىقىي مالنى، سەمىمىيەت، ئىشەنچ بىلەن ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىكنى پەرقلەندۈرۈش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا باغلىق ئىش.


خوش، ئەسلى گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، نېمە ئۈچۈن زور تۈركۈم كىشىلەر شۇنچە ئۈمىدسىز قارىغان تور سودىسى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىمىزمۇ بىلىپ-بىلمەي شۇنچە تېز، ھەم شۇنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھالدا تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ قالىدۇ؟
بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى ۋاقىت تەننەرخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ يەردە كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ۋاقىت تەننەرخى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بەلكىم يېتەرلىك بولمىسا كېرەك، خوش ئۇنداق بولسا ۋاقىت تەننەرخى دېگەن نېمە؟
ۋاقىت تەننەرخى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئېنىقلىما مەۋجۇت بولماقتا:
1. ۋاقىت تەننەرخى دېگىنىمىز خېرىدار ئارزۇ قىلغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم سەرپ قىلىدىغان ۋاقىتنى ھېسابلاپ ئېرىشكەن بەدەل قىممىتىدىن ئىبارەت.
2. ۋاقىت تەننەرخى دېگىنىمىز ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كېلىشىمگە يېتىش ئۈچۈن تۆلەنگەن ۋاقىت بەدەل قىممىتىدىن ئىبارەت.
3. ۋاقىت تەننەرخى دېگىنىمىز يالغۇز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىلا بولماستىن، يەنە ساقلىغان (مەلۇم ئىشنى بىجىرىش، مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ساقلىغان) ۋاقىت ئىچىدە كېلىپ چىققان بازار پۇرسىتىنىڭ يوقىلىشىدۇر.
4. ۋاقىت تەننەرخى دېگىنىمىز مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئىگىلەنگەن ياكى ئىشلىتىلگەن پۇل، ماتېرىيال سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تۆلەشكە تېگىشلىك راسخوت، خىراجەت ياكى چىقىمدۇر.
يۇقىرىدىكى تۆت خىل ئېنىقلىمىنىڭ ئىچىدە تورداشلار بىرىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى خىل ئېنىقلىمىنى نىسبەتەن ئاسان چۈشىنەلىشى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ قەلەم ساھىبى بولغان مەن مۇشۇ ئۈچ خىل ئېنىقلىما ئاساسىدا ۋاقىت تەننەرخى ھەققىدە مۇنداق بىر ئەمەلىي مىسالنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ۋاقىت تەننەرخىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردەمدە بولماقچىمەن.
بىز تۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئاستىدا بىر كۈندىلىك بۇيۇملار دۇكىنى بولۇپ، نېمە سەۋەبتىنكى ئايالىم ھەمىشە بۇ دۇكاندا سېتىلىۋاتقان سەي-كۆكتات ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسىدا باشقا جايلارغا قارىغاندا بىر ئىككى مودىن، تۆت بەش موغىچە قىممەت ئىكەنلىكىنى (بەلكىم رىقابەتچىسى بولمىغاچقا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن) بايقاپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇكاندىن ئىمكانبار مال سېتىۋالمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالدى. ئەمما بىزنىڭ ئۆي تۇرۇشلۇق بۇ بىنانىڭ ئەتراپىدا ئاشۇ دۇكاندىن باشقا دۇكان بولمىغاچقا، باشقا دۇكانغا بارماقچى بولساق ئەڭ يېقىن بولغاندىمۇ 300 مېتىردىن 500 مېتىر يىراققا بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئايالىمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىغاندا ئاشۇ 300~500 مېتىر يىراقلىقتىكى دۇكانغا بېرىپ مال سېتىۋالغاندا ھېچ بولمىغاندا بىر قېتىملىق سەي-كۆكتات ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىشتا ئىككى ئۈچ يۈەن تېجىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئايالىم ئىمكانبار شۇ دۇكانلارغا بېرىپ مال سېتىۋېلىشنى ياقتۇرىدۇ. ئەمما مەن بولسام ئىككى ئۈچ يۈەن ئۈچۈن 300~500 مېتىر يىراقلىقتىكى دۇكانغا بېرىپ مال سېتىۋېلىشنى قەتئىي توغرا تاپمايمەن. بۇ يەردە ۋاقىت تەننەرخى ھەققىدە ئەڭ گەۋدىلىك بىر ھادىسە يۈز بېرىدۇ:
ئەگەر مەن شۇ يىراقتىكى دۇكانغا بارسام بەلكىم ئىككى ئۈچ يۈەن تېجەپ قېلىشىم مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ شۇ دۇكانغا بېرىپ-كېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى-بۇنى دەپ يېرىم سائەت ۋاقتىم سەرپ بولۇپ كېتىدۇ، ئەگەر مەن ئالىدىغان لازىمەتلىكنى بىنانىڭ ئاستىدىكى دۇكاندىن ئېلىپلا دەرھال ئىشىمنى قىلسام، بەلكىم ۋاقىت جەھەتتە 20 مىنۇت ئەتراپىدا تېجەپ قېلىشىم مۇمكىن، بۇ 20 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە مەن كەم دېگەندە سائەتلىكىم 100 يۈەن بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە ھېسابلىساممۇ (ئادەتتىكى ئىش ئۈنۈمىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ سائەتلىك كىرىمىم 100 يۈەندىن كۆپ يۇقىرى چىقىدۇ ئەلۋەتتە)، 20 مىنۇتتا مەن 33.33 يۈەن كىرىم قىلالايمەن (ئەلۋەتتە، داۋاملىق بۇنداق بولۇشى ناتايىن، ئەمما بەزىدە مەن جىددىي ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلاردا دەل مۇشۇنداق بولىدۇ.) بۇ يەردىكى پەرق دەل ۋاقىت تەننەرخىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ. دېمەك، ئەگەر مەن بۇ ۋاقىتتا يىراق جايدىكى دۇكاندىن مال سېتىۋالماي يېقىندىكى دۇكاندىن مال سېتىۋېلىش سەۋەبلىك زىيان تارتقان ئىككى ئۈچ يۈەننى چىقىرىۋەتسەممۇ، مەن يېقىندىكى دۇكاندىن مال سېتىۋالغانلىقىم سەۋەبلىك يەنە 30 يۈەن پايدا ئالغان بولىمەن.
ئەلۋەتتە، بەزىلەرنىڭ ۋاقتى ماڭا ئوخشاش ئۇنچە قىس بولماسلىقى، شۇڭا ئۇلارغا نىسبەتەن ۋاقىتنى مىنۇت-سېكۇنتلاپ ھېسابلاشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېز رىتىملىق تۇرمۇش رېلىسىغا قەدەم قويغاندا، يۇقىرىقىدەك ۋاقىت تەننەرخى مەسىلىسى بارغانچە گەۋدىلىك بولۇپ قالىدۇ. بۇ دەل نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىدەك شەخسىي كىتابخانىلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان شەھەردىمۇ كىشىلەرنىڭ يەنىلا يانكىتاب يانبازىرىدىن مەلۇم مىقداردا يەتكۈزۈش ھەققىنى تۆلىگەن ئاساستا كىتاب سېتىۋېلىشقا رازى بولۇشىدىكى سەۋەبىدۇر.
چۈنكى نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئۈرۈمچىدىكى يول قىستاڭچىلىقى، ماشىنا توسۇلۇپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمىنىڭ ئاللىبۇرۇن تېز رىتىملىق رېلىسقا كىرىپ بولغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ۋاقىت تەننەرخى بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان بولغاچقا، كىشىلەر يەنىلا ئۆزلىرى كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب سېتىۋېلىشقا قارىغاندا يانكىتاب يانبازىرىغا كىرىپلا ئۆزىگە كېرەكلىك كىتابقا زاكاز چۈشۈرۈپ قويسىلا كىتابنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىشى بىلەن، ئۆزىنىڭ ۋاقىت تەننەرخىنىڭ زور دەرىجىدە تېجىلىپ قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ئۇلار يەنىلا يانكىتاب يانبازىرىدىن كىتاب سېتىۋېلىشنى ئالدىن ئويلاشماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچىدىن باشقا شەخسىي كىتابخانىلار نىسبەتەن ئاز بولغان جايلاردىمۇ كىشىلەر كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب سېتىۋېلىشتا سەرپ قىلغان ۋاقىت تەننەرخى، يەنە كېلىپ بەزىدە كىتابخانىغا بېرىپ ئىزدىگەن كىتاب تۈگەپ كېتىش ياكى شۇ كىتابنى تاپالماسلىقتىن كېلىپ چىققان ۋاقىت ئىسراپچىلىقى (ۋاقىت تەننەرخى) سەۋەبلىك تەدرىجىي ھالدا يانكىتاب يانبازىرىدىن كىتاب سېتىۋېلىشقا يۈزلەنمەكتە. مانا بۇ دەل ۋاقىت تەننەرخى ئۇقۇمىنىڭ كۈنسېرى كىشىلەر ئېڭىغا سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەر تەدرىجىي ھالدا ۋاقىتنى مىنۇت، سېكۇنت بويىچە ھېسابلاپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.
ۋاقىت تەننەرخى خېرىدار رازىمەنلىكى ۋە قىممەتنىڭ كېمەيگۈچى فونكىسىيەسىدۇر. خېرىدارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ۋە باشقا تەننەرخ ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ۋاقىت تەننەرخى قانچە تۆۋەن بولسا، خېرىدارنىڭ سېتىۋېلىش ئومۇمىي تەننەرخى شۇنچە كىچىك بولىدۇ-دە، «خېرىدارنىڭ ئۆتۈنمە قىممىتى» شۇنچە چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن: مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى مىسالغا ئالساق، خېرىدار ئاشخانا، مېھمانخانا، بانكا قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ھەمىشە بەلگىلىك ۋاقىت ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن سېتىۋېلىش ياكى ئىستېمال قىلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ، بولۇپمۇ تىجارەت يۇقىرى پەللە ۋاقتىدا شۇنداق بولىدۇ.
مۇلازىمەت سۈپىتى ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا، خېرىدارنىڭ مەزكۇر مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ساقلايدىغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت تەننەرخى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ساقلاش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، شۇنچە ئاسان خېرىدارنىڭ شىركەتتىن رازى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، يېرىم يولدا سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خېرىدارنىڭ سېتىۋېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، شىركەت-كارخانا تىجارىتىنى يۈرۈشتۈرگۈچىلەر چوقۇم تەمىنلىگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئالدىن تەييارلىقنى شۇنچە كۈچەيتىشى، تىرىشىپ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىمكانقەدەر خېرىدارنىڭ ۋاقىت تەننەرخىنى كىچىكلىتىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ۋاقىت تەننەرخى ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تور سودىسى تېخىمۇ جانلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ خىل تور سودا شەكىللىرى بارلىققا كېلىشى، خۇددى يانبازار سىستېمىسىغا ئوخشاش ھەر خىل تور سودا سۇپىلىرىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى تەبىئىي. ھازىر تاۋباۋ تورىدا دۇكان ئېچىشنىڭ قىيىنلىشىشى (بولۇپمۇ ئۇيغۇر جۇغراپىيەسى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولماقتا) نەتىجىسىدە بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى ئېچىپ چىققان يانبازار سىستېمىسىغا ئوخشاش قولاي، ساپ ئانا تىلدىكى تور دۇكان سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل تور دۇكىنىنى قۇرۇپ چىقىش ئېھتىياجىمۇ كۈنسېرى كۈچىيىپ بارماقتا. كىشىلەرنىڭ ۋاقىت تەننەرخى ئۇقۇمىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئەسلىدىن ئەنئەنىۋىي تىجارەت قىلىپ كەلگەن شىركەتلەر بازارنىڭ مەجبۇرىلىشى بىلەن ئامالسىز تور سودىسىغا يۈزلىنىۋاتىدۇ ياكى چوقۇم يۈزلىنىدۇ. ئالدىن كۆرەر شىركەتلەر ئاللىبۇرۇن تور سودىسىغا دىققىتىنى قارىتىپ، تور سودىسىغا بولغان سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ ماڭماقتا. ھەتتا بەزى شىركەتلەر يانبازار سىستېمىسىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ يانبازىرىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلماقتا.
شىنجاڭ ئىلقۇت ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ يانبازار تور دۇكىنى قۇرۇلۇپ، يانكىتاب سالونىغا ئۇلانغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى كەڭ كىتابخۇمار قېرىنداشلارنىڭ قەغەزچە كىتابلارنى سېتىۋېلىشىمۇ كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. قېرىنداشلىرىمىز دەسلەپ يانبازارنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمىگەن، ئۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچ قىلالماي سىناپ بېقىش تەرىقىسىدە بىرەر ئىككى پارچە كىتاب سېتىۋالغان بولسا، يانبازار مۇلازىمەتچى خادىملىرىنىڭ قىزغىن مۇلازىمىتى ۋە مال سېلىش سۈرئىتى، مال سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى كۆرگەن، ھېس قىلغاندىن كېيىن، خېرىدارلارنىڭ يانبازاردىن مال سېتىۋېلىشى (ھازىرچە پەقەت كىتاب قويۇلغان، ئەمما يانبازار سىستېمىسى ھەر قانداق مەھسۇلات سېتىشنى قوللايدۇ.) بارغانچە كۆپەيمەكتە.
ئىلگىرى تور دېگەندەك تەرەققىي قىلمىغان ياكى كىشىلەرنىڭ تورغا يۈزلىنىشى ئانچە يۇقىرى بولمىغان، ئۇچۇر قاتتىق مونۇپۇل قىلىنىپ، ئۇچۇرغا ئېرىشىش يوللىرى ناھايىتى چەكلىك بولغان دەۋردە كىشىلەرنى تور سودىسى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئالداش، ساختىپەزلىك قىلىش ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن بولسا، ھازىرقىدەك كۆچمە ئىنتېرنېت يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچ، ئىناۋەتكە بولغان قارىشىنىڭ كۈچىيىشى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتتا بىر شىركەت، بىر شەخسنىڭ ئىناۋىتىنىڭ، ئىشەنچ دەرىجىسىنىڭ ئۇنىڭ پۇلىدىنمۇ مۇھىم بولۇشى ۋە بۇنىڭ بارغانچە تېخىمۇ مۇھىملىقىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشى يىراقنى كۆزلەيدىغان شىركەت ۋە شەخسلەرنى ساختىپەزلىكتىن، ئالدامچىلىقتىن قەتئىي يىراقلاشتۇرۇپ، ئىناۋەتنى نىشان، ئەلا مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىپ تور سودىسى قىلىشقا مەجبۇرىلايدۇ.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى