شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
دادامنى ئەسلەپ…
-
دادامنى ئەسلەپ…
ۋاقتى: 2016-09-30 ئاۋاتلىقى: 592 قېتىمياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتيانفوندا كۆرۈش
ھەر ئاڭلىغىنىمدا باشقىلار ئېغىزىدىن،
ياڭراپ چىققان «دادام» سۆزىنى.
يۈرىكىم بولىدۇ پىچاق تىلغاندەك،
ماڭا نىسىپ بولمىغاچ ئاتاش «دادام» ئۆزىنى.
تۈگىدى…
ئاھ! دادا…
ئەجەپ سېغىندىم دادا مېھرىنى،
خىيال ئەيلىدىم شۇ گۈزەل چاغ، بالىلىقىمنى.
ئۈمىد قىلىدىم ھەسسىلەپ، بولسىكەن شۇ دادام دەپ،
ئارزۇيۇم سىيلىسىكەن بېشىمنى.
تۈگىدى…
ئىكەنمەن بىر شور پىشانە،
قالدىم يىتىم دادىسىز.
ئايرىلدىم،
دادام كەتتى مەن قالدىم، يۇرتۇم قالدى مەن كەتتىم.
كەلدىم.
يات بىر يۇرتقا كەلدىم.
كۆردۇم،
يات يۇرت گۈزەللىكىنى كۆردۇم.
باشقىلار كۆرمىگەن گۈزەللىكنىمۇ كۆردۇم.
ئەمما كۆرمىدىم، يۈرەك شىپاسىنى.
يۈرىكىم يىغلايدۇ،
سېغىنىپ يۇرتۇمنى، سېغىنىپ ئانامنى.
سېغىنىپ دادا مېھرىنى ـــ يۈرەك شىپاسىنى.
يۈرىكىم خىتاپ قىلىدۇ،
دادامنىڭ بولۇشىنى.
ئاھ! دادا…!!!
2005-يىلى 6-ماي شەھىرى ۋۇشىدا يېزىلغان
مەزكۇر شىئىر مەن ئەينى ۋاقىتتا جىياڭسۇ ـــ ۋۇشى شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا يېزىلغان بولۇپ، مەن ھەردائىم باشقىلارنىڭ «دادام» دەپ ناھايىتى پەخىرلىك ھالدا قىلغان پاراڭلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزلۈكسىز ھالدا دادام رەھمەتلىكنى ئەسلەپ قالاتتىم، مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ھەقىقەتەن تەس ئىدى، مەزكۇر شىئىر مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىمىنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلسىمۇ لېكىن ئۆزۈمگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن مەزكۇر شىئىرنى يازغان ئىدىم.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشىر قىلىش چۈشى (4)
2015-06-24 10:08:419967قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام با
2015-06-07 13:36:236445Google Noto خەت نۇسخىسى دۇنيادىكى بارلىق يېزىق ۋ
2016-10-08 08:22:01722ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشر قىلىش چۈشى (1)
2015-06-24 10:08:5419417«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇ
2015-07-24 01:48:2523882ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى تەھرىرلىك ۋە تەھرىرنىڭ مەسئۇ
2016-07-29 15:36:171574لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 17:05:387364لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 13:45:317176
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-