ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

[كۆچۈرۈلمە] بىزدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسى ۋە مۇكەممەلچىلىك\مۇكەممەللىزىملىك توغرىسىدا

[كۆچۈرۈلمە] بىزدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسى ۋە مۇكەممەلچىلىك\مۇكەممەللىزىملىك توغرىسىدا

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 723 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلاۋە:

مەزكۇر ماقالە ئىلگىرى توردىن ساقلىۋېلىنغان بولۇپ، ئەسلى ئاپتورى نامەلۇم، پەقەت پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان بولغاچقا ئىلقۇت يانبىلوگىدا ھەمبەھرلەندى.


ئىشەنچىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ

پىشىپ يېتىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدۇر. يېقىنقى كۈنلەردە بىزدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسى ۋە بىزگە قانداق قەھرىمانلار كېرەك؟ يەنە بىزدىكى مۇكەممەلچىلىك پىسخىكىسىنىڭ كىشىلەرگە بولغان زىيىنى دېگەن تېمىلار توغرىسىدا تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. بىزنىڭ پىسخىكىمىزدا زادى قانداق كىشىلەر قەھرىمان دەپ قارىلىدۇ؟ ئەنە شۇنداق قەھرىمانلارنىڭ بىزگە قانچىلىك پايدىسى تېگىدۇ ياكى زىيىنى تېگىدۇ؟ بۇ خىلدىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسىنىڭ ياشلارنىڭ غايە تىكلەش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش جەريانىدا ئۇلارغا بولغان تەسىرى ۋە كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىقلىرى قايسىلار؟
راست گەپنى قىلسام بىزدە قەھرىمان بولماق ناھايىتى تەس، بىزنىڭ ئارىمىزدا قەھرىمان چىقىشى ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ھېچكىم قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالىشى، خەلقى ئالەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالىشى، ئۇيغۇر تۇرۇپ چەت ئەللەردە ھېچبولمىغاندا ئىچكىرىلەردە ئىشلىيەلىشى، تۈرلۈك نام-ئاتاقلارغا مەسىلەن نوبېل مۇكاپاتى دېگەندەك، ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. شۇڭلاشقىمىكىن ھازىر ئۇيغۇرلاردىن زادى كىمگە قول قويىسەن؟ ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن چىققان سەن چىن كۆڭلۈڭدىن قايىل بولغان كىم بار دەپ سورىسا نەچچىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، ھازىر بۇ تېخىمۇ تەسلىشىۋاتىدۇ، نېمىشقا دېسەڭلار چەت ئەلگە چىقىشمۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغىلىۋاتىدۇ. يەنە 10 يىلدىن كېيىن مېنىڭچە چەت ئەلدە ئىشلەپتۇ دېسە ھەممەيلەن ۋاي ئادەتتىكى ئىشقۇ دەيدۇ-دە ئېرەن قىلمايدىغان بولىدۇ… ئۇ چاغدا بەلكىم ئاي شارىغا چىقساق بولامدىكىن تاڭ…
ئەمدى مەندىن سورىسىڭىز «نېمىشقا ئۇيغۇرلاردىن قەھرىمان چىقىشىنى شۇنچە خالاپ قالدىڭىز؟» دېسىڭىز، مېنىڭ جاۋابىم شۇكى بىز بىر خىل قەھرىمانغا چوقۇنىدىغان مىللەت. مىللىتىمىز قەلبىدىكى قەھرىمانلار ئوبرازى بىزنىڭ ئىدىيەمىزگە، بالا تەربىيەلەش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ غايە تىكلەش ئېڭىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز چوقۇم كېمىدە كىمنىڭ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، مىسال ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ، رەيھانگۈل بەكتۇر قاتارلىقلار ھازىرقى مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئېتىراپ قىلىدىغان (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئالىملاردۇر. ئۇلار ھامان ئازدۇر-كۆپتۈر ياشلارنىڭ ئىدىيەسىگە چەت ئەلگە چىقىش قىزغىنلىقىنى سىڭدۈرىدۇ. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش بارلىق ياشلارنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسىگە، قىممەت ئۆلچىمىگە ئايلىنىدۇ. مەن ھازىر بۇنى ناچار ئىش دەپ چۈشەندۈرمەكچى ئەمەسمەن، بىراق شۇنى ئويلاپ باقايلى:
بىرىنچىدىن: ئۆزىنىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا سادىقلىق بىلەن ئىشلەپ، ئاتا-ئانا يۇرتداشلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى كىشىلەر سانىلىدۇ، سەل قارىلىدۇ، نەتىجىدە ۋاپاسىز پەرزەنتلەر كۆپىيىدۇ.
ئىككىنچىدىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىنلا ۋاز كېچىشى كېرەك بولمىغان خىزمەت ئورنىدىن، غايىسىدىن ۋاز كېچىپ قارىغۇلارچە چەتكە چىقىش قىزغىنلىقى بىلەن ئۆز ئورنىدا خاتىرجەم خىزمەت قىلىدىغانلار ئازىيىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ھېچقانداق چەت ئەلگە چىقىش ئىقتىدارى بولمىغان كىشىلەرمۇ چەت ئەلنى جەننەت ھېسابلاپ، توغرا بولمىغان چەت ئەلگە چىقىش يوللىرىنى تاللاپ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدۇ.
كىم بۇ سەلبىي تەسىرلەرنى تەھلىل قىلىپ باقتى؟ بىزدە يەنە نۇرغۇنلىغان توغرا بولمىغان قەھرىمانلار مەۋجۇت، ئۇلارنىڭ خەلقىمىزنىڭ قىممەت قارىشىغا بولغان تەسىرى ھەم مەلۇم پايدىسى ھەم مەلۇم زىيىنىمۇ بار.
مۇكەممەللىزىم دېگەن ئىككىنچى تېما. بۇ سۆزنى ئۆزۈم ياسىغان. مەن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز قارىشىدىكى مۇكەممەللىزىم ئىدىيەسىنىڭ پۈتۈن مىللەتكە كەلتۈرىۋاتقان غايەت زور زىيىنىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
مۇكەممەللىزىم ھەر قانداق ئىشتا يۈزدە يۈز پىرسەنت مۇكەممەل بولۇشنى قوغلىشىش بولۇپ، بۇ لايغەزەللىك، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىشنىڭ قارمۇ-قارشى نۇقتىسى، ئۇنىڭدا تىرىشچانلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۆزىنى يېتىش مەڭگۈ مۇمكىن بولمىغان نۇقتىغا قاراپ قىستاش مەلۇم دەرىجىدە مۇنەۋۋەر تۇيغۇ بەرسىمۇ، كىشىگە مەڭگۈ قانائەت قىلمايدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش روھىدەك ھېس قىلدۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تامامەن ئىككى نەرسە.
مېنىڭچە مۇكەممەللىزىم كىشىلەرگە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيىتىمىزگە كەلتۈرگەن زىيىنى زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئېشىپ كېتىدۇ. مەن يازغۇچى شائىرلارنىڭ دەرھال قولىدىكى ئىشىنى توختىتىپ، توغرا بولمىغان قەھرىمانلارنى قوغلىشىش ۋە مۇكەممەللىزىمنى سۆكۈش توغرىلىق ئەسەر يېزىپ كىشىلەرنى داۋالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ گېپىمنى دەسلەپكى قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك ئىسپاتلايمەن.
مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنىشى ناھايىتى ياخشى ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچىسى مىللىتىمىز ئىچىدىن تاللانغان، ئۆگىنىشتە ئەڭ مۇنەۋۋەرلەر ئوقۇغۇچىلار، بىراق 6 يىللىق ئۆگىنىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى، غايىسىنى تاشلىماي قايتىپ چىقالىغانلار ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. مېنىڭ بىر يېقىن دوستۇم بار ئىدى، ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ ئۆگىنىشتە ھەقىقەتەن خېلى بىڭسى بار ئىكەنتۇق. ئۇنى بىر تالانت ئىگىسى دېيىشكە بولاتتى. بىراق ئۇنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى مۇكەممەللىزىم پىسخىكىسى بەك ئېغىر ئىدى. ئۇ يا بولمىسا ھەممەيلەننى بېسىپ چۈشۈشنى يا بولمىسا ھېچنېمە قىلماسلىقنى خالايتتى. ئەگەر ياخشى كۆزەتسەك ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى بايقايمىز. بۇنداق كىشىلەر ئەگەر مۇۋاپىق مەدەت بېرىش، ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشىپ تۇرسا، پۈتۈن سىنىپنىڭ ئالدى ھەتتا پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئالدى ئورنىنى قولدىن بەرمەي ئالقىشقا ئېرىشىپ تۇرسا، ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ تۇرغانلىقىنى، كېچە-كېچىلەپ ئۆگىنىش قىلىپ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بىراق ئۇ ئاغىنە ئالىي مەكتەپتە ئۆزىنى تاشلىۋەتتى. مەسىلە ئۇ ئۆزىگە باشقىلارنىڭ ئۆلچىمىدە باھا بېرىشكە ھەددىدىن ئارتۇق كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئىمتىھان مائارىپى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىن ئېغىر ئىدى. ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىغان سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرى يوق، بىر سىنىپتا 150 ئوقۇغۇچى يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپتە چورتلا سىنىپ مەسئۇلى دەيدىغان نەرسە يوق، دەرس ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھېچكىمنى تونۇمايتتى. روھىي ئوزۇقتىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئاغىنەم بىرەر يىل تىرىشىپ بېقىپ نەتىجىسى 10 مىڭ ھەتتا 100 مىڭدىن بىر بولۇپ تاللىنىپ كەلگەن بۇ ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەلمەي ئاخىرى بىراقلا بولدى قىلىۋەتتى، دەرسكىمۇ چىقمايدىغان ياتاقتا كومپيۇتېر ئويناپلا ئولتۇرىدىغان بولدى. دېمەك ئۇنى گەرچە تۈگەشتى دېمىسەكمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يەرگە ئۇرۇلدى دېگەن گەپ. ئۇنىڭ قەددىنى رۇسلىشى يەنە شۇ ئاخىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن بولدى. دېمەك بىز ئوقۇغۇچىلارنى «قەھرىمانىي» ھېس-تۇيغۇلارغا شۇنچىلىك كۆندۈرىۋەتكەنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئايرىلسا ياشىيالماس بولۇپ قالغان.
ئىككىنچى ساۋاقدىشىم ناھايىتى ئىجدىھاتچان بالا بولۇپ، ئۇ ئۆگىنىشنى چىداپ قىلدى. مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە شىنجاڭدىن كەلگەن ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا تۇردى. ھەممىمىز ئۇنىڭغا قايىل بولاتتۇق. بىراق ئەلۋەتتە خەنزۇ بالىلارغا يېتىشەلمەيتتى، ئىمتىھان نومۇرى جەھەتتە. مەنغۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم پەرۋا قىلمايتتىم. بىلىم ئۆگەنگەندىكىن بولدىغۇ دەپلا ئويلايتتىم. چۈنكى ئۇ ئىمتىھان نەتىجىلىرىنىڭ كىشىنىڭ بىلىم ئۆگىنىش دەرىجىسىنى قانچىلىك توغرا كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن ئىمتىھان بېرىپ چېنىققان، ئۇلارنىڭ ئىمتىھاننىڭ ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېتىشلىرى، ئىمتىھاندىكى كۆز بۇيامچىلىقلىرىنى كۆرۈپ كۈلگۈم كېلەتتى. مەن ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئىسپاتلاشتىن چورتلا ۋاز كەچتىم. ھازىر ئويلاپ باقسام ئەينى چاغدا مۇشۇ خىيالىمنىڭ ماڭا قانچىلىك پايدا يەتكۈزگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، مەن پەقەت پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئۆزۈم قىزىققان بىلىملەرنىلا ئۆگەنگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇ بىلىملەر خىزمەتكە چىققاندا ماڭا شۇنچىلىك ئەسقاتتى. نەتىجىلەر ئارخىپ خالتىسىدا قېپقالدى. بىراق ھېلىقى ئىجدىھاتچان ئاغىنىمىز ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ نومۇرى باشقىلارغا يېتەلمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ نومۇرى تامامەن لاياقەتلىك نومۇرلار بولۇپ، پەخىرلىنىشكە ئەرزىيتتى. بىراق ئۇ شۇنداق ئۆزىنى قىينايدىغان خىيالنى تاشلىيالمىدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا ھەممىمىزدىن ياخشى ئوقۇغان تۇرۇقلۇق ئاشۇ نەتىجىلەر تۈپەيلى ئۆزىنى ئالىي مەكتەپتە ھېچنېمە ئوقۇمىغانغا چىقىرىۋەتتى. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن چوڭراق شىركەتلەرنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغىمۇ تۈزۈك قاتنىشالماي خىزمەت تاپالمىغىلى تاس قالدى. ئىشقىلىپ مېنىڭچە ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن بولسا بۇنىڭدىن نۇرغۇن ياخشى قىلالايتتى.
دېمەكچى بولغىنىمنى توغرا ئىپادە قىلدىممۇ يوق ئۇقمايمەن. ئىشقىلىپ بۇنداق يا بايرامدىن يا سايرامدىن دەيدىغان پىسخىكا بىزگە زىيىنى چوڭ بولۇۋاتىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر يا ئەڭ ياخشى بولۇشنى بولمىسا ھېچنېمە بولماسلىقنى كۆزلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپ سانلىق كىشىلەر ھامان ئوتتۇرىدا قالغۇچىلاردۇر. ئوتتۇرىدا قالغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى تەشكىل قىلغۇچىلار. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقىلىشى پۈتۈن مىللەتكە غايەت زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قائىدە جەمئىيەتتىكى ھەممە ساھەلەرگە ئورتاق.
مۇكەممەللىزىم ۋە رىقابەت ئېڭىنىڭ قالايمىقان تەكىتلىنىشى ياشلارنىڭ يۈرىكىگە زەھەردەك سانجىلىۋاتىدۇ. بىزدە پەرزەنتلەرگە چوقۇم سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈش، ئۆزى بىلەن نەتىجىسى تەڭ ئورۇندىكى ساۋاقداشلار بىلەن رىقابەتلىشىپ ئۆگىنىشتەك خاتا قاراش سىڭدۈرۈلۈۋاتىدۇ. نەتىجىدە قالايمىقان رىقابەت كوللېكتىۋىزملىق روھىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ئۇنىڭغا مۇكەممەللىزىم قوشۇلۇپ ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار ئۆزئارا كەمچىلىكلىرىنىلا كۆرۈشىدىغان، ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقلىرىنى پەقەتلا مەدھىيەلەشمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ، ئەزەلدىنلا تار بولغان جەمئىيەت تېخىمۇ تارلىشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنىڭ پەقەت مەززىسى قالمايدۇ، كىشىنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچمەي چەت ئەلگە چىقىپلا قۇتۇلۇشنى ئويلاپ قالىدۇ. ھېچقانداق روھىي ئوزۇق ۋە ھەمكارلىق بولمايدۇ.
ئۆزۈمنىڭ چەت ئەلدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى پەش قىلاي، ئازراق سېلىشتۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلىڭلار. بۇ يەردە خىزمەتداشلار ئارىسىدا رىقابەت بولمايدۇ. رىقابەت بولمايدۇ ئەمەس، ئۇ شەكىلسىز بولىدۇ، تەبىئىي بولىدۇ، ئۇ سىز رىقابەتلەشمىسىڭىزمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بىراق تېخىمۇ كۆپ بولىدىغىنى خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى كوللېكتىۋىزملىق كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. خىزمەتداشلار بىر-بىرىنى ھېسسىيات جەھەتتە ئاۋۋال قوبۇل قىلىدۇ، گەرچە شەخسىي كۆز قارىشى جەھەتتە ئۇ كىشىنى قەتئىي ياقتۇرمىسىمۇ بىر-بىرىنى بىر كوللېكتىپ ئەزاسى دەپ چىن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلىدۇ، ياردىمىنى ئايىمايدۇ، بۇ خىل ھەمكارلىق ۋە كوللېكتىۋىزملىق باشقا بىر رىقابەتچى كوللېكتىپقا يولۇققاندا تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، ھەر بىر ئەزا پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر-بىرىگە جان دوستلاردەك مۇئامىلە قىلىدۇ، پۈتۈن كۈچىنى چىقارمىغۇچىلار ياكى قارشى تەرەپكە دوستانە مۇئامىلىدە بولۇپ، ساتقۇنلۇق قىلغانلار قاتتىق ئېغىر ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ. ئادەتتە خىزمەت جەريانىدا خىزمەتداشلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن كىچىككىنە نەتىجىلىرىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ، مەدھىيەلەشنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مانا مۇشۇنداق كەيپىيات ئىچىدە ھېچكىم ھېچكىمدىن «ئېشىپ كەتمىگەن» ياكى «بېسىپ چۈشمىگەن» ئاساستا چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىپ ئالغا باسىدۇ.
ھەر قانداق ئىش چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئەكسىگە يانغىنىدەك، بىزدىكى مۇكەممەللىزىم ئىدىيەسى ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى بىلەن قوشۇلۇپ ئەكس تەسىرىنى كۆرسەتكىلى تۇردى، ھەتتا بۇ قىزغىنلىق شۇنچىلىك ئەسەبىي دەرىجىگە يەتتىكى بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئېغىز ئېچىپ بىر نەرسە دېيىشكە ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىدى. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك مىساللارنى كەلتۈرىمەن.
ئۇخلاپ ياتقان ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىشتا ئەينى چاغدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئويغان دەپ توۋلىغاندا ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياراشقان ئىدى. بىراق ھازىرقى كۈندە يەتتە ياشتىن يەشمىش ياشقىچە بولغان كىشى ئويغىنىشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنە چۈشەنمەيلا ئويغان دېدىم ئويغان دەپ توۋلاشقا چۈشتى. خەلق خۇددى ئاساۋ ئاتتەك چۆچۈپ ئويغىنىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي ئۆز دائىرىسىدە قىتىراپ چېپىشقا، ئۇيان-بۇيان ئۈسۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلار كەينىدە دەپ ماقالە يازسا پۈتۈن خەلق قوللىدى، ھەتتا باشتا ئۇيغۇرلار يانچۇقچى، پاھىشىۋاز دېگەن ماقالىلەرنىڭمۇ خېلى بازىرى چىققان، لېكىن ھازىر ئۇنداقلار ئاستا-ئاستا بېسىقىپ قالدى. ھازىر ئۇيغۇرلار كەينىدە دەپ ماقالە يازىدىغانلارنىڭ ئاساسلىق دەستۇرى پەن-تېخنىكىمىز كەينىدە. پۈتۈن خەلق تەبىئىي پەن بىلىملىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردۇق ھەم بېرىۋاتىمىز، مائارىپ «ئوقۇتۇش سۈپىتى»نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرلاپ قىيىن قىستاققا ئالمىغانلا يېرى قالدى، ئۇندىن باشقىسىنى قىلدى، ھالبۇكى بۇ كىشىلەر شۇنى چۈشەنمىدىكى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ھامان بىر سانائەتنى تۈرتكىلىك كۈچ قىلغاندىلا ئاندىن يۇقىرى ئۆرلىيەلەيدىغانلىقىنى ھېچكىم ئەسكە ئېلىشمىدى. بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز زاۋۇتنىڭ تايىنى يوق مۇھىتتا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، ھەممىسى ئىنژېنېر بولۇشقا بەل باغلىدى. ئاخىرىدا ھەممەيلەن ئىشسىز قالدى. ئاز ساندىكى مۇرادىغا يېتىپ چەت ئەللەردە ئىنژېنېرلىق خىزمەتلىرىگە ئېرىشكەنلەر بولسا، ياۋروپادىكى مەيدىسىنى كېرىپ قويۇپ خاتىرجەم تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان كېلىشكەن يىگىتلەرنى، كۆڭلىگە رېستوران خىزمەتچىسى بولۇشنى پۈكۈپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە ھەيران قېلىشتى ياكى كۆرمەسكە سېلىشىپ ئۆزىنىڭ «تىرىشىپ» قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى داڭلاشقا چۈشتى، ھالبۇكى ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى قۇربان قىلغانلىقىنى، يۇرتىنى سېغىنىش ئوتىدا، ھىجران ئوتىدا كۆيۈۋاتقان يۈرەكلىرىنى ئۇنتۇپ ئۆزلىرىنى ماشىنا ئادەم چاغلاپ قېلىشتى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش بولۇشقا چاقىردى. بۇ چاغدا يۇرتتىكىلەر بولسا ياۋروپانىڭ تازىلىق ئىشچىسىمۇ تەبىئىي پەننى يىرتىۋېتىدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈشەتتى. ھالبۇكى ئۇلار گېزىت-ژۇرناللاردىكى ئادەم ئالدايدىغان ئاجايىپ-غارايىباتلارنىڭ كىشىلەرگە قانچىلىك زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشمەيدۇ.
ياۋروپا بىلەن شىنجاڭنىڭ پەرقى زادى قەيەردە؟ بۇ مەن ئىزچىل ئويلىنىۋاتقان بىر سوئال. ياۋروپادا 3000 ياۋرو يۇقىرى مائاش ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدا 3000 يۈەن ھازىر ئانچە يۇقىرى مائاش ھېسابلانمايدۇ. مېنىڭ شوپۇر ئاكاممۇ ئۇنىڭدىن كۆپ تاپىدۇ. ياۋروپادا 8 ياۋرو بىلەن سىرتتىن بىر ۋاق ئاددىي تاماق يېگىلى بولىدۇ. شىنجاڭدىمۇ 8 يۈەنگە ئادەتتىكى بىر ۋاق قورساقنى ئەستەرلىگىلى بولىدۇ. ياۋروپادىكى ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ كونا ھەتتا شىنجاڭدىكى ئاياللارغىمۇ يەتمەيدۇ. ھەرگىز كىنولاردىكىدەك ئەمەس. مېنىڭ ھازىر ھېس قىلىشىمچە ياۋروپا بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى ياۋروپالىقلار ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ. ئاغزىدىلا ئەمەس، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سۆيۈپ ياشايدۇ. تېجەشلىك بىلەن ھېچقانداق نەرسىنى بۇزۇپ چاچماي كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بىز بولساق يۇرتنى ئاغزىمىزدا سۆيۈپ، ئەمەلىيەتتە يۇرتتىن ئايرىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىمىز. كىنو تېلېۋىزورغا ئالدىنىپ تاپقان-تەرگىنىمىزنى بۇزۇپ چېچىپ ياشايمىز. مانا بۇ ھەقىقىي پەرق. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن پەرق.
كىشى كۈرەش قىلىپ ھارغاندا، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىيەلمەيدۇ. ھامان بىر كۈنى ئۆزىمىز ھېرىپ-چارچاپ قوغلىشىۋاتقان نەرسىنىڭ پەقەت بىر خاتىرجەم تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەملىكنى بۇزۇۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ دەل ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. ياشلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەيلى.
مۇكەممەللىزىم پىسخىكىسىنىڭ تەسىرى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ داۋاملىق تەكىتلىنىشى بىلەن ئىنتايىن قىزىق ھېچكىم دىققەت قىلمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. يەنى كۆپچىلىك تازا تىللاپ پۇخادىن چىقتى، ئەمەلدارلار بولسا بۇلغانغان كىملىكنى ساقلاپ قېلىۋەردى، خۇددى كوچىدىكى *** مېنى بەرىبىر ياخشى دېمەيدۇ دەپ قىلغىنىنى قىلغاندەك بولدى. يەنە بىر قىزىق ئىش شۇكى ئەمەلدار بولۇش تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ خىيالىغا ئالدى بىلەن پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك كېلىدىغان بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپچىلىك ئەمەلدار بولۇشقا قىزىقماسلا بولدى. نېمە دەيدىكىن دەپ قالماڭلار، ئەلۋەتتە بىر مەزگىللەردە ئەمەل-مەنسەپ دېسە دۈم چۈشىدىغان بولۇپ كەتكەن، بىراق ھازىرقى ياشلار چوڭ بولغاندىن كېيىن باشلىق بولىمەن، سىياسىيون بولىمەن دەيدىغانلار ئاز. ھازىر كېچىك بالىلاردىن چوڭ بولغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىسىز دەپ سورىسىڭىز چەت ئەلگە چىقىمەن دەيدىغانلار كۆپ. بۇ بىر خىل خەتەرلىك ئەھۋال. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى، كادىرلارنىڭ قارا قورساقلىقى توغرىسىدا ۋايسايمىزيۇ نېمىشقا مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار تىرىشىپ كادىر بولۇشقا، ياخشى كادىر بولۇشقا بەل باغلىمايمىز؟ كادىرلارنىڭ تىللاش ئارقىلىق تۈزىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ياغلىق قاپاق ناھايىتى ئوبدان ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىغۇ!؟ چەت ئەللەردىكى ئىنژېنېر ئالىملاردىن بىزگە ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا چوڭ نەپ تەگمەيدۇ، ماڭا ئىشىنىڭلار. ئۇلار ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى كۆرەلمىگەنلىكىم ئەمەس، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانغىنىم، بىرنى بىر دېگىنىم. ئۇلار ئېرىشكەن مۇكاپاتلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى ئۇنچە يورۇق قىلىۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى چەت ئەلدە ئۇنداق ئادەم ساماندەك. ھېچكىم مىت قىلىپ قويمايدۇ. پەرزەنتلەرنى تەبىئىي پەن مۇتەخەسسىسى قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى كۈن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس خالاس. بىزنىڭ ياشلىرىمىز چوقۇم كۆپلەپ باشقۇرۇش ئىلىمى، مەبلەغ سېلىش ئىلىمى قاتارلىق ئىجتىمائىي پەنلەرنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك، شۇنداق ئىختىساس ئىگىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشى كېرەك. بولمىسا تېخنىكلار ئىشتىن سىرتقى يازغان ماقالىلىرى بىلەن مىللەتنى قۇتقۇزالمايدۇ. قىسقىسى مۇكەممەللىزىم ۋە كىشىلەر قەلبىدىكى قەھرىمان ئوبرازى قوشۇلۇپ ياشلارنى ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقماس قىلىپ قويىدۇ. نورمال تۇرمۇشنى تۇرمۇش ئەمەس دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدۇق. كېمىدە بۇ مېنىڭ ھېس قىلغىنىم.
مۇكەممەللىزىم بىزنىڭ تارقىتىش ۋاستىلىرىدىكى خاتا ئىدىيەلەر بىلەن قوشۇلۇپ غايەت زور ئىسراپچىلىق ۋە بۇلغىنىشنى پەيدا قىلدى. مەسىلەن ئېيتايلى، ئۇلار تىرىشىپ بېيىغانلىقتىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يېڭى تېلېۋىزور سېتىۋالدى، يېڭى ماشىنا ئالدى… دېگەندەك كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيىدىغان خەۋەرلەر قۇلاققا سىڭىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بېيىسىلا خۇددى چوقۇم يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشى كېرەكتەك، ئۆي جاھازلىرى، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنى بىرەر قۇر يېڭىلىمىسا بولمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ كەتتۇق، رەڭسىز تېلېۋىزوردىن رەڭلىككە، 17 دىيۇملۇقتىن 24 دىيۇملۇققا، ئادەتتىكى تېلېۋىزوردىن سىپىرلىق تېلېۋىزور ھەتتا سۇيۇق كىرىستاللىق نېپىز تېلېۋىزورلار بىزنىڭ چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىمىزغا ئايلاندى، ئەگەر يېڭىلانمىسا كونىلىق، زاماننىڭ كەينىدە قالغان دېدۇق. ئۆزبېكلەر ئەسكى دېگەن سۆزنى كونا دېگەن مەنىدە ئىشلەتسە، بىز يامان دېگەن مەنىدە ئىشلەتتۇق. دېمەك شۇنىڭدىنلا بىزنىڭ كونا نەرسىلەرگە قانچىلىق بىر تەرەپلىمە قارايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى مۇكەممەللىزىم تۈپەيلى كىشىلەر تۇرمۇشىدا بۇ نەرسىلەر كەم بولغان تۇرمۇشنى مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارىغاچقا پۈتۈن ئۆمرىدىكى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشتى. ئەمدى ئۆي جاھازلىرىنىڭ كونىلىقى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ياۋروپالىقلارغا قاراپ باقايلى، ئىشلەتكىنىگە 100 يىلدىن ئاشقان ئۆي جاھازلىرىنى تەۋەررۈك دەپ بىلىپ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىدۇ. باھاسى ھەتتا يېڭى ئۆي جاھازىسىدىن قىممەت بولىدۇ. ئۆيلىرىدە سۇيۇق كىرىستاللىق كەڭ ئېكران تېلېۋىزور تۇرماق 24 دىيۇملۇق تېلېۋىزورلارمۇ خەقنىڭ ئۆيىدە ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ. سۈرئىتى ئەڭ تېز، نۇرغۇن ئەڭ نوچى تىپتىكى ماشىنىلار بىردەك ياۋروپاغا سېتىلمايدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز شىركەتلەرنىڭ بەرگەن جاۋابى ياۋروپالىقلار سېتىۋالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بازىرى جۇڭگودا. كىشىلەرنىڭ بېرىدىغان جاۋابى بولسا مېنىڭچە ياۋروپادا سۈرئەت چەكلىمىسى ناھايىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. كېرەك قىلمايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ پۇلنى بۇزۇپ-چېچىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ كېرەك بولمىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىستېمال بىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىمىزنىلا ئىسراپ قىلىپ قالماي، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ۋە مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى.
مۇكەممەللىزىم بىزنىڭ ئۆز مىللىتىمىزگە بولغان غۇرۇرىمىزنى چىرىتمەكتە، ئۆز-ئۆزىمىزگە بولغان ھۈرمىتىمىزنى سۇسلاشتۇرماقتا. كىشىلەر ھازىر مىللەت بولسا ئۇنداق بولسا مۇنداق بولسا دېيىشىدۇ. مىللەتنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچە پاھىشە، بىر نەچچە يانچۇقچى چىقىپ تېلېۋىزوردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىش ئارقىلىق يۈزىمىز چۈشسە، تەشۋىق قىلغانلاردىن كۆرمەي مىللەتتىن كۆرۈشىدۇ. ئەسكى ئادەم چىققان مىللەتتىن تۇغۇلۇپ قالدىم دەپ ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلىشىدۇ. كۆڭلى كۆتۈرۈشمەيدۇ. ئۆزلىرىنىڭ گېپى بويىچە بولسا باشقىلار ئالدىدا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىشارمىش. باشقىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىدىن ئەنسىرەرمىش! سېپى ئۆزىدىن پىسخىك ئاجىزلىق! باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا، ۋاي دېيىشىگە ئېرىشىش شۇنچە مۇھىممۇ؟ نېمىشقا ئۆزىمىزگە چوقۇم باشقىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ باھا بېرىمىز؟ ئۆزىمىزگە توغرا باھا بېرىپ ئاجىز بولغان ئىشەنچىمىزنى ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى ساقلىيالمايمىز؟ ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئەسكى ئادەملىرى بارغۇ؟ ھەتتا كىنولاردا ئەسكىلىكنى قاملاشتۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىۋەتكەنلەرنى كۆرۈشۈپ قول قويۇپ كېتىمىزغۇ؟ بىز كېچىكىمىزدىن بىر-بىرىمىزنى قىرغىن قىلىشقا كۆندۈرۈلۈپ كەلدۇق. خاتا بولغان مائارىپ كۆز قارىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى چۈشۈرۈشنى ئۇلارنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلەتتى. سىنىپتا ھەر مەۋسۇملۇق خۇلاسە يىغىنى ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئېگىزدىن پەسكە قارىتىپ تىزىپ كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سەن ئۆگىنىشتە ناچار، سەن يارىماس دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش ئۇلارنى نابۇت قىلىش بولماي نېمە؟ ياخشى ئۆگىنەلمىگەنلىرى ئاشۇنداق بولۇپ تۈگىشىدۇ، ياخشى ئۆگەنگەنلىرى بولسا، باشقىلارنىڭ ماختىشىدىن ئايرىلىپ قالسا پۈتۈن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ-دە ئۈمىدسىزلىكتىن ۋەيران بولىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ ئىشەنچ تىكلەشنىڭ ئورنىغا سىڭدۈرۈلگەن ناتوغرا ئەھمىيەتسىز رىقابەت تۈپەيلى بۇ پەرزەنتلەرنىڭ كىشىلىك ئادىمىي قەدىر-قىممىتى خاتا تەرەققىي قىلىدۇ، چوڭ بولۇپ خىزمەت ئورنىغا چىققاندىمۇ ئۆگەنگەن خۇيى بويىچە باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشنىلا كۆزلەيدۇ. ھەتتا نۇرغۇنلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرۇشمايدۇ، بىر-بىرىگە ھەسەت قىلىش، ئورا كولاش، غەيۋەت قىتىغۇرلۇق قىلىشنىڭ ئەدەپ كېتىش سەۋەبىمۇ مۇشۇ يەردە. بىزنىڭ پىسخىكىمىز شۇ قەدەر ئاجىزكى باشقىلارنىڭ ئىككى ئېغىز ماختىشىغا گول بولۇپ ئۆزىمىزگە بولغان كونتىروللىقىمىزنى يوقىتىپ باشقىلار نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىدىغان يەرگە كېلىمىز. مانا بۇ پەرق!
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى