ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

Google Noto خەت نۇسخىسى دۇنيادىكى بارلىق يېزىق ۋە تىللارنى قوللىماقچى

Google Noto خەت نۇسخىسى دۇنيادىكى بارلىق يېزىق ۋە تىللارنى قوللىماقچى

ۋاقتى: 2016-10-27 ئاۋاتلىقى: 1041 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

Google Noto خەت نۇسخىسى بىر ھەقسىز خەت نۇسخىسى بولۇپ، ھەر قانداق شەخس خالىغانچە چۈشۈرسە ۋە ئىشلەتسە بولىدىكەن. ئۆتكەن بەش يىلدا، گۇگۇل شىركىتى ئىزچىل Noto خەت نۇسخىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ،ھازىرغا قەدەر، Google Noto خەت نۇسخىسى ئامبىرى ئاللىبۇرۇن 800 دىن ئارتۇق تىل ۋە 100 دىن ئارتۇق يېزىقنى قاپلىغان. Noto بولسا No Tofu نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، مەقسەت كىچىك تىللارنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولۇپ، گۇگۇلنىڭ نىشانى دۇنيادىكى ئىنسانلار ئىشلىتىدىغان بارلىق تىل ۋە يېزىقنىڭ خەت نۇسخىسىنى Google Noto غا بىرىكتۈرۈش ئىكەن.
گۇگۇلنىڭ يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى بوب جۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان تىلغا يولۇققاندا، بولۇپمۇ پەقەت ئىلىمى تەتقىقات ياكى ئۆلگەن تىللارغا چېتىلغاندا، بىز ئۇلارنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز، ئەگەر Noto نىڭ سىفىر ئىقتىدارى بولمىسا، بىز بۇ مەدەنىيەت بايلىقىنى قوغدىيالمايمىز.»



گۇگۇل بىلەن دۇنيا خەت نۇسخىسى ئامبىرى ماگناتى Monotype ئورتاق ھەمكارلىشىپ بۇ تۈرنى يولغا قويغان بولۇپ، Monotpye شىركىتى Noto تۈرىنىڭ تەتقىقات ۋە سىفىرلىق خەت نۇسخىسى لايىھەسى، يېزىش سىستېمىسى ۋە ھەرپلەرگە مەسئۇل بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لايىھەلىگۈچىلەر ۋە تىلشۇناسلارنى بۇ تۈرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدىكەن، گۇگۇل بولسا بۇ تۈرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، تۈرنىڭ لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە تېخنىكىلىق سىناق قىلىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولىدىكەن.
Monotpye شىركىتىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر باش نازارەتچىسى ستېۋ ماتتېرسون: «گۇگۇلنىڭ Noto خەت نۇسخىسى بارلىق ئۈسكۈنىلەر، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئەپلەرنى ئىشلەتكەن ئىستېمالچىلارنىڭ خەت كاتاكچە («دۇفۇ پارچىسى») چىقىۋېلىش مەسىلىسىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.» دەيدۇ.
ئىلقۇت ئاددىي تەھلىلى:
گۇگۇلنىڭ بۇ تۈرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئىشىنىمىزكى ھەر قانداق بىر قەۋمنىڭ ئانا تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئېسىل ئىشتۇر. يۇقىرىقى قىستۇرما رەسىملەردىنمۇ شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر تۈردە تۈركىي تىللار سىستېمىسىدىكى ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىدىكى زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەردە يېزىقىمىزنىڭ چاپاق چىقىۋېلىش مەسىلىسى ئۈزۈل كېسىل ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
دېمەك، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىمۇ Google Noto خەت نۇسخىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنىڭ ھاسىلاتى بولغان ئەڭ يېڭى ئۈسكۈنىلەردىمۇ چاپاق چىقىۋېلىش، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىش مەسىلىسى تەبئىي ھەل بولۇپ كېتىشى، ئۇ ۋاقىتتا، بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنىلىرىمىزگە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلىمايمۇ ئانا تىل ھوزۇرىنى سۈرەلىشىمىز ھەم ئارتۇقچە خەت كىرگۈزگۈچ ياكى خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇشىمىز مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، Google Noto خەت نۇسخىسىنىڭ تىلىمىزنى گۈزەل چىرايلىق كۆرسىتىپ بېرىشى ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن بىر قىسىم نامسىز قەھرىمانلار تۆھپە قوشىۋاتقان بولۇشى (ئەلۋەتتە ئۇلار مەزكۇر تۈر ئۇچۇرىدىن خەۋەردار بولغان بولسىلا) ياكى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشقا ئۆزىنىڭ گۈزەل لايىھەسى ياكى تىلشۇناسلىق بىلىملىرىنى تەقدىم ئېتىپ، تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن. شۇڭا تىلىمىزنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆركەم، گۈزەل بولۇشى، ھەم ئارىمىزدىكى ئەڭ ئۇستا لايىھەچى، ئەڭ داڭلىق تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ مەزكۇر تۈردىن بىخەۋەر قالماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئۇچۇرنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە كەڭ تارقىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، بەلكىم سىزنىڭ كىچىككىنە ھەرىكىتىڭىز ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن چەكسىز مەدھىيەلەرگە مۇيەسسەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، قېنى مەزكۇر ئۇچۇرنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە كەڭ تارقىتىشنى باشلىغايسىز.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى