ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كەلگۈسىدىكى 10 يىلدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا نېمىگە تايىنىش كېرەك؟

كەلگۈسىدىكى 10 يىلدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا نېمىگە تايىنىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-06-24 ئاۋاتلىقى: 5875 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. موتوروللا شىركىتى V8088 تىپلىق يانفوننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن مەست بولۇپ ھۇشيارلىقىنى يوقاتقاندا، كىممۇ نوكىيانىڭ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشىنى ئويلىغان؟
2. نوكىيا شىركىتى دىققىتىنى تېخىچە تۆۋەن قاتلام بازاردىن ئۈزمىگىنىدە، كىممۇ ستېۋ جوبسنىڭ ئالمىسىنىڭ قىستۇرۇلۇپ كىرىپ، تېزلىكتە بازارنى ئىگىلەپ بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان؟
3. ئالما تېلېفونى سالاھىيەتكە ۋەكىللىك قىلىپ، كىشىلەرنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغاندا، كىممۇ سامسۇڭنىڭ ئېمپىرىيەگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلىغان؟

4. جۇڭگو كۆچمىسى تېخىچە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى بولۇش مەستخوشلۇقىدا يۈرگەندە، كىممۇ ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئىنىڭ بىر ئېغىناپلا 400 مىليونلۇق ئابونتقا ئىگە ئالاقە قورالى بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ يېتەلىگەن؟
5، جۇڭگو بانكا ساھەسىنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇلار ياڭراق كۈيلىرىنى ياڭرىتىۋاتقىنىدا، كىممۇ ئالى بابانىڭ توردىكى مەۋھۇم ئىناۋەت كارتىسىنى بازارغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلىگەن؟
6. نۇرغۇن كىشىلەر تېخىچە بىرەر دۇكان ئىجارە ئېلىپ كىچىك سودا بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلىشىۋاتقىنىدا، كىممۇ بويتاقلار بايرىمى (قوش 11 كۈنى) كۈنىدىكى بىر كۈندە جۇڭگودىكى ئېنتېرنېت سودىسىدا 57 مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك سودا بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ باققان؟

ئۆگىنىشنى توختىتىش ئەڭ چوڭ خاتالىقتۇر، توختاتمىغان تەقدىردىمۇ سۈرئەتنىڭ ئاستا بولۇشى يەنىلا رەھىمسىز رىئاللىق تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىشكە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

2014-12-07_121109

كەلگۈسىدىكى 10 يىلدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا نېمىگە تايىنىش كېرەك؟
جاۋابى: توپلاشتۇرۇش، ئارىيەت ئېلىش، ئۆگىنىش، ئۆزگىرىش
بىرىنچى، توپلاشتۇرۇش: بايلىقنى توپلاشتۇرۇش
سىز كەلگۈسىدە قانچىلىك بايلىقنى، قانچىلىك يولنى توپلاشتۇرالىسىڭىز، شۇنچىلىك بايلىق سىز تەرەپكە ئاقىدۇ.

ئىككىنچى، ئارىيەت ئېلىش
كەلگۈسى ئۆتمۈشكە ئوخشىمايدۇ، كەلگۈسىدە كېمە ياساپ دەريادىن ئۆتۈشكە قارىغاندا، كېمە ئارىيە ئېلىپ دەريادىن ئۆتۈش بەكرەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى شىياۋمى پەن تېخنىكىسىدۇر. شىياۋمى شىركىتىنىڭ ھېچقانداق زاۋۇتى يوق، ھېچقانداق سېتىش دۇكىنى يوق، لېكىن ئۇ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ئارىيەت ئېلىش» پىرىنسىپىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان بولغاچقا، قىسقىغىنە 5 يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە، بازار قىممىتى شىددەت بىلەن ئېشىپ، 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، لىيەنشىياڭ گۇرۇھىنىڭ بازار قىممىتىدىن ھالقىپ كەتتى.
دەۋرنىڭ بۇ خىل تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا چوقۇم ئىدراك بىلەن قارار چىقىرىپ، ۋەزىيەتكە ماس قەدەمدە ئىش كۆرۈش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا لېي جۈننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: «تەيفېڭ بورىنى ئېغىزىدا تۇرسا، چوشقىمۇ ئۇچىدۇ!»

ئۈچىنچى، ئۆگىنىش
ئۆگىنىش، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش. بۈگۈنكى دەۋر ئۆگىنىشكە تايىنىپ ئۇتىدىغان، ئۆزگىرىشكە تايىنىپ يېڭىدىغان دەۋردۇر! ھەر قانداق كارخانىغا نىسبەتەن بۇ پىرىنسىپ ئوخشاش كۈچكە ئىگە.
كوداك، نوكىيا، لى نىڭ، سونى قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئۆزگىرىشنى خالىمىغانلىقتىن بولغان.
كونىلار: «بايلار ئۆگەنمىسە بايلىقى ئاشماس، نامراتلار ئۆگەنمىسە، نامراتلىقىنىڭ چېكى بولماس!» دېگەن، شۇڭا ئۆگىنىشكە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.

تۆتىنچى، ئۆزگىرىش
يانچۇقنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال كاللىڭىز (تەپەككۇرىڭىزنى)نى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك.
ھازىرقى دەۋر ئىزچىل ھالدا ئۇنۋانلىقلارنى شاللاۋاتىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش ئىقتىدارى بار، ئۆزگىرىشنى خالايدىغانلار (دەۋرگە ماسلىشىشنى خالايدىغانلار)نى شاللىماي، ئەكسىچە ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىۋاتىدۇ.

خىيال قىلىش خىيال قىلماسلىقتىن ئەلا!
ھەرىكەتكە ئۆتۈش خىيال قىلىشتىن ئەلا!

خىرىسقا يۈزلەنگەندە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
ما يۈن مۇنداق دەيدۇ: ئەتىنى كۈتمەڭ، ئەتە بەك ئۇزاق بولۇپ كېتىدۇ، بۈگۈن ھەرىكەتلەنسىڭىزلا بولىدۇ.
بىرىنچى، بىرەر ھەرىكەتنى ئۆزگەرتىشنى ئەتىگە قويماڭ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ سىزنىڭ ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛
ئىككىنچى، بىرەر ئازدۇرۇشنى رەت قىلىشنى ئەتىگە قويماڭ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ سىزنىڭ رەخمىڭىزگە ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ؛
ئۈچىنچى، بىرەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئەتىگە قويماڭ، ئۇنداق بولمايدىكەن، پۇرسەت كەتسەك كەلمەيدۇ؛
تۆتىنچى، بۈگۈنكى ھەرىكەتنى ئەتىگە قويماڭ، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ سىزگە ھېچقانداق قالتىس تۇيغۇ ئاتا قىلالمايدۇ؛
بەشىنچى، بۈگۈنكى بەختتىن ھوزۇرلىنىشنى ئەتىگە قويماڭ، ئۇنداق بولمايدىكەن، بەخت قايتىپ كەلمەيدۇ؛
ئالتىنچى، پۇرسەتنى ئەتىگە قويماڭ، چۈنكى پۇرسەت پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئەتە بەلكىم ئاللىبۇرۇن پۇرسەت كەتكەن بولۇشى مۇمكىن؛

ماركىنىڭ %98 مەدەىيەتتىن كېلىدۇ، زىددىيەتنىڭ %98 خاتا چۈشەنچىدىن كېلىدۇ، بايلىقنىڭ %98 توپلاشتۇرۇشنى كېلىدۇ.

يۈزلىنىش خۇددى بىر ئاتقا ئوخشايدۇ، كەينىدىن قوغلىسىڭىز قەتئىي يېتەلمەيسىز، ئەگەر بۇ ئاتقا مىنىۋالسىڭىز ئات بىلەن تەڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشالايسىز، شۇڭا يۈزلىنىشنىڭ كەينىدىن قوغلىماي، ئەكسىچە، يۈزلىنىش بىلەن ماس قەدەملىكنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك.

بۇ دۇنيادا سىزدىن كۆرۈمسىز ئادەملەر چوقۇم بار، ئۇنۋانى سىزدىن تۆۋەنلەرمۇ ھەم بار، سىزدىن پاكارلارمۇ ھەم بار، ھەر خىل شارائىتى سىزدىن ناچارلارمۇ ھەم ئاز ئەمەس. ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ساھەسىدە بەلكىم سىزدىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.
نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز؟
چۈنكى: ئۆگىنىش ئىقتىدارى=رىقابەت ئىقتىدارى

سىز ئۆگىنىشنى رەت قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما رىقابەتچىڭىز ھەرگىزمۇ ئۆگىنىشنى توختاتمايدۇ!
–ھەممىباب ئاپتوموبىلىنىڭ ۋۇجۇدچىسى: جەك ۋېلچ (Jack Welch)

بىل گەيتس بىلەن باففېرتنىڭ ئۇتۇقى ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆگىنىشىدىن كەلگەن. پەقەت ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە تاكتىكىسى بولغاندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يادرولۇق ئاچقۇچىنى قولغا ئالغىلى بولىدۇ.
ئۇسۇل توغرا بولمىسا، تىرىشچانلىق بىكار بولىدۇ، شۇڭا توغرا بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە تاكتىكىنى ئىگىلەش تولىمۇ مۇھىم.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى