ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ياشلاردىكى پۈچەك نەتىجىخۇمارلىق ۋە زىيادە ۋاپادارلىق كىرزىسى ھەققىدە ئويلىنىش

ياشلاردىكى پۈچەك نەتىجىخۇمارلىق ۋە زىيادە ۋاپادارلىق كىرزىسى ھەققىدە ئويلىنىش

ۋاقتى: 2016-10-22 ئاۋاتلىقى: 11152 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىنسانىيەت تەپەككۇر دەۋرىدىن ھالقىپ، ئۇچۇر دەۋرىگە يۈزلىنىپ، ئۇچۇر پاخاللىقى تۈپەيلىدىن ئۆز تەپەككۇرىنى يوقىتىپ قايمۇقۇپ قېلىۋاتقان، كىشىلەردە «بىلىملىك» تۇيغۇسى ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە تويۇقسىز تەپەككۇرلىرىم غىدىقلىنىپ قالدى. ياشلار ئەسلىدە بۇ دەۋرنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى ئىدى. ئەمما ھازىرقى بىر قىسىم ياشلارنى كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇلاردىكى پۈچەك نەتىجىخۇمارلىق، زىيادە ۋاپادارلىق تۈپەيلى ئۆزلىرى بىلىپ بىلمەي كىرزىسلىق قەدەملەرنى تاشلاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان بۇ ياشلاردىن كۈچلۈك ئۈمىدسىزلەنمەي قالمايمىز.
ھازىر ياشلاردا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش قىلىش، بالدۇرراق ئۆز ئىگىلىكىنى يارىتىش ئېڭى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ئەمما دەۋرنىڭ نۇر سۈرئىتى تېزلىكىدىكى تەرەققىياتى نەتىجىسىدە، ياشلارنىڭ پۇرسەتنى ياخشى مۆلچەرلىيەلمەي، ھودۇقۇپ قايمۇقۇپ قېلىۋاتقانلىقى، ئۇلاردىكى پۈچەك نەتىجىخۇمارلىق ۋە زىيادە ۋاپادارلىق ئۇلارنى توغرا تەپەككۇر ۋە توغرا تاللاشتىن ئاداشتۇرىۋاتىدۇ.



پۈچەك نەتىجىخۇمارلىقنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ: ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى بولىدۇ. مەسىلەن: ھازىرلا توغۇلغان بوۋاقنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە سالغىلى بولمايدۇ، بۇ بوۋاق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇ ئالدى بىلەن ئانىنىڭ پەپىلىشىدە بەدىنى ئەتلىمە گۆش ھالەتتىن تەدرىجى يېتىلىشى، تەدرىجى پايپاسلاپ مېڭىشنى ئۆگىنىشى، ئاستا-ئاستا مېڭىشنى ئۆگىنىشى ئاخىرى يۈگۈرۈش باسقۇچىغا يېتىشى كېرەك. نورمال ئەھۋالدا بىر بوۋاقنىڭ يېتىلىپ بالىلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، يۈگۈرەلەيدىغان بولۇشى ئۈچۈن كەم دېگەندە 10 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، يەنى بالا 10 ياشقا كىرگەندە ئاندىن بىرەر مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالايدىغان دەرىجىدە يۈگۈرۈش ئىقتىدارى يېتىلگەن بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى ياشلاردا پۈچەك نەتىجىخۇمارلىق قانداق بولىۋاتىدۇ دېگەندە، نۇرغۇن ياشلار «بوۋاقلىق» ھالەتتىن تېخى تولۇق يېتىلىپ، يۈگۈرۈش باسقۇچىغا يەتمەي تۇرۇپ، بىراقلا يۈگۈرۈش مەيدانىغا كىرىۋالىدىغان ئەھۋاللار بەك ئېغىر. يەنى ياشلاردا تېخى تولۇق تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە بولماي تۇرۇپلا ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاللىۋېلىش ئەھۋالى ئېغىر. يۈگۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بىر بوۋاقنىڭ يۈگۈرۈش مەيدانىغا كىرىۋېلىشى ئېنىقكى بىر كىرزىس ياكى ئاپەتنى ئۆزىگە ھامىلىدار قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ بەلكىم باشقىلار تەرىپىدىن دەسسىۋېتىلىشى ياكى زىيادە چارچاپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋېلىشى تەبئىي. مۇنداقچە ئېيتساق، ھازىرقى ياشلار يۈزلىنىۋاتقان خىزمەت جەڭگاھى بىر كۆز يېشىغا ھېسداشلىق قىلمايدىغان، پەقەت ھەقىقىي ئىقتىدارنى ئېتىراپ قىلىدىغان، مەرتنى مەيداندا سىنايدىغان جەڭگاھتۇر.
ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە شۇ نەتىجىگە ئېرىشىشكە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلاپ بولۇپ، ئاندىن بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش سەپىرىگە ئاتلانساق بولىدۇ. دەل ئاشۇ نەتىجىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈش جەريانى بىزدىن بىر مەزگىللىك ۋاقىت، ئىقتىساد جەھەتتە بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. كونىلاردا «ئالدىرىغان يولدا قالار دەيدىغان گەپ بار!» شۇڭا چوقۇم ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئادەتتىكى شامال ئەمەس بەلكى بوران-چاپقۇندىمۇ تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدىغان ئىقتىدار يېتىلگەندە ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتسەك بولىدۇ. ئەمما ھازىرقى ياشلاردا بۇ خىل جەريانغا ۋاقىت، ئىقتىساد جەھەتتىن بەدەل تۆلەشنى خالىماسلىق ئېڭى بولغاچقا، ئۇلار ئۆزىدە تولۇق ئىقتىدار يېتىلمەي تۇرۇپلا بۇ جەڭگاھقا كىرىۋالىدۇ. شۇڭا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلار چوقۇم ياخشى تەييارلىق كۆرۈشى، زىيادە نەتىجىخۇمارلىقتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.
نورمال ئەھۋالدا پۇرسەت كۈتۈپ تۇرمايدۇ، ئەمما شۇ ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، پۇرسەتنىمۇ تولۇق تەييارلىق بىلەن كۈتىۋالغاندا ئاندىن شۇ پۇرسەتنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ياراتقىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر تولۇق تەييارلىق قىلمايلا ماڭا پۇرسەت كەلدى دەپ ئوتتۇرىغا چۈشىۋالساق، ئەسلىدىنلا پۇرسەت ھېسابلانغان بارلىق ئەۋزەللىكلەر ئەكسىچە ئاپەت ياكى كىرزىسقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
يەنە بىر جەھەتتىن ھازىرقى ياشلاردا زىيادە ۋاپادارلىق ئېڭى نىسبەتەن كۈچلۈك. ھەر قانداق شەيئىنىڭ چوقۇم بىر چېكى بولىدۇ، جۈملىدىن ۋاپادارلىقنىڭمۇ شۇ.
بۈگۈن شىركەتتە مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ:
شىركەتكە ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى كەپتۇ. ئۇلار قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ پىراكتىكانتلىق قىلماقچى ئىكەنتۇق. ئۇلار شىركەتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى (CEO) بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقاندىن كېيىن، شىركەت CEO ى ئۇلارنىڭ شىركەتتە پىراكتىكانت بولسا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئايلىقى ئۈچۈن 600 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر پىراكتىكانت قىلىش جەريانىدا ئىپادىسى ياخشى بولسا ئايرىم ھەق قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەمما ھېلىقى ئىككى ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارە ئالىدىغانلىقى، تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، شىركەتنىڭ ئۇلارغا ئايلىقى ئۈچۈن 1500 يۈەن بەرسە پىراكتىكانت قىلىدىغانلىقىنى، بولمىسا پىراكتىكانت قىلغۇسى يوقلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىزنىڭ شىركەتنىڭ CEO ى ئۇلارغا شىركەتنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى كۆرمەي تۇرۇپ 1500 يۈەن بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ.
مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە، ھازىر ھەر قانداق شىركەتكە ئىختىساسلىق خادىم كەمچىل، شىركەت بىر پىراكتىكانتقا ھەر ئايلىقى ئۈچۈن 600 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىمەن دېيىشى ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ سەن مەيلى قانچىلىك ئىشلە مەن ساڭا 600 يۈەنلا بېرىمەن دېگىنى ھېسابلانمايدۇ. بىر شىركەتكە نىسبەتەن ئىختىساسلىق خادىم ھەقىقەتەن مۇھىم. ھەر قانداق بىر شىركەت باشقۇرغۇچىسى ئۆز شىركىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈچۈن زور زېھىن كۈچ چىقىرىدۇ ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر ئىختىساس ئىگىسى بايقالسا، شىركەت باشقۇرغۇچىسى چوقۇم شۇ ئىختىساس ئىگىسىنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، شىركەتتە ئەگەر بىر خادىم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرسە، شىركەت چوقۇم ئۇنىڭغا ئاشۇرۇپ ھەق بېرىش بەدىلىگە شۇ ئىختىساسلىق خادىمنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ چىقىشقا ئۇرىنىدۇ. شەخسەن بىزنىڭ شىركەتتە ئىختىساسلىقلار قانچىلىك ئىشلىسە شۇنچىلىك ئېلىش ئاللىبۇرۇن ئەمەلىيلىشىپ بولغان. بىزنىڭ شىركەتتە بۇ يىل (2014-يىلى) يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ھەتتا بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پىراكتىكا قىلىش جەريانىدا ئايلىقىغا 7500 يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئېلىپ ئىشلىگەنلىكى بىر ھەقىقەت. (ئەسلى 10000 يۈەندىن ئېشىپ كېتەتتى، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالدىن نەقلەشتۈرۈلگىنى 7500 يۈەندىن ئارتۇق بولغان.) بۇ تامامەن شۇ خادىمنىڭ شىركەتكە ياراتقان ئىقتىسادىي قىممىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ئىش. نورمال ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ شىركەتتە پىراكتىكا قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلار ئايلىقىغا 2000 يۈەن ئېلىپ ئىشلەيدۇ. ھەم شىركەت ئىزچىل ھالدا پىراكتىكىلىق قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئايلىقى 2000 يۈەن ئىش ھەققى بېرىپ كەلگەن (شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ياراتقان ئىقتىسادى قىممىتى بەلگىلىگەن.)
بىز نەزىرىمىزنى يۇقىرىدىكى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىغا قاراتساق، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تەتىل ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ شىركەتتە پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىماقچى بولغانلىقىدەك ياخشى روھىنى قەدىرلەشكە ئەرزىسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر پىراكتىكانتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەتكە ئىش ھەققى ئۆلچىمىدە شەرت قويۇشتەك ئېغىر خاتالىقنى سادىر قىلغان. بۇ دەل ئۇلاردىكى زىيادە ۋاپادارلىقتىن كېلىپ چىققان خاتالىق.
ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئۇلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، تەتىلدە ئىجارە ئۆي ۋە تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاتا-ئانىسىغا زىيادە ئېغىرلىق سالماسلىق، ئەمما ئۇلار تەتىلدە پىراكتىكانتلىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي ماھىدىنى ئۇنتۇپ قالغان. پىراكتىكانتلىق قىلىشتىكى تۈپ مەقسەت ئېنىق: ئۆزىنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋىي بىلىملىرى ئاساسىدا ئەمەلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ، كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىش ئىشلىرىغا ئاساس سېلىش، ئەمما بۇ چوقۇم بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر جەريان، بۇنى ئونۇتماسلىق كېرەك.
ئۇ ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىدىكى ئەجەللىك خاتالىق پىراكتىكانتلىققا بولغان تونۇشتىكى يېتەرسىزلىكتۇر. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى تۆلەيدۇ، مەكتەپكە ياتاق پۇلى تۆلەيدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە مەكتەپتە بىلىم ئالىدۇ، ئەلۋەتتە، مەكتەپ ئۇلارغا تاماقنى ھەقسىز بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆزى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوقۇغۇچىلاردا ئادىلسىزلىق ئېڭى مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى مەكتەپ ئۇلارغا بىلىم بېرىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇشى چوقۇم شۇنداق بولىدىغان ئىش. لېكىن ئۇلار شىركەتكە كېلىپ پىراكتىكانتلىق سالاھىيىتىدە ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرسە شىركەت مەكتەپنىڭ پىرىنسىپى بويىچە ئۇلاردىن تەربىيەلەش ھەققى ئالسا توغرا بولاتتى، چۈنكى نۇرغۇن تەربىيەلەش كۇرسلىرىمۇ ھەق ئالىدىغۇ؟ ئەمما شىركەت ئۇلارغا ھەقسىز ئەمەلىي جانغا ئەسقاتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىشتىن سىرت ئۇلارغا ئايدا تۇرمۇش پۇلى بەرسە، بۇ يەردە تۇرمۇش پۇلىنىڭ ئاز بولۇپ قېلىشى ئوقۇغۇچىلاردا ئادىلسىزلىق ئېڭى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەلۋەتتە، شەخسەن بىزنىڭ شىركەت بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى شىركەت ئۈستىگە ئالىدۇ، دېمەك ئاۋۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ پىراكتىكانتلىق جەريانىدىكى چۈشلۈك تامىقىنى شىركەت ئۆز ئۈستىگە ئالغان، بۇلارنى ئۇلار قىلچە ئىقتىساد ئېڭى بويىچە ھېسابلاپ كۆرمىگەن. ئەجىبا شىركەتنىڭ ئۇلارغا 600 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىمەن دېگىنى خاتامۇ؟ بىڭسى بولسا شۇ ئوقۇغۇچىلار شىركەتكە شەرت قويماي، تالانتىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرىكى پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلاردەك ئايلىقى 2000 يۈەن، ھەتتا 7500 يۈەننى ئېلىپ باقسۇن، ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئېلىش يولىنى چەكلىمىدى.
شىركەت نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا 600 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىمەن دەيدۇ؟ چۈنكى ئۇلار شىركەتنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى ئەمەس، بەلكى بىر پىراكتىكانت. پىراكتىكانت دېگەنلىك ئۇلار بىر ئۆگەنگۈچى، ئۇلار شىركەتتە خاتالىق سادىر قىلسا شىركەت ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقا رەسمىي خىزمەتچىلەردەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ مەلۇم خاتالىقى سەۋەبلىك شىركەتكە كەلتۈرگەن زىينى ئۇلارغا بېرىلگەن تۇرمۇش پۇلىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە، شىركەت يەنىلا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە 600 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ، ئەگەر ئۇلاردا خاتالىق كۆرۈلمەي، شىركەتتىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولسا، شىركەت ئۇلارنىڭ ياراتقان ئىقتىسادىي قىممىتىگە ئاساسەن ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى بېرىدۇ. شەخسەن بىزنىڭ شىركەتنى مىسالغا ئالساق، نورمال ئەھۋالدا ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ ئايدا قولىغا تېگىدىغان پۇلى 3000 يۈەندىن يۇقىرى بولۇش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، پەقەت شۇ خىزمەتچى نورمال خىزمەت ۋاقتىدا شىركەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ياخشى ئىشلىسىلا ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى 3000 يۈەندىن كەم بولمايدۇ (بۇ ئۇلارنىڭ شۇ ئايدا قولىغا ئالىدىغان ساپ مائاشى، باشقا تەمىناتلار بۇنىڭ سىرتىدا!)
شۇڭا ھەر ۋاقىت شۇ ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئەڭ مۇھىم. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئوقۇغۇچى ئەگەر شىركەتكە شەرت قويماي ئالدى بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلەپ ياخشى نەتىجە ياراتقان بولسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى 1500 يۈەندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىش ھەققى ئېلىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى، چۈنكى بۇ بىزنىڭ شىركەتتە تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىش، گەپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئىپادىسىگە باغلىق. ئەمما ئۇلار ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلىپ شىركەتكە شەرت قويۇپ، بۇ قېتىملىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. دىيارىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل قىممەت قاراشتىكى، پىسخىكىسىدا كىرزىس كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئايلىقى 1500 يۈەن بېرىپ پىراكتىكانتلىققا قوبۇل قىلىدىغان شىركەتلەر تېخى يوق دېيەرلىك، كۆپ ساندىكى شىركەت ۋە ئىدارە-ئورگانلار بىر پۇڭ پۇل بەرمەي پىراكتىكانتلىققا قوبۇل قىلىدىغان مۇشۇنداق كۈنلەردە بۇ تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
شۇڭا دەيمىز، يۇقىرىدىكى ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىدىكى زىيادە ۋاپادارلىقى ئۇلارنىڭ يولىنى ئېتىپ قويغان. شۇڭا ھەر ۋاقىت زىيادە ۋاپادارلىقتىن ساقلىنىشىمىز، ھەر قانداق ئىشنى چېكىدە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.


بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى