ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

خوجايىن بىلەن خىزمەتچىنىڭ پەرقى (ھېس قىلىپ يېتەلەمسىز؟)

خوجايىن بىلەن خىزمەتچىنىڭ پەرقى (ھېس قىلىپ يېتەلەمسىز؟)

ۋاقتى: 2016-07-07 ئاۋاتلىقى: 7861 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارنا (غار-غار ئۆردەك) دەريادىن بىر بېلىقنى چىشلەپ تۇتىۋاپتۇ، بېلىق ئۇنىڭغا: «ئەگەر قورسىقىڭ ئاچقان بولسا، مەن ساڭا غىزالىق بولۇشقا رازى. سەن يېرىم كۈن جاپا تارتقان بولساڭمۇ، سەن پەقەت مېنىڭ ئازلا بىر قىسمىمنى يېيەلەيسەن، كۆپ قىسمىمنى بولسا خوجايىنىڭ ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجايىنىڭ سىزنىڭ بېلىق تۇتقاندا يەۋالماسلىقىڭ ئۈچۈن، بوينۇڭغا تۆمۈر ھالقا سېلىپ قويىدۇ، بەكمۇ رەھىمسىزلىك!» دەپتۇ.
قارنا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ ئالدام خالتاڭغا چۈشمەيمەن. گەرچە مەن ھازىر تۇتقان بېلىقلىرىم كۆپ، ئەمما يېيەلەيدىغىنىم ئاز بولسىمۇ، ئەمما قىش كۈنلىرى كەلگەندە، دەريا-دېڭىز توڭلاپ مۇز تۇتۇپ قالىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مەن بېلىق تۇتالمايمەن. ئەمما خوجايىنىم يەنىلا مېنى باقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمايمەن.» دەپتۇ.

2014-11-28_234252

بىرىنچى ئىلھام:
خىزمەتچىلەرنىڭ ساداقەتمەنلىكى كارخانىلار تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇددەتتە يېتىلدۈرۈپ چىقىلىدۇ.

ئىككىنچى ئىلھام:
خىزمەتچىلەر ھەرگىزمۇ خوجايىن پۇل تاپقاندا، ھە دېسىلا شۇ پۇلدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئويلىماسلىقى كېرەك، چۈنكى خوجايىن زىيان تارتقاندا خىزمەتچىلەر ئوخشاشلا زىياندىن تەڭ بەھرىمان بولمايدۇ.

ئۈچىنچى ئىلھام:
خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ، باشقا بىر خىزمەتكە كىرىشتە، يەنىلا كارخانىغا مىننەتدار بولۇش كېرەك. چۈنكى ئۆتمۈشتە شۇ كارخانا-شىركەت ئوخشىمىغان رەۋىشتە، ئوخشىمىغان دەرىجىدە سىزگە ياردەم بەرگەن بولىدۇ. %80 خوجايىننىڭ ھەممىسىدە ئاشقازان ياللۇغى، نېرۋا جىددىيلىكى، ئۇيقۇسىزلىق، بىئارامسىزلىق… قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. خوجايىنلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىنى كەسىپكە دوغا تىكىۋەتكەن بولىدۇ. شۇڭا سىز خوجايىنىڭىزنى ئانچە-مۇنچە توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك.

خوجايىن بىر تۈپ دەرەخ، خىزمەتچى شۇ دەرەخنىڭ بىر شېخى. رىقابەت ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، بازاردا ھەر قانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ، مەبلەغ قانچە جىددىي بولسىمۇ، قانچە بوران-چاپقۇن بولۇشىتىن قەتئىينەزەر، خوجايىن ھەمىشە قەتئىي تىك تۇرۇپ، بۇ دەرەخنىڭ ھەر بىر شاخ-يوپۇرمىقىنى قوغدايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. دەرەخ مەيلى چوڭ بولسۇن، مەيلى كىچىك بولسۇن، بۇ دەرەخ ھامان بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇردىن ئۆز شاخ-يوپۇرماقلىرىنى ساقلايدۇ. مەيلى بۇ دەرەخ ياخشى بولسۇن، ئەسكى بولسۇن، ئۇنىڭ شاخ-يۇپۇرماقلىرى ھامان ئۇنىڭدىن پاناھلىنالايدۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى