ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بازار، رىقابەت، ئىستېمال

بازار، رىقابەت، ئىستېمال

ۋاقتى: 2016-07-31 ئاۋاتلىقى: 7264 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېمىغا كىرىش
11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋەرگە كۆرە، يىشىن ئۈچ تور (جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ۋە جۇڭگو تېلېگراف خەۋەرلىشىشى) ئارا ئېقىم ھەقسىز بولۇش پىلانىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ يىشىننى ئىشلىتىپ پاراڭلاشقاندا ئابونتچىلاردا ئېقىم يېتىشمەسلىك مەسىلىسى قايتا مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەزكۇر پىلان 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ يۈرگۈزىلىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل مەملىكەت دارىسىنى قاپلىغان. مەزكۇر پىلانغا جۇڭگو تېلېگراف، جۇڭگو كۆچمە، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئابونتچلىرى ئورتاق قاتنىشالايدۇ. ئېقىم ھەقسىز بولۇش پىلانى يىشىننىڭ ئىزچىل ھالدا ھەقسىز بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ساقلىغان بولۇپ، مەقسىتى ئابونتچىلارنىڭ يىشىننى ئىشلەتكەندىكى ئېقىم تەشۋىشىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەق قىلىشتۇر.
مەزكۇر پىلانغا ئاساسلانغاندا، ھەقسىز ئۇچۇر ۋە ھەقسىز تېلېفوندا ئاۋازلىق سۆز قالدۇرۇش ئاساسىدا، يىشىن ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، ئابونتچىلار يىشىندا پاراڭلاشقاندا سەرپ بولغان ئېقىم ئۈچۈن يىشىن شىركىتى ھەق تۆلەيدىكەن.
ئەسلى خەنزۇچە مەنبە: http://tech.163.com/13/1101/10/9CJCUICM000915BF.html

بازار، رىقابەت، ئىستېمال

يىشىن جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى بىلەن ۋاڭيى شىركىتى ھەمكارلىشىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەھسۇلات بولۇپ،  ۋېيشىننىڭ بازارنى يالغۇز مونوپول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۈپ نىشان قىلغان. يىشىن ئىزچىل ھالدا بىر خىل ئېغىر بېسىقلىقنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، دەسلەپ تېلېگراف ئابونتلىرىغا 300 مىگابايىتلىق ئېقىم سوۋغا قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى قوللانغان.
يىشىننىڭ ئاۋاز سۈپىتى ۋېيشىندىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولۇپ، ئاۋاز تېخنىكىسىدا قوللىنىلغىنى سىترولۇق ئاۋاز سىگنالىنى ئاساس قىلغان، ئەمما ۋېيشىن بولسا يەككە يۆنىلىشلىك ئاۋاز سىگنالىنى ئاساس قىلغان. يىشىن ئىشلىتىپ كۆرگەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، يىشىننىڭ ئاۋازى سۈزۈك، نەپىس، ئادەمگە ناھايىتى يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ. قىسقىسى يىشىن سىترولۇق ئاۋاز سىگنالىنى قوللانغان بولغاچقا، يەتكۈزۈلگەن ئاۋاز ئەسلى سۆزلىگۈچىنىڭ ئاۋازىنى ئەينەن يەتكۈزۈشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. ۋېيشىندا بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. ۋېيشىننىڭ ئاۋازى يەككە يۆنىلىشلىك ئاۋاز سىگنالىنى قوللانغاچقا ئاۋاز سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، قارىشى تەرەپنىڭ ئاۋازى بىر خىل قوپال، يېقىمسىز ئاڭلىنىدۇ. يىشىن ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇنى ھېس قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما يىشىن بىلەن ۋېيشىننى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىپ كۆرسىڭىز بۇ پەرقنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. يەنە بىرى يىشىننىڭ ئاۋازلىق پاراڭ يوللاش چەكلىمىسى يەنە بىر قېتىم ۋېيشىنغا جەڭ ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋېيشىننىڭ ئاۋاز چەكلىمىسىنىڭ 60 سىكونت (بىر مىنۇت) ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان، يىشىننىڭ بۇ چەكلىمىسى ۋېيشىننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، بىز 120 سىكونت (ئىككى مىنۇت)لۇق ئاۋازنى بىمالال يوللىيالايمىز. ئۇنىڭدىن سىرت، ۋېيشىننىڭ توپ ئىقتىدارى 40 كىشىلىك چەكلىمە بىلەن چەكلەنگەن بولۇپ، يىشىندا توپ قۇرغاندا 200 كىشىلىك توپ قۇرغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىلىك توپ قۇراي دېسىڭىز لەيۋاڭنى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. لەيۋاڭدا توپ قۇرغاندا 500 كىشىلىك توپ قۇرغىلى بولىدۇ.

m_1377235530994

خوش ئۇنداقتا، يىشىننىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بىلەن ۋېيشىن ۋە ۋېيشىن ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟
بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى: ۋېيشىن ئەسلىدىكى ئابونتچىلارغا تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيەدىن ئاكتىپ پوزىتسىيەگە ئۆتتى. يەنى رىقابەت ئۆز كۈچىنى تولۇق كۆرسەتكەن. يىشىن گەرچە ئىزچىل ھالدا بىر خىل ئېغىر بېسىلىقنى ساقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپلا يىشىن ۋېيشىننىڭ يالغۇز مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشنى تۈپ نىشان قىلغان. شۇڭا يىشىن مەيلى قانچىلىك ئېغىر بېسىقلىقنى ساقلىسۇن ھامان ۋېيشىننىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە قاتتىق دىققەت بىلەن قارايدۇ. بەزىلەر يىشىن ئېلان قىلىنغاندا ھەتتا يىشىن ۋېيشىننى دوراپ چىقتى، يەنىلا ۋېيشىن ئىشلەتكەن ياخشى دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق يىشىنغا قارىشى ئالماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما يىشىننىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بىلەن ۋېيشىننىڭ ئابونتچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىمۇ زور ياخشىلىنىش بولدى. دېمەك، يىشىن ۋۇجۇدقا كەلمىگەن بولسا، ۋېيشىن ھامان ئۆزىنىڭ مونوپوللۇقىنى كۈچەيتىپ، ئابونتچىلارغا بولغان پوزىتسىيەدە ئىزچىل پاسسىپلىقنى ساقلىغان بولاتتى. ئەمما يىشىن ۋۇجۇدقا كەلگەندىن باشلاپ ۋېيشىننىڭ ئابونتچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا ئۆزگەردى.

ئۇنداقتا، يىشىن قانداقسىگە ئەسلىدە جۇڭگو تېلېگراف بىلەن ۋاڭيى شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كۆچمە ۋە جۇڭگو بىرلەشمە ئابونتچىلىرىغىمۇ ھەقسىز بولۇش (ئېقىم ھەقسىز بولۇش) ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىدۇ؟ 
بۇنىڭ جاۋابى يېقىندا ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ كۆچمە ئالاقە قورالى ھېسابلانغان لەيۋاڭ «بېرىش-كېلىش (来往)» ما يۈننىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ، ما يۈننىڭ ئىچكى خىزمەتچىلەرگە يوللىغان «پىنگىۋېننى ئانتىراكتىكا قىتئەسىگە قوغلىۋېتەيلى» ناملىق خېتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، لەيۋاڭ قايتا-قايتا غۇلغۇلا قوزغىغاندىن سىرت، يېقىندا ما يۈن يەنە تۆت ئۆلكە دائىرىسىدە ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەقسىز ئېقىمدىن بەھرلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، لەيۋاڭنىڭ ۋېيشىننى بايقۇت قىلىش پىلانى تازا ئەۋجگە چىقىپ، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان مۇشۇ ۋاقىتتا يىشىن ئۆزىنىڭ مەملىكەت دائىرىسىدە ئۈچ تور ئابونتچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقسىز ئېقىمدىن بەھرلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ۋېيشىنغا لەيۋاڭدىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ زەربىنى بەردى.

ھەممىمىزگە ئايان، كۆنگەن يامان دەپ ۋېيشىندىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. چۈنكى بىز ئەينى ۋاقىتتىمۇ ۋىتۋىلاقنى تىللاپ تۇرۇپ يەنە مېھرىمىزنى ئۈزەلمەي ئىشلىتىپ كەلگەن. قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ دەپ، كۆنگەن يامان دەپ ۋېيشىندىن ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزەلمىسەكمۇ، ئەمما يىشىن ۋە لەيۋاڭنىڭ بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى چەتكە قاقساق بولمايدۇ.
ئاۋۋال لەيۋاڭ تۆت ئۆلكىدە ھەقسىز ئېقىمدىن بەھرىمان قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئاندىن يىشىن مەملىكەت دائىرىسىدە ئۈچ تور ئارا ھەقسىز ئېقىمدىن بەھرىمان قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. دېمەك، ئاۋۋال لەيۋاڭ تۆت ئۆلكىدە ھەقسىز ئېقىمدىن بەھرىمان قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلمىغان بولسا، يىشىننىڭ بۇنچە تېز ئۈچ تور ئارا ھەقسىز ئېقىمدىن بەھرىمان قىلىش پىلانى بەلكىم ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولاتتى.
ئەمدىكى مەسىلە، ئەگەر ۋېيشىنمۇ بۇ ئىككى كۈشەندىسىنىڭ ھەرىكىتىگە مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىسا بەلكىم تەدرىجىي ھالدا شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ۋېيشىن ئۆزىنىڭ شاللىنىپ كېتىشىنى قەتئىي خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭمۇ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى تەبئىي، ئەمما ئالدىنقى كۈنى ۋېيشىن ئۆزىنىڭ ئاممىۋىي سۇپىسىدىكى مۇلازىمەت نومۇرلىرىدىن 300 يۈەن خەلق پۇلى يىغىش ئارقىلىق سالاھىيەت دەلىللەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ۋېشىن مەڭگۈ ھەق ئالمايدۇ، مەڭگۈ ھەقسىز بولىدۇ دېگەن سۆزىگە قارىتا تورداشلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاشقا باشلىدى. گەرچە ۋېيشىن بۇ قېتىم پەقەت ئورگان ۋە شىركەتلەرنىڭ مۇلازىمەت سۇپىسىدىنلا ھەق ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر يىشىن ۋە لەيۋاڭدىن ئىبارەت ئىككى كۈشەندىسىنىڭ زەربە بېرىشى بولمىسا، ۋېيشىننىڭ مونوپوللۇقتىن پايدىلىنىپ، ئادەتتىكى ئابونتچىلاردىنمۇ ھەق يىغىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىدى. ھازىر يىشىن ۋە لەيۋاڭ زور قۇربانلىق بېرىپ، ئابونتچىلارنى ھەقسىز ئېقىمدىن بەھرىمان قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، ھېچ بولمىغاندا ۋېيشىنىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئابونتچىلاردىن ھەق يىغىش ئېھتىماللىقىنى يوقاتتى.

1379863033245871134

ئانوتچىلارنى (ئىستېمالچى) مەركەز قىلىپ ئەۋجگە چىققان بۇ جەڭدە ئەگەر ۋېيشىن مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئابونتچىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسا، ئۇ ھالدا ۋېيشىننىڭ بۇ بازاردىن شاللىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھازىر ئابونتچىلارنى ئەڭ ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلە ئېقىمنىڭ زىيادە كۆپ خوراپ كېتىشى، ئايلىق ئېقىمنىڭ يەتمەي ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىستېمالچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش مەسىلىدۇر. يىشىن ۋە لەيۋاڭ دەل مۇشۇ جەھەتتىن قول سېلىپ، ۋېيشىنغا كۈچلۈك زەربە بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ.

ئەگەر ۋېيشىن بۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىسا، ئېڭىمىزدىكى كۆنگەن يامان قارىشى پۇلنىڭ كۈچ كۆرسىتىشى بىلەن تەدرىجىي ھالدا ۋېيشىننى تاشلاپ لەيۋاڭ ۋە يىشىنغا كۆچۈپ كېتىشىمىزگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئەينى ۋاقىتتا ۋىتۋىلاقتىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمەسلىكىمىز، پۇل بىۋاسىتە ھالدا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمىگەن، ئەگەر شۇ ۋاقىتلاردا، بىرەر شىركەت ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلەپ چىقىرىپ مېنىڭ مەھسۇلاتىمنى ئىشلەتسەڭ، مەن سېنىڭ تورخانىغا تۆلىگەن پۇلۇڭنى ئۈستۈمگە ئالىمەن دېگەن بولسا، بەلكىم شۇ ۋاقىتتىلا ۋىتۋىلاقتىن قول ئۈزۈپ، شۇ مەھسۇلاتقا كۆچكەن بولاتتۇق. ئەمما ھازىرقى ۋاقىت ئوخشىمايدۇ، ھازىر لەيۋاڭ ۋە يىشىن مېنى ئىشلەتسەڭ، سېنىڭ ئېقىم پۇلۇڭنى مەن ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن دەۋاتىدۇ. شۇڭا پۇلنىڭ بىۋاسىتە كۈچ كۆرسىتىشى بىلەن، ھەر قايسىمىزنىڭ ۋېيشىندىن قول ئۈزۈپ لەيۋاڭ ۋە يىشىنغا كۆچۈشىمىزنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ. ھېچ بولمىغاندا يىشىن ۋە لەيۋاڭغا تىزىملىتىپ، لەيۋاڭ ۋە يىشىننىڭ ئېتىۋار پائالىيەتلىرى ۋە ئەلا مۇلازىمىتىنىڭ تەسىرىدە تەدرىجىي ھالدا ۋېيشىندىن زېرىكىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ھەممە ئادەم تەدرىجىي ھالدا لەيۋاڭ ۋە يىشىنغا كۆچسە، ئۇ ھالدا دوستلار چەمبىرىكى ۋە ئالاقىداشلىرىمىز تىزىملىكىدە ئۇرۇق-تۇققان، تونۇش-بىلىشلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يىشىن ۋە لەيۋاڭغا كۆنۈپ قېلىشىمىزنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ.
مانا بۇ رىقابەتنىڭ ئۆز كۈچىنى تولۇق كۆرسىتىشىدىن كېلىپ چىققان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشىدىن ئىبارەت.


بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى