ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قىزلارنىڭ نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟

قىزلارنىڭ نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-11 ئاۋاتلىقى: 7430 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇشۇ كۈنلەردە يېشى سەللا چوڭىيىشقا باشلىغان، جەمئىيەتكە ئەمدى قەدەم قويغان ياشلارنىڭ ئەڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشى بەلكىم ئۆزىنىڭ قانداق تۇمۇشلۇق بولۇش مەسىلىسى بولسا كېرەك. چۈنكى ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوڭ شەھەرلەردە دەماللىققا ئۆي سېتىۋېلىش تازا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇپ قالدى. ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ قول-ئىلكىدە پۇل ياكى ھوقۇقى بار ياشلار بولسا ئۆي سېتىۋېلىش ئانچە قىيىن مەسىلە بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئاتا-ئانىسىنىڭ قول-ئىلكىدە يوق، يەنە كېلىپ بوۋا-مومىلىرىدىن تىلغا ئالغۇدەك مىراس قالمىغان «يالاڭتۆش» ياشلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ بىر قانچە يىلدىلا ئۆي سېتىۋېلىشى (چوڭ شەھەرلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ) تازا مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىل «يالاڭتۆش»لەر ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تايانمىسا بولمايدۇ. بولۇپمۇ كېلىپ چىقىشى سەھرادىن بولغان، ئەمما چوڭ شەھەرلەردە تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى بار «يالاڭتۆش»لەر تېخىمۇ شۇنداق.
ئالدىنقى ھەپتە بىر تونۇشۇم تويۇقسىز مەندىن: «قىزلارنىڭ نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟» دېگەن سوئالنى سوراپ قالدى. بۇ سوئالغا مەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردىممۇ-يوق بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئەمما بۇ بىر قانچە كۈندىن بىرى بۇ سوئال قايتا-قايتا نېرۋىلىرىمغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ھەقتە ئازراق ئويغا سېلىپ قويدى. چۈنكى مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى ئۇنتۇلماس قەلب يارىسى دەل باشقىلارنىڭ مېنى ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش قۇربى يوق دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان.
يۇقىرىدا قانداق ياشلارنىڭ ئاسانلا ئۆي سېتىۋالالايدىغانلىقى، قانداق ياشلارنىڭ دەماللىققا ئۆي سېتىۋالالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئازراق توختالدىم.
ئەمدى سوئالغا قايتىپ كەلسەك، گەرچە قىزلارنىڭ نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ بېقىپ ئازراق تەھلىل قىلساقلا بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىمىزنىڭ كۆز-قاراش، ئوي-پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلىيالىشىمىز مۇمكىن.

2013-12-23_111631
ھازىرقى شارائىتتا چوڭ شەھەر (ئۈرۈمچى مىسال قىلىنىدۇ)دە ئۆي سېتىۋېلىش قول-ئىلكىدە پۇلى ياكى ھوقۇقى بولمىغان ياشلار ئۈچۈن دەماللىققا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بەلكىم مەمۇرىي بولسا ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدىغۇ دەپ سوئال قويۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، مەمۇرىي بولغانلارنىڭمۇ بىراقلا تۆلەپ ئۆي سېتىۋالالىشى تازا مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئۇلار ئاشۇ مەمۇرىيلىقتىن ئىبارەت تۆمۈر تاۋاققا يۇشۇرۇنغا «يېشىل يول»دىن پايدىلىنىپ بانكىدىن قورقماي قەرز ئېلىش بەدىلىگە ئۆي سېتىۋالىدۇ، يەنى بانكا پەقەت قەرز ۋە قەرز ئۆسۈمىنى قايتۇرىۋېلىش كاپالىتى بار دەپ قارىغان مەمۇرىيلارغىلا قەرز بېرىدۇ. مەمۇرىيلار ئۆزىنىڭ تۆمۈر تاۋىقىنىڭ كەينىدىكى «يېشىل يول»غا تايىنىپ قەرز ئالسىلا ئىش تامام بولىدىغان ئىش يوق. ئەگەر شۇ مەمۇرىي بولغان خادىمنىڭ يەنە باشقا كىرىمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆي قەرزىنىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتىدىغانلىقىمۇ ھەم رىئاللىقتا كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ھەقىقەتتۇر. شۇڭا ھازىرقى كۆپ ساندىكى مەمۇرىيلاردا دۆلەتنىڭ بەرگەن تۆمۈر تاۋىقىغا قانائەت قىلماي، يەنە ئۆزلىرى ئىشتىن سىرتقى تىجارەت دېگەندەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىش دولقۇنىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.
شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى، بىر غايىلىك، ئىرادىلىك، ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئېڭى كۈچلۈك بولغان ئەركەك ئۆزىنىڭ ئۆيى بولماسلىقنى ئالەمچە نۇمۇس دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۆي سېتىۋېلىش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. ۋاقتى كەلسە بىر ئەمەس تۆت، بەش يەردىن ئۆي سېتىۋېلىشمۇ ئۇلارنىڭ تامامەن قولىدىن كېلىدۇ. ھەم كۆپ ھاللاردا ئۇلار بانكىدىن قەرز ئېلىپمۇ ئولتۇرمايدۇ، ئاساسەن ئۆزى نەق پۇل تۆلەپ ئۆي سېتىۋالىدۇ. مەن شەخسەن شۇنچە تالانتلىق تۇرۇپ مەمۇرىي بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ، تۆت-بەش يىلدا ئۈرۈمچىدىن 100 كىۋادىرات مېتىرلىقتىن چوڭ ئۆيدىن بەش-ئالتە يەردە ئۆي سېتىۋالغان ئەينى ۋاقىتتىكى «يالاڭتۆش»لەردىن بىر قانچىنى تونۇيمەن. ھازىر ئۇلارنىڭ بانكىغا قەرزى يوق، بەش-ئالتە يەردە ئۆيى بولغاندىن سىرت، يەنە ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن ماشىنىسى بار، تۇرمۇشى شۇنداق پاراۋان ئۆتىۋاتىدۇ.
ئاتا-ئانىسىنىڭ قول-ئىلكىدە پۇلى، ھوقۇقى بار ياشلار بىلەن كېلىپ چىقىشى ئاددىي ئائىلىدىن بولغان، قول-ئىلكىدە ۋاقتىنچە پۇلى ھەم ھوقۇقى بولمىغان «يالاڭتۆش» ياشلارنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرۇش بەلكىم ئارتۇقچە ئىشتۇ. ئەمما پەقەت بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش مۇھىم دەپ قارايمەن. يەنى بۇ ئىككى خىل ياشلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى ھەقىقىي چىن دىلىدىن سۆيۈپ قەدىرلەش، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا چىن سادىق بولۇش، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى ئاسراش جەھەتتە «يالاڭتۆش»لەرنىڭ نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تەبئىي، چۈنكى ئۇلار ھەممىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان بولغاچقا، ئېرىشىش جەريانى نىسبەتەن جاپالىق بولىدۇ. ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادەم ئېرىشىش قانچە قىيىن بولغان نەرسىنى شۇنچە قەدىرلەيدۇ، قانچە ئاسان ئېرىشكەن نەرسىدىن شۇنچە تېز زېرىكىدۇ ياكى بىزار بولىدۇ.
ئەگەر ئادەم ماددىي دۇنيانى زىيادە قوغلاشسا ھامان بىر كۈنى ھېرىپ-چارچاپ ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن. ياش قىزلار ماددىيلىقنى زىيادە قوغلاشقاندا، بەلكىم شۇ ماددىي جەھەتتىن باي بولغان ئەركەكتە ھامان بىر كۈنى «سەن مېنىڭ دۇنيارىمنى كۆزلەپ ماڭا ئەگەشكەن بولۇشۇڭ مۇمكىن.» دېگەن ئاڭ شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇ خىل ئاڭ شەكىللەنسە، ئۇ ھالدا بەختلىك، ئىناق، ئىجىل تۇرمۇشتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دەسلەپ ماددىيلىقنى زىيادە قوغلىشىپ كەتمەي، غايىلىك، ئىرادىلىك، ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئېڭى كۈچلۈك بولغان «يالاڭتۆش»لەرگە زىيادە تەلەپ قويۇپ، ئۇلارنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىۋەتمەي، ئەكسىچە ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن قوللاپ، قول-ئىلكىدە يوق ۋاقتىدا ئۇلارغا روھىي مەدەتكار بولۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىللىق، بەختلىك ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئاساس سېلىشنى تاللاش بەلكىم ئىللىق ئائىلە مېھرىگە ئىنتىلگۈچى ياش قىزلارنىڭ ئاقىلانە تاللىشى بولسا كېرەك.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى