ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىلوگ مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى

بىلوگ مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى

ۋاقتى: 2016-10-27 ئاۋاتلىقى: 8892 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بلوگ بىر خىل ئىنتېرنىتتىن پايدىلىنىپ تورداشلار ئارا ھەر خىل ماقالە-ئەسەرلەرنى يوللايدىغان بىر مەۋھۇم سۇپا بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بويان بارلىققا كەلگەن بىر خىل يېڭىچە توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسىدۇر. ئۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئاددىي، جانلىق، ئەركىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ياشلارنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان بىر ئۆزىنى ئىپادىلەش، پىكىرداشلار ھەمپىكىر بولۇش، شۇنىڭدەك ئۆگەنگەن بىلىمىنىڭ زاكىتىنى ئايرىشتەك مەقسەتكە يېتىدىغان خۇسۇسىي سۇپا ھېسابلىنىدۇ.

بلوگنىڭ ئۈنۈملۈك زىيارەت مىقدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بۇ بلوگنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئومۇمەن ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېزىلىۋاتقان بلوگلار ئىنتېرنىت دۇنياسىدا نىسبەتەن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىۋاتقان بولۇپ، بلوگ يېزىش قارىماققا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدەك تۇرغان بىلەن، ئەمما ئۈنۈملۈك بلوگ يېزىش تاكتىكىسىنى ئىگەللىۋالغان بلوگىرغا نىسبەتەن، بلوگ يېزىش ھەرگىزمۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولماستىن، بەلكى ھەر جەھەتتىن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. تۆۋەندە بىر قانچە تەرەپتىن بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى:
بىرىنچىدىن، بلوگىرنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ. بلوگ يېزىپ باققانلار بىلىدۇ، بلوگ قارىماققا يېزىش ئاسان، ھەممە ئادەم يازالايدىغاندەك تۇرغان بىلەن، ئەمما ھەققىي چۆكۈپ، زېھىن قويۇپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ يېزىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بلوگقا ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چۆكۈپ، زېھىن قويۇپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ يېزىش شۇ بلوگ يېزىۋاتقان بلوگىردىن ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئىرادە: قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى؛ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت: قانداق قىلغاندا بلوگنى زىيارەت قىلىۋاتقان تورداشلارنىڭ ۋاقتىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي پايدىلىق ئۇچۇر يەتكۈزەلەيمەن دېگەن مەسئۇلىيەت؛ ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسى: بىر ياخشى يېزىلغان بلوگ يازمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شۇ بلوگىردا چوقۇم «باشقىلارغا بىر پىيالە سۇ بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىدە بىر چېلەك سۇ بولۇش كېرەك.» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە، ئەتراپلىق، سىستېمىلىق بىلىم قۇرۇلمىسى بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بلوگ يازمىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.


ئىككىنچى، بلوگىر ئۆزىنى ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. كۆپچىلىكتە بەلكىم مۇنداق بىر ئەھۋال بولۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بىر كۈنى تويۇقسىز ئۆزىڭىز ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر بلوگنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، شۇ بلوگنى يېزىۋاتقۇچىغا بولغان چەكسىز بىر خىل ھۆرمىتىڭىز ئېشىشى مۇمكىن. چۈنكى سىز ئۇ يېزىۋاتقان بلوگدىن نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن، شۇ بلوگىرنىڭ ئاشۇنداق بىر نادىر بلوگنى يېزىپ چىققانلىقىغا ئىچىڭىزدە قايىل بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. تورنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ۋاقىت، رايوننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، سىز قايىل بولىۋاتقان بۇ ئادەم بەلكىم دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە بولۇشى ۋە ياكى ئۆز دىيارىڭىزدا بولۇشى مۇمكىن. سىز ئۇ بلوگىرغا قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىڭىزنىڭ ئېشىشى دەل ئاشۇ بلوگنى يېزىۋاتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ياخشى ئىپادىلىگەنلىكىدىن بولغان.
ئۈچىنچى، ھەمپىكىرداشلار كۆپىيىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق. ھەممىمىز بىلىمىز، بلوگ بىر خۇسۇسىي ئۆزىنى ئىپادىلەش سورۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بلوگنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى شۇ بلوگنى يېزىۋاتقان بلوگىرنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەممە بلوگنىڭ ئوخشاش يۆنىلىش ۋە ئوخشاش ئېقىمدا تەرەققىي قىلىشى ناتايىن (ئەلۋەتتە،قىسمەن بلوگىرلاردا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزگىچىلىكنى بەرپا قىلىش ئېڭى كەمچىل بولغانلىقتىن باشقا بلوگلارنى دوراش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت) شۇڭا، ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە دېگەندەك ھەر كىمنىڭ ياقتۇرىدىغان بلوگىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ-دە، بلوگنى زىيارەت قىلىۋاتقۇچىلار پەقەت ئۆزى بىلەن ئوخشاش كىشىلىك قاراش، قىممەت قاراش، دۇنيا قاراشقا ئىگە بلوگىرلارنىڭ بلوگىنى كۆپرەك زىيارەت قىلىدۇ. چۈنكى ئادەمدە ئوخشاش قاراش، ئوخشاش ئىدىيە بولغاندىلا ئاندىن ئورتاق پىكىر بولىدۇ. يەنى ئوخشاش ئىدىيە، ئوخشاش پىكىردىكى بلوگىر يازغان بلوگ يازمىسى شۇ يازمىنى كۆرىۋاتقۇچىغا باشقىچە تەم-ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ئوخشاش پىكىر، ئوخشاش ئىدىيە، ئوخشاش قاراشقا ئىگە بولغان ھەمپىكىرداشلار ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت باغلاپ، كىشىلىك ئالاقە تورىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.
تۆتىنچى، بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. زاكات ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي بايلىق جەھەتتىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆگەنگەن بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بولىدۇ. ئادەتتە بىر مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېزىلىۋاتقان، يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە بلوگقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇ بلوگنى يېزىۋاتقان بلوگگىردا يۇقىرى بولغان بىلىم قۇرۇلما، ئىلغار كۆز قاراش، ئىدىيە بولىدۇ. شۇ بلوگىر بلوگ يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمىنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىش ئارقىلىق ئۆگەنگەن بىلىمىنىڭ زاكىتىنى ئايرىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلاردىن نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يېزىلىۋاتقان بلوگلاردىن جېك بلوگى (تۇرسۇنجان مۇئەللىم)، ئالىم ئەھەت بلوگى، گۈلەن بلوگى (ئابدۇۋەلى ئايۇپ) قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالىشى مۇمكىن.


قىسقىسى، بلوگ يېزىش بلوگىردىن كۈچلۈك مەسئۇلىيەت، يۇقىرى سەۋىيە، ئىلغار پىكىر، نىسبەتەن مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى، كۈچلۈك ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان، ئۆزگىچە بىر خىل پائالىيەت بولۇپ، بلوگىرلار ئۆزىدىكى شۇ خىل خىسلەتلەر بىلەن جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە ئىجتىمائىي رول ئويناش بىلەن بىرگە ئۇلار قوللاشقا، رىغەتلەندۈرۈشكە مۇھتاج. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى رىغبەتلەندۈرۈش ئۇلار يېزىۋاتقان بلوگ يازمىسىغا نىسبەتەن مۇۋاپىق مىقداردا پىكىر قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈتۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئۇلارنى قوللاش ئىنتايىن مۇھىم.
ئۇيغۇرلاردا بلوگ ئۇقۇمى بارلىققا كەلگەندىن بىرى ھەر يىلى شۇ يىللىق «10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل بۇ پائالىيەت تېخىمۇ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، پائالىيەتنىڭ تېمىسى ئەسلىدىكى «10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى»دىن «10 نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتى»گە ئۆزگەرتىلدى. دېمەك، بىز بۇرۇنقى ”چوڭ“نى تاللاشتىن ھازىر ”نادىر“نى تاللاشقا قاراپ يۈزلەندۇق دېگەن گەپ. بۇ يىللىق «10 نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىلغاندىن باشلاپ، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، ھازىر ئەڭ ئاخىرقى 20 نامزات بلوگدىن 10 نادىر بلوگقا بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

ئاخرىدا ئۆزىڭىزنىڭ دائىم بىر بلوگ كۆرۈپ تۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر بلوگچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرغان، ئۆزىڭىزچە نادىر بلوگ ھېسابلانغان بلوگلار ئۈچۈن بېلەت تاشلاپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى قوللاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

بېلەت تاشلاش شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى قارمىقىدىكى شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بېلەت تاشلاش ئادرېسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-3103-1-1.html

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى