ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھازىرقى بازار ئىگىلىكىدە ئابونت سانى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ھازىرقى بازار ئىگىلىكىدە ئابونت سانى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-10 ئاۋاتلىقى: 5834 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈن ئولتۇرسام جۇڭگو كۆچمە ئالاقىسىدىن تېلېفون كەپتۇ. نېمە گەپ دېمەمسىلەر؟ مېنىڭ ئۇزۇندىن بىرى كۆچمە ئالاقە نومۇرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىمنى، ئەمما يېقىندىن بىرى بىرلەشمە ئالاقىلىشىشىنىڭ نومۇرىنى بېجىرىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىمدىن خەۋەر تېپىپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ ماڭا ئوخشاشلارنى بىرلەشمە ئالاقىلىشىشىدىن كۆچمە ئالاقىلىشىشىغا كۆچۈرۈپ كېلىش ئىكەن.
قارىغاندا كۆچمە ئالاقىلىشىشى بىر مەزگىل ئابونتلارغا سەل قارىغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم چۆچۈپ قالغان ئوخشايدۇ. چۈنكى بۇ يىل كىرگەندىن بويان جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىلىشىشى خېلى ئېتىۋار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، كەڭ ئابونتچىلارنى ئۆزىگە قارىتىشقا كۈچىگەن ئىدى. مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا كۆچمە خەۋەرلىشىشىدىن ئەھۋال ئىگىلىسەم، قىلچە ئېتىۋار قىلماستىن، ئەكسىچە «ئىشلەتسەڭ ئىشلەت بولمىسا ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارى» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن جۇڭگو بىرلەشمىسىنىڭ كارتىسىنى بېجىرىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. بۈگۈن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئالاھىتەن تېلېفون قىلىپ، يېڭى ئېتىۋار پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مېنىڭ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىدىن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىگە يۆتكىلىشىمنى ئېيتىپ ماڭا يېڭى ئېتىۋار پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەتتى.
جۇڭگو كۆچمە ئالاقىلىشىشىنىڭ يېڭى ئېتىۋار پائالىيىتى مۇنداق ئىكەن (قىزىقسىڭىز بېجىرىۋالسىڭىز بولغۇدەك):
چوقۇم يېڭى نومۇر بېرىجىرىدىكەنمىز. ئايلىقى 58.00 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت (ئېيتىشىچە ئەسلى باھاسى 288 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىكەن.) ئېچىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭغا 800 مىنۇتلۇق سۆزلىشىش ھەققى (300 مىنۇت ئۇزۇن يوللۇق، 500 مىنۇت شەھەر ئىچى)، 100 تال قىسقا ئۇچۇر، 300MB ئېقىم بېرىدىكەن.
مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان جۇڭگو بىرلەشمىسىنىڭ كارتىسىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ئوخشايمەن (شۇنداقراق گەپ قىلدى.) مەن بىرلەشمە ئالاقىلىشىشىنىڭ كارتىسىنى ئۇلارغا بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ماڭا 3 ئايلىق ھەقسىز كەلگەن تېلېفوننى يېڭى كارتىغا ئۇلاپ بېرىدىكەن. مانا بۇلار جۇڭگو كۆچمىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئابونتلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە سەل قاراپ، ئەمدى قاتتىق چۆچۈگەنلىكىدىن، يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئاتاكىغا ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەڭ چاتاق يېرى، چوقۇم يېڭى كارتا بېجىرىشىمىز كېرەككەن. ئەگەر بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان كۆچمە كارتىمىز بولسا شۇ كارتىغا ھازىرقى بۇ ئېتىۋار يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلساق قەتئىي بولمايدىكەن. چوقۇم يېڭى كارتا بېجىرىشىمىز كېرەككەن.
مەن يېزىپ بۇ يەرگە كەلگەندە بۇ يازمىغا نېمە ئۈچۈن «ھازىرقى بازار ئىگىلىكىدە ئابونت سانى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» دەپ تېما قويۇشتىكى ئاساسىم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
بۇ يەردە تەبئىي ھالدا مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: نېمە ئۈچۈن چوقۇم يېڭى نومۇر بېجىرىشىمىز كېرەك؟
بۇنىڭ جاۋابى، ھازىرقى بازار ئىگىلىكىدە خېرىدارنىڭ (ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، خېرىدار سانىنىڭ) ھەقىقەتەنمۇ بەك مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.
ئەگەر تورداشلار ھازىرقى بازار ئىگىلىكىگە ئانچە مۇنچە دىققەت قىلغان بولسا، مۇنداق بىر مەسىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. دۆلىتىمىزنىڭ ئىنتېرنىت ئىمپېرىيەچىسى تېڭشۈن نېمە ئۈچۈن ئىنتېرنىت ئىمپېرىيەچىسى بولالىدى؟ چۈنكى بىز مېھرىمىزنى ئۈزۈلمەي ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان QQ ئارقىلىق ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئابونتچىلار سانىغا ئېرىشىش ئارقىلىق بۇ ئورۇنغا چىقالىغان. (مۇشۇ يازمىنى يېزىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە QQ دا توردىكى ئەزالارنىڭ سانى 150557529 (ۋاقتى 2012.11.25 سائەت 14:26) نەپەر، قىسقىسى تېڭشۇننىڭ QQ مەھسۇلاتىغا تىزىملاتقان ئەزالارلا نەچچە مىلياردقا يېتىدۇ.) يېقىندا ئەگەر تورداشلار دىققەت قىلغان بولسا تېڭشۇننىڭ ۋېيشىن مەھسۇلاتى ۋۇجۇدقا كېلىپ 20 ئاي بولغان ۋاقىتتىلا تىزىملاتقان ئابونت سانى 200 مىليونغا يېتىپ، ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ تىزىملاتقان ئابونت سانىنى 368 مىليونغا يەتكۈزگە سىنا مىكرو بلوگىغا خىرىس قىلىشقا باشلىدى. ھازىر ۋېيشىن بىلەن سىنا مىكرو بلوگىنىڭ بىر مەيدان جېڭى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. (ئەلۋەتتە، دەسلەپكى قەدەمدە ئاللىبۇرۇن باشلاندى) ئەگەر تورداشلار يەنە ئازراق دىققەت قىلغان بولسا، تېڭشۇن ۋېيشىننىڭ تۇغۇندى مەھسۇلاتى بولغان «ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپا» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقان QQ نومۇرنى ۋېيشىن ھېساباتى قىلغان بولساق، ئۇ نومۇرنى داۋاملىق ھالدا ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ھېساباتى قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى چوقۇم قايتا نومۇر ئېلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس. پەقەت تېڭشۈن شىركىتى تىزىملاتقان ئابونت سانىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم يېڭىدىن نومۇر ئېلىشقا مەجبۇرىلايدۇ. بۇنداق بولغاندا QQ غا تىزىملاتقان ئەزالار داۋاملىق ئېشىۋېرىدۇ.
ئەمدى ئەسلى گەپكە قايتىپ كەلسەك، بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كۆچمە ئالاقىلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىلىشىشى ياكى جۇڭگو تېلېگرافى ئەسلىدىكى ئابونتلىرىنى چوقۇم يېڭىدىن نومۇر بېجىرىشكە قىستايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئەسلىدىكى نومۇرغىلا يېڭى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئېچىپ بەرمەستىن بەلكى چوقۇم قايتا نومۇر بېجىرىسەن دەپ يېڭى مۇلازىمەتنى يەمچۈك قىلىپ ئابونت سانىنى ئاشۇرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بىز يېڭى نومۇر بېجىرسەك، ئەسلىدىكى نومۇرنى ئاساسەن بىكار قىلىۋېتىمىز. يەنىلا شۇ بىز بىر ئادەم بىر نومۇر (ھېچ بولمىغاندا بىرلا ۋاقىتتا بىرلا ئالاقە شىركىتىنىڭ ئىككى نومۇرىنى ئىشلەتمەيمىز)نى ئىشلىتىمىز. مەيلى يېڭى نومۇر بېجىرەيلى ياكى ئەسلىدىكى نومۇرنى ئىشلىتەيلى يەنىلا شۇ سۆزلىشىدىغاننى سۆزلىشىمىز. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ يېڭى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ، بىزنى يېڭى نومۇر بېجىرىشكە قىستىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ھەر يىللىق مالىيە دوكىلاتىدا شىركەتلەر ئاساسەن ئۆزىنىڭ مالىيە كىرىمى، مالىيەت خامچوتى، مالىيە چىقىمى، قانچىلىك ئابونتقا ئىگە دېگەندەك بىر تالاي ئۇچۇرلارنى بازاردا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. شۇڭا مەيلى جۇڭگو بىرلەشمە ئالاقىلىشىشى بولسۇن ياكى جۇڭگو كۆچمە ئالاقىلىشىشى بولسۇن ۋەياكى جۇڭگو تېلېگرافى بولسۇن، ھامان ئابونتلارنى ئاشۇرۇشنى ئىستەيدۇ. شۇڭا ئۇلار بىر مەيدان كەسكىن رىقابەتنى باشلىۋېتىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى بازار ئىگىلىكىدە ئابونت سانىنىڭ شۇ شىركەتكە نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان بازار ئاساسىي، مالىيەت كۈچى، بازار ئەۋزەللىكى رىقابەتچىسىگە نىسبەتەن رىقابەت ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قىسقىسى ھازىرقى بازار ئىگىلىكىدە ئابونت سانى بازاردا پۇت تىرەپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەر قانداق بىر شىركەتنىڭ رىقابەتچىسىغا نىسبەتەن كۈچلۈك خىرىس تۇيغۇسى پەيدا قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى