ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

(كۆچۈرۈلمە) ئوباماغا يېزىلغان خەت

(كۆچۈرۈلمە) ئوباماغا يېزىلغان خەت

ۋاقتى: 2016-11-02 ئاۋاتلىقى: 6555 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىزاھات:
مەزكۇر «خەت»نى باغداش مۇنبىرىدىن كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭمۇ بىر ۋاقىتلاردا مۇشۇ بلوگدا «ئالىم خالىققا ئوچۇق خەت» دەپ خەت يېزىپ، بلوگ تارىخىمدا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان (بۇ يازما ئەينى ۋاقىتتا ئاساسەن پۈتۈن تورلارغا كۆچۈرۈلگەن، پەقەت ئىلقۇت بلوگىدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانىلا 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان، شۇڭا كۆرمىگەن تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن!) بىر پارچە ئوچۇق خەتنى يېزىپ يۈرگەنلىكىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى، قارىسام ماۋۇ خەتنى يازغان ئاپتۇرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى بىلەن مېنىڭ شۇ ۋاقىتتا يېزىپ قالدۇرغان ئوچۇق خېتىمنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشاش ئىكەنتۇق. شۇڭا ساقلاپ قويدۇم.

——————————-

ئوباماغا يېزىلغان خەت
ۋاڭ چىڭگو
دولان تەرجىمىسى

2013-05-23_103247

ھۆرمەتلىك ئوباما ئەپەندى:
يېقىندا بىزنىڭ بۇيەردىكى «شەرق سەھەر گېزىتى» سىلەرنىڭ «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»دىن بىرخەۋەرنى كۆچۈرۈپ باستى. خەۋەردە دېيىشىچە، سىز ھەركۈنى پۇقرالاردىن كەلگەن تەكشۇرۈشتىن ئۆتمىگەن 10 پارچە خەتنى كۆردىكەنسىز، بۇ خەتلەرنىڭ يېرىمى سىزنى تەنقىد قىلغان خەتلەرمىش، سىزدەك دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت زوڭتوڭىنىڭ پۇقرالاردىن كەلگەن خەتكە بولغان پوزىتسىيەسىگە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، پەقەتلا چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۇقرالارنىڭ سىزگە ئىنكاس قىلغاننىڭ ھەممىسى ئاساسەن تۇتامغا چىقمايدىغان ئۇششاق ئىشلاركەن. مەسىلەن: يىگىتىمنىڭ شىركىتى ۋەيران بولۈپ، ئېغىر قەرىزگە بوغۇلدۇق؛ ئۆيىمىزنى رەنىگە قويۇپ، ئاتا-ئانىمىز بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتىمىز دېگەندەك؛ ھەتتا ئىشلىرى ئوڭۈشلىق بولمىغان ئىشچى، تىجارىتى ئاقمىغان چىشچى، تام قوپۇرالمىغان قىشچى، زىرائىتى ئوخشىمغان دېھقان، مۇساپىر بولۇپ كەلگەن مېھمان، ئۆيى يوق سەرگەردان، يولدا قالغان تىلەمچى، ھەتتا تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمىگەن ئوقۇغۇچى… ئىشقىلىپ خەت يازالايدىغاننىڭ ھەممىسى سىزگە خەت يازىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىشى يوقمۈ ياكى رەھبەرلىكنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەمدۇ؟ ئاشۇنداق تۇتامى يوق ئىشلارنى سىزگە ئىنكاس قېلىپ قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئالسا قانداق بولىدۇ؟ سىز تېخى بۇنداق ئەرزىمەس خەتلەرنى ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتمەي ئەكسىچە ئايالىڭىز مىچىلغا يوقىرى ئاۋازدا ئوقۇپ بېرىدىكەنسىز. بۇنداق ئەرزىمەس خەتلەرنى ئوقۇپ بىزار بولمامسىز؟
خەۋەردە دېيىلىشىچە سىز ھەرقېتىم ئاشۇنداق ئەرزىمەس خەتلەرنى تاشلىۋەتمەي ئەكسىچە كۆپەيتىپ، ئارخىپ بۆلۈمگە يوللاپ بېرىپ ساقلايدىكەنسىز. بۇ ئېنىقلا ۋاقىتنى ۋە زېھنى كۇچنى ئىسراپ قىلغانلىققۇ؟ ناۋادا پۇقرالاردىن كەلگەن خەتنى ئارخىپ قىلىپ ساقلايدىغان ئىش بولسا ئاقسارايغا پاتامدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ پۈتۇن زىمىنىغا ئارخىپ ئۆيى سېلىشقا توغرا كەلمەسمۇ؟
كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى سىزگە خەت يازغانلارنىڭ يېرىمى سىزنى «يارىماس» دەپ تىللايدىكەن، ھەتتا سىزنىڭ سىياسىتىڭىزنى تەنقىدلەپ، قاراشلىرىڭىزغا قارشى تۇرىدىكەن، ئەجەبا «يارىماس» دېگەنلىكنىڭ ئەخمەق دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟.
سىز ئەسلىدىنلا پۇقرالار سايلىغان زوڭتوڭ تۇرسىڭىز نېمە ئۈچۈن ئاشۇ پۇقرالار يەنە سىزنى تىللايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن دۆلەت باشلىقىغا ھاقارەت قىلىدۇ؟ سىز نېمە ئۈچۈن ساقچىلار ئارقىلىق بۇنداق پۇقرالارنى 10-20 كۇن قاماپ قويۇپ ئەدىبىنى بەرمەيسىز؟ بىزنىڭ بۇ يەردە ھېلىغۇ دۆلەت باشلىقى ئىكەن، ئادەتتىكى كەنت باشلىقىنى بىرەر ئېغىز تىللىغان دېھقاننى ساقچىلار پۇت-قۇلىنى يەرگەتەككۇزمەي، ساقچىخانىغا ئاپىرىپ ئانامانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىپ، باشلىقنى تىللىغاننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولدىغىنىنى ئوبدان بىلدۇرىپ قويىدۇ.
لېكىن زوڭتوڭ ئەپەندى سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بەك يۇمشاققەن، سىزنى ھاقارەتلىگەنلەرنىڭ ئەدىبىنى بەرمەكتە يوق ئەكسىچە ئۇلارغا جاۋابخەت يازىدىكەنسىز، بۇ سىزنىڭ ھەقىقەتەن «توخۇ يۈرەك» ئىكەنلىكىڭىزنى، قول ئاستىڭىزدىكى ساقچىلارنىڭ يارامسىز، باشلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداشنى بىلمەيدىغانلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ، سىزنىڭ بۇنداق يارىماس ئارمىيە-ساقچىڭىز تېررورلىققا قارشى تۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداقمۇ چىقسۇن؟ ئۇلارنىڭ تاماق قاچىسىنى چېقىۋېتىش كېرەك.
ئۇندىن باشقا سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدىكى ئىش بېجىرىشنى بىلمەيدىغان ئاقنانچى خىزمەتچىلەرنى ھەيدىۋېتىڭ، دۆلەتنىڭ زوڭتوڭغا يېزىلغان خەتنى بىرمۇبىر ئەستايىدىل تەكشۇرمەي، ئىختىيارى 10 پارچە خەتنى تاللاپ سىزنىڭ كۆرۈشىڭىزگە بېرىدىكەن، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى خىزمەتكە ئەستايىدىل مەسئۇل بولمىغانلىق، شۇنداقلا سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە «يارىماس» سىز ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى ئىش بېجىرىشنى بىلمەيدىغان نانقېپىلار ئىكەن، ئۇلار سىزگە «ماختاش»، «ئۇلۇغۋار نەتىجە»، «ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتقان سانلىق مەلۇمات»نى ئۇزۈلدۈرمەي دوكلات قېلىشى كېرەك ئىدى. مەسىلەن: زوڭتوڭ ئالىيلىرىنىڭ تامامەن توغرا، جانابىڭىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا خەلقى ئىقتىسادىي كىرزىستىن قوتۇلدى؛ جانابىڭىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە تېررورلىق كاتىۋېشى بىنلادىن يوقۇتۇلدى، پۇخرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى يىلسېرى ئاشتى… ۋاھاكازا دېگەندەك، ئەجەبا ئاشۇنداق ماختاپ قويرۇق شىپاڭلىتىشنى بىلمىگەن نانقېپىلارنىڭ كەشىنى توغرىلاش كېرەك ئەمەسمۇ؟
سىز گەرچە چوڭ دۆلەتنىڭ زوڭتوڭى بولسىڭىزمۇ ئوباما ئەپەندى، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ يولىنى ئانچە بىلمەيدىكەنسىز، سىز دېگەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ئادەم، ئادەتتىكى پۇقرانىڭ خېتىگە ئۆزىڭىز جاۋاپ بەرگېنىڭىز نېمىسى؟ بۇنداق ئۇششاق ئىشلارنى كاتىۋىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزدا بېجىرىۋەتسە بولىدىغۇ، قارىغاندا ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىر توپ يارىماسلار ئىكەن، ھەممە ئىشقا سىزنى ئاۋارە قىلسا، سىز قانداقمۇ زېھنىڭىزنى يېغىپ چوڭ ئىشلارنى بىجىرەلەيسىز؟ تېررورلىقنى يوقىتىشتەك چوڭ ئىشنى قانداق ئورۇنلايسىز؟ قانداقمۇ لاياقەتلىك زوڭتوڭ بۇلالايسىز؟
ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم، سىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۇنۇشىڭىز بەكمۇ ناچار ئىكەن، سىزدەك بىر زوڭتوڭغا بىۋاستە خەت يازسا قانداق بولىدۇ؟ بۇنداق ئىشلارغا سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك كىشىنى مەسئۇل قىلىپ، ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن بىرنى قورسىڭىز ئىش پۇتمەمدۇ؟ ئەرز ئەيتىپ كەلگەن كىشىلەرگە قورۇق ئېمىزگە سېلىپ يولغا سالسا بولىدۇ، يامىنىغا كەلسە تۇۋەندىكى ھوقۇقدارلارغا «ئەرزخولارنى ئېۋەتسەڭ ھوقۇقىڭنى ئالىمەن دېسىڭىز كىم ئەرىز قىلالايدۇ؟»، ھېچ بولمىسا ناھەقچىلىققا ئۇچرىغان پۇقرانى قاماپ ياكى بىرنەچچە يىل كېسىۋەتسە ھەرگىز ئەرز قىلمايدىغۇ؟ يەنە تېخى پۇقرالار سىزگە بىۋاسىتە تېلېفون قىلىدىكەن، سىزدەك بىر زوڭتوڭنىڭ تېلېفون نومۇرىنى پۇقرالار بىلسە قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر پۇخرالار تېلېفوندا سىزنى «يارىماس» دېسە، بۇ گەپ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كەتسە سىزنىڭ شانلىق ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتمەمدۇ؟ ئەگەر بىرەر چىرىك ئەمەلدارنى ئاشكارىلاپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ سىزنىڭ ئەمەلدارلىرىڭىز پۇل-مالنى چەتئەلگە يۆتكەپ، چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتۇپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟ ناۋادا سىزنىڭ ئەشۇ ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ ئوننەچچە يەردىكى ئېسىل داچىسى ۋە نەچچە ئون مەخپى ئاشنىسى ئاشكارىلانسا قانداق بولىدۇ؟ ھۆكۇمەت پۇلىغا چوڭ يەپ-چوڭ ئىچكەنلىكى ئاشكارىلانسا قانداق بولىدۇ؟ سىزنىڭ ئىنتىزام تەكشۇرۈش ئورنىڭىز ئاشۇلارنى جازالىيالامدۇ؟ سىزدەك بىر چوڭ زوڭتوڭ پۇقرالارنىڭ ئاھۇزارىغا قولاق سالسىڭىز ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتمەمدۇ؟
سىزگە دېمەكچى بولغان گېپىم بەكمۇ كۆپ ئىدى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە توختىتاي، سىزنىڭ بۇ خەتنى كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن، ئەگەر كۆرسىڭىز، باشقا دۆلەتتىكى ئاددىي پۇقرانىڭ سوئالىغا قانداق جاۋاب بىرەرسىز!
كامالى ئېھتىرام بىلەن جوڭگودىكى ئاددىي بىر پۇقرادىن.

مەنبە:

http://www.newsus.com.cnnews/DoNewsList.Asp?lable=8453

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى