ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 9034 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قەشقەر يېڭىسار 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن ئەنۋەر بوساق (13364880471)

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. قايسى مەكتەپنىڭ قايسى كەسىپىنى تاللاپ ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بىر ئۆمۈر خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئېرىشكەن نومۇرى بىلەن تاللىغان مەكتەپ ۋە كەسىپ ماس كەلمىسە ئون ئىككى يىللىق ئوقۇش ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بولغاچقا ئارزۇ تولدۇرۇشنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخرىقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئۆتكەل، شۇڭا ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىكى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان خادىملار، سىنىپ مودىرلىرى، كەڭ ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ خىزمەتكە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇليەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، زور بىر تۈركۈم ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلش لازىم.

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئارۇزۇ تولدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟
1. ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمىتىھانىدا ئۆزىنىڭ نەچچە نومۇر ئالىدىغانلىقىنى ھەقىقەتنى ئەملىيەتنى ئىزدىگەن ھالدا توغرا مۆلچەرلىشى لازىم.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەر يىلى مەمىلكەت بويىچە بىر تۇتاش ھالدا 6-ئاينىڭ 7-8-9-كۈنلىرى ئېلىنىدىغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنلىرىگىچە ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كومىتېتى بىر تۇتاش ھالدا سۇئاللارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىنى تارقىىتدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆلچەملىك جاۋاپقا ئاساسەن، ئۆز-ئۆزىگە دىئاگىنور قويىدۇ، نەچچە نومۇر ئالىدىغانلىقىنى تەخمىنەن مۆلچەرلەيدۇ. تەبئىي پەنلەرنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى نىسبەتەن مۇقىم بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىليەتتە ئالغان نومۇرى بىلەن ئۆزى ئالىدىن مۆلچەرلىگەن نومۇرى ئاساسەن بىردەك بولىدۇ. ئىجىتىمائىي پەنلەردىكى ئىجادىي سۇئاللار، تەھىلىل سۇئاللىرى، يېزىقچىلىق سوئاللىرىنىڭ بىرلا خىل جاۋابى بولمغاچقا، بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى مۆلچەرلىگەن نومۇرى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئالغان نومۇرىدا بەلگىلىك پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار نومۇر مۆلچەرلىگەندە ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا كەمتەر، سەممىي، راستچىللىق بىلەن نومۇر قويشى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۇقۇرى قويغۇسى كېلىپ يۇقۇرى مۆلچەرلەپ قالىدىغان، ياكى كېيىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئىزا تارتىپ قالارمەنمىكىن دەپ دېلغۇل بولۇپ تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىماي ئۆزىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىشى لازىم.
2. دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسەتلىرىنى، مۇناسىۋەتلىك نىزامنامىلىرىنى، شۇ يىللىق تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئەستايدىل ئوقۇپ چۈشىنىش لازىم.
ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى بولغاچقا، ئۆزىگە خاس تۈرلۈك سىياسەتلىرى، پىرىنسىپلىرى، قائىدە-نىزاملىرى بار. بۇلار بىرقەدەر مۇقىم بولىسمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ھەر يىلى مۇۋاپىق تەڭشەشلەر، ئۆزگەرتىشلەر، تولۇقلاشلار بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بۇ سىياسەتلەردىن خەۋەردار بولۇشى، ئۆزى تاللىماقچى بولغان مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل سىياسىتى، نومۇر چېكى، مۇناسۋەتلىك شەرتلىرى ۋە بەلىگىلىمىرىدىن تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
3. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا كەسىپ تاللاشتا ئۆزىنىڭ ئالىدىغان نومۇرى، بىلىم قۇرۇلمىسى، قىزىقىشى، غايىسى، ئائلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، شەرت-شارائىتى قاتارلىق ئوبىكتىپ ۋە رىئال تەرەپلەرنى ئاساس قىلىش كېرەك.
ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئەڭ كاتتا ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ غوللۇق كەسىپلىرىدە ئوقۇپ، ياخشى خىزمەت شارائىتىغا ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا ھە دېسلا پەرزەنتلىرىنى تېبى مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك كەسىپلىرى قاتارلىق بازارلىق مەكتەپ، بازارلىق كەسىپلىرىنى يېزشقا دەۋەت قىلىدۇ، لېكىن ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلالمايدۇ، ئوقۇغۇچى ئارزۇ تولدۇرش كارتىسىغا يازغان كەسىپ ئوقۇغۇچى بىر ئۆمۈر شۇغۇللىنىدىغان، بىر ئۆمۈر شۇ ئىشنىڭ نېنىنى يەيدىغان كەسىپ بولغاچقا، ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلىشىىش لازىم، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا پەرزەنتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە، پەرزەنتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش كېرەك.
4. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە قويىدىغان تەلىپىنى ئاساس قىلىش كېرەك.
ھەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن 5-ئاينىڭ 1-ھەپتىلىرى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاپتۇنۇم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى دوختۇرلارنىڭ دىئاگىنوزى، مەكتەپ ۋە يەرلىكنىڭ سىياسى تەكشۈرۈشى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تولدۇرۇلۇپ، تامغا بېسىلغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئېلىكتىرۇنلۇق ئارخىپىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمىغا ئايلىنپ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا ئىمتىھان نومۇرى دۆلەت بەلگىلگەن بىر تۇتاش نومۇرى چېكىگە يېتىپ، ئارخىپى چىقىرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچى قول پايدىلىش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا، مەكتەپ خەۋەرلەندۈرگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ھەر قايسى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ تاللاش شەرتىگە ئەستايدىل مۇئاملە قىلىش لازىم. مەسىلەن: دوختۇر رەڭ قارىغۇسى دەپ دىئاگىنوز قويغانلار ئاستورنومىيە، ماتېرىيال فىزىكىسى قاتارلىق كەسىپىلەرنى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى دەپ دىئاگىنور قويۇلغانلار دېڭىز قاتنىشى تېخنىكىسى، غەربچە تاماق تېخنىكىسى قاتارلىق كەسىپلەرگە قۇبۇل قىلىنالمايدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرغاندا سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلىدىكى دىئاگىنوزلارنى، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ سالامەتلىك جەھەتتىكى شەرتلىرىنى ئەستايدىل ئويلىششى لازىم.
5. ئوقۇغۇچىلار 1-ئارزۇ، پاراللىل ئارزۇ، 2-ئارزۇلارنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نومۇر چېكى يۇقىرى مەكتەپلەردىن نومۇر چېكى بىر قەدەر تۆۋەن مەكتەپلەرگە قاراپ دەرىجە بويىچە تەرتىپلىك تولدۇرۇش لازىم.
ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلشتا، ئوقۇغۇچىنىڭ 1-ئارزۇسىغا يۈكسەك ئەھىمىيەت بىلەن قاراپ، 1-ئارزۇغا ئۆز مەكتىپنى يازغانلاردىن يۇقىرى نومۇرلۇقتىن تۆۋەن نومۇرلۇققا قاراپ تەرتىپ بويىچە قۇبۇل قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار نومۇرنى تۆۋەنرەك مۆلچەرلىسە، نومۇر چېكى يىللاردىن بېرى بىر قەدەر تۆۋەنرەك بولغان مەكتەپنى 1-ئارزۇسىغا، ئەگەر نومۇرنى يۇقۇرى مۆلچەرلسە، نومۇر چېكى يۇقۇرى مەكتەپنى 1-ئارزۇسىغا يېزىش لازىم. ئۆزىنىڭ نومۇر چېكىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنى 1-ئارزۇغا، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىنى 2-ئارزۇغا يېزىپ قويسا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىغا نومۇرى تۆۋەن بولغاچقا تاللانمايدۇ، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتى ئۆزىنى 1-ئارزۇغا يازغانلارنى قۇبۇل قىلىپ بولغاچقا، ئىككىلا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنالماي، 1-تۈركۈمگە نومۇرى توشقان بولسىمۇ 2-تۈركۈمگە قۇبۇل قىلىندىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
6. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرش جەدۋىلىدىكى جەدۋەل (1)، جەدۋەل (2)، جەدۋەل (3) قاتارلىقلارنىڭ ھەم بىر گەۋدە ھەم نىسىپى مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى، مۇشۇ ئاساستا ئارزۇ تولدۇرۇشى لازىم.
ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىدىكى جەدۋەل (1) تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئارزۇ تولدۇرىدىغان (0-تۈركۈمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جەدۋەل (2) تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمگە ئارزۇ تولدۇرىدىغان …. جەدۋەل بولۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى قايسى تۈركۈمگە توشسا، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا، شۇ جەدۋىلى ھېساپ قىلىنىدۇ. 1-تۈركۈمگە نومۇرى توشقان ئوقۇغۇچىنىڭ مەخسۇس كۇرستىكى ئارزۇسىغا قارىمايدۇ، 1-تۈركۈم ئارزۇسىدىن مەسلە كۆرۈلسە ئاندىن قالغان جەدۋەلگە قارىلىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئارزۇ تولدۇرۇش كارتىسىنىڭ ھەممىسىگە ئارزۇ يېزىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ «مېنىڭ نومۇرۇم تۆۋەنرەك چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا مەن 1-تۈركۈمنى يازمايمەن، مەخسۇس كۇرسنىلا يازىمەن.» دېمەستىن ھەممىگە ماس مۇۋاپىق مەكتەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كەسىپلىرىنى يېزىش لازىم. بۇ كارتىلار بىر-بىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ، بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ. 
7. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا، مەكتەپ ۋەكەسىپلەرنىڭ نومۇر چېكىنى ئەستايدىل كۆرۈش بىلەن بىرگە، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ سانىنى، يۇرت دائىرىسىنى (بەزى مەكتەپلەرنىڭ بەزى كەسىپلەرگە نىشانلىق ھالدا مەلۇم يۇرتنى ئاساس قىلىدىغان، بەزى جايلاردىن قۇبۇل قىلمايدىغان ئەھۋال بار)، ئايرىم پەنلەرگە بېكىتىلگەن نومۇر چېكىنى (شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ماتېماتېكا فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنىش ئۈچۈن ماتېماتېكىدىن 60 دىن يۇقۇرى بولۇش دېگەندەك)، بەدەن ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى، تاللىماقچى بولغان مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنىڭ تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ قايسى تۈرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ ئاندىن ئارزۇ تولدۇرۇش لازىم.
ئارزۇ تولدۇرىدىغان ۋاقتىنىڭ قىس بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددىيلىشىشى سەۋەبلىك بەزى تەرەپلەردىكى تەلەپلەرگە ئەستايدىل قارىماي، شەرتى توشماي ياكى ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقماي كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەر بىر تەپسلاتلارغا ئىنچىكىلىك بلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم.
8. ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىدىكى ئۇچۇرلارنى توغرا بوياش، كىر قىلىۋەتمەسلىك، قاتلىۋەتمەسلىك، يىرتىۋىتمەسلىك، قالايمىقان جىجىلىماسلىق لازىم.
ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن ۋىلايەتلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشىخانىلىرىغا بىر تۇتاش يىغىلغاندىن كېيىن، جەدۋەلدىكى ئۇچۇرلار ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانسىنىڭ كومپيۇتېردىكى ئارخىپىغا كىرگۈزۈلۈپ، بېسىپ چىقىرىلىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ يەنە كۆرۈپ، ئىمزا قويۇشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ جەرياندا خاتا كەتكەن تەرەپلەر ھەر قايسى ئورۇنلارغا كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار جەدۋەلگە ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشى، پاكىز ساقلىشى، خاتا تەرەپلەرنى ۋاختىدا تۈزىتىىپ مەسىلىنىڭ ئۆز جايىدا ھەل قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىم. (ھازىر بىۋاسىتە توردا تولدۇرىلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەشغۇلات قىلغاندا ئەستايىدىل بولۇشى، قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشى، بىخەستىلىك قىلىپ ئويلىغىنى بىلەن تولدۇرغىنىنىڭ بىردەك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.)
ئومۇمەن، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار يۇقىرىقى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ، ئارزۇ تولدۇرسىلا، ئەمەلىي ئەھۋالغا ماس نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ. 
مەنبە: قەشقەر گېزىتى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانى
كېلىش مەنبەسى: ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىدىن

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى