ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىدراك ۋە پىتنە-ئېغۋا (تاقۇ-تۇقۇلىرىم)

ئىدراك ۋە پىتنە-ئېغۋا (تاقۇ-تۇقۇلىرىم)

ۋاقتى: 2016-10-29 ئاۋاتلىقى: 6451 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھايۋاننىڭ ئادەم بولغىنىنى كۆرمىدىم، ئەمما ئادەمنىڭ ھايۋان بولغىنىنى كۆرۈپ ئېچىمدىم.
———-تورداشلار ئىمزاسىدىن

ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى زادى نېمە؟ ئادەم نېمە ئۈچۈن ئادەم ئاتىلىدۇ؟ بېشى ئۈستۈن، پۇتى ئاستىن مېڭىپ يۈرگەن، كىيىمنى قاملاشتۇرۇپ كىيىپ پەيزىنى سۈرىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئادەم دېيىشكە بولامدۇ؟ مەۋجۇتلۇقنىڭ قىممىتى زادى نېمە؟…

يېقىندىن بىرى كاللام بەك قالايمىقان بولۇپلا كەتتى. سوئاللار كۆپ، ئەمما جاۋابى يوق. شۇڭا دانالار «جاۋابىدىن سوئالى كۆپ دۇنيا بۇ.»، «كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن بىر كۈنى ئۆلمىگىنىڭ.» دېگەندەك ئەقلىيە سۆزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن.
ماۋۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو باش كولسولخانىسىنىڭ ئېنگىلىزچە بېتىگە ئامېرىكا ئەلباشى ئوبامانىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا رامىزانلىق يوللىغان تەبرىك سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىپتۇ دېسە، ھەر قاچان كۆرمىسىڭىز ئىشەنمەيسىز، قېنى تۆۋەندىكى ئېكران يۈزى كەسمە رەسىمگە قاراڭ:

President's 2013 Ramadan Speech 1 Embassy of the U
ئەسلى يازما ئادرېسى:

http://beijing.usembassy-china.org.cn/20130708-obama-ramadan-speech.html

ئەسلى ئۇيغۇرچە مەزمۇن تۆۋەندىكىچە:
ئامېرىكا پىرىزىدىنتى ئوبامانىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزى
ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئايالىم مىششال ۋە مەن ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام يوللايمەن.
رامىزان ئېيى پۈتۈن دۇنيادىكى بىر مىليارد بەش يۈز مىليون مۇسۇلمانلارنىڭ ئوي-تەپەككۈر يۈرگۈزىدىغان، روزا تۇتۇپ ئۆزىنى ئاتايدىغان ۋاقتى، شۇنداقلا ئائىلە-تاۋابات ۋە دوست-بۇرادەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان، ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكىلەرنى بىر بىرىگە باغلايدىغان ياخشى بىر پۇرسەت. رامىزان ئېيى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تىنچلىق، ئادىللىق، بارەۋەرلىك ۋە خەيرىخالىق بېغىشلايدىغان ۋاقىت. ئىنسانىيەتنى بىر بىرىگە باغلايدىغان بۇ رىشتىنىڭ كۈچى بىزنى دائىم بىر-بىرىمىزدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئوخشىماسلىقلاردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك.

رامىزان ئېيى شۇنداقلا بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەركىنلىك، غورور ۋە پۇرسەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھېچكىم تارتىپ ئالالمايدىغان ھوقۇقى. ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسى ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىۋاتقان، مىليونلىغان مۇساپىرلار ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ رامىزاننى كۈتىۋالغان بۇ پەيتتە ئاشۇ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك قىممەت قارىشى بىزنى ئويلاندۇرىدۇ. ئامېرىكا ھەممە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزلىرى يازالايدىغان، زوراۋان كۈچلەردىن خالىي ھالدا ئوز ئېتىقادى بىلەن ئەركىن شۇغۇللىنالايدىغان دۇنيا قورۇپ چىقىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە.

رامىزان ئېيى ئامېرىكىدىكى مىليونلىغان ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەركۈنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى بىزگە ئەسكەرتىدىغان بىر ئاي. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ، پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە يېڭىلىق يارىتىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدۇ ۋە شۇنداقلا ھاجەتمەن خۇلۇم-خوشنىلىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. تۆت يىلدىن بۇيان مەن ئاق سارايدا ئۆزەمنىڭ ئىفتارغا ساھىبخان بولالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، شۇنداقلا بۇ يىلمۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان كارخانىچى، ئاكتىپ پائالىيەتچى ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ ئىفتارغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن.

ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېنچلىق، ئىناقلىق بىلەن تولغان، ئۆزئارا ھالىغا يېتىدىغان رامىزان تىلەيمەن. رامىزان مۇبارەك.
———————-


بۇ يەردە رامىزان ھەققىدە گەپ بولۇپ قالدى، شۇڭا رامىزان ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقساق: تۈنۈگۈن (2013-يىلى 9-ئىيۇل) كۈنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇلۇغ رامىزان كۈنىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. بۇ بىر كۈننىڭ تۈنۈگۈن قانداق ئۆتكەنلىكى بەلكى ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە ئايان بولسا كېرەك. شەخسەن مەن تولىمۇ ئىچىم غەش ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم. ھەممە ئادەمنىڭ چىرايىدا بىر خىل ئەندىشە، تېڭىرقاش ئىپادىلىرى ئۆز ئەكسىنى تاپقان ئىدى. ھەممە بىردەك شۇنىڭغا تېڭىرقاۋاتاتتى: زادى بۈگۈن ئۇلۇغ رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بۈگۈن ئۇلۇغ رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنى بولمىسا، تۇتقان روزامدىن ئېغىز ئېچىۋېتىشىم كېرەكمۇ ياكى؟ ھەم شۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتاتتى: ئەگەر روزامدىن ئېغىز ئېچىۋەتسەم، قانداق بولار؟ ئەگەر بۈگۈن راستلا رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنى بولسا، ئەتە رامىزان دەپ روزا تۇتمىغانلىقىمنىڭ گۇناھى كىمگە بولار؟ بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالارمەنمۇ؟…
ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ كۈن ئەسلىدە: ھەممىمىز ئىنتىزار بولغان كەيپىياتتا، كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن، ئىنتىلگەن، ھەممە خۇشال-خۇرام كەيپىياتتا باشلانسا بولاتتى، ئەمما بۇ كۈن ناھايىتى كۆڭۈل غەشلىكىدە ئۆتتى. نېمىشقا دېگەندە، تۈنۈگۈن پۈتكۈن شىنجاڭ رايونى روزا تۇتۇش-تۇتماسلىق ھەققىدە كۈچلۈك قالايمىقانچىلىققا تولدى. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز تارقىلىپ يۈرگەن پىتنە-ئېغۋالارغا ئىشىنىپ تۇتۇپ بولغان روزىسىنى قازا قىلىۋېتىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولغان. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بولسا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تېلېفون كەلگەنلىكى، ئاي كۆرۈنمىگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ ئەسلىدە خۇشال-خۇرام كەيپىياتتا روزا تۇتۇش زۆرۈر بولغان بۇ كۈندە، ئەكسىچە روزا تۇتماي، ئاشۇ پىتنە-ئېغۋالارغا ئىشىنىپ رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنى 10-ئىيۇل بولىدۇ دەپ يۈردى. مەن دەسلەپ بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىمۇ، بۇنى بىر خىل قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئۈچۈن تارقىتىپ يۈرگەن پىتنە-ئېغۋا بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئىدىم بىر دوستۇمغا.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىماممۇ ناھايىتى خاپا بولۇپ كەتتى. بىرەر ئۇچۇرنىڭ ھەقىقىيلىقىغا ئىشەنچ قىلماي تۇرۇپ بۇنداق قارىغۇلارچە تارقاتمايلى قېرىنداشلار، تۈنۈگۈن قارايدىغان بولساق، پۈتكۈن ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكى ئىككى خىل قاراشتىكى مەزمۇن بىلەن توشۇپ كەتتى. بەزىلەر رامىزاننىڭ 10-ئىيۇل ئىكەنلىكى، 9-ئىيۇل ئاي كۆرۈنمىگەنلىكى، سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن تېلېفون كەلگەنلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى جېنىنىڭ بارىچە تارقاتتى. دەل مۇشۇ ئۇندىداردىن ئىبارەت ئۇچۇر ۋاسىتىسىنىڭ تەسىرىدە ئەسلىدىنلا خۇشال-خۇرام كەيپىياتتا رامىزان باشلىنىدىغان 9-ئىيۇل كۈنى ھەممە ئادەم ساراسىمىگە چۈشكەن ھالدا بىر خىل قالايمىقانچىلىققا تولدى.


يېقىندىن بىرى تورلاردا ھەر خىل تىپتىكى پىتنە-ئېغۋالار كۆپىيىپ كەتتى. بۇ خىل پىتنە-ئېغۋالار بىزدىن ھەرۋاقىت سەگەك بولۇشىمىزنى، ھەرۋاقىت ئىدراكىمىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەمدە تەپەككۇر ئىقتىدار بولغانلىقى ئۈچۈن، ھايۋاندىن پەرقلىنىدىغان پەرقلىنىدۇ. ھايۋانلار ھايۋانلىقىنى قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلاردە تەپەككۇر ئېڭى يوق، ئەمما بەزىدە ھايۋانلارنىڭ قىلمىشى ئارىمىزدىكى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئادەملەردىن كۆپ ياخشى چىقىدۇ.
مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بىز ئىدراكلىق، تەپەككۇر ئېڭىغا ئىگە ئادەم بولغان ئىكەنمىز، چوقۇم مەسىلىلەرگە ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئەمەس، بەلكى ئىدراك ۋە تەپەككۇرىمىزغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ھەر قانداق ئىش قىلىشتا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتىنى ئويلىشىشىمىز، قىلغان ئىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى ئويلىشىپ قىلىشىمىز، ھەر قانداق ئۇچۇر تارقاتساق، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىيلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىپ ئاندىن تارقىتىشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، ھەرخىل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ پىتنە-ئېغۋا تارقاتماسلىقىمىز، پىتنە-ئېغۋاغا ئىشەنمەسلىكىمىز كېرەك.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى