ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىز نېمە ئۈچۈن بىلوگ يازىمىز (بۇنىڭدىن 7 يىللار ئىلگىرى يېزىلغان يازمام)

بىز نېمە ئۈچۈن بىلوگ يازىمىز (بۇنىڭدىن 7 يىللار ئىلگىرى يېزىلغان يازمام)

ۋاقتى: 2016-10-05 ئاۋاتلىقى: 6616 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلاۋە:

مەزكۇر يازما بۇنىڭدىن 7 يىللار ئىلگىرى يېزىپ قالدۇرۇلغان يازما بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى يېزىلىش ئۇسلۇبى ۋە يېزىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يازمىنىڭ ئىملاسى ئازراق تەھرىرلەنگەندىن باشقا، يازما مەزمۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر يازمىنى ئوقۇغاندا ھەرگىزمۇ قەلەم ساھىبىنىڭ ھازىرقى يېزىش سەۋىيەسىدە مۇئامىلە قىلماسلىقىنى، شۇ ۋاقىتتىكى شارائىت، سەۋىيە ئاساسىدە مۇئامىلە قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:

ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

2016-يىلى 9-ئاي

----

ئىنتېرنېت تورى بىلەن ھەپىلەشكىلىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە 5، 6 يىل بولۇپ قاپتۇ، بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ ھەپىلەشكىنىم بىلوگىدىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە شەيئى بوپتۇ.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققىنىمدا بىلوگ دېگەن بۇ نەرسە بىزنىڭ تىلىمىزغا تېخى كىرمىگەن، ئۇيغۇرلاردا ئەڭ دەسلەپكى بىلوگ ئاتالغۇسى 2007-يىللاردىن باشلاپ پەيدا بولۇشقا باشلىغان. يېڭى تورغا چىقىشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمدا، خەنزۇچە تور بەت كۆرۈپ، نۇرغۇن داڭلىق خەنزۇلارنىڭ 博客 يازىدىغانلىقىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ مۇشۇ 博客 رىم بولسا مەنمۇ يېزىپ باقسام دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ئارىسىدا بىلوگ سىستېمىسى تېخى بارلىققا كەلمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرچە بىلوگ يېزىش خۇددى ئاسماندىكى ئاينى ئالغاندەك ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام خىيال ئىدى خالاس.
مەن ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى تاماملىغىلى ئاز قالغان ۋاقىتلاردا تۇيۇقسىز ئاشۇ خام خىيالنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بايقىدىم. يەنى بىر دوستۇم ئۇيغۇر بىلوگ uyblog.cn دېگەن ئادرېستا بىر ھەقىقىي ساپ ئۇيغۇرچە قوللايدىغان بىلوگ سۇپىسى قۇرۇپ چىقتى. شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدىم ھەم ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن بىلوگ يېزىشقا باشلىغان ئىدىم. كېيىن بۇ بىلوگ سۇپىسى بىخەتەرلىكى ياخشى بولماي تاقىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىلوگ چۈشى مېنى زادىلا ئارامىمدا قويمىدى. شۇڭا كۆپ ئىزدىنىپ كېيىنكى كۈنلەردە ھەرخىل مۇنبەرلەرنىڭ شەخسىيلەر تور بېتى دېگەن ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاددىي، دېگەندەك ياخشى بولمىغان تور خاتىرىسى يېزىپ باقتىم. لېكىن يەنە بىلوگدەك ياخشى بولمايدىكەن. ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئاخىرى ئۇستازلىرىمىز بىلوگباستىن ئىبارەت بىر بىلوگ سۇپىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ بىلوگ سۇپىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىلىملىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بىلوگ چۈشۈم يەنە رىئاللىققا ئايلانغان بولدى. مەن دەرھال بىلوگباس ھەققىدىكى تېخنىكىلار سۆزلەنگەن يازمىلارنى تولۇق كۆرۈپ چىقىپ ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ تۇنجى بىلوگى «سارغايغان ياپراق بىلوگى»نى قۇرۇپ چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى بىلوگ ئىسمى ۋە ئادرېسىنى «دەۋر بىلوگى»غا ئۆزگەرتتىم. شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ بىلوگ يېزىشىم ھەقىقىي تۈردە باشلاندى. ئۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ بىلوگ يېزىشىمغا جېك ئەپەندى (تۇرسۇنجان مۇئەللىم)نىڭ يازمىلىرى ۋە تەكلىماكان ئەپەندىنىڭ يازمىلىرى تۈرتكە بولغان ئىدى. مەن دەۋر بىلوگىنى بىر يىلدەك يېزىپ خېلى نەتىجە قازانغان ھەمدە بۇ بىلوگمۇ ئۇيغۇرچە يېزىلغان بىلوگلار ئىچىدە خېلى نامى بار بىلوگ بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما كېيىن «دەۋر بىلوگى»نى ھازىرقى «ئىلقۇت بىلوگى»غا ئۆزگەرتتىم. نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتكەنلىك سەۋەبىمنى كېيىن يېزىپ قالدۇرۇشۇم مۇمكىن. (ئىلقۇت بىلوگى بىر قانچە قېتىملىق سىستېما كۆچۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈندە ھازىرقى ئۆزۈمنىڭ مۇستەقىل پىلانلىشى ئاساسىدا ئېچىپ چىقىلغان يانبىلوگ سىستېمىسىدا يېزىلىۋاتىدۇ. ئىلقۇت بىلوگىنىڭ تارىخى دەسلەپتە بىلوگباس سىستېمىسىدا يېزىلىپ، كېيىن PJblog سىستېمىسىغا كۆچۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن WordPress سىستېمىسىغا كۆچۈرۈلدى. ئەڭ ئاخىرى ئۆزىمىزنىڭ يانبىلوگ سىستېمىسىغا مۇقىملاشتى --- قەلەم ساھىبىدىن.)


يۇقىرىقىدەك بىر تالاي يوللارنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن مانا ئەمدى مەندە بىز نېمە ئۈچۈن بىلوگ يازىمىز؟ دېگەن بۇ سوئال تۇغۇلۇپ قالدى.
خوش، ئۇنداق بولسا گېپىمىزنى داۋاملاشتۇرساق، بىز نېمە ئۈچۈن بىلوگ يازىمىز؟
بىلوگ يېزىش دېسە بەلكىم بەزى تورداشلار بىلوگ دېگەن نېمە دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇ سوئال مەندىن ھازىرغا قەدەر سورىلىپ كېلىۋاتقان بىر سوئال. چۈنكى بۇ بىلوگ دېگەن نەرسە بىزنىڭ تىلىمىزدا تېخى رەسمىي ئومۇملاشمىغان ھەم ھازىر بىزدە ھەقىقىي بىلوگ يازىدىغان ئادەم بەك ئاز ياكى يوق دېيەرلىك (ئەسكەرتىش، مەزكۇر يازما بۇنىڭدىن 7 يىل بۇرۇن يېزىلغان). ئەگەر سىز ھازىرمۇ بىلوگنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسىڭىز بىلوگ ھەققىدە ئازراق ماتېرىيال كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن؟ بىلوگ يېزىش پەقەت شەخسىي ئەركىنلىكىڭىز بىلەن يېزىلىدۇ. ھېچكىمنىڭ سىزنىڭ بىلوگ يېزىشقا مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق. خالىسىڭىز يازسىڭىز بولىدۇ، خالىمىسىڭىز يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ بەلگىلىشىڭىزگە باغلىق.
بىزنىڭ بىلوگ يېزىشىمىزدىكى سەۋەب:
1. ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش كارتىنىمىزنى يېزىپ قالدۇرۇپ، كېيىنكى كۈنلەر ئۈچۈن ئەسلىمە قالدۇرۇش. بۇ دېگىنىمىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك بىلوگ يېزىش پەقەت سىزنىڭ ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە بولىدۇ. يېزىش يازماسلىق ئۆزىڭىزگە باغلىق. بىلوگ دېگەن بۇ نەرسە شەخسىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش سورۇنى بولۇپ، بۇ يەردە سىز ھېچكىمنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىماي، كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىسىڭىز شۇنى يېزىپ قالدۇرسىڭىز بولىدۇ (پەقەت قانۇن-نىزام ۋە يەرلىك سىياسەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا زىت بولمىغان، ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىغا خىلاپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەر قانداق مەزمۇندا يازسىڭىز بولۇۋېرىدۇ). شۇڭا سىز تۇرمۇشىڭىزدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويۇپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز ياكى ئۇنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. بىلوگنىڭ تۈرلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. قايسى خىل تۈردىكى بىلوگنى يېزىش ئۆزىڭىزگە باغلىق.
2. باشقىلار بىلەن ئۇچۇر، بىلىم ئورتاقلىشىش. سىز ئۆزىڭىز قىزىققان ساھەدە ياكى ئۆزىڭىز ئىزدەنگەن بىلىملەر ھەققىدە بىلوگ يېزىپ قالدۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدا بارلىققا كەلگەن بىر قەدەر ياخشى بىلوگلارنى كۆرۈپ چىقماقچى بولسىڭىز ئىلقۇت بىلوگىنىڭ ئوڭ يان تەرەپ ياكى بەت تېگىدىكى بىلوگ ئۇلىنىشىدىن كىرىپ كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
3. ئاز-تولا ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش. ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش دېگىنىمىز مېنىڭچە شۇ ۋەتەن-خەلققە، مىللەتكە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ باشقىلارغا ئازراق پايدا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلسا كېرەك. شۇڭا سىز ھەركۈنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بىلوگ يېزىپ قالدۇرسىڭىز بىرىنچىدىن، بىزنىڭ توردىكى ماتېرىيال مەنبەيىمىز كۆپىيىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۆزىڭىزنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالايسىز، بۇنداق بولغاندا سىز بىلەن ئوخشاش ساھەدىكىلەر سىزنى ئاسانلا بايقاپ سىز بىلەن ئالاقە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىز ئۆز كەسپىڭىز ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ پىكىرداشلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىسىز. ئۈچىنچىدىن ۋە ھاكازالار. ئىشقىلىپ بىزدە ئىككى ئادەمدە بىردىن ئىككى خىل ئالما بولسا ئالماشتۇرۇپ يېسە يەنىلا بىردىن يەيدۇ، لېكىن ئىككى ئادەمدە ئىككى خىل بىلىم، كۆز قاراش بولسا ئۆز-ئارا ئالماشتۇرسا ھەر بىر ئادەمدە ئىككى بىلىم، كۆز قاراش بولىدۇ دەيدىغان ئۇلۇغ ھېكمەت بار. سىز دائىم مەلۇم مەسىلىگە ئائىت ماتېرىيالغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز مېنىڭچە سىزنىڭ ئاۋۋال قىلىدىغىنىڭىز توردىن ئىزدەپ بېقىشقۇ دەيمەن. ئەگەر سىزگە كېرەكلىك مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال تاپسىڭىز خۇشال بولۇپ كېتىسىز، ئەگەر تاپالمىسىڭىزچۇ؟ شۇڭا بىز پەقەت باشقىلار يېزىپ قالدۇرغاندىنلا پايدىلىنىشنى بىلىپلا قالماي ئۆزىمىزنىڭ بىلىملىرىنىمۇ يېزىپ قالدۇرساق باشقىلار پايدىلانسا بۇ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش ئەمەسمۇ؟ قىسقىسى ھەممىمىزدە بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش ئېڭى بولۇش كېرەك.
ھازىر قارايدىغان بولساق، خەنزۇلاردىن نۇرغۇن داڭلىق كارخانىچىلار، ئۇنىۋېرسىتېت پىروفېسسورلىرى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئۆزىنىڭ بىلوگىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى ئۆزىڭىز توردىن ئىزدەپ تاپسىڭىز تاپالايسىز. ئەمما بىزنىڭ كارخانىچىلىمىزنىڭ ئىچىدە مەن تېخى بىرەر داڭلىق كارخانىچىنىڭ بىلوگى بار ئىكەن، پالانى كارخانىچى بىلوگ يازىدىكەن دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم (ئالىم ئەھەتتىن باشقا). شۇڭا بىز ۋاقتىمىز ھەم شارائىتىمىز بولسا بىلوگ يېزىپ قالدۇرساق، بۇ مېنىڭچە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدىغۇ دەيمەن.


بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى