ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا، قۇرۇق قول ئۆتۈپ كەتمەڭ

ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا، قۇرۇق قول ئۆتۈپ كەتمەڭ

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 12196 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇ دىۋېننىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى: 

ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا، قۇرۇق قول ئۆتۈپ كەتمەڭ

جۇ دىۋېن

ئادالەت غوپۇر تەرجىمىسى

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئىشتابنىڭ باشقارما باشلىقى جۇ دىۋېن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. جۇ دىۋېن 1997-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرەپلىك دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ نۇتۇقىدا قىزىقچىلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئانچە داڭلىق ۋە پۇلدار بولمىسىمۇ، بىر كىتاب مەستانىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تۆۋەندە بۇ نۇتۇقنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

ھۆرمەتلىك مەكتەپ مۇدىرى، خارۋارد گۇرۇھىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى مۇئەللىملەر، ئاتا-ئانىلار، دوست-بۇرادەرلەر، ئەڭ مۇھىم بولغان ھەر بىر مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەرقايسىڭلارنىڭ ماڭا بۇنداق گۈزەل مىنۇتلارنى بىرگە ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى بەرگەنلىكىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.

ئۆزۈمنىڭ خارۋاردنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلىشتەك بۇنداق شەرەپكە ئىگە بولۇشقا ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۆتكەن يىلى بۇ سەھنىگە چىققان كىشى، ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ج. ك. روۋلېڭ خانىم (J.K. Rowling) بولۇپ، ئۇ ئەڭ بۇرۇن قەدىمكى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇزاقى يىلىدىكى بولسا بېل گايتېس ئەپەندىم، ئۇ بىر داڭلىق باي، ساخاۋەتچى ھەم كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى. ئەپسۇسكى بۇ يىل بۇ سەھنىدىكىسى ئالدىڭلاردا تۇرغان كىشى، كۆپ پۇلۇم بولمىسىمۇ،ھېچ بولمىغاندا بىر كىتاب مەستانىسى.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماڭا شەرەپلىك ئۇنۋان بەرگىنىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، سىلەر ئويلىغاندىنمۇ مۇھىم.
بىلىشىڭلار كېرەك، ئۆگىنىشتە مەن ئائىلىدىكىلەرگە ئوخشىمايمەن. ئاكام ماسساچۇسېتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا دوكتورى، خارۋاردنىڭ پەلسەپە دوكتورى؛ ئىنىم خارۋاردنىڭ قانۇن ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. مەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، مېنىڭچە ئاپام چوقۇم خۇش بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. بۇ ئىش خەۋەر قىلىنغان كۈنى ئەتىگەندە ئاپامغا تېلېفون قىلغان ئىدىم، ئۇ ئاڭلىغاندىن كېيىن پەقەت مۇنۇ سۆزنىلا قىلغان ئىدى: «بۇ ياخشى خەۋەر ئىكەن، لېكىن مېنى قاچان يوقلاپ كېلەلەيسەن؟» بۈگۈن قېرىنداشلىرىم ئارىسىدا مەنمۇ خارۋاردنىڭ ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم، مېنىڭچە ئۇ ئەمدى رازى بولۇشى مۇمكىن.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەشتە يەنە بىر قىينىلىدىغان يىرىم بار، يەنى بەزىلىرىڭلار مېنىڭ نۇتۇقتا سۆزلىگەن گەپلەرنى تەكرارلىشىمنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار.
بىرىنچىدىن، تەسىر كۈچى پەيدا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئوخشاش بىر ئۇچۇرنى قايتىلاش. ئىلىم-پەندە تۇنجى بايقىغۇچى ناھايىتى مۇھىم، تونۇلۇشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرىدا بايقىغۇچى تېخىمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچىدىن، باشقىلارنى ئۈلگە قىلغان يازغۇچى بۇرۇنقىلار ئاچقان ئەڭ ياخشى يولدا ماڭىدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن شائىر رالف ۋالدو ئەمېرسون (Ralph Waldo Emerson) بۇرۇن مۇنداق يازغان ئىدى: «مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىدىيەلىرىم ئۆتمۈشتىكىلەردىن ئوغرىلانغان.» رەسسام پابلو رۇئىز پىكاسسومۇ(Pablo Ruiz Picasso) مۇنداق دېگەن: «مۇنەۋۋەر رەسسام باشقىلارنى ئۈلگە قىلىدۇ، ئۇلۇغ رەسسام باشقىلاردىن ئوغرىلايدۇ.» ئۇنداقتا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ نۇتۇق سۆزلىگۈچىلىرى بۇنداق قىلسا نېمىشقا بولمىغۇدەك؟
مەنە يەنە بىر نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆتەي، مەن ئۈچۈن خارۋاردنى پۈتتۈرگۈچىلەرگە نۇتۇق سۆزلەش ئازراق مەسخىرە قىلىنغانلىق، چۈنكى ناۋادا مەن ئەينى چاغدا جۈرئەت بىلەن خارۋاردقا ئىلتىماس سۇنغان بولسام چوقۇم رەت قىلىناتتىم، ئايالىم جېئەن (Jean) بۇرۇن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇ مېنىڭ «رەت قىلىش» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىمگە قارشى ئىدى، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ھەرقانداق ئىلتىماس قىلغۇچىنى رەت قىلمايتتى. ئۇ ھەر دائىم رەت قىلىش خېتىدە: «بىز سىزگە ئوقۇش پۇرسىتى بېرىشكە ئامالسىز.» دەپ يازاتتى. مەن بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەسئۇللىرى ناھايىتى ئەمەلىيەتچىل، ئۇلار دائىم «باشقىلارنى رەت قىلغۇچىلار» دەپ ئاتىلىدۇ. ئېنىقكى، مەن ئۆزۈمنى قانداق بازارغا سېلىشنى ئۆگىنىشىم كېرەك ئىدى.

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ نۇتۇقلىرى قەدىمكى سوناتا تۈزۈلۈش قانۇنىيىتىگە بوي سۇنىدۇ، مېنىڭ نۇتۇقۇممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بايىقىسى بىرىنچى بۆلەك، يەڭگىل قۇرۇق پاراڭ.

ئەمدىكىسى ئىككىنچى بۆلەك، قۇلاق تۈۋىگە نەسىھەت. بۇنداق نەسىھەتنىڭ قىممىتى يوق، ئاسان ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، ھەم مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. لېكىن ۋاڭ ئېرداۋ (王尔德) ئېيتقاندەك: «نەسىھەت ئۈچۈن سىزنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغىنىڭىز ئۇنى باشقىلارغا سوۋغا قىلىش، چۈنكى ئۇنىڭ سىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق.» شۇڭا تۆۋەندىكىسى مېنىڭ نەسىھەتىم.
بىرىنچىدىن، نەتىجە قازانغاندا، ئالدىنقىلارنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئاتا-ئانىڭىزغا ۋە سىزنى قوللىغان دوستلىرىڭىزغا، سىزنى رىغبەتلەندۈرگەن پىروفېسسورلارغا رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك، بولۇپمۇ ئىمتىھاندىن ئاسان ئۆتكۈزمەيدىغان پىروفېسسورلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىشىڭىز لازىم، چۈنكى ئۇلار سىزنى ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگىنىشكە ھەيدىگەن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي-پەن مائارىپىدا كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى. سىز يەنە ساۋاقداشلىرىڭىزنى قۇچاقلىشىڭىز كېرەك، ئۇلارنىڭ سىز بىلەن كېچىلەپ قىلىشقان مۇنازىرىلىرى سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا مۆلچەرلىگۈسىز پايدا ئىلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە سىز يەنە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك. بۇنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، مەكتەپ سىزگە ئەسكەرتىدۇ.
ئىككىنچىدىن، كەلگۈسى تۇرمۇشۇڭلاردا ھىممەتلىك ئادەم بولۇڭ. ھەر قانداق بىر بەس مۇنازىرىدە ئەڭ ئاخىرقى نەپنى قارشى تەرەپكە قالدۇرۇپ قويۇڭ. ئۈستىلىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى ھەممە پۇلنى ئېلىپ كەتمەڭ. ھەمكارلاشقاندا، شۆھرەتنى ئۆزىڭىزگە قالدۇرماڭ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلاشقۇچى چوقۇم پىرسەنت نام-شۆھرەتكە ئېرىشىشى كېرەك.
« Harvey » ناملىق كىنودا، ئەلۋۇد پ. دوۋدنىڭ (Elwood P. Dowd) رولىنى ئالغان جىممي ستىۋارت (Jimmy Stewart) مۇنداق دېگەن ئىدى: «نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئاتا-ئانام ماڭا ‘ئەلۋۇد بۇ دۇنيادا يا بىر ئەقىللىك ئادەم بولۇشۇڭ، يا بىر ياخشى ئادەم بولۇشۇڭ كېرەك’ دېگەن.» مەن نۇرغۇن يىل ئەقىللىك ئادەم بولدۇم. لېكىن، مەن يەنىلا ياخشى ئادەم بولۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ باقساڭلار بولىدۇ.
مىنىڭ ئۈچىنچى نەسىھەتىم مۇنداق، يېڭى تۇرمۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، ئۆز قىزىقىشىڭىزغا ئەگىشىڭ. ئەگەر قىزىقىشىڭىز بولمىسا، ئىزدەڭ، ئىزدەپ تاپمىغۇچە بولدى قىلماڭ. ھاياتلىق قىسقا، قۇرۇق قول ئۆتكۈزمەڭ، چوقۇم بىر نەرسىگە مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلاڭ. مەن سىلەردەك چېغىمدا بىردىنبىر نىشانىم فىزىكا ئالىمى بولۇش ئىدى. تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن يەنە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بولېكلور تارماق مەكتىپىدە 8 يىل تۇردۇم، ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق دوكتورلۇقتا ئوقۇدۇم، ئاندىن كېيىن نوبېل تەجرىبىخانىسىدا 9 يىل تۇردۇم. شۇنچە يىللاردا، مېنىڭ تۇرمۇش ۋە كەسىپتىكى بارلىق خۇشاللىقىم فىزىكىدىن كەلدى.
ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەرتىشىم، قىزىقىش ئەلۋەتتە مۇھىم لېكىن قىزىقىشقىلا قارىماسلىق كېرەك. ئادەم قىرىپ چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ پۈتۈن ھاياتىنى ئەسلىگەندە ئۆزى قىلغان ئىشلار ئۈچۈن پەخىرلىنىشى كېرەك. ماددىي تۇرمۇش ۋە ئىشغال قىلىش ئارزۇسى ھېچقايسىسى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلمايدۇ. پەقەت سىزنىڭ تەسىرىڭىزگە ئۇچرىغان، سىز ئۆزگەرتكەن ئىش ۋە ئادەملەرلا سىزدە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدۇ.
نوبېل تەجرىبىخانىسىدا 9 يىل تۇرغاندىن كېيىن، مەن بۇ ئىللىق ۋە راھەت مۇھىتتىن ئايرىلىشنى قارار قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆز نەزىرىمدىكى ”ھەقىقىي دۇنيا“ ئالىي مەكتەپ دۇنياسىغا كىردىم. نوبېل تەجرىبىخانىسىغا بولغان كۆز-قارىشىمنى، مەررىي پويىنتنىڭ (Mary Poppins) بىر سۆزى بىلەن خۇلاسىلىگىلى بولىدۇ: ”ئەمەلىيەت نۇقسانسىز“. لېكىن، مېنىڭ يەنىلا بۇ خىل پۈتۈنلەي پەن-تېخنىكىلىق مۇھاكىمە تۇرمۇشىدىن ئايرىلغۇم بار. دەرس سۆزلىگۈم، ئۆزۈمنىڭ پەن-تېخنىكا يولىدىكى ئەۋلادلىرىمنى تەربىيەلىگۈم بار.
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يېقىن دوستۇم ھەم كۆزگە كۆرۈنگەن خىزمەتدىشىم بار، ئۇنىڭ ئىسمى تەد گېبەلى (Ted Geballe). ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش بولېكلور تارماق مەكتىپىدىن نوبېل تەجرىبىخانىسىغا بارغان، نەچچە يىل بۇرۇن يەنە نوبېل تەجرىبىخانىسىدىن ئايرىلىپ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتقان. ئۇ بىزنىڭ نىشانىمىزنى ئەڭ ياخشى خۇلاسىلىگەن:
«ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئوقۇغۇچى. ئۇلار كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، قىزغىن، ئىدىيەسى ئەركىن، تېخى خىزمەتنىڭ ئېغىر بېسىملىرى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلمىگەن. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرى ھېس قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ جەمئىيەتتىكى ئەڭ ياخشى ئاڭلىغۇچىلار. ناۋادا ھاياتلىقتا پەقەت بىر مەزگىلدىلا ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئەركىن ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا تولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ مەزگىل سىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋاقتىڭىز. مەكتەپكە كىرگەندە، ئوقۇغۇچىلار كىتابتىكى ھەر بىر ئېغىز سۆزدىن گۇمانلانمايدۇ، ئەمما ئاستا-ئاستا ئۇلار كىتاب بىلەن پىروفېسسورنىڭ ھەممە نەرسىگە قابىل ئەمەسلىكىنى بايقاپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا باشلايدۇ. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ مەن ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە باشلايمەن.»
مەن ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلار، يېتەكلىگەن دوكتورلار، ھەمكارلاشقان ياش خىزمەتداشلار ھەممىسى ناھايىتىمۇ مۇنەۋۋەر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن 30 نەچچە ئادەم ئاللىقاچان پىروفېسسور بولۇپ بولدى. ئۇلار تۇرۇشلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىرى ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئارىسىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بار. مەن ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. ھېلىھەممۇ ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئانچە-مۇنچە تورغا چىقىپ بىيولوگىيە فىزىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن مەسلىھەت سوراپ تۇرىمەن.
مەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئويى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى باشلىدىم. ھاياتىمدا ئېرىشكەنلىرىم بەدەل تۆلىگەنلىرىمدىن كۆپ، شۇڭا جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشۇم لازىم. بۇ بۈگۈنكى نۇتۇقنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى. ئالدى بىلەن بىر قالتىس پەن-تېخنىكىلىق بايقاش ۋە ئۇ پەيدا قىلغان يېڭى رىقابەت ھەققىدە سۆزلەيمەن. ئۇ بىر كۈرەش سىگنالى، ئەمدى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى.
ئۆتمۈشتىكى ئون يىلدا، ھاۋا-كىلىمات ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ھاۋا-كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھازىر پەيدا بولغان ئىش ئەمەس، ئۆتۈپ كەتكەن 600 مىڭ يىلدا 6 قېتىم مۇز دەۋرى پەيدا بولغان. ئەمما ھازىرقى مۆلچەرگە قارىغاندا ھاۋا-كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى تېزلەشتى. شىمالىي قۇتۇپنىڭ 9-ئايدىكى مۇز كۆلىمى 50 يىلقىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر. 1870-يىلىدىن باشلاپ كىشىلەر دېڭىز يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈش سۈرئىتىنى ئۆلچەشكە باشلىغان، ھازىرقى سۈرئەت ئۇ چاغدىكىنىڭ 5 ھەسسىگە باراۋەر. بىر مۇھىم پەن-تېخنىكىلىق بايقاش مانا مۇشۇنداق پەيدا بولدى. پەن-تېخنىكا تۇنجى قېتىم ئىنسانىيەت تارىخىدا ھازىرقى ھەرىكىتىمىزنىڭ 50-100 يىلدىن كېيىنكى دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى مۆلچەرلەپ چىقتى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبى، سانائەت-ئىنقىلابىدىن باشلاپ ئىنسانلار ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن كاربون «Ⅳ» ئوكسىدىنىڭ ئېشىشى. بۇ يەر شارى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنى 0.8 گىرادۇس ئۆستۈردى. ھازىرلا پۈتۈن پارنىك گازلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى توختاتقان تەقدىردىمۇ، تېمپېراتۇرا يەنىلا بۇرۇنقىدىن 1 گىرادۇس ئاشىدۇ. چۈنكى تېمپېراتۇرا مۇقىملىشىشتىن بۇرۇن دېڭىز سۈيى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئېشىشى يەنە ئون نەچچە يىل داۋاملىشىدۇ.
ئەگەر پۈتۈن دۇنيا ھازىرقى ئىقتىساد ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەي داۋاملاشتۇرسا، ب د ت ھاۋا-كىلىمات ئۆزگىرىش مەخسۇس كومىتېتىنىڭ (IPCC) مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا زامان ئاخىرىنىڭ 50 پىرسەنتكە يېقىن مۇمكىنچىلىكى بار، تېمپېراتۇرىمۇ ئاز دېگەندە 5 گىرادۇس ئۆرلەيدۇ. بۇ ئاڭلىماققا كۆپ ئەمەس، لېكىن شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي ئالدىنقى قېتىمقى مۇز دەۋرىدىمۇ يەرشارى تېمپېراتۇرىسى ئاران 6 گىرادۇس تۆۋەنلىگەن. ئۇ چاغدا ئوخايو ئىشتاتى بىلەن فىنلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ نۇرغۇن زېمىنى يىل بويى مۇز ئاستىدا تۇراتتى. تېمپېراتۇرا 5 گىرادۇس ئۆرلىگەن يەرشارى ناھايىتىمۇ ئوخشىمىغان بىر يەرشارى. تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ ماسلىشىشى ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر مەندىن مۇنداق سورىغان، تېخىمۇ ئىسسىق مۇھىتتا ھاشاراتلارنىڭ بېشى يوغىنايدۇ، بىلمىدىم ئەتراپىمىزدا پەيدا بولۇۋاتقان يوغان چىۋىنلەر بۇنىڭ بېشارىتىمۇ؟
بىز يەنە بىر ئەرۋاھقا دۇچ كەلدۇق، ئۇ بولسىمۇ سىزىقسىز ”كىلىماتنىڭ پارتلاش نۇقتىسى“، بۇ تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەرنى ئىلىپ كېلىدۇ. مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق قاتلىمىنىڭ ئېرىشى ”كىلىماتنىڭ پارتلاش نۇقتىسى“ غا ئائىت بىر مىسال. مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق قاتلىمى نەچچە مىليون يىللىق يىغىلىشتىن ھاسىل بولغان، ئارىسىدا نۇرغۇن توڭ ھالەتتىكى ئورگانىك ماددىلار بار. ئەگەر بۇ مۇز قاتلىمى ئېرىسە مىكرو ئورگانىزىم تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، توڭ تۇپراق قاتلىمىدىكى ئورگانىك ماددىلارنىڭ چىرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توڭلىتىشتىن بۇرۇنقى ماددىلار ۋە توڭلىتىشتىن بۇرۇنقى ماددىلارنىڭ بىيولوگىيەلىك پەرقى ھەممىمىزگە مەلۇم. توڭلاتقۇدا ئۇزۇن مۇددەت توڭلىغان يېمەكلىكنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئەمما ئېرىگەندىن كېيىنلا ناھايىتى ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ. بىر چىرىگەن ئۇزۇن يىللىق تۇپراق قاتلىمى قانچىلىك تەبىئىي گاز ۋە كاربون «Ⅳ»قويۇپ بېرىدۇ؟ پەقەت بىر قىسمىلا كاربون قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ھامان سانائەت-ئىنقىلابىدىن بۇيان قويۇپ بېرىلگەن بارلىق كاربوندىنمۇ كۆپ چىقىدۇ. بۇنداق ئىش يۈز بەرسىلا كونترول قىلغىلى بولمايدۇ.
كىلىمات مەسىلىسى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش يولىدا مەقسەتسىز پەيدا بولغان ئاقىۋەت. بىز قېزىلما ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ھەددىدىن زىيادە يۆلىنىۋالدۇق، قىشتا ئىسسىنىش، يازدا سوۋۇتۇش، كېچىنى يورۇتۇش، ئۇزۇن مۇساپىلىك ساياھەت، يەرشارى كۆرگەزمىسى. ئېنېرگىيە مەنبەسى دېگەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى، بىز ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ۋاز كېچەلمەيمىز. ئامېرىكا دۇنيا نوپۇسىنىڭ 3 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما بىز دۇنيادىكى ئېنېرگىيەنىڭ 25 پىرسەنتىنى ئىشلىتىمىز. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا دۇنيادا يەنە 1 مىليارد 600 مىليون نوپۇسنىڭ توكى يوق، مىليونلىغان كىشىلەر دەرەخ شاخلىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ تېزىكىنى كۆيدۈرۈپ تاماق پىشۇرىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىكى كىشىلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن ھۇزۇر ئالالمايدۇ، ئەمما ئۇلارمۇ بىز ئېرىشكەن نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مانا بۇ يېڭى بىر رىقابەت. پۈتۈن دۇنيا بىر بىرلىككە كېلىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن زادى قانچىلىك كۈچ چىقىرالايمىز؟ 100 يىل بۇرۇنقى كىشىلەر بۇخىل ئۆزگىرىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەممە مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزىغىچە ئورناشقان. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئەمما بىز تۇغۇلۇشىمىزدىن پەقەت ئائىلىمىزگە ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغىلا كۆڭۈل بولۇپ كۆنۈپ قالدۇق. بىز پۈتۈن دۇنيانى بىر گەۋدە دەپ قارىيالامدۇق؟ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالالامدۇق؟
تەشۋىشلەنسەكمۇ يەنىلا كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار قارايلى، بۇ مەسىلە چوقۇم ھەل بولىدۇ. مەن لاۋرېنىسىسمىت بولېكلور دۆلەت تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستۈمگە ئىلىشنى خالايمەن، بۇنىڭدىكى قىسمەن سەۋەب مەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تەدبىر ئۈستىدە تەتقىق قىلىش ئويۇم بار. مەن ئۇ يەردە پەقەت تۆت يىللا تۇردۇم، بۇ تەجرىبىخانىنىڭ 78 يىللىق تارىخىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ قىسقا مۇدىر، ئەمما مەن ئۇ يەردىن ئايرىلغاندا بولېكلور تەجرىبىخانىسىدا ۋە تارماق مەكتىپىدە بەزى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورگانلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان.
ئوبامانىڭ سىياسەت يولغا قويۇش گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇش مەن ئۈچۈن ناھايىتىمۇ چوڭ شەرەپ. ئەگەر ئامېرىكىنى ۋە پۈتۈن دۇنيانى يېتەكلەپ سىجىل ئېنېرگىيە يولىغا مېڭىش پۇرسىتى بولسا، ئۇنداقتا بۇ پۇرسەت كەلدى. زۇڭتۇڭ ئاللىقاچان ئۇچۇر بەردى، كەلگۈسى قورقۇنچلۇق ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ گۈزەل، بىزنىڭ يەنە پۇرسىتىمىز بار. مەنمۇ شۇنداق ئۈمىدۋار. ئالدىمىزدىكى ۋەزىپە ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدۇ، لېكىن بىز قىلالايمىز ھەم چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز.
ئاللىقاچان بەزى جاۋابلىرىمىزمۇ بار، بىز تېز ئۈنۈم بىلەن ئېنېرگىيەنى تېجەپ ۋە ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇلار دەرەخكە ئېسىقلىق مېۋە ئەمەس، بەلكى ئاللىقاچان پىشىپ يەرگە چۈشۈپ بولدى، مەسىلە پەقەت بىزنىڭ ئۇنى تىرىشنى خالاش خالىماسلىقىمىزدىلا خالاس. مەسىلەن، بىز ئامال قىلىپ لوۋيۈنىڭ توك سەرپىياتىنى 38 پىرسەنت تۆۋەنلىتەلەيمىز، سېلىنغان مەبلەغنى 15 يىلدا قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، لوۋيۈنىڭ توك سەرپىياتى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ 40 پىرسەنتى، ئېنېرگىيە تىجەشلىك لوۋيۈنىڭ كېڭەيتىلىشى كاربون «Ⅳ» ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ چوڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلەشتۈرۈۋاتىمىز، بۇ كېيىنكى قېتىملىق ئامېرىكا گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى. بىز نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمىز، نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ ئېلېكتىرون زاۋۇتلىرىنىڭ كېرەكسىز گازلىرى تەركىبىدىن كاربون «Ⅳ» ئوكسىدنى ئايرىۋالىمىز. ئىلغار بىيو-ئېنېرگىيەسى ۋە توك ماشىنىلىرى بىلەن چەتئەلنىڭ نېفىتىغا ئانچە تايانمايمىز.
كەلگۈسى ئون نەچچە يىلدا، بىز چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى ماي باھاسى ۋە تېخىمۇ قاتتىق كاربون «Ⅳ» ئوكسىد سىياسىتىگە توغرا كېلىمىز. بۇ بىر يېڭى سانائەت ئىنقىلابى، ئامېرىكىنىڭ رەھبەر بولۇش پۇرسىتى بار. داڭلىق مۇز توپى ماھىرى ۋاينى گرېتزكي (Wayne Gretzky) ”قانداق قىلىپ مۇز ئۈستىدە توغرا ئورۇنغا يۈگۈرەلەيسىز؟“ دەپ سورالغاندا، جاۋاب بىرىپ: ”مەن توپنىڭ كېيىنكى ئورنىغا يۈگۈرەيمەن بەلكى ھازىرقى ئورنىغا ئەمەس. “ دېگەن. مېنىڭچە ئامېرىكىمۇ مۇشۇنداق قىلىشى كېرەك.
ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە سىجىل تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يېڭى ئاساس سالدى. لېكىن بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن بىلمەيدىغان نەرسىلىرىمىز بار، بۇ سىلەرنىڭ قاتنىشىشىڭلارغا قاراشلىق. بۇ قېتىمقى نۇتۇقتا، مەن ھەربىر ئولتۇرغان خارۋاردنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلىرىنىڭمۇ بىزگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەر بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەقلى سەردارىمىز، ۋاقىت چىقىرىپ كۆز ئالدىمىزدىكى خەتەرلىك ۋەزىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛سىلەر كەلگۈسىدىكى ئالىملار ۋە ئىنژېنېرلار، بىزنى تېخىمۇ ياخشى تېخنىكىلىق لايىھە بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى سورايمەن؛ سىلەر كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادشۇناسلار ۋە سىياسەتچىلەر، مەن سىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى سىياسەت يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ سىلەر يەنە كەلگۈسىدىكى كارخانىچىلار، مەن سىلەرنىڭ سىجىل تەرەققىيات پىلانىنى ئىگىلىك ئىشلىرىڭلارنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.
ئاخىرىدا، سىلەر گۇمانىزمچىلار، مەن سىلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈچۈن سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. كىلىمات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن ئەڭ رەھىمسىز كىنايىنىڭ بىرى: ئەڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلار، ئەكسىچە ئەڭ بىگۇناھ كىشىلەر-دۇنيادىكى ئەڭ نامرات ۋە تېخى تۇغۇلمىغان كىشىلەر.
ئىككى ئىنسانپەرۋەرنىڭ سۆزى بىلەن بۇ ئەڭ ئاخىرقى بۆلەكنى ئاخىرلاشتۇراي. بىرىنچى پارچىسى مارتىن لۇزېر كىڭ (Martin Luther King, Jr) 1997-يىلى ۋىيېتنام ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئائىت قىلغان باھاسى، لېكىن مېنىڭچە بۇ بۈگۈنكى كىلىمات كىرىزىسىگە باھا بېرىشكە تېخىمۇ ماس كېلىدىكەن.
”مەن پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئېرىق، تىرە رەڭگى، سىنىپ ۋە دۆلەت ئايرىمىچىلىقىنى تاشلاشقا چاقىرىمەن؛ مەن ھەممىمىزنى شەرتسىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنى سۆيۈشكە چاقىرىمەن. سىز شۇنىڭ بىلەن خاتا چۈشىنىشكە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن، ئېتىقاد نيېتشىئانىزم پەلسەپەچىلىرى سىزنى ئاجىز قورقۇنچاق دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. دوستلىرىم، كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەت بولسا ئەتە دېگەن بۈگۈن دېگەنلىك. ئۇشبۇ مىنۇتتا، بىز ئەڭ جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلدۇق، بۇ تايىنسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇرمۇش ۋە تارىختا بىر خىل نەرسە كېچىككىنىگە پۇشايمان قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.“
ئىككىنچى پارچىسى ۋىليام كۇتبېرت فائۇلكنېرنىڭ (William Cuthbert Faulkner) 1950-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبېل مۇكاپاتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى، ئۇ دۇنيا يادرو ئۇرۇشىنىڭ سايىسىدە، ئىنسانپەرۋەرچىلەر قانداق رول ئوينىشى كېرەكلىكىگە ئائىت سۆزلىگەن.
”مەن ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىنسانلار قۇرىمايدۇ، بۇ بىزنىڭ بارلىق جانلىقلار ئارىسىدا سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى بىر خىل روھقا، ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا، قۇربان بېرىش روھىغا ۋە تاقەت قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقىمىزدىن. شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى بۇ خىل روھلارنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىش. ئۇلارنىڭ ئىنسان روھىنى كۆتۈرۈش، ئىنسانلارنى ئۆتمۈشتە شەرەپ ھېس قىلغۇزغان نەرسىلەرنى ئەسلىتىش ئىقتىدارى بار–جۈرئەت، شان-شەرەپ، ئۈمىد، غۇرۇر، ھېسداشلىق ۋە قۇربان بېرىش. “
ھەرقايسى ساۋاقداشلار، سىلەر بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايسىلەر. ئۆز نىشانىڭلار ئۈچۈن ئىزدەنگەن چېغىڭلاردا، سىلەرنىڭ تەقدىم قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىپ، چوڭ-كىچىك جەھەتلەردە بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ سىلەرگىمۇ ئەڭ چوڭ مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى بىرىدۇ.
ئاخىردا، مىنىڭ ئەڭ قىزغىن تىلىكىمنى قوبۇل قىلغايسىلەر. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلارنى، شۇنداقلا بۇ پىلانتنى قوغداش ھەم قۇتقۇزۇپ قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بالىلىرىڭلار ئۈچۈن ھەم كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن. (تۈگىدى)

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى