ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جالالىدىن بەھرامنىڭ ھايات قىسسىسىدىن تەسىرات

جالالىدىن بەھرامنىڭ ھايات قىسسىسىدىن تەسىرات

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 7446 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇزۇنغا سوزۇلغان مارافونچە كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ 7 قىسىملىق ھايات قىسسىسىنى بۈگۈن ئاخىرى ئوقۇپ تاماملىدىم. مەزكۇر ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمى «ئۈچ دوست» نى مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا (2003-يىلى يازدا)، تۇنجى قېتىم يۇرتقا تەتىلگە قايتقاندا بىر دوستۇمدىن سوراپ ئوقۇغان ھەم شۇ ۋاقىتتا شۇ كىتابتا تەسۋىرلەنگەن دوستلۇققا تولىمۇ ئىنتىلگەن ئىدىم. ئەمما كىتابنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىنى تاپالماي بەكمۇ تىت-تىت بولغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ھەمىشە بۇ ئەسەرنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلاپ كەلگەن بولساممۇ ئەمما ئەسەرنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى تاپالماي شۇ ئارمان بىلەن تاكى ئالىي مەكتەپكە چىققانغا قەدەر كىتابنىڭ دېرىكىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىدىم. كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندا كىتابنىڭ دېرىكىنى تېپىپ بىرىنچى قىسىمدىن باشلاپ قايتا ئوقۇپ 3-قىسىمنى ئوقۇپ بولۇپ، يەنە داۋامىنى ئوقۇيالمىغان ئىدىم. بۇ يىل كىرگەندىن بېرى كىتابنى قايتا قولۇمغا ئېلىپ ئاخىرى بىر غەيرەت بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم.

بۇ ئەسەردە ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر: مېھرى-مۇھەببەت، دوستلۇق، رەزىللىك، ساختىپەزلىك، مۇھەببەت، بۇرچ، ھەسەتخورلۇق، پىتنە-پاسات، چېقىمچىلىق، سۈيىقەست، ھىيلە-مېكىر، خۇشامەتچىلىك، تالانت، ئىرادە، ئۈمىد، نەپرەت، پەزىلەت، غەيرەت ۋە شىجائەت قىسقىسى ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان بارلىق مۇناسىۋەتلەر ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھايات قىسسىسى باشتىن-ئاخىرى كۈچلۈك چىنلىقنى ئاساس قىلىپ، مۇرەككەپ زىددىيەتلەر توقۇنۇشى، ئۆزگىچە ۋەقەلىك راۋاجى بىلەن باش تېمىنى تولىمۇ ياخشى يۇرۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر رومانچىلىقىدىكى داڭلىق ئابىدە خاراكتېرلىق ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەسەرنىڭ چىنلىقى جەھەتتە ئادەمنى ئۆزىگە تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ.
پۈتكۈل ئەسەردە ھېكمەت، كامىل، مۇراتلارنىڭ دوستلۇقى ھەر قانداق ئادەمنى كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈپ قالماي، ھازىرقىدەك ھەممە مەنپەئەتكە بېرىلگەن، مەنپەئەت ئۈچۈن دوستلۇقنى يەمچۈك قىلىدىغان، قىسقىسى ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي دوستلۇق ئۆز سىماسىنى يوقاتقان دەۋردە ياشىغان بىز كەبى ياشلارنى دوستلۇقنى قەدىرلەش جەھەتتە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولۇشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە بىر غايىۋى تىلەك يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن شۇنداق نىدا قىلىدۇكى، ئاھ خۇدا، نېمە دېگەن ئۇلۇغ دوستلۇق بۇ؟ مېنىڭمۇ ئاشۇنداق دوستلىرىم بولغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە! دېگەن تۇيغۇ بىزنى دوستلۇققا ئىنتىلىپ، دوستلۇق ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە دەۋەت قىلىدۇ.
قىسقىسى بۇ ئەسەر ھەققىدە تەسىرات يېزىشقا كەمىنىنىڭ تىلى ئاجىز، قەلىمى گال كەلگەنلىكتىن ئەسەر ھەققىدىكى قەلب سادالىرىمنى ھەقىقىي تۈردە ئىپادىلەپ بېرەلمەيۋاتىمەن. بۇ ئەسەر ھەققىدە تولۇق بىر تەسىرات يېزىپ چىقىشقا توغرا كەلسە مېنىڭچە ئۇ تەسىرات بىلەنمۇ بىرەر كىتاب پۈتۈپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ بۇ پىشمىغان قەلىمىم بىلەن بۇ ھەقتە تەسىرات يېزىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىم ئۈچۈن مەزكۇر قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان تورداشلاردىن چىن قەلبىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
مەن ئۇزۇندىن بىرى ئاپتۇرنىڭ «كۆمۈرچى بالا»، «ناتىۋانلار»، «ئامەت ۋە ئاپەت»، «تەكلىماكان ئوغلى» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇش جەريانىدا ئاللاھ نىسىپ قىلسا ئاپتۇر بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىش مەنسۇپ بولارمۇ؟ دېگەن ئوي بىلەن ئىزچىل ھالدا ئاپتۇر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بەھۇزۇر سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم. بۈگۈن ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن مېنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بۇ ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.
بۈگۈن ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىم بەھرام بىلەن بەھۇزۇر سۆھبەتلەشتىم. سۆھبەت تېمىسى ئاساسەن يازغۇچىنىڭ ھايات قىسسىسى بولغان «لېيىغان بۇلاق» نىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىغان ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. 3 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان سۆھبەت جەريانىدا يازغۇچىمىزنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىرى، ئۆزگىچە قاراشلىرى مېنى ئۆزىگە تولۇق رام قىلىۋالدى. سۆھبەت جەريانىدا يازغۇچىمىز ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئالدىراش ئۆتىدىغانلىقىنى، يازماقچى بولغان ئەسەرلىرىنى تېخى تولۇق يېزىپ تاماملاپ بولالمىغانلىقىنى، شۇڭا ھەدەپ ئەسەر يېزىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، يازغۇچىمىزنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مېنىڭ تەلىپىمنى قاندۇرۇپ، سۇئاللىرىمغا ئەتراپلىق، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ھەم ئۆزۈمنى تولىمۇ تەلەيلىك ھېس قىلدىم.
سۆھبەت جەريانىدا ئاپتورنىڭ تولىمۇ كىچىك پېئىللىقى، سەمىمىيلىكى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. گەرچە يازغۇچىمىز بىلەن تېخىمۇ ئۇزاقراق سۆھبەتلىشىش ئىستىكىم بولسىمۇ، ئەمما يازغۇچىمىزنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئالماسلىق ئۈچۈن سۆھبەتنى ئىمكان بار تېز تۈگىتىشكە تىرىشتىم.
سۆھبەت دەسلەپ ئاپتۇرنىڭ قىسقىچە ھاياتى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلىرى ھەققىدىكى بەزىبىر ئەھۋاللاردىن خەۋەردا قىلىشىدىن كېيىن، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئۆتۈلۈپ، سۆھبەت جەريانى تۆۋەندىكى سۇئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. گەرچە ئاپتۇردىن سورىماقچى بولغان سۇئاللار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاپتۇرنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە ۋاقىت جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، پەقەت ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئېسىمگە كەلگەن ھەم بىر قىسىم مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئەھۋاللار ھەققىدە قىسقىچە سۇئال تەييارلاپ شۇ بويىچە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇردۇق.

ئاپتۇرنىڭ ھايات قىسسىسى ھەققىدە سۇئاللار
1. پۈتكۈل ئەسەر تىراگېدىيەگە تولغان، گەرچە ئەسەردىكى گۈلزىبا، مۇرات، نەفىسە، زۇمرەتلەرنىڭ پارجىئەسىنى قوبۇل قىلىشقا بولسىمۇ، ئەمما نېمۈ ئۈچۈن ئەسەر ئاخىرىدا كامىل بىلەن مەھبۇبەنىمۇ بىزدىن ئايرىۋېتىپ يۈرەكلەرنى لەختە-لەختە قان قىلىسىز؟ بۇنىڭ رىئاللىق نىسبىتى قانچىلىك؟
2. ئىسلاھاتچى تۇرسانجان ئالىم ھېلىمۇ ھاياتمۇ؟ ئۇ يەنىلا ئىسلاھاتچىلىقىنى قىلىۋاتامدۇ؟ ئەسەردە نېمە ئۈچۈن باشتىن-ئاخىرى ئۇنىڭ فامىلىسى قوشۇپ يېزىلىدۇ؟ بۇ بىرەر ئالاھىدىلىككە ئىگىمۇ قانداق؟
3. ئەسەردە مەھبۇبە بىلەن ماھىگۈل نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت تەنھالىقتا تۇرمۇش دىشۋارچىلىقى تارتىدۇ؟ بۇ ئىككى پىرسۇناژنىڭ قىسمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنى ھەر ئىككىلىسى ھېكمەتنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدۇ. شۇڭا ئاپتۇرنىڭ بۇ ئىككى پىرسۇناژنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت تەنھالىق كوچىسىدا سەرگەندان قىلىشىنى ئۇلاردىن روھىي جەھەتتىن ئۆچ ئېلىشى دەپ چۈشىنىشكە بولامدۇ؟ بۇ ئىككى پىرسۇناژنىڭ رىئاللىقتا مەۋجۇت بولۇش ئىمكانىيىتى زادى قانچىلىك؟
4. قىسسەدە نېمە ئۈچۈن ھەمىشە ياخشىلار پاجىئەگە يولۇقۇپ بالدۇرلا كېتىپ قېلىپ، ئەسكىلەر يا كېسەل بولمايدۇ يا بىرەر ھادىسىگە يولۇقماي شۇنداق ياخشى ئۆتۈپ كېتىدۇ؟ ئىچى ھېيلە-مېكىر، زەھەر-خەندىلىك، ئۆچمەنلىك، ئادەۋەتخورلۇق، سۇخەنچىلىككە تولغان ئەمەلپەرەس ئىتبېلىقلىرى ئاسانلا ئۆز ئارزۇ ئارمانىغا يېتىدۇ؟
5. ئەسەردە ھاراقتىن ئىبارەت بۇ نىجىس قەدەمدە بىر يولۇقۇپ تۇرىدۇ، ئەسەردە ھازىرقى دەۋردە كۆپلىگەن پاجىئەلەرنىڭ، دىشۋارچىلىقلارنىڭ سەۋەبچىسى بولغان ھاراققا بولغان پۇزىتسىيەگە سەل قارالغان دەپ چۈشىنىشكە بولامدۇ؟
6. ئەسەردە «زۇلمەتتىكى يىللار» نىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن مەزكۇر قىسسەنىڭ تەقدىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر قىسسە ئاشۇ مۇدھىش تەقدىردىن ئامان قالماي، ئەڭ ئاخىرىدا كىتاب جاھازىلىرىدىن چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ؟ قىسقىسى ئاپتۇر «زۇلمەتتىكى يىللار» نىڭ تەقدىرى ھەققىدە شۇنچە كۆپ باش قاتۇرغان تۇرۇغلۇق، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى بۇ خىل قىسمەتتىن ساقلاپ قالالمايدۇ؟

بۇ سۆھبەت جەريانىدا گەرچە يۇقىرىدىكى 6 سۇئال ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ 6 سۇئالغا جاۋاب بېرىشىگىمۇ بىرەر سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىت كەتتى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئەھۋاللار مۇشۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا ياندىشىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. سۆھبەت جەريانىدا بەزىبىر خۇشاللىنارلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ، تولىمۇ خۇشال بولدۇم. ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن رەسمىي سۆھبەتكە ئۆتكەندىن كېيىنكى پۈتكۈل سۆھبەت جەريانى ئاۋازغا ئېلىندى. ئاللاھ نىسىپ قىلسا سۆھبەت خاتىرىسىنى رەتلەپ پات يېقىندا ئىلقۇت بلوگىدا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغايمەن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى