ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تېنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە

تېنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 7108 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قاچانلاردىن كومپيۇتېردا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن تونۇشتۇم شۇنىڭدىن بېرى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى تېنىش بەلگىلىرى ھەققىدە كۆپ ئەھۋاللارنى كۆرۈپتىمەن. ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب ياساشقا كىرىشىپ، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە باشلىغاندىن باشلاپ، تا ھازىرغىچە كۆپ ۋاقتىم توردىكى ھەر خىل نادىر يازمىلار (ئېلكىتاب ئىشلەش جەريانىدا)، ماتېرىيال تەھرىرلىكى (ئاساسلىقى ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە ماتېرىياللارنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلەش) قاتارلىقلاردا، ئەڭ كۆپ ۋاقتىم ۋە زېھنىمنى ئىگەللەپ كەتكىنى مۇشۇ تىنىش بەلگىلىرىنى توغرىلاش بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتۇ.

نېمە؟ تېنىش بەلگىسىنى قانداق توغرىلايدۇ دەپ سوراۋاتامسىز؟ قانداق توغرىلايتتىم، شۇ كومپيۇتېرغا خەت ئۇرۇش جەريانىدا تېنىش بەلگىلىرىنى قانداق قويۇشقا دىققەت قىلماي يېزىۋەرگەن ماتېرىياللارنىڭ تېنىش بەلگىلىرىنى ئۆلچەمگە چۈشۈرۈپ توغرىلاپ چىقىدىغان گەپ. بەلكىم سىز مەن تىنىش بەلگىسىنى توغرا ئىشلىتىمەن دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما راستىنلا توغرا ئىشلىتەمسىز ياكى ئۆزىڭىزچە «توغرا» ئىشلىتىۋاتامسىز؟ بۇ ھەقتە يازمىمىزغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ باقسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئايان بولىدۇ.

زادى ئەقلىمدىن ئۆتمەيدۇ. مۇشۇ كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت ئۇرىدىغانلارغا زادى قەيەردىن يۇققان بولغىيدى، مۇشۇ خەت ئۇرۇش جەريانىدا، خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا ھەممە ئادەم تېنىش بەلگىسىنى خاتا قوللىنىدىكەن. ئاساسەن توغرا قوللىنىپ يازىدىغانلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتتىم.

تۆۋەندە تىنىش بەلگىلىرىنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:

1. سۆزلەر ئارقىسىدا پەش ياكى چېكىتلەر كەلسە، سۆزنىڭ كەينىدىن بوش ئورۇن قويۇلمايلا يېزىلىدۇ. مەسىلەن: «بۇ مۇنبەردە سىز، مەن ۋە باشقىلار بار.»

ئەگەر پەش-چېكىتنى سۆزنىڭ كەينىدىن بوش ئورۇن قويۇپ تىزىپ چىقساق: «بۇ مۇنبەردە سىز ، مەن ۋە باشقىلار بار .» دەپ يېزىلىپ قالىدۇ، گەرچە چوڭ چاتاق بولمىسىمۇ، پەش-چېكىتلەر بار ئورۇن ناۋادا قۇرنىڭ ئاخىرىدا، قۇر ئالمىشىدىغان ئورۇنغا توغرا كېلىپ قالسا، ئۇنداقتا پەش-چېكىتلەر نۆۋەتتىكى قۇرغا پاتماي تۆۋەندىكى قۇرغا چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا پەش-چېكىت، ئۈندەش ۋە سوراق… قاتارلىق بەلگىلەر چوقۇم سۆزنىڭ كەينىدىنلا قويۇلىشى كېرەك.

كومپيۇتېردا خەت باسىدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلار، ئادەتتە خەت باسقاندا پەش، چىكىت قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشتا ئاۋال بوشلۇق قۇيۇپ ئاندىن قۇيىدىكەن.
مەسىلەن: كومپيۇتېردا خەت باسىدىغان  نۇرغۇن قېرىنداشلار ، ئادەتتە خەت باسقاندا پەش ، چىكىت قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشتا ئاۋال بوشلۇق قۇيۇپ ئاندىن قۇيىدىكەنسىز . دېگەندەك، ئەسلى بۇ بەلگىلەرنى ئاۋال قۇيۇپ بۇلۇپ ئاندىن بوشلۇق قۇيۇشىمىز كېرەك. بىزدىكى بىر مەسىلە زادى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققان؟ زادى بىلمىدىم، ئۇيغۇرچە ئىملا قائىدىسىگە تۇلۇق رىئايە قىلمايدىكەنمىز.

2. ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا ئۈستى قوش پەش (يەنى << >>) بەلگىسى ئىشلىتىلمەيدۇ، بىز ئادەتتە توردىن ماقالە كۆچۈرۈپ ئېلېكىتابلارنى تەييارلىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇيغۇر فونت قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن قوش تىرناقلار بىرلىككە كەلمەي، توردىن كۆچۈرگەن ماقالىلارنىڭ فونتىنى ئۆزگەرتكەندە ئاشۇنداق خاتالىقلار كۆرۈلۈپ قالىدۇ، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئەسەر يازغاندا ياكى ئەسەر تەييارلاشتىن بۇرۇن بۇ «ئۈستى قوش پەش» لەرنى توپ ھالەتتە ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىپ، نورمال بولغان قوش تىرناق (مەسىلەن «») لارغا ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.

3. جۈملە ئارىسىدا قوش تىرناق، يالاڭ تىرناق…. قاتارلىق بەلگىلەرگە دۇچ كەلگەندە، تىرناقنىڭ باشلانمىسى چوقۇم بوش ئورۇندىن كېيىن، تىرناقنىڭ ئاخىرلاشمىسى چوقۇم سۆزنىڭ كەينىدىنلا كېلىشى كېرەك، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن سۆزلەر ناۋادا مۇستەقىل سۆز بولسا بوش ئورۇندىن كىيىن يېزىلىشى، سۆز قوشۇمچىسى بولسا تىرناقنىڭ كەينىدىنلا يېزىلىشى كېرەك.
مەسىلەن:

بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىسقارتىلما نامىنى «ب د ت» دەپ ئاتايمىز. (توغرا ھالىتى).

بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىسقارتىلما نامىنى « ب د ت »دەپ ئاتايمىز. (خاتا شەكىل، ئاۋۇ قوش تىرناقنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بوش ئورۇنغا قاراپ بېقىڭ، بۇنداق قىلىش خاتا، بۇنىڭدىمۇ ھېلىقىدەك قۇر ئاخىرىغا كەلگەندە تىرناقلار تۆۋەندىكى قۇرغا ئايرىلىپ چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ).

4. چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى ئۇرغان ۋاقىتتا، ئەگەر مەخسۇس يېزىلغان بولسا قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ، ئىزاھات شەكلىدە يېزىلغان بولسا يالاڭ تىرناققا ئېلىنىدۇ.

مەسىلەن: تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما شىتاتىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، باراك ئوباما (Barack Obama) سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى. (بۇ جۈملە توغرا).

تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما شىتاتىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، باراك ئوباما «Barack Obama» سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى. (بۇ جۈملە خاتا، يەنى ئادەم ئىسمىنىڭ ئەسلى ئېنگلىزچە يېزىلىشى ئىزاھات شەكلىدە ئەمەس، بەلكى جۈملە ئارىسىدىكى مەخسۇس بىر سۆز قاتارىدا يېزىلىپ قالغان، بۇنىڭدا قوش تىرناق ئىشلەتمەي يالاڭ تىرناق ئىشلىتىش كېرەك).

ئەمدى تۆۋەندىكى جۈملىگە قارايلى:

«كومپيۇتېر» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئېنگلىزچە ئاتالغۇ بولۇپ، «Computer» دېگەن ئېنگلىزچە سۆزنىڭ ئوقۇلۇشىدىن كەلگەن. (بۇ جۈملە توغرا).
«كومپيۇتېر» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئېنگلىزچە ئاتالغۇ بولۇپ، (Computer) دېگەن ئېنگلىزچە سۆزنىڭ ئوقۇلۇشىدىن كەلگەن. (بۇ جۈملىدە تىرناق خاتا ئىشلىتىلگەن، يەنى ئىزاھات شەكلىدە يېزىلىپ قالغان).

يۇقارقى تەكلىپ-پىكىرلەر بىلىك كۇلۇبىدىكى بىر ئۇستازنىڭ مېنىڭ يازمامغا قالدۇرغان ئىنكاسىدىن پايدىلىنىپ رەتلەنگەن، مەن ئاشۇ ئۇستازغا كۆپ تەشەككۇر ئېيتىمەن، مەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم، شۇڭا سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە باسقاندا، يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. (ئىلقۇت)

 

تۆۋەندە توردىن ساقلىۋېلىنغان ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تىنىش بەلگىلىرى ھەققىدە قىسىقىچە چۈشەنچە مەزمۇنىنى ھوزۇرىڭىزغا سۇندۇم. (بۇ ماقالە توردىن تېرىۋېلىنغان)

ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوي –پىكىرنى توغرا، تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلىدا، يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر تىنىش بەلگىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

تىنىش بەلگىلىرىنىڭ يازما نوتۇقتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى تۆۋەندىكىچە.

بىرىنچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى

(1) چېكىت «.» (2) سۇئال بەلگىسى «؟» (3)ئۈندەش بەلگىسى «!» (4) چېكىتلىك پەش «؛» (5)تىرناق «()» (6) پەش «،» (7) قوش تىرناق ««»» (8) يالاڭ تىرناق «‹›» (9) سىزىقچە «-» (10) سىزىق «ـــ» (11) قوش چېكىت «:» (12) كۆپ چېكىت «…»

ئىككىنچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى.

1. چېكىت (.) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بۇ بەلگە ئوي-پىكىرنىڭ بايان تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۆۋەندىكىچە قويۇلىدۇ:

1) بايان جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) گۈزەل خانىم بەك ئەستايىدىل.

(2) تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇم.

2) بۇيرۇق ۋە ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) يۇقىرىغا ئۆتۈڭ.

(2) ئۆيگە ۋاقتىدا كېتەي.

(3) كىچىك بالا بولغاندىن كېيىن ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىپ كەتمەڭ.

3) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.

مەسىلەن: «1.»، «2.»، «3.»…

4) قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) ز.قادىر

(2) ت.ئالماس

(3) ئا.ئۆتكۈر

5) يىل، ئاي، كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن: 1918.10.01

1987.02.27

6) ئونلۇق كەسردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسر سان ئارىسىغا، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) 1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)

(2) سائەت 8.00 (سائەت سەككىز)

2. سۇئال بەلگىسى (؟) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بۇ ئوي پىكىرنىڭ سوراق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە:

1) ھەر خىل سۇئالدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) نىمە ئىش يۈز بەردى؟

(2) مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟

2) كەينى–كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سۇئاللارنىڭ كەينىدىكىسىگە قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ-ئۇقمامدۇ؟

(2)سىز زادى دىيارىم مۇنبىرىنىڭ ئەزاسىمۇ-ئەمەسمۇ؟

3) جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان، ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) سەلەي چاققان (؟-1905) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.

4) ئۈندەش ۋە سۇئال تەرىزىدە ئېيتىلغان جۈملىلەردە ئاۋال سۇئال بەلگىسى، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) شەرۋان: ھوي، سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟!

(2) نېمە دېگەن تۈگىمىگەن ئۇزۇن ناخشا بۇ؟!

3. ئۈندەش بەلگىسى  (!) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بۇ بەلگە ئوي پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەرنىڭ ئارقىسىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە.

1) ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) سىرداشىم ئەسىرىڭىزنى يېزىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ! (بۇيرۇق)

(2) ياشىسۇن ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلار!(ئۈندەش)

(3) دىيارىم ئەھلى! ئاڭلىمىدىم، ئىشتمىدىم دېمەڭلار! ھەر بىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن! (ئۈندەش، بۇيرۇق)

2) ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلغان ئىملىق سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) توۋا! سەن ئاتاماننىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ!

(2) نىگار! ئاللاھقا ئامانەت.

تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سۇئال (؟)، ئۈندەش (!) بەلگىلىرى بۇنداق جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر تىرناق ئىچىگە قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ چېكىتى بولمايدۇ.

4. چېكىتلىك پەش (؛) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتا رولى پەشكە نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسىدۇر .

تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىر قانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەندە بولسا، ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈن ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) ــــ شاھىم ئاي بىلەن كۈننىڭ ئۆلگىنى ئېڭىشىپ تاغ كەينىگە پاتقىنى؛ يەرنىڭ ئۆلگىنى قار ئاستىدا قالغىنى (ياتقىنى)؛ سۇنىڭ ئۆلگىنى مۇز ئاستىدا قاتقىنى، ــــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

(2) ھاياتلىق بولمىسا، ئۆلۈم بولمايدۇ؛ ئۆلۈم بولمىسا، ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ.

5. پەش (،) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تىنىش بەلگىسى، ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە:

1) جۈملە ئىچىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا پەش قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى، تال-تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ياراشقان ئىدى.

(2) تاغلار، باغلار، دالالار… قىسقىسى بارچە ياپيىشىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.

2) مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) مېڭىۋەردىم، كەينىمدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋەردى، بۇرۇلۇپ قارىسام، ھېلىقى چەتئەللىكلەردىن بىرى كېلىۋېتىپتۇ.

3) جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنى (قاراتما سۆز، قىستۇرما سۆز ۋە ئايرىم ئىملىق سۆز)جۈملىدىن ئاجرىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) ئۇنىڭدىن باشقا، رەيھاننىڭ يەنە ئۆزىگە خاس بەزىبىر سىرلىرىمۇ بار ئىدى.

(2) بەختكە يارىشا، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن تۆمۈر خەلىپىمۇ بارىكۆلدىن قايتىپ كەلدى.

4) جۈملىدە يېزىق بىلەن كەلگەن سانلاردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) قايتىپ كېلىدىغانلا بولساڭ، بىرىنچىدىن، ئەمدى ئۇنى قايتا كۆرەلمەيسەن، ئىككىنچىدىن، …

6. يالاڭ تىرناق (‹›) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى. جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. بۇ خۇددى پەش بىلەن چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش، كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

مەسىلەن:

ـــــ ۋاي قوۋۇرغامەي، ‹‹چىراغپايدا چاي ئىچكەن ‹چېچەن›نى كۆردۈم ››دېگەندەك، ئەمدى كىتابلاردىن قۇسۇر تاپقىلى تۇردۇڭمۇ؟ ئۇقۇپ قوي ئاشكار، ئۇ دېگەن پەن، دېدى كۈنقىز.

7. قوش تىرناق («») ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە. ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناققا نىسبەتەن چوڭ. جۈملىدە كەلگەن بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر، جۈملىدىن كىتاب، گېزىت–ژۇرنال ناملىرى، ماۋزۇ قاتارلىقلار قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەكسى مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرمۇ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

(1) ئايجاھان ‹‹تىل ۋە تەرجىمە›› ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ.

(2) قادىر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا ‹‹ئوۋچى›› دەپ ئىسىم قويىۋالغان ئىدى.

(3) ‹‹غالىبىيەت›› كوچىسى.

(4) سېنىڭ ‹‹ئەقىللىق›› قىزىڭ تاپقان پالاكەت بۇ.

8. تىرناق (()) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

ئىزاھ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە تىرناق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ.

1) جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش، ئىزاھلاش ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

مەسىلەن :

(1) بىز دىيارىم تور سىنىپىنىڭ (ھابابام سىنىپى) ئوقۇغۇچىسى .

(2) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى (نۇر بەكرى) يىغىندا سۆز قىلدى.

2) سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى، كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگەن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

مەسىلەن :

(1) نۇرۇم: (غەزەپ بىلەن) ئادەم سۈرەتلىك بۆرىلەر!

(2) (غۇنچەمنىڭ چېچىنى سىلاپ) جېنىم تېنىمدە بولسا، مەن سىزنى بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئالدىدا خار قىلمايمەن .

3) نەقىل كەلتۈرگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە، ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

مەسىلەن :

ژېننى ئامېرىكىدىكى بىر دوستىغا يازغان خېتىدە: ‹‹سوتنىڭ ئىككى ئىجراچىسى ئۆيىمىزگە كېلىپ، ئۆي جاھازلىرى، كارىۋات ياپقۇچ، كىيىم-كېچەك ۋە بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى …›› (ئېلى راھىت: ‹‹شىنجاڭ گېزىتى ››دىن) دەپ يازغان.

9. سىزىقچە (-) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسى سىزىقچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ.

مەسىلەن:

1) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان ئۇلانمىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) دەپتەر-قەلەم، بۈگۈن-ئەتە، قىش–ياز

(2) بۇ نېمىدىگەن ئەخمەق كىشى–ھە؟

2) سۆزلەر قۇردىن قۇرغا بوغۇم ئايرىپ كۆچۈرۈلگەندە، ئايرىلغان بوغۇمدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

پرولې- // ۋەتىنىمىز-//

تارىيات// دىكى

3) رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن تەرتىپ سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) بىز 28-بىنادا تۇرىمىز.

(2) كۇرس مۇددىتى 12-ئايغىچە.

4) پېئىللارنىڭ ئۆزەك شەكىللىرىدىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

ئولتۇر-، ماڭ-، كەت-، تۇر-يۈر-

5) سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئالدىغا، سۆز ئالدى قوشۇمچىلىرىنىڭ كەينىگە قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

-ىچى، –ىش، –ۈش، -نىڭ …

بى–، نا-، بەت-، دەر-…

10. سىزىق (ـــ) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

1) ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ؛ ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

ـــ نىگار بۈگۈن سېنى ھايۋانات باغچىسىغا ئېلىپ باراي، دېدى ئۇ خۇش كەيىپ ھالدا، قىزى بېشىنى چايقاپ:

ـــ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولالمىدىم.

ـــ تۈنۈگۈن يېزىپ بولغانتىڭغۇ؟

ـــ ئۇ ئۆزۈمنىڭ ئىدى، بۈگۈنكىسى سىنىپ باشلىقى سراجىلنىڭ.

2) زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنىڭ (ياكى ساننىڭ) ئارىسىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) لەنجۇ ـــ شىنجاڭ تۆمۈر يولى .

(2) 1990ـــ1995-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى.

بۇنداق كەلگەن سىزىق (ـــ) ‹‹ۋە›› ياكى ‹‹ھەم›› مەنىلىرىنى ياكى ‹‹دىن››، ‹‹-غىچە›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .

3) جۈملىدە بىرخىل مەنىدە كەلگەن (بىر خىل گرامماتىك شەكىلدە كەلگەن) ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەرخىل پائالىيەتلەر ــــ يۈگۈرۈش، سەكرەش، گىمناستىكا، پۇتبول، ۋالىبول قاتارلىقلار بار .

11. قوش چېكىت (:) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

ئاساسەن بايان بەلگىسى قوش چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ :

1) مۇستەقىل سىنتاكسىسىلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ، شەرھلەپ كەلسە، ئالدىنىقى قىسمىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

1. ئەلانۇر

2. ھۆرىيەت

3. ئەكبەر

…..

2) ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) ھۆرمەتلىك گۈزەل ھەدە:

(2) ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە:

بۇنداق قاراتما سۆزلەر كۆپىنچە خەت –ئالاقىدە، تەكلىپ قەغەزلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

3) سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. بۇنداق قوش چېكىت يەنىلا بايان مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

مەسىلەن:

(1) مۇئەللىم: ئۆتكەن دەرسلەرنى ئوقۇپ كەلدىڭلارمۇ؟

4) بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن ‹‹مەسىلەن›› سۆزىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

بۈگۈن ھەممە ئادەم شادلىققا تولىدىغان بىر كۈن بولدى.

5) تۈرلۈك ئۇسۇل ھالەتلەردىن كېيىن كەلگەن جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا، ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىغان ھالدىمۇ، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا، مەزكۇر ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) ئەتراپىغا قاراپ:

ـــ مەن بۇ يەردىن كېتىمەن، مەن بۇ يەردىن كېتىمەن! دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى.

6) ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ئەسىرى بىللە كۆرسىتىلگەندە، ئاپتورنىڭ ئىسىم فامىلىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) مۇپاسسان: ‹‹مارجان››

(2) زوردۇن سابىر: ‹‹ئارچا ياپرىقى››

(3) ئا.ئۆتكۈر: ‹‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك››

12. كۆپ چېكىت (…) ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

قىسقارتىش بەلگىسى كۆپ چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ .

مەسىلەن :

1) جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر ئورنىغا، نوتۇقتا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن ئورۇنغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) مەن نەگە بارىمەن، نېمە ئىش قىلىمەن؟! …

(2) … ‹‹تەڭرى››، ‹‹يوق نەرسە››، ‹‹نۆل››دېگەندەك غەلىتە گەپلەرنى قىلدى.

(3) سىز تارتىنماڭ، تېزدىن ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىڭ!…

2) نوتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ –ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ياكى قورقۇش، دۇدۇقلاش، جىددىيلىشىش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) سەن … سەن … بۇ يەردىن تېز كەت … ئىش چاتاق …

(2) نې… مە دەپ يۈرىسەن؟ ۋاي ئەخمەق!

(3) كۆر… دۈڭلار… مۇ، گې… زىتكە بېسىپتۇ.

(4)ئې… ىسمدە قالماپتۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى