ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (4)

لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (4)

ۋاقتى: 2016-10-09 ئاۋاتلىقى: 6686 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلاۋە: مەزكۇر يازما بۇلتۇر تەييارلىنىپ، ئالدىنقى قىسىملىرى ئېلان قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن، داۋاملىق تەييارلاشقا پۇرسەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىل تاشلىنىپ قالغان ئىدى، بۇ قېتىم، ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئەزاسى ئادالەت غوپۇرنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى بىلەن يازمىنىڭ داۋامى تاماملاندى. تورداشلارنىڭ ئارىلىقتا يازما داۋامىغا ئېرىشەلمەي قالغانلىقىدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.

ماتېرىيال تەرجىمە قىلغۇچى ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن: ئادالەت غوپۇر

تەھرىرلىگۈچى ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

 

تۆتىنچى، ئادەتتىكى قەلب (ساغلام روھى ھالەت، كوللىكتىپ روھى) بولۇشى كېرەك

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى مۇنداق بەش خىل ئادەملەر شىركەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. يەنى، تەكەببۇر ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل، ھېسسياتقا تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان، دوگما ۋە ساختا-قىياپەتلىك ئادەملەر. ئەگەر سىزدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر يۇقىرىقى نۇقسانلار بولسا ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ. باشقا خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىڭ. خىزمەتتە ھەرگىزمۇ ئۆز پايدا-مەنپەئىتىڭىزدە ئاز-تولا داۋالغۇش بولۇشىغا قاراپلا خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرماڭ. باشقىلار ئۈستىدىن خالىغانچە گەپ تاپماڭ. ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش جەريانىدا ئوخشىمىغان كۆز-قاراشقا دۇچ كەلسىڭىز يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ مەسلىھەت خارەكتېرلىك پېكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز بولىدۇ، ئامال بار قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلماڭ. خىزمەتداشلار ئارا ياخشى ئۆتۈش كېرەك، گىروھۋازلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

1. گەپ قىلىش ماھارىتىنى ئېگەللەش كېرەك

سۆز قابىلىيىتى بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا، خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك بولۇش بولماسىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرستىدۇ. بىزدە ”ياخشى سۆز كېسەلگە شىپا“ دەيدىغان گەپ بار. بەزىدە گەپ-سۆزنىڭ تەسىر كۈچى بىزنىڭ تەسۇۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. گەپ-سۆزگە ماھىر بولۇش قانداقتۇر ياغلىما سۆزلەرنى قىلىپ باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش ئەمەس. بەلكى، ھەقىقى گەپ-سۆزگە ماھىر بولۇش ئۆزىنىڭ تىلىنى ئوبدان باشقۇرۇش، باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى كۆرسىتىدۇ.

”سىز قانداقسىگە ئىشنى بۇنداق قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتىڭىز؟“

”نېمانداق شۇنچە ئۇزۇندىمۇ قىلىپ بولالمايسىز؟“

”ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ شۇنچە ئاددى ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالمىغان.“

”بۇنداق پوزىتسىيىڭىز بىلەن بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىماڭ.“

ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇنداق ئادەمنى ھاقارەت قىلىدىغان سۆزلەر باشقىلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئاكتىپچانلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ دوستلۇقۇڭلارنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. باشقىلارغا ئازار بەرسىڭىز، ئۇلار سىزگە ياردەم قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ گەپ-سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىپ باشقىلارنى تولۇق ئىتراپ قىلسىڭىزلا ئۇلار سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، قوللايدۇ ۋە ئۆز ياردىمىنى سىزدىن ئايىمايدۇ. باشقىلارنى سەمىمىي ئىتىراپ قىلسىڭىزلا ئۇلار تېخىمۇ ئاكتىپلىشىدۇ.

ئەمما شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، سىزنىڭ باشقىلارنى سەمىمىي ئىتىراپ قىلىشىڭىز، باشقىلارنىڭمۇ سىزنى ئوخشاشلا ئىتىراپ قىلىش شەرتى ئاستىدا بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، سىز باشقىلارغا قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلار خۇددى پۈتكۈل يەرشارى ئۆزىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قېلىپ، سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىڭىز، ئەكسىچە ئۇنىڭ تېخىمۇ تەكەببۇرلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دېمەك، ئەگەر باشقىلار سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئىكەن، سىزمۇ چوقۇم باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك. قىسقىسى، ئىككى ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۈچ چىقارغاندىلا ئاندىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدۇ. سىزدە ھەرگىزمۇ جاھان مېنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ دېگەن خىيال بولۇپ قالماسلىقى ھەم باشقىلارغا بۇنداق تۇيغۇ بېرىپ قويماسلىقىڭىز كېرەك.

2. باشقىلارغا ئۇلار ئۈمىد قىلغان ئۇسۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك

ھەممە ئادەم ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ماختىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىتىراپ قىلىش ۋە ماختاش كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى سىلىقلىغۇچقا ئوخشاش ھەربىر ھالقىنىڭ تېخىمۇ راۋان ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى بار دەپ قارىسىڭىزلا شۇ ھامان ئۇلارنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈرۈڭ. كونىلار ئېيتقاندەك، باشقىلارنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ. ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشمەكچى بولسىڭىز باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىپ، ئۇلار ئۈمىد قىلغان ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىڭ. ئىتراپ قىلىنىش ۋە ماختىلىشقا ئىنتىلىش ئادەمنىڭ تەبئىيىتى. ئاددىيلا بىر نەچچە ئېغىز ماختاش سىز ئۈچۈن ئوڭايلا بىر ئىش، لېكىن بۇ بىر نەچچە ئېغىز سۆزىڭىز باشقىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

3. شېرىك بولۇش لېكىن سىرداش دوست بولماسلىق كېرەك

خىزمەتداش، باشلىق ۋە خېرىدار كەسىپ-ساھەسىدە دائىم ئۇچىرىشىپ تۇرىدىغان كىشلەر. قايسى تەرەپتىن ئېيتمايلى، ئۇلار بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلاش ۋە ياخشى بولغان خىزمەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، ھەددىدىن زىيادە يېقىن مۇناسىۋەت ئاقىلانىلىك ئەمەس. خىزمەتتىكى مۇرەككەپ كەيپىيات ھازىرقى خىزمەت قېلىپلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق توسالغۇ.

ھەقىقى دوست ۋە ئىشخانىدىكى دوست تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ھەر كۈنى ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش ھەرگىزمۇ مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ چىققانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت ”دوست“ دېگەن سۆز بىلەنلا سۈپەتلىگىلى بولىدۇ خالاس.

ھەقىقىي چۈشىنىشىدىغان يېقىن دوست ئېھتىياتنى چۆرۈپ تاشلاپ ئىچكى سىرىنى قالدۇرماي تۆكىدىغان، ھەتتا ئەڭ ئازاپلىق مەخپىيەتلىكلىرىنىمۇ سىزدىن يوشۇرمايدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئادەتتە، ئەڭ ئىشىنىدىغان دوستىڭىز ئالدىدا سىز ئازراقمۇ ئېھتىيات قىلمىغاچقا كۈنسېرى ئاجىزلىشىسىز. سىزنى چۈشىنىدىغان، ئاجىزلىقىڭىزنى بىلىدىغان كىشى سىزگە يامان نىيەتتە بولسا، ئۇ چاغدا زەربە جاننى ئالىدۇ. ئەلۋەتتە،كەسىپ-ساھەسى تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى بۇ كەسكىن رىقابەتكە تولغان جاي، ھەربىر ئادەم باش چۆكۈرۈپ ئەڭ چوڭ پايدا-مەنپەئەتنى كۆزلەيدۇ. ئەگەر باشقىلارغا سىر ساقلىماي ھەممە ئىشنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، باشقىلار ئاسانلا قۇيرۇقىڭىزنى تۇتىۋالىدۇ-دە، سىز بايقىمىغان پۇرسەتتە سىزدىن كېچىپ پايدا قوغلىشىدۇ. رىقابەتتە ھايات قالاي دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى خىزمەتتە زىيادە يېقىن دوستلۇقتىن ساقلىنىڭ. ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمۇ دوستانە ھەم ئىللىق بولىدۇ.

ئادەم دېگەن توپلىشىپ ياشايدىغان نەرسە، دوستلۇقمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ئوخشىمىغان تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇچىرىشىش ئۇسۇلى ھەر خىل بولىدۇ، پەقەت پرىنسىپتىن چەتنەپ كەتمىگەن دوستلۇقلا مەڭگۈلۈك بولىدۇ. مەسىلەن، دوستانە بولۇش، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، دوستىڭىزدىن قولىڭىزدىن كېلىدىغان ياردەمنى ئايىماسلىق قاتارلىقلار ئەڭ ئەقەللىي پرىنسىپلاردۇر. بۇ پرىنسىپلارنى ياخشى ئىگەللىسىڭىزلا دوستىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيسىز، كەسىپتە تونۇشقان دوسىتلىرىڭىزمۇ تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ۋە تۈس قوشىدۇ. باشلىقىڭىزنىڭ ياردەمچىسى بولۇڭكى، ھەرگىز دوستى بولماڭ. گەرچە دوستلۇق جەھەتتە ”بىر-بىرىگە لايىق“ دەيدىغان گەپ بولمىسىمۇ، ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دوستلۇق ئوخشاشلىق ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. دەرىجىسى ئوخشىمىغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي باراۋەر دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتماق ناھايىتىمۇ قىيىن. پەقەت خېرىدارلار بىلەن پۇختا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىلا،مۇناسىۋەت دائىرىڭىزنى ھەقىقىي كىڭەيىتكىلى،ئىشىڭىزنى ئوڭغا تارتقۇزغىلى بولىدۇ.لىكىن  ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇنداق مۇناسىۋەت بەزىدە سىناققا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. سىز چوقۇم تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئىخلاسمەن خېرىدارلارنى قولغا كەلتۇرۈشىڭىز كېرەك.

4. باشلىق بىلەن بىللە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كېرەك

باشلىقىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئۇ تاپشۇرغان ھەر بىر ئىشقا ئەستايىدىل بولۇڭ. ھەر قانداق مەسىلە بولسا ئامال بار باشلىقىڭىز بىلەن پېكىر ئالماشتۇرۇڭ، ھەرگىمۇ باشلىقنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئالدىڭىزغا تەۋەككۈلچىلىك قىلماڭ.

كەسىپتە باشلىقنى ھۆرمەتلەش ھەر بىر خادىم تىرىشىپ قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي قائىدە. ئۇ دېگەن باشلىق، سىز ئۇنى ھۆرمەتلىسىڭىزلا ئاندىن ئۇنىڭدا ياخشى تەسىر قالدۇرالايسىز. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز باشلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك،باشلىققا ياردەملىشىپ ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۆزىمۇ غەلبىدىن دېرەك بېرىدۇ. باشلىق يەڭسە سىزمۇ يېڭىسىز، بۇ دېگەن ئەقەللىي ساۋات. بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، ئۆستۈرۈلمەيسىز. باشلىقنىڭ نەزىرىدىن گۇمانلانماي، ئۇنىڭ ھوقوقىنى ئىتراپ قىلىڭ، ئۇنىڭدىن كۆپرەك تەلىم ئېلىڭ. باشلىققا ياخشى مەسلىھەت بېرىڭ، ئەمما دۈشمەنلىك نەزىرىدە بولماڭ، باشلىقىڭىز ھەرگىزمۇ سىز ئۇنى تەنقىدلەۋاتقاندەك ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا ياردەم بىرىۋاتقاندەك ھېس قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ خىل مۇناسىۋەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق پوزىتسىيەسىگە باغلىق. خادىمنىڭ باشلىققا تايىنىۋېلىش خارەكتېرى باشلىقنىڭ خادىمغا تايىنىش خارەكتېرىدىن مۇتلەق ئۈستۈندە تۇرىدۇ. خادىملار ھەمىشە پاسسىپراق كېلىدۇ. بۇنداق پاسسىپلىقنى يېڭىش ئۈچۈن تېخىمۇ بەك ئاكىتىپلىققا تايىنىش لازىم، ئۆزىنى سوراپ  ئاكىتىپلىق بىلەن باشلىققا ياخشى ھەمكارلىشىش كېرەك. سىز پەقەت باشلىق بىلەن تەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. بۇيرۇققا بويسۇنۇشلا يېتەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشىڭىز، ئۇنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ئىتراپ قىلىشىڭىز كېرەك. چىن-كۆڭلىدىن خالىمىغان بويسۇنۇش، ھەتتا ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش ئەكسىچە رول ئوينايدۇ. پەقەت چىن كۆڭلىدىن ئىتىراپ قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەلكىم باشلىقىڭىزنى سىزدىن ئەقىللىق دەپ قارىماسلىىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇ سىزدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان ئىكەن بۇنىڭ ئاساسى بار. ئەكسىچە ئۆزىڭىزدىكى بىر تەرەپلىمە ئوي-خىيال دائىم خاتا ھۆكۈم چىقىرىشىڭىزغا سەۋەب بولىدۇ. ھەمىشە تاپا-تەنە قىلغاننىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە تىرىشىپ باشلىقىڭىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۈگەنگىنىڭىز ياخشى. بۇنداق بولغاندا باشلىق بىلەن ئوتتۇرۇڭلاردا ئۇقۇشماسلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. خىزمەت ئورنىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئويىڭىز بولسا، بۇنى چوقۇم باشلىقىڭىزغا بىلدۈرۈڭ. مەسلىھەتىڭىز پىشمىغان، ۋاقتىنچە باشلىقنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشمىگەن تەقدىردىمۇ، جان-دىل بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى باشلىققا كۆرسىتىشىڭىز لازىم. ”ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن“ دېگەندەك ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن تەدبىر كۆرمەڭ.

5. خىزمەتداشلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىش كېرەك

خىزمەتداشلار بىلەن ئۇچراشقاندا چوقۇم ھەر دائىم ئۆزىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش، ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالماسلىق كېرەك. ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك چاغلاردا چوقۇم ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئۇلار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا چوقۇم ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ. ئىقتىدارىڭىزنى كۆرسىتىڭ-يۇ، ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭ. مۇھىمى ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش، باشقىلارنىڭ قىممىتى ۋە نەتىجىسىنى ئىتىراپ قىلىش كېرەك. ئارىلىقتىن گۈزەللىك پەيدا بولىدۇ. بىز دائىم بىزدىن يىراق كىشلەرگە نىسبەتەن ئوبيېكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئاقىلانىلىك بىلەن ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى ۋە ئىقتىدارىنى ئىتراپ قىلىمىز. ھەمىشە يېنىمىزدا تۇرغان ۋە بىز بىلەن پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتىمۇ تەسلىكتە ئۇلارنى ماختايمىز. بولۇپمۇ ئىشخانىدا خىزمەتداشلار ئارا ئوچۇق رىقابەت يوشۇرۇن چىگىچ مەۋجۇت ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما، سىز ياخشى ئىشخانا كەيپىياتى، خۇشال-خۇرام خىزمەت مۇھىتى بەرپا قىلماقچى بولسىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇشىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.

شەخسىيەتچىلىك ئادەمنىڭ خارەكتېرى، ئىتىراپ قىلماسلىقتىن ئەنسىرىمەيمىز بەلكى ئالىي-جاناپ ئىتىقاد بىلەن ئۇنى ئۆزگەرتمەسلىكتىن، ئۆز قەلبىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى خالىماسلىقىدىن ئەنسىرەيمىز. پەقەت قارنى-كۆكسىڭىزنى ئازراق ئاچسىڭىزلا گەرچە ئادەملەر تۈگىمىگەن بىلەن ھىچقانداق ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى بايقايسىز. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلگەن ئادەم يېنىدىكى ئادەمنىمۇ ھەم ئۆزىنىمۇ خۇشال قىلىشنى بىلىدۇ. ئەتىدىن-كەچكىچە قاپاق تۈرۈپلا يۈرسىڭىز باشقىلاردا ئاسانلا سىز ئۇلارنى ھۆرمەت قىلمىغاندەك تۇيغۇ پەيدا قېلىپ قويىسىز. بولۇپمۇ خىزمەتدىشىڭىز ياردەم سورىغان ۋاقىتتا سوغۇق مۇئامىلىڭىز باشقىلارنى سىز خۇددى كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقاندەك خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىسىز-دە، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا ئازار بېرىپ قويىسىز. ئەكسىچە، باشقىلار قىزغىن مۇئامىلىڭىزنى كۆرگەندە ھۆرمەتلىنىش تۇيغۇسىغا كېلىدۇ، سىز ياردەم قىلالمىغان تەقتىردىمۇ ئۇ روھى جەھەتتىن ئاللىقاچان قوللاشقا ئېرىشىپ بولغان بولىدۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى