ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىم بولغىلى بولىدۇ(2)

قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىم بولغىلى بولىدۇ(2)

ۋاقتى: 2016-10-02 ئاۋاتلىقى: 6628 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەرجىمە قىلغۇچى ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسدىن:

ئادالەت غوپۇر

تەھرىر: ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت


ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار تەشكىلىي ئاپپاراتتىكى مەركەزلىك كۈچ بولۇپ، ئۇلار خىزمەتچى (يۇقىرى قاتلامغا قاراشلىق) ۋە رەھبەر (تۆۋەندىكى خادىملارغا) بولۇشتەك ئىككى خىل سالاھىيەتكە ئىگە. خىزمەتچىلىك سالاھىيىتى بىلەن يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەر تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداش بىلەن بىرگە قول ئاستىدىكى خادىملارنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛يەنە بىر تەرەپتىن، باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن قول ئاستىدىكى خادىملارنى يېتەكلەپ ئۆزى مەسئۇل بۆلۈمنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش بىلەن بىرگە يۇقىرىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنىدۇ. ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا باشلىق بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، ئۇلار بەلكىم يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ياكى لاياقەتلىك بولغاچقا ئۆسكەن بولۇشى، ياكى ئىلغار تېخنىكا سەۋىيەسى، كەڭ دائىرىلىك كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ئۆسكەن بولۇشى، ۋەياكى مەلۇم بىر قېتىم ياراتقان تۆھپىسى بىلەن باشلىقنىڭ ئۆستۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار ئاللىقاچان تېخنىك مەسلىھەتچىلىك دەرىجىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا بولسا بولمايدۇ، ئۇلار چوقۇم رەھبەرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كوللېكىتىپ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىك سالاھىيىتى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ ۋە خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم چىقالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ دەل نۇرغۇن مۇنەۋۋەر خادىملار ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن رەھبەرلىك رولىنى ياخشى ئوينىيالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

باشقۇرۇش ئىلمىدىكى داڭلىق بىر پېتىر پرىنسىپى دەيدىغان پرىنسىپ بولۇپ، بۇ پرىنسىپ بىزگە شۇنى ئېيتىپ بىرىدۇكى: ھەرخىل تەشكىلاتلاردا مەلۇم دەرىجىدىكى ئورۇندا لاياقەتلىك بولۇپ كۆنۈپ قالغان خادىم ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر ھەمىشە ئۇنىڭ ئاجىز تەرىپىگە يۈزلىنىدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقى لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

چوقۇم تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك:

بىرىنچى، ئۆز رولىنى ياخشى بەلگىلەش كېرەك

يۇقىرى قاتلامدىكىلەرگە نىسبەتەن ئۇلار:

1. بويسۇنغۇچى. يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلارنىڭ قول ئاستىدىكى خادىملىق سالاھىيىتى بىلەن، ئۇلار ئەڭ بۇرۇن قىلىشقا تىگىشلىك ئىش بويسۇنۇش. بويسۇنۇش كارخانىنىڭ قىممەت كۆز قارىشىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە يۇقىرى قاتلامغا بولغان ئىشەنچىدىن دېرەك بىرىدۇ.

2. ئىجرا قىلغۇچى. ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرنىڭ بىر رولى يۇقىرى قاتلامنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. يۇقىرى قاتلامنىڭ قارارىنى ئاشۇرماي-كۆپتۈرمەي تۆۋەنگە يەتكۈزۈش ۋە جان-دىل بىلەن ئىجرا قىلىش ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى.

3. ياردەمچى. كارخانىدا مەيلى يۇقىرى قاتلام، ئوتتۇرا قاتلام ۋەياكى ئاساسلىق قاتلام بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش بىر مەقسەت ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەر يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ مۇھىم ياردەمچىسى ھېسابلىنىدۇ.

قول ئاستىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئۇلار:

1. پىلان تۈزگۈچى. ئۇلار يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان خىزمەت پىلانىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

2. ئىدارە قىلغۇچى. قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىگە ياخشى قوماندانلىق قىلىپ، پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

3. نازارەت قىلغۇچى. پىلاننى ئىجرا قىلىش جەريانىغا ياخشى نازارەتچىلىك قىلىشى، پىلاننىڭ توغرا ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

4. رىغبەتلەندۈرگۈچى. قول ئاستىدىكىلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، خىزمەت جەريانىدا ئۇلارغا خۇشاللىق بەخىش ئېتىشى لازىم. ئۇلار بىر بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنى ياخشى تەربىيەلىگەندىلا ئاندىن بۇ بۆلۈمنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.

ئىككىنچى، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش

ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار چوقۇم خىزمەتتىكى رولىنى ئېنىق بەلگىلىشى، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئوبدان ئورۇندىشى، چوقۇم مۇقىم مەلۇم ئىقتىدارنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بۇ ئادەتتە مۇنداق تۆت خىل ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ:

1. كەسپى ئىقتىدار. ھەربىر ئورۇننىڭ ئۆز تەلىپىگە يارىشا كەسپى بېلىمى، ئىقتىدارى بولىدۇ. ياخشى بىر باشلىق بولۇش ئۈچۇن بۇلارنى پىششىق بىلىشى كېرەك.

2. يىغىنچاقلاش (خۇلاسىلەش) ئىقتىدارى. خىزمەتتە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە قارىتا باشقۇرغۇچى چوقۇم ئاقىلانە پىكىر ۋە تەدبىر يۈرگۈزۈشى كېرەك.

3. ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى. مۇۋاپىق ئورۇنغا مۇۋاپىق ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش، خىزمەتچى-خادىملارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاكىتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇش باشقۇرغۇچىلار چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىقتىدار.

4. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى. ھازىرقى دەۋردە بىردىنبىر ئۆزگەرمەيدىغان ئىش ”ئۆزگىرىش“ تۇر. بازار، خىرىدار، خىزمەتچى ھەتتا پۈتۈن مۇھىت توختىماي ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بىز پەقەت ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتمىساق شاللىنىپ كېتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولۇشى، دەۋر دولقۇنىغا قاراپ توختىماي ئالغا ئىلگىرلىشىمىز، ئىجادچانلىق بىلەن خىزمەتنى كەڭ قانات يايدۇرىشىمىز لازىم.

ئۈچىنچى، ”ئۆگىنىش“ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ بىردىنبىر يولى

ھەربىر ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ئىقتىدارلىق بولمايدۇ، ئەكسىچە ئىقتىدار توختىماي ئۆگىنىش ۋە خۇلاسىلەشتىن كېلىدۇ. شىركەت تەرەققىياتى بىزدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى كۈتىدۇ، شۇنداقلا بىزنى تېخىمۇ ياخشى سىتراتېگىيە پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شىركەت تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئالتۇن ۋاقىتتا، بىز قانداق قىلىپ شىركەت تەرەقىياتىغا ماسلىشالايمىز؟ شۇنداقلا تېز تەرەققىيات لىنىيەسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلمەيمىز؟ بۇنىڭ بىردىنبىر چارىسى ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈش. ”ئۆگىنىش“ بولسا ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ بىردىنبىر يولى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار ئۆتمۈشتىكى نەتىجىلەرگىلا قانائەت قىلماستىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئاشۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەسپى بىلىم ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى لازىم. ئۆز زىممىسىدىكى يۈكنى تولۇق تونۇشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ئۈلگە بولۇشى، شىركەت بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، خادىملار بىلەن ماس قەدەملىك بولۇپ، يۇقىرى قاتلامنىڭ مەقسىتىنى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى قانات يايدۇرۇپ، مەزكۇر بۆلۈم ۋە تارماقنىڭ خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشى لازىم.

داۋامى بار…

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى