ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مىللىي كارخانىلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە يۈزەكى ئويلىنىش

مىللىي كارخانىلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە يۈزەكى ئويلىنىش

ۋاقتى: 2016-10-04 ئاۋاتلىقى: 7528 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياسىنجان مەتزورى ئىلقۇت

مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ھازىر ئۇيغۇر مىللىي كارخانىلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە (ئالدىن ئۆزرۈلۈك ئېتىۋالاي، خاتا گەپ قىلىپ قالسام تورداشلار ئادەم بولغانغا تويغۇزۇپ قويماڭلار يەنە، مەنمۇ مۇشۇ مىللىي كارخانىچىلىقتا يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئادەممەن):

ئەمىسە ئەسلى سۆزىمىزگە كېلەيلى:

ئاساسەن دېگۈدەك سىرتقى جەھەتتىن ساغلام، ئىچكى (روھى) جەھەتتىن ھەممىسى كېسەل. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسەن دېگەندە، ھازىر رايونىمىزدا ھەقىقىي مەنىدىكى ھازىرقى زامان كارخانا ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلمى، ئادەم كۈچى بايلىقى، بازار ماركىتىڭى دېگەندەك نۇرغۇن ئۇقۇملار تېخى ئومۇملاشمىدى. زادى باشقۇرۇش دېگەن نېمە؟ باشقۇرۇلۇش دېگەن نېمە؟ ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش دېگەن نېمە؟ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش دېگەن نېمە؟ ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش بىلەن كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ پەرقى  نېمە؟ ئاساسىي مائاش دېگەن نېمە؟ ئۈنۈم مائاش دېگەن نېمە؟ كارخانا مەدىنىيىتى دېگەن نېمە؟ ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى دېگەن نېمە؟ كوللىكتىۋىزملىق روھ دېگەن نېمە؟ … مانا بۇ سۇئاللارغا ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ جاۋاب بېرىدىغانلار، بېرەلەيدىغانلاردىن زادى قانچىلىك ئادەم بار؟

يۇقىرىدا شىركەتلەر سىرتقى جەھەتتىن ساغلام، ئىچكى جەھەتتىن كېسەل دەپ ئۆتتۇق، بۇ ئاساسەن تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

بىرىنچى، ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى تېخى ھەقىقىي پىشىپ يىتىلمىدى. گەرچە بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز (مۇسا بايۇفلاردىن باشلاپ) ئىلگىرى زور ئۇتۇقلارنى قازانغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقىدەك دەۋرنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىشى بىلەن ئەنئەنىۋىي ئىگىلىك ھازىرقى شارائىتتا پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. لېكىن بىزنىڭ كۆپلىگەن شىركەتلىرىمىز يەنىلا شۇ ئەنئەنىۋىي ئىگىلىكنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغان. يەنى، كۆپ ساندىكى شىركەت ئاتامانلىرى ئۆتمۈشتە ئەنئەنىۋىي ئىگىلىككە تايىنىپ پۇل تېپىپ، ھازىر بۇ شىركەت ئۇقۇمى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن شىركەتلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنيۇ، لېكىن ئۆزىدە ھەقىقىي بىر شىركەت ئاتامىنىدا بولۇشقا تىگىشلىك بىلىم قۇرۇلما كەمچىل بولغانلىقتىن، شىركىتىنى يەنىلا ئەنئەنىۋىي ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا باشقۇرۇپ مېڭىشقا مەجبۇرى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالماي، قاتتىق گاڭگىراپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نىشانىنى يوقىتىپ قويۇپ نېمە قىلارىنى ئۆزىمۇ بىلمەي ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈپ ئۆتۈۋەرگەن. بۇ يەردە مۇنداق بىر ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەي: مەلۇم بىر قېرىندېشىمىز ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن خېلى كۆپ پۇل تاپقان. ئۇ قولىغا خېلى كۆپ پۇل كىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھەم ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھە دەپ شىركەت قۇرۇپ، شىركەتلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىمۇ شىركەت قۇرۇش ئىستىكى پەيدا بولغان-دە، يېنىدىكى پۇلنى ئېلىپلا شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرغان. بانكىدىن ھېسابات ئېچىپ شىركەت ئىش باشلىغاندىن كېيىن ئودا 3 ئايغىچە ئۇلارنىڭ بانكا ھېساباتىدا ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىغان، بۇ خىل ئەھۋال بانكا تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن بانكا تەرەپ ئۇلار بىلەن ئالاقىشىپ ئۇلارنىڭ ھېساباتىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ قانداقراق كېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگەللىگەن. ئەمما نەتىجە بانكا خادىمىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. بانكا خادىمى ئۇ شىركەت قۇرغۇچى قېرىندىشىمىز بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، ئۇ قېرىندىشىمىز ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە ھېچ ئىش قىلمىغانلىقىنى ھەمدە نېمە قىلىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى، مۇمكىن بولسا بانكا تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا نېمە قىلىش توغرىسىدا يول كۆرسىتىشىنى ئۆتۈنگەن. قىسقىسى ئۇياق شىركەت قۇرغانيۇ، لېكىن نېمە مەقسەتتە شىركەت قۇرغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمىغان. مانا بۇ يانغا پۇل كىرگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئەگىشىپ شىركەت قۇرۇشتىن كېلىپ چىققان بىر تىپىك مىسال. دېمەك بىزنىڭ نۇرغۇن شىركەت ئاتامانلىرىمىزدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلاردا ئېنىق بىر پىلان يوق، ھەتتا ئۇلاردىن شىركەتنىڭ پىلانى نېمە؟ شىركەتنىڭ مەدىنىيىتى نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ جاۋاب بېرەلەيدىغانلار ئاساسەن يوق بولۇشى مۇمكىن.

بۇ يەردە شىركەت مەدىنىيىتى توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي:

ئادەتتە شىركەت مەدىنىيىتى دېگىنىمىز، شىركەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ئىگىلىك باشقۇرۇش قارىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇش نىشانى، ئىگىلىك باشقۇرۇش فاڭجېنى، قىممەت قارىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيەتلىرى، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئوبرازى قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتە شىركەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان، شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، رىقابەت، تەرەققىيات قاتارلىق يېتەكچى ئامىللار شىركەت مەدىنىيىتى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئادەتتە شىركەت مەدىنىيىتى شۇ شىركەتنى باشقۇرغۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئېڭى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا شىركەت مەدىنىيىتىنىڭ قانداق بولۇشى، شۇ شىركەتنى باشقۇرغۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ زادى قانداقلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئەگەر بىر شىركەتنى ئادەمگە ئوخشاتساق، ئۇنداقتا، ئەگەر ئۇنىڭدا بايلىق (مەبلەغ) بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ۋە ساغلام بولغان مەدىنىيەت مۇھىتى بولمىسا، بۇ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. يەنى بۇ خىل تىپتىكى شىركەتلەردە ئاستا خاراكتېرلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىككىنچى، شىركەتلەردە ئومۇمەن ئاساسىي ئاجىز بولۇش مەسىلىسى ئېغىر. نۇرغۇن شىركەت ئاتامانلىرىدا تېز سۈرئەتتە پايدا يارىتىش ئېڭى كۈچلۈك، ئۇلارچە بولغاندا، بىر كېچىدىلا پايدا ئېلىپ، جاھاندا داڭدار باي بولۇپ كەتسە بولىدۇ. لېكىن ئۇلار شىركەت قۇردۇم دەپ بىر شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش، ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي  قىلىش جەريانىغا سەل قارايدۇ. ئەڭ ئەقەللىيسى، بىز ئەتىيازدا بىر تۈپ ئالما كۆچىتى تىكسەك، بۇ ئالما كۆچىتىدىن ئالما مېۋىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەمىدە ئىككى يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بىزنىڭ كۆپلىگەن كارخانىچىلىرىمىزدا بۇ ئەقەللىي ساۋاتقا بولغان تونۇشمۇ ئايدىڭ ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر بۈگۈن شىركەت قۇرۇپ ئەتە شىركەتتىن پايدا ئالسامكەن دەپ قارايدۇ-دە، نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرىغا سەل قارايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئاشۇرۇش، شىركەت خادىملىرىنى تەربىيەلەش، شىركەتنىڭ دەسلەپكى قەدەملىك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە پۇختا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىقتىساسلىقلارغا بولغان تونۇش كەمچىل بولۇش، ئىقتىساسلىقلارنى ياخشى تاللىماسلىق، ئىقتىساسلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشقا قويماسلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىدا چوقۇم مۇكەممەل بولغان كارخانا باشقۇرۇش بىلىم قۇرۇلمىسى بولۇشى كېرەك. شىركەت دەسلەپ قۇرۇلغاندا شىركەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرى بەك كۆپ بىلىم تەلەپ قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئاساسەن قورسىقىدا ئازراقلا ئومىچى بارلارنىڭ ھەممىسى شىركەتنى باشقۇرۇپ كېتەلىشى مۇمكىن. ئەمما شىركەت تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، ئۇنى باشقۇرۇش ئىشلىرى باشقۇرغۇچىدىن كۈچلۈك بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر قانداق ئادەمنىڭ شىركەتنى باشقۇرۇپ كېتەلىشى ناتايىن.

ئۈچىنچى، ئۇيغۇر شىركەتلىرىدە ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئايدىڭ ئەمەس. ھازىر قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن مىللىي شىركەتلەردە باش دېرىكتۇر، دېرىكتور، كاسسىر، بولغالتىر… دېگەنلەر ئېنىق ئايرىلمىغان. ئاساسەن دېگۈدەك بىر ئادەم ھەممىگە چات كېرىۋالغان. شىركەتتە مەسئۇلىيەت، ھوقۇق ئېنىق ئايرىلمىغان. زادى باش دېرىكتورنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى، ھوقۇقى قەيەردىن قەيەرگىچە، دېرىكتورنىڭچۇ؟ بولغالتىرنىڭچۇ؟ كاسسىرنىڭچۇ؟ مانا بۇلار ئېنىق ئەمەس. بۇلار ئېنىق بولمىغانلىقتىن ھەمىشە دەرىجە ئاتلاش خاتالىقى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا شىركەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ئېغىر يۇشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت بولۇپ، شىركەتنىڭ كېيىنكى ساغلام تەرەققىياتىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلىدۇ. ئادەمنىڭ پسىخىكىسى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولۇش (تۆھپەخۇمار)، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش خاراكتېرىگە ئىگە. ئادەتتە ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولمىغاندا، تۆھپە كۆرسىتىش پۇرسىتى كەلگەندە ھە دېسە ھوقۇق جەھەتتە يۇقىرى تۇرغۇچىلار پۇرسەتنى تۆۋەنگە ئۆتكۈزمەي، ئەسلىدىنلا كاسسىرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىمۇ باش دېرىكتور بولغۇچى ئىجرا قىلىۋېتىش خاتالىقىنى سادىر قىلىپ، تۆۋەندىكى دېرىكتور، كاسسىر، بوغالتىر دېگەنلەر قۇرۇق شەپكىگە موللا بولۇپ قالىدۇ-دە، ئۇلاردا خىزمەتكە ئۆزىنى بېغىشلىماسلىق، خىزمەتتە سۇسلۇق قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسئۇلىيەت مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە بولسا، باش دېرىكتور بولغۇچى تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمغا ئىتتىرىپ قويىدۇ-دە، بۇ مەسئۇلىيەتنى تۆۋەندىكى خادىممۇ قۇبۇل كۆرمەي، نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق شىركەتتە چوقۇم ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇشى كېرەك.

تۆتىنچى، ئىزدىنىش روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل. ئىزدىنىش روھىنىڭ كەمچىللىكىدىن يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ كەمچىللىكى كېلىپ چىققان. بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ كۆپچىلىك مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتەلەيدۇ دەپ قارايمەن. يېڭىلىق روھىنىڭ كەمچىللىكىدىن بىزدە ئەگىشىش ئىدىيىسى كۈچلۈك يامىرىغان. ئىخلاسنىڭ تاغتوراسى ئىقتىدارغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، بازار ئىگىلىنىش نىسبىتى ياخشى مەھسۇلاتلارنىڭ تاغتورا نۇسخىلىرىنىڭ بازاردا زور كۆلەمدە ئەۋج ئېلىپ كېتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىققان.

بەشىنچى، تۈزۈم-قائىدىلەر قېلىپلاشمىغان، خىزمەت ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. قائىدە-تۈزۈمنىڭ قېلىپلاشماسلىقى، خىزمەت ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئېنىق بولماسلىقىغا سەۋەب بولغان. نۇرغۇن شىركەتلەردە ئەتىگەنلىك خىزمەتكە كېلىش ۋاقتى ئېنىق بەلگىلەنگەنيۇ، ئەمما ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن. بەزى شىركەتلەردە ھەتتا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يېرىم كېچىگىچە ئىشلەش مەسلىسى ئېغىر. لېكىن سىمىېنا قوشۇپ ئىشلىگەنگە ھەق ھېسابلاش تېخى ئۇيغۇر مىللىي شىركەتلىرىدە مەۋجۈت ئەمەس.

بۇ ھەقتە، باشقا شىركەتلەرگە پەقەت قائىدە-تۈزۈملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرەلەيمەن، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق قىلىشىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

يۇقىرىدا ئۆزۈمنىڭ مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىغانلىرىمنى يۈزەكى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم، يۇقىرىقىلار پەقەت كەمىنىنىڭ كۆز قارىشى، بۇ قاراشلارنى باشقىلارغا تېڭىشقا بولمايدۇ. مۇۋاپىق بولسا قۇبۇل قىلىپ، مۇۋاپىق بولمىسا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىۋېرىدۇ. ئادەمنىڭ قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قارىشى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئەھۋالغا قاراپ داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ!

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى