ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى بولغىلى بولىدۇ (1)

قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى بولغىلى بولىدۇ (1)

ۋاقتى: 2016-09-26 ئاۋاتلىقى: 7133 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ماتېرىيال تەييارلىغۇچى ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن:

ئادالەت غوپۇر

تەھرىرلىگۈچى: ي.م.ئىلقۇت


ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىملار شىركەتتە يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدىغان، شىركەتنىڭ تايانچ كۈچى، شىركەت خادىملىرىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان، شىركەتتە ھەم باشقۇرغۇچىلىق ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلىك رولىغا ئىگىدۇر. ئوتتۇرا قاتلام خادىملاردا مەلۇم سەۋىيەدىكى كەسپىي باشقۇرۇش ئىقتىدار بولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە خۇجايىنلىق روھىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بىراق، كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا قاتلام خادىملارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبلىك، پۈتكۈل شىركەتنىڭ باشقۇرۇش سۈپىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچىدىن، ئاسانلا تۆۋەنگە ئېغىپ كېتىش، ئۆزى بىۋاسىتە كونكىرت ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالدىراش خىزمەتچىلىك رولىنى ئۆتەش. بەزى ئوتتۇرا قاتلام خادىملىرى قانداق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ھوقوقىنى پارچىلاشنى بىلەلمەي، چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي، ئەتىدىن كەچكىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ ئۆز زىممىسىگە ئېلىۋالغانلىقتىن، ھېرىپ ھالىدىن كەچكەچكە ئاستا-ئاستا خىزمەتتە پاسسىپلىشىدۇ. بۇنداق كېتىۋەرگەندە، ئاسانلا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تايىنىۋېلىش پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرۈپ قالماي، ئۇلارنىڭ ئاكىتىپلىقىغا ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا توسالغۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياش خادىملار ياخشى چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي، خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى قىيىنغا توختايدۇ. بەزىدە يەنە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قىلغىلى ئىش تاپالماي، ئالغا ئىنتىلىش روھىنى يوقىتىپ قويۇپ، ئۇلاردا پەقەت مىخانىكىلىق مەشغۇلات قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار يالغۇز كۆرەش قىلغاندا كوللېكتىپنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ خىزمەت ساپاسى ۋە ئۈنۈمى كۆتۈرۈلمەيدۇ. ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار ئۇششاق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغاندا، ئۇلار قىلىشقا تىگىشلىك پىلان تۈزۈش ۋە خۇلاسىلەش خىزمەتلىرى تەبئىيلا ئىش بۆلۈپ باشقۇرغۇچى رەھبەرگە قالىدۇ-دە. ئىش بۆلۈپ باشقۇرغىچى رەھبەر ئامالسىز بۆلۈم دىرېكتورغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن شىركەتنىڭ پۈتكۈل خادىملار ئورنىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىككىنچىدىن، پىلان تۈزۈش ئىقتىدارى تۆۋەن، شىركەتنىڭ ئىگىلىك سىتراتىگىيەسى ۋە رەھبەرلەرنىڭ مەقسىتىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلمايدۇ. بەزى ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ پىلانلىق ئىش كۆرۈش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، خىزمەتتە مۇقىم نىشانى يوق، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بېشىغا كەلگەننى كۆرۈشكە ئامراق. ئۇلارنىڭ خۇلاسىلەش ئىقتىدارى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئەمىلىي ئەھۋالغا قارىتا ئىش كۆرۈشنى بىلمەيدۇ، ھەمدە خىزمەت يۆنىلىشىنى دەل ۋاقتىدا تۈزىتەلمەيدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئىدىيەسى قاتمال، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يوق. بەزى ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلارنىڭ ”ئۆزى نەتىجە يارىتىش“ ۋە ”ئۆزىنى قوغداش ئېڭى“ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى پەقەت باشقىلارغا ئىشلىگۈچىلەر دەپ قاراپ، كارخانىنىڭ نەتىجىسى، ئوبرازى، شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئويلايدۇ. نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، شىركەتكە زىيان كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى چوڭ بولغان مەسىلىلەرنى بايقىيالمايدۇ، ھەل قىلىشىدىن ئەسلا ئېغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇخىل ھالەت ئىزچىل داۋاملىشىۋەرگەچكە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

تۆتىنچىدىن، بىر ئىزدىلا توختاپ قىلىش، داۋاملىق ئىزدەنمەسلىك. بەزى ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار ئۆزىگە بولغان تونۇشى توغرا بولمىغانلىقتىن، ئۆزىنى بۇ ئورۇندىكى كەسپى ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارايدۇ، خۇددى بۇ ئورۇندا ئۇ بولمىسا يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلانمايدىغاندەكلا؛ بەزى ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئېڭى تۆۋەن بولۇپ، سىرتقى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەردىن، باشقىلارنىڭ تېخنىك سەۋىيەسى ۋە ئۆلچىمى ئاللىقاچان ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەرسىز قالىدۇ. مەسىلەن، دۆلەتلىك يىرىك مىس تەھلىل قىلىش ئۆلچىمى   1995-يىلى يېڭىلىنىپ بولغان. لېكىن ئۇلار يەنىلا 1985 يىلدىكى ئىشلىتىۋاتىدۇ، توپتوغرا ئون يىل كەينىدە. يەنە بەزى ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزىچە ئۆزىنى قالتىس دەپ ئويلاپ، داۋاملىق ئىزدەنمىگەنلىكتىن، ئىلگىرىكى شاگىرتىنىڭ ھازىر رىقابەتچىسىگە ئايلىنىپ، مەيلى كۆلەم جەھەتتە، ياكى خىزمەت سەۋىيەسى جەھەتتە بولسۇن، ئاللىقاچان ئۆزىدىن ھالقىپ چۈشكەنلىكىدىن بىخەۋەر يۈرىدۇ. بۇنداق باشقىلاردىن سوراشتىن خىجىل بولۇپ، ئۆزى تېخى ئۆگىنىشنى خالىماسلىق ئىدىيەسىدە بولۇش بىر قەدەر ئېغىر مەسىلە.

بەشىنچىدىن، بەزى ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلارنىڭ  زىيادە ئاق كۆڭۈللۈكى سەۋەبىدىن باشقىلارنى رەنجىتىشكە پېتىنالماي، پرىنسىپقا تېخى ئەمەل قىلالماي، ئالدىدا گەپ-سۆز قىلماي، كەينىدىن غۇدۇڭشىشى. ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئادەتتىكى خادىملارنىڭ كەسپى ئىش-ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا شىركەتنىڭ تەرەققىياتغا چېتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ياخشى خىزمەت ئادىتى يىتىلدۈرشى كېرەك. مەسىلەن، قائىدە-تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش، ئۇششاق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش، پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش، گەپ-سۆزگە قاتتىق دىققەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا ئاكىتىپ بولۇش قاتارلىقلار.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى