ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە

مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 6117 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ي.م.ئىلقۇت

2012-يىلى 16-فېۋرال

.

★ مۇھەببەت –بۇ بىر ئۆلمەس تېما! مۇھەببەت تىلغا ئېلىنغاندا ھەر ئىنساننىڭ كۆڭۈل ئىكرانىدا ھەر خىل مۇھەببەت كۆرۈنۈشلىرى گويا كىنو لىنتىسىدەك ئۆز سىماسىنى تاپىدۇ.

★ مۇھەببەت –بۇ بىر ساختىلىقنى قۇبۇل قىلمايدىغان، ئۇ شۇ «مۇھەببەت» ئاتلىق قاينامغا كىرگۈچىلەردىن شەرتسىز قۇربانلىق تەلەپ قىلىدىغان، ئەمما نۇرغۇنلىغان «نېمە ئۈچۈنلەر» جاۋابسىز قالىدىغان، گاھ سېنى كارىزغا باشلاپ، چاڭقىغان دىلىڭغا ئابىھايات سۈيى ئاتا قىلىپ، دىلىڭغا شادلىق ئاتا قىلىش ئارقىلىق، روھى مەلھەم بولسا، گاھ سېنى رىئاللىق دوقمۇشىدا سەرسانلىق كوچىسىغا باشلاپ، سېنى بىر مەھەل ئۆزىنىڭ ئىللىق قوينىدا ھوزۇر-ھالاۋىتى بىلەن ئەللەيلەتكەن بۆشۈكىدىن دەس كۆتۈرۈپ ئېلىپ، دەشت باياۋانلارغا تاشلاپ، يۈرەكلىرىڭنى ئازاب ئاتلىق پىچاقتا تىلغاپ، ھاياتىڭنىڭ ئىككى خىل ئەھۋال بىلەن نەتىجىلىنىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. بىر خىل ئەھۋالدا: سەن شۇ چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پاتقانچە ھاياتىڭنىڭ لەززىتىدىن كېچىشىڭ، ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرىۋېلىشىڭ مۇمكىن. يەنە بىر خىل ئەھۋالدا: ئاللاھ تائاللانىڭ بۇ قېتىملىق سىنىقىدا، سەن ھەقىقىي تۈردە پىشىپ يېتىلىپ، غايەت زور ئىچكى ئېنىرگىيەگە ئىگە شەخسكە ئايلىنىشىڭ مۇمكىن. ئەمما قايسى خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە يەنىلا كېسىپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ يەنىلا سەندە ھازىرلانغان پسىخىكا، ئىرادە قاتارلىقلارنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان نەتىجە بېرىشى مۇمكىن.

★ مۇھەببەت -ئۆز نۆۋىتىدە گاچىغا تىل، ساراڭغا خوت ئاتا قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىرلىق مۆجىزىلىرى بىلەن كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلسا، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ سىرلىق كۈچى بىلەن ساقنى ساراڭ قىلىۋېتەلەيدۇ. قىسقىسى مۇھەببەتنىڭ تىلسىملىرى كۆپ ئەھۋالدا يەنىلا ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ.

★ مۇھەببەت -ئۇ بىر تىلسىماتتۇر. ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتى گاھ ئاجايىپ گۈزەل، گاھ ئاجايىپ رەھىمسىز رىئاللىق بىلەن سىنارىيەلىنىدۇ، سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىدۇ، تارىخقا ئايلىنىدۇ.

★ مۇھەببەت -ئۆز نۆۋىتىدە بۇ سەھنىدە شەرتسىز قۇربانلىق بېرەلمىگەنلەرنى، مۇھەببەتتىن سۆز ئېچىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغۇچىدۇر. چۈنكى ئادەم ھەر زامان بۇرچ ۋە ھوقۇقنىڭ ئورتاق سىمفونىيەلىك بىرىكىشىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ. ھاياتلىقتا پەقەت بۇرچنى ئەستىن چىقارمىغان، بۇرچنى ئادا قىلالىغاندىلا ئاندىن ھوقۇقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن. مەسىلەن، سىز مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پۇخراسى بولماقچى ئىكەنسىز، ئالدىنقى شەرت ئاۋۋال سىزدە شۇ دۆلەتنىڭ پۇخرالىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك بۇرچ ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. پەقەت سىز شۇ بۇرچنى ھازىرلىيالىغاندىلا، ئاندىن سىزنىڭ شۇ دۆلەتتە مۇناسىۋەتلىك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. سىز ئەڭ ئەقەللىي بۇرچنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىڭىز مۇمكىنمۇ؟ شۇڭا مۇھەببەتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە پەقەت ئۇنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلىپى بولغان «شەرتسىز قۇربانلىق بېرىش» تىن ئىبارەت بۇ بۇرچنى ئادا قىلالىغانلارغىلا مۇھەببەت تېمىسىدا سۆز قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. شۇڭا، سىز مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ تىلسىماتقا تولغان تېمىدىن سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىمەن دېسىڭىز، چوقۇم بۇ ھوقۇق ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىڭىز، قۇربانلىق بېرىشىڭىز شەرت.

★ مۇھەببەت -ساختىلىقنى قۇبۇل قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت ئىككى قەلبنىڭ ھەقىقىي تۈردە بىر بىرىگە ئىنتىلىشى، بىر بىرىنى سۆيۈشى، بىر بىرىنى قەدىرلىشى بىلەنلا بىخ سۈرۈپ، ئاخىرىدا شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە مېۋە بېرىدۇ. بۇ مېۋە پەقەت ئىككى ئادەمنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەنلا مەۋجۈت بولىدۇ. بۇ مېۋىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بەسى مۈشكۈل بولغاندىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ تەمىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. بۇ مېۋىنى قانداق تەمگە ئىگە قىلىش يەنىلا شۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا باغلىق. سىز قانچىلىك بەدەل تۆلىسىڭىز (ئېسىڭىزدە بولسۇن، قارشى تەرەپمۇ چوقۇم تېگىشلىك بەدەل تۆلىگەن بولۇشى، ئۇنىڭدىمۇ مۇھەببەت ئۈچۈن شەرتسىز قۇربان بېرىش روھى ھازىرلانغان شەرت ئاستىدا بولۇشى كېرەك.) سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىز شۇنچە شىرىن-شەربەتلىك مېۋىدۇر. ئەگەر سىز ئېرىشكەن مېۋىنىڭ تەمى سىزگە ئانچە ياقمىسا، بۇ دەل تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخىمۇ تىرىشىڭ!

ئېسىڭىزدە بولسۇن: ھاياتلىق تولىمۇ قىسقىدۇر. ئادەمنىڭ پۇشايمىنى نېمىدىن كېلىدۇ؟ پەقەت ئادەم تىرىشىش زۆرۈر بولغان شارائىتتا تىرىشماي بەل قويىۋەتكەندىن كېيىن، نەتىجە كۆڭلىدىكىدەك بولمىغاندا ئاندىن پۇشايمان قىلىدۇ ھەم بۇنداق پۇشايمان بىر ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. ئەگەر تىرىشىش زۆرۈر بولغان شارائىتتا ئاداققىچە تىرىشىپ، يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەنمىسە، مېنىڭچە بۇ يەنىلا تىرىشىشنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن بولىدۇ. ئەگەر ئۆز ئەقىدىڭىز ئۈچۈن تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېنىقىڭىز تېنىڭىزدە بولغانغا قەدەر تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، ئىشىنىمەنكى ئاللاھ چوقۇم سىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تىرىشقانغا چەكسىز بەرگۈچى ئەڭ سېخى زاتتۇر. ئەگەر سىز تىرىشىش زۆرۈر بولغاندا، تىرىشماي، ئەكسىچە بەل قويىۋېتىپ، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېمەكچى بولسىڭىز، ئاللاھ بۇنداق بەندىسىنى كەچۈرمەسلىكى مۇمكىن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى