ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىلوگنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ 16 خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

بىلوگنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ 16 خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 8164 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلاۋە: مەزكۇر يازما بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى كەمىنە تەرىپىدىن تەييارلانغان ماقالە ئىدى. بۇ قېتىم كومپيۇتېرىمنى قايتا رەتلەش داۋامىدا بايقاپ، تورداشلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىدتتە يوللاپ قويدۇم.

سىز بلوگىڭىزنىڭ كۈنسېرى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قىزغىنلىققا تۇلۇشىنى ئارزۇ قىلامسىز؟ سىز بىر چوڭ بولغان ئوقۇرمەنلەر سالۇنى قۇرۇپ چىقىشنى، ھەتتا رەسمىي كەسپىي بلوگ يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بلوگىرغا ئايلىنىشنى ئويلامسىز؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بلوگنىڭ تېخىمۇ تەسىرچان بۇلۇشىغا ۋە نام ئابرويغا ئىگە بولۇشىغا باغلىق. بۇ قېتىم بەزى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى رەتلەپ چىقىلدى. بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق سىز بلوگىڭىزنىڭ تەسىرچانلىقىنى قەدەممۇ قەدەم يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز. ھەتتا بلوگىڭىزنى كەسپىي مەزمۇن سالۇنىغا ئايلاندۇرالايسىز.

گەرچە مەزمۇن بلوگنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىغان ئامىلى بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى تېخنىكىلار بلوگنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى تېگىدۇ.

مەسىلەن: ئابونتلارنىڭ مەزمۇن ھاسىل قىلىشى، بايلىقلاردىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلار.

بىر بلوگ تورى قۇرۇش ئارقىلىقمۇ بلوگ ماركىسى(نامى) ۋە داڭقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ باشقا بلوگلار بىلەن بەزى مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر ھەققىدە ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

تۆۋەندە بلوگىڭىزنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ 16 خىل ئۇسۇلى بېرىلدى. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، مەزمۇن باشتىن ئاخىرى بىر بلوگنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، ئۇنىڭدىن قالسا بەزى قۇشۇمچە تېخنىكىلاردۇر.

1. كۆپ قانال قۇرۇش

سىز قىزىقىدىغان بىر نەچچە تېمىنى تاللاپ، تارماق ئادرىس ياكى تارماق مۇندەرىجە ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە بلوگ قۇرۇپ چىقىڭ. بۇنداق قىلغاندا، مەزمۇننىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى تېخىمۇ كۆپ ئۇقۇتمەنلىرىڭىزنى جەلپ قىلىپ بلوگڭىزنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ بىر تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئۇسۇل، بەلكىم سىزنىڭ ئۇنچە كۆپ ۋاختىڭىزمۇ بولماسلىقى مۇمكىن.

2. زىيارەتچىلىرىڭىز مەزمۇن ھاسىل قىلسۇن

سىزنىڭ زىيارەتچىلىرىڭىزنىڭ مەزمۇن ھاسىل قىلىشى سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلى. سىز باشقىلار يوللىغان مەزمۇنلارنى رەتلەپ، قىممىتى بار دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى قايتا يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز يەنە بىر ئاساسىي سىستېما بولغان ھېسابات نۇمۇرى ئېچىپ، زىيارەتچىلىرىڭىزگە ئەركىن تىزىملىتىپ، يازما يوللاش، ئۆزىنىڭ يازمىسىنى ئۆزى تەھرىرلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىلقۇت بلوگىمۇ ئەڭ دەسلەپتە كۆپ ئەزالىق تۈزۈمنى يولغا قويغان (ئەگەر ھازىرمۇ يازمىلىرىنى ئىلقۇت بلوگىدا ئېلان قىلىش ئارزۇسىدا بار تورداشلار بولسا ئىلقۇت بلوگى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!)

3. بلوگىڭىزنى يەرلىكلەشتۇرۇڭ

بىر قەدەر ياخىشى ئۇسۇل بولسا شۇ يەردىكى زىيارەتچىلەرگە قارىتا شۇ جايدا قوللىنىلغان تىلدا بلوگ يېزىش كېرەك. بۇ سىزنىڭ بلوگ يازمىلىرىڭىزنى ماس قەدەملىك تەرجىمە قىلىپ مېڭىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر بەزى قىستۇرمىلار ئارقىلىق ماس قەدەمدە تەرجىمە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ ماركىڭىز(نامىڭىز)نى تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ. (ئەمما تېخىچە ئۇيغۇرچىنى ھەقىقىي ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلدىغان قورال بارلىققا كەلمىدى، پەقەت ئادەم كۈچىگە تاينىشقا توغرا كېلىدۇ.)

4. بىر بلوگ تورى قۇرۇپ چىقىڭ

بىر ياكى ئىككى بلوگ بولغاندا، سىز بىر كىچىك تىپتىكى بلوگ تورى(Blog Network) قۇرۇپ چىقالايسىز. يېڭى بىر تور نامى ئېلىش ئارقىلىق بلوگ تورىڭىزنىڭ باش بېكىتىنى قۇرۇپ چىقىپ ئىچىگە بەزى ئېلان ۋە بىر قىسىم تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

5. بىر مۇنبەر قۇرۇپ چىقىڭ

سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۈچۈن بىر مۇنازىرە بېتى قۇرۇپ چىقىشتىن مەقسەت، زىيارەتچىلىرىڭىز بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش. بۇ دەل سىزنىڭ زىيارەتچىلىرىڭىزنىڭ  تور بېتىڭىزنى قايتا-قايتا سورىشىنىڭ سەۋەبى. بۇنداق بىر مۇنازىرە بېتى تەمىنلەش ئارقىلىق، زىيارەتچىلىرىڭىز ئەركىن ھالدا بەزى ياخشى مەزمۇندىكى ماتىرىياللارنى( ئۆزىڭىزنىڭكىدىن باشقا) يوللىيالايدۇ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق زىيارەتچىلىرىڭىزنى بلوگڭىزنى قايتا زىيارەت قىلىشقا ئۈندىگىلى بولىدۇ.

6. ئېلخەت تىزىملىكى قۇرۇپ چىقىڭ

ئېلخەت تىزىملىكىنى باشقىلارغا يوللاپ بىرىش بولسا بىر خىل ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان زىيارەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۇسۇلى. بىر ھەپتىلىك ژورنال ياكى ئايلىق ژورنال قۇرۇش ئارقىلىق زىيارەتچىلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ.( ئەلۋەتتە، بۇ ھازىرچە ئەمەلگە ئاشمىقى تەس بولغان بىر ئىش، لېكىن «كونىلارنىڭ سەۋەب قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ.» دېگىنىدەك، سىز ياخشى مەزمۇنلارنى ئېلكىتاب قىلىپ ئېلكىتابقا بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرغان ئاساستا باشقىلارغا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.  تەرجىماندىن)

7. بلوگ تەسۋىر ئەينىكى قۇرۇپ چىقىڭ

بلوگىڭىزغا كۆپ تەسۋىر ئەينىكى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ زىيارەت سانى ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. بۇ ناھايىتى ئاددى. بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاپتۇماتىك تەسۋىر ئەينىكى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

8. بىر ئىجتىمائىي توپقا قۇشۇلۇڭ

ياخشى بولغان بىر ئىجتىمائىي توپ مەسىلەن: مۇنبەر ياكى ئىجتىمائىيلاشقان تور ھەرگىزمۇ ياخشى بولغان زىيارەت سانىغا ئېرىشىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەس، ئەمما ئۆزىنىڭ ماركىسى(نامى) يارىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر. بەزى ياخشى ئىجتىمائىي توپلارنى تاللاپ سىز بلوگ يازمىغان ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ كەلگۇسى تەرەققىياتىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق.

9. ئىجتىمائىيلاشقان تارقىتىش ۋاستىلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇڭ

سىزنىڭ بلوگڭىزنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان تارقىتىش ۋاستىلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، بىرى سىزنىڭ زىيارەتچىلىرىڭىزنى ئاساس قىلىپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ۋە ئالاقە تورى قۇرۇپ چىقىشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ بلوگىڭىزدىن سىرت( مەسىلەن: مىكروبلوگ) ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاش. يەنە بىرى بولسا، جەمئىيەتلەشكەن تارقىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىنى تەشۋىق قىلىش. بۇ قەدەمنى باسقاندا، ئاۋۋال سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ خاراكتىرى بىلەن ئوخشاش بولغان بىر ئىجتىمائىي ئالاقە توپىغا قاتنىشىپ شۇ جايدا بلوگىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى تارقىتىش ئارقىلىق بلوگىڭىزنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

10. يېڭى يازغۇچى تەكلىپ قىلىش

يېڭى يازغۇچى دېگەنلىك يېڭى ئاۋاز ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت دېمەكتۇر. شۇڭا سىز تېخىمۇ كۆپ بولغان ئارقا سەپ خىزمىتى(ماركىتىڭ تاكتىسىكى ۋە باشقۇرۇش) ئىشلىشىڭىز كېرەك. بىرقىسىم يۇقىرى سۈپەتلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلغاندا سىز بلوگىڭىزنىڭ پارتلاش خاراكتىرلىق ئۈنۈمگە ئىگە بولغانلىقىنى بايقايسىز.

11. مەھسۇلات سېتىش ۋە مۇلازىمەت

بلوگقا ئېلان قۇيۇش ئەڭ ئاددى بولغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى، بىراق سىز مەلۇم مەھسۇلاتنى سېتىش ياكى مۇلازىمەت ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىشنى كاندىدات ئۇسۇل قاتارىدا تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ( بۇ جەھەتتە تەدبىركار بلوگى ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئۇتۇق قازانغان، چۈنكى ئۇلار PJBlog سىستېمىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەھەتتە مەزكۇر بلوگ سىستېمىسىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئىگەللىگەن بولۇپ، كېيىن كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ گەرچە ئۆزى بىر PJBlog سىستېمىسىدا بلوگ قۇرغان بولسىمۇ ئۇنى باشقۇرۇش ۋە ئۆزگىچە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بلوگ VIP مۇلازىمىتىنى يولغا قۇيۇپ باشقىلارنىڭ ئۆزى خالىغان ئاساستا يىللىقى 120.00 يۇەن، يېرىم يىللىقى 60.00 يۈەن قاتارلىق مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرسا ئۇلارغا بلوگنى ئۆز خاھىشى بۇيىچە لاھىيىلىپ بېرىش، قوغداپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئالقىشغا ئېرىشكەن. تەرجىماندىن) ئويلاپ بېقىڭ، ھەركۈنى سىزنىڭ بلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىدىغان زىيارەتچىلەر بەلكىم سىزنىڭ يۇشۇرۇن ئابونتلىرىڭىز بولىشى مۇمكىن. ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇشتىرە بولۇش سانى ياكى زىيارەت قېتىم سانى ئارقىلىق ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا سىزنىڭ بلوگىڭىزدا بىر مەھسۇلاتنى ئېلان قىلىپ ( ئېلكىتاب ياكى دىتاللار) ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. (مەسىلەن: ئەرتۇرك ئەپەندى مەخسۇس بلوگ يازغاندىن بېرى ئۇنىڭ يېڭىدىن بىر رومانى نەشىردىن چىققان، ئۇ شۇ رومانى ھەققىدە بلوگىدا ئېلان بەرگەن ئىدى، مېنىڭچە نەشىرياتلار بۇنىڭ تازا پايدىسىنى كۆردىغۇ دەيمەن. تەرجىماندىن.)

12. سۈپەتلىك مەزمۇن يوللاڭ

سۈپەتلىك مەزمۇن دېگىنىمىز شەخسي ھەمدە سىرتقا ئېلان قىلىنمىغان مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزمۇنلار ھەقسىز تەقدىم قىلىش ياكى ھەقلىق مۇشتىرە بولۇش تۈزۈمى بويىچە ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. سىز ھەقسىز تەمىنلىگەن مەزمۇننىڭ يېنىغا پەقەت شەخسىي بلوگقا تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرۇڭ ياكى ھەقلىق مۇشتىرە بولۇش ھەققىدە تەپسىلىي بولغان دەرسلىك، قۇرال، ئەزالار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئېلكىتاب قاتارلىقلارنى قالدۇرۇڭ. زىيارەتچىلەرنىڭ قوللاپ بېرىشى ئەڭ ئاخىرىدا سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.

13. كەسىپداشلار يىغىلىشى ئېلىپ بېرىڭ

يىللىق مۇسابىقە ياكى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىپ، سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان سىزنىڭ سادىق زىيارەتچىلىرىڭىزنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىڭ، بۇنىڭ سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشىڭىزغا كۆپ پايدىسى بار.( تەرجىمان تەرىپىدىن ئازراق ئۆزگەرتىلدى.)

14. باشقا بلوگلار بىلەن ھەمكارلىشىڭ

باشقا بلوگلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئۆزى ناھايىتى ئاددى ئۇسۇل ئارقىلىق سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

15. كۆچمە ئالاقە قۇراللىرى بلوگى بىلەن تەمىنلەڭ

كۆچمە ئالاقە قۇراللىرى( مەسىلەن PDA ياكى يانفۇن) بىلەن زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان بلوگ تەمىنلەڭ.

16. ۋىدىئو بىلەن تەمىنلەڭ

ۋىدىئولۇق بلوگ بولسا بىر خىل ئادەتتىن تاشقىرى ئېقىم سانى ھاسىل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەزمۇنلىرىنى يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا سۇنغان بولىسىز. مەسىلەن سىز (يوۋكۇ youku تورى ياكى تۇدوۋ tudou تورى قاتارلىقلاردىكى ۋىدىئولاردىن تاللاپ بلوگىڭىزغا قسىتۇرما قىلىپ تەمىنلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.)

يىغىنچاقلىساق، سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن سىز يۈرەكلىك ھالدا بەزى تەۋەككۇلچىلىقلارغا يۈزلىنىشىڭىز ۋە يېڭى ئۇسۇللارنى دادىللىق بىلەن قوللىنىپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. بلوگ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ شەخسىي ئويلىنىش سالۇنىڭىز بۇلۇپ قالماستىن، بەلكى بىر ئالقىشقا ئېرىشكەن بلوگ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۆزى كۆپلىگەن يۇقىرى سۈپەتلىك مەزمۇننىڭ يوللىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بلوگىڭىزنىڭ تەسىرچانلىقى ئاشسا سىزنىڭمۇ نامىڭىز چىقىشىغا زور پايدىسى بار.

ئەسلى ئېنگىلىزچە مەنبە: 16 Ways to Expand Your Blog’s Reach in 2008

خەنزۇچە مەنبە: 16个扩大博客影响力的有效方法

ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئىلقۇت

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى