ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كۆپۈك رومانىدىن ئۈزۈندە

كۆپۈك رومانىدىن ئۈزۈندە

ۋاقتى: 2016-10-06 ئاۋاتلىقى: 7723 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلقۇت ئىلاۋىسى: مەزكۇر روماننى كەمىنە بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىمغۇ دەيمەن. رومان داڭلىق تور يازغۇچىسى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد يېزىپ چىققان رومان بولۇپ، تورداشلارنىڭ پۇرسەت بولسا كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆۋەندە، بۇ روماندىن ئەينى ۋاقىتتا كەمىنە تەرىپىدىن خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالغان ئۈزۈندىلەرنى بېرەپ ئۆتمەكچىمەن.

بايلىقتىن تىقىلىپ، راھەتتىن توپتەك چىڭقىلىپ كەتكەن ۋە دائىم شۇنداق تۇرىدىغان ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى ھەمىشە ئەركىنلىك مەيدانىدا يۇمۇلىنىۋەرمەيدۇ. نەپسانىيەتتىن باشلانغان قانائەتسىزلىك يولى پۇتلىكاشاڭلارغا تولغان بولىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئۆلۈم مەنزىلىگە يېتىپ بولغىچە ئادەم نەچچە مۈدۈرۈلۈپ، يېقىلىپ قوپىدۇ، تىزى يارىلىنىدۇ، قاپىقى يېرىلىدۇ. ھاياتلىق پەقەت ھوزۇرلىنىش ئەمەس. ’’ھوزۇر‘‘دېگەن سۆز ’’ھازىر‘‘ دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈكى؛ ئۇ شۇنداق تەبئىي، يېقىملىق سۆزكى، دىلىمىزنى ۋەسۋەسىگە سالىدۇ. ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ نەپسى تەلەپ قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ھازىر بولۇشى ھوزۇرلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ھوزۇرلىنىش پەقەت ھازىرنىڭ ئىچىدە— دەل شۇ بىۋاسىتە سېزىمنىڭ ئىچىدىلا مەۋجۇت.

شۇڭا’’ھازىر‘‘ بىلەن ئۇنىڭ كۆپلۈكى بولغان ’’ھوزۇر‘‘ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق مۇقەررەر بىر پىسخىك ۋە پەلسەپىۋى باغلىنىش باركى، شۇ ئىككى سۆزدىنلا ئاجايىپ بىر تەپەككۇر مۇناسىۋىتى بايقىلىپ تۇرىدۇ. شۇغىنىسى ’’ھازىر‘‘بىلەن ’’ھوزۇر‘‘نىڭ رىئاللىقتا مۇقەررەر باغلىنىشى ھەمىشە مەۋجۇت بولىۋەرمەيدۇ؛ يەنى ھازىرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان ئادەمنىڭ ھەممىسى ھەمىشە ھوزۇرلىنىۋەرمەيدۇ، ’’ھازىر‘‘ ۋاقىتقا مەنسۇپ، ’’ھۇزۇر‘‘ تۇيغۇغا مەنسۇپ. بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى ھوزۇر پەقەت تۇيغۇدىكى شىرىن قانائەتتىنلا ئىبارەت. ’’ھازىر‘‘ بولسا بىۋاسىتە سېزىم (شىرىن تۇيغۇ بولۇشى ناتايىن) ئارقىلىق ھېس قىلىنىدىغان، كىشىگە سىرلىق تۇيۇلىدىغان ئاشۇ ۋاقىت دېگەن بىر ئۇقۇمغا تەۋە قىلىپ قويۇلغان بىر ھاياتىي جەرياندىن ئىبارەت.

ئەر-ئايالنىڭ جىنسىي ھوزۇرلىنىشى تەڭمۇ تەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ۋاقىت گويا شۇ پەيتتە توختاپ قالغاندەك بولىدۇ، ’’ھازىر‘‘مەۋجۇت بولمايدۇ ياكى خۇددىي ئەبەدىيلىككە سوزۇلغان بولىدۇ. ماھىيەتتە ۋاقىت مەۋجۇت، بىراق ئۇنىڭ ئىنسان تۇيغۇسىدىكى ھالىتى ئاجايىپ بولىدۇ. خۇشال ئۆتكەن ۋاقىت قىسقا، زېرىكىشلىك، ئازابلىق ئۆتكەن ۋاقىت ناھايىتى ئاستا تۇيۇلىدۇ. ۋاقىت تۇيغۇدىكى مەسىلە بولغاچقا كاللىدىن ئاسان ساقىت بولىدۇ. ئۆلۈمنىڭ يىراقتىن غۇۋا كۆرۈنۈۋاتقان قىزىل چىرىغى ئۆمۈر يولىنى يورۇتۇپ، ۋاقىتتىن بېشارەت بېرىپ تۇرمىغىندا، قېرىلىق ۋە ئۆلۈم مەۋجۇت بولمىغىنىدا ۋاقىت دېگەن نەرسە ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھوزۇرلىنىۋېلىش ئارقىلىق، يەنى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان شېرىن تۇيغۇ ئارقىلىق ۋاقىتنى چەكسىز ئۇزارتىۋېتىش ياكى ئاساسەن يوق قىلىۋېتىش مۇمكىنمۇ؟ ھوزۇرلىنىشنى قوغلىشىۋېرىش ھازىرنىڭ ئەھمىيىتىمۇ؟ ’’ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھوزۇرلان!‘‘ دېگەن چاقىرىقنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ھەر قانداق سىياسىي شوئاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ جەلپكارلىقى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ناھايىتى تەسلىكىدە.

ھازىرلا ھوزۇرلىنىمەن دېگەن ئادەم شارائىت ۋە پەيتكە قارىمايلا بېرىپ لەززەتلىك تاماق يېيەلەمدۇ؟ جەلق قىلالامدۇ؟ جۇپتى بىلەن يېقىنچىلىق قىلالامدۇ؟ ياكى كۆڭلى خالىغان باشقا ئاللىقانداق لەززەتلىك ئىشلارنىڭ پەيزىنى سۈرەلەمدۇ؟ ’’ھازىر‘‘نىڭ ھوزۇرى مەيلى شارائىت ياكى ۋاقىت جەھەتتىن بولسۇن قاتمۇ قات چەكلىمىلىككە ئىگە. ’’ھازىر‘‘دىكى ھەددى-ھېسابسىز بىۋاسىتە سېزىم ئۇچۇرلىرى’’ھوزۇر‘‘تۇيغۇلىرىغا ئىنتايىن تەستە ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا ھوزۇرلىنىش كىشىگە ئىنتايىن قىممەتلىك تۇيۇلىدۇ. ھوزۇرلىنىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن ’’ھازىر‘‘لىقلارنى قىلماي بولمايدۇ. ھەر قانداق ھوزۇرغا يېتىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ھازىرلىق كېرەك، ئۇنىڭغا بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ.

………………………………………………………………………….

قىزلار مۇھەببەت ئۈچۈن يارالغان. لېكىن ھازىر بۇنداق قارايدىغان ساددا قىزلار يوق. رىئاللىق ر ەھىمسىز. شەھەردىكى قىزلار كىچىكىدىنلا ئىگىز بىنا، ئىس-تۈتەك، شاۋقۇن-سۈرەن ئىچىدە ياشايدۇ، ياشايدىغان يېرى تار، مۇھىتى بۇلغانغان، شۇڭا قەلبىمۇ ساپ، گۈزەل ئەمەس. مۇھەببەتكە بەك ئىنتىلمەيدۇ، ئىشنى ئەمەلىي ئويلايدۇ، كۆپ نەرسىنى چۈشىنىپ كەتكەن. ئۇلار مۇھەببەتنى بىر-بىرىنى ئالدايدىغان ئويۇن دەپ قارايدۇ، ئوغۇللارغا ئالدىراپ ئىشەنمەيدۇ. ئوغۇللارمۇ بۇ قىزلارنى زاكىسىدىن قېرىپ قالغان دەپ ئويلايدۇ، ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا مۇھەببەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىدۇ. قىزلار ئالدىنىدىغانلىقىنى، بىكار ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ «قېنى قاراپ باقمامدىمەن.» دەپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىدۇ. ئۇلار مەلۇم بىر جايدا جەم بولۇپ مۇھەببەت بايرىقىنى تەڭ كۆتۈرۈپ بىر مەزگىل ئۇيەر-بۇيەردە بىللە پائالىيەت قىلىدۇ. تىكلەپ قويۇلغان بايراق ئاخىر ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، نامايىشنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئىشقا ئاشقاندىن كېيىنلا بايراقنىڭ لازىمى قالمايدۇ؛ ئۇنى قىزلار كۆتۈرەي دېسىمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ لاتىسى يىرتىلغان، دەستى سۇنغان؛ دەستىنى چىڭ باغلىغان بىلەنمۇ ئۇ جايىدا تۇرمايدۇ، لاتىسى بۇرۇنقىدەك لەپىلدىمەيدۇ، چۈنكى ھېسسىيات شاماللىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك كۈچى قالمىغان…

ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئەنە شۇنداق بىر دەملىك نەرسە. جەمئىيەتنى چۈشىنىشتە 10 نەچچە ياشتىكى شەھەر قىزلىرى 20 نەچچە ياشقا كىرگەن ياشلىق يېزا قىزلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. يېزا قىزلىرىنىڭ قەلبى گەرچە ساپ، دىلى ھەقىقىي ئىشىق-مۇھەببەتكە مايىل بولسىمۇ لېكىن ئۇ بىچارىلەر ئەركىن ئەمەس. ئەرگە تەگكەن كۈنىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئېرىگە باغلىنىدۇ، ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىسە بالىسىغا ئەمەك بولىدۇ، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى بالىسىدىن تاپماقچى بولىدۇ، ئاشۇنداق بىر ئۆمۈر جاپا چېكىدۇ، ئارزۇسىغا يېتەلمىسىمۇ ئۆتكەن كۈنلىرىگە بەك ئېچىنىپ كەتمەيدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن ساددا، كىچىككىنە كۆڭۈل خوشلۇقىمۇ ئۇلارغا ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇنداق بەختنى شەھەرلىكلەر ھېس قىلالمايدۇ ھەم مەڭگۈ چۈشىنەلمەيدۇ.

——————————————–

قىزلار ئاياللىقنىڭ ماھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاياللار ھەر قاچان دەردمەن كېلىدۇ، ئۆزىنى بەختلىك دېگەن ئايالنىڭ كۈلكىسى ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. ئاياللارنىڭ يېشى ھەر بىر تۆكۈلگەندە يۈرىكى مۇزلايدۇ، ئۆزىنى ئازابلىغان ھەر قانداق نېمىنى بوش قويماسلىق ئىرادىسى كۈچىيىدۇ. ئايال خەق ئەگەر يامانلىقتا ئۇچىغا چىقىدىغان بولسا ھەر قانداق ئەر ئۇنىڭ ئالدىدا يىپ ئېشەلمەيدۇ. ئايال خەق ئەسكىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ، ئايال خەق ساراڭ بولسا ھېچكىم ئۇنى باشقۇرالمايدۇ، پەقەت ئۆلۈملا ئۇنى خاتىرجەم قىلىدۇ. شۇڭا ئاياللارغا ئەخلاق ۋە مۇلايىملىق تەربىيىسى كىچىكىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈلىدۇ. ھەر قانداق دىن ۋە ئەخلاقتا ئاياللارغا قارىتا ئاشۇنداق ۋەز-نەسىھەت ئەزەلدىن كۆپ بولغان. بىزگە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ يېتىپ كەلگىنىمۇ شۇ…

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى