ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

چىڭگىزخاننىڭ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنى كارخانا باشقۇرۇشقا تەدبىرلىغاندا…

چىڭگىزخاننىڭ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنى كارخانا باشقۇرۇشقا تەدبىرلىغاندا…

ۋاقتى: 2016-10-16 ئاۋاتلىقى: 7289 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.روھىي كۈچ

موڭغۇل ئىمپېراتورى چىڭگىزخاننىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىش- پائالىيەتلىرى ۋە تەپەككۇر يولىدىن بىز تولىمۇ قىزىقارلىق بىر نەرسىنى بايقىۋالالايمىز. ئۇ بولسىمۇ چىڭگىزخاندىكى ھازىرقى زامان كارخانىچىلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك بىر خىل روھ . چىڭگىزخاندىكى چىدامچانلىق ۋە ئىنتىلىشچانلىق. «ئوتلاق بولغانلىكى يەر مېنىڭ يايلىقىم بولۇشى كېرەك». دەل مۇشۇ ئۇلۇغۋار غايە چىڭگىزخاننىڭ روھىي يۆلەنچۇكى بولغانىدى. مۇشۇ غايە ئۇچۇن چىڭگىزخان ئۇچ قېتىم ئون مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ ئۇرۇش قىلدى. موڭغۇل ئاتلىرى خۇاڭخې، چاڭجىياڭ دەريالىرىدىن كېچىپ ئۆتۈپلا يەنە ئامۇ، ھىندى، دوناي ۋادىلىرىدا ئىزىنى قالدۇردى.

كىرومۋىل مۇنداق دېگەن : بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي-چوقۇرى كوپ دېگەندەك. ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانى بولمىغان كىشى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. «يايلاقلا بولىدىكەن موڭغۇللار ھايات كەچۈرەلەيدۇ». چىڭگىزخاننىڭ بۇ بىر ئېغىز سۆزى بىزگە ئۇنىڭ ئۇرۇش ئۇچۇن تۇغۇلغان ھاياتىنىڭ كارتىسى سىزىپ بېرەلەيدۇ. چىڭگىزخان يارىلىنىشنىڭ، مەغلۇپ بولۇشنىڭ، تاشلىۋېتىشنىڭ ۋە ئەسىرگە چۈشۈشنىڭ تەمىنى تېتىغان. ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى غېرىبانە جاپالىق تۇرمۇشى ئۇنىڭ ئارمانغا يېتىش ئۇچۇن قەتئىي ئىرادە تىكلەش، ھاقارەتكە چىداش روھىنى يېتىلدۈرۈپ ئۇنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە تۈرتكە بولغان. ئاشۇنداق پولاتتەك ئىرادە بولغاچقىلا، ئۇ كېيىنكى چاغلاردا ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىغان.

يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئىقتىسادشۇناسى فەن گاڭ كارخانىچىلار روھىنىڭ ماھىيىتىنى يېڭىلىق يارىتىش دەپ قارايدۇ. كەم ئۇچرايدىغان نەرسىنىڭلا ئالماشتۇرۇش قىممىتى بولىدۇ. كەم ئۇچراش پىرىنسىپ جەھەتتە ئىجادىلىقىنى، باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئىدىيىنى ۋە مەھسۇلاتنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ كارخانىنىڭ تۇپ نىشانى بىلەن بىردەك. شۇڭلاشقا ئىجادچانلىق كارخانىچىلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپادۇر. چىڭگىزخان قوراللارنى يېڭىلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇنىڭ ئىلكىدىكى قوراللار سوغۇق قوراللار دەۋرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىپ دۇنيا ھەربىي ئىشلىرىنىڭ ئوت قوراللار دەۋرىگە كىرىشىگە زور رول ئوينىغان. «كۆكنى تەۋرىتىش مىناسى» موڭغۇل ئەسكەرلىرى ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان قورال ئىدى. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى گىراناتتۇر. بۇ گىراناتلارنىڭ كىچىكرەكى قول بىلەن ئېتىلاتتى . چوڭراقى تاش ئاتار بىلەن ئېتىلاتتى. ئۇ دۇشمەنگە ئەجەللىك زەربە بېرەلەيتتى. ئاتلار ياكى بۇ خىل گىراناتنى بىلمەيدىغان دۇشمەنلەر ئۇنىڭ پارتلاش ئاۋازىدىن قورقۇپ روھى چىقىپ كېتەتتى. چىڭگىزخان دەۋرىدە ياسالغان زەمبىرەك ئەينى چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ زور قىرغىن قىلىش كۈچىگە ئىگە ئوت قورال ئىدى. 1220-يىلى چىڭگىزخان خارەزىمگە ھۇجۇم قىلغاندا دۇنيادىكى تۇنجى توپچى قىسىمنى تەشكىللەپ ئۆگىداينى ئالىي قوماندانلىققا تەيىنلىگەنىدى. سەمەرقەنىتكە ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇلارغا ئوت پۇركۇگۇچ ئىشلەتكەنىدى. ھەربىي ئالىم فەن سۇن مۇنداق دېگەن 800 يىل ئىلگىرى چىڭگىزخان تۇنجى قېتىم قاتۇرۇلغان بومبىنى ئىشلەتكەن.

2. داڭلىق ماركا كۈچى

چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنى شەرقتە تىنىچ ئوكياندىن غەربتە دوناي دەرياسىغىچە، شىمالدا سىبىريىدىن جەنۇپتا پىرسىيە قولتۇقىغىچە يېتىپ بېرىپ، تەڭداشسىز قوشۇنغا ئايلاندى. چىڭگىزخاننىڭ پۇقرالىرى ئىخلاسمەن مۇرتلاردەك چىڭگىزخانغا تولىمۇ سادىق بولدى. ئۇنىڭ مۇقەددەس پەرمانلىرىنى بىجاندىل ئورۇنداپ كەلدى. چىڭگىزخان روھىغا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە نەزىر بېرىش باشلانغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە موڭغۇل مىللىتى بۇ ئەنئەنىسىنى 7 يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش. بۇ «چىڭگىزخان » ماركىسىنىڭ كۈچ- قۇدرىتىدۇر.

(1) «چىڭگىزخان» داڭلىق ماركىسىنىڭ يادرولۇق قىممىتى غەلىبە ئىلاھى چىڭگىزخان ھەقىقىي ئۇرۇش ئىلاھى . ئۇ ئۆمرىدە 60 نەچچە قېتىم جەڭ قىلغان. «13 قانات ئۇرۇشى»دا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنگىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، چىڭگىزخان قالغان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلغان. «جۇڭگونىڭ بۈيۈك خاقانلىرى مەجمۇئەسى»دە مۇنداق دېيىلگەن: چىڭگىزخان كېيىنكىلەر مەڭگۈ يېتەلمەيدىغان تالانت ئىگىسى .ئۇ پسىخىك ھۇجۇمنى بىر خىل قۇدرەتلىك «شەكىلسىز قورال»غا ئايلاندۇردى . ھەر قانداق بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇ بۇ شەھەرگە ئىلگىرى ئۆزىگە قارشى چىققان شەھەرلەرنىڭ قانداق قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئەسكەرتەتتى. «ئۇرۇش ئىلاھى» ماركىسىنى تىكلەش ۋە ئۇنى تارقىتىش چىڭگىزخاننىڭ شەھەرلەرنى بويسۇندۇرۇشتىكى ئالىي تەدبىرىگە ئايلاندى.

(2) سەمىمىيەت چىڭگىزخان خانلىق تەخىتكە ئولتۇرۇشتىن 23 يىل ئىلگىرى تايچىغۇتلار تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. ئۇ تايچىغۇتلارنىڭ قولىدىن قېچىپ چىققاندا، بىر قۇلنىڭ قىزى ئۇنى قوي يۇڭىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەتەردىن قۇتۇلىدۇ. قىزنىڭ شاپائىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن، چىڭگىزخان ئۇنى ئەمرىگە ئېلىش ھەققىدە قەسەم بېرىدۇ. 23 يىلدىن كېيىن چىڭگىزخان تايچىغۇتلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ ھەمدە قەسىمى بويىچە ھېلىقى قىزنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنى 4- خانىشى قىلىدۇ.

(3) خادىملار سادىقلىقى. ھازىرقى زامان ماركېتېڭىدىكى مۇھىم نۇقتىئىنەزەر سادىقلىق قۇرۇلۇشى ئەمما كۆپرەك تىلغا ئالىدىغىنىمىز خېرىدارلارنىڭ سادىقلىقى. ئەمەلىيەتتە، خادىملارنىڭ سادىقلىقىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم، ئادەم بىر كارخانىدىكى مۇھىم بايلىق، ئەگەر خادىملار سادىق بولمىسا، خېرىدارلارنىڭ سادىقلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. چىڭگىزخان تەيىنلىگەن سەركەردىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلمىغان. ئۇلار چىڭگىزخانغا بىر ئۆمۇر سادىق بولغان. چىڭگىزخان سەركەردىلىرى ۋە تۆھپىكارلىرىنى ئۆلتۈرمىگەن بىردىنبىر خاقاندۇر. چىڭگىزخاننىڭ ئىختىساسلىقلار قارىشى مۇنداق: ئىختىساسلىقلارنى دادىللىق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىشلىتىش. چىڭگىزخان مىللەت چەكلىمىسى ۋە دەرىجە ئايرىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئۇ ئىختىساسلىقلارنى دادىللىق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىشلىتىپ ئۇلارغا يۇقىرى مەنسەپ بەرگەن ئالايلۇق؛ «تۆت مۆتىۋەر »-مۇقالى، بوېرچۇ، چىلاۇن، بولغۇل. «تۆت تالانت ئىگىسى»-سۇبۇتاي، جەبە، قۇلباي، جەلىبالارنىڭ ھەممىسى قۇل ۋە كەمبەغەللەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەيئەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇرۇشتا چىڭگىزخاننى يارىلاندۇرغان بولسىمۇ، چىڭگىزخان ئۇلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىشلەتكەن. ئۇ يەنە ھەر قايسى مىللەتلەردىن بولغان، ياللۇغ جۇسەي، تاتاتۇڭا، جېنخەي، جىيۇچۇچى قاتارلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن تۆھپىسىگە قاراپ ئىنئام بېرىش، يېتەرلىك ھوقۇق بېرىش. چىڭگىزخان خانلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە قاراپ 95 مىڭبېگى، تۆت نويان يەنە نۇرغۇن يۈزبېشى تەيىنلىگەن. قەدىمكى خاقانلار تۆھپە ياراتقانلارنى دائىم ھاراق زىياپىتىدە ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلايتتى. ئەمما چىڭگىزخان تۆھپە ياراتقان سەركەردىلەرگە تولۇق ھوقۇق بېرەتتى. يېقىن تونۇشلىرى خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۆزى بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا، سەركەردىلەر ۋە نويانلارغا ئۆلۇم جازاسى بېرىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى بەرگەنىدى كوللىكتىپ روھ، دېموكراتىك ئاڭ چىڭگىزخان ئەسكەرلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى، سەركەردىلىرىدىن ئەسكەرلەرنى بىھۇدە قۇربان قىلماسلىقنى، يارىدارلارنى ۋە ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنى تاشلاپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلاتتى. چىڭگىزخاننىڭ كوللىتىپچانلىق روھى ئۇنىڭ دېموكراتىك ئېڭىدا ئىپادىلىنىدۇ، چىڭگىزخان چوڭ قارارلارنى «قۇرۇلتاي» ئېچىپ بېكىتەتتى. سۈرئەت ھازىرقى زامان بازار رىقابىتىدىكى «تېز ئۈزەر بېلىقنىڭ ئاستا ئۈزەر بېلىقنى يېيىشى» دىن ئىبارەت ئىدىيىنى چىڭگىزخاننىڭ يۈگۈرۈك ئات، ئاستا چاپىدىغان ئاتنى يېڭىش ئىستىراگىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. چىڭگىزخان موڭغۇل جەمئىيىتىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، موڭغۇل ئارمىيىسىنى ئاتلىق قوشۇنغا ئايلاندۇرۇپ ،تەڭداشسىز ئاتلىق قىسىمنى تەشكىللىدى موڭغۇل ئەسكەرلىرى غەربلىكلەر تەرىپىدىن «موڭغۇل قويۇنى» دەپ ئاتالدى. چىڭگىزخان تېز ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىپ، ئاز كۈچ بىلەن زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇلار ۋېنگرىيە تۈزلەڭلىكىدە ئۇرۇش قىلغاندا، 23 مىل مۇساپىنى ئۈچ كۈندە بېسىپ بولغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى «سۈرئەت» دۇنياغا مەشھۇر «تەڭرىقۇت» نىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە ئاچقۇچقا ئايلانغان نەسىللىك موڭغۇل ئاتلىرى قەدىمكى ئۇرۇشلاردىكى «تانكا» غا ئايلاندى، موڭغۇللارنىڭ ئۇرۇش ئاتلىرىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس ئاپىراتلىرى بار ئىدى، ئات بېقىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، ئاتلار ئۈچ يىل مەشىقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن، نەچچە يۈز چاقىرىم يول يۈرسىمۇ تەرلىمەيتتى، تىزگىن ئىشلەتمىسىمۇ توپتىن ئادىشىپ قالمايتتى. ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا موڭغۇل ئاتلىرى بىر كۈندە بىر قېتىم سۇ ئىچىۋالسىلا بولاتتى. ئەسكەرلەر بىر كۈن بىر ئاتتىن چۈشمەيتتى. دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئاتاكىغا ئۆتۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مىوڭغول ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئىككى ئاتنى ئالماشتۇرۇپ مىنەتتى.

3. ئۇچۇر كۈچى

ھازىرقى زامان كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ باش شىتاپنىڭ تېرمىنال ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن بولغان ھەرىكەتچان سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى كارخانىنىڭ ئىنكاس سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇچۇرنىڭ راۋان بولۇش بولماسلىقى كارخانىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى -تۆۋەنلىكى ۋە توغرا -خاتالىقنى بىۋاستە بەلگىلەيدۇ. چىڭگىزخان تارىختا ئەڭ بۇرۇن ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسىنى قۇرغان كىشى. ئاشۇ «ئۇچۇر -ئالاقە سىستېمىسى» دەل دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئۆتەڭ ئالاقىچىلىكىدۇر، ئالاقە سىستېمىسى(clo)سى (ئۇچۇرچى) «تۆت تالانت ئىگىسى» نىڭ بىرى جەلمە ئىدى. يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن بىلەن باش شىتاپ ئالاقىچىلىكىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۈەن سۇلالىسىدە قۇرۇلغان ئۆتەڭ 1328 كە يەتكەن، ھەر 20 چاقىرىمدا بىر جىددىي يەتكۈزۈش ئۆتىڭى تەسىس قىلىنغان، ئاتلىق ئەسكەرلەر بىر كۈندە نەچچە يۈز چاقىرىم يول يۈرەتتى. جىددىي ھەربىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، كېچە كۈندۈز يول يۈرەتتى، ئات ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇكى، ئادەم ئالماشمايتتى. چىڭگىزخاننىڭ پەرمانى ھەر قايسى قىسىملارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنقى سەپ ئۇرۇش ئەھۋاللىرى شۇ يول بىلەن ئالي قوماندانلىق شىتابىغا يەتكۈزۈلەتتى. كورىيەدە نەشىر قىلىنغان «مىڭ يىللىق تارىخىي شەخىسلەر» دېگەن كىتاپتا مۇنداق دېيىلگەن: چىڭگىزخان قۇرغان ئۆتەڭلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئالاقىچىلىك كەسپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئەڭ تېز ئۇسۇلى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئىنتېرنېت تورىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.

4. ئىجرا قىلىش كۈچى

ئىجرا قىلىش كۈچى ھازىرقى زامان كارخانىچىلىقىدىكى قىزىق نۇقتا. لاررې بوشدې ۋە لام چاران يازغان «ئىجرا قىلىش كۈچى» دېگەن كىتاپنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىشى 300 مىڭ پارچىگە يەتكەن. تېز سېتىلىدىغان سودا كىتاپلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ كىتاپ ھازىر كارخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان ھايات -مامات كىرزىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ئىجرا قىلىش كۈچى ئىستىراتىگىيىسىدۇر» «خەيشىن» شىركىتىنىڭ (ceo باش ئىجراچى) سى جۇ خۇيەن مۇنداق دەيدۇ: كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ. «خەيشىن» شىركىتىنىڭ ھازىر جىددىي ھەل قىلىدىغان مەسىلىسى ئىجرا قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇش مەسىلسى، ئىجرا قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى كارخانا باشقۇرۇشتىكى «قارا ئۆڭكۈردۇر» ياخشى تەدبىر مۇۋەپىقىيەتلىك ئىجرا قىلىنغاندىلا قىممىتىنى ئىپادىلەيدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىجرا قىلىشتا، ئىجرا قىلىش رىقابەت كۈچىنىڭ ئاداققى ئىپادىسى چىڭگىزخان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن «قۇرۇلتاي» ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ تۇنجى يازما قانۇنىنى تۈزۈپ چىقتى. چىڭگىزخاننىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى قاتتىق قوللۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. خان جەمەتتىكىلەرمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، قانۇن بويىچە جازالىناتتى. چىڭگىزخاننىڭ تاغىسى دارىتاي بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا بەلگىلىمىگە خىلاپ مال مۈلۈك بۇلايدۇ، چىڭگىزخان بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن. ئاۋامنىڭ ئالدىدا دارىتاينى قامچىلايدۇ. دارىتاي «مەن سېنىڭ تاغاڭ تۇرسام، ئازراق مال- مۈلۇك ئېلىپ قويغانغا شۇنچە قامچىلامسەن؟» دەيدۇ. چىڭگىزخان: سەن مېنىڭ تاغام، ئەمما مەن سېنىڭ خاقانىڭ! دەپ ئۇنى قارارگاھتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. چىڭگىزخاننىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ۋەدە قىلغاننى نەقلەشتۈرۈشتە ئىپادىلنىدۇ. چىڭگىزخاننىڭ سەركەردىسى خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، چىڭگىزخان ئۇنىڭغا 30 خوتۇن ھەدىيە قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ. كۆپچىلىك بۇنى چاقچاق دەپ چۈشىنىدۇ. كېيىن قۇرچى ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىشتا خاتالىق سادىر قىلسىمۇ، چىڭگىزخان ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا 30 خوتۇن ھەدىيە قىلىدۇ. «مۇنەۋۋەردىن كارامەتكىچە (从优秀到卓越)» دېگەن كىتاپنىڭ ئاپتورى جىم كوللىنىس مۇنداق دەيدۇ: «ئىمپىراتۇرلارنىڭ يولى بولغان ئىجرا قىلىش كۈچى دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئورتاق مەخپىيىتى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان كارخانىلىرىنىڭ زۆرۈر تاللشىدۇر».
——–

(جۇڭگۇ سودا تورى)دىن ئەركىن ئابلەت (ت)

مەنبە: جۇڭغار تورى

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى