ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئارماننىڭ خادىم ئىشلىتىش ئەندىزىسى ھەققىدە يۈزەكى ئويلىنىش

ئارماننىڭ خادىم ئىشلىتىش ئەندىزىسى ھەققىدە يۈزەكى ئويلىنىش

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 6904 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇرۇن ئارماندا ئىشىلىگەن بىر نەچچە قېرىندىشىمىزدىن ئارماندا تولا ئادەم يەڭگۈشلىنىدىغانلىقى، شىركەتتە خادىملارنى ئىنسانىي يوسۇندا باشقۇرۇش ھالقىسدا  بەزى مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. بەلكىم ئىشىتىن بوشىتىلغان ئۇ بالىلار ماڭا ئىشنى كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكەندۇر ياكى ھازىر ئارماننىڭ خادىملارنى ئىنسانىي يوسۇندا باشقۇرۇش ھالقىسدا ياخشىلىنىش بولغاندۇر.  ئشىقىلىپ نېمىلا بولسۇن، تولا خادىم ئالماشتۇرغان شىركەت ياخشى شىركەت ئەمەس. ئامېرىكىدا شىركەتلەر بەك ئېغىر خاتالىق سادىر قىلمىسلا ئادەملەرنى ئشىتىن بوشاتمايدۇ. بولسا ئارمان شىركىتىنىڭ خادىملارنى ئىنسانىي باشقۇرۇش ھالقىسىدا تېخىمۇ تىرىششىنى، شۇ يەردە ئشىلەۋاتقان قىز-ئوغۇللارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئارمان ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىغا، شۇ يەردە تۇرۇپ قېلشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئارماننىڭ ئادەم ئىشلىتىش ھەققىدىكى ئىشلىرىغا مېنىڭ دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىمغا خېلى بولدى. ئارماننىڭ ئادەم ئىشلىتىشىدە مېنىڭچە ئېغىر مەسىلە بار. ھازىرقىدەك ئۆزىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرغان شىركەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارماننىڭ ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتىكى نوقسانلىرىنى بالدۇر ھەل قىلىشى مېنىڭچە ئۇلارنى كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈچۈن زور پايدىلىق دەپ ئويلايمەن.
مەن ئارماننىڭ يۇقىرى قاتلام خادىملىرىنىڭ  قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش-باشقۇرۇلۇش ئەندىزىسىنىڭ قانداقلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما مېنىڭ كۆرەلىگىنىم ۋە ھېس قىلالىغىنىم ئارماننىڭ تاللا بازىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئارماننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تەمىنلىگەن ئىش ھەققى مەسىلىسىدۇر. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن ئارماننىڭ يۇقىرى قاتلام خادىملىرى ھەققىدىمۇ ئاز-تولا قىياس قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن.
ئالدى بىلەن ئارمان تاللا بازىرىنىڭ پۇل يىغىش پوكىيى ۋە مال رەتلىگۈچى، تولۇقلىغۇچى، كۆزەتكۈچى (مەخسۇس نازرەتچىلىك قىلىدىغان خادىملار) نىڭ ساپاسى جەھەتتە ئېغىر مەسىلە بار. ئارمانغا كىرىپ قارايدىغانلا بولساق ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانداقلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىدا ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچى، ئارماننىڭ نوپۇزىغا دىققەت قىلماسلىق. يەنى ئۆزىنىڭ بىر ئارماندەك پېيىنى بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرغان گۇروھ خاراكتېرلىك شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىش. يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى ئارماننىڭ ئامما قەلبىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈش.
ئىككىنچى، ئارمانلىقلارنىڭ (رادىل ئابلانىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا نەچچە مىڭلىغان ئارمان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ) خىزمەتكە بولغان پۇزىتسىيە، مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى. ئارمانلىقلارنىڭ خىزمەت پۇزىيتسىيەسى ناھايىتى ناچار، مەن ھازىرغىچە ئارماننىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ پۇزىتسىيەسىدىن رازى بولۇپ باقمىدىم. (بۇنداق دېسەم تەلىپىڭ يۇقىرى ئىكەن دېيىشىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئارماندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۆز پېيىنى بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرغان چوڭ شىركەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئارماندا ئىشلەۋاتقان بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان تەلەپمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولۇشى كېرەك.) سىلەر باشقا تاللا بازارلىرى (مەسىلەن دوسلۇق تاللا بازىرى (友谊超市)، ئائىلە خۇشاللىقى تاللا بازىرى (家家乐乐)، ياخشى يۇرت تاللا بازىرى (好家乡超市)) قاتارلىق تاللا بازارلىرىغا (دۆلىتىمىزدىكى تاللا بازىرى) كىرىپ قاراپ بېقىڭلار، ئۇلارنىڭ خىزمەت پۇزىتسىيەسى قانداق؟ ئۇلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقى  قانداق؟ ئاندىن قايتىپ چىقىپ ئارمان تاللا بازىرىغا قايتا نەزەر سېلىپ بېقىڭلار، شۇنىڭدا ئۇلاردىكى پەرقنى روشەن دەرىجىدە ھېس قىلىپ يېتەلەيسىلەر. (بۇنداق دېسەم ئۇيغۇرلارنى ئۇلارغا سېلىشتۇرساڭ بولمايدۇ دېيىشىڭلار مۇمكىن. ئەمما ئارمان پېيىنى بازارغا سالمىغان بولسا سېلىشتۇرمىساقمۇ بولاتتى، لېكىن ئارمان پېيىنى بازارغا سالغان ئىكەن، چوقۇم سېلىشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى ئارمانمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ رىقابەتلىشىدۇ. ئارمان پېيىنى بازارغا سالغان ھامان ئۆز ئوبرازى ئۇلاردىن ياخشى بولۇشى كېرەك.)
ئۈچىنچى، مېنىڭچە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئېغىر مەسىلە بار بولۇشى مۇمكىن. قىسقىسى ئارمانلىقلار بەكلا ئىخىتىيارى (太随意) بەزى خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئېسىدە يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە ئارماننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، گەپ-سۆزى ئىمكان بار قېلىپلىشىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئارماننىڭ ئوبرازىنىڭ ئېشىشىغا زور پايدىسى بار. ئەلۋەتتە، ھازىر ئارمان ئۆز ئىشچى-خىزمەتلىرىنىڭ ئوخشاش خىزمەت كىيىمى كىيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، گەپ-سۆزى (مەسىلەن خېرىدارلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا قانداق يۇسۇندا جاۋاب قايتۇرۇش، خېرىدارلارغا بىر نەرسە چۈشەندۈرگەندە قانداق يۇسۇندا چۈشەندۈرۈش دېگەندەك) قېلىپلاشتۇرۇلغاندا ئاندىن ئارماننىڭ ئاۋام قەلبىدىكى ئوبرازى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. قىسقىسى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ قېلىپلىشىش ياكى قېلىپلاشماسلىقى بىۋاستە ھالدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدا تولۇق گەۋدىلىنىدۇ. باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قانچە مۇكەممەل، قانچە قېلىپلاشقان بولسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خاتالىق سادىر قىلىش نسىبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئارمان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى چوقۇم ئىسلاھ قىلىشى، ھازىرقى زامان كارخانىلىرىنىڭ خادىم باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بويىچە باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
تۆتىنچىدىن، ئارمانلىقلارنىڭ خىزمەت ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن. بولۇپمۇ پۇل يىغىش پوكىيىدىكىلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەن. بۇنىڭ قانچىلىك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تاللا بازىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا ئاسانلا كۆرىۋالالايمىز….
خوش، يۇقىرىدا ئارمانلىقلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى. ئەمما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەردىكى مەسىلىلەر تۈپ نىگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئارماننىڭ ئۆزى سەۋەبچى بولغان.
بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:
بىرىنچى، ئارمان ئۆز ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە تەمىنلىگەن ئىش ھەققى، تەمىنات مەسىلىسى ھازىرقى ئارماننىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمىگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، رادىل ئابلامۇ ئېيتىپ ئۆتتى، بىر شىركەت پېيىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئودا 3 يىل زىيان تارتمىغان بولۇش، پايدا ئېشىش نىسبىتى %30 ئەتراپىدا بولۇش (سانلىق قىممەت مۇشۇنداققۇ دەيمەن ھە؟ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلى سۆھبەتنى قايتا كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىدى، خاتا بولسا تۈزىتىش بەرگەيسىلەر، ئۆزرىلىكمەن) شەرتى ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. دېمەك ئارمان پېيىنى بازارغا سالىدۇ دېگەنلىك ئارمان ئىزچىل ھالدا زىيان تارتماي تەرەققىي قىلىپ ھەمدە ھەر يىلىغا %30 لىك پايدا ئېشىش نسىبىتى بىلەن تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقىلى 3 يىل بولدى دېگەن گەپ. ئەمما بىز قارايدىغان بولساق ئارمانلىقلارنىڭ ئىش ھەققى، تەمىنات مەسىلىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. قىسقىسى ئارماننىڭ خادىملىرىغا تەمىنلىگەن ئىش ھەققى ۋە تەمىناتى ئارماننىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قىلچە ماس كەلمەيدۇ.
ئىككىنچى، ئارماندەك چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۆز ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈلدىكىدەك ئىش ھەققى، تەمىنات بېرەلمەسلىك جەمئىيەتتە ئەكس تەسىرىنى كۆرسەتكە. ھازىر ئارىمىزدا دۆلەتنىڭ تۆمۈر قاچىسىغا ئېرىشىش ئىستىكى بەكمۇ كۈچلۈك، شۇ ۋەجىدىن نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئامالسىز دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئېرىشىش يولىدىلا تىرىشىۋاتىدۇ (ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى باشقا چەمىبرەك ئەزالىرى تەرىپىدىن كېلىدىغان بېسىمنىڭ يۇقىرىلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولىۋاتىدۇ) شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى رادىل ئابلانىڭ نۇرغۇنلىغان ئىز باسارلىرى ئامالسىز ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمان، غايىلىرىنى تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىلكەش نىشانىدىن كېچىپ ئامالسىز دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئېرىشىش يولىدا كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىنى سۆككەنلىك ئەمەس، ئەمما ھەر بىر مەكتەپ پۈتتۈرگەن ستودېتلىرىمىزنىڭ چوقۇم دۆلەتنىڭ تۆمۈر قاچىسىغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھازىر دۆلىتىمىزدە يىلىغا نەچچە يۈز تۆمەن ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ ھەر يىلىغا ئاجرىتىلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى ناھايىتى چەكلىك، ئەگەر مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم دۆلەتنىڭ تۆمۇر تاۋىقىغا ئېرىشىمەن دېسە چوقۇم ئارتۇق ساندىكىلەر باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىشى كېرەك يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.
دۆلەتنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولغان ئىكەن بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە ئىقتىدارى بار بولغانلار ئىگىلىك تىكلەش ياكى باشقا ئارماندەك شىركەتلەردە ئىشلەپ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشى، بىر قىسىم دۆلەت مەمۇرىلىقىدا خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ۋە شۇنىڭغا ماس كېلىدىغانلار دۆلەت مەمۇرىلىق خىزمىتىنى قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئاندىن جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ. ئەمما گەپنى قايتۇرۇپ كەلسەك، ھازىر نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئامالسىز ئۆز غايە نىشانلىرىدىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى بىرى ئارماندەك چوڭ شىركەتلەرمۇ ياشلارغا ئىش ھەققى ۋە تەمىناتنى ياخشى قىلىپ بېرەلمەيدۇ ھەم باشقۇرۇش ئەندىزىسى تېخى تولۇق قېلىپلاشمىغان بولغاچقا ئاسانلا ئادەم ئالمىشىش ھادىسىسى تەبئىي يۈز بېرىدۇ. ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئارماندەك چوڭ شىركەتلەردە خىزمەت قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ، چۈنكى ئارماننىڭ تەمىناتى ياخشى ئەمەس، خىزمەتكە ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ دېگەن ئۇقۇم ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە ئەكىس ئېىتىدۇ-دە، پەرزەنتلىرىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ دۆلەت مەمۇرىلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەمما پەرزەنتلىرىنىڭ دادىل ئىگىلىك تىكلىشىگە قەتئىي قارىشى تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارماننىڭ ئوبرازىغا دەز كېتىدۇ.
بۇ يەردە مەن بىر دوستۇمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئازراق مىسال قىلىپ قسىتۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
مېنىڭ بىر دوستۇم ئەينى ۋاقىتتا ئۆز يۇرتىدىن ھەممىنىڭ كۆزىنى ھاڭ قالدۇرۇپ يالغۇز بىر ئوقۇغۇچى يۇرتىدىن ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشتەك زور شان-شەرەپكە ئېرىشىپ، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇشتەك ياخشى پۇرسەتكە ئىگە بولغان ھەم ئودا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپنى ئىچكىرى شەھەرلەردە تاماملاپ 8 يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا شىركەتلەردە ئىشلەش كويىدا بولۇپ، دۆلەت مەمۇرىلىق ئىمتىھانلىرىغا قەتئىي قاتناشمىغان، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى قەتئىي قوللىمىغان، ھە دېسە تاپا-تەنە قىلىپ 8 يىل ئىچىكىرىدە ئوقۇپ ئەمدى كادىر بولماي، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئەخمەق، دۆت دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەن. ئۇ شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇلارنى قايىل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولغاچقا ئۇلارغا نۆۋىتى كەلسە چىرايلىق چۈشەنچە بېرىپ بولمىسا ئۆزى توغرا تاپقان يول بويىچە كارخانىچىلىق يولىنى تاللىغان ۋە بۇ ساھەدە ئىزدىنىشكە بەل باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ تەدرىجىي ھالدا بۇنداق گەپ ئۆتمەس «ياغاچ قولاق»قا كۆپ كايىمايدىغان، قىسقىسى ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلاشمايدىغان بولغان. ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولمىغان. ئۇ بىر قېتىم يۇرتىغا قايتقاندا، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆيىگە جەم بولغاندا يەنىلا ئۇنىڭ خىزمەت مەسىلىسى ئاساسىي پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالغان. ئۇرۇق-تۇققانلىرى يەنىلا ئۇنى ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئەمما گەپنىڭ چېڭى ئەمدى چىققان، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنىڭ 8 يىل ئىچكىرىدە ئوقۇپ مەكتەپنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوڭۇشلۇق تاماملىيالىغانلىقىدىن گۇمانلانغان. شۇڭا ئۇنىڭ يۈزىگە سېلىپ: «ئەسلى سەن مەكتەپ پۈتتۈرەلمەپتىكەنسەن، سېنىڭ ئىمتىھانغا قاتىنىشىش سالاھىيتىڭ يوق ئىكەن.» دەپ ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئۆچمەس جاراھەت قالدۇرغان. بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۆز ئارزۇ-نىشانى، غايىسى بويىچە ئىش كۆرىمەن دېسە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن كەلگەن بېسىم بۇنچە بولغان يەردە جەمئىيەتتىن كېلىدىغان بېسىمنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى تورداشلارغا ئايان بولسا كېرەك.
شۇڭا، مېنىڭچە ئارماندەك چوڭ شىركەتلەر ئاۋۋال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەققى ۋە تەمىناتىنى ياخشىلاپ بېرىش ئارقىلىق، ئۆزىدە بىر قېتىملىق ئىسلاھ قىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ قېنىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئىش ھەققى ۋە تەمىناتىنى ياخشى قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تەلەپنى قاتتىق قويۇشى، ئەگەر تەلەپنى ئورۇندىيالمىسا ئۇلارغا قىلچە شەپقەت قىلماستىن ئىشتىن بوشىتىپ ئورنىغا تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىساس ئىگىسىنى قويۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئارماننىڭ ھازىرقى ھالىتىدىكى ئىش ئۈنۈمىنىڭ نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگەندىن سىرت ئارماننىڭ ئوبرازىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن زور ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن. ئارماننىڭ ھازىرقى ھالىتىدە مېڭىشى بىر ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش (慢性自杀) نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
ئۈچىنچى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش-ھەققى ۋە تەمىناتىنى ياخشىلاپ، قان ئالماشتۇرۇش. بۇ يەردە نىگىزلىك مەسىلە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە تەمىناتىنى ياخشىلاش، ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتىنى ياخشىلىمىغاندا ئۇلارغا يۇقىرى تەلەپ قويغىلى بولمايدۇ. ئەگەر تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ ئۇنى قەتئىي ئىجرا قىلىمەن دېسە، بۇنداق تۆۋەن كىرىملىك خىزمەتتىن ۋاز كېچىشنى تاللايدىغانلار نۇرغۇن (ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ساپاسىمۇ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ) شۇڭا ئىش ھەققى ۋە تەمىناتنى ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئارماننىڭ تېنىدىكى بۇزۇلغان قانلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، يېڭىدىن ساپ قان ئالماشتۇرۇش ئارماننىڭ ھازىرقى زادى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى