ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد» ناملىق يازمىدىكى ئىنكاسلىرىم

«رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد» ناملىق يازمىدىكى ئىنكاسلىرىم

ۋاقتى: 2016-11-10 ئاۋاتلىقى: 7849 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىندا ئۇيغۇرزادە (زۇلپىقار بارات ئۆزباش) ئەلكۈيىدە «رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد» ناملىق يازمىسىنى ئېلان قىلغاندىن بېرى ئۇ يازما زور تەسىر قوزغاپ كەلدى. ئۆزۈم مۇنبەردە مۇنازىرىگىگە قاتناشمىغىلى (قىسقىسى مۇنبەردىن كۆڭلۈم سۇۋۇپ ئۆزۈمنى مۇنازىرىدىن تارتىپ كەلگىلى) ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق مۇنازىرەت تېمىسى بىر كارخانىچى ئۈستىدە بولۇپ قالغان بولغاچقا ھەم ئۆزۈممۇ ئىزچىل ھالدا كارخانىچىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا بۇ مۇنازىرە تېمىسىغا پىكىر قاتناشتۇرماسلىقنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ ئويلىدىم ھەم گەرچە مۇنازىرە تېمىسىنىڭ راۋاجلىنىش سۈرئىتى زىيادە تېز بولسىمۇ (ھازىر مۇنازىرە تېمىسى ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىك ئەخلەت ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلۈپ ئاخىرى 34 بەتكە بېرىپتۇ، ئەمما مەن تېخى ئەمدى 8-بەتكە كەلدىم) بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ مۇنازىرە تېمىسى ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈم مۇۋاپىق دەپ قارىغان جايلارغا ئانچە مۇنچە ئىنكاس قالدۇرۇپ مېڭىۋاتىمەن. تۆۋەندە مېنىڭ ئۇشبۇ مۇنازىرە تېمىسىنىڭ ئالدىنقى 8 بەتنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن قالدۇرغان ئىنكاسلىرىمنى ئىلقۇت بلوگىغا رەتلەپ قويماقچى بولىۋاتىمەن.


لېكىن زور كۆپ قىسىم تەنقىدچىلىرىمىز يېتىشىپ بولالمىدى ياكى پۈچەكلىك جەمئىيەتشلىۋاتقان، ئىقتساد خۇراپاتلىقى ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە يېتىم قالدى.

ئارىمىزدا نوپۇزغا چوقۇنۇش بەك ئېغىر، نوپۇزلۇقلار «ئۆھۆ» دەپ يۆتىلىپ قويسىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن «ۋاي ئاجايىپ ياخشى يۆتەلدىڭىز، ئاۋازىڭىز شۇنچىلىك ياخشى چىقتىكى، ھەتتا بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىنىمۇ بۇنىڭغا تەڭ قىلغىلى بولماس…» دەپ ئۇنى شۇنچىلىك كۆتۈرىدىغانلار شۇنچىلىك كۆپ، ئەمما ئەگەر سىز بۇ خىل نوپۇزلۇق كىشىلەرگە قارىتا «ۋاي يۆتەلگەن ئاۋازىڭىز ئانچە ياخشى بولماي قالدى، ئەسلى سىزنىڭ نوپۇزىڭىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇنداقراق يۆتەلگەن بولسىڭىز بۇنىڭ ئەھمىيىتى مۇنداقراق ياخشى چىقار ئىدى.» دەپ پىكىر ئوتتۇرىغا تاشلىسىڭىز، سىزنى تالاپ پۈتكۈل بەدەنلىرىڭىزنى قان-يىرىڭ قىلىۋېتىدىغان، ھەتتا ئادەم بولۇپ توغۇلۇپ قالغانلىقىڭىزغا مىڭ توۋا قىلدۇرىدىغان ئەھۋاللار بەكلا ئېغىر. مېنىڭچە بۇنداق ئەھۋالدا سىز كۈتكەندەك تەنقىدچىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بەسى مۈشكۈلدۇر.
پەقەت ئادىللىق بولغاندىلا، نوپۇزغا چوقۇنماي، ھەقىقىي تالانتقا، قورساقتىكى ئوماچنىڭ قانچىلىكلىكىگە ئادىل مۇئامىلە قىلغاندىلا، ياشلارنى كىچىك سويما كۆرمەي، ئۇلارغىمۇ بەلگىلىك يېتىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندە ئاندىن ئۇلارمۇ ئويلىغان خىياللىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدۇ ۋە دادىل تەنقىد مۇھىتى ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
بۇ يەردە نوپۇزنى يوققا چىقارغانلىق ئەمەس، ئەمما ھەر قانداق نوپۇزنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئەمما مەلۇم بىر ساھەدە نوپۇزغا ئىگە شەخسنى ھەممە ساھەدە ئوخشاش نوپۇزلۇق دەپ قاراپ، يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان بىخلارغا سەل قاراش ئاخىرىقى ھېسابتا ئاقىۋىتىنى تەسسەۋۋۇر قىلغۇسىز خاتالىقلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىشى مۇمكىن.

مۇشۇ تەنقىتنىڭ ئۈنىمى ئارمان شىركىتىنىڭ نەچچە يۈز يۈئەنلەپ تىلىۋىزوردا بەركەن ئىلانلىرىنىڭ تەشۋىقات ئۈنىمىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى بولامدۇ تېخې….

شۇنداق، مەزكۇر مۇنازىرە تېمىسىنىڭ ئاشۇ تېلېۋىزور ئېلانلىرىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى ھازىر ھەممە ئادەم تېلېۋىزورنىڭ ئېلانىنى بىزار، شۇنداق ئىكەن، ئېلاننىڭ شەپىسى كەلگەن ھامان قانال يۆتكەيدىغان گەپ. ئەمما ماۋۇ تېمىنى بولسا ئۆزى ئىزدەپ ئوقۇيدۇ ھەمدە قەدەمدە بىر ئارمانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرىۋېتىپ، ئارماننىڭ ماركىسى مەزكۇر تېمىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشىنىڭ مېڭىسىگە تەبئىيلا سىڭىپ كېتىدۇ. (ئەلۋەتتە، ئارماننىڭ ماركىسى ئاللىبۇرۇن كىشىلەر ئېڭىغا سىڭىپ بولغان. ئەمما ماۋۇ مۇنازىرە تېمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ بەكرەك سىڭىدۇ، قىسقىسى سىڭىش چوڭقۇرلۇقى ئاشىدۇ.)
ئەسلىدە مۇشۇنداق يازمىلارنى ئاشۇ شىركەت ئاتامانلىرى تەلەپ قىلىپ يازدۇرسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ خىل يازمىلارنىڭ تەشۋىقات رولى ھەقىقەتەن زور.
ئەمما بىزدە يەڭگىلتەكلىك بەكلا ئېغىر، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پسىخىكىسى تېخى نورمال يېتىلىپ بولالمىغان. تەنقىد دېگەن سۆزنى كۆرۈشى بىلەنلا چۆچۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىرلىرىمىز «تەنقىد ئاچچىق مېۋىسى تاتلىق!» دەپ ناھايىتى ياخشى يەكۈنلىگەن.
مەزكۇر تېمىدا قەلەم ئېگىسىمۇ نەچچە قېتىم ئىلمىي تەنقىد ھەققىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپتۇ، شۇڭا ئىلمىي تەنقىد دېگەننى قولاقنى كولىۋېتىپ ئاڭلىغان ياخشى.
مەزكۇر تېما تېخى باشلانمىدى (مەن تېخى ئەمدى سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغىچە كۆردۈم) تۈنۈگۈن قارىسام تېخى تېما مەزمۇنى باشلانماي تۇرۇپلا نۇرغۇن تورداشلىرىمىز ھاياجىنىنى بېسىۋالالمايلا سۆزلەپ كېتىپتۇ. تېمىدا نېمە دېمەكچى ئاۋۋال تولۇق كۆرىۋېتىپ ئاندىن سۆزلىسەكمۇ مېنىڭچە كېچىكمەيمىز.

ئەگەر تېما ئىگىسى ۋاقتى كەلگەندە شەخسي غەرەز ئارىلاشتۇرۇپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا تەنقىد قىلسا، مىللىي كارخانىلارنى سۆكسە، ئۇ ۋاقىتتا بىزمۇ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايمىز، ئەمما ئاۋۋال تېما ئېگىسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى دەۋېلىشىغا بىر پۇرسەت بەرسەك، ئۇ سۆزىنى تولۇق دەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىز قايتا كەينىمىزگە يېنىپ ئۇنىڭ توغرا تەنقىدلىگەن جايلىرى بولسا قوللاپ، خاتا بولسا ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، ئاندىن پىكىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويساقمۇ بولىدۇ، ئەمما قېنىمىزنى قىزىتىپ ئاسانلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىىتىدىغان، رەنجىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلانساق، قىسقىسى يېنىكلىك قىلمىساق.
شۇڭا، مېنىڭچە تورداشلار ئالدى بىلەن ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ ئولتۇرۇپ، يۈتكۈل يازمىغا دىققەت ئېتىبارىمىزنى قاراتساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىللىق كشىلەر ھازىر نوقۇل ئىقتسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەممىسى ئەمەسلىكىنى، كۆپۈك تەرەققىيات، ماغزاپ ئىگىلىكىنىڭ ئاجايىپ زور تراگېدىك مەسىلىلەرگە سەۋەبكار بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندى.

ھازىر دۆلىتىمىزدىكى ئالدىن كۆرەر زىيالىيلار ھە دېسىلا GDP نىڭ ئېىشىشىنىلا تەكىتلەشنىڭ خاتا سىتراتېگىيە ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي ھالدا تونۇپ يەتتى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلار دۆلىتىمىزدىكى ئالدىن كۆرەر زىيالىيلارنى خېلى چۆچۈتتى، ئۇلار ھازىر ھەممىنى ئىقتىسادقا باغلاپ ھە دېسىلا، ئىقتىسادنى تەكىتلەپ، باشقا جەھەتلەرگە سەل قاراشنىڭ بىر خاتا تەرەققىيات قارىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.
پۇلنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئوينىغان رولىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پۇل بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كىرگەن زىيانلارمۇ ئاز ئەمەس ھازىر.
قارايدىغان بولساق، ھازىر پۇلنىڭ كۈچىدىن ئادەملەر بارغانچە ياتلىشىشقا باشلىدى. ھەممىنى پۇلغا باغلاپ ئويلىۋالغان بولغاچقا نېمىلا ئىش بولسا پۇل ئاۋۋال ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىش بولدى. بىرەر ئىش قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ قانچىلىك بېرىسەن؟ دېگەن سۇئال بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەممىنى پۇلغا باغلىۋالغانلىقتىن، بالا ئاتا-ئانىسىنى تونىمايدىغان، بىر تۇققان قېرىنداشلار ئۆز ئارا پالتا-پىچاق تەڭلىشىدىغان، پۇل ئۈچۈن ۋىجدانى، غورۇرىنى سېتىۋېتىدىغان ئەھۋاللار جەمئىيەتتە بارغانچە ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ خىل ئەھۋاللار بىزنى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشقا، پۇلنىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشكە سىگنال بېرىپ تۇرىدۇ.
بەزىلەر پۇل بولمىسا بولمايدۇ دېيىشىدۇ، قىسىقىسى پۇل ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالسا مۇنازىرىنىڭ ئاخىرى چىقىشى ناتايىن، ھەممە ئادەمگە ئەلۋەتتە پۇل بولمىسا بولمايدۇ، تېخى جەمئىيىتىمىز پۇلدىن بىزار بولىدىغان ھالەتكە كەلگىنى يوق، ئەمما پۇلنى دەپ ئادەم ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى، غورۇرىنى سېتىۋېرىشكە ئەزرىمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى ھەممە ئىشتا پۇلنى تەكىتلەشمۇ مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى. مېنىڭ شەخسەن قارىشىمدا، ھەر قانداق بىر ئىشقا پۇل ئارىلاشقان ھامان ئۇ شەيئىينىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. مېنىڭچە يۇقىرىقى يازمىدا تىلغا ئالغاندەك، بىز ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا پەقەت ئىقتىسادنىلا كۆزلەپ، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەرگە سەل قارىساق بولمايدۇ.

بۇنداق گەپنى ئەسلىدە يۇقۇرىدا بىر تورداش ئېيتقاندەك رادىل ئابلانىڭ ئۆزىگە يېپىق خەت شەكلىدە دېسىمۇ بولاتتى. بولۇپمۇ، رادىل ئەپەندى، ئەشۇنداق يېپىق شەكىلدىكى پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىپ ھاراقنى ئاللىقاچان يوقاتقان شارائىتتا.

تۆۋەندىكى ئىنكاسىم تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن يۆتكەلدى:
مېنىڭچە سىز توغرا پەرەز قىلىپ بولۇپسىز، شۇنداق ئۇيغۇرزادە بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش ئارقىلىق بىرىنچىدىن خام ماتېرىيالغا ئېرىشمەكچى بولغىنى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، ئۇ مۇشۇ تېما ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم قېزىپ، ئۆزى تېمىسىدا تىلغا ئالغان كېيىنكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن خام ماتېرىيال توپلايدۇ، بولمىسا ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ قانداقمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك خام ماتېرىيالغا ئىگە بولالىسۇن؟ شۇڭا بۇ پەرىزىڭىز مېنىڭچە ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن چىقىرىلغان پەرەز دەپ ئويلايمەن.
ئەمدى تېمىغا «تەنقىد» دەپ تېما قويۇشىدا، ئۇ دەل مۇشۇ سۆز ئارقىلىق ھەممىمىزنىڭ روھىيىتىنى غىدىقلىماقچى بولغانلىقىمۇ ھەم ئېھتىمالغا يېقىن. بىزدە نوپۇزلۇقلارغا چوقۇنۇش پسىخىكىسى ناھايىتىمۇ ئېغىر. دەل مۇشۇ ئاجىزلىقىمىز سەۋەبىدىن ئۆزىمىزدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلار خاتالىق سادىر قىلسىمۇ ئۇنىڭغا رەددىيە بېرەلمەيمىز، ئۇلار نېمە دېسە خوش، خوش دەپلا، تەپسە مۆرىمەس ھالەتتە تۇرىمىز-دە، ئەڭ ئاخىرى زىيان تارتىدىغىنى يەنە شۇ ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز. لېكىن بۇ نوقتىنى تونۇپ يەتكەنلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن.
ئەمدى رادىل ئابلا ئاكىمىزغا كەلسەك، ئۇنىڭ قازانغان نەتىجىلىرى، قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرى ھەممىمىزنى ئالاھىدە خوش قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلىشقا مېنىڭچە رادىل ئابلامۇ ئۇنىماسلىقى مۇمكىن. ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئېيتقىنىدەك، چوقۇم جوڭگۇدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر تاۋار ماركىسىنىڭ ئالدى بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئارماننىڭ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى ھەر خىل دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىغا تولۇق ھوشيار ھالەتتە تۇرۇپ، ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن رادىل ئابلا ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەر (ئادەم مۇكەممەل بولمايدۇ، مۇكەممەللىك يالغۇز بىر ئاللاھقا خاستۇر، ئادەم پەقەت ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭغۇچىدۇر خالاس) ۋاقتىدا بايقاپ، ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى چوڭ ئىشلارغا دەخلى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ئۇنداقتا رادىل ئابلا ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى قانداق بايقىشى كېرەك؟ ھەر قايسىمىزدەك نوپۇزغا چوقۇنىدىغان، چوڭاملار نېمە دېسە خوش خوش دەپلا تۇرىدىغان، ئۇلار خاتالىق سادىر قىلسىمۇ چىش يېرىپ بىر نېمە دېمەيدىغان ، تەپسە مۆرىمەس كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىشى مۇمكىنمۇ؟ ياق، ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، بۇنداق «خوش، خوش» چىلار پەقەت رادىل ئابلانى كۈلۈپ تۇرۇپ ئورىغا ئىتتۈرگۈچىلەردۇر. شۇڭا رادىل ئابلا ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى پەقەت ئۇيغۇرزادىدەك باشقىلارنىڭ تاپا-تەنىسىدىن قايمۇقۇپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدىغان، ھەر قانچە چوڭ ئەرباب بولسىمۇ ئىلمىي نوقتىدىن چىقىش قىلىپ تەنقىدىي پىكىر بېرەلەيدىغان زىيالىيلار تەرىپىدىن بايقىيالىشى مۇمكىن.
ئۈستىدىكى تورداش ئېيتىپتۇغۇ، جەمئىيەت نېمە دېگەن مۇرەككەپ دەپ. ئەلۋەتتە، بۇ جەمئىيەت ھەقىقەتەنمۇ مۇرەككەپتۇر. بولۇپمۇ بۇ ھازىرقىدەك ھەممە پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالاھىدە مۇرەككەپ، رىقابەت بارا بارا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان دەۋردە جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا.
ئۇنداقتا بۇنداق مۇرەككەپ جەمئىيەت بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ بىزدىن توختىماستىن ئىزدىنىشنى، توختىماستىن ئۆزىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىمىزنى يېڭىلاپ، ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزنى، قىسقىسى ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىش-ھادىسىلەرگە ھاياجان بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنى توختىتىۋېلىپ تۇرۇپ ئەقلى ئىدراكىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزنى كۈتىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، ئۆتمۈشتىكى جەمئىيەتكە تۇتقان پۇزىتسىيەدە بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ جەمئىيەتنىڭ رەھىمسىز سىناقلىرىدىن شاللىنىپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ، شۇڭا چوقۇم روھىمىزنى ئۇرغۇتىشىمىز، توختاۋسىز تىرىشىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ساپاسىنى پەيدىن-پەي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ مۇرەككەپ جەمئىيەتكە ماسلىشىشىمىز كېرەك.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادنىڭ ماددىي شەكلى پۇل بولسىمۇ ئەمما مەۋھۇم شەكلى ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇل بولسا ماددىيلىقمۇ، مەنىۋىلىكمۇ بىر-بىرىنى شەرت قىلىپ ئۆسىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىزدە پۇل كۆپ بولغاچقا خەلقنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋاتىدىغۇ…نورمال بىر گەپلەرنى ئۇنچىۋالا ئىنقىلاۋى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈاپ چۆچۈپ كېتىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟

مېنىڭچە سىز پۇلغا بۇنداق چوقۇنۇشىڭىز ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسىغا ئانچە توغرا كەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتۇق، دۆلىتىمىزدە ھە دەپ GDP نىڭ ئېىشىشى تەكىتلىنىپ، باشقا ساھەگە سەل قارالغاچقا، قىسقىسى ھە دېسىلا پۇلنى بىرىنچى ئامىل قىلىپ مەسىلە تەھلىل قىلغان بولغاچقا، دۆلىتىمىزدە ھە دېسە ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ… ئازگال مېيى، ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ بېرىش، ساختا تۇخۇم، مېڭنىيۇ سۈتى ۋەقەسى دېگەندەك ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ھادىسىلەر بىر بىرلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇلغا ھەددىدىن زىيادە چوقۇنغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇڭا ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تونۇلغان زىيالىيلىرى ھەمممىنى پۇلغىلا تاقاپ مەسىلە ئانالىز قىلىشنىڭ ئاللىقاچان ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ تۈپ نىگىزى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھە دېسىلا پۇلنى مەركەز قىلماي، جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتنى بىر پۈتۈنلۈك نوقتىسىدىن مەسىلە ئانالىز قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتىكى شارائىتتا رادىل ئەپەندىدەك داڭلىق كارخانچىىنىڭ يېتىىشىپ چىقىشى، ئۇيغۇرزادىدەك بىر جەمىيەتشۇناسنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىن نەچچە ھەسسە تەس.

مېنىڭچە بۇنداق يەككە يۆنىلىشچە خۇلاسە چىقىرىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بىر جەمئىيەت ئۈچۈن كارخانىچى ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن باشقا ساھەنى چەتكە قېقىش قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلەر؟ بۇنىڭغا ئەتراپىمىزدا مىسال ئازمۇ؟
بۇ تېمىنى ھېچ ئوقۇپ ئۈلگۈرەلمىدىم (پەقەت كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ ئاندىن ئانچە-مۇنچە كۆرىۋاتىمەن) لېكىن ھازىرغىچە كۆرۈپ بولغان قىسمىدىن ئالغان تەسىراتىم، بىزدە يەڭگىلتەكلىك، يەككە يۆنىلىشلىك پىكىر ئېقىمى بەكلا ئېغىركەن.
بىر ئادەمگە پۇللا بولسا بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز ئەخلاقتا چىڭ تۇرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئەتراپىمىزدا ئۇيغۇر ئەخلاقىغا يات ئىشلار يۈز بەرسە ئۆزىمىزچە قاقشاپ كېتىمىز؟ ئەجىبا ئاشۇ ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەخلاقىغا زىت قىلمىشلار، ئۇيغۇر قىزلىرىدىن چىققان پاھىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئۇيغۇر ئوغۇللىرىدىن چىققان زەھەر چېكىش، يانچۇقچىلىق قىلىش قاتارلىقلار ئەجىبا پۇلنىڭ كۈچ قۇدرىتىدىن بولمىغان دەپ قايسىڭلار كېسىپ ئېيتالايسىلەر؟ ئۆزىمىز ھە دېسىلا ئەخلاقتىن گەپ ئاچىمىزيۇ، ئەمما ماۋۇ ئىنكاستەك ھازىر كارخانىچىلار بولسىلا بولدى، باشقىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ھۆكۈم چىقىرىش قايسى ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتىدۇ؟ پۇللا بولسا بولىدىغان ئىش بولسا نېمە دەپ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاھىشە بولۇشىنى توسايمىز؟ نېمە دەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يانچۇقچى بولۇشىنى توسايمىز؟ ئەجىبا ئۇلار پۇل تاپماپتۇمۇ؟ سىزنىڭچە پۇللا بولسا بولامدىكەن؟ تورداشلارنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ئاندىن پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھاراقنى ئارمان ساتمىسا باشقىلار ساتماسمۇ ؟ دەسلەپكى مەزگىللەردە كەمپۇتىنى ئىچكىردە ئىشلەتكەن بولسا ھازىرچۇ ؟ ئۇنى مۇشۇنچىلىك نەزىرىيەگە كۆتۈرۈپ سۆزلەش سىزگە قانچىلىك زۆرۈر بوپ قالدى ؟

بىر ئوبدان پاراڭ قىلىپ كېلىپ ماۋۇ جۈملىنى نېمە دەپ يېزىپ قويغانسىز دەيمەن. خۇددى تازا ھوزۇر بىلەن يەۋاتقان ئاشقا چىۋىن چۈشكەندەك ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ…..
سىزنىڭچە ئارماندەك جوڭگۇ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ سەركىسى بولىمەن دېگەن غايىنى كۆڭلىگە پۈككەنلەر ھاراق سېتىپ ئاندىن مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ سەركىسى بولسا بولىدىكەندە؟ قانداق مەنتىقە بۇ؟ ياكى سىزنىڭ ئىسلام ئېتىقادىڭىزدا ھاراق ئىچسە بولىۋېرىدۇ؟ ھاراق ئىسلامغا زىت ئەمەس، ئىسلامدا ھاراقنى قۇبۇل كۆرىدۇ دەيدىغان ئىتىقاد بارمۇ؟ باشقىلار ھاراق ساتسا بولىدىكەن مەنمۇ ساتسام بولىدۇ دەپ ھەممىمىز ھاراق سېتىشىمىز كېرەكمۇ؟ باشقىلار پوق يەپتۇ، مەنمۇ پوق يەي دەپ ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش توغرىمۇ؟ باشقىلار كىملەر؟ سىز ۋە بىز كىملەر؟ ئارمان كىمنىڭ؟ ئارمان يالغۇز بىر ئامان بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى ئارمان بولالىغانمۇ؟ ئارماننى مۇشۇ ئۇيغۇر خەلقى قوللاپ بەرمىسە ئۇنىڭ ئارمان بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئارماننى باشقىلار قانچىلىك قوللار؟ ئەمدى كېلىپ ئارمان ئۆزى مىللىتىنىڭ قوللىشىغا ھاراق بىلەن جاۋاب قايتۇرسا بولارمۇ؟ شۇڭا پىكىر قىلغاندا بىر ياخشى پىكىر قىلىپ كېلىپ بۇنداق جۆيلۈپ سالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

cctv دا دۆلىتىمىز قانۇنىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلىش، يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ھامان قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى خەلققە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە مەخسۇس پىروگرامما قىلىپ ئىشلەنگەن شىنجاڭلىق يانچۇقچىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى قىلمىشىدىن نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى بېرىلگەن فىلىمنىڭ قويۇلۇشى، ئارقىدىنلا تور بەتلەردە ئاز ساندىكى يانچۇقچىلارنىڭ قىلمىشى ئەينەن تارتىلغان فىلىم ۋە سۈرەتلەرنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولۇشى << بىرنىڭ پوقى مىڭغا >> دېگەندەك كۆپلىگەن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇرغا نىسبەتەن گۇمانىي قاراشلارنى پەيدا قىلدى، بۇنى ئىچكىرىگە خىزمەت، تىجارەت ، مەيلى ئوقۇش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇچرىغان بەزى مۇئامىلىلەردىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.

شۇنداق، لېكىن شۇنىڭغىمۇ كۆز يۇمماسلىق كېرەككى، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇيغۇرلىقىنى قىلمايدۇ (بولۇپمۇ ئاشخانا ئاچتىم دەپ ۋىۋىسكا ئېسىپ قويۇپ زەھەر ساتىدىغان، بىر نەچچە ياش بالىلارنىڭ ئالداپ ئېلىپ چىقىپ مەخسۇس يانچۇقچىلىققا سالىدىغان، ئۇلارغا زەھەر سېتىپ ئۇلارنىڭ تېنىنى نابۇت قىلىدىغان) مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز بار ئىچكىرىدە. ھەتتا مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھەم تاس قالغان ئاللاھ ئاتا قىلغان ھاياتىمدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغىلى…. شۇڭا ھەر ۋاقىت مەسىلىنى ئانالىز قىلىشتا چوقۇم مەسىلىنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرىپىنى ياخشى ئويلىشىشىمىز، قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ زادى پايدىلىق تەرىپى زىيانلىق تەرىپىدىن قانچىلىك پەرقلىنىدۇ؟ بۇ ئىشنى قىلسام مەن جەمئىيەتكە، دۆلەتكە ئاپەت بولۇپ قالامدىم يوق؟ مىللىتىمنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلالامدىم يوق؟ دېگەن سۇئاللارنى كۆپرەك ئۆزىمىزگە قويۇپ، ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىش-پائالىيەتلىرى، قىلمىشلىرى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىشىمىز كېرەك.
مېنىڭچە ئۆزلۈك، مىللىي غۇرۇر جەھەتتە بىز لى كەيفۇنىڭ كۆڭۈل تىۋىشلىرىغا دىققەت قىلىپ باقساق دەپ ئويلايمەن.
تۆۋەندىكىسى ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقىلغان لى كەيفۇنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى بولغان «كەلگۈسىدىكى سىزگە (给未来的你)» ناملىق ماقالىدىن ئۈزۈندە:
بۇ مەزمۇن ئۇشبۇ ماقالىدىكى، لى كەيفۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سەيناسى (创新工场) دىكى خادىملارغا يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنىدۇر:

بىز بۈگۈنكى كۈندە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش سەيناسىغا جەم بولۇشىمىزدىكى بىر ئورتاقلىق: بىز پەقەت بىر كىشىلىك خىزمەت ۋە پۇلنىلا ئويلىماستىن، بەلكى ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىشنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىزدىدۇر.
بىز پەقەت ياراملىق، تەۋەككۇلچىلىككە ئەڭ بالدۇر مەبلەغ سالغۇچى بولۇشنى ئۈمىد قىلىپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك يارىتىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىز پەقەت ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ماركا يارىتىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىز پەقەت ئىقتىدارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يۆلەپلا قالماستىن، بەلكى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر نەمۇنىسىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
شۇڭا، بىز بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىنى كۆزەتكىنىمىزدە، يالغۇز ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىش-قازىنالماسلىقى ۋە پۇل تېپىش-تاپالماسلىقى، ئەقىللىق ياكى ئەمەسلىكى، تىرىشچان ياكى ھورۇنلۇقى دېگەنلەرگىلا كۆڭۈل بۆلمەستىن، بەلكى بۇ ئادەمنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز، ئۇنىڭ ھۆرمەتلەشكە سازاۋەر باشلامچى بولۇش يۇشۇرۇن كۈچى بارمۇ-يوق دېگەنلەرگە قارىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە سەمىمىيلىك مەسىلىسى ساقلانغان بولسا، مەسىلەن باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئوغرىلاش ياكى باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى نابۇت قىلىش مەسىلىلىرى بولسا، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ شىركىتى مەيلى قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانسۇن، مەيلى قانچىلىك پۇل تاپسۇن، بۇ خىل كىشىلەرگە قەتئىي مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ.
يېڭىلىق يارىتىش سەيناسىنىڭ خادىملىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەيلى سۇپا خادىم (平台员工)، مەبلەغ سېلىنغان شىركەت ياكى ئاۋام بولسۇن، بىزنىڭ ھەربىر ئىش ھەرىكىتىمىزنىڭ ھەممىسى سەيناغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر بىز خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنى قوللاپ بەرسەك، بىز ئۆزىمىز جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىمىز. ئەگەر بىز قەبىھلىككە مەبلەغ سالساق، بىز قەبىھ بولغان بولىمىز. ئەگەر بىز پەسكەشلىككە سەۋر قىلساق، بىز پەسكەش بولغان بولىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا، جەك ۋېرچنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزىنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھر بولماقچىمەن:
Integrity is just a ticket to the game. If you don’t have it in your bones, you shouldn’t be allowed on the field.
(سەمىمىيلىك ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ، ئەگەر سەمىمىيلىك سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىقمىسا، بىز سىزنىڭ سېپىمىزگە قاتنىشىشىڭىزغا يول قويمايمىز.)

قىسمەنلەرنىڭ كىچىككىنە پەسكەشلىكى ئىپادىلەنگەن فىلىملەرنى ۋە يازمىلارنى ‹‹بۇنداق ئۇيغۇرلارنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ›› دەپ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى باشقا مىللەت تور بەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە بەسلىشىپ يوللىۋەتتى.(كىم بىلىدۇ چەتئەل تور بەتلىرىگىمۇ يوللىۋەتتىمۇ تېخى). بېكەت باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇخىل يازمىلارنى چىقارماسلىققا تىرىشقان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا تورداشلارنىڭ ‹‹كۆڭلى›› نى ئاياپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى. ئاشۇ ‹‹كۆڭۈل ئاياش›› تۈپەيلى ئۇلار بىردەم ۋەتىنىمنى، مىللىتىمنى سۆيىمەن دەپ ئاغزىدىن كۆپۈك چىققۇچە شۇئار توۋلىسا، ئارقىدىنلا ئاشۇنداق ‹‹ئېسىل›› يازمىلارنى بەس-بەستە يېزىشقا باشلىدى. بۇ خىل يازمىلارغا ‹‹ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن›› دەپ مەدەت بەرگۈچىلەر تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹پەسكەشلىكىنى›› تېخىمۇ قېزىپ چىقىشقا مەدەت بەردى. مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ئىللىتى›› نى تور ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىۋاتقان ‹‹مىللەتپەرۋەر›› تورداشلىرىمىز زادى نېمىگە ئېرىشەر ؟ بىلىشىمچە ئۇلار ھەرقايسى تور بەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ يوللانمىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان، ھاجەتخانىغا كىرىش بېلىتىنىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان مەۋھۇم پۇل (تور تەڭگىسى، مۇنبەر پۇلى دېگەندەك)ۋە ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدىغان مەۋھۇم ‹‹ ھوقۇق›› ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىكەن .

بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھېلىقى ئانىسىنى ئۇرۇپ سودقا ئېلىپ چىقىلغان ئانىسىنى خورلىغان ئايال ۋەقەسى بولسا كېرەك. قايسىدۇر بىر قېرىندېشىمىز ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يازمىنىڭ مەزمىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ سىن ھۆججىتى بىلەن قوشۇپ ئاۋام تورى (人人网) غا يوللىۋېتىپتىكەن، ئاخىرى بۇ يازما خەنزۇچە ھەر قايسى داڭلىق تور بېكەتلىرىگە يوللىنىپ، يولداشلارنىڭ كۈچلۈك مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ئەڭ ئاخىرىدا يولداشلار ئۇيغۇرلارنى تازا سۆكۈپ، ئۆزىچە ئۇنداق مەدىنىي مىللەت، مۇنداق مەدىنىي مىللەت دەيدۇ. مانا كۆردۈڭلارمۇ، ئۆز ئانىسىنى مۇشۇنداق خورلىغان بارمۇ؟ دېگەندەك تازا سازايى قىلىشتى….
تورنىڭ ئىككى بىسلىقلىقى ئېنىق، بۇ ئىشتا ھېلىقى ئانىسىنى خورلىغان ئايال ناملىق يازمىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان قېرىندېشىمىزدىن ئاغرىنغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھەممىمىز بىلىمىز، بىزنىڭ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلىرىمىز ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە كىرمەيدۇ، ئۇلار ئاساسەن شۇ ئاۋام تورىدا بولىدۇ. ھېلىقى قېرىندېشىمىز ئەسلىدە ئۇ يازمىنى ئاشۇ كەڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار) مۇ بىلىپ قالسۇن دەپ تەرجىمە قىلغان، ئەمما ئۇ يازمىنىڭ باشقا خەنزۇچە تور بېكەتلەرگە كۆچۈرۈلۈپ يوللىنىپ كېتىشىنى كىم بىلسۇن؟ شۇڭا تورنى بىراقلا يامانغان ياكى ياخشىغا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە يەنىلا شۇ «ياخشى» ۋە «يامان» نىڭ تەڭپۇڭ نوقتىسىنى تېپىش مەسىلىسىدۇر….
ئەمدى مەزكۇر يازمىغا قايتىپ كەلسەك، ئۇيغۇرزادىنىڭ رادىل ئابلاغا تەنقىد دېگەن بۇ يازمىنى توردا ئاشكارا ئېلان قىلىشىمۇ ئەسلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مېنىڭچە ئۇيغۇرزادىنىڭ يامان نىيىتى يوق. ئۇ پەقەت تور ئارقىلىق پىكىر توپلاپ، رادىل ئابلانىڭ دىققىتىنى تارتماقچى ھەمدە ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەتقىقات تېمىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ روھىنى قازماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ يازمىنى ئاشكارە ئېلان قىلماي رادىل ئابلاغا يېپىق ھالەتتە ئېيتقان بولسا، يازمىنىڭ مەزمۇنىنى رادىل ئابلا يا بولسا كۆرمەيدۇ، كۆرسىمۇ تازا كۆڭۈللەشمەسلىكى مۇمكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەر ئۇيغۇرزادە راستىنلا ئۇيغۇرنىڭ روھىنى قېزىپ، كېيىنكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن خام ماتېرىيالغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقى ھەقىقەت بولۇپ قالسا، ئۇ بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەسلىكى مۇمكىن.
بۇ يەردە بۇ بىر پەرەز، مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئەمما بەزىلەر بۇ پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇيغۇرزادىگە ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك خام ماتېرىيال لازىم بولسا ماڭا دېگەن بولسا مەن تاغارلاپ يوللاپ بېرەر ئىدىم دېگەندەك مەنىدىكى ئىنكاسلارنىمۇ كۆردۈم. ئەمما بىر جەمئىيەتشۇناسقا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يالغۇز بىر كىشىنىڭ ئىدىيىسى سىڭگەن، يالغۇز بىر كىشىنىڭ قولىدىن چىققان ماتېرىيال جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماسلىقى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە، جەمئىيەتشۇناسلارغا كېرەك بولىدىغىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە قايتۇرغان ئوخشىمىغان قاراشلىرىدىن ئىبارەت. يەنى ئادەمنىڭ ياش، جىنسىي، بىلىم قۇرۇلمىسى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قاراشلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بىر مەسىلىگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلار دە شۇنداق خىلمۇ خىل كىشىلەر قاتلىمىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ كېسەللىكىگە دۇئاگنۇز قويىدۇ ھەم مۇمكىن بولسا ئۇنى قانداق داۋالاش ھەققىدىكى رېتسىپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.
مەن بۇ يەردە ياكى رادىل ئابلاغا ياكى ئۇيغۇرزادىگە يان باسماقچى ئەمەسمەن، پەقەت تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە يازما مەزمۇنىغا قارىتا ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم خالاس.
مېنىڭچە مەيلى رادىل ئابلا بولسۇن ياكى ئۇيغۇرزادە بولسۇن ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئاددىي پۇخرا، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى مايلامچى بالىلار بولسۇن، ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىلىرىدۇر، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ كۈنىنى ئاسان قىلىش يەنىلا شۇ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن بولغۇسى… ئەمما جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ھادىسىلەرگە ئىنكاس قايتۇرماسلىق، ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈش مېنىڭچە ئەڭ خەتەرلىك ئاجىزلىق بولسا كېرەك.
شۇڭا دېمەكچى بولغىنىم، مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بىز ھەر قانداق شەيئىيگە قارىتا، مېغىزىنى قۇبۇل قىلىپ، شاكىلىنى تاشلاش پرىنسىپىنى قوللانساق دەيمەن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى