ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاتا-ئانىلارغا خەت: ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاكتىپ پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقايلى

ئاتا-ئانىلارغا خەت: ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاكتىپ پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقايلى

ۋاقتى: 2016-10-05 ئاۋاتلىقى: 7377 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاپتۇر: لى كەيفۇ

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ھۆرىيەت ئىسمايىل

تەھرىر: ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت

يازمىمىزنىڭ بېشى بۇ يەردە: ئاتا-ئانىلارغا خەت: پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە

ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاكتىپ پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقايلى

ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى پەرزەنتلەرنىڭ ئېچىلمىغان يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى چوڭايتقۇچ ئەينەك. خۇددى (范德比尔特)نىڭ ئېيتقىنىدەك: «ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىغا باي كىشىنىڭ ئىشلىرى دائىم ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، لېكىن ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىنىڭ ئىشلىرى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ھەتتا كەسىپنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپ كىرىشىمۇ تەسكە توختىشى مۇمكىن.»

ئەگەر پەرزەنتلەر تەنقىدلا بولۇپ ماختاش بولمىغان، كۈتۈلگەن ئارزۇ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولغان شارائىتتا ياشىسا ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزالىشى ناتايىن. ئۇنىڭغا قارىغاندا رىغبەتلەندۈرۈشكە تولغان، ئىجابىي ئىنكاسلار بولغان شارائىتتا ياشىسا پەرزەنتلەردە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ئاسانلا تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. مەن ئامېرىكىغا تۇنجى قېتىم كەلگىنىمدە، ماتېماتىكا فورمۇلاسىنى ياخشى يادلىغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇتقۇچۇم مېنى  «ماتېماتىكا پىرى» دەيتتى، گەرچە ئۇ فورمۇلالارنى مەن بۇرۇن ئۆلۈك يادلىۋالغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ ھېچقانداق تالانت ئىگىسى ئەمەسلىكىمنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى ئاساسىدا، ئېنگلىز تىلى ۋە ماتېماتىكىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگەندىم ۋە ئاخىرىدا پۈتۈن شىتاتتا ئۆتكۈزۈلگەن ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتىم.

پەرزەنتلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاپ قايتۇرۇشىمىز كېرەك. پەرزەنتلەرنىڭ ھەربىر قىلغان ياخشى ئىشىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرىشىمىز كېرەك. قىزىم كىچىك ۋاقتىدا ھەدىسىلا  «مەن نېمىدېگەن دۆت» دەيتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ  ئازراقمۇ دۆت ئەمەس ئىدى، پەقەت بىر قىسىم ساۋاقداشلىرى قەستەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇ ئۆزىنى دۆت دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىشىغا ياردەم قىلدىم. بىر كۈنى ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىنى خېلى ياخشى يازىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تېخىمۇ كۆپ يېزىشقا دەۋەت قىلدىم. كېيىن ئۇ يېزىقچىلىققا ھېرىسمەن بولۇپ قېلىپ ئۆزىنىڭ  «تەرجىمىھالى» نى يېزىپ چىقىپتۇ ۋە ئۇچرىغانلىكى كىشىگە كۆرسىتىپتۇ. يەنە تېخى تەرجىمىھالىنى مېنىڭ تور بېكىتىمدىكى  «شەخسىي ئارقا كۆرۈنۈش» دېگەن جايغىمۇ چىقىرىپ قويۇپتۇ. (بۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ كەمتەر بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.)

كىشىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بىرقەدەر ئۇزاق مەزگىل كېتىدۇ، شۇڭلاشقا پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان پىلان تۈزۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ. خۇددى مەن ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن قىزىمنى پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان مىسالغا ئوخشاش. مەن ئۇنىڭغا ئالدىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن نىشان تۈزۈپ بەردىم، ئۇنىڭغا كۈندە بىر قېتىم قولىنى كۆتۈرۈشنى، ئەگەر بىر ئاي داۋاملاشتۇرالىسا ئۇنىڭغا مۇكاپات بارلىقىنى ئېيتتىم، ئۇندىن كېيىن ئاستا-ئاستا قول كۆتۈرۈش سانىنى كۆپلەتتىم، بىر يىلدىن كېيىن مۇئەللىمى ئۇنىڭ دەرس ۋاقتىدا قول كۆتۈرۈپ پىكىر يۈرگۈزگەندە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

ئەڭ ئاۋۋال پەرزەنتىڭىزنىڭ يېتەرلىك ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىختىيارىي تاللانغان 18 ئوقۇغۇچى ئۈستىدىن مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. ئوقۇتقۇچىغا ئاۋۋال بىر ئوقۇغۇچىنىڭ  «كەلگۈسى ئەڭ ئىستىقباللىق» دەپ تونۇشىنى بۇيرىغان. (بۇ ئوقۇغۇچىنى ئىختىيارىي تاللىۋالىدۇ) بۇ ئوقۇغۇچىنى ئىقتىدارلىق دەپ بىلگىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھەر دائىم مۇئەييەنلەشتۈرگەن باھالارنى بەرگەن. شۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ تەبىئىيلا كۈچەيگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تاللىۋېلىنغان 18 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىپادىسى ئەسلىدىكىدىن يۇقىرى بولغان. شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى، پەرزەنتلەردە ئىشەنچ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى پەرزەنتلەرنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت.

ئەگەر سىز پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقماقچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ھەربىر جۈملە سۆزىڭىز، ھەر بىر ئېغىز سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن باھا سۆزلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن: «سىزنىڭ قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن»،  «سىزگە ئىشىنىمەن»،  «كارامەت ياخشى قىلدىڭىز»  دېگەندەك. كارنىگ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالماشتۇرۇش دەرسىدە مۇنداق بىر ئىشنى مىسال قىلغان… ئەگەر پەرزەنتىڭىزنىڭ كىتاب ئوقىغاندا دىققىتىنى يىغالمايدىغان ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز بەلكىم: «بالام يوھان، بىز سەندىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمىز، ئۆگۈنۈش نەتىجەڭ بۇ مەۋسۇمدە خېلى ئىلگىرىلىدى. ‹لېكىن› ئەگەر سەن ئالگېبرادا يەنە ئازىراقلا ئىلگىرلىگەن بولساڭ تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.» دېيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ مىسالدا، بالىڭىز سىزنىڭ «لېكىن» دېگەن سۆزىڭىزنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا سىزنىڭ «لېكىن»  دېگەن سۆزىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماختاشلىرىڭىزدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ، بۇ چاغدا سىزنىڭ ئالدىدىكى سۆزلىرىڭىز ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنى تەنقىدلەش ئۈچۈن تەييارلىغان ۋاستىچى سۆزلەردىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. پەرزەنتىڭىز كۆڭلىدىكى ئىشەنچىڭىز بىر يولدىلا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت نىشانمۇ كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. بۇ مەسىلىنى يېشىش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە تەس ئەمەس، پەقەت «لېكىن» دېگەن سۆزنى  «ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنە» دېگەندەك سۆزلەرگىلا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. يەنى ئالدىدا دېگەن سۆزىڭىزنى  «بىز سەندىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمىز، ئۆگۈنۈش نەتىجەڭ بۇ مەۋسۇمدە  خېلى ئىلگىرىلىدى. ئەگەر كېيىنكى مەۋسۇم سەن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگەنسەڭلا، ئالگېبرا نەتىجەڭمۇ چوقۇم ياخشى بولىدۇ.» دېگەن سۆزلەرگە ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.

ھېسسىياتقا باي خوشال پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقايلى

بىر ئوقۇغۇچۇم مەندىن  «بالامنى ئۆزۈمنىڭ ئىزباسارى قىلىپ تەيىنلەپ چىقايمۇ قانداق؟» دەپ سوراپ قالدى، مەن بۇ سۇئالدىن ناھايىتى ھەيران قالدىم ۋە مۇنداق جاۋاپ بەردىم: «مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ بالىلىرىمنىڭ خوشال-خورام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئىنسان بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقالىغان چاغدىلا ھەقىقىي «ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆزى قامدىيالىغان» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇش نەتىجىسى ئۇنچە كۆرۈنەرلىك بولماي تۇرۇپمۇ خاردۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇشقا كىرەلىگەن تاڭ مېيجې (汤玫捷): «ئاتالمىش مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش فورمۇلاسىغا ئىشەنمەسلىك كېرەك، چۈنكى بىز ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرمىز، ھەرگىزمۇ پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەر ئەمەس، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ مەنبەسىدۇر.» دېگەن. شۇڭلاشقا بالىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئالاھىدىلىكىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلىڭ!

ھەر كىمنىڭ خوشاللىقى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشىنى تاپالايدىغان تاپالمايدىغانلىقى بىلەن ناھايىتى چوڭ ئالاقىسى بار. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 1500 نەپەر سودا ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن 20 يىلغا يېقىن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆز قىزىقىشى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە ئۆزىدىكى ئارتۇقچىقىلىقنى بايقاشقا ماھىر بولغانلارنىڭ تۇرمۇشى خۇشال-خۇرام بولۇپلا قالماستىن، بايلىق ۋە نام-مەنپەئەتكىمۇ باشقىلارغا قارىغاندا ئاسان ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بايقالغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇغۇللانغىنى ئۆزى ھەقىقەتەن ياقتۇرغان خىزمەت ياكى ئىش، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغاندا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە قايناق ھېسسىياتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،  مۇكەممەل قىياپەت بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىغا كىرىشەلەيدۇ، شۇ جەرياندا قىلىۋاتقان ئىشدىن نام-شۆھرەت ياكى بايلىققا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۆمۈرلۈك خۇشاللىق ۋە بەختكە ئېرىشەلەيدۇ.

بىز دائىم پەرزەتلىرىمىزگە كۆپ ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئىشلىتىشىگە مەدەت بېرىمىز. مەسىلەن، چوڭ قىزىم رومان ئوقۇشقا قىزىقاتتى، شۇڭلاشقا ئاپىسى ئىككىمىز ھەر ھەپتىدە ئۇنىڭقا ھەم قىزىقارلىق ھەم تەربىيۋى ئەھمىيىتى بولغان كىتاپلارنىڭ ئېلىپ بېرەتتۇق. نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ كۆرۈپ بولغان كىتاپلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشتى، يەنە كېلىپ ئېنگلىز تىلىدىمۇ دائىم تولۇق نومۇر ئالىدىغان بولدى. ئىككىنچى قىزىم يېزىقچىلىققا ۋە رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن ئىدى، بۇنى بىلگەندىن كېيىن بىز ئۇنىڭغا كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۆزى ياخشى كۆرۈپ يازغان نەرسىلەرنى خاتىرىلەپ قويۇشنى ئۆگەتتۇق، ۋە قىستۇرما رەسىم، سۈرەت قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىر كىتاب تۈزدۇق، كېيىن چىرايلىق رەڭلىك باستۇرۇپ، تۇغقان ۋە دوستلارغا تارقىتىپ بەردۇق.

پەرزەنتلىرىمىز قىزىقمىغان دەرسلەردە بىز ئۇلارنىڭ ئامال بار تەييارلىق قىلىپ، ياخشى ئۆگىنىشىنىلا تەلەپ قىلدۇق، شۇ دەرس نەتىجىسىگە ئالاھىدە تەلەپ قويىۋالمىدۇق.

نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى پىئانىنو چېلىشنى ئۆگىنىش، ئۇسۇل ئويناشنى ئۆگىنىش سىنىپلىرىغا بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل يۈزلۈنۈشنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ خىل ھەۋەسلەرنى يېتىلدۈرۈش ھەقىقەتەن ياخشى، چۈنكى ئۇ پەرزەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك تەرەققىي قىلىشغا تۈرتكە بولالايدۇ، لېكىن ھەر قانداق ئىش ئۆز چېكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، چېكىدىن ئېشىپ كەتسىلا سەلبىي تەسىر قوزغاپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا مەن دائىم تاللاش ھوقۇقىنى پەرزەنتىمگە بېرىمەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بىرەر تۈزۈم ئورنىتىۋالىمەن. مەسىلەن ئىككىلا پەرزەنتىم مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەندە، مەن ئۇلارغا ئامال بار ئۈچ ئاي ئۆگۈنۈپ بېقىشىنى، ئەگەر شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشقان بولسا ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قارار چىقارسا بولىدىغانلىقىنى دېدىم. نەتىجىدە ئىككىسىلا مۇزىكىغا ھەقىقىي قىزىقىشىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى. لېكىن ئۇلاردىن بىرىنىڭ رەسىم سىزىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە يەنە بىرىنىڭ تىياتىر سەنئىتىگە قىزىدىغانلىقىنى بايقىۋالدۇق، شۇڭلاشقا بىز ئۇلارنىڭ قىزىقىشىغا قاراپ تىرىشىشىنى تەشەببۇس قىلدۇق.

پەرزەنتلەرنىڭ باشقا شارائىت ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. كارنىگ مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا كەسپىي بىلىمنىڭ سالمىقى پەقەت 15 پىرسەنتنىلا ئىگىلەيدۇ، قالغان 85 پىرسەنتى بولسا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ياشاش تېخنىكىسىغا باغلىق.» دېمەككى كىچىكىدىنلا باشقىلار بىلەن ئالاقە باغلاشنى بىلمىگەن بالا چوڭ بولسىمۇ ئۇتۇق قازىنلىشى ۋەياكى ھەقىقىي خوشاللىققا ئېرىشەلىشى ناتايىن.

پەرزەنتلەرنىڭ كەيپىياتىنى بوغۇپ قويماسلىق كېرەك، چۈنكى تۇرمۇشتا خوشال بولۇشتىن باشقا زارلىنىش، ھەسرەتلىنىش قاتارلىق كەيپىياتلارنىڭ بولۇشىمۇ ناھايىتى نورمال، شۇڭلاشقا پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى قويۇپ بېرەلەيدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. لېكىن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بالىلار يىغلىشى بىلەنلا ئاتا-ئانىلار: «بولدى يىغىلىما! يەنە يىغلىساڭ جازالايمەن…» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ، بۇنداق چاغلاردا بالىلار قارىماققا گەپ ئاڭلىغاندەك قىلسىمۇ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تېخىمۇ كۆپ بولغان قورقۇنچ، يەنى يىغلىسا ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى ۋە جازالىنىغانلىقىدىن ئىبارەت قورقۇنچ بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورناپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بەلكىم سىز بىر ناھايتى گەپ ئاڭلايدىغان بالا تەربىيىلەپ چىقىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئوخشاش ۋاقىتتا سىزنىڭ تەربىيلىگىنىڭىز ئۆزىگە ئىشەنچىسى كەم بولغان، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىشنى بىلمەيدىغان بالا بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا پەرزەنتلەر كىشىلىك ھاياتتىكى ھەممىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، يەنى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئىجابىي سەلبىي بولغان شەيئىلەرنى ياكى ھادىسىلەرنى؛ ھايات-ماماتلىقنى؛ يىغا ۋە كۈلكە قاتارلىق ھەممە شەيئىدىن ياكى ھادىسىدىن توسىماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇخىل ھېسلارمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللاردۇر. پەرزەنتلەر يۇقىرىدا سۆزلەنگەن بىرتەرەپلىمە رىقابەتلا تەكىتلىنىدىغان تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىدىن بىلىمگە ئىگە بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆگىنىش جەريانىدا ھەر ۋاقىت تەقدىرلىنىش ۋە مۇكاپاتلىنىشقا ئېرىشىپ تۇرىدۇ، بۇخىل ھادىسە ئاسانلا پەرزەنتلەردە نورمال بولمىغان ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلاردىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە كوللېكتىپ روھىغا بولغان چېنىقىش يېتەرلىك بولماي قالىدۇ.

پەرزەنتلەرنىڭ دوستى، سىردىشى بولايلى

ئەگەر سىز مېنىڭ پەرزەنتلىرىمدىن: «دادىڭىزنىڭ قايسى تەرىپىنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىز؟» دەپ سورىسىڭىز ئۇلار ئىككىلەنمەيلا: «ئۇنىڭ قىززىقچىلىقىنى، كىبىرىنىڭ يوقلۇقىنى، دوستىمىزدەك بولغىنىنى ياخشى كۆرىمىز،  شۇڭلاشقا بىز نۇرغۇن گەپلىرىمىزنى ئۇنىڭغا دەپ بىرىشنى خالايمىز.» دەپ جاۋاب ېېرىدۇ.

گەرچە مەن نۇرغۇنلىغان ئادىمەتچىلىك يولى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى دادامدىن ئۆگەنگەن بولساممۇ، لېكىن دادام ھايات چېغىدا مەن بىلەن ئانچە يېقىن ئەمەس ئىدى.  ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەن پەقەت ئاپام ۋە قېرىنداشلىرىمدىن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوي-خىيالىغا نىسبەتەن چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ كەلدىم. بۇ جۇڭگودا ناھايىتى كۆپ كۆرىلىدىغان ئاتا-بالا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت. بۇخىل ئەپسۇسلىنارلىق ئىشنىڭ مەن ۋە قىزىم ئارىسىدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەن ئامال بار ۋاقتىمنى قىزلىرىمغا ئاجرىتىپ بەردىن، ئۇلار بىلەن ئىچكى سىرلىرىنى دىيىشەلەيدىغان سىرداش دادا بولۇشقا تىرىشتىم.

كۆپىنچە ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزەرىدە پەرزەنت مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان بالا، لېكىن نۇرغۇنلىغان بالىلار 15 ياش ۋاقتىدا ياكى ئۇندىن بۇرۇنلا ئۆزىنى چوڭ ئادەم ئورنىدا كۆرۈشنى خالايدۇ، بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانا بولغۇچى «ئائىلە باشلىقى» نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى  پەرزەنتلىرىنى پۈتۈنلەي چوڭ ئادەم ئورنىدا كۆرۈپ سۆھبەتلەشسە بولىدۇ. مەسىلەن، غايە، ئۆگىنىش جەريانىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئويۇن، كەسىپچانلىق، ئادىمەتچىلىك يولى، مۇھەببەت، دوستلىشىش، ئائىلىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى كۆز قارىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلەشكەندە پەرزەتلەر بىلەن چوڭ ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكەندىكى پوزىتسىيەدە سۆزلەشسە بولىدۇ.

بۇ جەھەتتە مېنىڭ تۆت تۈرلۈك تەكلىپىم بار:

1. بالىلار بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كېتىش، ھەتتاكى ئۇلارغا ئوخشاش ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەش لازىم. ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋالماسلىقى كېرەك. بالام كىچىك ۋاقتىدا ھەركۈنى مەن ئىچىمدىن توقۇپ چىقارغان ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇخلايتتى.

2. بالىلارغا كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلىش، سۆزلىرى بولسا ئىچىگە يۇتىۋالماستىن سۆزلەش. چۈنكى سىز سۆزلىمىسىڭىز بالىلىرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەلمەيدۇ. شۇ ئارقىلىق بالىلىرىمىزنىڭمۇ ئويلىغىنىنى سۆزلەشكە دەۋەت قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا كېرەككى بالىلارنىڭ سۆزنى ئاڭلىغاندا ياخشى ئاڭلىغۇچى بولۇشقا تىرىشىش كېرەك.

3. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇتۇش كېرەك. ئۇلارغا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. سېخىيلىق بىلەن ۋاقتىمىزنى ئاجرىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. لېكىن ماددىي جەھەتتە ھەر قانداق تەلىپىنى، يەنى ئورۇنسىز بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئورۇنداپ بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان نەرسىلەر ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ تۇرۇش كېرەك. مەيلى ناخشىچى، ياش مەبۇد ۋەياكى يېڭى كومپيۇتېر بىلىملىرى بولسۇن، مەن دائىم ئازراق ۋاقتىمنى چىقىرىپ بىلىۋالاتتىم. شۇنداق قىلغاندا بالىلار بىلەن سۆزلەشكىلى بولىدىغان تېمىلارمۇ كۆپرەك بولىدۇ، پەرزەنتلەرمۇ سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىڭىزمۇ ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.

بالىڭىزنى دوستىڭىز ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىڭ. كۈندىلىك بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ بەرسىڭىز ۋە پەرزەنتىڭىزدىن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلىرىنى سوراپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر پەرزەنتىڭىز بىرەر قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسە، ھەرگىزمۇ ئاچچىقلانماسلىقىڭىز، تەنقىتلىمەسلىكىڭىز كېرەك، ئامال بار كۆپ ئاڭلاپ ئاز سۆزلىشىڭىز كېرەك. پەقەت پەرزەنتىڭىز سىز بىلەن سۆزلەشكەندە  «جازالىنىش تەھتىدى» يوق دەپ ئويلىغان چاغدىلا، سىزگە ھەممە سۆزىنى سۆزلەيدىغان بولىدۇ. ئەگەر دەسلەپتە پەرزەنتىڭىز سۆزلەشكە پېتىنالمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز ئاچچىقلانمايدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا ۋەدە بەرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر چىن كۆڭلىڭىزدىن پەرزەنتىڭىزنىڭ دوستى بولماقچى بولسىڭىز، ئۇنى سىزنىڭ تىلىڭىزنى ئۆگىنىشكە قىستىماي ئاۋۋال ئۇنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنمىسىڭىز، بىلىمىڭىز يېتەرلىك بولمىسا، ئىدىيىڭىز قالاق بولسا، پەرزەنتىڭىزنىڭ ئويلىغىنىنى، ئىدىيە-پىكرىنى چۈشىنەلمەيسىز. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار ئامال بار بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرىشى كېرەك. مەسىلەن يېڭى ئىدىيە، يېڭىچە كىيىم-كېچەك، يېڭى تېخنىكا، مودا مۇزىكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پەرزەنتلەر بىلەن ئاتا-ئانا ئارىسىدىكى ئارىلىقنى كىچىكلىتىپ، ئۆز-ئارا ئىشىنىش ئاساسىدىكى سۆھبەتلىشىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ياخشى ۋاستىلەردۇر.

جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىلار: پەرزەتلىرىڭىزگە  كۆپرەك ھەمراھ بولۇڭ. قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم مۇۋاپىق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ پەرزەنتلىرىڭىز بىلەن بىرگە ئويناڭ. ئۇلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ سۆزلىشىڭ. ھەرگىزمۇ پەرزەنتىڭىزنى مەكتەپكە بېرىۋەتكەندىن كېيىن بارلىق ئىشىغا ئوقۇتقۇچى مەسئۇل دەپ قاراپ، پەرزەنتىڭىز ئۆيگە قايتقاندا تاپشۇرۇق ئىشلەشكىلا قىستاپ تۇرىۋالماڭ. ئەگەر پەرزەنتىڭىز سىزنىڭ دېگەن جايىڭىزدىن چىقالمىسا، ئۇنى دەرھال تەنقىدلىۋېلىشكە ئالدىرىماستىن، ئاۋۋال پەرزەنتىڭىزنىڭ سۆزىنى ياكى چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.

خۇلاسە

تۆۋەندە مەن ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر پارچە شېئىرنى جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن. شېئىر مەن تەشەببۇس قىلغان مائارىپ ئىدىيىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلغان.

پەرزەنتىڭىزگە نىمىلەرنى بەردىڭىز؟

تەنقىد ئاستىدا چوڭ بولغان بالا، باشقىلارنى ئەيىپلەشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئۆچمەنلىك ئاستىدا چوڭ بولغان بالا، باشقىلار بىلەن جېدەللىشىشكە ئامراق بولىدۇ.

قورقۇنچ ئىچىدە چوڭ بولغان بالا، دائىم ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ.

مەسخىرە ئىچىدە ياشىغان بالا، تارتىنچاق بولۇپ قالىدۇ.

گۇمان ۋە ھەسەت ئىچىدە چوڭ بولغان بالا، ئاسان ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئار-نومۇس ئىچىدە چوڭ بولغان بالا، ئۆزىنى ھامان گۇناھكار دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئىلھام ئىچىدە ياشىغان بالا، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ.

كەڭ قورساقلىق ئىچىدە ياشىغان بالا، سەۋر-تاقەتلىك بولىدۇ.

مەدھىيە ئىچىدە چوڭ بولغان بالا، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىدۇ.

ئېتىراپ قىلىشقا كۆپ سازاۋەر بولغان بالا، ئۆزىگە ئامراق بولىدۇ.

تەڭ بەھرىمان بولۇشقا سازاۋەر بولغان بالىلار، سېخىي بولىدۇ.

ئىشەنچ ئاستىدا چوڭ بولغان بالا، ھەقىقەتنى چۈشىنىشنى بىلىدۇ.

ئادىل بولغان شارائىتتا چوڭ بولغان بالىلار، ناھايىتى ھەققانىيەتچى بولىدۇ.

باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولغان بالىلار، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ.

ئىشەنچ ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلار، باشقىلارغىمۇ ھەم ئۆزىگىمۇ ئىشىنىدۇ.

ئىناقلىق ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلار، باشقىلارنىمۇ ھەم ئۆزىنىمۇ سۆيىدۇ.

جۇڭگودىكى ياش ئاتا-ئانىلار: بىزنىڭ زىممىمىزدىكى مەجبۇرىيەت ناھايىتى چوڭ. چۈنكى ھازىرقى زامان جۇڭگو ياشلىرى:

ناھايىتى ئىلغار، لېكىن ئېسەنكىرەپ قالغان؛

ناھايىتى ئەقىللىق، لېكىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يېتەرلىك ئەمەس.

ئۇلار كۆپ يىللاردىن بېرى، بىردىنبىر تېنىچ جەمئىيەتتە، مۇكەممەل تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولغان بىرىنچى ئەۋلات ياشلاردۇر.

ئۇلار ئۇچۇر بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن دۇنيادا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، ھەر ساھادىكى بىلىملەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەنلەردىن بولۇشى كېرەك.

ئۇلار تاللاشقا بولىدىغان دەۋردە تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن دەۋر ئۇلارغا تاللاشتىكى ئەقىل-پاراسەتنى بەرمىگەن.

ئەڭ مۇھىم بولغىنى: جۇڭگودىكى ياشلار  بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز، بىزنىڭ بارلىقىمىز. شۇ سەۋەپنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ئورتاق مەدەت بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئاتا-ئانا بولۇپ چىقىشىمىزغا تۈرتكە بولالايدۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى