ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كارخانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھەققىدە ئويلىنىش

كارخانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھەققىدە ئويلىنىش

ۋاقتى: 2016-11-11 ئاۋاتلىقى: 7321 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

[ئىلقۇت ئىلاۋىسى] مەزكۇر ماقالە بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن يېزىلغان ماقالە بولۇپ، كومپيۇتېرىمنى قايتا رەتلەش جەريانىدا يوللاپ قويدۇم. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى كۆز قاراشلار بەلكىم ھازىرقى شارائىتقا ماس كەلمەسلىكى ياكى ئاللىبۇرۇن قىممىتىنى يوقاتقان بولۇشى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ مەن ئەسلى ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قايتا تەھرىرلەپ يوللاپ قويدۇم، تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[مۇھىم نوقتا] بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز كارخانىلىرىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئاللىبۇرۇن ھەر قايسى كارخانىلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نوقتىغا ئايلاندى. كارخانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى كارخانىنىڭ ئىشچىلار قۇشۇنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ كارخانىغا ئېغىر تالاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. مەزكۇر ماقالە ئۆزۈمنىڭ مەكتەپتە ئۆگەنگەن كىتابى بىلىمىم ۋە دەرستىن سېرتقى كۆرگەن ماتېرىياللار ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان بۇلۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ شۇ ئاساستا كارخانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى، يادرولۇق ئىختىساس ئىگىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە يېڭىدىن ئىختىساس ئىگىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تەدبىرى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. بىلىم سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن ماقالىدە بەزى نوقسانلاردىن تۇلۇق ساقلاندىم دېيەلمەيمەن، شۇڭا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ماقالىگە قارىتا توغرا قاراشتا بۇلۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە دادىللىق بىلەن پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى، ئۆزۈمدە ساقلانغان كەمچىلىكلەرنى ۋاختىدا تۈزىتىۋېلىشىم ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت

خەتكۈچ: ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى     ئىختىساس ئىگىلىرى

1. كىرىش سۆز
بازار ئىختىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ۋە ئىختىساد دەۋرىنىڭ يىتىپ كېلىشگە ئەگىشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى تەدرىجىي ماتېرىيال بايلىقى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بۇلۇپ قالدى، كارخانا ئارا رىقابەت ئاللىبۇرۇن ئادەم كۈچى رىقابىتىگە ئايلاندى.

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال يۈرۈشتۈرۈلۈشى(ھەرىكەتلىنىشى) جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە شىركەتكە چەكسىز ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ئىختىساسلىقلارنىڭ رىقابىتىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى (人力资源) نىڭ ئاقىلانە تەقسىم قىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەرگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىراق، يالغۇز شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ شۇنداقلا كارخانا ئىختىسادىنىڭ ستراتىگىيىسى ۋە كارخانا ئىناۋىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بەزىدە ئېغىر بولغاندا ئاپەت خاراكتىرلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
«قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ؟» دېگەن بۇ سۇئال بولسا كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى چۇقۇم ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، بەلكى كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى دۇچ كەلگەن چوڭ بىر باش ئاغرىقىدۇر.

2. كونا تۈزۈم ئاستىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەھلىل
(1) كارخانا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ تەسىرى ھەققىدە تەھلىل
ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيسى ۋە كۆز قارىشى كۆپ تەرەپلىمىلىككە يۈزلەندى ھەمدە ئۆز قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېڭى بارغانچە كۈچىيىش دولقۇنىغا قەدەم قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىش ھادىسىىسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى كۈنسېرى ئۇمۇملىشىۋاتقان شارائىتتا، بىز چۇقۇم كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
بىر تەرەپتىن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ مۇۋاپىق مىقداردا ئېقىپ كېتىشى كارخانىنىڭ ئىشچىلار قۇشۇنى(قان)نى ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق. كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ مۇۋاپىق مىقداردا ئېقىپ كېتىشى كارخانىنىڭ يېڭىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قۇبۇل قىلىپ ئىشچىلار قۇشۇنىنى تەرتىپكە سېلىشىغا پايدىلىق. يېڭى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كارخانا ئۈچۈن يېڭى ئىدىيە، يېڭى خىزمەت ئۇسۇلى ئېلىپ كېلىپ، كارخانىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ شۇ ئارقىلىق كارخانا ئادەم كۈچى بايلىقى (企业人力资源) نىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرىدۇ ۋە يېڭىلىنىشقا شارائىت ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شۇنداقلا ئۆز قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق.
بىراق، يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ يۇقىرى چەكتە ئېقىپ كېتىشى كارخانا ئۈچۈن زىيانلىق، كارخانىنىڭ ئىختىساسلىقللارنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بىر پايدىسىز ئامىل. ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى كارخانىنىڭ ئىشچىلارنى ئالماشتۇرۇش تەننەرخىنى ئاشۇرىۋېتىپ كارخانىغا رىقابەتچىلەر تەھدىدىنى ئېلىپ كېلىپ، خېرىدارلارنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى ۋە خىزمەت ئوتتۇرا يولدا توختاپ قېلىش ھادىسىسىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
كارخانىدىن مۇھىم ئىختىساس ئىگىسى ئېقىپ كەتكەندىن كېيىن كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىر تۇسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كارخانا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ ئېغىر ئىختىسادىي زىيان تارتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ، بۇلۇپمۇ ئالىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشى كارخانا ئادەم بايلىقى تەننەرخىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى كارخانا سىتراتىگىيىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ ئارقىلىق كارخانىنى كارخانىنىڭ باشقۇرۇش ستراتىگىيسىگە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرى قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ زىيادە ئېقىپ كېتىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كارخانا جەڭگىۋارلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، كارخانا ئابرويىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ كارخانىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

(2) كارخانا ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھەققىدە تەھلىل
ھازىرقى دەۋردە ھەرخىل تۈردىكى كارخانىلاردا ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىش كرزىسى ئاللىبۇرۇن كارخانا تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىل بۇلۇپ قالدى. كۆپ تەرەپلىمە كۈزۈتۈپ تەتقىق قىلساق شۇنى بايقايمىزكى، كارخانا ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كارخانىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى مەسىلىسى، ئىشچىلارنىڭ ئۆزىدىكى ئامىل ھەمدە سىرتقى مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىقلارغا يەكۈنلىنىدۇ.
1) كارخانىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى مەسىلىسى. كارخانا تەرەپتىن قارىغاندا، ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل: ئىشچىلارنى قەدىرلەش يىتەرسىز، ئىشچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئاجىز، كارخانىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئىلھاملاندۇرۇش مەدىنىيىتى كەمچىل بولۇش قاتارلىقلاردۇر. بەزى كارخانىلار ئىشچىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىشقا ماھىر ئەمەس، ئاكتىپلىق بىلەن ئىشچىلار ئۈچۈن ئويلانمايدۇ، ئىشچىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە زور خاتالىق سادىر قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. كارخانىلار ئىشچىلارنى تەربىيىلەشكە ۋە ئىشچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال داۋاملىق ساقلانغاندا ئىشچىلارنىڭ سادىقلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. پىشىپ يىتىلگەن كارخانا مەدىنىيىتىمۇ دائىم ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى مۇھىم ئامىلى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىشىپ يىتىلگەن كارخانا مەدىنىيىتى ئىشچىلارنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا مەنىۋىي جەھەتتىكى قوللاشنىڭ كەمچىلىكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپلا قالماستىن، ئورتاق، ئاكتىپلىق قىممەت قارىشىنىڭ كەمچىلىكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
كارخانىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئىلھاملاندۇرۇش تۈزۈمىنىڭ كەمچىل بۇلۇشى. ئىش ھەققى تەخسىمات سىستېمىسىنىڭ قالاقلىقى، ئىشچىلار كىرىمىنىڭ تەخسىمات پەرقى كىچىك بولۇشى، تەخسىمات تىپىنىڭ يەككىلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدۇر.
2) ئىشچىلارنىڭ ئۆزىدىكى ئامىل. ئىشچىلار دائىم كەسىپتە تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى تۇلۇق نامايەن قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىق سەۋەپتىن ھازىرقى شىركەتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ. ئەگەر شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتتە جەڭگىۋارلىق كەمچىل بولسا ئىشچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئىشچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلەشمۇ ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ، بۇلۇپمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىشچىلارغا نىسبەتەن شۇنداق بولىدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىشچىلار ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتكەنلىكتىن، تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئېرىشىش، يۇقىرى ئىش ھەققىگە ئېرىشىشنى كۆزلەپ كەتكەچكە ئاشۇ «يۇقىرى ئىش ھەققى»گە، «ياخشى شارائىت»قا ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىرقى خىزمىتىنى تاشلاپ شىركەتتىن ئايرىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئاشۇ «يۇقىرى ئىش ھەققى»گە، «ياخشى شارائىت»قا ئېرىشىشى كۆپ ئەھۋالدا كۆپۈككە ئايلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
3) سىرتقى مۇھىت مەسىلىسى. ھازىر دۆلىتىمىز ئالمىشىش دەۋرىدە تۇرىۋاتىدۇ، سانائەت، كەسىپ، كارخانىنىڭ ئىچكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى، سانائەت، كەسىپ، كارخانا ئىچىدە ئىشچىلارنىڭ يۆتكىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىشچىلار ئۆزىنىڭ ئىختىدارى ۋە ھازىرقى خىزمىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى جەھەتتە ھۆكۈم قىلىشى بەلكىم مەلۇم دەرىجىدە ھەقىقىيلىقىنى يوقىتىشى مۇمكىن، ھەمدە سىرتقى مۇھىتنىڭ شىركەت-كاخانىلارغا بولغان بېسىمى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا مۇشۇ ئامىللار ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

(3) شىركەت ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىنكى ئىشچىلار قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدىكى تەجرىبىلەر
1) «ئادەمنى مەركەز قىلغان» ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش (人力资源管理) ئىدىيىسى
ھازىرقى بىلىم ئىختىساد دەۋرىدە ئادەم كۈچى بايلىقى ئاللىبۇرۇن كارخانىنىڭ يادرولۇق بايلىق مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ دەۋردە ئەگەر كارخانا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن چۇقۇم «ئادەمنى مەركەز قىلغان» ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش ئىدىيىسىدىكى ئادەم كۈچى باشقۇرۇش قىممەت قارىشىنى تىكلىشى كېرەك. بىر باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي تۈردە تۇنۇپ يەتكەندە «ئادەمنى مەركەز قىلغان» ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش ئىدىيىسىدىن ئىبارەت بۇ باشقۇرۇش ئېڭىنى تىكلىگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي تۈردە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ. باشقۇرغۇچى ھەقىقىي تۈردە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىممىتىنى تۇنۇپ يەتكەندە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەش ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ.
2) ئۇيۇشۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان كارخانا مەدىنىيىتىنى يىتىلدۇرۇش
كارخانا مەدىنىيىتى كارخانىدا بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئورتاق قىممەت قارىشى يىتىلدۇرۇشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كۈچلۈك ئۇيۇشۇش رۇلىغا ئىگە مۇھىم ئامىل. ياخشى بولغان كارخانا مەدىنىيىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپلار قالماستىن بەلكى كارخانىدا باشقۇرغۇچى بىلەن ئىشچى، باشقۇرغۇچى بىلەن باشقۇرغۇچى، ئىشچى بىلەن ئىشچى ئوتتۇرىسىدا ئۈز-ئارا ئىشىنىش ھاسىل قىلىش، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش قاتارلىق مۇھىم قىممەت قارىشىنى تىكلەش جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
كارخانىدا بىر ساغلام ۋە تەرتىپلىك بولغان خىزمەت مۇھىتى كارخانىنىڭ ئۇرۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇلۇپ، كارخانىدا كۈچلۈك ئۇيۇشۇش ئېڭىنى يىتىلدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئۆزلىكىدىن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغاندا، كارخانىنىڭ تېخىمۇ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ.
3) ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش
بىلىم ئىختىساد دەۋرىدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ دەۋردە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەھەتتىكى ئېھتىياجى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەھەتتىكى ئېھتىياجى بىلەن كارخانىنىڭ ئۇرۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى ئورگانىك ھالدا بىرىكتۇرۇپ، كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىززەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىش جەھەتتىكى مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. يۇقىرىقىلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كارخانا بىر تەرەپتىن ئىشچىلارنى رىغبەتلەندۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش روھىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.
4) ئۈنۈملۈك بولغان رىغبەتلەندۇرۇش ۋە چەكلەش تۈزمىنى يولغا قۇيۇش
بۈگۈنكى كۈندە كارخانىدا ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىغان مۇھىم ئامىىللارنىڭ بىرى، كارخانىلاردا مۇھىم بولغان رىغبەتلەندۇرۇش ۋە چەكلەش تۈزۈمى كەمچىل.  شۇڭا كارخانىلار چۇقۇم ئىلمى بولغان باھالاش تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۈنۈملۈك بولغان رىغبەتلەندۇرش ۋە چەكلەش تۈزۈمىنى يولغان قۇيۇشى كېرەك.
بىر تەرەپتىن، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان رىغبەتلەندۇرۇش تۈزۈمىنى يولغان قۇيۇپ، كارخانىنىڭ ئىش ھەققىي ۋە پاراۋانلىق شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن: بىرىنچىدىن، ئىلمى بولغان باھالاش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئەھۋالىغا قارىتا قەرەللىك باھالاش ئېلىپ بېرىپ، ھەر بىر ئىشچى خىزمەتچى ئۈچۈن ئادىل، باراۋەر باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىش ھەققىنى بىكىتىپ ئىشچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى مۇۋاپىق چەكلەش كېرەك. كارخانا مۇۋاپىق تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەتنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:
بىرىنچىدىن، كارخانا توختام تۈزۈمىنى يولغا قويسا بۇلىدۇ. كارخانا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنىڭ روھىغا ئاساسەن توختام تۈزۈپ، ئىشچىلار بىلەن توختام ئىمزالاش پرىنسىپى بويىچە ئىش كۈرسە بۇلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تەربىيىلەش ھەققى تۆلەش تۈزۈمىنى يولغا قويسا بۇلىدۇ. كارخانا ئىشچىلارنى تەربىيىلەش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئىشچىلار ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى كۈرۈلسە ئارخىپتا كۆرسىتىلگەن تەربىيىلەش مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىشچىلارنىڭ ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇناسىۋەتلىك زىياننى تۆلىتىش پىرىنسىپىنى قوللانسا بۇلىدۇ.

4. ئاخىرقى سۆز
كارخانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ  ئېقىپ كېتىشى بۈگۈنكى كۈندە كارخانىچىلار  دىققەت ئىتىبارىنى قارىتىشقا مەجبۇرى بولغان ئۇمۇميۇزلۈك مەسىلە بولۇپ قالدى. بىز چوقۇم كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ  ئېقىپ كېتىشىگە توغرا پۇزىتسىيەدە بۇلىشىمىز، «نورمال، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ  ئېقىپ كېتىشى كارخانا ئۈچۈن پايدىلىق.» دېگەن بۇ قاراشنى تۇلۇق چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەك. نورمال، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ  ئېقىپ كېتىشى كارخانىنىڭ قان ئالماشتۇرۇپ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق. ئەمما ھەددىدىن زىيادە بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز. شۇڭا كارخانا باشقۇرغۇچى چۇقۇم مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ھەرخىل ئۇسۇل-چارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئارتۇقچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.


2009-يىلى1-ئاينىڭ24-كۈنى
نىيا ناھىيە سالغۇزەك يېزا

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى