ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاتا-ئانىلارغا خەت: پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە

ئاتا-ئانىلارغا خەت: پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-10-29 ئاۋاتلىقى: 7911 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاپتۇر: لى كەيفۇ

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ھۆرىيەت ئىسمايىل

تەھرىر: ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت


مائارىپقا ھېرىسمەن بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش توغرىسىدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئۆزگىچە قاراشلىرىم بار. لېكىن بۇ پارچە خەتنى يېزىشتىن بۇرۇن ناھايىتى كۆپ ئويلاندىم، چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن مەن بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىس ئەمەسمەن. يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېرىكمەي قوللىشى ۋە ئىلھاملاندۇرىشىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ پارچە خەتنى يېزىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى توغرا كۆردۈم ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن: «ئەگەر مەن ئاتا-ئانىلارغا شۇنداق بىر پارچە خەتنى يازسام، سىلەر شۇ خېتىمدە قانداق مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار سورىغان سۇئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئاتا-ئانىمىزغا دېسىڭىز، بىز چوڭ بولدۇق، ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز كۈتەلەيدىغان بولدۇق، بولسا بىزمۇ شۇ ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي قەدىمى بويىچە ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى بېسىپ كۆرسەك، مەيلى شۇ جەرياندا جاپالارنى تارتساقمۇ بىز رازى …»

«مېنىڭ ئاتا-ئانامغا مۇنۇلارنى دېگۈم بار: دادا-ئاپا، سىلەرنىڭ مېنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭلار ناھايىتى زور، لېكىن مەن ھەرقانچە تىرىشساممۇ سىلەرنىڭ كۆزلىگەن نىشانىڭلارغا يېتەلمەيۋاتىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن. مەن سىلەرنىڭ ئاددىي بولغان مېنى قوبۇل قىلىشىڭلارنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدىغىنىمنى بىلەمسىلەر؟ مەن تىرىشىپ كۆزلىگەن نىشانىمغا يېتىش ئۈچۈن بار كۈچۈمنى ئىشقا سالغىنىمدا، مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ مەدەت بىرەلەرسىلەرمۇ؟»

«ئاتا-ئانىمىزغا شۇنى سۆزلەپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز كىتاپ ئوقۇشنىلا بىلىدىغان ماشىنا ئادەم ئەمەس، بىزمۇ ئۆزىمىز قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلغۇمىز بار، ئاتا-ئانىمىزنىڭ مەدەت بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمىز .»

«ئاتا-ئانىمىز بىلەن ھەقىقىي دوستلاردەك ئۆتۈشنى، ئۇلار بىلەن دوستلاردەك ئىجىل بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن ئاتا- ئانىمىزغا قانداق سۆز ئېچىشنى بىلەلمەيمىز .»

شۇنچە كۆپ ھېسسىيات ۋە ئارزۇ-تىلەكلەرگە تولغان سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم-دە بۇ سۆزلەرگە بولغان كۆز قارىشىمنى ۋە مائارىپقا بولغان تونۇشۇمنى يېزىشقا كىرىشتىم. مېنىڭچە، پەرزەنتلەرنى قانداق قىلىپ ئۆزىنى تۇتىۋالغان، قائىدىلىك، ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازانغان، مۇستەقىل پىكىرلىك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى، خوشال-خورام ۋە ھېسسىي (感性) بولغان پەرزەنتلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەقىقىي ئىچ سىرىنى سۆزلىيەلەيدىغان دوستلاردىن بولۇش ھەقىقىي  ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتا.

جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىلار، بۇ خەتنى يېزىشتىكى مەقسىدىم سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىغا ئىشەندۈرۈش ياكى سىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىڭلارغا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلارنىڭ كۆڭلىدىمۇ  سۆزلىيەلمەيۋاتقان سۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋېلىشىڭلارنى مەقسەت قىلغانمەن. ئەگەر بۇ خەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاز بولسىمۇ  بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا پەرزەنتلىرىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى سوراپ بېقىش ئىستىكى قوزغالغان بولسا ۋە ھەقىقەتەن بالىلىرى بىلەن سىردىشىپ ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلالىغان بولسا، ھەتتاكى سىرداش  « دوستلار» دىن بولالىغان بولسا، مەنمۇ مەزكۇر خەتنى يېزىشتىكى مەقسىدىمگە يەتكەن بولاتتىم .

پەرزەنتلەرنى ئۆزىنى تۇتىۋالغان،  قائىدىلىك قىلىپ تەربىيىلەيلى

جۇڭگولۇقلاردا ئەزەلدىن مۇنداق بىر ئىدىيە بار، يەنى  «قۇلىقى يۇمشاق» گەپ ئاڭلايدىغان بولۇش بالىلارنىڭ ياخشى–يامانلىقىنى بەلگىلەيدىغان بىر تارازا. گەپ ئاڭلايدىغان بولۇش بىر بالىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن مەن ئۆز پەرزەنتىمنىڭ گەپ ئاڭلايدىغانلا پەرزەنت بولۇشىنى خالىمايمەن. مېنىڭچە بالىنى ھەقىقىي قائىدىلىك، ئىش ئۇقىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بىر بالا قۇلىقى يۇمشاق ۋە گەپ ئاڭلايدىغانلا بولۇپ، قائىدە بىلمىسە ئىش ئۇقمىسا، ئۇنداقتا بۇ بالىنى ھەقىقىي  ياخشى دېيىشكە بولمايدۇ. ئىش ئۇقىدىغان بالىلار، ئاتا-ئانىلار ئورۇنلۇق تەربىيە قىلغاندا ئۆزلىكىدىنلا ئاتا-ئانىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ. بۇ دەل بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتكىنى ئەمەسمۇ؟

گەرچە مەن قوزغىتىش شەكلىدىكى (启发式) مائارىپقا ئىشەنسەممۇ، يەنىلا بالىلارغا بولغان مۇۋاپىق دەرىجىدىكى تەربىيە، باشقۇرۇش ۋە قائىدە-نىزاملارنى كەم بولسا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى قوزغىتىشقا مۇھتاج، ئوخشاشلا باشقۇرۇشقىمۇ مۇھتاج. بالىلاردا ئۆزىگە ئىشەنچ تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرۈش مۇھىم، ئوخشاشلا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ .

«قائىدە-نىزام» غا نىسبەتەن مېنىڭ تۆت تۈرلۈك پىرىنسىپىم بار: (1) قائىدە-نىزام بەلگىلەش، لېكىن بەلگىلەشتىن بۇرۇن چوقۇم پەرزەنتلەرگە شۇ قائىدىلەرنى تۈزۈشتىكى مەقسەتنى، داۋلىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا بالىلار قائىدە-نىزاملارغا قارىغۇلارچىلا بويسۇنۇپ قېلىپ، ھەقىقىي تەربىيىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ؛ (2) قائىدە-نىزاملارغا بويسۇنغان ئاساستا، يەنى پەرزەنتلەرنىڭ قىلغان ئىشى بەلگىلىگەن قائىدە-نىزامدىن چەكنەپ كەتمىسىلا، ئۇلارغا يېتەرلىك ئەركىنلىك بېرىلسە بولىدۇ؛ (3) ئەگەر پەرزەنتلەرنىڭ قىلمىشى قائىدە-نىزامدا بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە، ئالدىن كېلىشىۋالغان بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جازالىنىشى كېرەك؛ (4) قائىدە-نىزام قانچىكى ئاز، قانچىكى مېغىزلىق بولسا شۇنچىكى ياخشى، چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا بالىلارغا ئىلھام بېرىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا، ھەربىر  «تەربىيە» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش لازىم، لېكىن ئامال بار سەلبىي مىساللارنى ئاز مىسال كەلتۈرۈپ، ئىجابىي مىساللاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئەگەر سىز بالىڭىزغا  «چوڭلارنى كۆرگەندە دەرھال ئورۇندىن تۇرۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالام قىلىش كېرەك.» دېگەن قائىدىنى ئۆگەتمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم ئۆزىڭىز ھەر قېتىم شۇنداق قىلالىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر پەرزەتلەرنىلا قاتتىق باشقۇرۇپ، ئاتا-ئانىلار ئۆزى ئەمەل قىلمىسا، بالىلارنى قايىل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بالىلارنى تەربىيىلەشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟

ئىنسانىي پەزىلەتنى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈلگە بولۇپ بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. مەسىلەن، پەرزەنتلەرگە سەمىمىيەت تەربىيىسى، مۇستەقىل خاراكتېر تەربىيىسى ۋەياكى ئىدىيە تەربىيىسى بەرگەندە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىپادىسى پەرزەنتلەرگە ناھايىتى زور تەسىر بېرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا ھېكايە ۋە مىساللار ئارقىلىق (دىققەت!  ھەرگىز ۋەز نەسىھەت شەكلىدە تەربىيە بەرمەسلىك كېرەك) بالىلارنى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىلار ئۆزىمۇ ھەرۋاقىت بەرگەن تەربىيىسىنىڭ ئەكس تەسىر قوزغاپ قويماسلىقىنى ئۆز-ئۆزىگە تەكىتلەپ تۇرىشى لازىم.

ئىنسانىي پەزىلەتنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا، بەزى بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزىمۇ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەلمەيدۇ، مەسىلەن، ئىشەنچ، ھەققانىيلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيىلەرنى بەرگەندە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى رېئال تۇرمۇشتا بۇ نىزاملارغا رىئايە قىلغاندا، كىشى ئاسانلا زىيان تارتىپ قالىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىنلا بۇ نىزاملاردىن ۋاز كېچىدۇ. شۇڭلاشقا مەن جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەن، يەنى ھەرقانداق ئىشتا كەلگۈسىنى ئويلاش كېرەك. كۈنسېرى خەلقئارالىشىۋاتقان جۇڭگوغا نىسبەتەن، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە، ئىنتېرناتسىئوناللىق تەپەككۇر قىلىش شەكلى ۋە قىممەت ئۇقۇمى ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ھادىسىلەرگە باھا بېرىشنى، ئەكس تەسىر قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئۆگىتىشى ۋە پەرزەنتلەرگە سەلبىي ئىدىيە سىڭدۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىلار ئامال بار پەرزەنتلەرگە ئازادە بولغان ئۆسۈپ-يېتىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى، پەقەت پەرزەنتلەر ئېسەنكىرەپ قالغان چاغدىلا، مۇۋاپىق بولغان تەكلىپ ۋە تەربىيە بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرىشى كېرەك. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ھەرگىزمۇ مەجبۇرىي تاڭماسلىقى كېرەك.

پەرزەنتلىرىمىزنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆگۈنۈش ئۇسۇلىنى بىلىدىغان پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقايلى

بۈگۈنكىدەك ئىمتىھان مائارىپى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆگىنىش مۇھىتىدا، پەرزەنتلەرنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىن ئالغان نەتىجىلىرىگە ئېتىبار بەرمەي تۇرالمايمىز. لېكىن  شۇنىسى ئېنىقكى بۇخىل مۇھىتنىڭ پەرزەنتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمى ناھايىتى زور بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئامال بار پەرزەنتلەرنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىشى، بالىلارغا بولغان ئۈمىدنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك. ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇ-تىلەكلىرىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ خالاش ياكى خالىماسلىقىغا، تالانتى بار ياكى يوقلىقىغا قارىماستىنلا مەجبۇرىي تېڭىپ قويماسلىقى كېرەك. بەك يۇقىرى بولغان، نامۇۋاپىق ئۈمىد ۋە تىلەكلەر پەرزەنتلەردە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئاتا-ئانىسىغا يۈز كېلەلمىگەندەك جىنايەت تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆگىنىش نەتىجىسىنى بەك مۇھىم ئورۇندا قويىۋالماستىن، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىلا بالىلارغا مەدەت بېرىشى كېرەك. ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالماستىن، كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرلىگەن بولسىلا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئاساسى پۇختا بولۇش ۋە سۇئالنىڭ تېگىگە يېتىش  مەڭگۈ نەتىجىدىن مۇھىم .

شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ ئورۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بىراقلا بېسىم بېرىۋەرمەي، ئۇلارنىڭ قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرلىشىگە مەدەت بېرىشى ۋە ھەر قېتىمدا ئالدىنقى قېتىمكىدىن ئازىراق ئىگىرىلەش بولۇشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرى ياكى تەلىپى ئورۇنلۇق بولمىسا، ياكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئارزۇ–تىلەك بولسا، بالىلار پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشى ۋە بەل قويىۋېتىشى مۇمكىن.

ئاتا-ئانىلار ئامال بار پەرزەنتلەرگە بولغان تەلەپنى تەكلىپكە ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ پەرزەنتلەرنى ئۆز ئالدىغا قويىۋېتىش، كارى بولماسلىقى كېرەك دېگىنىم ئەمەس. بەلكى پەرزەنتلەرگە بولغان يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىشى كېرەك دېگىنىم.

ھەرگىز ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە سېلىشتۇرماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئىككى خىل ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بىر خىلى پەرزەنتلەردە: «ئاتا-ئانام مېنى ياقتۇرمايدىكەن، باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى ياقتۇرىدىكەن …» دېگەن كۆز قاراش پەيدا بولۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچى خىل ئەھۋال، پەرزەنتلەردە رىقابەتلىشىش ئېڭى بەكلا كۈچىيىپ كېتىپ، كېيىن جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندا ئېھتىياجلىق بولىدىغان كوللىكتىپ ھەمكارلىشىش ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

بىلىم قوبۇل قىلغاندا كىتاپتىكى ئۆلۈك نەرسىلەرگىلا ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك. مەن «ھەقىقىي ئۆزىڭىز بولۇڭ» ناملىق كىتابىمدا تۆت خىل باسقۇچنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى باسقۇچ، خۇددى «ئىشقا پىشقاننىڭ يولى چاققان»  دېگەندەك، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا بىلىم ئۆگۈنۈپ، دەرسلىك كىتاپتىكى بىلىملەرگە پۇختا بولۇش، سورىغان سۇئالغا توغرا جاۋاپ بېرەلەيدىغان  بولۇش ؛

ئىككىنچى باسقۇچ، كونىلارنىڭ گېپى بويىچە بىردىن مىڭنى پەرەز قىلالايدىغان بولۇش، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، ئۆگۈنۈش ئۇسۇللىرىنى ياخشى ئىگەللىگەن بولۇش، بىرخىل ھادىسىنى بىلىش ئارقىلىق باشقا ھادىسىلەرنىمۇ بىلەلەيدىغان بولۇش، بىر خىل شەيئىنى تونىغاندا، ئۇنىڭ ماھىيىتىنىمۇ بىلىدىغان بولۇش؛

ئۈچىنچى باسقۇچ، ئۇستازسىز ئۆگىنەلەيدىغان بولۇش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگۈنۈش، ئۆزلۈكىدىن بىلىم تەھسىل قىلىشنى بىلىش، ئوقۇتقۇچى بولمىسىمۇ ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش قىلالايدىغان بولۇش؛

تۆتىنچى باسقۇچ، ھەر ساھەدىكى بىلىملەرنى ئۆز –ئارا يۇغۇرۇپ، تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولۇش ۋە بىلىملەرنى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش، شۇ ئارقىلىق ئادەم بولۇش ۋە خىزمەت قىلىشتىكى قائىدىلەرنى ئىگەللىگەن بولۇش.

ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەر قېتىملىق پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىش دائىرىسىنىڭ چوڭىيىپ بېرىشىغا، ئۆلۈك يادلاشتىن تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. مېنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىممۇ دەل شۇ.

تور دۇنياسىدىكى بىلىملەر كۆپ ھەم مول، ئۇنىڭدا سەرخىل تىل ئۆگىنىش ئەسۋابلىرى، داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكلىرى بار. مەسىلەن،  « كەيفۇ ئوقۇغۇچىلار تورى» نىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىش سالۇنى بار. دېمەك تور دۇنياسىدىكى ئۆگۈنۈش مەنبەلىرى ناھايىتى كۆپ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كۈتۈپخانا، ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق مەنبەلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. لېكىن ھەممە شەيئىنىڭ ئىككى خىل تەرىپى بولغىنىدەك، تور دۇنياسىمۇ مۇكەممەل ۋە ئىجابىيلا بولمايدۇ، چۈنكى تور دۇنياسىدا سەلبىي بولغان ئازدۇرغۇچى ئامىللارمۇ بار. ئەگەر پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى ئاجىز بولسا ئاسانلا يامان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر نۇقتا، پەرزەنتلىرىنىڭ نەتىجە ياكى نومۇر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۆگىنىشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك. مەسىلەن قىزىمنى مىسالغا ئالساق، بىر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئۇ بىر مەسىلىنىڭ يېرىمىنىلا توغرا ئىشلەپتىكەن ئوقۇتقۇچى قىزىمنىڭ يازغان جاۋابىنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ ھېسابلاپتۇ. بۇنى بىلگەندىن كېيىن، مەن قىزىمغا ئوقۇتقۇچىسىىدىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى سوراپ بېقىشىنى دېدىم، لېكىن قىزىم ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نومۇر قوشۇپ بەرمەديدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ بارماي تۇرىۋالدى. شۇ چاغدا مەن قىزىمغا ئوقۇتقۇچىنىڭ يېنىغا نومۇر قوشىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نېمە ئۈچۈن خاتا ئىشلەپ قويغانلىقىنى بىلىۋېلىش ۋە ئوقۇتقۇچىدىن  توغرا بولغان ئىشلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن بارىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردىم.

پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن قول سېلىپ ئىشلىشىگە ۋە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك.  چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا، پەرزەنتلەرنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆگەنگەن بىلىمىنىڭ نەتىجە ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بەلكىم ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ تارىخ، ئالگېبرا دەرسلىكلىرىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى يادلىغان چاغدىكى مەنىسىز ھېسلار  يادىدا بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇ بىلىملەرنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىغان بولسا، بەلكىم ئاللىبۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ئۆز ئەينى بويىچە قايتۇرۇپ بەرگەن بولاتتۇق. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەتلىرىنىڭ ئۈگىنىشىگە دەخلى قىلمىغان ئاساستا، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە  «ئەمەلىي» مەشىقلەرنى قىلىپ بەرگىنى ياخشى.

قىزىم كۆرسەتكۈچ سانغا ئالاقىدار دەرسلىكنى ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلدە مەن ئۇنىڭ بانكا ئامانەت كارتىسىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەر بىر يىلنىڭ كومپلېكس ئۆسۈم پىرسەنتىنى ھېسابلاش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ كارتىسىدا قانچىلىك پۇلنىڭ يىغىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ نەقەدەر باي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. قىزىم ئامېرىكا تارىخىنى ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلدە، مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى جانلىق بولغان تاپشۇرۇق ئۆگەتتىم، يەنى كومپيۇتېر كارتون فىلىمىگە قىزىم بىلەن ئىككىمىز ئاۋاز بەردۇق، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا تارىخىدىن بىر كۆرۈنۈشنى قايتا ھاسىل قىلدۇق. خۇددى بىر ئېغىز ھېكمەتلىك سۆزدە دېيىلگىنىدەك: «ئاڭلىغىنىمنى ئاسان ئۇنتۇپ كېتىمەن، كۆرگىنىمنى ئەستە ساقلىيالىشىم مۇمكىن، ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلەپ باققىنىمنى مۇقەررەر چۈشىنىپ يېتىمەن».

يوقىرىقىلارنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. لېكىن بالىلاردا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولمىسا، يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىشلارنى قىلغان بىلەنمۇ بىكار بولىدۇ. مەن دائىم قىزىمنىڭ ئۆگۈنۈش نىشانى توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىمەن. شۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىغا ماسلىشىپ قىزىمنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش نىشانىنى تىكلىشىگە ياردەم بېرەلەيمەن. چوڭ قىزىم ئوقىۋاتقان مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر يېرىم يىلدا بىر ئۆگىنىش نىشانى ۋە ئۆگىنىش پىلانى تۈزەش شەرت قىلىنىدۇ ۋە يېرىم يىلدىن كېيىن شۇ نىشانىغا يېتەلىگەن يېتەلمىگەنلىكىگە باھا بېرىدۇ. بۇرۇن قىزىم بەك خىجىلچان بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزىبىر مەسىلىلەرنى چۈشىنەلمىگەن بولسىمۇ  باشقىلاردىن سوراشتىن خىجىل بولاتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆزىگە كۈندە مۇئەللىمدىن سۇئال سوراش، بىلمىگەن سۇئاللىرىنى سوراپ بىلىۋېلىشنى نىشان قىلىۋالدى ھەمدە كۈندە ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئورۇنلىيالىغان ياكى ئورۇنلىيالمىغانلىقىغا باھا بېرىپ تۇردى. لېكىن كېيىن مۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەردى، يەنى قىزىم كۈندە سۇئال سوراش نىشانىغا يەتكەن بولسىمۇ، دەرس ۋاقىتتىكى مۇنازىرىگە قاتناشمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭلاشقا كېيىنكى نىشاننى كۈندە ئاز بولغاندا بىر قېتىم قول كۆتۈرۈپ دەرسخانىدىكى مۇنازىرىگە قاتنىشىش دەپ بېكىتتى.

مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولالايدىغان پەرزەنتلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقايلى

جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىنىڭ زەررىچىلىك ئازاپقا ئۇچراق قېلىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ، ھەم يول قويمايدۇ. شۇڭلاشقا پەرزەنتلىرىنى تېخىمۇ «ئەتراپلىق»  قوغداشقا ئورىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنىڭ پۇت-قولى تەبىئىيلا باغلىنىپ قالىدۇ، ئاتا-ئانىسىغا بولغان يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بەزى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئۆزلۈكىدىنلا پەرزەنتلىرىگە تۇرمۇش پىلانى تۈزۈپ بېرىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلەر ئاسانلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشى ۋە تاللاش ئىقتىدارىغا سەل قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم، 21-ئەسىر  «مۇستەقىل تاللاش» ئەسىرى. داڭلىق باشقۇرۇش ئىلمى مۇتەخەسسىسى پېتىر درۇكېر (Peter Druker) مۇنداق دېگەن: «ئۇچۇر دەۋرىنىڭ سانائەت دەۋرىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىشى، جاھاندىكى چېكى يوق رىقابەتلەر، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتىكى ئەركىن باشقۇرۇش شەكلى قاتارلىقلار مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كەلگۈسىدىكى تارىخشۇناسلار بەلكىم، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىش تېخنىكا ياكى تور دۇنياسىنىڭ يېڭىلىنىشى بولماستىن، ئەكسىچە ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھالىتىدىكى چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بۇ ئەسىردە ئىنسانلار تېخىمۇ كۆپ بولغان تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى كېرەك.» پەرزەنتلەر جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن  چوقۇم ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ كەسپىنى، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى، ئۆزىنىڭ خوجايىنىنى، ئۆزى خىزمەت قىلىدىغان شىركىتىنى، ئىگىلىك تىكلەش ياكى شىركەتكە كىرىپ ئىشلەشنى، تېخنىكا كەسپى ياكى سودا كەسپىنى ئوقۇش قاتارلىقلارنى تاللىۋېلىشى كېرەك. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ھەر كۈنى دېگۈدەك تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەر ئۆزىدە مۇستەقىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق، تاللاش ئىقتىدارى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىق ھەر تەرەپلىمىلىك ئىقتىدارلارنى ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى شەكىللەندۈرىشى كېرەك. ئەگەر بىر بالا چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ پەقەت بىلىم يادلاشنى، باشقىلارنىڭ گېپىنىلا ئاڭلاشنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق تاللاش ياكى ئىش قىلىشنى ئۆگىتىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشنىلا بىلسە ۋە پاسسىپ بولسا، ئۇ جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئېتىبار بېرىشىگە سازاۋەر بولالمايدۇ. پەرزەنتىڭىز شۇنداق جەمئىيەتتە ياشايدۇ، رىقابەتلىشىدۇ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن، ئۇ چوقۇم مۇستەقىل تاللاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىشى كېرەك.

گۇگۇل(Google)نى قۇرغۇچى سېرگىي بىرىن (Sergey Brin) ۋە لاۋرىي پېيج (Larry Page) تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىر ئۇلاردىن مۇۋاپپىقىيىتىنىڭ قايسى مەكتەپكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇلار بىلىم ئالغان سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ياكى (密西根) ئۇنىۋېرسىتېتى سۆزلىمەي، ئەركىن-ئازادە ۋە ھېچقانداق پاسسسىپ كىرگۈزۈش خاراكتېرى بولمىغان ئۆگىنىش شارائىتىغا ئىگە بولغان (蒙台梭利) باشلانغۇچىنى ئەسكە ئالغان ۋە شۇ باشلانغۇچنىڭ تەربىيىلەش شارائىتىدا  « ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ قىل، ئۆزۈڭ مەسئۇل بول ۋە ئۆزۈڭ ھەل قىل.» دىن ئىبارەت ئاكتىپ تەربىيە شەكلىدە، ئۇلاردا ئىنتىلىشچان، ئاكتىپ، مۇستەقىل، ھەرىكەتچان بولۇش قاتارلىق ئادەتلەر شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى سۆزلەيدۇ..

قانداق قىلغاندا مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان ئاساستىكى تاللاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە بەش تۈرلۈك قىلغىلى بولىدىغان ۋە بەش تۈرلۈك قىلىشقا بولمايدىغان ئىش توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتىمەن .

▲ پەرزەنتلەردە  «ئۆزىگە تايىنىپ چارە ئىزدەش»  ئادىتىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھېچكىمنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ھەم قاچۇرالمايدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ باشقىلار تېرىغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى تونۇتۇش كېرەك. ھەممىلا ئىشتا ياردەم قىلىۋەرمەستىن، مۇۋاپىق بولغان مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش ئارقىلىق ئۇلارنى تەجرىبە يىغىشقا  دەۋەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشىغا ياردەم بېرىش ۋە شۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولغاندا سىزنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بېرىشىڭىز كېرەك .

▲ تاللاش ھوقۇقىنى بالىلارغا بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆز–ئۆزىگە خوجايىن بولۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. گەرچە سىز قانداق قىلىشنى بىلسىڭىزمۇ، لېكىن بالىلارغا مۇستەقىل قارار چىقىرىشى پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىدىن توپلىغان تەجرىبىسى مەڭگۈ ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىدىن كۆپ بولىدۇ. شۇنداقلا پەرزەنتلەرگە بىر قىسىم ئىشلاردا تەكلىپ بەرگىنى بىلەن ئاخىرقى قارارنى يەنىلا ئۆزىنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە بۇخىل ئىشلارنىڭ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆپلەپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئېسىمدە قېلىشىچە مەن بەش ياش ۋاقتىمدا ئاتا-ئانام مېنى بالىلار باغچىسىغا ئوقۇشقا بەرمەكچى بولدى، لېكىن ئۇ چاغدا مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇم كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاتا- ئانام ماڭا: «ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسەڭلا سېنى ئوقۇتىمىز.» دەپ تاللاش ھوقۇقىنى ماڭا بەردى. بۇ ئىشنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى، چۈنكى مەن تۇنجى قېتىم بىر بەش ياشلىق بالىنىڭمۇ تاللاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى سەزدىم ۋە شۇ قېتىملىق پۇرسەتنى قەدىرلىدىم، ئاخىرى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگۈنۈش ۋە تىرىشىشىم ئاستىدا باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۆتەلىدىم.

▲ پەرزەنتلەردە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. كۆپ يېتەكچىلىك قىلىپ ئاز تەنقىد قىلىش كېرەك. لىيۇ يوڭ(刘墉) مۇنداق دېگەن: «بۇرۇن مەنمۇ بالامنىڭ ئىشلىرىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەتتىم، لېكىن كېيىن شۇنى بايقىدىمكى بۇنداق قىلسام ئۇنىڭدا مەسئۇلىيەتسىزلىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدىكەنمەن. يەنە كېلىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە چات كېرىۋېلىشى پەرزەنتلەرنى ئەدەپسىز قىلىپ قويىدىكەن ھەمدە قەدىرلەشنىمۇ بىلمەيدىغان قىلىپ قويىدىكەن.» ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا سۆز قىلماسلىقى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى پەرزەنتلەر بىلەن ياخشى پىكىرلىشىپ ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى كېرەك، مەسىلەن  «ئۆيۈڭ ھەم قالايمىقان ھەم مەينەت ئىكەن» نىڭ ئورنىغا  «سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئۆز ھۇجراڭنى پاكىزە تازىلاپ تۇرۇش» دېگەن سۆز سەل ياخشى بولىدۇ. ئەگەر پەرزەنتلەر ئورۇنلىيالمىسا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن ياخشى.

▲ پەرزەنتلارنىڭ ئىشتىياقىنى قوزغاش، ھەدىسىلا ئۇلارغا ھەممىلا نەرسىنى ئۆگىتىپ قويماسلىق كېرەك. چۈنكى يېڭىلگەن تەقدىردىمۇ ئۆزى تىرىشىپ سىناپ باققىنى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

▲ پەرزەنتلەرگە ئىشىنىش كېرەك. پەرزەنتلەردە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىشىنىشنىڭ رولى تەنقىدلەشكە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ. توڭشىن (童欣) مىكروسوفت شېركىتىنىڭ ئاسىيادا تۇرۇشلۇق تەتقىقات ئورنىدىكى داڭقى چىققان مەسئۇلىيەتچان كىشى. ئۇ  كىچىك ۋاقتىدا بىر قېتىم مەكتەپتە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان، لېكىن ئاپىسى ئۇنى بىر ئېغىزمۇ تەنقىدلىمىگەن.  «بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتتى.»  دەپتۇ ئاپىسى بالىسىنىڭ قورقۇنچ بىلەن قارىغان كۆزىگە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ ۋە  «سەن بۇرۇن ياخشى بالا ئىدىڭ بالام، بۇندىن كېيىنمۇ ياخشى بالا بولىدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن.» دەپتۇ. توڭشىن ھەر قېتىم شۇ ئىشنى ئەسلىگەندە: «بۇ شۇ كۈنى ئانام ماڭا بەرگەن، مەن مەڭگۈ ئىشلىتىپ تۈگىتەلمەيدىغان ۋە ئەڭ ياخشى  بولغان سوۋغات بولدى.» دەيدۇ.

▲ ھەددىدىن زىيادە قائىدە–تۈزۈملەر بىلەن بالىنىڭ پۇت-قولىنى بوغۇپ قويماسلىق كېرەك. ئامال بار ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلىرىغا  يول قويۇشى كېرەك، ئۇلارغا ئۆزىنى جارى قىلدۇرىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئەلۋەتتە ئۇلارغا يول قويۇش دېگەنلىك قارىغۇلارچە ھەممىلا ئىشىغا يول قويۇش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى ھەر ئىش جايىدا ۋە توغرا بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز خاتىرجەم بولالمىسىڭىز،  «بىرلىكتە قارار چىقىرىش ئۇسۇلى» ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، بالىلار كومپيۇتېر ئويناشقا ئامراق بولسا،  «ئويناشقا رۇخسەت يوق» دېمەستىن،  «نەتىجەڭ ياخشى بولسا، تاپشۇرۇقلىرىڭىنى ئىشلەپ بولغان بولساڭ ئوينىساڭ بولىدۇ.» دېسىڭىز بولىدۇ، لېكىن بىر ھەپتىدە ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى سائەتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. ئاتا-ئانىلار تىرىشىپ ھەر قېتىملىق  «ئىنكار قىلىش» نى ھەر قېتىملىق «پۇرسەت» كە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا-ئانىلار قولىدىن بالىلار قولىغا تاپشۇرۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ بالىلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ئۈچۈن «چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار» نى تىرىشىپ قىلىشقا باشلايدۇ.

▲ پەرزەنتلەرنى مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن جازالىماسلىق  كېرەك. ھورۇنلۇق،  يۆلىنىۋېلىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلار كۆرۈلگەندە مۇۋاپىق دەرىجىدە جازالاش ئارقىلىق پەرزەنتلەرگە ھەركىمىنىڭ قىلغان قىلمىشىغا بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسا بولىدۇ. لېكىن ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا جازالىماسلىق كېرەك، چۈنكى مەغلۇبىيەت بىلىم ۋە تەجرىبە توپلايدىغان بىر جەريان، ئەگەر بۇ چاغدا جازالانسا، بالىلارنىڭ ئىجاد قىلىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا بالىلارغا مەدەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تېزراق مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ۋە مەغلۇبىيەتتىن تەجرىبە توپلىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك .

▲ قۇرۇق ۋەز-نەسىھەتلەرنى قىلماسلىق ياكى ئاز قىلىش كېرەك. چۈنكى ئەگەر بالىڭىز سىزنىڭ ۋەز-نەسىھىتىڭىزگە ئىشىنىپ قالسا، بارا-بارا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر ئىشەنمىسە قارشى تۇرۇش پسىخىكىسى پەيدا بولۇشى ۋەياكى سىزگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

▲ ھەممىلا ئىشنى پەرزەنتلىرىنىڭ ئورنىدا قىلىپ بەرمەسلىكى كېرەك. پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرگىلى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

▲ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىلا ئىشىغا چات كېرىۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى ھەممىلا ئىشقا چات كېرىۋېلىش پەرزەنتلىرىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ئۆزى بېكىتىپ بەرگەن يولنى بىردىنبىر غەلبىگە تۇتىشىدىغان يول دەپ ئويلايدۇ ۋە پەرزەنتلىرىنى بوي سۇنۇشقا قىستايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىلار ھەممىلا ئىشتا  «ياق» دىمەسلىكى، پەرزەنتلەرگە تاللاش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك.

داۋامى بار….

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى