ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كىشىلىك ھاياتتىكى ئادەمنى ئەڭ پۇشايمانغا (پۇشايماندا) قالدۇرىدىغان 25 ئىش

كىشىلىك ھاياتتىكى ئادەمنى ئەڭ پۇشايمانغا (پۇشايماندا) قالدۇرىدىغان 25 ئىش

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 10962 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىشىلىك ھاياتتىكى ئادەمنى ئەڭ پۇشايمانغا (پۇشايماندا) قالدۇرىدىغان 25 ئىش

.

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمىسى
تەرجىمە قىلغۇچى: ھۆرىيەت ئىسمايىل
تەھرىر: ي. م. ئىلقۇت

.

تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، قانداق بىر ئىش سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بىر كىشىنى،  جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بىر جاننى ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالدۇرالايدۇ؟ ئەگەر سەكرات ئالدىدىكى ئادەم  بالدۇرراق ھېس قىلالىغان بولسا ئىدى،  بەلكى ئۇنىڭ تۇرمۇشى،  ئۇنىڭ ھاياتى باشقىچە بىر خىل بولار ئىدى. يېقىندا «جان ئۈزۈش ئالدىدا پۇشايمان قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟» دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە خەتچە،  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى،  كىچىككىنە بىر خەتچە قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تۈمەن مىڭلىغان  كىشىلەرنى ئويغا سېلىپ  قويدى. بۇ  ئەسەرنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكىلىق سەكرات ئالدىدىكى ئادەملەرگە كۆيۈمچانلىق يەتكۈزگۈچى سېستىرا بوران مەير(博朗尼•迈尔) بولۇپ،  ئۇ  ئەسىرىدە جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئادەملەرنىڭ ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان 5 تۈرلۈك ئىشى توغرىسىدا توختالغان. بۇ بەش تۈرلۈك ئىشنىڭ ئىچىدە  «ئەگەر ئەينى ۋاقتىدا قەيسەرلىك بىلەن  ئۆزۈم ياقتۇرغان تۇرمۇشنى تاللىۋالغان بولسام…» دېگەن سۆز بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان،  «ئەگەر دەسلەپتە  زېھنىمنى خىزمەتكىلا قارىتىپ قويمىغان بولسام،  پەرزەنتلىرىمنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى خوشاللىقنى،  ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنۈشىنى قولدىن بېرىپ قويمىغان بولسام…»،  «ئەگەر دەسلەپتە ئۇزاق مەزگىل غەزەپلىنىشىمنى ۋە پاسسىپ كەيپىياتىمنى بوغىۋالماي،  قەيسەرلىك بىلەن ئۆزۈمنىڭ تەسىراتىمنى ئىپادىلىيەلىگەن بولسام…»، «ئەگەر شۇ ۋاقىتتا خىزمەت ھەلەكچىلىكىدىلا بولۇپ كەتمەي،  دوستلىرىم بىلەن پات–پات ئالاقىلىشىپ تۇرغان بولسام…»، «ئەگەر شۇ چاغدا ئۆزۈمنى <غىلاپ بەندىسى> قىلىۋالمىغان بولسام،  باشقىلار ئالدىدا بېكىنىۋالمىغان بولسام،  تېخىمۇ خوشالراق ياشاشقا ئىنتىلگەن بولسام…» قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى پۇشايمىنىغا ئايلانغان.

ھەر قانداق ئىشنىڭ جۈپتى بولغىنىدەك،  ياپونىيەلىك سەكرات ئالدىدىكى كىشىلەرگە مېرىبانلىق يەتكۈزگۈچى سېستىرا دا جىن شيۇيى (大津秀一)مۇ،  ئۆز قۇلىقى بىلەن 1000 دەك جان ئۈزگۈچىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى پۇشايمانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، «جان ئۈزۈش ئالدىدا پۇشايمان قىلىدىغان 25 ئىش» ناملىق كىتاپنى يېزىپ چىققان. كىتاپ مەزمونىدا، ئاپتور ئامېرىكىلىق سېستىرانىڭ يازغىنى بىلەن ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى خىلمۇ-خىل پۇشايمانلىرىنى يازغان، «تەن-ساغلاملىقىغا دىققەت قىلمىغانلىق»، «مەڭگۈ ئەستە قالغۇدەك مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانلىق»، «بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئەسلىگۈدەك بىرەر ئىش قىلىپ باقمىغانلىق» قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ «مەڭگۈلۈك پۇشايمىنى»غا ئايلانغان. ئۇنداق بولسا ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدىغان،  تومۇرىمىزدا قان ئېقىۋاتقان بىزدەك تىرىك ئىنسانلار،  قانداق قىلغىنىمىزدا پۇشايمانسىز ھايات كەچۈرەلەيمىز؟ گېزىتىمىز بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سوتسىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى شىيا شۆلۇۋەن،  شاڭخەي شەھىرى پسىخىكا ساھەسى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈرۇ، سۇجۇ روڭگې پسىخولوگىيەلىك مەسلىھەت سوراش مەركىزىنىڭ مۇپەتتىشى ۋاڭ گورۇڭ بىلەن بىرگە،  بۇ 25 تۈرلۈك ئىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئورتاق پۇشايمىنىغا ئايلانغانلىقى توغرىسىدا بىرمۇ-بىر چۈشەنچە بېرىدۇ.

بىرىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆزى ئارزۇ قىلغان ھەم قىلغۇسى كەلگەن ئىشلارنى قىلماسلىق. سېستىرا دا جىن شيۇيى (大津秀一) مۇنداق دەيدۇ :«نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جان ئۈزۈش ئالدىدا < ئىنساننىڭ ھاياتى نېمە دېگەن قىسقا ھە!> دېگەن گەپنى قىلىدۇ». بەزىلەر بار كۈچى بىلەن يوقۇرىغا ئۆرلەيدۇ، بەزىلەر مەنسەپتىن كېچىپ ئادەتتىكى تۇرمۇشقا قايتىدۇ،  يەنە بەزىلەر بولسا  ئۆزىنىڭ ئاددىي تۇرمۇشىغا قانائەت قىلىپ كۈن كەچۈرىدۇ،  بەزىلىرى بولسا ھارماي-تالماي ئاخىرىغىچە ئىزدىنىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا نۇرغۇلىغان ياشاش ئۇسۇللىرى بار بولىدۇ،  شۇڭا ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قىممەت قارىشى تەرىپىدىن «تۇتقۇن» قىلىنماسلىق كېرەك،  بۇ دېگىنىمىز باشقىلار ئۈمۈد قىلغان ياشاش يولىنى ئۆزىمىزنىڭ ياشاش يولى دەپ بېكىتىۋالماسلىقىمىز،  ئۆزىمىز ھەقىقىي ياقتۇرغان يولنى تاللىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەگەر مۇھەببەتلەشكىڭىز كەلگەن بولسا،  ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ھەرىكەتلىنىڭ؛ ئەگەر بىرەر بىلىم ئىگەللىمەكچى بولسىڭىز،  ھازىردىن باشلاڭ. تۇرمۇش خۇددى ساياھەت ئۆمىكىگە ئوخشايدۇ،  ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئىكەنسىز پۈتۈن مۇساپىنى بېسىپ بولمىسىڭىز ئەپسۇسلىنارلىق ئەمەسمۇ؟

ئىككىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئارزۇ-تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىق. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە نەزەر سالغىنىدا،  نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى بايقايدۇ.  ئەمەلىيەتتە،  ھەقىقىي ئەپسۇسلىنارلىقى ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىق بولماستىن،  بەلكى ئارزۇ-تىلەكلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا %100 تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمىگىنىدە ».
ئارزۇ –تىلەك «دىمەككە ئاسان قىلماققا تەس» بىر ئىش. مۇقىم قەرەلى بولمىغان ئارزۇ-تىلەك قۇرۇق خام-خىيال خالاس،  پەقەت ئۇنىڭغا بىر «تاماملاش ۋاقتى»نى بېكىتكەندىلا،  ئۇنى ھەقىقىي بىر نىشانغا ئايلاندۇرغاندىلا،  ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ قويۇش. ئىنسان ھەممىگە قادىر ئەمەس،  ھەم ئەۋلىيامۇ ئەمەس،  شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشتا خاتا ئىش قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتاكى ھېچقانداق جانلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى خالىمايدىغان تەقۋادار كىشىلەرمۇ يول يۈرگەندە يەردىكى چۈمۈلىنى دەسسىۋېتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ياشاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن،  پرىنسىپقا خىلاپ بولمىغان «ناچار ئىشلار»نى،  يەنى خاتالىقلارنى كەچۈرىۋېتىشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا پۈتۈن ئۆمرىدە قىلغان خاتالىقلارنى ئۆزىگە يۈك قىلىۋېلىپ ياشاشنىڭ ئورنى يوق،  ئەكسىچە بۇرۇنقى ئىشلارغا سالاۋەت قىلىپ كەلگۈسىگە ئىنتىلگەن ياخشى.

تۆتىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  پۈتۈن ئۆمرىنى ھېسسىياتنىڭ كونتروللىقىغا قويۇپ بېرىش. رېئال تۇرمۇشتا،  ھېسسىياتقا بېرىلىدىغان كىشىلەر دائىم راتسىئونال (ئەقلىي ھۆكۈم قىلغۇچى) كىشىلەرنى «ھەددىدىن ئارتۇق ئەستايىدىل ياشاشدۇ» دەپ مازاق قىلىدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ  ھېسسىياتىنى بەك چوڭ بىلگەنلىكىنىڭ نېمە پايدىسى بار،  چۈنكى تۇرمۇش،  كۈلۈش، يىغلاش،  ئاچچىقىنى تۆكىۋېلىش بىلەنلە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ-دە. بەلكىم كىشىلەر جان ئۈزۈش ئالدىدىكى بىر دەقىقىدىلا،   سەۋر-تاقىتىنى چېكىگە يەتكۈزگەن،  كۈندە ئۆزىنى ئازاپلىغان،  ھەسرەتلەندۈرگەن ئىشلارنىڭ،  ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئەرزىمەيدىغان، كۈلكىلىك  ھەم كىچىك ئىشلار ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.

بەشىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  باشقىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىپ باقماسلىق. سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراش ياكى زىيانغا ئۇچراشتىن قورقۇش سەۋەبىدىن،  نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئاق كۆڭۈل كىشىلەردىن بولۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاق كۆڭۈل كىشلەر ناھايىتى ئاز پۇشايماندا قالىدۇ،  ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم،  كۆڭلى تىنچ بولىدۇ،  بۇ ھەم ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ئۇلارغا بەرگەن گۈزەل سوۋغىسىدۇر. ياردىمىڭىزگە مۇھتاج كىشىلەردىن ياردىمىڭىزنى ئايىماڭ،  چۈنكى «باشقىلارغا ياردەم بېرىش» نىڭ تۇيغۇسى مەڭگۇ «باشقىلاردىن ياردەم سوراش»  تىن ياخشى بولىدۇ.

ئالتىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كېتىش. ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىۋالىدىغان،  ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتىۋالىدىغان چاغلىرىمىز بولغان،  ئۆزىمىزنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشىمىزدىن پۇشايمان قىلمايمەنغۇ دەيدىغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولغان. بۇ  ئاكتىپ پوزىتسىيەدەك  كۆرۈنسىمۇ،  ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىشنىڭ ئاقىۋىتى. ھامان بىرەر ئىشتا باشقىلارنىڭ  ئويلىغىنى ياكى قىلغىنى سىزنىڭكىگە قارىغاندا ئەتراپلىق ياكى ئەستايىدىل بولىدۇ،  شۇڭا كۆپرەك باشقىلارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ، كۆپرەك ئانالىز قىلغاندىلا ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يەتتىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  مال-مۈلۈكنى ياخشى جايلاشتۇرماسلىق. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە مال-مۈلۈك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئائىلە ماجرالىرى ناھايىتى كۆپ. شۇڭا ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى ھايات ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى جايلاشتۇرۇشقا ئېتىبار بېرىپ،  توغرا، ئەتراپلىق پىلانلاپ قويۇشى كېرەك. ئەگەر پەرزەنتلىرى كۆپ بولسا،  ئادىل بولۈشنى پىرىنسىپ قىلىپ،  مال- مۈلۈك سەۋەبىدىن بالىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سوغۇق چۈشىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

سەككىزىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئويلاپ قويماسلىق. بۇمۇ مال–مۈلۈكنى جايلاشتۇرۇشقا ئوخشايدۇ. بىر ئىنسان ھايات ۋاقتىدا چوقۇم بىرمۇنچە ئىزنالارنى قالدۇرىدۇ. شۇڭا ئەتراپتىكى شەيئى ياكى ئادەملەر ئىنساننىڭ جان ئۈزۈشى بىلەن ئۆزگىرەيدۇ. شۇڭا بالدۇرراق ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئويلىشۇپ قويغاندا،  ئاغرىق-سىلاق ۋە ئۆلۈم يىتىمگە بولغان ۋەھىمىسى ئازلاپ،  قالغان ھاياتىغا بولغان پوزىتسىيەسىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ قېرىپ ھالىمىزدىن كەتكەندە،  نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلمىغانلىقتىن پۇشايمان قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،  ھايات چېغىمىزدا،  ماغدۇرىمىز بار چاغدا كېيىنكى ئىشلىرىمىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويايلى.

توققۇزىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆز يۇرت-ماكانىغا قايتىپ باقماسلىق. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنىڭ تۆۋەن قېتىدا،  مەڭگۈ ساقلىنىپ تۇرىدىغان ھەم مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدىغان بىر جاي بولىدۇ،  ئۇ دەل بىزنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىمىز. كۆپلىگەن كىشىلەر «پىنسىيەگە چىققاندا چوقۇم ئۆز يۇرتۇمغا قايتىپ كېتىمەن» دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ-يۇ،  ۋاقتى كەلگەندە ئۇنداق قىلالمايدۇ،  ياكى قىلغۇسى كەلگەن بولسىمۇ كېچىككەن بولىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا قايتىپ كەلگىنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بولىدۇ. شۇڭا سىرتلاردا ياشاۋاتقانلار  ئامال بار ھەر يىلى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ تۇرۇشى،  يۇرتىنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىدىن ئاڭلاپ،  نازۇ-نېمەتلىرىدىن ئېغىز تىگىپ تۇرغىنى ياخشى. چۈنكى كۆزىڭىز قىيمايدىغان ۋە مەڭگۇ ئەسلەيدىغان بۇ جۇغراپىيەلىك ئورۇن،  دەل سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ ۋە روھىڭىزنىڭ قونالغۇسى.

ئونىنچى ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش،  نازۇ-نېمەتلەردىن بەھىرلىنىپ باقماسلىق. بەلكىم سىز ئاتا- ئانا بولغۇچى بولسىڭىز،  ئەڭ ياخشى نازۇ-نېمەتلەرنى بالىڭىزغا قالدۇرۇپ بەرگەن بولىشىڭىز،  ۋە ياكى خىزمەت سەۋەبىدىن ھەر قېتىملىق تاماقنى ئاددىي- ساددىلا يېگەن بولىشىڭىز مۇمكىن،  ۋەياكى ئوزۇقلۇق قىممىتى بار دەپ ھەر كۈنى ئاتالمىش «ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى»نى يېگەن بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن. لېكىن شۇنى  بىلىشىڭىز كېرەككى،  تاماق يېيىش ھەرگىز قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ئەمەس،  ئۇ يەنە ئادەمنىڭ ھەرخىل پسىخىكا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. ھەرخىل نازۇ-نېمەتلەردىن تېتىپ كۆرۈشمۇ بىرخىل پسىخىكىنى داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. ئۇندىن باشقا  شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ھەر بىر قېتىملىق  ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە تاماق يېيىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك،  چۈنكى ھامان بىر كۈنى تاماق ئۈستىلىدىكى ئادەملەر ئاستا- ئاستا ئازلاشقا باشلايدۇ.

ئون بىرىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆمۈرىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىزمەتكە بېغىشلاش. پايدا-مەنپەئەت بىرىنچى ئورۇنغا چىقىپ قالغان  ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە،  خىزمەت،  پۇل،  ھوقۇق قاتارلىقلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئالتۇن ئۆلچىمىگە ئايلىنىپ قالدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا،  نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ياشانغاندىن كېيىن،  ئۆزىنىڭ ياشلىق ۋاقتىنى نېمە ئۈچۈن خىزمەتكىلا بېغىشلاپ تاشلىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلدى.  تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش،  ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش،  گۈزەل مۇزىكىلاردىن بەھىرلىنىش كىشىنى باي قىلالمىسىمۇ،  ئۇنىڭ كىشىگە بېغىشلايدىغىنى تېخىمۇ مەنىلىك بولغان ھاياتدۇر.

ئون ئىككىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئارزۇ قىلغان مەنزىلىگە ساياھەت قىلىپ بارالماسلىق. كىشىلەر نۇرغۇن ساياھەت پىلانلىرىنى تۈزۈشىدۇ-يۇ،  ھەقىقىي بارالمايدۇ،  بۇ زادى نېمە سەۋەبتىن؟  بالا كىچىك،  پۇل ئاز،  ھاردۇق بەك ئاز ۋەياكى خىزمەتتىن ئايرىلالماسلىق سەۋەبىدىنمۇ؟ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ساياھەتنى ھەرقانداق ۋاقىتتا قىلسا بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ،  لېكىن ساياھەت قىلىشنىڭمۇ  ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتىمۇ تەس بولغان ئارزۇ ئىكەنلىكىنى، پەقەت كېسەل تارتىپ يېتىپ قالغان ئادەملەرلا ھېس قىلالايدۇ.

ئون ئۈچىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆزى ئەڭ كۆرۈشكۈسى كەلگەن ئادىمى بىلەن كۆرۈشەلمەسلىك. ئۇ ئادەم بەلكىم سىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مۇئەللىمىڭىز،  ياكى سىزنىڭ تۇنجى سۆيگۈنىڭىز بولىشى مۇمكىن. دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ھاياتى ئەبەدىي بولۇپ باقمىغان،  بولۇپمۇ ياشتا بىزدىن چوڭ كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق،  شۇڭلاشقا باشقا يەردە تۇرۇشلۇق بولسىمۇ، مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇرغان ياخشى. ئىنسان «بىر دەۋردە بىر كۆرۈشۈش» دېگەن پوزىتسىيە بىلەن ياشىشى كېرەك. بۇ ياپونىيە چاي مۇراسىمى سەنئىتىنىڭ ئىبارىسى بولۇپ، «بىر دەۋر» دىگىنى ئىنساننىڭ بىر ئۆمرىنى كۆرسىتىدۇ،  «بىر كۆرىشىش» بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشنى كۆرسىتىدۇ،  ئۇنىڭ مەنىسى  ھاياتلىقتىكى ھەربىر دەقىقە ئۆز-ئارا تەكرارلانمايدۇ،  شۇڭا ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈش پەقەت بىرلا بولىدۇ.

ئون تۆتىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆمرىدە بىر قېتىم مەڭگۈلۈك ئېسىدە قالغۇدەك مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانلىق. مۇھەببەتمۇ ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. بىز دائىم بىرگە بولسىمۇ ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشمەيدىغان،  ياكى ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشسىمۇ ئامالسىزلىقتىن ئايرىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنى كۆرىمىز. ئۇ تۇرمۇشنىڭ تۇراقسىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر،  بۇ ھەم  نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ تىرىشمىغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. مۇھەببەت شەخسىي غەرەزسىز بولىدۇ،  ئۇ ھەم ساداقەتمەنلىك بىلەن بېغىشلاشنىڭ، قەيسەرلىك بىلەن ئىزھار قىلىشنىڭ مېۋىسىدۇر. ئۇ ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ھوقۇقى، شۇڭا ھەرگىز ئويۇن دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

ئون بەشىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  بىر ئۆمۈر توي قىلماي ئۆتۈش. نۇرغۈنلىغان ياشلار ياشلىق ۋاقتىدا ئۆزۈم يالغۇز بولسام ئەركىن–ئازادە ياشايمەن دەپ ئويلاپ،  نىكاھقا ئۇنچە ئېتىبار بەرمەيدۇ،  ئۇنى بولسا بولمىسا بولىۋېرىدىغان نەرسە دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ياشقا چوڭايغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىشقا باشلايدۇ، چۈنكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەم بارغانسېرى غېرىپسىنىشقا،  يار-يۆلەكسىز قالغاندەك ھېسسىياتتا  بولۇشقا باشلايدۇ. كونىلاردا «ياخشى نىكاھقا ئېرىشىش ياخشى ئىش، لېكىن مەجبۇرىي ئېرىشىش ياخشى ئەمەس.» دېگەن سۆز بولسىمۇ،  ھەقىقەتەن ياخشى بىرىگە يولۇققاندا چوقۇم تىرىشىشى، ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇ دۇنيادا كىشىگە «ئەڭ مۇناسىپ كېلىدىغان» ئادەمنى تاپماق  ناھايىتى تەس،  تېخىمۇ مۇھىمى «بىر قەدەر مۇناسىپ» ياكى «خېلى مۇناسىپ» كىشىلەرنى قەدىرلىمىسەك،  ئۇلارمۇ بىزنى بىر ئۆمۈر ساقلاپ تۇرمايدۇ.

ئون ئالتىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  پەرزەنتلىك بولماسلىق. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا «مەن ئۆزۈممۇ تېخى بىر كىچىك بالا تۇرسام،  قانداقمۇ بالا باقالايمەن» دېگەن ئىدىيە بار. ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى قانداشلىقنى داۋاملاشتۇرۇشلا بولۇپ قالماستىن،  بۇ دۇنيادا ياشىغانلىقنىڭ ئىسپاتىنى قالدۇرۇشتۇر. ياشانغاندا بالا-چاقىلار ئەتراپدا چۆرىدەپ، يالغۇرلۇق ھېس قىلدۇرمىسا، ئائىلە خوشاللىققا چۆمسە،  ياشلىقىمىزدا پەرزەنتىمىزنى بېقىش ئۈچۈن تارتقان كىچىككىنە جاپايىمىز ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.

ئون يەتتىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغىنىنى كۆرەلمەسلىك. قىسمەن پەرزەنتلەر توي قىلىش-قىلماسلىقنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى دەپ ئويلايدۇ،  ھەم ئاتا–ئانىسى بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ بىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھايات چېغىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دەل ئۆز كۆزى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغانلىقىنى كۆرۈش. نىكاھ ھەقىقەتەن شەخسىي ئىش، لېكىن بەزى چاغلاردا توي قىلماسلىق ناھايىتى  شەخسىيەتچىلىك. ئاتا-ئانىلارنىڭ نۇقتىسىدىن كۆپرەك ئويلىنىپ،  تىرىشىپ ئۇلارنى ئارزۇسىغا يەتكۈزەيلى.

ئون سەككىزىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، تەن ساغلاملىقىغا ئېتىبار بەرمەسلىك. ياشلىق چاغلاردا تەن ساغلاملىقى بىردىن-بىر خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بايلىق،  تۈنەش،  ھاراق ئىچىش،  تاماكا چىكىش،  ئومۇمەن تەن ساغلاملىقىغا يامان تەسىرى بولغان ئىشلارلىكى بولسا ياشلار قىلىشقا ئامراق بولىدۇ. لېكىن ساغلاملىق ئىگە بولغان ۋاقتىدا مۇھىملىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان،  يوقۇتۇپ قويغان ھامان قەدرى ئۆتىلىدىغان نەرسە. شۇڭلاشقا ھازىردىن باشلاپ ناچار ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ،  ئۆزىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەر ئۈچۈن ساغلام ياشاڭ.

ئون توققۇزىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  تاماكىنى تاشلىماسلىق. راك ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چىكىش بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئادەملەر،  نەس باسىدىغان ئىش مېنىڭ بېشىمغا كەلمەيدۇغۇ دەپ ئويلاپ داۋاملىق تاماكا چىكىۋېرىدۇ ۋە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغاندىلا،  ئۆزىنىڭ بالدۇرراق تاماكا تاشلىمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ. نەپسىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاسارەت ۋە بەدەل تۆلەش كېرەك،  لېكىن تۆلىگەن بەدىلىمىز تېنىمىزنىڭ ساغلام بولىشى بىلەن ئۆزىمىزگە قايتىپ كېلىدۇ.

يىگىرمىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھېسىسىياتىنى،  ئويلىغىنىنى ئىپادىلىمەسلىك. باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇش،  باشقىلارنى ئاۋارە قىلىپ قويۇشتىن قورقۇش،  باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارىشىغا ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،  ئۆز-ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىمىزغا سەل قاراشتەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە،  مەيلى ھەر قانداق ۋاقىتتا بولسۇن ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي ئوي-خىيالىڭىزنى ئىپادىلىشڭىز كېرەك. پەقەت ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغاندىلا،  ئىشلارنىڭ ئەسلى ناھايىتى ئاددىي ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز.

يىگىرمە بىرىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ياشاشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەسلىك. ياشاش ھەرگىزمۇ سىزنىڭ قانچە يىل ئۆمۈر كۆرگەنلىكىڭىزنىلا ئىپادىلىمەيدۇ،  ئۇ يەنە سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ سۈپىتىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. دا جىن شيۇيى (大津秀一)  راك كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كېلىپ قالغان بىر بىمارغا يولۇققان،  ئۇ ئۆمۈرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىنى نۇرغۇنلىغان كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلگەن،  ھەمدە ھەربىر بۆلىكىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلغان. شۇڭا پەقەت بىر كۈنلۈكلا ئۆمرىمىز قالغاندىمۇ،  تىرىشىپ ياخشى ياشىشىمىز كېرەك،  بۇ دەل ياشاشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى.

يىگىرمە ئىككىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆزىنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات قالدۇرالماسلىق. كۆپلىگەن ئادەملەر تۇرالغۇ جاي،  مال -مۈلۈك قاتارلىقلارلا ياشىغانلىقنىڭ ئىسپاتى دېگەن  كۆز قاراشتا بولىدۇ،  ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كۆز قاراش بىرتەرەپلىمە كۆز قاراشتۇر. چۈنكى بۇ دۇنيادا ياشاپ ئۆتكەن ئىكەنمىز،  ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ مەنىۋى ئوزۇق قالدۇرۇپ كېتىشىمىز ھەقىقىي قىلىشىمىزغا تىگىشلىك ئىشتۇر. مەيلى خىزمەت،  ئۆگىنىش جەھەتتىكى مۇۋەپپىقىيەت،  ياكى بولمىسا ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوستلارغا قالدۇرغان بىرەر پارچە خەت بولسۇن،   ھەممىسى ئىنساننىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.
يىگىرمە ئۈچىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ھايات ۋە ماماتنى تونۇپ يىتەلمەسلىك. ھايات-ماماتنى تونۇپ يېتىش ھەرگىزمۇ ھاياتلىققا سەل قاراش دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بىلەن ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگولۇقلار ئۆلۈم توغرىسىدىكى گەپلەر ھەققىدە سۆزلىشىشنى يامان كۆرىدۇ،  ئەمەلىيەتتە ئۆلۈم بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئورتاق قايتىش يول، شۇڭلاشقا يامان كۆرۈشنىڭ ياكى قورقۇشنىڭ ئورنى يوق.

يىگىرمە تۆتىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئېتىقادى بولماسلىق. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئېتىقادسىزمۇ ناھايىتى ياخشى ياشاپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ،  لېكىن ئېتىقادى بار كىشىلەرنىڭ،  ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە بولغان تونىشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. بولۇپمۇ ئازاپ–ئوقۇبەتكە قالغىنىدا ياكى ياردەمسىز قالغىنىدا،  ئېتىقادنىڭ داۋالاش كۈچى ناھايىتى زور بولىدۇ.

يىگىرمە بەشىنچى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،  ئۆزى سۆيگەن ئادىمىگە «رەخمەت» دېگەن سۆزنى قىلىپ باقماسلىق. كۆپلىگەن چاغلاردا،  كىشلەر سىرتتىكى ئادەملەرگە ناھايىتى ئەدەپلىك مۇئامىلىدە بولىدۇ،  لېكىن ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا گەپ قىلغاندا تەپتارتىشنى بىلمەيدۇ. ياخشى سۆزلەرنى ئىشلىتىش كىشىلىك مۇناسىۋەت قىلىشتىكى مۇھىم بىر ۋاسىتە. شۇڭا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىگىمۇ دائىم خىجىل بولماستىن «رەخمەت»،  «كەچۈرۈڭ»، «سىزنى سۆيىمەن» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ تۇرۇش،  ئوتتۇرىدىكى ھېسسىياتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ياخشى ئامال.

مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 10-سانىغا بېسىلغان!

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى