ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«باھادىرنامە» 5-قىسىم ۋە 6-قىسىم كىتابتىن تەسىرات

«باھادىرنامە» 5-قىسىم ۋە 6-قىسىم كىتابتىن تەسىرات

ۋاقتى: 2016-07-23 ئاۋاتلىقى: 6946 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇزۇندىن بېرى ئالدىراشچىلىقنى ئۆزۈمگە باھانە قىلىپ يۈرۈپ، بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئوقۇشنى باشلىۋەتكەن نادىر يىرىك ئەسەر «باھادىرنامە» نى مارافۇنچە ئۇقۇش سەپىرىمنى ئاخىرى تاماملىدىم.

باھادىرنامە ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن يەنە بىر نادىر يىرىك ئەسەر بولۇپ، يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن بېرى بولغان «جاللات خېنىم» (كەمىنە تېخى بۇ روماننى ئوقۇش باشلىمىغان ئىدىم. ئەمدى باھادىرنامىدىن كېيىن ئوقۇسام تېخىمۇ ياخشى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئاللاھ نىسىپ قىلسا بۇنىمۇ ئوقۇپ چىقىشقا پۇرسەت بولۇپ قالار.) ناملىق تارىخى ئەسىرىدىن كېيىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ھەجىم جەھەتتىن بىر قەدەر چوڭ، بىر قەدەر سىستېمىلىق يېزىلغان تارىخى رومان ھېسابلىنىدۇ.

مەن مەزكۇر روماننى ئوقۇش جەريانىدا ئالدىنقى 4 كىتاب ئۈچۈن ئوقۇپ بولۇپ ئۆز تەسىراتىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.

«باھادىرنامە» 1-قىسىم ۋە 2-قىسىم كىتابتىن تەسىرات

«باھادىرنامە» 3-قىسىم كىتابتىن تەسىرات

«باھادىرنامە» 4-قىسىم كىتابتىن تەسىرات

مەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان مارافونچە ئوقۇش سەپىرىمنى تاماملىغاندىن كېيىن، كىتابتىن خېلى كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. ئەمما بۇ يەردە ھەممە تەسىراتىمنى بىرمۇ-بىر يېزىپ ئولتۇرۇشقا پۇرسەت بولمايدۇ. ئەمما مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويسام، مەن ئەسەرنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن قەدىمكى ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ باھادىرلىقى (مەزكۇر رومان تارىخى رومان بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن رومان ۋەقەلىكى يەنىلا بەلگىلىك رىئاللىققا ئىگە دەپ قارايمەن.) ئەزىمەتلىكىگە ھەقىقەتەن قايىل بولغان بولساممۇ، لېكىن خاندانلىقلار ئارا ئېلىپ بېرىلغان ئاچكۆزلۈك ھەددىدىن زىيادە ئاۋۇپ كەتكەن، ئۆز ئىلكىدىكىگە قانائەت قىلماي، ھە دېگەندە ئاۋام-رەئىيەتكە كۆپ تالاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۆز نۇپۇسىنى سان جەھەتتىن غايەت زور تالاپەتكە ئۇچراتقان قىلمىشلىرىنى ئوقۇغىنىمدا ئۇيغۇر خاندانلىقىلىرىغا ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندىم.

ئادەمنى بىردىن بىر خوشال قىلغان  خان-پادىشاھلاردىن ئۇۋەيىسخان، يۇنۇسخان، بابۇر، سەئىدخان قاتارلىقلاردىن باشقا پادىشاھلار ئاساسەن زالىم پادىشاھلاردۇر. ئەلۋەتتە، مىرزا ئۇلۇغ بەگ گەرچە زالىملىقتىمۇ سەپتىن قالمىسىمۇ ئۇنىڭ ئىلىم-تەھسىل قىلىش جەھەتتىكى تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەمما ئەسەردە ئادەمنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئادەمنى خۇددى چىۋېن يەۋالغاندەكلا قىلىپ قويىدىغان چېكىدىن ئاشقان زالىملاردىن: مىرزا ئابابەكرى، سۇلتان يۇنۇسخان ئوغلى بولمىش مەھمۇدخان، بولۇپمۇ مەھمۇدخاننىڭ نادانلىقتا ئۇچىغا چىققان، ئەتراپىدىكى ئاشۇ خۇشامەتچى ئەمىرلەرنىڭ سۆزىگە كىرىپ ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگەننى ئازدەپ، ھە دېسە ئاشۇ خۇشامەتچى ئەمىر-بەگلەرنىڭ قۇترىتىشىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۆز لەشكەرلىرى ۋە ئاۋام رەئىيەتنى كۆپلەپ تالاپەتكە ئۇچرىتىشى، يەنە تۇزكۇر شەيبانىخاننىڭ غۇرۇرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلغانلىقىنى قىلچە ئېغىر ئالماسلىقى، گەرچە مەھمۇدخان ئېغىر ئالمىغان بىلەن بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئىنىسى ئەھمەدخاننىڭ خورلۇق ئازابىغا چىدىماي ئاچچىق-ئەلەم بىلەن بۇرۇنلا رەھمەت دەرياسىنىڭ شەربىتىنى ئىچىشى، لېكىن شۇنداق تۇرۇپمۇ مەھمۇدخاننىڭ يەنىلا ئۇيقۇدىن ئويغانماي، ئۆزىنىڭ جىيەنلىرىدىن ياماللاپ، ئاخىرى يەنە شۇ شەيبانىخاننىڭ ئالدىغا ئۆز ئەركى بىلەن بېرىپ، دەرياغا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشتەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشى ئادەمنى ھەقىقەتەن مەيۇسلەندۈرىدىكەن.

مەن بۈگۈن گۈدۈكتىكى مىكرو بلوگىمغا مۇنداق يازدىم: «ئادەم مەنپەئەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغاندا ئۇنىڭ ئادىمىيلىك سۈپىتىدىن گۇمانلىنىش كېرەك.» توغرا، بۇ دەل مېنىڭ «باھادىرنامە» نى ئوقۇغاندىن كېيىن يەكۈنلىگەن بىر ئاددىي يەكۈنۈم.

ئەھمەدخان ئاغىسى مەھمۇدخاننىڭ غورۇرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىغا چىداپ تۇرالماي ئاچچىق يۈتۈپ رەھمەت دەرياسىنىڭ شەربىتىنى ئىچىشكە كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ كېتىشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىقلىرى، بولۇپمۇ مەنسۇرخاننىڭ تەخت-سەلتەنەتتىن قىزغىنىپ ئۆز ئىنىلىرىنى ئىز قوغلاپ ئولتۇرگۈزۈشى،  مىرزا ئابابەكرىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆز سەلتەنەتىدىن قىزغىنىپ ئۆز پۇشتىدىن تامغان ئوغۇللىرىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇشى، ھەتتا بۇ قىسمەتتىن ئۇنىڭ سىڭلىرى ۋە باشقا قۇۋم-قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئامان قالمىغانلىقىدەك قانخورلۇقى ھەقىقەتەن ئادەمنى سەسكەندۈرىدۇ. مىرزا ئابابەكرى شۇنچە قانخورلۇق قىلىپ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى ئەڭ ئاخىرى يەنە ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەلمەي ھەتتا ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆز ھاياتىنىمۇ ساقلاپ قالالماسلىقىدەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىدەك ۋەقەلىكلەر ئادەمنىڭ نەپسى بالاسىغا قۇل بولغاندا ئۆز ئادىمىيلىك خىسلىتىنى يۇقىتىپ، ھەتتا ھايۋاندىنمۇ بەدەرلىشىپ كېىتىدىغانلىقىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن. ئەلۋەتتە، بۇ بىر تارىخى رومان، ئەمما نەپسى بالانىڭ كەينىگە كىرىپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋاتقان، جەمئىيەتكە زور تالاپەتلەرنى كەلتۈرىۋاتقانلار ھازىرقى دەۋردىمۇ ھەم ئاز ئەمەس.

مەن ئەسەرنى ئوقۇۋېتىپ، مەھمۇدخاننىڭ دىۋەڭ، كالۋالىقىدىن ھەقىقەتەن ئېچىندىم. ئۇنىڭغا ئاتىسى بولمىش سۇلتان يۇنۇسخاننىڭ پەزىلىتىدىن ئازراق بولسىمۇ سىڭسە ئىدى، ئەمما ئۇ ئۆز ئاتا تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن باشلاپ، قېشىدىكى خۇشامەتچىلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، سەلتەنەتنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولغاندىن باشقا، كۆپلىگەن كۈلكىلىك ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى بولغان ئىدى. مەن سولتان يۇنۇسخان ئەۋلادىدىن مەھمۇدخاندەك بىر ئەخمەق سولتاننىڭ چىقىپ قالغانلىقىغا ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمىدى. دەسلەپتە ئىسان بوغا خان، دوست مۇھەممەدخاننى ئەخمەق چاغلىغان ئىدىم. ئەمما ئەخمەقلىق بابىدا ئۇلارنىمۇ بېسىپ چۈشكەن يۇنۇسخان ئەۋلادى بولمىش مەھمۇدخاندەك خانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

ھەر ھالدا يۇنۇسخان ئەۋلادى بولمىش بابۇر ۋە سەئىدخانلار ئۆز ئاتا-بابىلىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەلتەنەت گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆز ئەقىل-ئىدراكىنى ئاتا قىلىپ، ئاۋام-رەئىيەتنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خاندانلىق ئۇلىنى ياخشى تىكلىۋالدى.

مەن روماننى ئوقۇش جەريانىدا، يەنە شۇنىمۇ ھېس قىلدىمكى، ئادەم ھەقىقەتەنمۇ مۇرەككەپ مەخلۇق ئىكەن. «ھايۋان بالىسىنىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەم بالىسىنىڭ ئالىسى ئىچىدە.» دەيدۇ ئاقىللار. مەن بۇ سۆزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ يەتتىم. روماندىكى كىشىلەرنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلىرى، ھە دېگەندە نەپسى بالانىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆز ۋىجدانى، غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشى ئادەملەرنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن دەپ ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە، روماننى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ھازىرقى دەۋردىمۇ نېمە ئۈچۈن ھە دېسىلا دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇش بولىدىغانلىقى، ھە دېسە زېمىن جىدىلى چىقىدىغانلىقىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم….

ئىشقىلىپ بۇ زور ھەجىملىك يىرىك ئەسەرنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، ماڭا بولغان ئىجابىي تەسىرى يەنىلا كۆپ. مەن پۇرسەت بولسا، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئەسەرنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

2011-يىلى 4-ئىيۇل (ئۈرۈمچى)

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى