ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كىتاب ۋە مەن (تاقا-تۇقۇ پاراڭ)

كىتاب ۋە مەن (تاقا-تۇقۇ پاراڭ)

ۋاقتى: 2016-10-01 ئاۋاتلىقى: 7601 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر دانا توختىماي قىلىدۇ خىتاب،

كىتابسىز بۇ دۇنيا بىتاپتۇر، بىتاپ.

سورىدىم، ئەملەشنىڭ دورىسى نېمە؟

ئۇ دېدى: كىتابتۇر، كىتابتۇر، كىتاب!

                           –شۇ ناملىق شىئىرنىڭ ئاپتۇرىدىن

كىتاب ئىنسان ھاياتىنىڭ بىلىم خەزىنىسى، كىشىلەر تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىسىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، قولىغا قەلەم ئېلىپ تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرىنى رەتلەپ ئانچە-مۇنچە يېزىپ قالدۇرالايدىغانلار ئۆزى ياشىغان شۇ دەۋرنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىنى، كىشىلىك ھايات تەپەككۇرلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، كىيىنكىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ، شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار تەپەككۇرلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ، ئىجتىمائىيەتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدۇ.

بۈگۈن مەن تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايۇنلۇق كۈتۈپخانىغا ئەزا بولۇپ، كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

ئۆزۈم بىر كىتابخۇمار ئادەم بولغاچقىمۇ دائىم كوچىلاردا كېتىۋاتقىنىمدا ئەتراپتا كىتابخانا بارمۇ يوق؟ بار بولسا قانداق كىتابلار باردۇر؟ دېگەندەك خىياللارغا غەرق بولىمەن. بەزىدە ئازراق ۋاقتىم بولسا يېقىن ئەتراپتىكى كىتابخانىلارنى ئارىلاپ، يېڭى كىتاب بارمۇ-يوق؟ كىتابخانىلاردا قانداق يېڭىلىقلار بار؟ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگەللەپ باقىمەن. ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايۇنلۇق كۈتۈپخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، كۈتۈپخانىغا باشقىچە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتكەن ئىدىم. مەن ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ كۈتۈپخانىدا ئۇيغۇرچە كىتابلار بارمۇ؟ بۇ كۈتۈپخانىدىكى كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشقا بولامدىغاندۇ؟ دېگەندەك خىياللاردا بولساممۇ، ئەمما ئۆزۈم ئۈرۈمچىلىك بولمىغاچقا (مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمچە بۇ كۈتۈپخانىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۈرۈمچى نوپۇسى بولۇشى كېرەك.) دەپ ئويلايتتىم ئەمما كىرىپ ئەھۋال سوراپ بېقىش زادىلا كاللامغا كەلمەپتىكەن. چۈنكى كۈتۈپخانا ئىسمى پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ، بىرمۇ ئۇيغۇرچە خەت يوق ئىدى. شۇڭا مەن بۇ كۈتۈپخانىدا ھەر قاچان خەنزۇچە كىتابلارلا بولۇشى مۇمكىن. دەپ ئويلاپ كىرىپ ئەھۋال سوراپ بېقىشتىن باش تارتقان ئىكەنمەن.

بۈگۈن يەنە كۈتۈپخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، كۈتۈپخانا ئالدىدىكى «ۈتۈپخانىدا رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار»، «كىتاب ئارىيەت ئېلىش كېنىشكىسىنى ھەقسىز بېجىرىش تەرتىپى» … دېگەندەكلەرگە كۆزۈم چۈشۈپ، ئۆزۈمچە كۆڭلۈمدە «مەن ھازىر ئاللىبۇرۇن ئۈرۈمچى نوپۇسى بولغاچقا بەلكىم كىتاب ئارىيەت ئېلىش كېنىشكىسىنى بېجىرەلىشىم مۇمكىن. ئۇيغۇرچە كىتاب بولمىسىمۇ كېنىشكە بېجىرىپ خەنزۇچە كىتابلاردىن بەھرىلەنمەيمەنمۇ.» دەپ ئويلاپ، بىر كىرىپ باقمايمۇ دېگەن ئويدا كۈتۈپخانىغا كىردىم. كىرىپ سۈرۈشتۈرگەندىن كىيىن بايقىدىمكى، ئەمىلىيەتتە كېنىشكە بېجىرىشتە ئۈرۈمچى نوپۇسى بولۇشى كېرەك دېگەن شەرت يوقكەن. پەقەت 50 يۈەن زاكالەت پۇلى (كىنىشكىنى ئىشلەتمەيمەن دېگەندە قايتۇرۇپ بېرىدىكەن.) تاپشۇرسىلا كېنىشكە بېجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ دەرھال كېنىشكە بېجىرىشكە باشلىدىم. مۇلازىمەتچىلەرنىڭ مۇئامىلىسىمۇ شۇنداق ياخشى ئىكەن. بىردەمدىلا بېجىرىپ بولدۇم.

كېنىشكىنى بىجىرىپ بولۇپ، تولىمۇ خوشال بولۇپ كەتتىم. نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟ چۈنكى مەن بۈگۈن ئاخىرى پۈتمەس-تۈگىمەس خەزىنىلەر ئاچقۇچىغا ئىگە بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خەزىنىدىن ئۆزۈم تەشنا بولغان بايلىقتىن خالىغانچە بەھرىمەن بولالايمەن.

مەن كېنىشكىنى بېجىرىپ بولۇپ، ئاۋال كۈتۈپخانىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئارىلاپ باقتىم. ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئازادە، پاكىزە، جىمجىت ئۆزى تەكرارلاش ئۆيى (自习室)نى كۆرۈپ، ئالىي مەكتەپتىكى ئۆزى تەكرارلاش ئۆيى ئېسىمگە كەلدى. مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، ياتاق بىلەن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، دائىم كۈتۈپخانىغا بېرىپ بولغىچە كۈتۈپخانا باشقىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ ئازادە، پاكىزە مۇھىتتىن بەھرىلىنەلمەي كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولاتتى. مانا ئەمدى مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايۇنلۇق كۈتۈپخانىنىڭ پاكىزە، ئازدە، جىمجىت كۈتۈپخانىسىدىن قانغۇچە بەھرىمان بولالايدىغان بولدۇم. مەن ئۆزى تەكرارلاش ئۆيىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىم بولسا مۇشۇ يەرگە كېلىپ كىتاب كۆرۈشنى نىيەت قىلىپ، كۈتۈپخانىنى تۇلۇق ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن ئۈستىگە چىقتىم.

ۋاھ، نېمە دېگەن كۆپ كىتابلار بۇ؟ كىتابلار ئالدىمدىكى جازىلارغا پاتمىغانلىقتىن، ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئالدىمدىكى جازىلارغا تىزىقلىق خەنزۇچە كىتابلارغا قاراپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. بۇنىڭدىن كىيىن بۇ كىتابلاردىن قانغۇچە بەھرىمەن بولىمەن ئەمەسمۇ؟ مەن كىتابلارغا بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كىيىن، مۇلازىمەتچى قىزدىن ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىدىم. مۇلازىمەتچى قىز ناھايىتى قىزغىن ھالدا ماڭا ئاز سانلىق مىللەتلەر كىتابلىرى ئۆيىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن كۈتۈپخانىنىڭ بۇ بۆلۈمىگە كىرگەندىن كىيىن، بايىقى خوشاللىقلىرىم بىردەمدە ئاللا قاياقلارغا غايىپ بولۇپ، كۆڭلۈم خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەكلا بولۇپ قالدى. چۈنكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئۆيدە بولۇپ، بۇ جايدا كىتاب جازىلىرىنىڭ ئازلىقىغا باقماي، تېخى كىتاب جازىلىرىنىڭ تەڭدىن تۇلىسى قۇرۇق ئىدى. كىتاب ناھايىتى شالاڭ، ئىككى كىتاب ئۆيى (ئاز سانلىق مىللەتلەر كىتاب ئۆيى ۋە خەنزۇچە كىتاب ئۆيى) ھەقىقەتەنمۇ زور دەرىجىدە سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان ئىدى. خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەكلا، كۈڭلۈم پەرىشان ھالدا كىتابلارنى بىر قۇر ئارىلاپ چىقتىم. ئۇيغۇرچە كىتابلار ھەقىقەتەن ئاز ھەم تولىمۇ كونا بولوپ، يېڭى كىتابلار بەكلا ئاز شۇنداقلا بەكمۇ قالايمىقان ئىدى. مەن بۇ كىتابلارغا قاراپ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى، ئەلۋەتتە، كۈتۈپخانىدا كىتابنىڭ ئاز بولۇشىدا مېنىڭچە مۇنداق بىر قانچە خىل ئامىل بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچىدىن، نوپۇس مەسىلىسىنىڭ خەنزۇ يولداشلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاز بولغانلىقىدىن بولغان؛ ئىككىنچىدىن، بىزدە تېخى كۈتۈپخانا ئادىتى يىتىلمىگەن، كۈتۈپخانىدا ئاساسەن ئۇيغۇر تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا كۈتۈپخانا رەھبەرلىرى ئۇيغۇرچە كىتابقا بولغان مەبلەغكە كۈچىمىگەن، ئەگەر بىزدىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر كۈتۈپخانىغا بېرىپ كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدىغان، كۈتۈپخانىغا كۆپلەپ بارىدىغان ئادەتلەر كۆپەيسە، شۇ ئارقىلىق كۈتۈپخانا رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتسا ئۇلارمۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارغا بولغان كىرگۈزۈش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى مۇمكىن؛ ئۈچىنچىدىن، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز كۈتۈپخانىدىن قانداق پايدىلىنىشنى تېخى تۇنۇپ يەتمىگەن. ھۆكىمەتتىن زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن مۇھىتى ياخشى بولغان كۈتۈپخانىلارنى ھازىرلاپ بەرگەن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۈتۈپخانىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمىگەنلىكىدىن، كۈتۈپخانىدىكى ئاشۇ ئازغىنە كىتابمۇ توپا چاڭ-توزان بېسىپ تۇرغان خالاس. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز يەنە كىمدىن ئاغرىناتتۇق، كونىلاردا ئاۋال ئۆزۈڭنى سورا ئاندىن ئۆزگىنى دېگەن ئاقىلانە سۆزلىرى بىزگە يالدامە بولۇپ قالغان تۇرۇقلۇق، بىز ئاتىلار سۆزىنى ياخشى چۈشەنمەي، ھە دېسە ئۆزىمىزنى سورىماي، باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرۈشنىڭمۇ چوڭ ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتىشىمىز كېرەك. مۇشۇ خىياللار بىلەن تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيال كەلدى. ئەگەر مەن ئۆزۈمدە بار كىتابلارنى كۈتۈپخانىغا تەقدىم قىلسام قانداق بولار؟ چۈنكى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىمۇ، باشقا ساۋاقداشلىرىم كىتابلىرىنى كونا قەغەز ھېسابىدا ساتقاندا مەن بىرمۇ كىتابنى قويماي ھەممە كىتابلىرىمنى (ئارىسىدا ئالىي مەكتەپ ھاياتى جەريانىدا يىغقان كىتابلىرىممۇ خېلى بار ئىدى.) مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا تەقدىم قىلىۋەتكەن ئىدىم. ئەگەر مەن ھازىرقى ئۆزۈمدە بار بولغان، مەن ئوقۇپ بولغان كىتابلىرىمنى كۈتۈپخانىغا تەقدىم قىلسام، كۈتۈپخانىدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ سانى ۋە تۈرى كۆپەيسە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ كىتابلاردىن بەھرىلەنسە بۇ نېمە دېگەن ياخشى ھە!

مەن يۇقىرىقىلارنى خىيال قىلىۋېتىپ، دۇنيا رەنالىرى بولمىش بىلىم خەزىنىسى دېڭىزىغا خۇددى غەۋۋاسلاردەك چۆكۈپ، ئۇنى قىزىش ئۆگۈتلىرىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىپ، شائىر، يازغۇچى ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «ساياھەتنامە» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىچىم غەش ھالدا كۈتۈپخانىدىن ياندىم. مەن كىتابنى ئارىيەت ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرىۋېتىپ، مۇلازىمەتچى قىزدىن ئۆزىمىزدىكى كىتابلارنى كۈتۈپخانىغا تەقدىم قىلساق بولىدىغان، بولمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، قىزچاق ماڭا، كۈتۈپخانىدىكى كىتابلارنىڭ ئادەتتە شۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرلىرىنىڭ ھەدىيە قىلىپ ئىۋەتىپ بەرگەن كىتابلار ئىكەنلىكىنى، شەخسلەرنىڭ كىتاب تەقدىم قىلسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە ھازىر مۇناسىۋەتلىك باشلىقلارنىڭ يوقلىقىنى، شۇڭا مېنىڭ بايرامدىن كېيىن كېلىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

شۇڭا، مەن كۈتۈپخانىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كىتاب بۆلۈمىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى يېزىۋېلىپ قايتىپ چىقتىم. بايرامدىن كېيىن تېلېفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپ، ئەگەر بولىدۇ دېسە، ئۆزۈمدە بار بولغان، ئۆزۈم ئوقۇپ بولغان كىتابلارنى كۈتۈپخانىغا تەقدىم قىلسام، ئوقۇپ بولغان كىتابلارنى ئۆيدە ساقلاپ، توپا چاڭ-تۇزان قوندۇرۇپ يۈرمەي باشقىلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنساق نېمە دېگەن ياخشى ھە!

بىلمىدىم، مېنىڭ بۇ خىيالىم بىر ھاماقەتلەرچە خىيالمۇ ياكى كالتە پەملىك خىيالمۇ؟ مېنىڭ بۇ بالىلارچە خىيالىمنى قوللايدىغانلاردىن ئارىمىزدا قانچىلىك باردۇر؟ بۇنىسى بىر ھەممىگە قادىر بىلگۈچى بىلىدۇ خالاس!

2011-يىلى 5-ئىيۇن (ئۈرۈمچى)

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى