ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«باھادىرنامە» 4-قىسىمدىن تەسىرات

«باھادىرنامە» 4-قىسىمدىن تەسىرات

ۋاقتى: 2016-11-11 ئاۋاتلىقى: 8064 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىشىلەر نېمە دېگەن رەزىل، ھېيلىگەر، قۇۋ كېلىدۇ ھە! ئادەم بالىسى ئانا قورسىقىدا توققۇز ئاي توققۇز كۈن ياتقاندىن كېيىن، رەھىمسىزلەرچە ئانىنى كۈچلۈك تولغاققا مۇپتىلا قىلىپ، ئانىنى ئاشۇ كۈچلۈك تولغاق بىلەن قىيناپ، ئاخىرى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. بەلكىم ئادەمنىڭ رەھىمسىز ماھىدى ئاشۇ ئانىنى كۈچلۈك تولغاققا مۇپتىلا قىلغان مىنۇتتىن باشلاپ باشلانسا كېرەك. شۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ رەھىمسىز ماھىيىتى ئاشكارىلانغاندىن باشلاپ، تاكى ئەقلىگە كېلىپ، بىر قورامىغا يەتكەنگە قەدەر بىر مەزگىل دىلى سۈتتىن ئاپپاق سەبىي دەۋرىنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، ئەمما ئەقلىگە كېلىپ، مۇستەققىل ھالدا كىشىلىك ھاياتقا قەدەم قويغاندىن باشلاپ، ئادەمنىڭ شەخسىيەتچى، رەھىمسىز، رەزىل، ھېيلىگەر، قۇۋ خاراكتېرى بارا-بارا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئادەمنى دۇنيادىكى چۈشىنىش ئەڭ مۇرەككەپ جانلىققا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر ھەممە ئادەم ئىتىقاد بىلەن ياشىغان بولسا ئىدى، بۇ دۇنيا بىز ئۈچۈن قانچىلىك گۈزەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بەلكىم تىل بىلەن ئىپادىلەش ھەقىقەتەن قىيىن. ئەمما ئادەم ئىتىقادنى يۇقىتىپ ياكى ئىتىقادى سۇسلىشىپ، نەپسى بالاسىغا قول بولغان ھامان بۇ دۇنيا بىز ئۈچۈن تولىمۇ يىرگىنىشلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۆز نەپسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ. ئادەمنىڭ نەپسىگە بېرىلىپ باشقىلارغا كەلتۈرگەن بالايى ئاپەتلىرىنى تۇرمۇشىمىزدا دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇنداق ئەھۋاللار ئۆتمۈش دەۋرلەردىمۇ ئوخشاشلا ئۆز رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرغان. ئادەتتە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئانچە-مۇنچە تۇقۇلمىلار بولغان بىلەنمۇ، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ يەنىلا بەلگىلىك رىئاللىق ئاساسىي بولغان بولىدۇ. بولۇپمۇ تارىخى ئەسەرلەر تېخىمۇ شۇنداق. ئەدەبىي ئەسەرلەر پەقەت ھاياتلىقنىڭ مەلۇم بىر كىچىكلىتىلگەن، تۈرلۈك پىششىقلاپ ئىشلەشلەر ئارقىلىق سۈپەتلەنگەن كارتىنىسى بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەر رىئاللىقنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان ئاساستا بارلىققا كېلىدۇ. بىز كىشىلىك دۇنيانى كۆپىنچە ئاۋال ئاشۇ كىچىكلىتىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاز-تۇلا چۈشىنىمىز، ئاشۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق كىشىلىك ھايات ھەققىدە نەزىرىيەۋىي ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئاشۇ نەزىرىيەلەر ئاساسىدا ئۇنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزىمىز. ئەلۋەتتە، كىشىلىك تۇرمۇش ئاشۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن ھاياتلىق كارتىنىسىدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ، نەچچە ھەسسە رەزىللىككە تولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھەر بىر يېڭى كۈنىنى ھەر خىل ھەر ياڭزا تۇرمۇش مىتودى بىلەن يېزىپ، تۇرمۇشنىڭ ئوخشاش بولمىغان سىمفونىيىسىنى يارىتىدۇ. بىر يازغۇچىنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ھاياتلىق كارتىنىلىرىنىڭ ھەممە ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىشى، ھەممە ئادەم دەل ئاشۇ يازغۇچى بىلەن ئوخشاش تەقدىر-قىسمەتكە يولۇقۇشى ناتايىن. قىسقىسى ھەر بىر تىرىك ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئادەم ئۆزىنىڭ ھايات دەپتىرىنى ئۆزى يازىدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ ئاپپاق دەپتەرنى زادى قانداق يېزىپ قالدۇرۇشى دەل ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.  ئەگەر ئادەمنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ خىل قارىشىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، ئۇنىڭ ئادەملىك پەزىلىتىدە مۇناسىپ ھالدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئادەمنىڭ قىممەت قارىشىدا ئۆگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئادەم نەپسىگە ئەل بولغان ھامان ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىشى ئېنىق.

11

مەن ئۇنى دەپ بۇنى دەپ داڭلىق ئەسەر «باھادىرنامە» نىڭ 4-قىسمىنىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدىم.
مەزكۇر ئەسەرنىڭ 4-قىسمى ئاساسلىقى ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى نەپسى بالاغا بېرىلىش، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئادىمىيلىك خىسىلىتىنى يۇقتىشتەك بىر قاتار قىلمىشلىرى نوقتىلىق تەھلىل قىلىپ يېزىلغاندەك تۇرىدۇ. مەن ئەسەرنى ئوقۇۋېتىپ شۇنىڭغا قاتتىق ئېچىندىمكى، مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئۆز نەپسىگە بېرىلىپ، ئۆز نەپسى بالاسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەتتا بىر قورساق ئىنىسىنىڭ كۆزىگە مىل قويۇپ كور قىلىشقا قولى باردى. تاغىسى ھەم ئۆگەي دادىسى بولمىش مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا ۋە ئۆز ئانىسىنى زىندانغا تاشلاشتا قىلچە ئىككىلەنمىدى. مانا بۇلار ئادەمنىڭ نەپسىگە بېرىلگەندىن كېيىنكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققۇدەك دەرىجىدە ئادىمىيلىك خىسلىتىنى يۇقاتقانلىقىنىڭ دەلىللىرى بولالايدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا، سەمەرقەنت سولتانى ئەخمەدخان ئۆز ئىنىسى بولمىش ئۆمەر شەيخ مىرزىدىن زېمىن تالىشىپ، ئۆز ئىنىسىنىڭ تەسەررۇپىغا لەشكەر باشلاپ كېلىشىمۇ دەل نەپسى بالاغا بېرىلىپ ئىنسانىي خىسلىتىنى يوقاتقانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەسەرنىڭ مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن يەنە بىر يېرى بۇيۈك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئادالەتلىك سولتانى بولمىش سولتان يۇنۇسخاننىڭ قول ئاستىدىكى لەشكەرلەرگە مائاش-تەمىنات بېرەلمەي، لەشكەرلەر رەئىيەتنى بولاڭ-تالاڭ قىلماقچى بولغاندا، قىلغان مۇنۇ سۆزى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى.
ناۋادا لەشكەرلەر قايىل بولماي ئاۋامنى بۇلاش نىيىتىدىن يانمىسا، ئاۋۋال مېنىڭ ئوردامنى بۇلىسۇن. پەقەت ئۇچامدىكى مۇشۇ تونۇم بىلەنلا قالسام رازىمەن ھەم ئۆزۈمنى چەكسىز بەختىيار ھېس قىلىمەن.
بۇنىڭدىن سولتان يۇنۇسخاننىڭ قانچىلىك ئادالەتلىك سولتان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئەگەر ھەممە خان-سولتانلار يۇنۇسخاندەك بولىدىغان بولسا، بۇ دۇنيا نېمە دېگەن گۈزەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى ھە!
ئادەم بالىسى خام سۈت ئەمگەن. ئادەم تولىمۇ ئاسان ئازدۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ھاياتىدا چوڭ-چوڭ خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. سولتان يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى بولمىش مەھمۇدخان ئاتىسى يۇنۇسخان باقى ئالەمگە سەپەر ئالغاندىن كېيىن تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىپ، بىر قىسىم ئىستىداتسىز ئەمىرلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ، سەلتەنەتكە سادىق بەش ئەمىر (بويانقولى قاتارلىقلار)لەرنى ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا پىتنە-ئىغۋاغا ئىشنىپ رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشى، قېيىن ئاغىسى ئۆمەر شەيخ مىرزىنىڭ 10 تۆمەندەك لەشكىرىنى بىر كېچىدىلا قىرىپ تۈگىتىشى مېنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىپ قويدى. مەھمۇدخان ئىزچىل ھالدا ناھايىتى ياخشى سۈپەتلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ ئەتراپىدىكى ئىستىداتسىز ئەمىرلەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، سەلتەنەتكە ھەقىقىي سادىق ئەمىرلەرنى ۋە ئەندىجان لەشكەرلىرىنى رەھىمسىزلەرچە قىرىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ؟
مەزكۇر ئەسەرگە تەسىرات ياز دېسە، مېنىڭچە تەسىراتنى يېزىپ تۈگىتىپ بولغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بۇ قېتىمقى تەسىراتنى مۇشۇ يەردە تاماملاي دەيمەن.
تۆۋەندە، مەزكۇر ئەسەردىن ئازراق ئۈزۈندە بېرىلدى، ئوبدان ئوقۇپ ھوزۇرلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

تەرىقەتنىڭ سۈننىتى نەچچە دەپ سورالسا ئالتە دەپ جاۋاب بەرگەيلەر. يەنى، بىرىنچى، ۋاقتىنى جامائەت بىلەن بىللە ئۆتكۈزمەك؛ ئىككىنچى، سەھەر ۋە شام پەيتلىرىدە خاتىرجەم بولماق؛ ئۈچىنچى، دائىم پاك يۈرمەك، يەنى، بىتاھارەت يەر دەسسىمەسلىك؛ تۆتىنچى، كۆڭۈلنى ئاسراشنى بىلىش؛ بەشىنچى، زىكرى – تەكبىرنى بەجا كەلتۈرمەك؛ ئالتىنچى، پىرلار ۋە ئابا – ئەجدادلارنى ھەر دائىم ياد ئېتىپ تۇرماق. مەگەر تەرىقەتنىڭ مۇستەھەبى، يەنى، مەقبۇل ۋە مەقبۇل ئۇدۇملىرى نەچچە دەپ سورالسا، بۇنىڭغىمۇ ئالتە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك. يەنى، بىرىنچى، كىشىلەرگە ئوچۇق چىراي مۇئامىلە قىلىش؛ ئىككىنچى، تائامنى يالغۇز يېمەسلىك؛ ئۈچىنچى؛ قانچىلىك ئېغىر ۋە ئازابلىق بولمىسۇن، چىرايىنى پۈرۈشتۈرمەي ئولتۇرۇش؛ تۆتىنچى، ھەممىگە باراۋەر خەيرى – ئېھسان كۆرسىتىش؛ بەشىنچى، ھەممە يەردە ھۆرمەت – ئېھرامنى ساقلاش؛ ئالتىنچى، ئۆزىنىڭ ۋە پىر-ئۇستازلىرىنىڭ نومۇسىنى ساقلاش… مەگەرىكى، تەرىقەتنىڭ نەھېيىسى، يەنى مەنئى قىلىنغان ئىشلىرى قايسى دەپ سورالسا يەنىلا ئالتە دەپ جاۋاب بەرگەيلەر. يەنى بىرىنچى، نەپسى – ھەۋەسلەرنى تەرك ئېتىش؛ ئىككىنچى، مال-دۇنيانى تەرك ئېتىش؛ ئۈچىنچى، يالغاننى تەرك ئېتىش؛ تۆتىنچى، زىنانى تەرك ئېتىش؛ بەشىنچى رىشۋەت① نى تەرك ئېتىش؛ ئالتىنچى، خىيانەتنى تەرك ئېتىش….

① رىشۋەت ـــ پارا.

————————————–

ـــ… مەگەرىكى شەرىئەت، تەرىقەت ۋە ھەقىقەت ئارىسىدا قانداق پەرق بار دەپ سورالسا، بۇلارنىڭ ھەر ئۈچىلىسى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق دەپ جاۋاب بەرگەيلەر. چۈنكى شەرىئەت ئېنىق بىلگەن نەرسىلەر نىشان ۋە ھۆرمەتتۇر. تەرىقەت ئىزدىنىدىغان نەرسىلەر ئىنتىلىش، بايان ۋە خىزمەتتۇر. ھەقىقەت بولسا كۈرەش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئايان-ھېكمەتتۇر. مەگەر بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ سەمەرىسى نېمە دەپ سورالسا شۇنداق جاۋاب بەرگەيلەركىم. شەرىئەتنىڭ سەمەرىسى ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، تەرىقەتنىڭ سەمەرىسى پېقىر، يەنى ئۆزىدىن ۋاز كېچىش؛ ھەقىقەتنىڭ سەمەرىسى بولسا بەقادۇر، يەنى ساختىلىقتىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ھەق سۆيگەن ئىشلارغا باغلىنىش. ئىككى ئالەم رىزالىقىنى ئىزدەپ ھەق جامالىنى سېغىنغان ھـەر بىر مۇرىت ئۈچۈن تەرىقەتنىڭ ئابرۇيىنى قوغدىمىقى ۋاجىپتۇر. بۇ دەرۋىشلەر ئالدىغا قۇرۇق قول بارماسلىق، ھەمىشە تاھارەتلىك، پاك بولۇش بىلەن ئۆز ماقامىغا يەتكەيلەر…

————————————

چۈنكى بارچە بۇزۇق ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولىدىغان جايى ئاداۋەتخور كۆڭۈلدۇر. ئاداۋەت نەپسانىيەتتىن تۇغۇلىدۇ. نەپسانىيەت بولسا پەرىشتىلەرنىڭ ئۇستازى بولغان ئازازۇلغا نەپسىنى باشقۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن شەيتانىرەجىم، يەنى لەنىتى شەيتان نامىنى بەرگەنكى، ئول ئىبلىسنىڭ پەيلىدىن ھەرقاچان ساقلانماق ۋاجىپتۇر. بۇنىڭ ئىلاجى ئىنساپ ۋە ۋىجدان ئۆزرە قىلىنىدىغان ھەكىمانە تەدبىر ۋە ھەرىكىتىمىزگە باغلىقتۇر. ھەر بىرلىرىگە ئايدىڭدۇركى، ئاداۋەت دەرىخى خۇسۇمەت يېمىشىنى بېرىدۇ. مەگەركى ئاداۋەت دەرىخى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سەمىمىيەت كۆچىتى تىكىلسە، ئۇنىڭدىن مۇھەببەت ۋە ئۈلپەت مېۋىسى نىشانە بەرگەيلەر.

———————————————–

بول دۇنيا يولۇچىلار چۈشۈپ ئۆتىدىغان ئۆتەڭدۇر. بول ئۆتەڭگە كەلگەن يولۇچى يولنى ئازماي مېڭىشى ئۈچۈن بىر كارۋان بېشىغا موھتاجدۇر. كارۋان بېشىنى تاپالىغانلار مەنزىلگە ئازماي يېتىپ بارۇر. تاپالمىغانلار، تاپسىمۇ تونۇمىغانلار، تونۇسىمۇ ئەگەشمىگەنلەر زەبۇنلۇق چۆلىدە تەمتىرەپ، خارۇ زار بولۇر. بول دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى بۈگۈن بار، ئەتە يوق. سەندە بارى ئەتە ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈر. كۆپ نەرسە ئازىيۇر، تەل نەرسە كېمىيۇر. بىر ئاۋاتلىقنىڭ بىر خارابلىقى بولۇر. زېمىن، مالۇ دۇنيا، خاتۇن تالىشىپ سىغىشمىغانلار، بول نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى مەن، دەپ ھەقنى تونۇمىغانلار، ئاخىرقى ھېسابتا يەنە قۇرۇق قول كېتىپ قالۇر. ئەلمىساقتىن تارتىپ نۇرغۇن قۇدرەتلىك شاھ – سۇلتانلار، تەخت ساھىبى، تاج ئىگىلىرى ياشىدى. قېنى ئۇلار؟ ھەممىسى تۇپراققا يەم بولدى. روھلىرى تىرىكلىكىدە قىلغان ياخشى – يامان ئىش – ئەمەللىرىنىڭ ھېساب – كىتابىنى بېرىش ئۈچۈن ھەقنىڭ ئالدىغا كەتمىدىمۇ؟ بول دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىگە زىنھار مەپتۇن بولمىغايمىز. چۈنكى بول دۇنيانىڭ بىر قولىدا ھەسەل، بىر قولىدا زەھەر باردۇر. ئاۋۋال ھەسەل بېرىپ ئېغىزنى تاتلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن زەھەر قۇيۇلغان قەدەھنى سۇنار. پۈتۈنلۈك، مۇكەممەللىك، تەللىك، ئاخىرلاشماس مەئىشەت، خۇشاللىق پەقەت ئاخىرەتتىدۇر. يەنى ئول دۇنيادىدۇر. پەقەت تەرىقەت پېشۋالىرى بولمىش پىرلارلا كىشىلەرنى ئاشۇ سائادەت مەنزىلىگە باشلاپ بارار. مەگەر تەرىقەت ئىزدىگۈچى چىن ئىخلاسمەن بولسا، بىر پىركامىلنىڭ پېشىگە ئېسىلىشنى چىن يۈرىكىدىن تەلەپ قىلسا، ھەقىقىي ئىرادىسى بولسا، ئول كىشى مەشرىقتە، پىر بۈزرۈك مەغرىپتە بولغان تەقدىردىمۇ، تەڭرىتائاللا ئول پىرنى تارتىپ – تارتىپ ئىختىيارسىز ئول كىشىنىڭ قېشىغا كەلتۈرۇر. مەگەر ئول كىشىنىڭ تەلىپى ھەقىقىي بولمىسا، پىر تۇتۇشنى چىن يۈرىكىدىن تەلەپ قىلمىسا، گەرچە ئول پىركامىل بىلەن بىر ئۆيدە بولسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەس ۋە بول سائادەتكە مۇيەسسەر بولالماس.

2011-يىلى 21-ماي ئۈرۈمچى

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى