«باھادىرنامە» 3-قىسىمدىن تەسىرات
-
«باھادىرنامە» 3-قىسىمدىن تەسىرات
ۋاقتى: 2016-10-13 ئاۋاتلىقى: 7670 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مىنۇت سىكىنۇتنى قولدىن بەرمەي، بوش ۋاقىتتىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، بۇ يىلقى دەۋر ئېقىمىغا تەڭ ماسلىشىش ئۈچۈن ھەممە بەس-بەستە ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان داڭلىق يېرىك ئەسەر «باھادىرنامە» نىڭ 3-قىسمىنىمۇ ئوقۇپ تاماملىدىم. كۆپ ئوقۇرمەنلەر پۈتۈن 6 قىسىم كىتابنى تۇلۇق ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن بىراقلا تەسىرات يازىدىكەن، ئەمما مەن بۇ ئىشقا كەلگەندە، يەنىلا دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشالماي قالدىم. چۈنكى مەن بۇنداق زور ھەجىملىك كىتاب ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ھەر بىر قىسىمغا بىر تەسىرات يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. (ئەلۋەتتە، ئالدىنقى قېتىم ئالدىنقى ئىككى قىسىم ئۈچۈن بىراقلا تەسىرات يازغان ئىدىم.)
مەن «باھادىرنامە»نىڭ 3-قىسمىنى ئوقۇۋېتىپ، بىر تەرپتىن ئادەمدە ئېتىقاد بولمىسا ئادىمىيلىكنى تېزلا يوقىتىدىغانلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلغان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن، ئارىمىزدا باشقۇرۇش ئىلمىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئادەم دەل مەزكۇر نادىر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بولمىش ياسىنجان سادىق چوغلانمىكىن؟ دېگەن ئويغا كېلىپ قالدىم.
«باھادىرنامە»نىڭ 3-قىسمىنى ئوقۇش جەريانىدا، مەن ئۆزۈم بۇرۇن باشقۇرۇش ئىلمىدە ئۆگىنەلمىگەن نۇرغۇن بىلىملەرنى بىر قەدەر سىستېمىلىق ئۆگىنىۋالدىم دەپ قارايمەن. ئاپتۇر ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ تارىختىكى خان-پادىشاھلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇللىرىنى، بولۇپمۇ سەيد ئەلى ئالپ، يۇنۇسخان قاتارلىقلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تاكتىكىسى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، باشقۇرۇش ئىلمىدىكى «مۇۋاپىق ئادەمنى مۇۋاپىق ئىشقا قويۇش.»تىن ئىبارەت بۇ قانۇنىيەتنى يەنىمۇ جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ 3-قىسمىنى ئوقۇغان ئادەم ئوبدان دىققەت بىلەن ئوقۇغاندا، باشقۇرۇش ئىلمىگە ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالالايدىكەن.ئاپتۇر ياسىنجان سادىق چوغلان مەزكۇر ئەسەردە ئادەم باشقۇرۇش جەھەتتە، كۈچلۈك ماھارەت ياراتقان. بۇ جەھەتتە، مەن ئەسەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ سەيد ئەلى ئالپنىڭ يۇنۇسخاننى مەغلۇب قىلىش جەريانىدىكى بوۋىسى خۇدايدادتىن قالغان سەلتەنەتكە سادىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ گەرچە يۇنۇسخاننى مەغلۇب قىلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، ئەمما سەلتەنەتكە بولغان سادىقلىقى ئۈچۈن، ئامالسىزلىقتىن يۇنۇسخاننى مەغلۇب قىلغان، ئەمما ئۇنىڭ يەنە ناھايىتى ئەتراپلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، يۇنۇسخاننىڭ سەركەردە-لەشكەرلىرىنى تۇتۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىغا ئالاھىدە تاپىلاپ يۇنۇسخاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يۇنۇسخاننى تەخىتتە ئولتۇرغۇزماي، ئىسان بوغاخاننى تەخىتكە ئولتۇرغۇزغانلىقىدەك خاتالىقى ئۈچۈن، يۇنۇسخانغا يەنە بىر قېتىم ھاياتلىق پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقانلىقى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. ئەسەردە، ئېتىقادنىڭ سۇسلۇقى سەۋەبىدىن ئادىمىيلىكىنى يۇقاتقان دوستمۇھەممەدخاندەك ئۆز ئۆگەي ئانىسى (دادىسىنىڭ ئاغىچىسى)غا كۆڭۈل سۆرەپ، شەھۋەت شەيتىنىنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئادىمىيلىككە ياد ھالدا ئۆز ئۆگەي ئانىسىنى توقاللىققا ئېلىپ، ئۆگەي ئانىسىنىڭ نومۇسقا چىدىماي توي كېچىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى ئۈچۈن، دوستمۇھەممەدخان ئۆز ئەجىلى توشماي تۇرۇپ نېرۋېسىدىن كېتىپ ياشلا ئۇ دۇنياغا يول ئالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقەلىك ئارقىلىق، ئاپتۇر ھەر بىرىمىزنى كۈچلۈك ئېتىقاد بىلەن ياشىشىمىزغا، ئەگەر ئادەم ئېتىقادىنى يۇقىتىپ، شەھۋەت شەيتىنىنىڭ كەينىگە كىرگەندە، ھامان ياخشى كۈن كۆرمەيدىغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى ئېچىپ بەرگەن بولسا، دوستمۇھەممەدخان ئۆز نەپسى ئۈچۈن شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا پەتىۋا چىقىرىشقا قىستىغان شەيخىي ئىسلاملارنىڭ ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەتتا خاننىڭ زالىملىق قىلىچى بېشىغا كېلىپ تۇرسىمۇ، شەرىئەتكە قارىشى پەتىۋا بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغانلىقى، ھەمدە بۇنداق ئېتىقادلىق كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدىغانلىقى، ئەمما دوستمۇھەممەدخاندەك قانخور پادىشاھلارنىڭ بولسا باشقىلارنىڭ لەنىتىگە قالىدىغانلىقىدەك رىئاللىقنى ناھايىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ، ھازىرقىدەك كىشىلىرىمىزدە ئېتىقادنىڭ كۈنسېرى سۇسلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقتىن چىقىپ كېتىۋاتقان دەۋردە، ھەممىمىزنى ھەر ۋاقىت ئىمان-ئېتىقاد بىلەن ياشاشقا ئۈندىگەن.
تۆۋەندىكى ئەسەردىن ئېلىنغان ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك ئۈزۈندىلەرگە دىققەت قىلىپ باقايلى:
ئۆتمۈشۈڭگە مەنسۈپ بولغان شەرەپ بىلەن شەخسىي ئۆزۈڭگە مەنسۈپ بولغان شەرەپ ئارىسىدىكى پەرق تۈنۈگۈن بىلەن بۈگۈن ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈنكى توقلۇقىڭنىڭمۇ بۈگۈنكى ئاچلىقىڭغا پايدىسى يوق دەپ ئەللامە زەمەخشەرى ھەزرەتلىرى توغرا ئېيتقان. ئۆتمۈشكە تېۋىنىپ ياشاش ئىنساننى غاپىل قىلىپ قويىدۇ، ئەلۋەتتە ئۆتمۈشنى ھەر قاچان ئېسىدە ساقلاش كېرەك. ئەمما بۈگۈنى ھەم ئەتىسى ئۈچۈن غەم يېيىش كېرەك. بۈگۈنگە باش قاتۇرمىغان، ئەتىسىگە نىشان بەلگىلىمىگەن ئىنساننىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولىدۇ.
…
تەڭرى بۇ زېمىندا بەندىلىرىگە لازىملىق بولغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى، بارلىق مەئىشەتلەرنى ھازىرلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىش كېرەك. نۇرغۇن بەندىلەر نادانلىقى، تەرتىپسىزلىكى، ناشۈكۈرلۈكى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ تەڭرى ھەممە مەۋجۈداتنىڭ ئەڭ كاتتىسى قىلىپ ياراتقان ئادىمىيلىك شان-شەرەپكە، قەدىر-قىممىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. بىز ھەر بىر نەپەس ئۈچۈن تەڭرىگە شۈكرى قەردارمىز. بىراق ئىنساپسىز كىشىلەر شۈكرىنى ئۇنتۇپ ئەقلىنى، قابىلىيىتىنى بۇزۇق ئىشلار بىلەن نابۇت قىلىۋاتىدۇ. ناشۈكرىلىك، قانائەتسىزلىك ئىنساننى گۇمراھلىققا، ئاسىيلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئادەمنى ئازدۇرغان گۇناھى ئۈچۈن ھەتتا ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ئىبلىس ئېيتتى: پەرۋەردىگار، سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئادەم بالىلىرىغىمۇ گۇمراھنى چىرايلىق كۆرسىتىمەن.
تەڭرى ئېيتتى: بۇ مەن ساقلاشقا تىگىشلىك توغرا يولدۇر. بەندىلىرىمنى ئازدۇرۇشقا سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەگەركۈچىلىرىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر.2011-يىلى 15-ماي ئۈرۈمچى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ۋىتۋىلاق ۋە بىز
2015-05-19 00:19:416360قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام با
2015-06-07 13:36:236634ئاتا-ئانىلارغا خەت: ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاكتىپ پە
2015-06-07 14:27:407383ھايات چاقچىقى(3)
2015-06-23 12:29:437570(كۆچۈرۈلمە) ئوباماغا يېزىلغان خەت
2015-05-19 00:11:476563[ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى] ئىشسىزلىقمۇ ياكى
2015-06-07 14:51:148490چىڭگىزخاننىڭ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنى كارخانا باشقۇ
2015-06-07 14:19:357290لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 17:05:387733
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-