«باھادىرنامە» 1- ۋە 2-كىتابتىن تەسىرات
-
«باھادىرنامە» 1- ۋە 2-كىتابتىن تەسىرات
ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 8148 قېتىميانفوندا كۆرۈش
«تىل دىلنىڭ ئەلچىسىدۇر! تىلى بۆلۈنمىگەن قۇۋمنىڭ دىلىنى زىنھار بۆلۈپ بولماس.»
———— باھادىرنامە
شۇنداق قىلىپ باھادىرنامىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسىمىنى ئوقۇشنى تاماملىدىم.
ھازىر نەگىلا قارىسا شۇ «باھادىرنامە»لا بولۇپ كەتكەن چىراي.
-نەگە باردىڭ؟
-كىتابخانىغا.
-كىتاب سېتىلۋادىڭما؟
-ھەئە.
-قايسى كىتاب؟
-باھادىرنامە.
——————————————————-
-يېقىندىن بېرى كۆرۈنمەيسەنغۇ، خۇددىي ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىسىدەك يوقاپلا كەتتىڭ.
-شۇ كىتاب ئوقۇش بىلەن بولۇپ كەتتىم.
-نېمە؟ كىتاب ئوقۇش؟ قايسى كىتابنى ئوقۇۋاتىسەن؟
-باھادىرنامە.
——————————————————
قارىغاندا بۇ يىل (2011-يىلى) باھادىرنامە يىلى بولغان ئوخشايدۇ. ھەممىلا يەردە شۇ باھادىرنامە ھەققىدە پاراڭ. شۇڭا مەنمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماي دەپ (ھېلىمۇ خېلى چۈشۈپ قالدىم سەپتىن) قولۇمغا باھادىر نامىنى ئالدىم.
گەرچە باھادىرنامىنى قولۇمغا ئالغىنى خېلى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇش سۈرئىتىم ئاستا بولغاچقا، مانا بۈگۈنگە كەلگەندە ئاندىن باھادىرنامىنىڭ 2-قىسمىنى تاماملىدىم.
بىرىنچى قىسىمىنى ئوقۇپ كىتابنىڭ يېرىمدىن ئاشقاندا سولتان ئۇۋەسخاننىڭ باھادىرلىقىدىن شۇنداق سۈيۈنگەن بولساممۇ، ئەمما بىرىنچى قىسىم كىتاب تاماملانغاندىن كېيىن خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەكلا بولۇپ قالدىم. چۈنكى بىرىنچى قىسىم كىتاب دەل باھادىر ئەزىمەت ئۇۋەسخاننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن سولتان ئۇۋەسخان ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن، بۇ باھادىرنامىنىڭ يەنە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ دەپ ئويلاپ داۋامىنى ئوقۇشقا دەماللىق قىزىقمىدىم. ئەمما مەن يەنە تۇرۇپلا ئويلىنىپ قالدىم، ئاپتۇر باھادىرنامە دەپ 6 توم كىتاب يازغان تۇرسا، باھادىرلىق پەقەت بۇ بىر قىسىم كىتاب بىلەنلا تۈگەپ كەتمىگەندۇ؟ بولمىسا ئاپتۇر نېمە دەپ يەنە كۈچەپ قالغان 5 توم كىتابنى يازىدۇ؟ چوقۇم ئوقۇش كېرەك دەپ كىتابنى يەنە قولۇمغا ئالدىم. ئىككىنچى قىسىم كىتابنى قولۇمغا ئالدىميۇ يەنە كۆڭلۈم بىر ئاز غەش بولۇپ قالدى. چۈنكى سولتان ئۇۋەسخاننىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن مۇغۇلىستان (ئۇيغۇر) خاندانلىقى ھەقىقەتەن قالايمىقان بولۇپ كەتتى. مەن ئىزچىل قايىل بولۇپ كەلگەن سەييىد ئەلى ئالپمۇ تەختكە ۋارىس تاللاش ئىشىدا يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتنىڭ ئازدۇرۇشىدىن خالىي بولالمىدى. ئۇ يەنىلا ئۆز مەنپەئىتىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئەسلىدە تەخت ۋارىسى بولۇشى كېرەك بولغان يۇنۇسخاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆز پۈشتى بولمىش ئىسان بوغاخاننى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ كېيىنكى جاھان مالىمانچىلىقىغا (گەرچە مەن ھازىر پۈتۈن ئەسەرنى تۇلۇق ئوقۇپ بولمىغان بولساممۇ، ئەمما 2-قىسىم كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يۇنۇسخاننىڭ تەخىت دەۋاسى بىلەن 10 نەچچە يىل ئايرىلغان يۇرتىغا لەشكەر تارتىپ بېرىپ ئۆز ئىسىنى بولمىش سولتان ئىسان بوغاخان بىلەن ياغى قىلىشى ئېنىقلا چوڭ مالىمانچلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.) ئاساس ياراتتى. گەرچە سەييىد ئەلى ئالپ سولتان ئۇۋەسخان ئۆلۈپ كېتىشىتىن بۇرۇن دۆلەت سولتان خېنىم ۋە يۇنۇسخاننى قاتتىق ھۆرمەت قىلىسىمۇ، ئەمما ئۇۋەسخان ئۆلۈپ كېتىپلا، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خىسلىتىنى يەرگە ئۇرۇپ، دۆلەت سولتان خېنىم ۋە يۇنۇسخاننىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئەلۋەتتە، كېيىنكى كۈنلەردە بۇنىڭ ئۈچۈن بولدى دېگۈدەك پۇشايمانمۇ يىگەن بولدى. چۈنكى سولتان ئىسان بوغاخان ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقماي، ئەكسىچە كەيىپ-ساپاغا بېرىلىپ، تۆمۈر بوقىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ يۈردى.
ئادەم ھامان شەخسىي مەنپەئەتكە كەلگەندە شەخسىىي مەنپەئەتنىڭ قۇتىرىتىشىدىن ساقلىنالمايدىكەن. بۇ نۇقتىنى گەرچە مەن ئۆز تۇرمۇش سەزگۈرەشتىلىرىمدىن قايتا-قايتا يەكۈنلەپ چىققان بولساممۇ بۇ يەكۈن باھادىرنامىدىمۇ قايتا ئۆز ئىسپاتىنى كۆرسەتتى. بۇ يەكۈننى يەنە بىر قېتىم جانلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن ۋەقەلىك دەل مىرزا ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدۇر. چۈنكى مىرزا ئۇلۇغبەگ ئوغلى بولمىش ئابدۇلەتىپخانمۇ دەل شەخسىي مەنپەئەت (گۈھەرشاد بىگىم ۋە ئىشان شەيخ نىزامىددىن خامۇش) ئۈچۈن ئۆز ئاتىسى بولمىش مىرزا ئۇلۇغبەگنى ئۆلتۈرۈپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بۇنداق تۇسكۇرلۇقى ئاخىرى بېرىپ ئۆز بېشىغا چىقتى. جاھان ئىشلىرى شۇنداق، سەن ھەر قانچە ئىشەنگەن ئادىمىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە يەتمەكچى بولساڭ، سەن ۋە سەن ئىشەنگەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بەرگەندە ئاندىن بىلەلەيسەن. بولمىسا، سەن ئىشەنچ باغلاپ كەلگەن كىشىنىڭ كۆڭلىدە نېمە شەيتانلىقى بار، بۇنى بىلگۈچى بىر ئاللاھتۇر!
مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ پاجىئەسىدىن كۆڭلۈم ھەقىقەتەن يېرىم بولدى. مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ رەسەتخانىلارنى سالدۇرۇپ، ئىلىم ئىشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىدىن كۆڭۈلمۈ ناھايىتى سۆيۈنگەن ئىدى.
تۆۋەندىكىلەر مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلىم ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ قالدۇرغان كىتابلارنىڭ ئىسىملىرىدۇ.ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﯘﻟﯘﻏﺒﻪﮒ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ -ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻟﯘﻏﺒﻪﮔﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﮔﯚﮬﻪﺭ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺑﯘ ﺭﻩﻳﮭﺎﻥ ﺑﯩﺮﻭﻧﯩﻨﯩﯔ «ﺋﻪﻝ ﻗﺎﻧﯘﻧﻪﻝ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻩ»، «ﻣﯩﺰﺍ ﻧﯘﻝ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ»، «ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯘ ﺳﻪﻳﺪﻩﻧﻪ»، ﺋﻪﺑﯘ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﯩﺒﯩﻨﺴﯩﻨﺎ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﻛﯩﺘﺎﺑﻮﺵ ﺷﯩﭙﺎ»، «ﻛﯩﺘﺎﺑﯘﻥ ﻧﻪﺟﺎﺕ»، ﺋﻪﻝ ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ « ﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﺳﺎﻧﻰ»، «ﻛﺎﻻﻡ ﻓﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﯞﻩﻝ ﻗﺎﻧﻰ»، «ﻛﯩﺘﺎﺑﯘﻥ ﻓﻰ ﺳﻪﻧﺎﺋﻪﺗﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻪﺕ»، «ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺋﻰ ﻣﯘﻏﻪﻧﻨﻴﯘﻥ»، «ﻛﯩﺘﺎﺑﯘﻝ ﻣﯘﺧﺘﻪﺳﻪﺭ ﺋﻪﻝ ﺳﻪﻏﯩﺮﻓﻰ ﺋﻪﻝ ﻣﻪﻧﺘﯩﻖ»، «ﻛﯩﺘﺎﺑﯘﻝ ﺑﯘﺭﮬﺎﻥ»، «ﻛﯩﺘﺎﺑﯘﻝ ﺋﯩﻘﺴﺎﺑﯘﻝ ﻣﯘﻗﻪﺩﯨﻤﺎﺕ»، «ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ»، ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻨﯩﯔ «ﺩﯨﯟﺍﻧﯘﻟﯘﻏﺎﺗﯩﺖ ﺗﯜﺭﻙ»، ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ «ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﮓ»، ﻗﺎﺯﯨﺰﺍﺩﻩ ﺭﯗﻣﯩﻨﯩﯔ «ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺕ»، ﺋﻪﻝ ﺧﺎﺭﻩﺯﻣﯩﻲ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻪﻝ ﻣﯘﺧﺘﻪﺳﻪﺭﻓﻰ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺋﻪﻝ-ﺟﻪﺑﺮﯞﻩﻝ ﻣﯘﺧﺎﺑﻪﻟﻪ»، ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺷﯩﺮﺍﺯﯨﻨﯩﯔ «ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻥ»، «ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ»، ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺯﻩﻣﻪﺧﺸﻪﺭﯨﻨﯩﯔ «ﻧﻪﯞﺍ ﺑﯩﺨﯘﻝ ﻛﯩﻠﻪﻡ»، «ﺋﻪﺗﯟﺍﻗﻘﯘﺯﻩﮬﻪﭖ»، «ﻛﺎﻓﯩﻴﻪ»، «ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﮬﺎﻟﻘﯩﻼﺭ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ – ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.
يۇقىرىقى كىتابلار دەل مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ تۆھپىسىدۇر. بۇ كىتابلارنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگىنى زادى قانچىلىك؟
ئەلۋەتتە، كىتابتا يەنە ئانىلار ئوبرازى (ئاياللار ئوبرازى) ناھايىتى جانلىق، يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. سولتان خاتۇن، ئۇز سولتان خېنىم، دۆلەت سولتان خېنىم، مەختۇمسۇلۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئاپتۇر ئانىلار ئوبرازىنى ناھايىتى يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن.
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازغاچ تۇراي، داۋامىنى ئوقۇپ بولۇپ يەنە يازارمەن.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 16:40:337534[كۆچۈرۈلمە] ئەدەبىي تەرجىمە توغرىسىدا
2015-05-19 00:51:386870ھەمبەھر ئىگىلىكى ئەندىزىسى دېگەن نېمە
2016-09-25 21:36:24865ياشلاردىكى پۈچەك نەتىجىخۇمارلىق ۋە زىيادە ۋاپادا
2015-06-24 10:13:5111155بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز راستىنلا ئىشەنچ يۇقالغان جەم
2015-06-07 17:59:447209كەسىپتە بىرگە ئىشلەشكە بولمايدىغان 10 خىل كىشىلە
2015-06-07 14:40:016605«بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
2015-08-08 20:59:2625940ھەدەمنىڭ ئىدىيەسىدىكى 180 گىرادۇسلۇق ئۆزگىرىش...
2015-07-27 03:18:2924976
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-