ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى«ئۇر توقماق»ۋە دۆلەت ئىستىراتىگىيەسى

ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى«ئۇر توقماق»ۋە دۆلەت ئىستىراتىگىيەسى

ۋاقتى: 2016-10-23 ئاۋاتلىقى: 8195 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈنكى دۇنيادا دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ ئىلغار ئەندىزىسى ئاساسەن شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەڭ ئىلغار دۆلەت باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەتلەر يەنىلا ئاز ساندا، بىلسىمۇ قوللىنالماسلىق، تونىسىمۇ، ئېتىراپ قىلماسلىق، نۇرغۇن ئىشى ئەپلەشمەيۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رىئال تەغدىرى بولۇپ قالماقتا. …

قەدىمقى زاماندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر يۇرتتا بىر بوۋاي بىلەن بىر موماي ئۆزلىرىنىڭ بىر تۈپ قاغا جىگدىسىگە تايىنىپ يامان ئەمەس تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.

بىراق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى بولغان جىگدىسىگە بىر توپ قاغىلار ئۈگىنىۋاپتۇ. بوۋاي قاغىلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر كۈنى ئۇلارنى ئەدەپلەش مەقسىتىدە يالغاندىن ئۆلۈك بولۇپ يېتىۋېلىپ قاغىلارنىڭ پادىشاسىنى تۇتىۋاپتۇ.

ئادىمىزاتقا تۇتۇلۇپ قالغان قاغىلارنىڭ پادىشاھى بوۋايغا يالۋۇرۇپ ئۆزىنى قويۇۋەتسە نۇرغۇن ياخشىلىقلار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپتۇ  ۋە ئەسلىدىنلا كۆڭلى يۇمشاق بوۋاينى ئېرىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ دەسلەپتە بوۋايغا خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ ئاساسى بولغان يېزا ئىگىلىگىنىڭ سىمۋولى «ئېچىل داستىخان»نى بېرىپتۇ….

ئىككىنچى قېتىمدا بولسا خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىسادى كاپالىتى بولغان سانائەت ۋە كارخانىنىڭ سىمۋولى«ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئىشەك»نى سوۋغا قىپتۇ…

ئۈچىنچى قېتىمدا بولسا خەلق ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان دۆلەت مۇداپىئەسىگە سىمۋول بولغان «ئۇر توقماق»نى ئاخىرقى سوۋغا قىلىپتۇ…

بۇ چۆچەكنىڭ تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدا قاچان دۇنياغا كەلگەنلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى نۇرغۇن زامانلار ئىلگىرىلا پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش جەھەتتە ھازىرقى دۇنياغا نېسبەتەنمۇ خېلى ئىلغار سانىلىدىغان مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

بىز قەدىمدىن قالغان بۇ چۆچەكتىن نۇقتىلىق تەھلىل قىلماقچى بولغىنىمىز – نىمە ئۈچۈن قاغا بىرىنچى قېتىم داستىخاننى، ئىككىنچى قېتىم ئالتۇن ساڭقايدىغان ئىشەكنى، ئۈچىنچى قېتىمدا بولسا ئۇر توقماقنى سوۋغا قىلىدۇ؟! بۇ تەرتىپتە قانداق ھېكمەت بار؟ نىمىشقا بىرىنچى قېتىمدىلا ئۇر توقماقنى سوۋغا قىلمايدۇ ؟…

خوش بۇرادەر ئېزىزلەر نەزىرىمىزنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئاغدۇرايلى…….


ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا نېمىس ۋە ياپون مىللىتى بارلىق ماددى كۈچلىرىدىنلا ئەمەس بەلكى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلمىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانلىقى ھەممىمىزگە روشەن پاكىت. بىراق قىسقىغىنە يېرىم ئەسىر جەريانىدىلا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئورۇنلاپ بولالمايدىغان دۇنياۋى ئىقتىسادى ئىناۋەتنى تىكلەپ بولغانلىقىنىمۇ كۆزۈمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىز.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ قىرىقىنچى يىللىرىدا ياپونلار جوڭگو زىمىنىغا بېسىپ كىرىپ جوڭگونىڭ بايلىقىنى ئىگەللەشنى مەخسەت قىلغان بولسا. ھازىر ياپونىيەنىڭ ئالتۇن ساڭقاپ بېرىدىغان كارخانا ۋە كارخانا مەھسۇلاتلىرى جوڭگوغا بېسىپ كىرىۋاتىدۇ ۋە ئىلگىركى ئىقتىسادنى تالان-تاراج قىلىش مەخسىتىگە يېتىۋاتىدۇ…..

ئەينى يىللىرى نېمىسلار دۇنياغا خوجا بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ھالقىغان گېرمانىيە كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە غەلبىلىك بېسىپ كەلدى.

دىمەك گېرمان ئاھالىسى بىلەن ياپون خەلقى بۈگۈنكى دۇنياغا نېسبەتەن تۇرمۇش ياكى جەمئىيەت ئىقتىسادى تەرەپلىرىدىن بولسۇن ئاساسەن ئېچىل داستىخاندىكى مەمۇرچىلىق، ئالتۇن ساڭقايدىغان ئېشەكتىكى بايلىققا ئېرىشتى دەپ ئېيتالايمىز……

سابىق سوۋېت ئىتىپاقى دەسلەپ قۇرۇلغان دەۋىردە دۇنيا ئۇرىشىدىكى ھەربى سانائەتتە كۈچلۈك دۆلەتلەر يۇرت سوراۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋرنى كۆرۈپلا جاھاننىڭ رەپتارى مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ قالغانلىقتىن ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىدە نۇقتىلىق ھەربى ۋە ئېغىر سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىغا ماڭدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ماشىنىسى بۇ يولدا تاكى ۋەيران بولۇش ھارپىسىغىچە گۇمانلانماي ھەركەتلەندى.

ئەسلىدىنلا دۆلەت ئىقتىسادى تەرەقىياتىنى بوسۇغىدىن ئەمەس بەلكى كېيىنكى سەھىپىدىن باشلىۋالغان سابىق سوۋېتلەر روسىيىسى بۇ خاتا سىياسىتى بىلەن ئاسانلا دۈشمەنلىرىنىڭ ئىقتىسادى كونتىرۇللىقىغا چۈشۈپ قالدى.

ئاخىرىدا ۋەتەن ئۇرىشىدا ھەسسىلەپ تۆھپە كۆرسەتكەن قەھرىمانلار موسكىۋادىكى قىزىل مەيداندا شەرەپ-مېداللىرىنى بىر پارچە نانغا تېگىشەلمەي ئاچ قالدى…..

دۆلەت مۇداپىئەسىدە ئاتوم ياساپ، ئاسمانغا چىققان ئوروسلار، خەلق تۇرمۇشى ۋە خەلق ئىقتىسادىدا رىقابەتداشلىرى بىلەن بەيگىگە چۈشكىدەك ئىقتىسادى تەرەقىيات پېروگىراممىسى يارىتالمىدى……ئۇزۇن يىللار نۇقتىلىق ھەربى سانائىتى تەرەقى قىلدۇرۇلغان سوۋېتلەر ئارمىيىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن بېرلىن تېمىدىن باشلانغان ئۈزلۈكسىز مەغلۇبىيەتلىك چېكىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ ئاخىرى ئەسلى تۇپرىقىغا قايتىپ كەلدى. بۇ قايتىش ۋەزىپىسى تېخى ئورۇنلىنىۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى ئۇنۋېرسال ئىقتىدار بىلەن ئۆلچىنىدىغان دۇنيادا قۇدرەتلىك قىزىل ئارمىيە ھەربى جەھەتتە قۇدرەتلىك بولسىمۇ قىزىل مەيداندا پەقەت ھەربى پارات ۋە مانۋېرغىلا يارايدىغان ئارمىيەگە ئايلىنىپ قالدى. ئىقتىسادى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق «نورماندىيەدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش»ئىكەنلىگىنى بايقىغان دۈشمەنلىرى، ئۇنىڭ ئەسلىدىكىلا قورقۇنچى بولغان ھەربى سانائەتكە ھەسسىلەپ مەبلەغ تۆكۈشىگە قىلتاق قۇردى.

ئېلبا دەرياسىدا توختاپ قالغان ھۇجۇم بۈگۈن موسكىۋا كوچىلىرىغا ئىقتىسادى شەكىل بىلەن كىرىپ كەلدى.

دىمەك ئۇر توقماق سىمۋوللىغىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسىنى بىرىنچى رەتكە تىزىۋالغان ئوروس ھاكىمىيىتى، خاتا دۆلەت پىروگىراممىسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان مەككەممەل مىسالغا ئايلاندى.

بۇ خاتالىقنىڭ زىيىنىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىلا باشتىن ئۆتكۈزگەن نېمىس ۋە ياپونلار تەلىيىگە ئىدارە قىلىنغۇچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن دۆلەت مۇداپىئەسى مەجبۇرى تەرەققى قىلدۇرۇلمىدى. شەكىلدە سەلبى بولسىمۇ ئەمما ئىچكى ئىقتىسادى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشتەك ماھىيەتتىكى پايدىلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ئىدارە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربى سانائەتنى چەكلەش مۇئامىلىسى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ تەلىيى بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئىككى دۆلەت ئېچىل داستىخان ۋە ئالتۇن ساڭقايدىغان ئېشەك باسقۇچلىرىنى غەلبىلىك ئورۇنداپ، نۆۋەتتە دۆلەت مۇداپىئەسى بولغان «ئۇر توقماق» باسقۇچىغا شەرتسىز كىرىپ كەلدى.

ھازىرقى دۇنيا تەرتىۋىدە يەنە ئاز كۈنگە قالماي ئوروسلارغا قارىغاندا نېمىس ۋە ياپونلارنىڭ تەسىرى ئېشىپ كېتىدۇ ۋە ئېشىپ كەتمەكتە…. ھەتتاكى دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى دوستى بولغان ئوروسلارغا قارىغاندا خەلقارا ئىشلاردا ياپونىيىنىڭ تەسىرى بۈگۈنكى كۈندىلا ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئوروسلار ئىزچىل ئېتىراز بىلدۈرۈپ چېكىنگۈچى، ياپونلار بولسا ئۈن-تىنسىز ئىلگىرلىگۈچىدۇر .

دۇنيادا يېزا ئىگىلىگى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ئاساسەن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردۇر. ئۇلار ئېچىل داستىخاندىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مۇداپىئە ئىستىھكامى بولغان يېزا ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەپ بولغان. ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قانداقتۇ ئېمىزگەسىمان قۇرۇق شوئار-سىياسەت بولماستىن، ئەمەلىي سىياسەت-تەدبىر ۋە ماددى-مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتۇر.

21-ئەسىرنىڭ ھارپىسىغا كەلگەندە يەر شارىلاشقان ئىقتىساد ئۆزىنىڭ تەرەقىيات پۇرسىتى ئىچىدىكى خەتەرلىك ماھىيىتىنىمۇ ئاشكارىلاشقا باشلىدى.

بۈگۈن دۆلەتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەش ئەنئەنىۋى شەكىلدىن كۆپ دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. نوقۇل ھەربى توقۇنۇشلا تەسىر كۆرسىتىش ئۇقۇمى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتتى.

دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادى كۈچ زوراۋانلىقى ۋە مونوپوللىقى ھەربى قۇۋۋەتنىڭ ئورنىدىن ئېشىپ كەتتى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىكى ھەر خىل تورسىمان لىنىيىلەر ھەر خىل مەخسەتلەردە ھەركەتكە كەلدى.

دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەر، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نېسبەتەن يېزا ئىگىلىكىگە قارىغاندا ئۇششاق سانائەت ۋە ياساش كەسپىنىڭ ياخشىلىقى، مەنپەئەتلىكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى نوقۇل قەغەز دوللارغا ئېرىشىدىغان تاشقى پېرۋوت زاپىسى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئاشلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاخىرقى كۆزۇر قورالنى دۇنيادا يەككە قۇتۇپلاشتۇرۇپ ئۆز قولىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇش ئۈچۈندۇر.

بۇنىڭ بىلەن مىليونلاپ كىرىۋاتقان دوللارنىڭ سېھرى كۈچى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك سىياسىتىدە ئۆزگۈرۈش ياساپ نۇرغۇن ئاشلىق تېرىيدىغان ناھىيە، ۋىلايەتلەرنى ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانە گۇرۇھلارغا، تېرىلغۇ ئېتىزلىرىنى بولسا ياساش زاۋۇت-سېخلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى .

تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىزچىل ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، مەھسۇلاتلىرى بازاردا يېتىشمەسلىكتەك تۇيغۇ بەرىدى، ئۇلارنى بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز سۈرئەتتە مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا كېڭەيتىش كېرەكلىگىگە ئىشەندۈردى.

ئاخىرى ئاتالمىش تەرەققىيات يولىغا ماڭغان بۇنداق دۆلەتلەر، تەرەققى قىلغان دۆلەتتىن ئىبارەت ئەقىللىق خېرىدارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە تەرەققىيات بولمىغاچقا ئاشلىق ھوسۇلى كېمىيىپ قوساققا يەتمىگەنلىكتىن، تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ ئاشلىق سېتىپ بېرىشىگە تەلمۈرىدۇ.

كارخانا مەھسۇلاتلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى بازار ئۆلچىمى ۋە مىقدارى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغاچقا ئۇلارنى سېتىشتىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ ئاغزىغا ۋە ئىلتىپاتىغا قارايدۇ.

بۇ دېگەنلىك دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىدىن ھالقىپ كۆلەملەشكەن كارخانە مەھسۇلاتى دۇنيا بازىرىدا چەكلىمىگە ئۇچرىسا نۇرغۇن ئۇنۋېرسال مەبلەغنىڭ پايدا يارىتىش ئىقتىدارى يىگىلەپ قالىدۇ.

خۇلاسە دۆلەت ئىچى بۇنچىلىك كۆلەمدىكى مال ئىشلەش مىقدارىنى كۆتۈرەلمەي ئىلگىرى تاپقانلىرىنىمۇ قوشۇپ قۇسۇشقا توغرا كېلىدۇ.

مەيلى كۆلەملەشكەن ئىقتىسادى زىرائەت بازىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش ياكى دۆلەتكە غايەت زور قىممەتتە باج ۋە تاشقى پېرىۋوت يارىتىدىغان كارخانىلار توپى قۇرۇشلارغا دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك سېلىنما ۋە بايلىقىنى قۇربان قىلىش «قۇل ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭى قالماپتۇ، دېدەك مۇنچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆيى..»دىگەندەكلا بىر ئىشتۇر..

ئاخىرىدا قانداق بولىدۇ ؟!

4副本

ئاياق سېتىپ تاپقان دوللارنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى دوللار بەرگەن دۆلەت بەلگىلەيدۇ. قوساققا يەيدىغان ئاشلىقنى ئاشلىق ساتىدىغان دۆلەت ساتىدۇ خالىمىسا ساتمايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت سانىلىپ دۇنياغا خوجا بولۇش چۈشنى كۆرگەن ئوروسلار ئەينى يىلى ئاچ قالغاندەك ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە يۈز بېرىدۇ.

مانا بۇ جوڭگونىڭ يەر شارىلاشقان سەرمايىگە ئامىرىكا تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرسى.

بىر دېھقان، مىڭلىغان ئادەمنى باقالايدىغان كانادا ۋە ئامىرىكا دېھقانچىلىقى بىلەن، مىڭ يىل بۇرۇنقى دېھقانچىلىق ئەندىزىسى بىلەن بىر ئائىلىدىكى نەچچە تال جاننىڭ ئاران قوساق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ كېتىۋاتقان جوڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرۇش مۈمكىن بولسۇن. بەزىلەر بۇنى نوپۇس مەسىلىسى دىيىشى مۈمكىن. تەرەققى قىلغان ئەللەرگە ئوخشاش، نىمە ئۈچۈن بۇ نۇرغۇن ساندىكى دېھقانلار خاتىرجەم ھالدا يەردىن ئايرىلىپ، دۆلەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە كىرەلمەيدۇ؟!

دىمەك كوچىلاردا كىچىك ماشىنىلارنىڭ ئوموملىششى ھەقىقى تەرەققىيات ئەمەس. بەلكى يېزىلاردا ئاشلىق تېرىلغۇسىنىڭ كۆلەملىشىپ زامانىۋىلىشىشى ھەقىقى تەرەققىيات. كىچىك ماشىنىلىشىش دۆلەتنىڭ زاپاس بايلىقىنى ئىسراپ قىلسا، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىپ كومبايىنلىشىشى دۆلەتكە بايلىق يارىتىدۇ.

مانا بۇ ھېلىقى چۆچەكتىكى« ئېچىل داستىخان»دىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇدرىتى ۋە ئۇنىڭ نىمىشقا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغانلىقىدىكى سەۋەبى.

خوش، ئىككىنچى قەدەمدىكى «ئالتۇن ساڭقايدىغان ئېشەك»نىڭ رولى ۋە ماھىيىتى

«ئالتۇن ساڭقايدىغان ئىشەك»نىڭ بىر مۆجىزە بولغانلىقىدەك ھەقىقى بىخەتەر ئالتۇن ساڭقايدىغان كارخانىلارنى قۇرۇپ چىقىشمۇ ئوخشاشلا مۆجىزىدەكلا بەسى مۈشكۈل، ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدىغان كارخانا قۇرۇش تەبىئىلا بازار ئېھتىياجى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. بىراق بۇ بازار ئېھتىياجى باشقىلار تەرىپىدىن سۈنئى شەكىللەندۈرگەن قىلتاق بولۇپ قالسا كارخانىدىن ئىبارەت «ئالتۇن ساڭقايدىغان ئىشەك» ئەسلىدە قولدا بار بايلىقنىمۇ يوقىتىدىغان ئاپەتكە ئايلىنىدۇ. ئۇ ساپ بۇغداي-قوناق يەپ تۇرۇپمۇ پەقەت ئادەتتىكى تېزەكلەيدىغان ئىشەكتىن پەرقى قالمايدۇ.

كارخانا مەھسۇلاتىنىڭ تېخنىكا دەرىجىسى ئوخشاش تۈردىكى رىقابەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈن تۇرالماي، پەقەت باھا رىقابىتى بىلەنلا ئەمەلىي ئېھتىياجنى چەكسىز مۆلچەرلىۋېلىپ، خەتەرلىك رايونغا كىرىپ قېلىشى بىلەن، كارخانىنىڭ كونتۇرۇللىغى رىقابەتچىلەرنىڭ قولىغا كىرىپ قالىدۇ. كونتۇرۇلىقىلا ئەمەس ئۇزۇن يىللار جەريانىدا چوڭ كارخانە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىسراپ بولغان بايلىق، ئەقلىي كۈچ، ۋاقىت نولگە تەڭ بولىدۇ .ئۇزلۇكسىز ئېنىرگىيە زاپىسىنىڭ مۇھىملىقى كۆرۈنۈپ قېلىۋاتقان مۇشۇنداق كىرزىس قاپلىغان دەۋردە چوقۇمكى زاپاس ئېنىرگىيەدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئەمەس بەلكى قانداق قىلىپ قوغداشنى ئۈگىنىش ئەڭ ئاقىلانىلىق.

تېخنىكا ۋە سۈپەت ئالاھىدىلىگى بىلەن ئەمەس بەلكى پاسسىپ باھا رىقابىتى بىلەن بازار ئىگەللەش مەڭگۈلۈك تەدبىر ئەمەس.

نىمە ئۈچۈن جوڭگو كارخانىلىرى زور كۈچ ۋە مەبلەغ بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلسىمۇ ئوخشاش تۈردىكى خەلقارالىق داڭلىق ماركىلار بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ؟ جوڭگو بازارلىرىدا چەتئەل ماللىرىنىڭ ئىناۋىتى يەنىلا يۇقىرى تۇرىدۇ؟

ئەلۋەتتە بۇلار سەۋەپسىز بولمايدۇ. ۋېنجوۋلىقلار پەقەت پۇل تېپىشقىلا ماھىر، شاڭخەي گۇاڭجولۇقلار بولسا نوقۇل قۇراشتۇرۇشقىلا ماھىر.

ئەسلىدە جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ پەخرى سانىلىدىغان بۇ رايونلار ماھىيەتتە ئالتۇن ساڭقايدىغان كارخانە قىممىتىنى يارىتىشقا قارىغاندا سان ۋە ئىقتىسادى قىممەتنىلا قوغلىشىدىغان پۇلپەرەس رايونلارغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ دۇنياغا بەرگەن تەسىرى، سۈپىتى يامان ئەمەس، باھاسى بەكمۇ ئەرزان. تۈرى ھېساپسىز نۇرغۇن…،

شۇ سەۋەپتىن تەرەققى قىلغان ئەللەرگە قارىغاندا ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىن كەلگەن نامرات خېرىدارلار توپى بۇ يەرلەردە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ.

ئوخشاش بىر تۈردىكى خام ئەشيا بىلەن بىر ئىتالىيىلىك تىكىدىغان ئاياق ۋە بىر ۋېنجۇلۇق تىكىدىغان ئاياقنى سېلىشتۇرساقلا دۆلەتنىڭ خام ئەشيا زاپىسىنىڭ قانچىلىك تۆۋەن قىممەت يارىتىۋاتقانلىقىنى بايقىۋالالايمىز. بىر قېتىملىق تاماق چوكىسى پاجىئەسى جوڭگودىكى خام ئەشيا ئىسراپچىلىقىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ھەر يىلى تەبئى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تارىيىۋاتقان ئورمان بايلىقىغا كۈشەندە بولۇپ جوڭگولۇقلارنىڭ ئالىجاناپلارچە پاكىزلىق ئۆلچىمىنى قوغلىشىشى تولىمۇ كۈلكىلىكتۇر.

ئۈچ يۈەنلىك كالا گۆشى ئۈگرىسىنى بىر قېتىملىق ياغاچ چوكىدا ئىچىۋاتقان جوڭگولۇق بىلەن ئوخشاش ئۈگرىنى كۈمۈش چوكىدا ئىچىۋاتقان كورىيەلىكنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسياتىنى ۋە بايلىق قارىشىنى سېلىشتۇرۇش مۈمكىنمۇ !؟

ئۇلارنىڭ بايلىق كۆز قارىشى ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولامدۇ ؟!

جوڭگو ماللىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەرزان باھاسى، ماھىيەتتە جوڭگونىڭ بايلىق كۆز قارىشىنىڭ تۆۋەنلىكى شۇنداقلا رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. جوڭگودا بايلىق شۇنچىۋالا كۆپمۇ؟

ئون يىگىرمە يىلدىن بېرى نۇرغۇن يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارنى ئىشلىتىش بەدىلىگە خەلقارادا كارخانا مەھسۇلاتى جەھەتتە قانچىلىك ئىناۋەتلىك مەھسۇلات يارىتالىدى؟!

بۈگۈنكى تاشقى سودىدىن ھاسىل قىلغان پېرۋوت زاپىسى ئۈچۈن قانچىلىك بايلىق سەرپ بولدى؟!

تەبىئىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتى كۈچى دۆلەتنىڭ ھاياتى كۈچى، كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت قىممىتى شۇ دۆلەتنىڭ قىممىتى .

يەر شارىلىشىش سىزنىڭ كارخانا مەھسۇلاتلىرىڭىزنى سېتىش بازىرىلا ئەمەس بەلكى كان بايلىقلىرىڭىزغىمۇ كەڭرى ئۇپراش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. يەر شارىدىن ئىبارەت كەڭرى بازار مۇھىتىدا سېتىلغان مەھسۇلاتلىرىڭىزنىڭ قىممىتى ماھىيەتتە سىزنىڭ تەبىئەتتىن ئېرىشىۋالغان تەبىئى بايلىقلىرىڭىزنى قانچىلىك قىممەتكە ئېرىشتۈرەلىگەنلىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

خەلقارا بازارغا مەھسۇلات كىرگۈزۈش يوغان ئىش ئەمەس، يوغان ئىش خام ئەشيا مەنبەسىنىڭ ئىناۋەت قىممىتىنى يۇقۇرى باھالىتىش. كارخانىلىرىنى ئوت-سامان يەپ ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ساپاغا ئىگە قىلىش.

ئوت-چوپ يەپ ئادەتتىكىدەك تېزەك ساڭقايدىغان ئېشەكلەر جاھاندا نۇرغۇن، شۇڭلاشقا بۇنداق ئۈنۈمسىز قىممەت ھاسىل قىلىش دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شەرىپىمۇ ئەمەس.

جوڭگولۇقلار ئۆز دۆلىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا چەتئەل مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقىدۇ، قىزىقىدۇ دىگەندىن ئىشىنىدۇ دىيىش مۇۋاپىقراق.

چۈنكى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. تەشكىللىك ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەركىن ۋەتەنپەرۋەرلىككە قانداقمۇ تەڭ كېلەلىسۇن.

ھەرەمدىكى ئاغۋات بىلەن جەڭگاھتىكى ئاددى ئەسكەردىن قايسىسى سىز ئۈچۈن جەلپ قىلارلىق؟!

داڭلىق ماركا يارىتىش ھەرگىزمۇ كۆپ مەھسۇلات سېتىش ئەمەس، بەلكى ئاددى قىممەتتىكى بايلىقتىن يۇقىرى باھادىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتۇر. ئادەتتىكى تېزەكلەيدىغان ئېشەكتىن، ئالتۇن ساڭقايدىغان قىممەتلىك ئىشەككە ئايلىنىشتۇر.

خاسىيەتلىك چۆچەك«ئۇر توقماق»تىكى نۆۋەت بويىچە ئۈچۈنچى قېتىمدا بېرىلىدىغان «ئۇر توقماق» توغرىلىق كۆپ توختالمىساقمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ قۇدرىتىنى، ئەھمىيىتىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقى قۇدرىتى چوقۇمكى چۆچەكتە ئېيتىلغاندەك ئۆز نۆۋىتى بىلەن كەلگەندە ئاندىن نامايەن بولىدۇ.

ئەڭ ياخشى دۆلەت مۇداپىئەسى، ۋاقتى كەلگەندە خەلقنى يامان كۈنگە قويماي قوغدىيالىسىلا بەس! شۇلا كۇپايە. خەلقنىڭ ئاخىرقى بايلىقىنى ئىسراپ قىلىپ تۈگەشتۈرۋېتىدىغان سوۋېت ئىتىپاقى ئارمىيىسىدەك بولۇپ قېلىشنى ھېچكىم خالىمايدۇ.

خوش، «ئۇر توقماق» تىكى مەڭگۈ قىممىتىنى يوقاتمايدىغان يۇقۇرقىدەك ھېكمەتلەر قەدرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن بىباھا رەھنامىدۇر. قەدرىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بولسا، بالىلار ئۇخلىمىغاندا ئېيتىپ بېرىدىغان چۆچەكتۇر خالاس.

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت

ئابديرېھىم ئابلەتخان

Abdurehim ablathan

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى