ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بلوگ مەدىنىيىتى دېگەن نېمە؟

بلوگ مەدىنىيىتى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-10-15 ئاۋاتلىقى: 7011 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىندىن بېرى، رايۇنىمىزدا مەيلى تېلېۋېزۇر بولسۇن ياكى رادىئو قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى بولسۇن، بلوگ، مىكرو بلوگ ھەققىدە تەشۋىقاتلار بىر قەدەر كۆپ بولىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى بلوگ مەدىنىيىتىنىڭ تېخىمۇ تىز سۈرئەتتە، مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇسى!

نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ تېلېۋىزىيە، رادىئو، گېزىت-ژورناللىرىمىزدا يېقىندىن بېرى بلوگ، مىكرو بلوگ ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ئەۋج ئالىدۇ؟ چۈنكى، ساغلام بولغان بلوگ مەدىنىيىتىنىڭ جەمئىيەتتە ئوينايدىغان رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا ئاپتورنوم رايۇنىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بلوگنىڭ ئاۋام تۇرمىشىدا ئوينايدىغان رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتىپ، ھەر قايسى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا كەڭ تۈردە بلوگ، مىكرو بلوگ ھەققىدە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇردى. بولۇپمۇ ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن مەركەزدە ۋەكىللەر قورۇلتىيىغا قاتنىشىش جەريانىدا ئۆزى باشلامچى بولۇپ مىكرو بلوگ ئېچىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى پۈتكۈل جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. يېقىندىن بېرى ھەر قايسى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتلاردىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، بلوگ ۋە مىكرو بلوگنىڭ ئىجتىمائىي رولى ھەقىقەتەن زور.

خوش، بۇ يەردە بلوگ مەدىنىيىتى ھەققىدە گەپ چىقىپ قالدى، ئۇنداق بولسا تۆۋەندى بلوگ مەدىنىيىتى ھەققىدىكى ماتىرىيالغا دىققەت قىلىپ باقايلى: (دىققەت: بۇ ماتىرىيالغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە بلوگنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئەھمىيىتى بارلىقى ۋە  ئىلىمىزدە بلوگ مەدىنىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بۇنىڭدىن 6 يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلىشنى ئۇنتۇرمايلى.)

بلوگ مەدىنىيىتى ھەققىدە

2005-يىلى بلوگ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاممىغا، تەشۋىقات ۋاستىسى، كارخانا، ھۆكىمەت، مەكتەپ، زىيالى، چولپانلار… غا يۈزلەندى. يەنى پۈتكۈل جەمئىيەت (بۇ يەردە ئاساسلىقى خەنزۇچە يېزىق قوللىنىدىغان مىللەتلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ. چۈنكى بلوگدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم تېخى بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە تېخى ئومۇملاشمىدى ياكى ئەمدى ئومۇملىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.) بلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە شەيئىنى قۇبۇل قىلىدى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ ئامما بلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئىگە ئىگە بولغاندىن باشلاپ بلوگ ئۇچقاندەك تەرەققىيات بىلەن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى.

2006-يىلى بلوگ ھەققىدىكى بەس مۇنازىرىلەر ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، ئەرز شىكايەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلىدى. يەنى، بلوگدا تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى سۆكۈش، بلوگدا بلوگنى سۆكۈش، بلوگلار ئارا ماجرالىشىش… دېگەندەك قىلمىشلار ۋۇجۇدقا كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆڭۈل ئېچىشنىڭ چاكىنىلىشىشى، بايلىق ۋە ئالاقىنىڭ مۇتەسسىپلىقى قاتارلىق پاسسىپ ھادىسىلەر ئاستا-ئاستا سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ، دىققىتىمىزنى تارتىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بلوگ گۇمان نەزىرىيەسى (博客怀疑论)، بلوگ ئىنكار نەزىرىيەسى (博客否定论)، بلوگ مەۋھۇملۇق نەزىرىيەسى (博客虚无论) ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، بلوگ قىممىتى جەڭ ئېلان قىلىنىشقا دۇچ كەلدى.  يەنى، بلوگنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش دەۋرى كەلدىمۇ؟ دېگەن تېمىدا بلوگ مەدىنىيىتى ھادىسىسى ۋۇجۇدقا كەلدى. خوش، ئۇنداق بولسا بىز زادى قانداق بلوگ مەدىنىيىتىگە ئېھتىياجلىق؟ بىزنىڭ چۈشەنچىمىز بويىچە بولغاندا، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان، مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىگە ماس كەلگەن، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كەلگەن بىر خىل بلوگ مەدىنىيىتىگە ئېھتىياجلىق.

بلوگ مەدىنىيىتى بىر خىل ئاساسى مەدىنىيەت (基本文化)، كېڭەيمە مەدىنىيەت (扩展文化) ۋە دەۋر مەدىنىيىتى (时代文化)دىن تەشلىك تاپقان بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر.

1. بلوگ ئاساسىي مەدىنىيىتى

(1) ئەركىن: دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىشى، قانۇن سېستىمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى بلوگ مەدىنىيىتىنىڭ ئاساسىدۇر. بلوگنىڭ ئەركىنلىك مەدىنىيىتى ھەقىقىي تۈردىكى ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ۋە قانۇن تۈزۈمگە رىئايە قىلىش شۇنداقلا جەمئىيەت ئەخلاقى مەدىنىيىتىدىن ئىبارەت. جوڭگۇ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بلوگ ئىكولوگىيىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى قانۇن تۈزۈم ۋە ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم ھالقا. بلوگنىڭ ئەركىنلىك مەدىنىيىتى مەسئولىيەت-ھوقۇقنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىرلىككە كەلگەن ۋە تەڭپۇڭ بولغان مەدىنىيەتتۇر.

(2) ئاشكارا: بلوگ ئېنتىرنىت تورىدىكى ئۇچۇرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىك بېكىنمە ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇچۇر ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇشى (效益最大化) نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بلوگ شەخسلەرنىڭ جەمئىيەت خاراكتىرلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇق ھالدا يېڭى شەيئىيلەرنى قۇبۇل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئەتراپلىق ھالدا كىشىلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بلوگ تېخنىكا، ئۇچۇر، بىلىم، مۇناسىۋەتنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئېنتىرنىت ئۇچۇر مەنبىيىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(3) ھەمبەھرلىنىش: بلوگ خالىس تۆھپە قوشۇشنى، ماتىرىيالنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ. بلوگ ئاشكارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭى بولۇشنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋىي بىلىم مۈلۈك تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. بلوگ بلوگىرلارنىڭ ئۆزى مەنپەئەتلىنىش ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشىنى ئىگلىرى سۈرىدۇ.

(4) قانۇنىيەتلىك: بلوگ ئۆزىدە ئالاھىدە بولغان تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ھەرقانداق ئوبيىكتىپ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدۇ. بلوگنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئالاھىدىلىكىمۇ، پاسسىپ، مۇكەممەل بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكىمۇ بار. بلوگ ئادىمىيلىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. قانۇنىيلىق بولسا بلوگنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئادىمىيلىكنى جارى قىلدۇرۇشتا ناھايىتى ياخشى بولغان بىر خىل قۇرالدۇر. بلوگنى قانۇنىيەتلىك ھالدا قۇرۇپ چىقىش بلوگ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھالقا.

2. بلوگنىڭ دەۋر مەدىنىيىتى

(1) ئىناق: بلوگ ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۇپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بلوگ ئۇنۋان، بايلىق، مەرتىۋە، رايۇن چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، رايۇنلار ئارا ئالاقە قىلىش، شەھەر يېزىلار ئارا ئالاقە قىلىش، باي نامراتلار ئارا ئالاقە قىلىش، كارخانىلار ئارا ئالاقە قىلىشتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپلىك ئالاقە ۋاستىسىنى يارىتىپ، ئىناق بولغان جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياخشى بولغان ئالاقە ئاساسىنى ياراتتى.

(2) يېڭىلىق يارىتىش: بلوگ يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆزلىكىدىن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بلوگ ئۆگىنىشچانلىقى، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقى بولغان بىر خىل جەمئىيەت بىلىم باشقۇرۇش قورالىدۇر. بلوگ ئېنتىرنىتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە جەمئىيەت ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(3) ئىسلاھات: بلوگلاشقان (博客化) ئېلىكترونلۇق مەمۇرىيەت (电子政务) ھۆكىمەتنىڭ ھاكىمىيەتلىك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكىمەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بلوگ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىقتىسادىي ئىسلاھاتقا كىرىشىپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قوللايدۇ.

(4) تەرەققىيات: بلوگنىڭ تەرەققىياتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىكى «ئەركىن بولۇش، ئاشكارا بولۇش، ھەمبەھرلىنىش، قانۇنلۇق بولۇش» قا ماس كېلىدۇ. بلوگ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، يېڭىلىققا باي جەمئىيەت قۇرۇش، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت قۇرۇش، يېشىل جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم قورالى. بلوگنىڭ تەرەققىياتى مۇقەررەر ھالدا دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرىكىدۇ.

3. بلوگنىڭ كېڭەيتمە مەدىنىيىتى

(1) ئاقىلانە: بلوگدا قايناق ھېسسيات بولۇش بىلەن بىرگە، بلوگدا يەنە ئاقىلانىلىكمۇ بار. بلوگ مىللەتنى، ئاۋامنى، دەۋرنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىدىغان مەدىنىيەت ئاۋانگارتى. بلوگ مەڭگۈ ئويلىنىپ مۇلاھىزە قىلىشنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بلوگ كىشىلىك جەمئىيەتتىكى غايەت زور ئىدىيە يادىكارلىقى (巨大思想遗产) دىن ئايرىلىپ چىققان بولۇپ، ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر.

(2) كەڭ قورساقلىق: بلوگ زەربە بېرىش،ئاغزىغا كەلگەنچە تىللاش، ھاقارەتلەش، بوھتان چاپلاش قىلمىشلىرىغا قارىشى تۇرۇپ، شەخسىيەتچىلىك، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا ئويلاش ۋە كۆڭلى قارنى تارلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ شۇنىڭدەك كىشىلەرنى كەڭ قورساق بولۇش، ئازادە، پايانسىز ھالدا ئالاقە ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەيدۇ.

(3) مەسئولىيەت: بلوگ مەسئولىيەتسىزلىك قىلمىشى ۋە كىشىلىك قارىشىغا قارىشى تۇرۇپ، كەسكىن، ئەستايىدىل، ئوبيىكتىپ، ئادىل بولۇشتەك مەسئولىيەت مەدىنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(4) پىكىر ئالماشتۇرۇش (沟通): بلوگنىڭ جەۋھىرى پىكىر ئالماشتۇرۇشتا. پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن مەقسەت بەھرلىنىش. بلوگ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ، ئۇچۇر ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇچۇر قېزىپ چىقىدۇ.

پايدىلىنىلغان ماتىرىيال مەنبەسى: خەلق تورى

يۇقىرىدا بلوگ مەدىنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتۇق، ئۇنداق بولسا يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان بلوگ مەدىنىيىتىنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تۇلۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن زىيالىيلار ئۆزىنىڭ بىر مىللەتنىڭ پەخىرلىرى بولۇپ، ئۇلار چوقۇم ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق رول ئوينىشى كېرەك. بەلكىم كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ يۇقىرىقى بلوگ مەدىنىيىتى ھەققىدىكى مەزمۇنلاردىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى ساغلام بولغان بلوگ مەدىنىيىتى يارىتىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە بىزدىن مەلۇم دەرىجىدە مەدىنىيەت سەۋىيىسى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا، بلوگ مەدىنىيىتىنىڭ ساغلام بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشتىن باش تارتماسلىقى كېرەك. قارايدىغان بولساق، بلوگدىن ئىبارەت بۇ شەيئىي مەيلى چەتئەلدە بولسۇن ياكى دۆلىتىمىزدە (خەنزۇچە يېزىق قوللىنىدىغانلار ئارىسىدا) بولسۇن ناھايىتى تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەل بولغان بىر بلوگ مەدىنىيىتى سېستىمىسىنى ياراتتى، ئەمما بۇ ئۇقۇم بىز ئويغۇرلارغا ئەمدىلا سىڭىپ كىردى. (گەرچە ئۇيغۇرلاردا بلوگ يېزىش بۇنىڭدىن 2 يىل بۇرۇن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل، يەنى 2011-يىلىنى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن يىلى دەپ قاراشقا بولىدۇ.) بىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىۋاتقان بلوگلارغا قارايدىغان بولساق، ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى كەڭ زىيالىيلار سېپىدىن ئاساسەن ئادەم يوق دېيەرلىك (ئامېرىكىدا بىلىم ئاشۇرىۋاتقان جېك — تۇرسۇنجان مۇئەللىم، يۈكسەل — ئەلقەمجان، يېقىندىن بۇ ساھەگە قېتىلىپ كىرگەن ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بۇنىڭ سىرتىدا.)

خوش، ئۇنداق بولسا سوراپ باقساق، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز خەنزۇ زىيالىيلارغا ئوخشاش بلوگ يازمايدۇ؟ سەۋەب زادى نېمە؟ ياكى بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز بلوگ يېزىشقا قىزىقمامدۇ؟ …

مېنىڭ كۆزىتىشىمگە قارىغاندا، بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ بلوگ يازماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب:

زىيالىيلارنىڭ بلوگقا بولغان تۇنۇشى كەمچىل.

(1) بلوگ يېزىشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تۇنۇشى كەمچىل. كۆپلىگەن كىشىلەر بلوگ يېزىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلىپ يەتمىگەن بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بلوگ يازىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.

بلوگ يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى: بلوگ ئېنتىرنىت تورىدىكى ئۇچۇرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىك بېكىنمە ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇچۇر ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇشى (效益最大化) نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بلوگ شەخسلەرنىڭ جەمئىيەت خاراكتىرلىق بىلىملەر (社会性知识)نى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى شەيئىيلەرنى تىزدىن قۇبۇل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئەتراپلىق ھالدا كىشىلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بلوگ تېخنىكا، ئۇچۇر، بىلىم، مۇناسىۋەتنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئېنتىرنىت ئۇچۇر مەنبىيىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(2) بلوگ باشقۇرۇش تېخنىكىسىغا بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل. زىيالىيلىرىمىز نىسبەتەن ئالدىراش بولغاچقا، بلوگنى قانداق باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكىنى قانداق ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارنىڭ زېھنىنى بۇ ئىشلارغا چېچىشىغا پۇرسەت بولمايدۇ. شۇڭا زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا ئەگەر مەن بلوگ قۇرسام قانداق باشقۇرارمەن؟ دېگەن ئۇقۇم ئەڭ بۇرۇن ئەكىس ئېتىدۇ. شۇڭا بۇمۇ بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ بلوگ يېزىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەب.

(3) بلوگ يېزىش ماھارىتىگە بولغان تۇنۇشى كەمچىل. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەر قانداق بىر ئىش قىلىشتا بەلگىلىك ماھارەت بولغانغا ئوخشاش، بلوگ يېزىشنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق ماھارەتلىرى بار. شۇڭا بۇ ھەقتە زىيالىيلىرىمىز بەزىبىر ماھارەتلەرنى، بلوگ ساۋاتلىرىنى تۇلۇق بىلىپ كېتەلمىگەن بولغاچقا، ئۇلار ئۈچۈن بلوگ يېزىش غايىۋى ئىشتەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. شۇڭا زىيالىيلار بلوگ يېزىشنى ناھايىتى قىيىن ئىش دەپ قاراپ، ئاساسەن بلوگ يېزىش ئازۇسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرى بولىدۇ.

….

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى