ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مىللىتىمىز ئىچ ئاغرىتىش دەرىجىسىگە باردىمۇ؟

مىللىتىمىز ئىچ ئاغرىتىش دەرىجىسىگە باردىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-10-20 ئاۋاتلىقى: 7393 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈن بىر قانچە مۇنبەردە تۇيۇقسىز «مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىڭلار» دېگەن تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. تېمىغا كىرىپ تېمىنى كۆرۈپ چىقتىم. تېمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەھۋال ھەقىقەتەن بىزنى ئويلىنىش سەپىرىگە ئاتلاندۇرسىمۇ، ئەمما تېمىغا بىر قارىسىلا ئادەمدە باشقىچە تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدىكەن. گەرچە تېمىدا قايسى مىللەتكە ئىچ ئاغرىتىش ھەققىدە ئىنىق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما تېمىنىڭ ئىنىقلا ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىپ يېزىلغانلىقى ئىنىق. شۇڭا مېنىڭ بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن ئازراق تاقا-تۇقا پاراڭ سالغۇم كېلىپ قالدى. تاقا-تۇقا پاراڭ دېگەن ئەبجەش چىقىدۇ. مەن يا رەسمىي نەشىرى ئەپكارلاردا سۆزلىمىگەندىكىن خاتا سۆزلەپ قويسام «ئەھە، ئۆھۆ» دېيىشىپ تۈزۈتۈپ كېتەرمىز، شۇڭا خىيال كەپتىرىمنى ئەركىن قويىۋېتىپ، ئويلىنىش سەپىرىگە ئاتلاندىم ئەمىسە.

خوش، بىزنىڭ مىللىتىمىز راستىنلا ئىچ ئاغرىتىش دەرىجىسىگە باردىمۇ؟ بىز ئاۋال ئىچ ئاغرىتىش ھەققىدە توختىلىپ باقايلى، قانداق قىلساق ئىچ ئاغرىتقان بولىمىز؟ قانداق ئادەمگە، نېمىگە ئىچ ئاغرىتىمىز؟ ئويلاپ باقسام مېنى قانداق ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىسەن؟ دەپ سورىسا، شۇ ئاجىز، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار، بېشىغا ئېغىر كۈلپەت كەلگەن، بىچارە ئادەملەرگە ئىچ ئاغرىتىدىكەنمەن، ئەمما ئىچ ئاغرىتقىنىم بىلەن كۆپ ھاللاردا ناھايىتى كەلسە شۇ بېشىغا ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ كوچىدا ئىلتىجا سوراۋاتقانلارغا يېنىمدىن بىر، ئىككى يۈەن چىقىرىپ سەدىقە بېرىدىكەنمەن ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ كەتكۈدەك ئىشمۇ قىلىپ بېرەلمەيدىكەنمەن، ئەلۋەتتە، بەزىدە ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا كېىتىپ بارغىنىمدا ئالاھىدە بىچارە ھالدا ئالدىمغا كەلگەنلەرگە پەرۋامۇ قىلىپ قويماي كېتىپ قالىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارغا سەدىقە بەرسەم ناھايىتى كەلسە شۇ بىر ئىككى يۈەن بېرىدىكەنمەن. ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ئويلىسام ئۇلارغا سەدىقە بەرسەم ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بولۇپ قالىدىكەنمەن. چۈنكى مەن ھەر كۈنى بېرىۋەرسەم، سىزمۇ بېرىۋەرسىڭىز، بارا بارا بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت پەرەسلىرىمىز ھېسسىياتىمىزنى دەپسەندە قىلىپ، يالغاندىن بىچارە بولىۋېلىپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا ئۈرۈمچىدە ھەممە ئادەم تىلەمچىلا بولۇپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىپ، نۇرغۇن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولغانلارمۇ كوچىغا چىقىۋېلىپ، جەمئىيەتتە بىر خىل ناچار كەيپىيات شەكىللىنىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن كۆپ ھاللاردا «بىچارە»لەرگە پەرۋامۇ قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىمەن.

خوش، ئۇنداق بولسا، بىزنىڭ مىللىتىمىزمۇ بىزنىڭ مۇشۇنداق ئىچ ئاغرىتىشىمىزغا مۇھتاجمۇ؟ ئەگەر بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچ ئاغتىرىشقا مۇھتاج دېسەك، ئۇ ھالدا بىزنىڭ مىللىتىمىز ھەقىقەتەن ھالى خاراپ ئاجىز، بىچارە مىللەت بولدى دېگەن گەپ. سىزنىڭچە بىزنىڭ مىللەت شۇنداق ئاجىز، بىچارىمۇ؟ بىزنىڭ مىللەت باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىپ «سەدىقە» بېرىشىگە مۇھتاجمۇ؟ ياق، بىزنىڭ مللىتىمىز ئۇ دەرىجىدە ئاجىز مىللەت ئەمەس. مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بىزنىڭ مىللىتىمىز تېخى ئاجىزلىشىپ، بىچارىلىشىپ ئىچ ئاغرىتىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغىنى يوق. پەقەت سەللا دىققەت قىلمىساق ساختا «ئاجىز، بىچارە» ھالغا چۈشىۋالغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، ئەمما نۇمۇس قىلماي بىچارە بولىۋالغان كوچىدىكى تىلەمچىلەردەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇنداق بولۇشى مېنىڭچە ئانچە مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھازىر مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، بىزنىڭ مىللىتىمىزدە يۈكسىلىش بار، تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا، بىزنىڭ مىللىتىمىزدە يۈكسىلىش زور، پەقەت بىر قىسىم ۋىجدانىنى ئىت يەپكەنكەن، ئەقلىنى قاغا چوقىۋالغانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، مىللىتىزدە ئۈمىد بار.


بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن دۇنيانى زىل زىلىگە سالالىغۇدەك ئالىملىرىمىز مەيدانغا كەلدى ھەم كېلىۋاتىدۇ. ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا خەلقئارالىق تېخنىكا ساھەسىدە تىرىشىۋاتقانلارمۇ ھەم ئاز ئەمەس. ھازىر مىللىتىمىز زىيالىيلىرى دەۋرنىڭ رەھىمسىزلەرچە شاللىشى ئالدىدا، كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ئويلىنىشقا باشلىدى، ئۇلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ئۆز قەۋمىنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئىزدەنمەكتە.

دۆلەت ۋە مىللەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىپ كۆرەش قىلىش كېرەك!

دۆلەت ۋە مىللەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىپ كۆرەش قىلىش كېرەك!
ھەقىقى ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغاتماق ئاسان. توۋلىسىڭىزلا ئويغىنىدۇ. ئەمما يالغاندىن ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغاتماق مۈمكىن ئەمەس. ھەتتا ئۇلارنىڭ يۈزىگە سىيىپ قويسىمۇ تۇيمىغان بولۇپ ئۇخلاۋېرىدۇ. بۇخىل پوزىتسىيە نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟
لازىنى ئاچچىق، قوغۇننى تاتلىق دىيەلمىگەن ئادەم دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتى مەسىلىسىدىمۇ بىتەرەپ ئورۇندا تۇرىۋېلىپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ. مانا بۇلار مەيلى ھۆكۈمەت ياكى خەلق ئۈچۈن بولسۇن، يىرگىنىشكە تېگىشلىك يوشۇرۇن پەسكەشلەردۇر.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، دوستۇڭ يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمىنىڭ كۈلدۈرۈپ ئېيتار.
————————– ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى روھىڭ سامان بولماس!
ئېسىڭىزدە بولسۇن، دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك قانۇن-سىياسەتلىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ئۆز مەنپەئىتىمىزنى قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزىكى ئەۋەزەللىكلەردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، دۆلەتنى، مىللەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن باش تارتماسلىقىمىز كېرەك.
ھە دېسىلا دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنالماي، ھەمىشە ئاغرىنىپ، چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ كېتىشنىڭ ئۆزى ئەڭ قورقۇنچلۇقتۇر. بىزنىڭ دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، دۆلەت سىياسىتى ھەرگىزمۇ يەككە مىللەت مەنپەئىتىنى چىقىش قىلماستىن بەلكى دۆلىتىمىزدىكى 56 قان قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا تۈزۈلىدۇ. شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-سىياسىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىزگە تۇلۇق ماس كېلىشى ئەسلا مۇمكىن، ئەمەس ئەمما پەقەت ماس كەلمەيدۇمۇ ئەمەس. بۇ ناھايىتى ئاددى ساۋات، ئوبدان ئويلانسىڭىز، ئائىلىڭىزدە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ چىقارغان قارارىنىڭ ھەمىشە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولۇشى ناتايىن، ئەمما سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولمىغان بىلەن سىزنىڭ ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭلىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ نوقتىنى ياخشى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش كېرەك.
بىز دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىدىكى ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان قىسىملىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ئۆز مەنپەئىتىمىزنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھە دېسىلا دۆلىتىمىزنىڭ ھەممىنى چايناپ ئېغىزىمىزغا سىلىپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي ئۆزىمىزدىكى ئەۋزەللىكلەردىن دادىللىق بىلەن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. شۇ ئارقىلىق مىللەتنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، مىللىتىمىزنىڭ بىچارە، ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
 
قىسقىسى، مىللىتىمىز قانداقتۇر ئىچ ئاغرىتىپ، سەدىقە بېرىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان ئاجىز، بىچارە مىللەت ئەمەس. بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىقتىدارىغا ئىگە مىللەت. پەقەت مەن، سىز، ئۇ ھەممىمىز ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا تىرىشقاقلا بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، كۈنسېرى يۈكسىلىپ، باشقىلار مەن ساڭا سەدىقە بېرەي دېسە، سەدىقەڭنى ئاپىرىپ ھامماچاڭغا بېرىۋال، ماڭا سېنىڭ سەدىقەڭنىڭ كېرىكى يوق. ماڭا سېنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىڭ ھاجەتسىز. مەن دېگەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش ئىقتىدارىغا ئىگە. دەپ جاۋاب قايتۇرالايدىغان بولالايمىز.
شۇڭا سىزدىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم، ئۆز خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىڭ، نەتىجە يارىتىڭ، قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇڭ، دۆلەت ۋە مىللەتنى يۈكسەلدۈرۈشكە تىرىشىڭ. ھەرگىزمۇ «مىللىتىمگە ئىچ ئاغرىتىڭلار!» دەپ ئىلتىجا قىلىپ، مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرىدىغان نۇمۇسلۇق ئىشنىڭ سىزدە سادىر بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىڭ.
مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى سىزنىڭ، مېنىڭ، ئۇنىڭ تىرىشىشىغا باغلىق. ھەممىز مىللىتىزمىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاجىز مىللەت دەپ قارىلىپ، ئىچ ئاغرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى. بىزنىڭ مىللەت ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان مىللەتتۇر!
ھېچ بولمىغاندا، ماڭا باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. مەن تامامەن ئۆزۈمگە تايىنىپ يۈكسىلىش ئىقتىدارىغا ئىگىدۇرمەن!

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى